راست
بىۋاپا دۇنيانىڭ كۆكسىدە تۇرۇپ، ھاياتنىڭ لىۋىگە سۆيگۇنۇممۇ راسىت. بىر چۆكۇپ،بىر لەيلەپ تېرمىشىپ يۇرۇپ، يىتەي دەپ قىرغاققا ئۇزگىنىممۇ راست. 
ياشىدىم سارغايغان ئالەمدە تەنھا، تەغدىرىم گاھ خىرە،بولغىنىمۇ راست. قول بېرىپ رەستىدەرەقىپكە يەنە، ئىشەنمەي ئۆزۈمگە كۇلگىنىممۇ راست. 
قېنى ئۇ مەن سۆيگەن سۆيگۈنۈم ئەمدى، ئايرىلىپ ھىجىراندا كۈتكۈنۈممۇ راست. خورلۇقتىن قەددىممۇ پۈكۈلدى يايدەك، ئىشقىدا دىلبەرنىڭ ئۆلگۈنۈممۇ راست. 
جاھاندىن ياخشى دوست چىللىدىم ئىزدەپ، كۆڭلۈمنى كەڭ تۇتۇپ يۈرگۈنۈممۇ راست. دۇشمەنگە قاتتىق بوپ،دوسلارغايېقىن، ئاقىۋەت يۆلەكسىز قالغىنىممۇ راست. 
ھىچكىمگە قىلمىدىم چوڭچىلىق ،كىبىر، بىر ئۆمۇر ئەلنى دەپ ئۆتكۈنۈممۇ راست. قەدىرى يوق تاشلاندۇق بوپ قالدىم مانا، پىغاندا كۆز ياشنى سۇرتكىنىممۇ راست. 
بۇ ئالەم ئەمەسكەن ئىنسانغاباقى، ياخشى نام قالاردەپ ئېيتقىنىممۇ راست. "كۆتەرگىن قەددىڭنى، روسلىغىن چوغلوق! بوشاشما ئەمدى "-دەپ تۇرغۇنۇممۇ راست. مەنبە:يازمام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-26 01:40
|