mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 15:04:31

« جىنايەت ۋە جازا » ،  « ئۆلىۋېلىش سەنئېتى »  مەندىمۇ يوق ،  « جىنايەت ۋە جازا »  نى مەن ئوقۇپ باقمىدىم تېخى ، مېنىڭمۇ بىر ئوقۇپ باققۇم بار ،   بۇ كىتاب بارلار چىقىرىڭلار تىقىۋالماي ،  تەڭ كۆرىلى  ...

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 17:00:19

بۇندىن 6 يىل ئىلگىرى بىر پاخ-پاخ روماننى پۇلغا ئېلىپ سېلىپ شۇندىن كېيىن رومان دېگەنگىمۇ پۇل بۇزامدىغان دەپ شۇ رومان ئالمىغانچە ھازىرغىچە ئالماپتىمەن. ئۆتكەن يىلى تېخى بىر ئاغىينەم ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىنى سوۋغا قىپتى، 6يىلدىن بېرى ئوقىغان ئۇيغۇرچە كىتاپلىرىدىن بىرى شۇ بوپ قاپتۇ.
لېكىن، خالىدە ھەدىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقىغۇچىلىكى باردۇ،دەپ قارايمەن.

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 18:51:10

خالىدە ئىسرائىل ئېسىل ئەسەر چىقىدىغان يازغۇچىنىڭ بىرسى…بولۇپمۇ ئاياللار ئىچىدىكى ئەڭ ئۆتكۈر تەپەككۇرچان يازغۇچى. ئۇ بۇرۇن بىر-بىرىدىن ئېسىل پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» دىگەن ئەسىرى ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان…ئۇنىڭ قەلىمى ئادەمنى ناھايىتى گۈزەل، نازۇك ۋە پاكىزە تۇيغۇلارغا باشلايدىغان ئالاھىيدىلىك بىلەن روشەن ۋە مۇنەۋۋەر…«كەچمىش»رومانىنىڭ مۇۋەپپىققىيىتىگە ھەم قايىلمەن…

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 19:01:51

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 13:58 static/image/common/back.gif
مېنىڭمۇ كۇتۇبخانىچىقىمدا ئېلىپ قويۇپ تېخى ئوقۇمىغان ب ...

:lol:lol :lol :lol :lol

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 19:04:01

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 14:21 static/image/common/back.gif
«جىنايەت ۋە جازا»نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يەنە بىر ئوقۇۋالسام ...

مەنمۇ ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام بېرىپ تۇراركەنمە، ئۆتكەندە ساتاي دەپ يەنە ساتقۇم كەلمىدى بۇ كىتابنى.
ئاۋۇ ئىككى كىتابىمۇ بەك ئېسىل...

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 19:18:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A.Qarluq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 19:24  

كونا نەشىر قىلىنغان باشقا نوچى ئەسەرلەرنىڭ يېقىندا دىگۈدەك ھەممىسى نەشىردىن چىقتى. «جىنايەت ۋە جازا» رومانى قايتا بېسىلمىدى، بۇ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى…ئۇيغۇر رومانچىلىرى ۋە رومان ئوقۇرمەنلىرى دوستويۇۋېسكىي رومانلىرىنى ئوقۇمىغان بولسا، روماننى ھېچقانچىلا ئوقۇمىغان بىلەن تەڭ دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ…
دوستۇمنىڭ كىتابخانىسىنىڭ كونا كىتابلار ئىشكابىدا  «جىنايەت ۋە جازا» رومانىدىن  بىرقانچىنى كۆردۈم، بۇ رومان لازىملار بولسا  دەپ قويسام ئېۋەتىپ بېرىدۇ، ئەمما باھاسى سەل يۇقىرىراقكەن …

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 19:35:51

مۇھسىنكا، پاچاقتا رەسمىي جان باركەن جۇمۇ :lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 21:28:56

:lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 21:33:48

قانداق قىلىتۇق شۇ ،   بەزىدە بىكار قالسام ياكى زۆرۈر قىلىدىغان ئىشىم بولماي قالسا كىتابخانىنى ئارىلايمەن ،  بىزنىڭ يۇرت كىتابخانىسى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاۋات ،  چەكلىك ساندىكى ئورۇندۇقلار ھەمىشە بىكار تۇرمايدۇ ،  شۇنىڭ بىلەن ئارىلىغاچ بىرەر كىتابنى ۋاراقلاپ - ۋاراقلاپ بېقىپ ئورنىمىزدا تۇرۇپ يېرىم قىلىۋېتىدىغان گەپ ( مەن بولۇپمۇ بۇنداق چاغدا كىتابنى شۇنداق تىز ئوقۇيمەنكى ، كۆزۈمدىلا ... ). ئاندىن ياقتۇرۇپ قالسام ئالىدىغان گەپ ،  ئوقۇپ يېرىملاشتۇرىۋېتىپ قالغان بولسام ، ئېلىشقا قوسقىم ئاغرىپ ، مانا ئەمىسە دەپ قالدى يېرىمىنىمۇ ئوقۇپ تۈگىتىۋېتىدىغان گەپ .
شۇنداق قىلىپ ، ئېلىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە كىتابنى ئالالماي قالدىم ، ئوقۇپ بولغاچ ، ... :lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 21:38:39

بىر كۈنى بىر يەرلىك رومان قولۇمغا چىقىپ قالدى ،  ئۇ روماندا شۇنداق قىزىق ۋەقەلىكلا باركەن ،  بىر ئوقۇغىلى تۇرۇپتىكەنمەن ،  ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا باھاسى بار بېتىگە چىقىپ قاپتىمەن . :lol

خېلى كۆپلىگەن يەرلىك رومانلارنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىگى  ياخشى ،  راكىتانىڭ سۈرئېتىدە ئوقۇۋەتكىلى بولىدۇ ،

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 21:50:23

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 14:59 static/image/common/back.gif
ئىنگلىزچە رومان ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلار بۇ ئادرېستىن پ ...

ماڭا ئۆزى قىزىقارلىق ، بەك ئۇزۇن ئەمەس ، ئاددى بولغان بالىلار چۆچەكلىرى تېپىپ بەرسىڭىز بولىتى ،  ياكى ئۆزىڭىزدە بولسا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز ،  ئىنگىلىزچە .  مەن ئېنگىلىزچىدە يېڭى ،

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:14:46

A.Qarluq يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 19:18 static/image/common/back.gif
كونا نەشىر قىلىنغان باشقا نوچى ئەسەرلەرنىڭ يېقىندا دى ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قارلۇق،
كونا كىتابلارنىڭ باھاسى دەرۋەقە ئۆرە، مەن ئىزچىل قۇبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆرە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە بىر ئىككى كىتاب لازىم بولۇپ ئىزدىسەم شۇنداق بىر باھا قويۇۋالدىكى، شۇ پۇلغا ئىنگلىزچە كىتاب ئېلىۋىدىم كاتتا كىتابتىن ئون نەچچىسى كەلدى. شۇڭا بەزىدە مۇشۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئىكەن...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:26:56

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 21:50 static/image/common/back.gif
ماڭا ئۆزى قىزىقارلىق ، بەك ئۇزۇن ئەمەس ، ئاددى بولغان  ...

مەن يۇقىرىدا قالدۇرغان ئادرېستا بىر ئىككى چۆچەك كىتابلارمۇ بارغۇ دەيمەن. مەن ئىنگلىزچە رومان ۋە بەزىبىر كەسپىي كىتابلاردىن باشقا ئون نەچچە يىل توپلىغان كىتابلىرىمنى باشقىلارغا بېرىۋەتكەن ئۆتكەندە. ئاندىن ئەگەر سىزگە ئېغىر كەلمىسە مۇنداق بىر ئۇسۇلنى سىناپ كۆرەمسىزكىن. مەسىلەن، بىزدە خېلى كۆپ كىلاسسىك رومانلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى بار، يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتا ئاشۇ كىتابلارنىڭ pdf نۇسخىسى بار، چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوقۇسىڭىز. مەسىلەن، ئاننا كارېنىنا، جىنايەت ۋە جازا، ئەخمەق، ھاقارەت ۋە رىيازەت، ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن، بۈيۈك ئىستىقبال، قالتىس گاتىسبى، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق، بوۋارى خانىم، تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت...دېگەندەك.
http://www.planetebook.com/

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:29:40

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:26 static/image/common/back.gif
مەن يۇقىرىدا قالدۇرغان ئادرېستا بىر ئىككى چۆچەك كىتا ...

«ھاقارەت ۋە رىيازەت» دېگەن قايسى كىتاب؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:37:27

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:29 static/image/common/back.gif
«ھاقارەت ۋە رىيازەت» دېگەن قايسى كىتاب؟

دوستويېۋىسكىنىڭ «خورلانغانلار ۋە ئېزىلگەنلەر» رومانى ئاشۇ ئىسىم بىلەن چىقتى ئۇيغۇرچىدا.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:42:02

دوستويېۋسكىينىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك ئىدى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:42:07

ھە ، سىز قالدۇرغان ئاۋۇ ئادرىستا ئاندېرسىن چۆچەكلىرى بىلەن گىرىم چۆچەكلىرى باركەن ، چۈشۈرىۋالدىم .

يەنە خاك فېن بىلەن توم سويىرنىمۇ چۈشۈرىۋالدىم  ، مەندە بۇ ئىككى كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى بار ،  قېنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باقاي،  لېكىن بۇرۇنمۇ بىر قېتىم شۇنداق ئۇيغۇرچىسى بار بىر كىتاب بىلەن يەنە بىر كىتابنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ بېقىپ ، ئارانلا نەچچە بەتكە چىدىغانتىم ،  قانداق بولاركىن جۇمۇ ..

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 22:46:08

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:42 static/image/common/back.gif
ھە ، سىز قالدۇرغان ئاۋۇ ئادرىستا ئاندېرسىن چۆچەكلىرى ب ...

ئەسەرلەرنىڭ تىلدىن تىلغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلىپ قالىسىز، بۇ ئىشلار بارا-بارا ئەسەرلەردىن بەكرەك جەلىبكار تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن مەن «بوۋارى خانىم»نىڭ ئىنگلىزچىسى بىلەن ئۇيغۇرچىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ زىلزىلىگە كەلگەنىدىم{:181:}

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 23:16:15

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:42 static/image/common/back.gif
دوستويېۋسكىينىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىشى كېر ...

«ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار»نى بىرەيلەن تەرجىمە قىپتۇ، نەشىردىن چىقىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم. بۇ كىتاب چىقسا دوستويېۋىسكىنىڭ تۆت رومانى ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققان بولىدۇغۇ دەيمەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 23:28:13

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 23:16 static/image/common/back.gif
«ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار»نى بىرەيلەن تەرجىمە قىپتۇ، ن ...

نېمانداق ياخشى...  مەن بۇ ئادەمنىڭ رومانلىرىغا بەك ئامراق بولۇپ قالدىم.
بەت: 1 2 [3] 4 5
: كەچمىش رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە