ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 33|ئىنكاس: 1
go

قوشاقلار

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
72 
تېما
11 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قوشاقلار


كۆك قۇمۇشقا ئوتنى قويسا،
مەن ئۇنى كۆيمەس دېگەن.
كۆڭلى قارا يارىمنى ،
ئايرىلىپ كەتمەس دىگەن.

چىنە-چىنە سۇ ئىچەرمەن،
كۆيگىنىم پەسلەرمۇ دەپ.
بۇ بېيىتنى سىلەرگە ئېيتتىم،
ھەر ۋاقىت ئەسلەرمۇ دەپ.

ئۆستەڭ بويى ئېگىز قاش،
كەتمەن سالسام تېگى تاش.
سۆيەي دېسەم بويۇم پەس،
ئېگىلىپ بەرسىلە قەلەمقاش.

باغقا بۇغداي تېرىسام ،
بۇ غداي بۇدۇشقاق بولىدۇ.
ياندا بەش پۇڭ بولمىسا،
خوتۇن ئۇرۇشقاق بولىدۇ.

سارايىڭدا چوڭ مورا ،
ئوچاق بېشىدا كورا.
يامانلىق قىلغان خېنىمغا،
شاپتۇل تايىقى دورا.

تۆرەلمەك بىر، تۇغۇلماق بىر،
لېكىن چوڭ بولمىغىڭ.
بەندىگە باش ئۇرمىغىن،
ئەجىلىڭ باشقا_ باشقا.

مەنبە <<قەشقەر خەلىق قوشاقلىرى>>

توردا
128سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
464 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخىشى قوشاقىلار ئىكەن . ئۇزاق بوپىتىكەن قوشاق ئوقمىغىلى . قوشاقىلىرڭىز بولسا . ھارمىغايىسز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-24 20:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.