samawar يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

كەچمىش رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

كەچمىش رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە
(ئوبزور)
ئابلاجان بوۋاقى

     ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل-1987 يىللىرى يازغان «ئېھ، ھايات»، «گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشىلەر» ناملىق نادىر ھېكايىلىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بەدئىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «رەڭدار قۇيۇن»، « ئۇ كۆزلەر»، «باھاردا ياغقان قار»، « ھاڭگىرت كۆلى»، « ئوربىتا»، « ئارمان»، « مەختۇمسۇلا»، « تىمتاس شەھەر»، «تاش شەھەر»، «شەھەردە كالا يوق» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلارنى يېزىپ، ناھايىتى ئىجابىي ۋە زور ئەدەبىي غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان مۇنەۋۋەر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ  بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «كەچمىش» ناملىق تۇنجى رومانى 2011-يىلى 7-ئايدا «قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى» ۋە « شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەجداد ئۇدۇمىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز روھىنى قېزىپ، يىلتىزلىرىنى ئىزدەپ، ئىزتىرابلىق تۇيغۇلارغا غەرق بولۇپ يۈرگەن بىر توپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇسسىغان ۋە چاڭقىغان يېرىگە بېرىپ، مۇھاكىمە-مۇتالىئە ۋە  بەس-مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن تالانتلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە شائىر ئابدۇقادىر جالالىددىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئوبزورچىلار رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا خېلىلا ۋەزنى ئېغىر بولغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رومان ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ رومان ھەققىدىكى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار  گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىللە، غەيرى بىرەسمىي سورۇنلاردىمۇ ئاغزاكى بايان قىلىنىپ، ئىجابىي باھالار ھەر دائىم ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەلدى. بەزىلەر بۇ روماندا يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدىيە ھەققىدە توختىلىپ:« روماندا توختاخۇن ئەۋلادىنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلىش ئارقىلىق، ئەينى دەۋرلەردىكى خەلقىمىزنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ئاچچىق قىسمەتلىرى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بىزنى ھاياتلىقنىڭ شۇنداقمۇ كۈنلىرى-تاڭسۇق قىسمەتلىرى بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىققا ۋە ئىشەندۈرۈشكە دەۋەت قىلغان…» دېسە، يەنە بەزىلەر بۇ روماننىڭ ئوبراز يارىتىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى  چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ:« بۇ روماندا توختاخۇن، يۈسۈپ ئاخۇن، ئابدۇكېرىم قارىھاجى، ھېلىماخۇن، رۇستەم، روزىقارى، زەينەپ، نەمەت، ئالتۇنگۈل…» قاتارلىقلارنىڭ ئوبرازلىرى روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان ھالدا يارىتىلغان. پېرسۇناجلار ئوبرازلىرىنى يارىتىشتا ئاپتور تەبئىيلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، سۈنئىيلىكتىن خالىي بولۇپ، ئۆز پېرسوناجلىرىنى شۇ دەۋرنىڭ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيىتى ئىچىگە قويۇپ، ئىنسان روھىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ياراتقان…» دېسە؛ يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى باسالمىغان ھالدا بۇ روماننىڭ تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، تېتىملىق، مەنىدار ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ بىلگىنىچە پىكىر بايان قىلىشاتتى. يەنە ئايرىم ساندىكى ئوي -پىكىرلىك بەزى كىشىلەر :« بىزدىنمۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكىدەك چوڭ ھەجىملىك، مۇنەۋۋەر، دۇنياۋىي سەۋىيەدىكى رومان يېزىلىپتۇ، دېسەك، بىراق ئاۋۇ ‹خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى› ۋە ‹تۇلپارمۇكاپاتى› نى قانداق باھالىدىكىن، مۇشۇ رومانغا نەزەر-گۈزىرىنىمۇ سېلىپ قويماپتۇ…» دەپ ئېغىر پۇشقۇنۇش ئىچىدە ئۇھسىنىشاتتى.  شۇنداق، مەيلى ئۇلار ئاددىي بىر ئاددىي (مەندەك) ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتى بىلەن قانداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسۇن، بۇ تالانتلىق يازغۇچىنىڭ بەدئىي دىتىغا قايىل بولماي قالمايتتى. رومان ھەقىقەتەن مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلغان بولۇپ، مەيلى تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش،تارىخنى، شۇ تارىخ ئىچىدىكى ئالاھىدە «كەچمىش»لەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پېرسۇناجلارنىڭ ھاياتىي-پائالىيەتلىرىنى  ئەكس ئەتتۈرۈش، شۇ دەۋرگە خاس بولغان مىللىي خاراكتېرگە ئىگە ئوبراز يارىتىش، تىل ئىشلىتىش، بايان قىلىش ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن پايدىلىنىش جەھەتلەردىن بولسۇن، ئەسىرىمىزدە يېزىلغان ۋە نەشر قىلىنغان رومانلارنىڭ ئالدى ئىدى.
يولى كەلگەندە شۇنىمۇ دەپ  ئۆتۈش زۆرۈركى، ھەتتا بەزى ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى بولغان ئوقۇرمەنلەر بۇ روماننى «تارىخىي رومان» دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرۈپ:« … چۈنكى، بۇ روماندا توغراقلىقتىن ئىبارەت ئادەم ئايىغى تەگمىگەن ئالتۇن ماكاندا تۇنجى بولۇپ ياشىغان نەچچە ئەۋلاد ئاددىي، ساپ دىل، سەمىمىي، ئوت يۈرەك، كۆيۈمچان (كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى روھىي بۇلغىنىشنىڭ زامانەن تېڭىلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا)، مېھنەتكەش، ئۈمىدلىك، مەردۇ-مەردانە، ساداقەتمەن، ۋاپادار كىشىلەرنىڭ ھايات تارىخىي ئوبرازى ھەرقايسى دەۋردىكى ئالاھىدىلىكلەرگە سىڭدۈرۈلگەن ئاساستا يىغىنچاق بايان قىلىنغان ۋە تەسۋىرلەنگەن. بىز ئۇنىڭدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ روھىنى ھىدلىيالايمىز، قەلب تىۋىشلىرىنى ئاڭلىيالايمىز، ھايات ئىزلىرىنى ئاسانلا تاپالايمىز…» دەيتتى. ئۇلار راست ئېيتاتتى. مەنمۇ بۇ روماننى تۇنجى قېتىم ئوقۇغان چېغىمدا زەينەپخان ئانىنىڭ 20 ياش ۋاقتىدىلا ھالال جۈپتىنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىدىن بىخەۋەر چۆچۈرىدەك بالىلىرىنى مىڭبىر مۇشەققەتتە يىگانە ھالدا بېقىش جەريانىدا تارتقان قىيىنچىلىقلىرى تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي رەھمەتلىك ئانامنى ئەسكە ئېلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلغانتى. دېمەك، بۇ روماندا ئاز كام ئىككى ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھاياتىي «كەچمىش»لىرى ناھايىتى روشەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مېنىڭچە، بۇ روماننى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىدىن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ:
