ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مېنىڭ قايتۇرۇپ كەلگىنىم بەختمىدۇ (ساپ تىلەك ...

      

كۆرۈش: 255|ئىنكاس: 5
go

مېنىڭ قايتۇرۇپ كەلگىنىم بەختمىدۇ (ساپ تىلەك)

توردا
38سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
51 
تېما
17 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مېنىڭ قايتۇرۇپ كەلگىنىم بەختمىدۇ



ھېكايە




ئاپتۇرى: ساپتىلەك




ئەزىمەتنىڭ يان تىلىفۇنىنى كىمدۇ بىرى بىر قېتىملا سايرىتىپ، بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇپ تۇختاپ قالدى. بۇ بىر قېتىملا سايرىتىپ قويۇلغان تىلىفۇن كۆڭلۈمنى بىر قىسما قېلىپ تۇرىشىغا، يەنە بىر نەچچە ئۇچۇر ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. مەن ئەزەلدىن يولدىشىمنىڭ تىلىفۇنىغا قارىمايدىغان ئادەم نېمىشقىدۇر ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ تىلىفۇنىنى قولۇمغا ئېلىپ ئاۋال تىلىفۇن نومۇرىغا قارىدىم، ناتۇنۇش نومۇر، ئارقىدىن ئۇچۇرغا قارىدىم. بىرىنچى ئۇچۇردا <ئۆيگە ساق-سالامەت قايتتىڭىزمۇ؟> دىيىلگەن ئىدى. ئىككىنچى ئۇچۇردا <مەن بۇرۇن ئىچىپ باقمىغاچقا، ئىچكەن نەرسەم ئازراق تەسىر قېلىپ قاپتۇ> دىيىلگەن. ئۈچىنچى ئۇچۇردا <نېمە بولدى؟ يا تېلفۇننى ئالمايسىز؟ يا ئۇچۇر قايتۇرمايسىز؟> دىيىلگەن. تۆتىنچى ئۇچۇردا<ئەتە ئاشۇق-مەشۇقلار بايرىمى ئىكەن، مۇبارەك بولسۇن> دىيىلگەن بولۇپ، ھەممىلا ئۇچۇر ماھىرە ئىسىملىك بىرەيلەندىن كەلگەن ئىدى. ئىچىم تۇرۇپلا مۆشۈك تاتلىغاندەك بىئارام بولۇپ، چاپىنىمنى يىپىنچاقلاپ سىرتقا چىقتىم. سىرتنىڭ ئاچچىق سۇغۇق شامىلى يۈزلۈرۈمگە نەشتەردەك سانجىلىپ، تىنىمنى شۈركەندۇرۋەتتى. مەن سۇغۇقتا بىرئاز ئايلانغاندىن كېيىن ئۆيگە يىنىپ كىرىپ، كەيىپلىكتە پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئەزىمەتكە بىرھازا تىكلىپ قاراپ تۇردۇم. ئارقىدىن ئۇنىڭ يىنىدا ياتقۇم كەلمەي، قىزىمنىڭ يىنىغا چىقىپ ياتتىم. بىراق كۆزلۈرۈمگە زادىلا ئۇيقۇ كەلمەيتى..........
ئىدارىغا بېرىپمۇ قولۇم ئىشقا بارىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە مەن كىيىم ئالماشتۇرۇشنى زورلاپ تۇرمىسام ئالماشتۇرمايدىغان، ئەتىر ئىشلەتسەم <ئىشلەتمەڭ، ئادەمنى بىئارام قېلىپ....> دەيدىغان ئەزىمەتنىڭ بۇ يېقىندىن بېرى بىر كىيىمنى ئىككى كۈندىن ئارتۇق كىيمەيدىغان، قىممەت باھالىق ئەرلەر ئەتىرى ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالغانلىقى كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ، مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلىشقا باشلىدى. مەن بىر بىسىپ، ئىككى بىسىپ يان ئىشخانىدىكى ساۋاقدىشىم ئالمىرەنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. ئۇ مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قېلدى ۋە:
_نېمە بولدۇڭ؟ چىرايلىرىڭنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ كېتىپتىغۇ؟_دەپ سورىدى.
مەن بولغان ئىشنى شۇنداق دىگۈم بولسىمۇ ئەمما دىمەي چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم. بىراق ئۇ:
_بولدى، بوغۇزۇڭدىكىنى يۈتىۋەتمەي دەۋەتكىن، ئىچىڭ بوشاپ قالىدۇ_دىدى.
