ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر مەدىنىيەت ۋە تارىخ نورۇزنىڭ ئەھمىيىتى
كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 3
go

نورۇزنىڭ ئەھمىيىتى

Rank: 8Rank: 8

توردا
100سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
167 
تېما
33 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۆمەرجان سىدىق


  خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان نورۇز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قايتىدىن ئۆز ھۆسنىنى نامايىش قىلىپ، ئاستا - ئاستا تونۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۇنداقتا نورۇزنىڭ خاسىيىتى، ھازىرقى دەۋردىكى ئەھمىيىتى نەدە؟

  نورۇز ئەڭ ئالدى بىلەن تەبىئەت بايرىمى يەنى باھار بايرىمى بولۇش سۈپىتىدە دىندىن خالىي بولغان، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، ئۆزىدە ناھايىتى مول مەزمۇنلارنى مۇجەسسەملىگەن مىللىي، ئەنئەنىۋىي بايرام. قەدىمكى دەۋرلەردە خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى ئەڭ كاتتا بايرام سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ، داغدۇغىلىق تەييارلىق قىلىپ، پۈتۈن يۇرتلار بويىچە قاتنىشىپ، نەچچە كۈنگىچە داۋاملاشتۇرغان. كەڭ دالا قوينىدا كۆكلەمنى ئۇلۇغلاش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئوڭۇشلۇق باشلاش، مول - ھوسۇل ئېلىشنى تىلەش مەزمۇنىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ياشاشنىڭ ئابىدىسىنى تىكلەپ بەرگەن. تازىلىق، كىيىم - كېچەك، يىمەك - ئىچمەك، تەرتىپ - قائىدە جەھەتلەردە بىر يۈرۈش مۇراسىم ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ بايرامنى فولكلور خەزىنىسىگە ئايلاندۇرغان.ئۇنىڭدىن كېيىن نورۇز بايرىمى مەرىپەت، مەدەنىيەت بايرىمى بولۇش سۈپىتىدە، شائىرلار مۇشائىرە قىلىش، مەددەھلىق، ۋائىزلىق، مويسىپىتلار ياشلارغا ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن خاراكتېرلەنگەن. نورۇز يەنە سەنئەت بايرىمى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن مول سەنئەت پائالىيەتلىرى، مەشرەپ ئويۇنلىرى بىلەن تويۇنغان. نورۇز ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت بايرىمى بولۇش سۈپىتىدە بايرامدا چېلىشىش، ئوغلاق تارتىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئارغامچا تارتىش، ئىلاڭگۇچ ئۇچۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن. ئىناقلىق بايرىمى بولۇش سۈپىتىدە چوڭلار، ياشلار، بالىلار، ئاياللار ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان، ئۆز ئارا ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىغان، دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بايرام بولۇپ كەلگەن. يەنە ئەنئەنە بايرىمى، ئۆرپ - ئادەت بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقىمىزنىڭ فولكلور خەزىنىسىگە ئايلانغان. يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نورۇز بايرىمىنى دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر دېيىشكە بولىدۇ. دېمەك، نورۇز بايرىمى ھازىرقى دەۋردىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇر، رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، ھازىر دۇنيادا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى، رەڭدارلىقى تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. جىسىمىز مەدەنىيەت مىراسلىرى زور كۈچ بىلەن قېزىلىپ، قاتلاممۇ - قاتلام قوغدىلىپ، مەخسۇس تۈر، مەبلەغ بويىچە قايتىدىن تىزىمغا ئېلىنىپ، ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىنىۋاتىدۇ. ۋىلايىتىمىزمۇ «مەدەنىيەت رايونى» ستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن ئېيتقاندا نورۇز بايرىمىدىكى مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنھەرىكەت، فولكلور مەزمۇنلىرى زور ھاياتىي كۈچكە، تەتقىقات، قوغىدىلىش، تارقىتىش قىممىتىگە ئىگە، ئەنئەنىۋىي نورۇز بايرىمىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەندە زور ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئىنسانىي سۆيگۈ، ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئېسىل ئەنئەنە، جەڭگىۋار روھ، ساغلام چېنىقىش، ئۆملۈك، ئىناقلىق مەزمۇنلىرى بىلەن ياش - ئەۋلادلارنى ئېسىل مەنىۋى روھ بىلەن تەربىيىلىگىلى، ئىناق مەدەنىيەت، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ
.








