ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!كۇچار مۇنبىرى،قۇياش مۇنبىرى،ئىز مۇنبىرى، قاتارلىق قوشنا مۇنبەرلەردىكى بارلىق قېرىنداشلار،كەمىنە ئۇيغۇرۇمدىن ھەممىڭلارغا ئاللاھ،نىڭ سالىمى بولسۇن! ،مۇنبەردىكى مول مەزمۇنلۇق بىلىملىرى بىلەن مۇنبەرنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان ھەر خىل تېما ۋە ئىنكاسلاردىن ھوزۇر ئېلىپ بىلىم تەشنالىقى بىلەن چاڭقىغان دىللىرىنى ئابىھايات كەۋسەرلەر بىلەن سۇغۇرىۋاتقان مۇنبەر سىرتىدىكى بارلىق قېرىنداشلار، ياخشىمۇسىلەر؟ئالمىزار مۇنبىرنىڭ بارلىق،باشقۇرغۇچى ئەزالىرىغا، ۋاكالىتەن تورمۇشۇڭلارغا بەخت ، خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن، كەلگۈسىڭلار پارلاق بولسۇن....ھەممىڭلارغا بەخت - ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن....!
بىرىنچى قېتىملىق مەشرەپ پائالىيتى تۇنجى كۇچار مۇنبىردە ناھايىتى داغ-دۇغلۇق بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ مەشرەپكە ھېرىسمەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى. ۋە مەشرەپ پائالىيتىنىڭ مۇنبەرلەر ئارا يۈزلىنىشىگە داغ-دام يول ئېچىپ بەردى.
مەشرەپ گۈل چېيى قولدىن-قولغا ئۆتۈپ ئىككىنچى قېتىملىق مەشرەپ گۈل چېيىنى قۇياش مۇنبىرى ئالدى.ۋە، ناھايىتى كاتتا ھەيۋەتلىك داغ-دۇغا بىلەن قۇياش مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ بەردى!
ئۈچىنچى قېتىملىق ئىز مەشرىپىمۇ،فاتىمەخېنىمنىڭ زورتىرىشچانلىق كۆرسىتىش نىتىجىسىدە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك،سۇرۇنلىرى مۇل شۇنداق داغ-دۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى!
مەشرەپ گۈل چېيى قولدىن-قولغا ئۇتۇپ،مانا ئالمىزار مەشرىپىمۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ! مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق دوسلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى سىنايدىغان كاتتا سۇرۇن بولدى-دەپ قارايمەن! دوسلار قېنى مەرھەمەت!
كۇچادا باشلاندى مەشرەپ،
قۇياش ئالدى گۈل چاينى.
داۋاملاشتى ئىز دىمۇ،
ئالمىزار ئىچتى شارابىنى. مەشرەپ پائالىيتى باشتىكى مەشرەپنىڭ قائىيدىسى بۇيچە 4-ئاينىڭ13-كۈنى چارشەنبىگە ئۇرۇنلاشتۇردۇق ،ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ،ئالمىزار مەشرىپىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بىرشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن!
تۇنجى قېتىملىق مەشرەپ 3 - ئاينىڭ 2 -كۈنى (چارشەنبە)كۇچا مۇنبىردە ناھايىتى ئۆزگىچلىك بىلەن كاتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.ئىككىنچى قېتىملىق مەشرەپ 3 -ئاينىڭ 16-كۈنى يەنى (چارشەنبە ) قۇياش مۇنبىرىدە ناھايىتى داغ-دۇغا بىلەن كاتتا ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلدى!ئۈچۈنچى قېتىملىق مەشرەپمۇ3-ئاينىڭ30-كۈنى(چارشەنبە)ئىز مۇنبىرىدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئۆتكۈزۈلدى!
بۇ قېتىملىق ئالمىزار مەشرىپىنىمۇ ئالدىنقى ئۈچ مۇنبەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، يىڭىچە ئۇسلۇپ بىلەن كاتتا ئۆتكۈزۈشكە بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرشىمىز.ھەر قانداق كونا يىڭى ئەزالارنىڭ مەشرەپكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن!
تەكلىپنامە: ئەمسە ئالمىزار مەشرىپىنىڭ مەشرەپ باغىقى ھەممىڭلارغا كەتتى!
ھۆرمەتلىك خۇش چىراي خانىم-قىزلار. ھۆرمەتلىك قەيسەر باتۇر تاغنى تالقان قىلغۇدەك كۈچى بار جاسارەتلىك يىگىتلەر!
سىزلەرنى4- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۆتكۈزىلىدېغان ئالمىزار مۇنبىرمىزنىڭ مەشرەپ چېيىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمەن!
ھۆرمەت: بىلەن ئالمىزار مۇنبىرى!
ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتىدا قاتنىشىپ بىرشىڭلارنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن!
مەشرەپ ئورنى :ئالمىزار مۇنبىرى!http://bbs.almizar.cn/
سەمىڭلاردا بولسۇنكى ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت!
مەشرەپ پائالىيتىنى يەنە داۋاملاشتۇردېغان مۇنبەرلەر بولسا مەشرەپكە ۋاقتىدا قاتنىشىپ مەشرەپ گۈل چېينى ئۆتكۈزىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن
|