مەن ئۇچۇر ھەققىدىكى گەپنى ئەمدى تىشىپ تۇرۇشىمغا، ئۇ:
_ئاخىرى بىلىپ سەندە، ئۇ قىز ئەزىمەتلەر بىلەن بىر شىركەتتە ئىشلەيدۇ. مەن بىر ۋاقىتتا بىرنەچچە دۇستلىرىم بىلەن بىر ئارامگاھقا بارغان. ئەزىمەت شۇنداق مەس ھالەتتە بىر ئايرىمخانىدىن ئۇ قىزغا ئېسىلىپ چىقىۋىتىپتىكەن. مېنى كۆرۈپ ئالمان-تالمان چىقىپ كەتكەن. ئۆيگە بىرىپلا بۇ گەپنى ئابلىمىتقا دىسەم، ئابلىمىت <ئۇ ئاداش ماھىرە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن سۆرۈشۈپ يۈرىدۇ، گەپ قىلسام خاپا بولىۋاتىدۇ. شۇڭا كارىم بولمىغان، سەن بۇ گەپنى ئامىنەگە دەپ يۈرمە، بىر كۈنى تۈزۈلۈپ قالار> دىگەن، مەنمۇ ساڭا دىيىشنى بىئەپ كۆرگەچكە دىمىگەن_دىدى.
ئەمدى قولۇم ئىشقا بىرىشى مۈمكىنمۇ؟ شۇڭا رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتتىم. بىر كۈن خىيال قېلىپ چىقتىم. بۇ ئىشنى كەينىگە سۆرەشكە بولمايتتى. ئەزىمەت بىلەن سۆزلەشسەم، ئۇنى خىجالەت قېلىپ قويۇشۇم، ئارىمىزدا پەردىشەپ قالماسلىقى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا ئاخىرى ماھىرە بىلەن سۆزلىشىپ بىقىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئىشقا بېرىپلا، ھىلىقى كۈنى خاتىرلىۋالغان تىلىفۇن نومۇرىغا تىلىفۇن قېلدىم.
_ۋەي، ياخشىمۇ سىز؟ مەن ماھىرە...
تىلفۇندىن يىقىملىق ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ماھىرەنى چاي ئىچىپ كېلىشكە تەكلىپ قېلىپ، بىر ئورۇننى بىكىتتىم. تىلىفۇننى قويۇپ، ئۆزەمنى ئالاھىدە تۈزەشتۈرۈپمۇ كەتمىدىم. چۈنكى مەن ئۇ قىز ئالدىدا ئۆزەمنى غالىپ چاغلايتتىم. گەرچە مەن 30 ياشقا كىرىپ قالغان بولساممۇ، ئەمما يەنىلا چىرايلىق، ھەم تولغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ خىيالىمدا ئەزىمەت بىلەن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى مۇستەھكەم ئىدى. ئۇ ماھىرەنى بولسا پەقەت ئىچى پۇشقاندا مۇڭداشقۇچىسى ئورنىدا كۆرىدۇ دەپ ئويلايتتىم. مەن دىگەن ۋاقىتتا باردىم. ماھىرە تىخى كەلمىگەن ئىدى. ئالاھەزەل ئۇن مىنۇت ئۆتۈپ، تولىمۇ سىپايە، ئەمما مۇدا كىيىنگەن، تاراپلا قويۇپ بەرگەن چاچلىرى ئىنچىكە بەللىرىگە چۈشكەن تولىمۇ چىرايلىق بىر قىز سەل قورۇنغاندەك مېڭىپ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. يۈرۈكۈم ئىختىيارسىز قاتتىق سېلىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ مەن ئۆزەمنى تۇتىۋىلىشقا تىرىشتىم.

_تىچلىقمۇ؟ مەن ئەزىمەتنىڭ ئايالى ئامىنە بولىمەن، مەدەنىيەت ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن_دىدىم ئۇ قىزغا، ئىچىم ئاچچىق بولۇۋاتسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ.
_تىچلىقمۇ ئاچا؟ مەن بىلىمەن.
_قېنى چاي ئىچىڭ. بىرە نەرسە يەمدۇق؟
_بولدى، رەھمەت.
پارىڭىمىز ئۈزۈلۈپ، بىرھازا جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتۇق.مەن يەنە ئېغىز ئاچتىم.
