ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام
كۆرۈش: 577|ئىنكاس: 14
go

چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام  

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 16:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام

( مۇخەممەس )

قىرى ياشقا ياش قىرى، مودا بولدى بىر قاينام ،

مېھمانخانا-رىستۇران، قايناق بازار ھەي بايرام ،

بۇ كوچىدا قىز-ئوغۇل، سوكۇلدايدۇ باي-غۇجام ،

ھۆرمىتى بار ئۇلارنىڭ، سالام بىرەر ئەسسالام !

تۆرگە مېنى باشلايدۇ ، چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئاشنامنىڭ قولى كەڭدۇر، توقاچ بىلەن باقىدۇ،

نە خىسلەت بار ئۇنىڭدا، كۆڭلى ماڭا ئاقىدۇ ،

مۇڭداشقاندا ئىرىنى، بەزى تىخى چاقىدۇ ،

بۇ خىنىم بەك بايۋەتچى، پونى ماڭا ئاتىدۇ ،

داننى ماڭا تاشلايدۇ ،چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئاشنامنىڭ يولى باردۇر، چىرايلىق بويى باردۇر ،

مېھمانلار ئۇزۇلمەيدۇ، سويۇشقا قويى باردۇر ،

دىلنى شۇنداق ئالىدۇ، خۇشچاخچاق خۇيى باردۇر ،

پات-پات تەكلىپ قىلىدۇ، سايىپخان چېيى باردۇر ،

مېنى كۆرسە ئوينايدۇ، چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئاشنامنىڭ گېپى باردۇر، ھەر كۇنى خېتى باردۇر ،

مەپتۇن قىلىپ تۇردىغان، ئىشقىۋاز ئوتى باردۇر ،

يىڭى زامان ئۆزگىچە ، كۈتۈشكە چولى باردۇر ،

نەگە بارسا باش قاتماس، شەھەر-يېزا ئۆيى باردۇر ،

كۆڭۈل تاتسا توۋلايدۇ، چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئاشنامنىڭ سۆزى باردۇر، تويلارغا بارالمايمەن ،

ئۇچۇرلار تولا كېلىپ، كىچىدە ياتالمايمەن ،

ئالۋاڭ-سىلىق بەك تولا، مۇئاشنى ئالالمايمەن ،

خەجى تولا خىنىمنىڭ ، بۇ دەدتىن قاچالمايمەن ،

مېنى تىخى تىللايدۇ ، چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئاشنامنىڭ پۇلى يوقتۇر ، تېلفۇن قىلىپ سورايدۇ ،

بىر سەپتە يولى باردىن ، شىپى قىلىپ دورايدۇ ،

كىيىم-كىچەك دۇككاندىن، ئىسىل مالنى ئورايدۇ ،

قاچاي دىسە خىنىمدىن، پەمى بىلەن قوغلايدۇ ،

پۇلنى تىخى قويمايدۇ ، چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئاشنامنىڭ ھىلى كۆپتۇر، ئايدا- يىلدا باپلايدۇ ،

بادرا سوراپ بەزىدە، كەتمەن، كەكە ساپلايدۇ ،

بەت-بەشىرە ئىچىلسا، قارنى ماڭا چاپلايدۇ ،

<< تاغار،ئىشەك >> ھەم باينىڭ ، ئىغىرىنى تاتمايدۇ ،

ئۇسۇلى كۆپ ياتمايدۇ ،چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .




ئاشنامنىڭ ئىرى يوقتۇر، سەي-كۆكتات ئالاي دەيمەن ،

ھىت-بايرام كېلىپ قالسا، گۈل سوغات قىلاي دەيمەن ،

توي-تۆكۈن بولۇپ قالسا ، قوي-ئوغلاق ئالاي دەيمەن ،

ئاشنامنىڭ غىمى مەندە ، پۇل-بايلىق تۇتاي دەيمەن ،

مېنى دائىم ئويلايدۇ ، چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئاشنامنىڭ پۇلى كۆپتۇر، غەم يىمەيدۇ ئاشنىسى ،

خۇدا بەرگەن ئەركەككە، مانا سېغىن كالىسى ،

تونۇش بالا دەپ قويۇپ، داستىخاندا مانتىسى ،

خىزمىتىنى قىلىدۇ، بۇ ئايالغا ئەتىسى ،

كىرەك ئەمەس پۇل دەيدۇ ، چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئاشنامنىڭ يۇزى يوقتۇر، قىسى كەتسە باتنايدۇ ،

خۇيى كەتسە بەزىدە ، ئامرىقىم دەپ چىللايدۇ ،

باي-غۇجامنى كۆرگەندە، كەمبىغەلنى شاللايدۇ ،

ئۇ ئىرىق بۇ ئىرىققا ، يولى كۆپتۇر قاتنايدۇ ،

كۆڭۈل بىرگە تۇرمايدۇ، چىرايلىق مېنىڭ ئاشنام .


