- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-17
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 176سائەت
- جۇغلانما
- 7175
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1753
- تېما
- 252
- توردا
- 176سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 41
- يازما
- 1753
- تېما
- 252
|
بىر قىتىم موللا نەسىردىن ئېشكىگە مىنىپ بىر يەرگە ماڭدى ، ئۇ تولىمۇ ئىلدام ئىشەك ئىدى. بىر ئاغىنىسى ئۇنىڭدىن سورىدى.؛
- نەسىردىن نەگە ماڭدىڭ ؟
- ساڭا راستىمنى ئىيتىسام ،نەگە ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن.، بۇنى مەندىن سورىماي ، ئىشىكىمدىن سورا.
- بۇ نىمە دېگىنىڭ ؟- دېدى ئەجەبلىنىپ .
- ئىككىمىز ئەل- ئاغىنە ،- دېدى نەسىردىن ،- شۇڭا گەپنىڭ راستىنى ئىيتمىسام بولمايدۇ. ئېشەك دېگەننىڭ خۇينى بىلىسەن ، بۇ ئېشەكمۇ شۇنداق كاج ھەم جاھىل ،چاتاق تىپىپلا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنى مىنىپ بازارغا بىرىپ قالسام ، ئۇ مىنىڭ باشلىغان يولۇمغا ماڭماي، باشقا يولغا تارتدۇ، بازاردا خىلمۇخىل خۇيىنى چىقىرىپ ،مېنى كۈلكىگە قويىدۇ. كىشىلەر مېنى ئېشەكنىمۇ ئوڭلاپ باشقۇرالمايسەن،دەپ مازاق قىلىدۇ.شۇڭا،ئۆزۈمگە تەن بەردىم ، بىرەر يەرگە بارماقچى بولسام ،ئۇنىڭ رايى بويىچە ماڭىمەن. كىشىلەر مېنى ئېشەكنى باشقۇرۇپ كىتىۋاتىدۇ،دەپ بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس . بۇنىڭدا ئىشەكمۇ رازى ،مېنىڭمۇ يۈزۈم چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
ھەربىر ئۇلۇغ ئاتامان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئەگىشىپ ماڭغان بولىدۇ.
مەنبە ؛ << ئوشۇ ھېكايەتلىرى>> دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
|
|