_سىڭلىم، بەلكىم سىزنى نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە چاقىرىپ كەلگەنلىكىمنى بىلىپ بولدىڭىز، شۇڭا گەپ يۇرغۇلاتماي ئۇدۇللا دەۋىرەي. بەلكىم يا بىلىسىز، يا بىلمەيسىز. مەن ئەزىمەت بىلەن ئۈچ يىل يۈرۈپ توي قىلغان. ئوماق بىر قىزىمىز بار. ئائىلىمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك. ئەزىمەت بەلكىم سىزنى ئۆز سىڭلىسىدەك كۆرۈپ، ئىچى كۆيۈپ، ئامراقلىق قېلىدىغاندۇ. نەتىجىدە مۇناسىۋىتىڭلاردا بىرئاز بۇرۇلۇش بولغانمۇ بولىشى مۈمكىن. ماڭا ئەزىمەت سىز تۇغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەن. سىزنى خۇددى ئۆز سىڭلىسىدەك كۆرىدىكەن. مەن سىزنى تاماققا ئەكىلىشنى ئىيتقان، بىراق نېمە ئۈچۈندۇر ئۇ سىزنى تاماققا ئەكەلمەي قويدى. نېمە بولغاندۇ دەپ يۇرسەم، تۈنۈگۈن كەچتە ئۇچۇر يوللاپسىز. ئۇچۇرىڭىزنى كۆردۇم. ئاندىن ئەھۋالنى چۈشەندىم. بىراق سىڭلىم، ئەزىمەت ئاكىڭىز بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋىتىمنى دىمەيلا قوياي، ئۇ قىزىغا بەكلا ئامراق. شۇڭا بىزنىڭ ئاجىرىشىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەزىمەتمۇ مېنىڭچە ئاجىرشىش دىگەننى خىيالىغا كەلتۇرۇپ باقمىدى. بولمىسا مەن ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلسىدىن بۇنى ھىس قىلغان بولاتتىم. مەن قارىسام سىز بەك چىرايلىق قىز ئىكەنسىز. ئائىلىڭىزمۇ يىراقتا ئىكەن. سىزنى نى، نى بەخت كۈتۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا سىز بەختىڭىزنى بىر ئائىلىسى بار ئەرگە باغلاپ قويماڭ_دىدىم.
ئۇ قىزنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ئىككى تامچە ياش ئەگىپ چۈشتى. ئۇ بىردەمدىن ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن:
_ئاچا بولدى گەپ قىلماڭ. مەن بۇ يەرگە كەلگىچىمۇ مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىپ كەلگەن ئىدىم. خىيالىمدا سىزنى چاچلىرىمنى يۇلۇپ، تىللاپ، خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان. بىراق كۆرگۈنۈم پۈتۈنلەي باشقىچە مەنزىرە بولدى. مەن شىركەتكە يىڭىدىن كەلگەندە ئەزىمەت ئاكامنىڭ ئاكىلارچە مىھرى-مۇھەبىتىگە ئېرىشتىم. ئۇ توي قىلمىغان دىگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن رەسمى ئارلاشتىم. مەنمۇ ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم. كىم بىلسۇن بىر كۈنلەردە ئۇنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدۇم. ئەمما كۆڭۈل دىگەن بۇ نەرسىگە نېمە دىگۈلۈك، ئۇنىڭ قايتا-قايتا يالۋۇرىشى، ئايالى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ يەنە ئىرىپ كەتتىم. كىيىنچە مەن ئەزىمەت ئاكامغا كاتىپ بولدۇم. بىراق ئەزىمەت ئاكام ماڭا قانچە ياخشى مۇئامىلە قىلغانچە مەن شۇنچە ئۆمىدسىزلىنەتتىم. بۇمۇ ياخشى بولدى. ئاچا مەن دىگىنىمنى قىلىدىغان قىز، مەن بۈگۈندىن باشلاپ ئەزىمەت ئاكام بىلەن مۇناسىۋىتىمنى ئۈزىمەن. راست، ئاچا سىز خاتىرجەم بولۇڭ. بىز ناھايىتى پاك ئارلاشتۇق. باشقىچە خىيالدا بولۇپ قالسىڭىز مېنى ھاقارەت قىلغان بولۇپ قالىسىز_دىدى ئۇ.