بىرىنچى، بۇ روماندا ئىپادىلەنگەن ۋەقەلىك ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك، مۇرەككەپ، ئەگرى-توقاي، كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان ۋە ئالاھىدە مۇھىتتىكى قىستۇرۇلغان ئەسلىمىلەرگە تولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاپتور بۇ روماننىڭ قۇرۇلمىسىنى يېزىشتىن ئاۋۋال قايتا-قايتا ئويلانغان، تاۋلىغان ۋە پىششىقلاپ ئىشلىگەن بولغاچقا، بايان قىلىش جەريانىدا ئوقۇرمەننى زىنھار زېرىكتۈرۈپ قويمايدۇ. بۇ روماننى ئوقۇپ بەھر ئېلىپ روھىي مەلھەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن قولىغا ئالغان ئوقۇرمەننىڭ ئۇنى ئوقۇپ تۈگىتىپ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزمىغىچە، قولىدىن چۈشۈرگىسى كەلمەيدۇ. ئوقۇپ بولۇپ تەگسىز ئويلارغا غەرق بولغىنى بولغان. ئۇنداقتا، روماندىكى ئوقۇرمەننى شۇنچىۋالا جەلب قىلغان ۋە ئويغا سالغان نەرسە زادى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىلەر قەلبىدە شۇنچىلىك بېسىلغۇسىز ھاياجان پەيدا قىلالىدى؟…بۇ پەقەت تونۇش ۋە تۇتاش مەھەللىلەر، ئوتلۇق، سەمىمىي، نۇرانە چىرايلار، يېقىملىق، تەبئىي، يېقىشلىق تۇرمۇش، ئەگرى-توقاي ھاياتلىق مۇساپىسى ۋە ئىنساننىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنىڭ پەردازسىز ئىپادىلىنىشى بولۇپ، يازغۇچىنىڭ تىلى، بولۇپمۇ جايىغا كەلتۈرۈلۈپ ئىشلەتكەن ئاجايىپ كېلىشىملىك ھەم پاساھەتلىك ئوخشىتىشلىرىدۇر.
ھەممىمىزگە روشەنكى، چىنلىق-ئەدەبىياتنىڭ، جۈملىدىن خالىدە ئىسرائىل قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان «كەچمىش»تەك تارىخىي ۋە رېئالنى تۈسى قويۇق بولغان ئەسەرنىڭ جېنى بولۇپ، ئۇ تالانتلىق يازغۇچىنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن ھاياتلىق ئىماگلىرىنى ھېس قىلىپ، روھىي مەنزىلگە يېتىدۇ. بۇنىڭغا يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەدئىي دىتى قوشۇلۇپ، ئەسەرنى روھ كۆكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان بۈركۈتسىمان  ئانا قۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى بىر تەرەپتىن زوقلاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستېتىك ھوزۇرغا ئىگە قىلىدۇ.شۇنىمۇ ئالاھىدە قوشۇپ قويۇش كېرەككى، يازغۇچىنىڭ بۇ نادىر رومانىدىكى پېرسۇناجلارنىڭ ئاچچىق كەچمىشلىرى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى سۇ-سۇ قىلىپمۇ تاشلايدۇ، تېخى! مانا، ھەم ھاياجانغا  سالالايدىغان، ھەم كۈلدۈرەلەيدىغان، ھەم يىغلىتالايدىغان، ھەم ئۆلتۈرەلەيدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىك پەقەت ئۆزىنى ۋەتەن-مىللەتنىڭ دەردى، قىسمىتى، روھىي ئىچىگە قويۇپ، يۈرەك قېنى بىلەن ئەسەر يازغان مۇنەۋۋەر، ئوت يۈرەك، قىسمەتكار يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىلا چىنلىق بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ.
مولھوسۇللۇق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل ئۆزىنىڭ بايانغا ماھىر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پېرسۇناجلارنىڭ روھىدىكى پىسخىك ئۆزگىرىشلەرنى ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن سىزىپ بېرىپ، ئاجايىپ زور بەدئىي ئۇتۇققا ئېرىشكەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بېرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور توغراقلىقتا كۆك دېھقاننىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان رۇستەمنىڭ نازىرنىڭ جىيەن قىزىنى  ئېلىپ، نازىر ئۈرۈمچىگە يۆتكەلگەندە  مېھرىبان ئانىسىدىن ئايرىلىپ تەڭ يۆتكىلىپ، مۇدىرلىققا ئۆسكەندە، ئاسمىنى كەڭ يەردە، ساددا، يامان غەرەزسىز، مېھرىبان، ۋاپادار، قەلبى ئاتەش كىشىلەر بىلەن بىللە چوڭ بولغىنىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، دۆڭكۆۋرۈكتىن كىچىك ماشىنا بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يولنى ئىگىلەپ تىجارەت قىلىۋاتقانلاردىن ئىچى پۇشۇپ  ئۇلارنى تىللاپ كەتكەنلىكىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىدىكى ئەسلىنى ئۇنتۇپ، بىھۇدە ئاينىپ، كۆزىگە ياغ تولۇپ،  ئالجىغانلىقىدەك خاراكتېرىنى ئۇستىلىق بىلەن  ئېچىپ بېرىدۇ :«…نېمانداق قاملاشمىغان خەق بۇ؟… تىجارەت قىلسىمۇ يولنىڭ تېشىدا قىلسا بولمامدۇ، ئاۋۇ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا لاغايلاپ يۈرگەنلەر نېمىشقا پىيادىلەر يولىدا ماڭمايدىغاندۇ؟…». ئويلاپ باقساق، رۇستەم ئەسلىدە ھېچقانداق يول تەرتىبى يوق، چەكسىز كەتكەن قۇملۇق گىرۋىكىدىكى توغراقلىقتا، بىر مۆمىن، ئەسلىگە سادىق بەندىنىڭ ئۆيىدە  چوڭ بولغان ئەركە، تىرىشچان، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي، ئاددى-ساددا، مېھرىبان بالا ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ «نېمانداق خەق بۇ؟» دېگەن سوغۇق جۈملىسىدىكى «خەق» زادى كىم؟ ئاپتور شۇنچىلىك قىسقا دىئالوگ  ئارقىلىق شەھەر مۇھىتى، زامانىۋىيلىق ۋە باشقا ئاتالمىش «دەۋر سادا»لىرىنىڭ  كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى قانداق ئاينىتىپ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.    ئاپتور يەنە خەلقىمىزنىڭ ئەينە ۋاقىتتىكى ھال-كۈنلىرىنىڭ تۈگىمەس تېگى ۋە  تۈكى يوق باجلار تۈپەيلىدىن قانداق پاجىئەلىك ھايات كەچۈرگەنلىكىنى ئېچىپ بېرىپ، ئەسەرنىڭ خاسلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق يازىدۇ:«…يەر بېجى، ئۆي بېجى، تۇز بېجى، ئوتۇن-سامان بېجى، چاي بېجى، ياغ بېجى، باغ بېجى، بازار بېجى، يول بېجى،  كۆۋرۈك بېجى، چارۋا بېجى، تۇياق بېجى، تۈگمەن بېجى… دېگەندەك ھەددىي-ھېسابسىز باج ئالۋان-ياساقلار كىشىلەرنىڭ گەجگىسىدىن بېسىپ تىن ئالالماس قىلىپ قويدى…». قاراڭ، بۇ تەپسىلاتلار تەسۋىرىنېمە دېگەن چىن، ئۇنىڭ  قايىل قىلىش كۈچى نېمە دېگەن زور-ھە؟ بۇ تەپسىلاتلار تەسۋىرى قانداق قىلىپ شۇنچىلىك چىنلىققا ئىگە بولالىدى؟ سەۋەب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئاپتورغا نىسبەتەن ئالدى بىلەن ئۇ مۇھىت ئىنتايىن تونۇش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتور ئۇزاق يىللىق كۈزىتىشنى زارىقىش ئىلكىدە ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەكرار ئويلىنىپ، ئۆز روھىنى ئاشۇ ساماۋىي قۇملۇقتىن ۋە ياپيېشىل توغراقلىقتىن ئىزدەپ تېپىپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئەمەلىي يېزىقچىلىققا كېرىشكەن. مانا بۇ خىل روھىي تاۋلىنىش ئەسەرگە باقىيلىققا تۇتاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە مەڭگۈلۈك ئاسايىشلىق ئاتا قىلغان.