ئوتياق ئاشنىسى كۆپ دەپ، مېنى تىللاپ يۇرمەڭلار !

ئاشنا باركەن يوقكەن دەپ، چۆچەك قىلىپ يۇرمەڭلار !

ئۆز جۇپتىنى ھۆرمەتلەپ، چىن يۇرەكتىن سۆيۈڭلار !

ئاشنا نەدە ؟ ئۆز نەدە ؟ قەدىناسنى كۈتۈڭلار !

ئۆز يارىغا يەتمەيدۇ، چىرايلىق مېنىڭ يارىم...


ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 17:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي بۇ ئەمدى نىم گەپ ئاشنا تۇتۇش مودا بولدىما (چاقچاق جىمۇ ) ياخشى يىزىپسىز ............... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulimire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-25 17:20

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 17:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوتىياق ئەپەنىدىمىنىڭ بۇ ئاشىنا توغۇرلۇق يازىغان شئرى بەك ياخىشى .ھەم شۇنىداق ھېسياتىلىق چىقىپىتۇ . لىكىن .......................داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . نادرلىرڭىز ئۇزىلۇپ قالىمىسۇن

Rank: 8Rank: 8

توردا
765سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1475 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 17:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوتياق ئاكا مۇخەممەسنى ئاجايىپ ياخشى يازىسىز جۇمۇ؟شۇ يەنىلا نىمىلا دېگەن بىلەن ئۆيدىكى شۇ قەدىناس ۋاپادارىغا يەتمەيدۇ...

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 18:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
fatima يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 17:43
ئوتياق ئاكا مۇخەممەسنى ئاجايىپ ياخشى يازىسىز جۇمۇ؟شۇ ...

پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 19:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوتياق ئەپەندىنىڭ ،يازغان بۇ مۇخەممەسلىرى كىشلەرگە تەنقىدى - تەربىيە بولۇپلا قالماستىن ، يەنە تىخ مەنسى تولىمۇ چوڭقۇر يېزىلىپتۇ .

توردا
512سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2475 
تېما
325 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 19:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزىلەر ۋاپادار ئاياللىرىنى ماختاپ ھارمايدۇ، ئەمدى ئاشنىسىنى ماختاش مودا بولغانمىدۇ...
سىزنىڭ ئاشنىڭىز چىرايلىقكەن،
بىز ھەممىمىز بىلىدۇق تورداش.
ئۆيدىكى جاپاكەش خوتۇن،
چىرايلىق ئەمەسمىكەن تورداش.

سىرتىكىنى ماختايسىز،
ئۆيدىكىنى تىللايسىز.
ۋىجىدانىڭىز بىلەن ئېيىتىڭا،
كىمىلەر سىزگە بەك كۆيۈنەر.


ئوتياق ئەپەندى بۇ شىئىرنى سىزگە قارتىپ يازمىدىم جۇما، جەمئىيىتىمىزدە تالادىكىسىنى ۋاي دەپ ئۆيدىكىسىنى بۇدۇشقاق، دۆت،كالامپاي دەپ ئائىلە ئاياللىرىنى خورلايدىغانلاغا ئاتاپ يازدىم... بۇ شىئىرنى يازغان ئاپتۇرمۇ چۇقۇم شۇنداقلارغا تەنە قىلىپ يازغاندۇ...كۆپ سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرۈڭلار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 0998cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-25 19:15

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 19:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 0998cn نىڭ يازمىسى

باركالىلا دوسىتۇم . سىزىنىڭ گىپىڭىز نىمىدىگەن ئوچۇق . كۆڭىلۇمىدىكىنى يىزپىسىز .

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
482 
تېما
129 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 12:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاشنىڭىز راسلا شۇنداقمۇ .... (چاقچاق جىمۇ )

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 16:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئوتياق ئاشنىسى كۆپ دەپ، مېنى تىللاپ يۇرمەڭلار !
ئاشنا باركەن يوقكەن دەپ، چۆچەك قىلىپ يۇرمەڭلار !
ئۆز جۇپتىنى ھۆرمەتلەپ، چىن يۇرەكتىن سۆيۈڭلار !
ئاشنا نەدە ؟ ئۆز نەدە ؟ قەدىناسنى كۈتۈڭلار !
ئۆز يارىغا يەتمەيدۇ، چىرايلىق مېنىڭ يارىم...




بۇ مىسرالىرى ياخشىكەن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا miskar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-26 16:43

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 12:11

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.