ماھىرە گەپنى قىلىپ بولۇپلا سۇمكىسىنى ئېلىپ، چىقىپ كەتتى. مەن يىنىك بىرنى تىنىۋالدىم. بىراق ئىش بۇنىڭ بىلەن تۇگىمىگەن ئىدى. ئىككىنچى كۈنى كەچتە ئەزىمەت قايتىپ كەلمىدى. يىرىم كېچىلەر بولغان بولسا كېرەك، ئۇ ئىشىكلەرنى جالاقشىتىپ ئېچىپ ئۆيگە كىردى_دە، يوتقىنىمنى غەزەپ بىلەن قايرىپ ئىچىۋەتتى. ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ تىترەپ كەتتىم. ئۇ:
_قوپە قانجۇق،_دىگىنىچە كۆينىكىمدىن سۆرىگەن پىتى تۇرغۇزۇپ ئۇدۇل كەلگەن يىرىمگە ئۇرۇپ دەسسەشكە باشلىدى. ئاھ! خۇدا_مەن نېمە گۇناھ قىلغاندىمەن؟ ئاغرىق دەستىدىن ئۆيدە ئۆمىلەپ كىرگىدەك تۆشۇك ئىزدەيتتىم. ئۇ مېنى قويۋىتىپ تېلۋېزۇرنى يەرگە ئۇردى. تېلېۋىزور پارە-پارە بولۇپ كەتتى. ئۇ قولغا چىققانلىكى نەرسىنى ئىتىپ چاققاتتى. <سېنى ئۆلتۈرۋىتىمەن> دىگىنىچە يەنە ماڭا تاشلىنىپ چىچىمدىن سۆرەپ ئۇراتتى. چاچ تارتىلغاندىكى ئاغرىققا نېمە تۇغرا كەلسۇن. بىر ۋاقىتتا ئېشىك چىكىلدى. ئەزىمەتنىڭ قولىدىن مىڭ تەستە قوتۇلۇپ ئېشىكنى ئاچتىم. ئىككى قۇشنام ئىتىلىپ ئۆيگە كىرىپ ئەزىمەتنى توسۋالغانتى. بىراق ئۇ يەنىلا يولقۇنۇپ <ئۆلتۇرۋىتىمەن، مېنى تۇسىماڭلار> دەيتتى. مېنى ئىككى قوشنامنىڭ ئاياللىرى ئۆيىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇخلاش كۆينىكىمنىڭ ئالدى يىرتىلغان، قان بىلەن بويالغان ئىدى. مەن ئۆيگە كىرىپلا ئۆزەمنى باسالمەي ئۈن قويۇپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتىم. ئۆزەمنى باسالايدىغاندەك ئەمەس ئىدىم. قانچىلىك يىغلىدىم بىلمەيمەن، بىر ۋاقىتتا قوشنام تۇرسۇنئاي:
_ۋۇي، ئايخۇمار يۇققۇ_دەپ سورىدى. مەن دەرھال يىشىمنى تۇختۇتۇپ، ئۆيگە ماڭدىم. بىراق تۇرسۇنئاي مېنى توختۇتۇپ،ئۆزى چىقىپ كەتتى. ئۇ بەش مىنۇتلاردىن كېيىن قىزىمنى ئېلىپ كىرىپ:
_بىچارە قىز، ئۆيگە كىرسەم يۇق، ئايخۇمار دەپ تۇۋلىسام، بىر يەردىن ئاۋاز چىقىدۇ. قارىسام ئۇرۇن ئىشكاۋىڭلارنىڭ ئىچىگە تۈگۈلۈك كىرىۋىلىپ، قورقۇپ يىغلاپ ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كىتىپتۇ_دىدى.
مەن بىچارە قىزىمنىڭ ياشتىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ھالىنى كۆرۈپ، ئىچىم سىيرىلىپ، قىزىمنى باغرىمغا بىسىپ يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتىم . تاڭنىڭ قانداق ئېتىپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەپتىمەن. تۇرسۇنئاي قويغان چاينى زورلاپ ئىككى يۇتۇم ئوتلۇدۇم-دە، ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىپ ئۆيۈمگە چىقتىم. ئۆيۈمگە كىرىپلا يەنە ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، يىغلاپ تاشلىدىم. بىز ئاياللارغا ئاللا كۆز يىشى دىگەننى شۇنداق كۆپ ئاتا قىپتىكەن. ئۆيۈمنى بىر ھازا يىغىشتۇرۋىتىپ، كارۋاتقا ئۆزەمنى تاشلىدىم. كۆڭلۈمدە ماھىرەگە شۇنداق نەپرەتلەندىم. ئىككى كۈن ئاۋال ماڭا بەرگەن چىرايلىق ۋەدىلىرى، ماڭا بەرگەن <شىكەر يالتىلغان زەمبىرەك ئوقلىرى> كۆز ئالدىندىن بىردەممۇ نىرى كەتمەيتتى. ئۇستىخانلىرىم ئۇرۇپ چىقىۋەتكەندەك ئاغرىپ، يۈزلۈرۈم كۆكۈرۈپ ئىشىپ كەتكەچكە ئىشقىمۇ بارالمىدىم. كۆڭلۈمدە ماھىرە ۋە ئەزىمەتكە بولغان نەپرەتلا بار ئىدى.
