ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون ئوغلۇم،سەندىن راستىنلا ئايرىلىشىم كېرەكمۇ ...
كۆرۈش: 107|ئىنكاس: 4
go

ئوغلۇم،سەندىن راستىنلا ئايرىلىشىم كېرەكمۇ؟؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
267سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
656 
تېما
21 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئوغلۇم،سەندىن راستىنلا ئايرىلىشىم كېرەكمۇ؟؟


ئوغلۇم،سېنىڭ قارا قولۇڭ يەنە مىنىڭ يانچۇقۇمغا سوزۇلدى،ماڭا ئازراقمۇ قويماي ھەممىنى ئاپىرىپ دوغا تىكتىڭ.قانچە قېتىم پۇل ئوغۇرلىغىنىڭ،قانچە قېتىم قىمار ئويناپ ئارتىلغان قەرزىڭنى تۆلىگىنىم ئېسىمدە يوق،سەن ھەر قېتىم پۇل ئوغۇرلىغىنىڭدا،مېنىڭ قانداق ھېسياتتا بولدىغىنىمنى ئويلاپ باقتىڭمۇ،بىلسەڭ،سېنىڭ ئوغۇرلىغىنىڭ پەقەت پۇللا بولماستىن،يۈرىكىمنىمۇ قۇرۇتۇپ قويدۇڭ.بەش يىل بولدى،سەن ئون ئۈچ يېشىڭدىن باشلاپ قىماردىن مېھرىڭنى ئۈزەلمىدىڭ،توپتوغرا بەش يىل بولدى،بۇ بەش يىلدىن بېرى قانچىلىك ياش تۆككەنلىكىم،قانچىلىك ئازاپلانغىنىم ئېسىمدە يوق،بىردىنبىر ئېسىمدە قالغىنى بەش يىلدىن بۇيان بىرە قېتىممۇ ئىچىمدىن خوشال بولۇپ كۈلۈپ باقمىدىم،يۈرىكىم زىدە بولدى،بىراق باشقىلار ئالدىدا چاندۇرماي يۈردۈم.

ئوغلۇم،ھەر قېتىم ئازاپلانغىنىمدا،سېنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆردۈم،سېنىڭ ھەر بىر كۈننى خوشال ئۆتكۈزۈشىڭدىن باشقىنى ئويلاپ باقمىدىم.

ئوغلۇم،ھەر قېتىم ئازاپلانغىنىمدا،سىنى يەنىلا چوڭقۇر سۆيدۈم،سېنىڭ ھامان بىر كۈنى ئارقاڭغا قايتىدىغىنىڭغا ئىشەنچىم بار.

ئوغلۇم،بۈگۈن ئاخىر ساڭا قول تەگكۈزدۈم،بىراق بىلەمسەن،سېنى ئۇرغىنىم بىلەن مېنىڭ بەدەنلىرىم ئاغرىپ كەتتى،بۈگۈن سېنى تىللىدىم،بىلەمسەن،سېنى تىللىغىنىم بىلەن يۈرىكىمدىن قان تامچىلىدى.بۇرۇن سېنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرگەن،بىراق ھازىر سېنى ئويلىساملا نىمە سەۋەپتىنكىن ئازاپتىن يۈرىكىم ئاغرىيدۇ.

ئوغلۇم،بۇ قېتىم مەن راستىنلا كېتىشنى ئويلاپ قالدىم،بۇرۇلۇپلا كېتىش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوخشاشلا ئازاپ،ئازاپتىن نەپەس ئىلىشقا مەن ئامالسىز.ئوغلۇم،مەن يوق كۈنلەردە ئۆز ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالامسەن يوق بۇنى بىلمەيمەن،سەن يوق چاغ،گەرچە ئارلىقىمىز يىراق بولسىمۇ،بىراق يۈرىكىم سەندىن ئايرىلىشقا چىدىمايدۇ.

ئوغلۇم،سەن نىمە ئۈچۈن مىنى بۇنچە تەڭلىكتە،بۇنچە ئازاپقا مۇپتىلا قىلىدىغانسەن؟؟؟

ئوغلۇم،مەن قايتتىم،يۇرتۇمغا قايتتىم،قاخشال بولۇپ قالغان تېنىمنى ئېلىپ قايتتىم،بىراق يۈرىكىم سېنىڭ بىلەن بىللە قالدى.

ئوغلۇم،ئېسىڭدە بولسۇن،چوقۇم ئېسىڭدە بولسۇن،ئۆزۈڭنى ئاسرا،ھەر بىر كۈنۈڭنى قەدىرلە~!


مەنبە: http://www.tianya.cn/publicforum/content/feeling/1/1631075.shtml دىن تەرجىمە قىلىندى


<خەنزۇچە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا،بەزى يەرلەرنى ياخشى تەرجىمە قىلالمىدىم،تورداشلىرىمنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەلەپلىرىنى ئايىماي ئوتتۇرغا قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن>

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-22 15:32

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
128 
تېما
25 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

بۇنى كۇرۇپ قايسىبىر كىتابتا ئۇقۇغان، بالىسىنىڭ قېمار ئويىشىنى تۇسۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قولىنى (بارمىقىنى) كىسىۋەتكەن، بىر ئانىنىڭ ھىيكايىسى ئىسمگە كىلىپ قالدى....ھەي....
ئانىنڭ كۆڭلى بالادا ئىكەن،
بالىنىڭ كۆڭلى تالادا ئىكەن.
....

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
239 
تېما
45 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ئەھمىيىتى بار تىما ئىكەن ، بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ ، ئاشۇنداق ئاتا - ئانىسىنى قاخشىتىدىغان بىرەرسى كۆرۈپ تۈزۈلۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
205 
تېما
15 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش muslimahinim نىڭ يازمىسى

راست ئارىمىزدا ئۇنداق كىشىلەر يوق ئەمەس.

توردا
128سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
464 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىڭىزنى ئوقۇپ بەك كۆڭىلۇم يىرىم بولىدى . مەن سىزىگە سەۋىرى تىەيىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-24 21:37

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.