ئىككىنچى، تالانتلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بۇ روماننى تىل جەھەتتىن خاسلىققا ئىگە قىلغان. ئېنىقكى، «تىل-ئەدبىي ئەسەرنىڭ تۇزى» (ئەھمەد دەرۋىش). تىل جەھەتتىن پىشمىغان، تاۋلانمىغان، ئانا تىلنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆز ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرمىگەن ھەرقانداق بىر بەدئىي ئەسەر ھەرقانداق جاھانشۇمۇل ۋەقەنى ئەكس ئەتتۈرىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە ئەۋلادلارنىڭ قەلب قەسىرىگە نەقىشلىشىگە ساززابەر بولالمايدۇ.
يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل رومانىدا ھەر بىر دەۋردىكى پېرسۇناجلارنىڭ خاس خاراكتېرىنى يارىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا  نامايەن قىلىشتا ئۇنىڭ ئىشلەتكەن تىلىنىڭ خاسلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بىلىشىمىز كېرەككى، تارىخ تەكرارلانمايدۇ، ئەگەر تەكرارلىنىدۇ دېسە، ئۇ ھامان قەلبتىكى پىغاندىن زاھىرلانغان قەلەم ئارقىلىق ئەدىبىي ئەسەرلەردە تەكرارلىنىدۇ، بۇ خىل تەكرارلىق قانداقتۇر ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ تەكرارلاش بولماستىن، بەلكىي ئۆلگەن تارىخقا ھەقىقىي مەنىدىكى قان تەقدىم قىلىپ، جان كىرگۈزۈش ئۇسۇلى-يولى بىلەن جانلىق تەكرارلاشتىن ئىبارەتتۇر.  شۇنىمۇ دەپ قويۇش كېرەككى، مىللەتنىڭ تىلىمۇ تارىخ ئىچىدىن پەقەت ئەدەبىياتنىڭ ھامىيلىقىدا يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي مەنىدە نامايەن قىلىدۇ. كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«ئەڭ ئالىي يوليورۇق، ئىچىدە ئاش بولمىسا، تاغار ئۆرە تۇرغان يوق، توغراقلىق دېگەن يۇرتتا، دېھقانغا يەيدىغان ئاش يوق. قەرزگە ئالاي دېسەڭ، ئامبارچى بىلەم كويجى يوق. قۇرۇق گەپنى تولا قىلما، نەمەت دېگەن گېلى پوق…». قەدىرلىك ئوقۇرمەن، بۇ كۈلكىلىك قوشاقنى ئوقۇغاندا، بۇ روماننى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن چوقۇم بۇنى داۋۇت كاناينىڭ نەمەت تازغا قارىتىپ دېگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ-دە، بىر تەرەپتىن ئاچچىق ئىزتىراب ئىلكىدە ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگىدەك كۈلۈپ، پۇخادىن چىقىدۇ ھەم سولچىللار سورىغان شۇنداق بىر دەۋردە داۋۇتنىڭ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان پاجىئەدىن خاتىرجەمسىزلىنىدۇ.  
شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىپ ئۆتۈش ئارتۇق كەلمەيدۇكى، بىر ئەل سۆيگەن ئەدىبنىڭ بىرىنچى ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتى ئۆز مىللىتىنىڭ روھىي پاكلىقىنى قوغداپ، روھىي ۋە ئېتىقادىنى تاكامموللاشتۇرۇش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىلىرىدىن بىرى بولغان تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا ئالاھىدە جىلۋىلىنىدۇ. شۇڭا ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بۇ روماندا كۈنىمىزدە ئىستىمالدىن قالغان ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان :«…دەرسگۇيلۇق، ئۈمتۈلدى، دەستار، ئاتالىق غازى، غەللە-تاناپ، كاجۋا، شانا، جىرغا، دىڭزى، يۇلقۇنۇپ، كۆلۈ، دۇمبا، خامىرى، پەتتە…» قاتارلىق سۆزلەرنى جۈملە ئىچىدە جايى-جايىغا كەلتۈرۈپ ئىشلىتىپ، نىسبەتەن قەدىمىيلىككە ئىگە بولغان بۇ سۆزلەرنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ بايلىقىنى مۇجەسسەملەنگەن غەزىنىسىدە كام بولسا زادى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۈچىنچى، ئاپتور ئۆز رومانىنى يەنىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا قۇۋۋەتلىك رول ئوينايدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى دەل ئورنىدا ئىشلىتىپ ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشىش بىلەن بىللە، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىشلارنىڭ ئەڭ سەرخىللىرىنى ھېچكىمنىڭ ئەسىرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان  بىر ھالەتتە روياپقا چىقىرىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىردەك قايىللىقىنى  قوزغايدۇ. مەسىلەن:« ئالاقزادىلىك ئىچىدە قالغان سەبىي كۆزلەر، توزاققا چۈشكەن قۇش قانىتىدەك لىپىلداپ كەتكەن ئۇزۇن كىرپىكلەر… ئۇ باش ئۈستىنى يېشىل پەردىدەك توسۇۋالغان يوپۇرماقلار ئارىسىدىن بۇلاق تەرەپكە تەقاززالىق بىلەن قارىدى… جىمىرلاپ تۇرغان پايانسىز قۇملۇقتا خۇددىي بىر تال ئارغامچىدەك سوزۇلۇپ ياتقان  يولغا… چېكى يوقتەك بىلىنىدىغان ۋەھىمىلىك كېچىلەردە بوراننىڭ ھۇشقۇيتىشى، دەرەخلەرنىڭ غىرىسلاپ ئىڭرىشى، قوناق شاخلىرى بىلەن چاتقاللارنىڭ شۇۋۇلدىشى، ئۆگزىدە نېمىلەرنىڭدۇر تاراقلىشى خۇددى يىراق غايىپ شەھەردە بەزمە قۇرغان جىنلارنىڭ نەغمە-ناۋاسىدەك بىلەتتى (بۇ جۈملىدە جانلاندۇرۇشمۇ جايىدا قوللىنىلغان)… ئۇي تۇۋىقىچىلىك يېرى، نوغۇچچىلىك سۈيى بولمىغان دېھقاننىمۇ دېھقان دېگىلى بولامدۇ؟… خۇددىي غۇر-غۇر شامالدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ يېنىك مەۋجىدەك تۈرۈم-تۈرۈم قۇملارمۇ، بورانلىق دېڭىزنىڭ ئۆركەشلىرىدەك ئېگىز، ھەيۋەت قۇملارمۇ بار ئىدى…» ۋاھاكازالار. ئىزدەپ كەلسەك، مۇنداق مىساللارنى ناھايىتى كۆپلەپ تاپالايمىز، ئەلۋەتتە. بۇندىن باشقا ئاپتور تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت تەسۋىرىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن  بولۇپ، بۇ تەسۋىرلەرنىڭ چىنلىقى ۋە گۈزەللىكىمۇ روماننىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئالاھىداە ئاشۇرغان. كۆرۈپ ئۆتەيلى:«…ئۇپۇقتا قۇياش ئاستا-ئاستا پېتىپ كېتىۋاتاتتى. كۈننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ سەھەردە قىزغۇچ، چۈشتە كۈمۈشرەڭ، كەچتە پېتىپ كېتىۋاتقان كۈننىڭ رەڭ جۇلاسىدا قىزىل تۈس ئالغان قۇملۇق نامازشامنىڭ خىرە-شىرە پەردىسى ئاستىدا بىر پەس زەڭگەر بولۇپ كۆرۈندى ۋە بۇ رەڭ بارا-بارا قويۇقلىشىپ زېمىن بىلەن تۇتاش كەتكەن، سىياھتەك قاراڭغۇلۇققا چۆمدى…»، « ئىللىق، تىنچ كۈز كۈنلىرىدە توغراقلىق گويا تۇتاش كەتكەن، مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان ئالتۇن رەڭلىك دولقۇن ئىچىدە چايقىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ بىر خىللىقنى بۇزۇپ تۇرغان ئېتىزلاردىكى يېڭىدىن ئۈنۈپ چىققان ياپيېشىل كۈزگى بۇغداي مايسىلىرى بىرنەچچە كۈن قەيسەرلىك قىلىپ باقىدۇ-دە، ئاخىر تەن بېرىپ، ئاستا-ئاستا بۇ چەكسىز سېرىقلىق ئىچىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ. سارغايغان باغلاردا كۈز ئاپتىپى ۋايىغا يەتكۈزۈپ پىشۇرغان يەل-يېمىشلەر، ئېتىزلاردا سارغىيىپ پىشقان، توپا باسقان قوناقلار ئەتراپتا مەست قىلغۇچى پۇراقلىرىنى تدرقىتىدۇ…» قاراڭ، بۇ تەسۋىرلەر ساپ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگىلا خاس بولغان تەسۋىر بولغانلىقى بىلەن گۈزەللىك  ئالىمىدە يىگانىدۇر، ئەلۋەتتە.