ئىككى كۈنگىچە ئەزىمەت ئۆيگە كېلىپمۇ قويمىدى. مەنمۇ تىلىفۇن قىلمىدىم. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېشىك چىكىلدى. ئېشىكنى ئېچىپ ھەيران قالدىم. تاپسىدا مىۋە-چىۋە كۆتۈرگەن ماھىرە ماڭا قاراپ ھەيران بولۇپ، قېتىپ قالغاندەك قاراپ تۇراتتى. مەن سۇغۇقلا ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا:
_ئاچا، نېمە ئىش بۇ؟ مەن ئەھۋالنى بۇنچە ئېغىر ئەمەستۇ دەپتىمەن. ھىلىقى كۈنى سىز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەتىسىلا ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كىتىش تەكلىۋىنى قويغان ئىدىم. ئۇ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەي دىگەن، مەن <ئامىنە ئاچام شۇنداق ياخشىكەنغۇ، سىز شۇنداق ياخشى بىر ئايالغا ۋاپا قىلمىغان يەردە، ماڭا قانچىلىك ۋاپا قىلارسىز؟> دىگەن خاتا گەپنى قىپتىمەن. بۇنداق دىسەم ئەزىمەتنىڭ سىزنىڭ مەن بىلەن كۆرۈشكىنىڭىزنى بېلىپ قىلىشىنى پەقەت ئويلىماپتىمەن. ئۇ تۇنۇگۇن سىز بىلەن قاتتىق ئازارلىشىپ قالغانلىقىنى، ئەمدى ئۆي تۇتالمايدىغانلىقىنى ئىيىتتى. مەن سىزگە چۈشەندۇرۇپ قوياي دەپ كىلىشىم ئىدى. لىكىن نېمە گەپ ئەمدى، توۋا. ئادەم ئەمەسكەنغۇ ئۇ؟_ماھىرە بىر چەتتىن سۆزلەيتتى، بىر چەتتىن يىغلايتتى. مەنمۇ ئۆزەمنى زادىلا تۇتىۋالالمىدىم.
_ئاچا، بولدى، مەن ئەتىلا ئىستىپا بىرىمەن. يۈرتۈمغا كېتىمەن. ئەمدى بۇ يەردە تۇرغۇچىلىكىم قالمىدى. سىزدىن ئەپۇ سوراشقىمۇ يۈزۈم چىدىمايۋاتىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.
ماھىرە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ راستتىنلا يۈرتىغا كەتكەن ئىدى. بىراق ئەزىمەتنىڭ رۇھى چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالغان ئىدى. ماڭا تۇزۇكرەك گەپمۇ قىلمايتتى. بىر كۈنى كەچتە ئۇخلىغىلى يىتىپ، قانداقلارچە پۇتۇم ئۇنىڭ پۇتىغا تىگىپ كەتتى بىلمىدىم، ئۇ پۇتۇمنى تىپىپ نىرى قىلىۋەتتى. بۇ قىلىق ماڭا شۇنچىلىك ھار كەلدىكى بېشىمنى يۇتقانغا پۈركىۋىلىپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز مانا شۇنداق بارغانچە يىرىكلىشىپ كەتكەن ئىدى.
5-ئاي كېلىپ جاھان ئىللىشقا باشلىدى. ئەزىمەت ئۆرۈمچىگە بارماقچى بولۇپ تەيارلانغاندا، قىينانام مېنىمۇ بىللە بېرىپ، خىلى كونىراپ قالغان بەل ئاغرىقىمنى تەكشۇرتۇپ كىلىشىمنى ئىيتتى. ئەزىمەت ئاپىسىنىڭ گىپىنى رەت قىلالماي، مېنىمۇ بىللە ئېلىپ بارماقچى بولدى. يولغا چىقىش ئالدىدا ئەزىمەت يىڭىلا يۇغۇزۇپ تەييار قىلغان كاستىيۇمىنى كىيىۋىتىپ، مۇرىسىدىكى قارلىغاچنىڭ پوقىنى كۆرۈپ قىلىپ:
_سېنىڭغۇ بىرمۇ ئىشىڭدىن ئادەم خوش بولمايدۇ، ساراڭ شۇۋچىنىڭ......_دېدى-دە، چاپاننى زەردە بىلەن يەرگە ئاتتى. چاپاننى يەردىن ئىلىپ، توپىلىرىنى قىقىپ. ھېلىقى قارلىغاچ پوقىنى سۈرۈتتۇم. كۆزلىرىمدىن قويۇلغان ياش چاپان ئۈستىگە چۈشمەكتە ئىدى.
بىز تاكى ئۆرۈمچىگە بارغىچە بىرەر ئېغىزمۇ گەپلەشمىدۇق. ئۆرۈمچىگە كېلىپلا ئاچامنىڭ ئۆيىگە چۈشتۇق.......
