گۆھەر زېمىن كۇچا ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ تۈرلۈك مەدەنىيەت، ھۈنەر-سەنئەتنىڭ بۇلىقى، ناخشا-ئۇسسۇل، كۈي يۇرتى دەپ ئاتىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قايچا-پىچاقلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە كۇچانىڭ قايچا، پىچاق، خەنجەر، قىلىچلىرىنى «يىپەك يولى» دىكى سودىگەرلەر ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئاپىرىپ ساتقان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ شيەنفېڭ يىللىرى (1851-1857-يىللار) دا كۇچادىكى ئاۋۇت ھاجى، مەخسۇت، يولداشبەگ قاتارلىق داڭلىق ئۇستىلار ياسىغان قايچا، پىچاق، قىلىچلار شىنجاڭدىلا ئەمەس، مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەردىمۇ شۆھرەت قازانغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئەسۋاب-تاۋارلارنىڭ يوقىلىپ كەتمەي مەۋجۇت بولۇشى ھەم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پېشقەدەم ھۈنەرۋەن-ئۇستىلارغا ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلدى. ئىلغار، زامانىۋى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر كىرگۈزۈلدى. ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، قايچا-پىچاق تۈرى كۆپەيتىلدى، مىقدارى ئاشۇرۇلدى، سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى. يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك روشەن گەۋدىلىنىدىغان نەقىشلىك قەلەمتىراش ياساش تەرەققىي قىلدى. دۆلىتىمىز بىلەن ياپونىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن «يىپەك يولى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە، كۇچانىڭ نەقىشلىك قەلەمتىراشلىرى ۋە ئۇنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتى گەۋدىلىك تونۇشتۇرۇلدى. 1982-يىلى كۇچانىڭ نەقىشلىك قەلەمتىراشلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە نۇقتىلىق ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 1985-يىلى دۆلەتنىڭ 650 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىشى بىلەن پىچاق ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كېڭەيتىلدى ھەمدە مەھسۇلاتلار شياڭگاڭ بازارلىرىغا كىرگۈزۈلدى. 1990-يىلى كۇچانىڭ نەقىشلىك قەلەمتىراشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاشتا كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشتى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە كۆرگەزمە قىلىنىپ سېتىلدى
|