- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-19
- تىزىملاش
- 2011-4-1
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 27سائەت
- جۇغلانما
- 851
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 130
- تېما
- 67
- توردا
- 27سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 3
- يازما
- 130
- تېما
- 67
|
381 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئېلىپ ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
8 - باب خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى
382 - ماددا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، جامائەتنىڭ پۇل - مېلىنى يەپ كېتىشى، ئوغرىلىشى، ئالداپ ئېلىۋېلىشى ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشى خىيانەتچىلىك جىنايىتى بولىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۆلەت مال - مۈلكىنى باشقۇرۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان خادىملار ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ پۇل - مېلىنى يەپ كەتكەن، ئوغرىلىغان، ئالداپ ئېلىۋالغان ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان بولسا، خىيانەتچىلىك دەپ قارىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن خادىملار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شېرىكلىشىپ خىيانەت قىلغانلار ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
383 - ماددا خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ:
(1) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرىلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
(2) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
(3) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 1 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 7 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغان، 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن، جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن توۋا قىلىپ، ھارامنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرغانلارغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، ئۇلارغا ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
(4) شەخسىي خىيانەت سوممىسى 5000 يۈەنگە يەتمىسىمۇ قىلمىشى ئېغىرراق بولغانلارغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۆز ئورنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
كۆپ قېتىم خىيانەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارغا خىيانەت سوممىسىنىڭ يىغىندىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
384 - ماددا دۆلەت خادىملىرى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ جامائەتنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىپ، قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا ياكى جامائەتنىڭ كۆپرەك پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ پايدا ئېلىش ھەرىكىتىدە بولغان بولسا ۋە ياكى جامائەتنىڭ كۆپرەك پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغىنىغا 3 ئايدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، جامائەتنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. بۇنداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. جامائەتنىڭ ناھايىتى كۆپ پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئاپەتتىن ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئېتىبار بېرىش - نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالە كۆچۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پۇل - ماللىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
385 - ماددا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ياكى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى پارا ئېلىش جىنايىتى بولىدۇ.
دۆلەت خادىملىرىدىن ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نام بىلەن ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلار پارا ئالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
386 - ماددا پارا ئېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئالغان پارا سوممىسىغا ۋە قىلمىشىغا قاراپ مۇشۇ قانۇننىڭ 383 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. پارا تەلەپ قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
387 - ماددا باشقىلاردىن پۇل - مال تەلەپ قىلىپ ۋە قانۇنسىز ئېلىپ، ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئورۇنلاردىن ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە ھېساب سىرتىدا تۈرلۈك نامدا بېرىلگەن ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققىنى خۇپىيانە ئالغانلىرى پارا ئالغان دەپ قارىلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
388 - ماددا دۆلەت خادىملىرى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن ياكى مەرتىۋىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقا دۆلەت خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە جەھەتتىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پۇل - مال تەلەپ قىلسا ياكى ئالسا پارا ئالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
389 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت خادىملىرىغا پۇل - مال بېرىش پارا بېرىش جىنايىتى بولىدۇ.
ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا كۆپرەك پۇل - مال بەرگەنلەر ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت خادىملىرىغا تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەنلەر پارا بەرگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
قاقتى - سوقتى قىلىنغانلىقتىن دۆلەت خادىملىرىغا پۇل - مال بەرگەن بولسىمۇ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلەر پارا بەرگەنلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ.
390 - ماددا پارا بېرىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پارا بېرىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەت ئالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ياكى دۆلەت مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇدەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
پارا بەرگەنلەر سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن پارا بېرىش قىلمىشىنى ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرسا، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
391 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىغا پۇل - مال بەرگەن ياكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەنلەرگە 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
392 - ماددا دۆلەت خادىملىرىغا پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرغۇچىلار سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرۇش قىلمىشىنى ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرسا، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
393 - ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ پارا بەرگەن ياكى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت خادىملىرىغا ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى بەرگەن ئورۇنلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. پارا بېرىپ ئېرىشكەن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 389 -، 390 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
394 - ماددا دۆلەت خادىملىرىدىن مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت پائالىيىتىدە ياكى تاشقى ئالاقىدە كۆپرەك سوۋغات قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تاپشۇرمىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382 -، 383 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
395 - ماددا مال - مۈلكى ياكى چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، پەرق بەك زور بولغان دۆلەت خادىملىرى كىرىم مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈشكە بۇيرۇلسا بولىدۇ. ئۆز كىرىمىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەنلەرنىڭ ئارتۇق كىرىمى قانۇنسىز تاپاۋەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، ئۇلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، مال - مۈلكىنىڭ ئارتۇق قىسمى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.