ئەتىسى قايناق بازارنى ئايلىنىۋىتىپ ئاياللار بەدىنىنى سىقىپ كىيىدىغان ئىچ كىيىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەزىمەتكە قورقۇمسىراپ قاراپ، پىشىنى ئاستا تارتتىم.
_ئاۋۇ ئىچ كىيىمنى ئالاي دىگەن، 12.00 يۈەن ئىكەن. پۇل بارگەن بولسىڭىز بوپتىكەن_دىدىم مەن ئەزىمەتكە.
_پاتماندا بىر يەپ، چۇشقىدەك سەمىرىپ كەتكىچە نەپسىڭنى يىغمامسەن_دىدى ئۇ پىچىرلاپ زەردە بىلەن. ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، كۆزلىرىمدىن قويۇلۋاتقان يىشىمنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئاچام تېز ماڭسا، مەن ئاستا ماڭدىم. ئاچام ئاستا ماڭسا، مەن تېز ماڭدىم.
ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە بىنا ئالدىدا سېتىلىۋاتقان سىرىقئاشنىڭ مەزىلىك پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ شۇنچىلىك يىگىم كەلدىكى، ئېلىپ يەي دىسەم ھەتتا يىنىمدا 2.00 يۈەنمۇ يوق. ئەزىمەتنى ماڭا پۇل بارمەيدۇ دىسەم كىممۇ ئىشىنىدۇ-ھە. شۇنداق يىگىم كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ دەشنىمىدىن قورقۇپ تۈكۈرۈگۈمنى غۇرتتىدە يۈتىۋەتتىم. كەچقۇرۇن ئاچام بىيمىندىكى قىيناچىسىنى يۇقلاپ قويىشىمىزنى ئېيتىپ داستىخان راسلاپ بەردى.
ئاچام مېنى ئۆزىڭىزنى بەك تاشلىۋىتىپسىز دەپ، چاچلىرىمى ياسىتىپ، بىر قور كىيىم ئىلىپ بەرگەن ئىدى. بارغان يىرىمىزدىن قايتىپ چىقىپ، ماشىنىغا ئولتۇرماي پىيادە ماڭدۇق. ئۇ شۇنچىلىك تىز ماڭدىكى، ئۇنىڭغا يىتىشىش ئۈچۈن يۈگۈرىشىمگە تۇغرا كەلدى. شۇڭا ئۇنى تۇۋلاپ <ئاستاراق مىڭىڭ> دىدىم. ئۇ تۇختاپ تۇرۇپ گەجگەمدىن شۇنداق قاتتىق ئىتتىردىكى نەچچە قەدەم سەنتۇرلۇپ كەتتىم. ئۇ بىيمىندىن تاكى سەنشىخاڭزىغىچە بىردە ئىتتىرىپ، بىردە تىپىپ، تۇختىماي تىللاپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى. ئاھ! بۇ ئەلەمنى قانداق تارتاي. مەن بۈگۈن نېمە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولغىيتىم؟ ئەتراپتىكىلەردىن نۇمۇس قىلىپ ئىچى-ئىچىمدىن ئىزىلىپ يىغلاپ كىتىپ بارىمەن. كىمدۇ بىرسى <ھۇي ئۇكام، قانداق گەپ بولسا ئۆيدە دەڭ>دىدى. <ئىشلىرىنى قىلسىلا، بۇ دىگەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشى> دىدى، ئەزىمەت. ئىشىك ئالدىغا كىلىشىمىزگە:
_ماڭا قانجۇق، سېنى كۆرسەم سەپرايىم ئۆرلەپلا تۇرىدۇ، ھېلى تېخى ئاچاڭنىڭ ئالدىدا قىلىمەن قىلىدىغىنىمنى،_دېدى-دە، مېنى شۇنداق قاتتىق ئىتتەردى. مەن سەنتۇرلۇپ بارغانچە ئىشىكنى قولۇمدا ئەمەس، بىشىمدا چىكىپ، ئۆيگە كىردىم. شۇ كۈنى بىر كېچە ئويقۇ مەندىن يىراق ئىدى. يۇرتقا بىرىپلا ئاجىرشىپ كىتىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. چۈنكى مەن ئەمدى ئۇنىڭ خۇرلۇقلىرىغا بەرداشلىق بەرگىدەك يىرىم قالمىغان ئېدى. ھەم ئارىمىزدا مۇھەببەتىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك ئىدى.