تۆتىنچى، بۇ روماندا ئۆزىگە خاس بولغان ئىنسانىي خاسلىققا ئىگە پېرسۇناجلار ئوبرازلىرى خېلىلا جانلىق يارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى سوغۇققانلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ قازىدىغانلا بولساق، ھازىرمۇ مەزكۇر روماندا تەسۋىرلەنگەن توختاخۇن، تۇردىئاخۇن، ئابدۇكېرىم قارىھاجى، زەينەپخان، ئالتۇنگۈل، گۈلناز، نەمەت تاز، ئابباس نازىر، رۇستەم ۋە روزىقارىلارنىڭ پروتېتىپىنى ئەتراپىمىزدىن تېپىش ئىمكانىيىتمىز پۈتۈنلەي يوق ئەمەس. چۈنكى، بۇ روماندا تەسۋىرلەنگىنى ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى، پېرسۇناجلار بولسا، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۆزىمىز بولۇپ، بىزنى مىڭ قېتىم ئوقۇشتىمۇ ھېچقانداق غەيرىلىك ھېس قىلدۇرمايدۇ. بىراق ئەينى رېئاللىق بىلەن ئەسەردىكى ھاياتىي تۇرمۇش ۋە زامانىمىزدىكى «بىز» بىلەن ئەسەردىكى پېرسۇناجلارنى تامامەن ئوخشايدۇ، دەپ سېلىشتۇرۇپ تۇرۇۋېلىشمۇ ئىنسان ئەقلىگە سىغمايدۇ، ئەلۋەتتە.
قىسقىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلىنىڭ «كەچمىش» ناملىق بۇ رومانى ھەر جەھەتتىن مۇۋەققىيەتلىك يېزىلغان رومان بولۇپ،  بىر ئاددىي ئوقۇرمەننىڭ بۇنچىلىك بىر ئاددىي تەسىراتى-«ئىككى كەلىمە»سى بىلەن ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تۈگەللەپ كەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ھەر بىر خالىس نىيەتلىك ئوقۇرمەننىڭ ئۆز كۆزقاراشلىرىنى دادىللىق ۋە ئادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىش بىلەن بىللە كىچىككىنە يېتىشسىزلىكنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:
بىرىنچى، رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بۇ رومان بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەچچە دەۋر ۋە شۇ دەۋردە ياشىغان نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ھاياتىي «كەچمىش»لىرى تەسۋىرلەنگەن رومان بولغاچقا، ۋەقەلەر بىرئاز زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىللە، بەزى ۋەقە-تەپسىلاتلار ناھايىتى تەپسىلى يېزىلىپ، يەنە بەزىلىرى ناھايىتى كولتا بايان قىلىنغان. گەرچە بۇ ئاپتورنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش بولسىمۇ ياكى مەركىزى ئىدىيەگە مۇناسىۋەتلىك يەرلەر تەپسىلى، ئانچە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس يەرلەر قىسقىراق يېزىلىدىغان بولسىمۇ، مەن بۇ پىكرىمنى يەنىلا ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم. مەسىلەن: بىرىنچى قىسىمدىكى ئالتىنچى باب ئاران ئىككى يېرىم بەت، يەتتىنچى باب بولسا تۆت يېرىم بەت يېزىلغان بولۇپ، ئەسلىدە بۇنىڭدىمۇ مۇھىم بولغان مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىكىن، تەپسىلىرەك يېزىلىشى ياكى باشقا بابقا قوشۇۋېتىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ مېنىڭ يۈزەكى قاراشلىرىم، قالغىنى ئاپتورنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتۇر.
ئىككىنچى، بۇ روماندا يەنە ئايرىم جۈملىلەر ئىچىدە بەزى سۆزلەر توغرا قوللىنىلمىغان. مەسىلەن:« تېزراق بېدە چىقسا، يۇمران، سېمىزلىرىنى چاناپ-چاناپ چۆچۈرە ئەتسەم، غورا سېلىپ ئاش ئەتسەم…دەپ ئويلايتتى» دېگەن بۇ جۈملىدىكى «چاناپ-چاناپ» دېگەن سۆز توغرا قوللىنىلمىغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا «سوقۇپ-سوقۇپ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە توغرا بولاتتى. بۇنى ئاپتور ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەھەر، يېزا-قىشلارلاردىمۇ «چاناپ-چاناپ» دەپ ئىشلەتمەيدۇ.  يەنە بىرى بۇ ئىككى سۆز ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاپتور بىلمەيدىغان يەردىمۇ بولمىسا كېرەك. يەنە كۆرۈپ باقايلى:« بىر ئاخشىمى ئادەم كۆپ چىقىۋالغان بىر ئۆي گۈلدۈر-غالاپ قىلىپ ئۆرۈلۈپ، كىنو كۆرۈۋاتقانلارنى چاڭ-توزانغا پۈركىدى» دېگەن جۈملىدىكى «پۈركىدى» دېگەن سۆز جايىغا چۈشمىگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا «كۆمۈۋەتتى» دېگەن بولسا ناھايىتى توغرا، جانلىق، ئۈنۈملۈك بولغان بولاتتى. يەنە تېخى مۇنداق جۈملىلەرمۇ ئۇچرايدۇ:« بىر چەتتە، ئەتىگەن ئوماچ قايناتقان چوڭ قازاننىڭ قىسمىقىنى تالىشىپ، كۈچۈكتەك بوغۇشۇۋاتقان…» دېگەن جۈملىدىكى «قىسمىقىنى» دېگەن سۆز «قىژمىقىنى» دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى. چۈنكى «قىسماق» دېگەن تۇتىدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ قازاندىكى قىژماق بىلەن ھېچقانداق مەنەن يېقىنلىقى ياكى مۇناسىۋېتى يوق. «يەنە قانداقلا بولمىسۇن تۆت ئەزايى ساق قايتىپ كەلگىنىنى ئويلاپ، كۆڭلى سەل تەسكىن تاپتى…» دېگەن بىر جۈملىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىكى «ئەزا» «تۆت» ئەمەس، «بەش» بولسا توغرا بولاتتى. يەنە روماندا :« ئورتاقچى، دەسماللاپ، پېرىمۇ ئوقۇتتى، ‹ئېچىل سۇپرام›…» دېگەن سۆزلەرمۇ توغرا ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، ئەسلىدە جانلىق تىل بويىچە «ئوتاقچى، دەسمال، ‹ئېچىل داستىخىنىم، ئېچىل›، دەپ يېزىش بىلەن بىللە «پېرىمۇ ئويناتتى» دەپ ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. بۇندىن باشقا ئاپتور ھەممىمىزگە تونۇش ۋە ئەسىرلەردىن بېرى قېلىپلىشىپ قالغان «غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلدىن خەۋىرى يوق» دېگەن ماقالنى « غوجامنىڭ قورسىقى توق، كەمبىغەل بىلەن ئىشى يوق» دەپ ۋاريانتلاشتۇرۇپ، ئېلىپ قويغان. مېنىڭچە، «قۇل» بىلەن «كەمبىغەل» دېگەن ئىككى سۆز ئىككى مەنىدە بولسا كېرەك. گەرچە «قۇل»لارنىڭ ھەممىسىنى «كەمبىغەل» دېيىشكە بولسىمۇ، بىراق «كەمبىغەل»لەرنىڭ ھەممىسىنىڭ «قۇل» بولىشى ناتايىن.
ئويلايمەنكى، گەرچە بۇ سەۋەنلىكلەر بۇ روماننىڭ يۇقىرىقىدەك  مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمىسىمۇ، ئاپتورنىڭ ھەم ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىپ، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىمىزدە تۈزىتىۋېلىشىمىزغا تامامەن ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن!

