aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 20:17:15

«دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەر» دەپ بىر تۈركۈم كىتابلار چىقىۋاتىدۇ. بىر ئىش دېققىتىمنى تارتتى، بۇ مەشھۇر ئەسەرلەردە ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى ھەققىدە ئىككى قۇر بولسىمۇ گەپ يوق. مۇقاۋا ۋە ئىچ مۇقاۋىدا يېزىلغان ۋە كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىدىكى نەشىر ئۇچۇرلىرى قاتارىدا يېزىلىپ قالغان ئىسمىدىن باشقا يازغۇچىغا ئالاقىدار گەپ يوق. يېرىم بەت بولسىمۇ تەرجىمھالىنى بىرىپ قويسا ئوبدان بولاتتى-دە. (ياكى بولمىسا مەن ئالغان بىر نەچچە كىتابتىلا شۇنداق بولۇپ قالدىمىكىن-تاڭ؟). يەنە بىرسى، بىزدە خېلى مەشھۇر ئەدەبىياتشۇناسلار، پەيلاسوپلار، ئوبزورچىلار بار. بولسا مۇشۇ دۇنياۋى ئەسەرلەر ھەققىدە ئوبزور، ماقالىلەرنى يېزىپ «كىرىش سۆز» سۈپىتىدە بەرسە ئوبدان بولاتتى. قاراپ باقسام، ھەرقانداق بىر كاتتا ئەسەرنى نەشىر قىلغان نەشىرىيات كەسىپ ئىگىسى بىرەر ئالىمنىڭ، يازغۇچىنىڭ، ئوبزورچىنىڭ مەزكۇر ئەسەر ھەققىدىكى بىرەر پارچە يازمىسىنى «تونۇشتۇرۇش» دېگەن ماۋزۇ بىلەن شۇ ئەسەرگە قوشۇپ نەشىر قىلىدىكەن ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەزكۇر ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ قويىدىكەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 20:18:21

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 18:54 static/image/common/back.gif
دوستويېۋسكىينىڭ رومانلىرىدىن بىرنىمۇ ئوقۇپ باقماپتى ...

جىنايەت ۋە جازانى ئۆتكەندە بىر ئۆچكە كەلگۈدەك قىممەت كىتابكەن دېگەن كىتاب شۇ :lol  ئەمما يەنىلا ساتقۇم كەلمىدى.
ئاق كىچىلەر دەپمۇ بىر پوۋېستى بار.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 20:27:22

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 20:18 static/image/common/back.gif
جىنايەت ۋە جازانى ئۆتكەندە بىر ئۆچكە كەلگۈدەك قىممەت  ...

ئۆچكە ئەمەس ئوغلاق دىسىلە. ئۆچكىنىڭ گۆشى ئىدەمنى 拉肚子 قىلىۋىتىدۇ :lol      
  قارلۇقكام سۈرۈشتۈرۈپ باقىدىغان بولدى. خەۋىرىنى بەرسە سېتىۋالىمەن.  

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 09:40:19

نورۇز ئېيىنىڭ 8-كۈنى ئايالىمغا دەل مۇشۇ كەچمىش رومانىنى سوۋغا قىلدىم،.

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 10:57:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A.Qarluq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 12:36  

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:14 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قارلۇق،
كونا كىتابلارنىڭ باھاسى د ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
راست، بەزى كىتابلارنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن بەك ئۆرە...كىتابخانا ئاچقانلارمۇ پۇل تاپسۇن، ئەمما قايتا چاپلانغان بەزى باھالارغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى سىغمايدۇ. ئەنۋەر بايتۇرنىڭ بىر ئايال بىلەن يازغان كىتاۋى بولىدىغان، ئۇ كىتاب 90- ۋە  2000-يىللاردا بولۇپ ئىككى قېتىم بېسىلغان. بۇ كىتابنىڭ كېيىن بېسىلغان نۇسىقىسىنى بىر ئاي بۇرۇن شىنخۇا كىتابخانىلاردا تاپقىلى بولاتتى، ھەتتا تۆكمە ئىدى. ئەمما كىتابخانا ئاچقان بىرسى يېقىندا ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ  ئەكېتىپتۇ، ئۇ كىتابمۇ ھازىر200 سۇمدىن باھا چاپلانغان ھالدا كىچىك كىتابخانىنىڭ ئىشكاۋىدىن ئورۇن ئاپتۇ. تۇنجى نەشىرى 300 سومكەن. كىتابپۇرۇشلار بىرەر كىتابنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر- ياخشىلىقىنى ئاڭلاپ ياكى بىلىپ قالسا، كىتابخانىمۇ كىتابخانا، شەمۇ-شە ئارىلاپ كىتابلارنى سۈپۈرۈپ ئەكىتىپ ئۆزى خالىغانچە باھا چاپلاپ  سېتىشنى ئۈگىنىۋاپتۇ...بۇنداق ئىشلار خېلى جىق.