ئۆرۈمچىدىن قايتىپ كىلىپ ئەتىسىلا ھاممام ئۆيۈمگە كىرىپلا مېنى چىڭ قۇچاقلاپ <بىچارە بالام> دىگىنىچە يىغلاپ كەتتى. ئەسلىدە ئاچام ھەممە ئەھۋالنى بىلگەن بولۇپ، ئاپامنى ئاياپ، ھاممامغا مېنى ئاجراشتۇرۋىلىشنى ئېيتىپ تىلىفۇن قىلغان ئىكەن. مەن ئاخىرى چىداپ بولالماي ئاپانىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتىم. ئاپامنىڭ ئۆيىدە ئالتە ئاي تۇرۇپ، خېلىلا ئازادە بولۇپ قالغان ئىدىم. ئاپاممۇ مېنى مىھماننى كۈتكەندەك كۈتەتتى. بىر كۈنى كەچتە تېلىۋېزۇر كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، قىزىم تېلېۋىزوردا ناخشا ئىيتىۋاتقان بىر ناخشىچىنى كۆرسۈتۈپ <ئەينە دادام چىقتى> دىدى چۈرۈك تىللىرى بىلەن. نەچچە ئايدىن بىرى قىزىنى بىر قىتىممۇ ئىزدەپ باقمىغان دادا چىدىغان بىلەن، ئەمدىلا تۆت ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قىز دادىسىنى سىغىنغان ئىدى. ئىچىم ئاچچىق بولدى. نۈرغۇن نەرسىلەرنى ئويلۇدۇم. ئەزىمەت بەكمۇ ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ئىدى.
بىر كۈنى قىزىمنى يەسلىدىن ئېلىپ كىلىۋاتسام، قىزىم مەندىن:
_ئاپا، مۇھەببەت دېگەن نېمە؟_دەپ سورىدى. مەن كىچىككىنە بىر قىزنىڭ بۇنداق سۇئال سورىشىنى ئاڭلاپ، داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم ۋە بىر ھازا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. قىزىم يەنە ياندۇرۇپلا:
_ئاپا، مۇھەببەت دېگەن دادىسى، ئاپىسى، بالىسى بىللە يۇرسە، بىللە تاماق يىسە، بىللە ئۇخلىسا، ئۇرمىسا مۇھەببەت بولامدا؟_دەپ سورىدى.
_شۇنداق، تاتلىقىم،_دىدىم مەن.
_ھە، بىلدىم. ئەمسە دادام بىلەن سىز مۇھەببەت ئەمەسكەنسىز. ئۇ سىزنى كەچكىچە ئۇرىدۇ. يەنە چىچىڭىزنى تاتىدۇ،_دىدى قىزىم. مەن ئازاپتىن تىترەپ كەتتىم. كۆز چاناقلىرىمدا يەنە ياش ئەگىشكە باشلىدى.
ئادەمنىڭ ئازىدىغان ۋاقىتلىرى بولغىنىدەك، تۈزىلىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىز سەككىز ئاي ئايرىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئەزىمەت ناھايىتى چوڭ جۈرئەت بىلەن ئاپامنىڭ ۋە مېنىڭ ئالدىمغا ناماقۇل بولۇپ، ئەپۇ سوراپ كەلدى. ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى بىرمۇ-بىر بوينىغا ئېلىپ، ئەپو سورىدى. <<ئېگىلگەن بويۇننى قىلىچ كەسمەپتۇ>> دەپ يەنە ئۆيۈمگە يىنىپ چىقتىم. ئۇ راستىنلا تۆۋە قىلغاندەك ئىدى. مەنمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدىم.
ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەن بىر كۈنى ئۇ يەنە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېغىر كەيىپ بولۇپ كىرىپ، ئۇخلاپ قالدى. قىزىق ئىش، يەنە شۇنداق تىلىفۇن. بۇ قېتىم تىلىفۇن ئۆيدىكى مۇقىم تىلفۇنغىلا كەلگەن ئىدى.
_ۋەي، سىز ئامىنە ئاچامما؟ مەن زۇلپىيە بولىمەن. مەن 4-ئايدا XXX شەھەردە ئەزىمەت بىلەن تونۇشۇپ قالغان. مەن بۇ يىل 22 ياشقا كىردىم قاراڭ. مەن بىر تاللا بازىرى ئاچىمەن، ئاتا-ئاناممۇ شۇنداق ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى. ئۇ مېنى ئالداپ <ئايالىم بىلەن ئاجىرشىپ كەتتىم، سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ماڭا تىگىڭ> دەپ گۆللىسە، مەن ئەخمەق ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۆزەمنى بىغىشلاپتىمەن. 6-ئايدا تىخى مەن سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردە بىر ھەپتە تۇردۇم. ئەلبۇمىڭلارنى كۆردۇم. قىلىدىغاننى قېلىپ، ئۇ جىممىدە بولۋالدى. ئاڭلىسام سىلەر يارىشىپ قاپسىلەر. مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ ھۆ..........ھۆ...........ھۆ..............._ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى.
