ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق ھەسرەت چەككىنىڭىزدە يىغلىۋىلىڭ!!!
كۆرۈش: 121|ئىنكاس: 6
go

ھەسرەت چەككىنىڭىزدە يىغلىۋىلىڭ!!!

توردا
80سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
675 
تېما
124 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ھەسرەت چەككىنىڭىزدە يىغلىۋىلىڭ!!!

كۈلۈش ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ، ساغلاملىققا پايدىلىق، ئەمما خاپىلىق ئادەمنى يىغىغا زورلايدۇ. يىغا ئادەمنىڭ ئىچىنى بوشىتىدۇ، ئوخشاشلا سالامەتلىككە پايدىلىق ، يىغا كەلگەندە بىر يىغلىۋەتكەنگە يەتمەيدۇ، بۇ خاپىلىقنى ، ئاچچىقنى يۈتىۋەتكەندىن ئوبدان ، ئامرىكىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم خاپىلىق تارىتقاندا يىغلىمىسا ، سالامەتلىككە زىيانلىق بولىدىكەن، ئەرلەرنىڭ ئاشقازان يارىسى كىسىلى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ، بۇ يىغا بىلەنمۇ مەلۇم مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن ، چۈنكى ، ئەرلەر يىغىنى ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى ، دەپ قاراپ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، كۆڭلىنى زىدە قىلىدۇ، شۇڭا، ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. دەپ قارىغان.
يىغا بولسا روھى ھالەتنىڭ بىر خىل ئىپادىسى، مەيلى بەك يىغلاش ياكى بوش يىغلاش بولسۇن ، ھەممىسىدە كۆزىدىن ياش چىقىدۇ، مۇتىخەسىسلەرنىڭ بايقىشىچە ، يىغلىغاندىكى كۆز يىشى بەدەندىكى زىيانلىق ماددىلارنى سىرىتقا چىقىرىۋىتىدۇ، بىر ئادەمنىڭ قاتتىق ئازابلانغاندا چىققان كۆز يىشى بىلەن زۇكامدىغاندا ، توپا-قۇملار كۆزىگە كىرگەندە چىققان كۆز يىشىنىڭ تەركىبى ئوخشىمايدۇ، خىلى بۇرۇنلا تېببىي ئالىملار كۆز يىشى ئۈستىدىن تەتقىقات ئىلىپ بارغان بولۇپ، بۇرۇندىن چىققان كۆز يىشى كۆز چانىقىدىن چىققان كۆز يىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ، كىيىنكىسى تۇزلۇق ئىكەنلىكىنى ، قەنىت سىيىش كىسەللىكىدىكىلەرنىڭ كۆز يىشى تاتلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان . ئوخشىمىغان سەۋەبلەردىن چىققان ياشنىڭ تەركىبىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئىچىنىش ھىسياتى كەلتۈرگەن كۆز يىشىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل زەھەرلىك ، شۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى ، كۆز يىشىنىڭ رولى بولسا ئادەم جىددى ھالەتتە ھاسىل قىلغان زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ ، شۇڭا سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا ، كۆز يىشىنى تۇتىۋىلىپ يىغلىماي ئىچىگە يۇتىۋەتسە ، سالامەتلىككە زىيانلىق .
يىغلاش بولسا ئادەمنىڭ تەبىيىتىدۇر ، يىغلاش قورقۇنچاقلىق ئەمەس . شۇڭا ، سىز ئازاپلانغاندا ۋە يىغا تۇتقان ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالماي مۇۋاپىق يىغلىۋىلىڭ.
مەنبە؛<<ساغلاملىق ئۈچۈن 100 كۆرسەتمە>> ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.

توردا
154سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
627 
تېما
32 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي شۇنىداقىمۇ . بۇلىۋىلىشىقا تىگىشىلىك تىمد ئىكەن ، مەن بۇلىۋالىدىم . بۇنىدىن كىيىن ئازاپ تارتىقان چېغىمىدا ئىچىمىنى پۇشۇرماي ، تازا يىغىلىمسام .

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىزلار يىغلىساڭلار مەيلى ! لېكىن ماڭقاڭلار چىقىپ قالمىسۇن __ دىققەت قىلىڭلار!

Rank: 8Rank: 8

توردا
802سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
1640 
تېما
69 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش xanba نىڭ يازمىسى

ھا ھا ھا....نىمانداق قىززىق ئىنكاس ماۋۇ..
قولۇڭدا بارىدا قەدرىگە يەتمەي،
يوقاتقاندا ئاھ ئۇرما!

توردا
23سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
81 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئازاپلانغان چاغدا يىغلىماي دىسىمۇ ئادەم يىغلاپ قالىدۇ.چۇنكى قىزلارنىڭ كوڭلى بەك نازۇك كىلىدۇ.

توردا
21سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
114 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئازاپلانغان چاغدا كىممۇ چىدايدۇ دەيسىلەر يىغلىماي دىسىمۇ ئادەم يىغلاپ قالىدۇ.?????

توردا
49سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
387 
تېما
125 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ،ئادەم ئازاپلانغان ۋاقتىدا ئاۋازىنى تىشىغا چىقىرىپ يىغلىۋالسا ياكى ۋارقىرۋالسا ياكى بولمىسا بىرەر سىرداش دوستىنى تىپىپ ئىچىلىردىكىنى دەۋالسا ئادەمنىڭ ئىچى بوشاپ ،روھي -كەيپىياتى باشقىچە ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-19 17:38

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.