جىگدە ھىدىگە ئورالغان ئەتراپ، يۈرەكتە چۇقان كۆتىرەر سەۋدا. قۇلۇقۇمدا ئىزتىراپلىق كۈي، سەۋدالىقتا يۈرەكلەر تەنھا.
ئىللىق باھار قوينىغا كىردىم، تەنھالىقتىن قاچقىلى يىراق. ئازابلارنى قالدىم قۇچاقلاپ، ۋۇجۇدۇمنى قىينىدى پىراق.
ئەستىلىككە ئورالدى كۆز ياش، ھېجرانلاردا داغلاندى يۈرەك. سەنسىز باغلار كەتتىغۇ قۇرۇپ، گۈللىرىممۇ ئاچماپتۇ پورەك.
بىرگە يۈرگەن باغلارنى كەزدىم، كۆرۈنمىدى باغدا ئىزىڭمۇ؟ يۈرەكلەردە سېغىنىش ھىدى، سەنچۇ جېنىم ،سېغىنمىدىڭمۇ؟
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-21 00:53
|