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ رومان ھەقىقەتەن ياخشى رومان ئىكەن .مەن بۇ قېتىم سەپەردە ئوقۇپ مۇشۇ ھەقتە بىر تەسىرات يىزىش ئۇستىدە ئويلانغان ئىدىم . مەن بۇ روماننى يۇز يىل غېرىپلىق رومانىغا ئوخشاتتىم .ھەقىقەتەن ئىسىل رومانكەن

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

{:112:}

alip يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئىككىنچى، بۇ روماندا يەنە ئايرىم جۈملىلەر ئىچىدە بەزى سۆزلەر توغرا قوللىنىلمىغان. مەسىلەن:« تېزراق بېدە چىقسا، يۇمران، سېمىزلىرىنى چاناپ-چاناپ چۆچۈرە ئەتسەم، غورا سېلىپ ئاش ئەتسەم…دەپ ئويلايتتى» دېگەن بۇ جۈملىدىكى «چاناپ-چاناپ» دېگەن سۆز توغرا قوللىنىلمىغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا «سوقۇپ-سوقۇپ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە توغرا بولاتتى

چۆچۈرە ئىتىدىغان بېدىنى شۇ چانايدۇ. بىلمىگەن نەرسىنى جۆيلىگىچە ئىمىزگىسىنى ئىمىپ ياتسىچۇ بوۋاق.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 18:02  