دۆلەت خادىملىرى چېگرا سىرتىدا ئامانەت قويغان پۇلىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەلۇم قىلىشى كېرەك. سوممىسى كۆپرەك بولۇپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغانلارغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
396 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغان دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئەدلىيە ئورگانلىرى، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي ئورگانلاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان جەرىمانە، مۇسادىرە پۇل - ماللارنى ئورۇن نامىدا كوللېكتىپ ھالدا شەخسىي بۆلۈشۈۋالغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
9 - باب مەسئۇلىيەتسىزلىك جىنايىتى
397 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋارلىق قىلىپ، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
398 - ماددا دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مەخپىيىتىنى قەستەن ياكى سەۋەنلىك بىلەن ئاشكارىلاپ قويغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن باشقا كىشىلەردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەھۋالغا قاراپ جازا بېرىلىدۇ.
399 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك ۋە يۈز - خاتىر قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ جاۋابكارلىققا تارتقان، جىنايەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ساقلاپ قالغان ياكى جىنايى ئىشلار سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغان ئەدلىيە خادىملىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ھەق تەلەپ، مەمۇرىي سوت پائالىيىتىدە پاكىت ۋە قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلىپ، ناھەق ھۆكۈم - كېسىم چىقارغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەدلىيە خادىملىرىدىن پارىخورلۇق قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇشۇ قانۇننىڭ 385 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەر ئېغىرراق جازا بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالىنىدۇ.
400 - ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىنى ئاستىرتىن قويۇپ بەرگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇدەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەدلىيە خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار ياكى جىنايەتچىنى قاچۇرۇپ قويۇپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
401 - ماددا ئەدلىيە خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جازانى كېمەيتىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش، ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان جىنايەتچىلەرنىڭ جازاسىنى كېمەيتكەن، ئۇلارنى شەرتلىك قويۇپ بەرگەن ياكى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
402 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇن بويىچە ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن قانۇن ئىجرا قىلغۇچى مەمۇرىي خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
403 - ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىدىكى دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شىركەت قۇرۇش، تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى ياكى پاي چېكى، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاپ ياكى تىزىملاپ جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار تىزىملاش ئورگىنىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىغان بولسا، ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
404 - ماددا باج ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى ئالماي ياكى ئاز ئېلىپ دۆلەتنىڭ باج كىرىمىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
405 - ماددا باج ئورگىنى خادىملىرىدىن قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تالون تارقىتىش - سېتىش، باج پۇلىنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش ۋە ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى بېرىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
باشقا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان مالنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى، ئېكسپورتتىن قىلىنغان تاشقى پرېۋوت كىرىمىنى تەكشۈرۈپ ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىش تالونى قاتارلىق ئېكسپورت باج قايتۇرمىسى دوكۇمېنتلىرىنى بېرىش جەريانىدا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
406 - ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن توختام تۈزۈش، ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ئالدىنىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
407 - ماددا ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل - دەرەخلەرنى تەستىقلانغان يىللىق كېسىش نورمىسىدىن ئاشۇرۇپ كېسىشكە ئىجازەتنامە بېرىش ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل - دەرەخلەرنى كېسىش ئىجازەتنامىسىنى كەلسە - كەلمەس بېرىش قىلمىشى ئېغىر بولغان ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى خادىملىرىدىن ئورماننى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
408 - ماددا مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ زور مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ياكى تالاپەت پەيدا قىلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
409 - ماددا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى كېڭىيىشىنى پەيدا قىلغان خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
410 - ماددا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، يەر باشقۇرۇش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، يەر ئېلىپ ئىشلىتىش، يەر ئىگىلەشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەن باھادا قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بەرگەن دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ياكى كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
مەنبە ؛<< قانۇن قامۇسىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن قىسىمى>> دىن ئىلىندى.
|
|