ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر قانۇن بىلىملىرى جەنۇبىتىكىلەرنى قۇبۇل قىلغان كارخانىلار 50 ...
كۆرۈش: 451|ئىنكاس: 6
go

جەنۇبىتىكىلەرنى قۇبۇل قىلغان كارخانىلار 50 مىڭ يۇەن ئۈسۈمسىز قەرىز

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
21 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئازسانلىق مىللەت خادىملىرىنى قۇبۇل قىلغان ئورۇنلار ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 50 مىڭ يۇەن
ئۆسۈمسىز قەرىزگە ئېرىشەلەيدىكەن


ھەرخىل كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستىتن، ئازسانلىق مىللەت ياكى ئالىي-ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن قىز ئوقۇغۇچىللىرىنى قۇبۇل قىلسا، قەرىز ئالايدۇ ھەم ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 50 مىڭ يۇەن ياردەم ئۈسۈملىك
قەرىزدىن بەھرىمان بۇلالايدۇ.

شىنجاڭدا تىزىملاتقان كارخانىلار ھەم شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرلۇش كۆتىرە ئالغان ھەرخىل كارخانىلار، 2011- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، يېڭى قۇبۇل قىلغان « ئىشسىزلىق تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» بار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستىتن ( قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش)، ئازسانلىق مىللەت ياكى ئالىي- ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن قىز ئوقۇغۇچىللىرىنى قۇبۇل قىلىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزىسە، ھەم بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تارقاتقان[2010]18- نۇمۇرلۇق ھۆجەتتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دۆلەت بەلگىلىگەن پۇل- مۇئامىلە ئاپاراتلىرىدىن ھەربىر ئادەم ئۈچۈن 50 مىڭ يۇەندىن ياردەم ئۈسۈملىك قەرىز ئالالايدۇ.

1. ياردەم ئۈسۈملۈك قەرىز مەبلىغىنى ھىسابلاش . ياردەم ئۈسۈملىك قەزىرنىڭ سوممىسى يېڭى قۇبۇل قىلغان ئادەم سانىغا ئاساسەن ھىسابلىنىدۇ، ھەربىر ئادەم ئۈچۈن 50 مىڭ يۇەن سوممىدىكى ياردەم ئۈسۈملىك قەرىز ئالالايدۇ. ھەربىر ئالىي- ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردەم ئۈسۈملىك قەرىز مۇددىتى بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئىجراقىلىش مۇددىتى ئوخشاش بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 5 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ياردەم ئۈسۈملىك قەرىز ئۈسىمى ئوخشاش مەزگىلدىكى بانكا ئۈسىمىنىڭ ئاساسىي نىسبىتى بويىچە ئىجراقىلىنىدۇ. ياردەم ئۈسۈملىك قەرىز ھىسابلاش، پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرى بەلگىلىگەن قەرىز ئۇمۇمىي سوممىسى بىلەن ئۈسۈم مۇددىتى ئىچىدە،يېقىدىن قۇبۇل قىلغان ھەر بىر ئالىي- ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياردەم ئۈسۈملىك
قەرىزنىڭ سوممىسى 50 مىڭ يۇەن بولىدۇ، ئارتۇق قىسمى خەلق بانكىسى بىكىتكەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە بولىدۇ. شۇ يىلقى ئەمەلىي بەرگەن ئۈسۈم سوممىسى ھىسابلانغان ياردەم ئۈسۈملىك قەرىز سوممىسىن ئاز بولسا، ئەمەلىي ئەمەلىي بەرگەن ئۈسۈم سوممىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

2. ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈش تەكشۈرۈش تەرتىۋى. ياردەم ئۈسۈملىك قەرىز ئۈسۈم سىياسىتى تەۋەلىك بويچە باشقۇرۇلىدۇ، « ئاۋال بېرىش كىيىن تۇلۇقلاش، ئەمىليەتكە ئاساسەن بېرىش، يىل بويىچە ھىسابلاش» شەكلى قوللىنىلىدۇ. شەرىتكە ئويغۇن كىلىدىغان، پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرىدىن قەرىزگە ئېرىشكەن كارخانىلار، كارخانا تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا قەرىز ياردەم ئۈسۈمىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھەم كارخانىنىڭ ئىلتىماسىنى، تىجارەت گۇۋاھنامىسى، يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان
ئالىي- ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى، ئەمگەك توختامى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى بىلەن
« ئىشسىزلىق تىزىملاش گۇۋاھنامىسى»، ئىش ھەققىنى بەرگەنلىك ئىسپاتى، پۇل مۇئامىلە ئاپاراتلىرىدىن قەرىز ئالغان توختام، بانكا ھىسابات نۇمۇرى قاتارلىق ماتىرياللارنى تەمىنلەيدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەكشۈرۈپ، تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىغا قاراپ چىقاندىن كىيىن ، بىۋاستە كارخانلارغا بېرىلىدۇ.

3.ئىككىنچى يىلى ۋە كىيىن يېڭىدىن قۇبۇل قىلغان خادىملارغا قارتا يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئىلتىماس، تەكشۈرۈش تەرتىۋى ۋە ئۇسۇلى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

4. بۇ سىياسەتنىڭ تەستىقلاش مۇددىتى 2011-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ.

مۇشۇ ھەقتىكى سىياسەتلەر ۋە مۇشۇ سىياسەتنىڭ ئاخرىنى مۇشۇ يەردىن كۆرۈڭ :http://tanhaburkut.blogbus.com/

مەنبە ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-21 21:59

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
21 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىقلاپ قويىشىنى سورايمەن، ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن -سىياسەتلەر مۇجەسسەملەشكەن، مۇمكىن بولسا ئىز تورى ئىزدەش سېستىمىسىغا قۇشۇۋېلىشىنى سورايمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
784سائەت 
نادىر تېما
دوست
94 
يازما
2708 
تېما
456 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولىدىغان تېما ئىكەن - جۇمۇ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
936سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
265 
تېما
68 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگنىڭىزگە كۆپ رەخمەت

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
21 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسلىي بۇنىڭدەك ئۇچۇر سىياسەتلەر خېلىي جىېق، پەقەت مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ،دىققەت قىلىدىغانلار ئاز خالاس.

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
154 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى ئۇچۇركەن ياخشى ئۇچۇرلار بولسا دائىم يوللاپ تۇرارسىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
21 
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
iliqi يوللانغان ۋاقتى 2011-3-22 10:50
ياخشى ئۇچۇركەن ياخشى ئۇچۇرلار بولسا دائىم يوللاپ ت ...

بۇنداق ئۇچۇرلارغا قىزقسىڭىز بىلوگىمدىن ئىز دىسىڭىز بولىدۇ، ھەممىنى بۇ مۇنبەرگە چىقىرىشمۇ ئەپسىز.
http://tanhaburkut.blogbus.com/
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-24 21:34

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.