بۇ روماندا يەنە ئايرىم جۈملىلەر ئىچىدە بەزى سۆزلەر توغرا قوللىنىلمىغان. مەسىلەن:« تېزراق بېدە چىقسا، يۇمران، سېمىزلىرىنى چاناپ-چاناپ چۆچۈرە ئەتسەم، غورا سېلىپ ئاش ئەتسەم…دەپ ئويلايتتى» دېگەن بۇ جۈملىدىكى «چاناپ-چاناپ» دېگەن سۆز توغرا قوللىنىلمىغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا «سوقۇپ-سوقۇپ» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە توغرا بولاتتى. بۇنى ئاپتور ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەھەر، يېزا-قىشلارلاردىمۇ «چاناپ-چاناپ» دەپ ئىشلەتمەيدۇ.  يەنە بىرى بۇ ئىككى سۆز ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاپتور بىلمەيدىغان يەردىمۇ بولمىسا كېرەك. يەنە كۆرۈپ باقايلى:« بىر ئاخشىمى ئادەم كۆپ چىقىۋالغان بىر ئۆي گۈلدۈر-غالاپ قىلىپ ئۆرۈلۈپ، كىنو كۆرۈۋاتقانلارنى چاڭ-توزانغا پۈركىدى» دېگەن جۈملىدىكى «پۈركىدى» دېگەن سۆز جايىغا چۈشمىگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا «كۆمۈۋەتتى» دېگەن بولسا ناھايىتى توغرا، جانلىق، ئۈنۈملۈك بولغان بولاتتى. يەنە تېخى مۇنداق جۈملىلەرمۇ ئۇچرايدۇ:« بىر چەتتە، ئەتىگەن ئوماچ قايناتقان چوڭ قازاننىڭ قىسمىقىنى تالىشىپ، كۈچۈكتەك بوغۇشۇۋاتقان…» دېگەن جۈملىدىكى «قىسمىقىنى» دېگەن سۆز «قىژمىقىنى» دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى. چۈنكى «قىسماق» دېگەن تۇتىدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇنىڭ قازاندىكى قىژماق بىلەن ھېچقانداق مەنەن يېقىنلىقى ياكى مۇناسىۋېتى يوق. «يەنە قانداقلا بولمىسۇن تۆت ئەزايى ساق قايتىپ كەلگىنىنى ئويلاپ، كۆڭلى سەل تەسكىن تاپتى…» دېگەن بىر جۈملىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىكى «ئەزا» «تۆت» ئەمەس، «بەش» بولسا توغرا بولاتتى. يەنە روماندا :« ئورتاقچى، دەسماللاپ، پېرىمۇ ئوقۇتتى، ‹ئېچىل سۇپرام›…» دېگەن سۆزلەرمۇ توغرا ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، ئەسلىدە جانلىق تىل بويىچە «ئوتاقچى، دەسمال، ‹ئېچىل داستىخىنىم، ئېچىل›، دەپ يېزىش بىلەن بىللە «پېرىمۇ ئويناتتى» دەپ ئېلىنىشى كېرەك ئىدى.
_________________________
بىر ئوبدان يېزىلغان ئوبزورنىڭ مۇشۇ يەرلىرى مىنى قايىل قىلالمىدى . ئوبزورچى ئاساسلىق بايقىغان ‹‹نۇقسان ›› مۇشۇ ئوخشايدۇ . بۇ ئەپەندىمنى دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ قوللىنىدىغان چۈشىنىشلىك  شىۋىلىرىنى  بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس دەپ ئويلىدىم(ئۆزىمۇ بۇ يەردە شۇ سۆزلەرنىڭ مەنىداش سۆزىنى تاپالاپتۇ بولمىسا) ، شۇنداقتىمۇ روماندا قوللىنىلغان يۇرت شىۋىسىنى يەنە بىر يۇرتنىڭ شىۋىسىگە بويسۇندۇرۇشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالغاندۇ ؟ بېدە توغرىسىدا قەشقەر تەرەپلەردە سوقۇش دەپ ئالىدۇ ، ئەمما تەكلىماكان قىرغاقلىرىدىكى خېلى كۆپ يۇرتلاردا چاناش دەپ ئالىدۇ .ئالايلۇق ، بىزنىڭ يۇرتتا سوقۇش دىسە قاتتىق نەرسىنى ئۇۋاقلاش، ئىزىش دەپ چۈشىنىمىز ، بېدە يۇمشاق نەرسە ، ئۇنى چەيدو دىگەن نەرسىدە  پىياز چانىغاندەك ئۇششاق قىلىپ ئاندىن تاماققا ئىشلىتىمىز  ،ئۇ تەرەپلەردە  پىياز سوقۇش دىگەندەك گەپلەرنى شەخسەن مەن ئاڭلاپ باقمىدىم ، لېكىن بۇ  ئىككى نەرسىنى تەييارلاشتا ئۇسۇل ئاساسەن ئوخشاش .
‹‹سۇپرا ›› دىگەن سۆز ئورتاق شىۋىمىزدىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ: ‹‹ ئېتى ئۇلۇغ ،سۇپرىسى قۇرۇق›› ، قۇلاق سۇپرىسى  دىگەندەك...
قالدى كەلتۈرگەن مىساللىرىدىمۇ خاتالىقنى كۆرسىتىپ بېرىمەن دەپ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر بولۇپ قاپتۇ. مەيلى قايسى يۇرت شىۋىسى قوللىنىلسۇن ئەسەر بەدىئىيلىكىنى ئاشۇرۇپ  ئاپتۇرنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنىنى ئۇقۇرمەنگە ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىسە شۇ كۇپايە دەپ قارايمەن . شۇڭا بۇ خىلدىكى تالاش تارتىشنى ئەڭ ياخشىسى كۆپ قىلمىغان تۈزۈك ، بۇنداق تالاش تارتىشنىڭ ئاخىرىنىڭ قانداق چىقىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

ئۇقۇپ بېقىپ بىر نىمە دەي

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بىرەر بەت خەتنى تەلەپ بويىچە يېزىشمۇ بەك ئاسان ئەمەس مەندەك ئادەملەرگە. رۇمان يېزىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. خاتالىقنى كۆرسىتىپ بېرىش توغرا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنداق قايسىنى ئىشلەتسە جۈمىلىنى چۈشىنىشكە تەسىر بولمايدىغان سۆزلەر ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىش بەك زۈرۈر ئەمەس دەپ ئويلايمە. ئتىقادقا تەسىر يەتكۈزىدىغان سۆز بولمىسا، ئوششاق گەپلەرگە ئارتۇقچە ئېسلىۋالمىساقمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمە. (شەخسى قارىشىم.)