نورۇزنى تونۇدۇم

بالىلار تىلىدىن نەسىر

ئۆمەرجان سىدىق



  «نورۇز كەلدى»، «نورۇز كەلدى» ھەممە ياقتىن شۇ سادا ياڭرىدى. «قېنى نورۇز، مەن كۆرمىدىمغۇ؟» مەن ھەيرانلىق، تەقەززالىق ئىلكىدە ئەتراپنى ئىزدىدىم .«نورۇز تەبىئەتنىڭ ھۆسنىدە» ئاتام شۇنداق دېگىنىچە، مېنى يېتىلەپ بالكونغا ئېلىپ چىقىپ، تۆۋەندىكى باغچىنى كۆرسەتتى. دەل - دەرەخلەر قىشلىق لىباسىنى سېلىپ، پوتلا چىقىرىشقا باشلىغان، شاخلاردىكى دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان بوۋاقتەك تۈگۈر - تۈگۈر بىخلار يېڭى ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئۆرۈك دەرەخلىرى بولسا ئاق لېچەك سالغان نۇرانە ئانىدەك «ھۆپپىدە» ئېچىلىپ كەتكەن، بال ھەرىلىرى چېچەكلەرنىڭ ئەتراپىدا ئالدىراش ئىشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى، «نورۇزنى كۆردۈم» مەن خۇشاللىق بىلەن چاۋاك چېلىپ، نورۇزنى قۇتلۇقلىدىم. «نورۇز كەلدى، نورۇز كەلدى» ھەممە ياقتىن شۇ سادا ياڭرىدى. «بىلىمەن، نورۇز تەبىئەتنىڭ ھۆسنىدە» دېدىم مەن. «ياق، ئۇلا ئەمەس، نورۇز كائىناتنىڭ باغرىدا» ئاتام شۇنداق دېگىنىچە مېنى كەڭ دالىغا باشلاپ چىقتى. قۇياش كۈلۈمسىرىگىنىچە ئىللىق نۇرىنى سېپىۋاتقان بولۇپ، باھارنىڭ مەيىن شامىلى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى. ئېرىقلاردا ئەگىز سۇلىرى ئېقىشقا باشلىغان، قۇشلار چۇرۇقلاپ سايرىشىپ، باھار مىلودىيىسىگە جۆر بولۇۋاتاتتى. بالىلار بولسا قىقاس چۇقان سېلىشىپ لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتاتتى. «نورۇزنى كۆردۈم، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچى ھەقىقەتەن زوركەن» دېدىم مەن ھاياجانلىنىپ. «ياق، تېخى تۈگىمىدى» دېدى ئاتام سالماقلىق بىلەن: «نورۇز دېھقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېھنىتىدە». ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مېنى رەت - رەت ئېتىزلارنىڭ بويىغا باشلاپ كەلدى. دېھقان تاغىلىرىم تەكلەرنى جىددىي ئېچىشقا باشلىغان، چوڭلار، بالىلار ھارۋا، سېۋەتلەردە ئوغۇت يۆتكەپ تەكلەرنى كۈچلەۋاتاتتى. ئېتىزلار كەتمەنلەرنى گۈپۈلدىتىپ چېپىپ، قىر سېلىۋاتقان، يەر سۇغىرىۋاتقان كىشىلەر بىلەن تولغان ئىدى. ھەممىنىڭ چېھرىدە شادلىق، يېڭى ئۈمىد، مېھنەت تامچىلىرى چاقنايتتى. «بىلدىم، نورزۇنىڭ خاسىيىتى بىزگە مول - ھوسۇل ئېلىپ كېلىدىكەن، ھاياتلىقىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن» دېدىم مەن چوڭقۇر ئويلىنىش ئىچىدە.