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 18:28:20

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 20:02 static/image/common/back.gif
سەل تەپسىلىرەك ئۇچۇر بەرسىڭىز، كىم يازغان دېگەندەك...

ئاپتورىنى بىلمەيمەن. پەقەت كىتابنىڭ ئىسمىلا ئېسىمدە بار. مەن بۇ كىتابنى 2007- يىللىرى كۆرگەن ئىدىم. ھازىر تاپالمىدىم. بولسا ئىزدەپ باققان بولسىڭىز، بەك زۆرۈر بولۇپ قالدى.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 20:52:26

A.Qarluq يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 10:57 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
راست، بەزى كىتابلارنىڭ باھاسى ھ ...

ئەنۋەر بايتۇرنىڭ ئۇ كىتابىنىڭ 1-نەشر 1-باسمىسى 300.00 سومغا چىققىلى 3-4 يىل بولدى، 2-باسمىسىمۇ 200.00 سومغا چىققىلى 2 يىلدىن ئاشتى.

A.Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 14:01:01

zemindar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 20:52 static/image/common/back.gif
ئەنۋەر بايتۇرنىڭ ئۇ كىتابىنىڭ 1-نەشر 1-باسمىسى 300.00 سوم ...

قارىغاندا، سىلە خېلى بۇرۇن ئۆستۈرۈۋالغان چېغىڭلىۋا...ئەمما مەن تۇرغان يەردە ئۆستۈرۋالغىلى ئۇزۇن بولمىدى.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 14:09:33

A.Qarluq يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 14:01 static/image/common/back.gif
قارىغاندا، سىلە خېلى بۇرۇن ئۆستۈرۈۋالغان چېغىڭلىۋا... ...

كەچۈرۈڭ، مەن ئۇ كىتابنى ئېلىپ، سېتىپ باقمىدىم!

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2015-3-30 22:56:22

بىر زامانلاردا دۇنيا ئەدەبياتىدا  تاراس بولبا دەپ  بىر پوۋسىت  ئۇقىغان ئىدىم . ماڭا بەك تەسىر قىلغان {:112:}

samawar يوللانغان ۋاقتى 2015-4-6 19:29:09

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 20:18 static/image/common/back.gif
جىنايەت ۋە جازانى ئۆتكەندە بىر ئۆچكە كەلگۈدەك قىممەت  ...

مەن بۇ كىتابنىڭ كونا نۇسخىسىنى بىيجىڭدىكى دۆلەتلىك كۈتۈپخانىدا كۆرگەن..يەنە نۇرغۇن قەدىمكى كىتابلار باركەنتۇق !

metujan يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

دوستويېۋىسكىنىڭ ئەڭ ياخشى رومانى مېنىڭچە «مەتۇ» (ئەخمەق دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئوخشايدۇ). مەتۇ دېگەن سۆز بىلەن، ئەخمەق دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا پەرقلىق مەنا بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. مەتۇ روھىي كېسەللىك تەركىپلىرى ئارىلاشقان ھالدىكى ئەخمەق بولسا، ئەخمەق، گول دېگەنگە يېقىن، قۇۋلۇقنى بىلمەيدىغان، تۇرمۇش بىلىمى بولمىغانلار، بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ ئەقلىي كەمتۈكلۈك بولۇشى ناتايىن چۈنكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭمۇ ئەخمەقلىقلىرى ھەققىدە ھىكايىلار بار.
كىنەز مىشكىن تۇتقاقلىق كېسىلى بولۇپ، ئۇزۇن زامان داۋالانغان بىر يىگىت، شۇڭا ساقايغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا روھىي قۇرۇلمىسىدا مەلۇم كەمتۈكۈلك ساقلانغان. شۇڭا ئۇنى ئەخمەق دېيىش ئانچە توغرا ئەمەس، مەتۇ دېسە توغرىراق بولۇدۇ.
بەت: 1 2 3 4 [5]
: كەچمىش رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە