ھاياتتىن ئاغرىنىپ قىلمىدىم كۆز ياش،
ئۆزگىگە يالۋۇرۇپ ئۇرمۇدۇم ھەم باش
بۇ مەن ئۈچۈن ئەمەس ھەرگىز ماس
بىلسەڭلار بۇ ماڭا پەقەت كەلمەس ماس. 
ۋاپاسىز دوسىتلارغا ۋاپاسىزلىقنىڭ،
تونۇتۇپ قويىمەن ئاچچىقلىقىنى.
ھەقىقى دوسىتلارغا دوسىتلۇق مېھرىنىڭ،
تىتىتىپ قويىمەن تاتلىقلىقىنى. 
ئاچ قىلىپ ھەتتاكى بولساممۇ نىمجان ،
ئۆزگىگە يالۋۇرۇپ ئۇزاتمىدىم قول .
ھالال ئەجرىمدىن ئەلگە كۈچ قوشتۇم،
چۈنكى مەن بىلسەڭلار ھەقىقى ئىنسان. 
يالۋۇرۇپ ئۆزگىگە بىر ئۆمۈر ئۇزاتمايمەن ھەم قول،
ھاياتتىن ئاغرىنىپ مەڭگۈ قىلمايمەن كۆز ياش ،
بىلسەڭلار ئەي! قىرىنداش ھەم دوسىتلىرىم! چۈنكى،مەن ھەقىقى غۇرۇرلۇق چىن ئىنسان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-13 13:54
|