  «نورۇز كەلدى، نورۇز كەلدى» ھەممە ياقتىن شۇ سادا ياڭرىدى. «بىلىمەن، خاسىيەتلىك نورزۇ بوۋامنىمۇ كۆردۈم» دېدىم مەن تەمكىنلىك بىلەن. «ئۇ كۆرگەنلىرىڭىز يەتمەيد» دېدى ئاتام تۇيۇقسىز.«يەنە بارما» مەن ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم. «بار، نورۇز ئەجداتلىرىمىزنىڭ باسقان ئىزىدا» ئاتام شۇنداق دېگىنىچە توم - توم كىتابلارنى ئالدىمغا يايدى. مەن بۇ كىتابلاردىن نورۇزىمىزنىڭ باسقان مۇساپىسىنى، خاسىيىتىنى، ئەھمىيىتىنى، رولىنى چۈشىنىپ يەتتىم. «نورۇز ئەسلىدە بىزنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىمىز ئىكەندە» مەن ئويغا پېتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم ۋە «ئاتامغا قاراپ ئەمدىغۇ تۈگىگەندۇ» دېدىم. «ياق، تېخى تۈگىمىدى قىزىم» دېدى ئاتام چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ. «نورۇز يەنە ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ جەۋھىرىدە» دېدى ۋە قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، نورۇز پائالىيەتلىرى، نورۇز مەشرىپى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى. «بىلدىم» دېدىم مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ:«نورۇزدىكى مەدەنىيەت، سەنئەت مەزمۇنلىرى، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى، مەشرەپ ئويۇنلىرى بىز بالىلارنى ئېسىل ئەنئەنە، ئەدەپ - ئەخلاق، مىللىي ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە تەربىيىلەيدىغان مەكتەپ ئىكەن». «شۇنداق قىزىم» دېدى ئاتام جىددىيلىك بىلەن: «نورزۇ يەنە كەلگۈسى مەنزىلىمىزدە». «بۇ نېمە دېگىنىڭىز» دېدىم مەن چۈشىنەلمەي. «نورۇزنىڭ ھەر گىزمۇ ۋاقتى ئۆتكىنى، كونىرىغىنى يوق. ھازىر ۋەتىنىمىز مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. نورۇزدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەركىپلىرى ئىنتايىن مول. شۇڭا ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا بايلىق. بۇ بايلىقنى يەنىمۇ قەدىرلەش، نۇرلاندۇرۇش سىلەر ئەۋلادلارنىڭ ۋەزىپىسى، قىزىم» دېدى مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلاپ. مەن بىر ئاز ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئاستىغىنە:»ئەمدى نورۇزنى تونۇغاندەك بولدۇم» دېدىم مەن ئاتامغا قاراپ. «يەنە يېتەرلىك ئەمەس قىزىم» دېدى ئاتام ئەستايىدىللىق بىلەن: «يەنىمۇ تىرىشىپ ئوقۇڭ، ياخشى ئۆگىنىڭ، شۇندىلا نورۇزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز، نورۇزغا يۈز كېلەلەيسىز». مەن ئىشەنچ بىلەن ئاتامغا قاراپ «چوقۇم ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن» دېدىم ۋە ئالدىمدا سالاپەتلىك، سېھىرلىك، نۇرانە نورۇز بوۋاي ماڭا قۇچاق ئېچىپ تۇرغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ، «مەرھابا نورۇز بوۋا» دەپ خىتاب قىلدىم.

ئېلىنغان مەنبە؛خەلق تورى

http://uyghur.people.com.cn/156014/11240597.html


توردا
186سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
418 
تېما
37 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق تەپسىلى بىلىمەيتىم ، رەخمەت سىزگە خېلى بىلىمىگە ئىگە بولدۇم

توردا
45سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
138 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق تەپسىلى بىلىمەيتىم ، رەخمەت سىزگە خېلى بىلىمىگە ئىگە بولدۇم

توردا
107سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
320 
تېما
29 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت خىلى چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا !...............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-24 21:37

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.