تىلىفۇن قولۇمدىن سىرىلىپ چۈشۈپ كەتتى. رۇھىم چىقىپ كەتكەندەك قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەزىمەت ھاجەتخانىغا چىققاندىلا ئاندىن ھۆشۇمنى يىغدىم.
_چىراقنى ياندۇرىۋىتىڭە_دىدىم مەن.
_مۇڭدۇشامدۇق_دىگىنىچە ئۇ مېىنى غىدىقلاپ چاقچاق قىلدى.
_شۇنداق، مەن سىزنىڭ نى خۇرلۇقلىرىڭىزنى كەچۇرۋىتىپ، يەنە ئۆيىڭىزنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. يەنە سەۋەنلىكىڭىز بولسا يەنە كەچۈرىمەن. بىراق سەمىمى، راستچىل بولۇڭ_دىدىم.
_ئۇندەرەپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟
_ياقەي، ئىيتىڭە، XXX شەھەردىكى زۇلپىيە دىگەن كىم؟
ئەزىمەت ماڭا ھاڭۋىقىپ قاراپلا قالدى. ئۇ ئۆزىنى سەل تۇختىتىۋىلىپ ئاندىن <ئۇ قىزنىڭ كېچىلىك بەزمىخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن شۇ يەردە تۇنۇشقانلىقىنى> سۆزلەپ كىلىپ، ماڭا بۇ ئىشنىڭ بارلىق جەريانلارنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى. مەن ھىچنېمە دىمىدىم. بىرسى مېنى قاتتىق بىر پىرقىرتىپ قويۇپ بەرگەندەك بولۇپ قالغان ئىدىم. ئەزىمەت مېىنى بۇرۇنقىدەك ھۆرمەتلەپ ئۆتىدىغانلىقى، بىزنىڭ يارىشىپ قىلىشىمىزغا سەۋەپچى بولغان ئىش <بىر يولدىن چىققان دادا سەۋەبىدىن ئۇ دادىنىڭ قىزىغا كەلگەن ئېغىر پاجئە> ئىكەنلىكىنى، يەنە ئۆزىنىڭ ھېلىمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
مانا ھەش-پەش دېگىچە ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپتۇ. بۇ تۆت يىلدا ئارىمىزدا نە جىدەل، نە ئازارلىق بولسۇن. بىز شۇنچىلىك ئىناق ئۆتۈپ كېتېۋاتاتتۇق. مەن خۇددى بۇرۇنقى ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا ئىدىم. گاھىدا دوستلۇرۇم بىرەر دۇستىمىز تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىك تارتىپ قالسا، مېنى ئۈلگە قىلىپ <قاراڭلا ئامىنەگە، ئۇمۇ شۇنچە بارداشلىق بېرىپ، ئاخىرى ئۆيىنى قوغداپ قالدى> دېگەن ۋاقىتتا ئۇ ئىشلار يادىمغا كىلىپ، يۈرۈگۈم ئاغىرىغاندەك بولاتتىم-دە، يەنە بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئۇ ئىشلار ئاستا-ئاستا يادىمدىن كۆتۈرلۈشكە باشلايتتى. مەن ئۇنى ئاخىرى تامامەن كەچۈردۇم. بىراق، بۇ ئىشلار يەنە تەكرارلىنىپ قالارمۇ دەپ بىئارام بولاتتىم. مەن ئۆز-ئۆزەمگە ھەر ۋاقىت <مېنىڭ قايتۇرۇپ كەلگىنىم بەختمىدۇ؟> دەپ پىچىرلايتتىم.

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
239 
تېما
45 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكلا ياخشى يىزىپسىز ، تىخىمۇ تىرىشىڭ ، نادىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
18سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
36 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىت ...مۇشۇنداق ئەرلەردىن بىر ئۆمۇر نەپرەتلىنىش كېرەك...

Rank: 8Rank: 8

توردا
406سائەت 
نادىر تېما
دوست
35 
يازما
621 
تېما
117 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاياللارنىڭ كەڭ قۇساقلىقى مانا مۇشۇ يەردە؟ ئۇماق پەرزەنتىنى دەپ نى-نى خورلۇقلارغىمۇ بەرداشلىق بىرىدۇ.

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
21 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق ئەرلەردىن خۇدايىم ساقلىسۇن ، تەس جۇمۇ بۇنداق كۆڭلى بۆلنىپ كەتكەن ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتمەك ،

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
21 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنداق ئەرلەردىن خۇدايىم ساقلىسۇن ، تەس جۇمۇ بۇنداق كۆڭلى بۆلنىپ كەتكەن ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتمەك ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-24 21:37

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.