ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر قانۇن بىلىملىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قا ...
كۆرۈش: 50|ئىنكاس: 0
go

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى(13-ماددسىدىن31-ماددسغ

توردا
10سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
49 
تېما
23 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش



13- ماددا
تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلسا بولمايدۇ:




(1) كۆچمەس مۈلۈكنى باھالىتىشنى تەلەپ قىلىش؛



(2) يىللىق تەكشۈرۈش دېگەندەك ناملار بىلەن تەكرار تىزىملاش؛



(3) تىزىملاش مەسئۇلىيىتى دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا ئىشلار.


14- ماددا
كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىدىغان بولسا، ئۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىگە تىزىملىغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.


15- ماددا
قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغان ياكى توختامدا ئايرىم پۈتۈم بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئالاقىدارلار تۈزۈشىدىغان كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش توختامى تۈزۈلۈپ بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ نەرسە ھوقۇقى تىزىملىتىلمىغان بولسا، توختامنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.



16- ماددا
كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرى نەرسە ھوقۇقى تەۋەلىكى ۋە مەزمۇنىنىڭ ئاساسى بولىدۇ.

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقۇرىدۇ.



17- ماددا
كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ شۇ كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولىدۇ. كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە يېزىلغان ئىشلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك؛ بىردەك بولمىسا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدىكىسى ئاساس قىلىنىدۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپات بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.



18- ماددا
ھوقۇقدارلار، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار تىزىم ماتېرىيالىنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ئۇنى بېرىشى كېرەك.



19- ماددا
ھوقۇقدارلار، مەنپەئەت مۇناسۋىتى بارلار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ئىشلار خاتا بولۇپ قاپتۇ دەپ قارىسا، تۈزىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ھوقۇقدار تۈزىتىشكە يازما قوشۇلسا ياكى تىزىمدا ھەقىقەتەن خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتى بولسا، تىزىملىغۇچى ئاپپارات تۈزىتىپ بېرىشى كېرەك.

كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش دەپتىرىدە تىزىملانغان ھوقۇقدار تۈزىتىشكە قوشۇلمىسا، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار باشقىچە پىكىرنى تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تىزىملىغۇچى ئاپپارات باشقىچە پىكىرنى تىزىملاپ، ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىچە پىكىر تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دەۋا قىلمىسا، باشقىچە پىكىر تىزىمى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. باشقىچە پىكىر تىزىمى مۇۋاپىق بولماي، ھوقۇقدار زىيان تارتسا، ھوقۇقدار ئىلتىماس قىلغۇچىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.



20- ماددا
نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى كاپالەتلەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئالاقىدارلار ئۆي سېتىش ياكى باشقا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى سېتىش- سېتىۋېلىش كېلىشىمى تۈزۈشتە، تىزىملىغۇچى ئاپپاراتقا پۈتۈشكىنى بويىچە خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغان كۆچمەس مۈلۈك خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملاتقان ھوقۇقدارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىلغاندىن كېيىن، ھەقدارلىق ھوقۇقى بىكار قىلىنغان ياكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشقا بولىدىغان كۈندىن باشلاپ 3 ئاي ئىچىدە تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىنمىغان بولسا، خەۋەرلەندۈرۈپ تىزىملىتىش ئىناۋەتسىز بولىدۇ.



21- ماددا
ئالاقىدارلاردىن يالغان ماتېرىيال بېرىپ تىزىملىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

تىزىملىغۇچى ئاپپاراتلاردىن خاتا تىزىملاپ قويۇپ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تىزىملغۇچى ئاپپارات تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، خاتا تىزىملاشنى پەيدا قىلغۇچىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.



22- ماددا
كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ھەققى كۆچمەس مۈلۈكنىڭ كۆلىمى، ھەجمى ياكى باھا نىسبىتى بويىچە ئېلىنماي، سانى بويىچە ئېلىنىدۇ. كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى باھا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.



2- پاراگراف كۆچمە مۈلۈكنى تاپشۇرۇش



23- ماددا
كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش نەرسە تاپشۇرۇلغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.



24- ماددا
كېمە- پاراخوت، ئاۋىئاتسىيە ۋاسىتىسى ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتارلىقلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشنى تىزىملاتمىغانلار ياخشى نىيەتلىك 3- كىشى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ.



25- ماددا
كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇن، ھوقۇقدار شۇ كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلىگەن بولسا، قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولغاندا نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.



26 - ماددا
كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇن، 3- كىشى شۇ كۆچمە مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئىگىلىگەن بولسا، تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار كىشى 3- كىشىدىن تاپشۇرۇلىدىغان نەرسىنىڭ ئورنىغا قايتۇرۇلىدىغان ئەسلىي نەرسىنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش يولى بىلەن بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.



27- ماددا
كۆچمە مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغان چاغدا، 2 تەرەپ شۇ كۆچمە مۈلۈكنى ھەقلىق بەرگۈچى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرۇشنىمۇ پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم كۈچكە ئىگە بولغاندا نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.




3- پاراگراف باشقا بەلگىلىمىلەر



28- ماددا
خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە كېسىم كومىتېتىنىڭ قانۇن ھۆججىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش قارارى قاتارلىقلار ئارقىلىق نەرسە ھوقۇقى بېكىتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان ياكى يوقىتىلىدىغان بولسا، ئۇ، قانۇن ھۆججەتلىرى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلىش قارارى قاتارلىقلار كۈچكە ئىگە بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.



29- ماددا
ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيىنى قوبۇل قىلىش يولى بىلەن ئېرىشىدىغان نەرسە ھوقۇقى ۋارىسلىق قىلىش ياكى ھەدىيىنى قوبۇل قىلىش باشلانغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.



30- ماددا
ئۆينى قانۇنلۇق سېلىش- چېقىشتەك پاكىتلىق ھەرىكەت بىلەن بېكىتىلىدىغان ياكى يوقىلىدىغان نەرسە ھوقۇقى شۇ ھەرىكەت ۋۇجۇدقا چىققان چاغدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.



31- ماددا
مۇشۇ قانۇننىڭ 28- ماددىسىدىن 30- ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلەر شۇ نەرسە ھوقۇقىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىشقا تېگىشلىك تۇرۇپمۇ تىزىملاتمىسا، نەرسە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sansiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-21 15:10

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-24 21:18

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.