Birzat يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 20:31  

رومان ماڭا يارىدى. سەپەردە رومان ئوقىغان ياخشى، تال-چېۋىقتا سېۋەت توقىغان ياخشى :lol دەپتىكەن دەپ 10 نەچچە كۈنلۈك ئۈرۈمچى سەپىرىمدە يولدا، مىھمانخانىدا ئارام ئالغاننىڭ ئورنىدا مۇشۇ ‹‹كەچمىش›› ، فىرانسىيەلىك رومانچى گۈي دېكارنىڭ ‹‹يەتتە ئايال›› دېگەندەك ئىككى پارچە رومان كىتابىنى ئوقۇپ قويدۇم. سەپەردە چارچاش، ھارغىنلىق ھېس قىلمىغانلىقىمنىڭ بىر سەۋەبى مۇشۇ يەڭگىل، تاتلىق تىل، ئەپچىل ۋەقەلىكلەر بىلەن يېزىلغان رومانلار دەپ قارىدىم. ھەتتا بىر كۈن كەچكىچە ‹‹ئاق بۇلۇت››تا چانغا تېيلىپ ھېرىپ، ئېزىلىپ كىرىپمۇ ئۇيقۇم كەلمىسە چاينى پەچەت دەملەپ قويۇپ رومان ئوقۇپ ھاردۇق چىقاردىم. سەپەردىشىم ‹‹زار ئاستىر شۇنداق دەيدۇ›› دېگەن شىئىرى پەلسەپە :lol كىتابىنى ئىلىۋاپتىكەن. كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتىم. سەپەردە بۇنداق تىلى ئېغىر، چۈشەنمەك تەس كىتابلارنى ئوقۇيمەن دەپ زورۇقۇپ ئۆزىنى تېخىمۇ چارچىتىۋالىدىغان ئىش ئەسلى. بۇرادىرىم ئۇ كىتابتىن ئىككى بەت ئوقۇپ ھېچنىمىنى چۈشەنمەي تاشلاپ قويغانچە قايتا قولغا ئىلىپ باقمىدى. {:92:}
‹‹يۈز يىل غېرىبلىق›› رومانىنى خىلى كىچىگىمدە ئوقىغىنىم ئېسىمدە. بەك ئۇششاق تەپسىلاتلار ئېسىمدە يوق. مەن كەچمىش رومانىنى ئەنە شۇ ‹‹يۈز يىل غىرىبلىق›› رومانىنىڭ ئۇسلۇبىغا يېقىنلىشىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم.
ئومومەن ‹‹كەچمىش›› رومانىدىن زوقلاندىم. لىكىن بەزى ۋەقەلىك، پارچىلارنىڭ كىتاب ئارىسىغا نېمە سەۋەبتىن قىستۇرۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدىم. مەسىلەن: ھىلىقى پاكىز چىراي، ئاپتۇبۇستا ناماز ئوقۇپ ماڭغان، ئاياللارغا تىك قارىمايدىغان ھاجىم بىلەن ھىلىقى چوكاننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھېكايىنىڭ نېمە ۋەجىدىن رومانغا قىستۇرۇلۇپ قالغانلىقى بىلەن بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرىدا قاپ بەلدە ئۈزۈلۈپ روماننىڭ داۋامى باشقا پىرسوناژلارغا يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى باغلىيالمىدىم. كىتاب ئاخىرىغا بىرىپ بەكلا ئالدىراپ يېزىلىپ قالغاندەك تەسىر بىرىپ قويدى.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مۇشۇ روماننى مانا ئوقۇيمەن، ئەنە ئوقۇيمەن دەپ ئالتە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئۆيدە تەييار بار كىتاب بولغاندىكىن قاچان ئوقۇسام ئوقۇۋالىمەنغۇ، دەپ قالغان چېغىم. ئالغان كىتابلىرىم ئۆيگە ئەكىلىپ كىتابلىقىمغا تىزىپ قويغاندىن كېيىنلا مېنى قىزىقتۇرۇش كۈچىدىن قالىدۇ، كاللام كىتابخانىلاردىكى، ئامازوندىكى كىتابلاردا قالىدۇ، بۇ قانداق ئىشكىن، ھېچ بىلىپ بولالمىدىم...

munir يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ ناھايىتى ياقتۇرغان ئىدىم بۇ كىتاب يەنە ئاۋازلىق ئەسەر قىلىنىپتۇ . ئوقۇشقا تىگىشلىك بەك ياخشى يىزىلغان كىتاب دەپ قارايمەن .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

menmu xu.xalide isrilning bir hikayiside bir gep bolidighab:sen ozeng erixelmigen nersilernila qedirleysen dep

000000000 يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

مەن بىر ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك

uyghurnisa يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ رومان ھەققىدىكى  بەزى  كۆزقاراشلىرىم بىرزات ھەكمنىڭكىگە ئوخشىشپ قالىدىكەن .راسلا  كىتاپنڭ  ئاخىرى بەك ئالدىراپ  يېزىلغاندەكلا

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقمىغانتىم، چۈنكى 2010-يىلدىن باشلاپ  كېيىن نەشر قىلىنغان  ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كىتاپلىرىنى  ئېلىپ باقمىدىم ھىساپتا .
بىرزاتنىڭ بۇ كەچمىش دىگەن روماننى   بەك ماختاپ كەتكىنىگە قاراپ بۇ رومان   باياۋاننىڭ سىرى نى  بېسىپ چۈشىدىغان ئېسىل رومان ئوخشايدۇ دەپ  ئازراق ئوقۇپ باقسام ،بىرزات باياۋاننىڭ سىرى دىگەن روماننى ئوقۇپ باقماپتۇ شۇ

شۇ يەڭگىل، تاتلىق تىل، ئەپچىل ۋەقەلىكلەر بىلەن يېزىلغان رومانلار دەپ قارىدىم. ھەتتا بىر كۈن كەچكىچە ‹‹ئاق بۇلۇت››تا چانغا تېيلىپ ھېرىپ، ئېزىلىپ كىرىپمۇ ئۇيقۇم كەلمىسە چاينى پەچەت دەملەپ قويۇپ رومان ئوقۇپ ھاردۇق چىقاردىم.


تولۇقلىما مەزمۇن (2015-3-13 07:15):
باياۋاننىڭ سىرى  رومانىنىڭ تىل سەنئىتى  ئالدىدا بۇ كەچمىشىڭلار بىريەردە تۇرۇپ تۇرسۇن  

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

قۇم باسقان شەھەر   يۈز يىل غېرىپلىققا يېتەلمىسىمۇ ، ئانا يۇرت  تېنچ دون دىن ئېشىپ چۈشىدۇ ،دەيمەن ئۆزەمچە ...................... :lol

samawar يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

روماندىكى روزى قارىغا جىن چاپلىشىپ قالغان دەيمىزما ؟ ئاپتۇرنىڭ بۇنداق يىزىشىدىكى سەۋەپ نىمىدۇر...؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 23:39 static/image/common/back.gif
بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقمىغانتىم، چۈنكى 2010-يىلدىن باشلاپ   ...

سىلى بىر-ئىككى بەت ئوقۇپلا ئالدىراپ بىر نېمە دېمىگەيلا!
ئەختەم ئۆمەرنىڭ باياۋاننىڭ سىرىنىمۇ ئىككى-ئۈچ قېتىم ئوقىغاندىمەن. ئەمما يەنىلا ‹‹يىگانە ئارال›› غا تەڭ قىلمىغانتىم.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 21:26 static/image/common/back.gif
مۇشۇ روماننى مانا ئوقۇيمەن، ئەنە ئوقۇيمەن دەپ ئالتە ئا ...

ئوخشاش ئىكەنمىز. ‹‹سەمەرقەنت››، ‹‹كابۇللۇق كىتابپۇرۇچ››،‹‹باھادىرنامە››، ‹‹يېڭى ھايات››، ‹‹مېنىڭ ئېسمىم قىزىل›› يەنە بىر ئايال يازغۇچىنىڭ ‹‹كۆك بۇلاق›› دېگەندەك رومانلار تۇرىدۇ ئىشكاپتا... بىر ئوقىۋەتسەم بولىتتى دەيدىغان بېسىم بار{:101:}
ھازىر ‹‹تۇغلۇق تۆمۈرخان›› دېگەن تارىخى روماننى ئوقىۋاتىمەن. روماننىڭ بىر يارىغان يېرى كىتابنى يېزىشتا پايدىلانغان تارىخى مەنبەلەرگە ئىزاھ بىرىپ ئوبدان قىپتۇ.
‹‹تۇغ›› دىكى چوڭ چوڭ ئۆيدە روماننى ئوقۇپ ئولتۇرسام ئوغلۇم كىتابنىڭ ئىسمىنى ئوقىغىلى تۇردى...تۇغلۇق تۆمۈرخان... دادام تىڭشاپ تۇرۇپتىكەن. چىمىكەن ئۇ تۆمۈرخان دەيدۇ. مۇشۇ بىزنىڭ يۇرتتا ئۆتكەن داڭلىق ئادەم ئىكەن دېسەم، ھە بىر زامانلاردا بىزنىڭ مۇشۇ تۇغدىن شۇنداق بىر ئادەم ئۆتكەن بولسا كىرەك، دەپ مەھەللىسىدىن پەخىرلىنىپ قاپتۇ. {:92:}

powerman5000 يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   powerman5000 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 09:54  

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 21:26 static/image/common/back.gif
مۇشۇ روماننى مانا ئوقۇيمەن، ئەنە ئوقۇيمەن دەپ ئالتە ئا ...

ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدۇ، بەلكىم بۇ بىزدىكى ئىگىلىۋېلىش ئىستىكى دەپ قويامدۇق ؟ ( 占有欲)نىڭ بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. مەنمۇ داڭداڭ تورىدىن كەينى - كەينىدىن ئۈچ قېتىم جەمئىي 500 يۈەنلىك كىتاب سېتىۋېلىپ ئاخىرى ئۆزۈمنى سەل تۇتۇۋېلىپ ئاندىن ئوقۇشقا كىرىشكەنتىم. بىرەيلەن بېل گايتىستىن قانداق ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئېرىشكىڭ بار دېسە، كىتابنى تېزراق ئوقۇيالايدىغان ئىقتىدارىم بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن ، دەپتىكەنمىشقۇ. شۇڭا ئالدىراقسانلىق قىلماي ئۆزۈمىزنى بېسىۋېلىپ بىر - بىرلەپ قولىمىزغا ئېلىپ سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇساق شۇنچە تېز ئوقۇغىلى بولىدىكەن. تېزراق ئوقۇۋەتسەم بولاتتى دېگەنسېرى قايسى كىتابنى ئوقۇشنى بىلەلمەي « ئالدىرىغان يولدا قالار » بولۇپ قالىدىغان ئىشكەن ئاينا.  كارىۋېتىمنىڭ قېشىغا قولۇمنى سوزساملا يېتىدىغان يەرگە جېن ئاۋستىننىڭ « تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت» نى قويۇپ قويغانتىم، چۈنكى بۇ كىتاب مەن كۆرگەن نۇرغۇن ھوللىۋود فىلىملىرىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولغاچقا ئوقۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ قالغانتى، لېكىن مۇقەددىمىسىنى ئوقۇپ باقسام بىر كىشىنىڭ بەش قىزىنى ياتلىق قىلماقچى بولغان ھېكايىسى سۆزلىدىغان بولغاچقا ئوغۇللار ئوقۇشقا تازا ماس كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، بۇ كىتابنى ئوقۇش بېسىم پەيدا قىلىپ قويغانتى، ئوقايمۇ ئوقۇمايمۇ دەپلا 1 ھەپتە ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئەسلى ئىككىلەنمەيلا ئوقۇشقا كىرىشكەن بولسام ئاللىقاچان ئوقۇپ بولاركەنمەن.... تەدبىقلاپ باقسام تۇرمۇشىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئىشلار مۇشۇنداق بولىدىكەن ....

aypalta يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 09:02 static/image/common/back.gif
سىلى بىر-ئىككى بەت ئوقۇپلا ئالدىراپ بىر نېمە دېمىگەيل ...

«يېگانە ئارال»نى ھوللىۋوتنىڭ نوچى بىر كىنوسىنى كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئوقۇپ چىققانلىقىم ئېسىمدە. «باياۋاننىڭ سىرى» نىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئوقۇپ، ئىككىنچى قىسمىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان بىر چاغدا ئىككىنچى قىسمى بىلەن بىرىنچى قىسمىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ بىر كىتاب بولۇپ چىققانلىقىنى، ئاندىن ئېلىپ ئوقۇغانلىقىمنى ھازىر كۈچەپ ئېسىمگە ئالدىم. «باياۋاننىڭ سىرى» ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي دېسەم، «غېرىپ سەنەم» رومانى ئېسىمگە كېلىۋېلىپ غەشلىكتە بۇ گەپلىرىمنى داۋام قىلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى. ئەختەمكام «غېرىپ سەنەم»نى يازمىغان بولسا بوپتىكەن، يېزىپ تاشلىغان بولسىمۇ نەشىر قىلمىسا بوپتىكەن، نەشىردىن چىققان بولسىمۇ مەن ئوقۇمىسام بوپتىكەن...دەپ كەتتىم...
بەت: [1] 2 3 4 5
: كەچمىش رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە