afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 23:29:42

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:46 static/image/common/back.gif
ئەسەرلەرنىڭ تىلدىن تىلغا تەرجىمە قىلىنىش جەريانىدا ق ...

بۇ كىتابنى يەنە قايتا ئوخشاش نەشىر قىپتۇ :dizzy:  يەنە شۇ ئادەمنىڭ تەرجىمىسىكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 08:25:56

كەچمىشنى بىر ئوقىغانچە ئاخىرىغا چىقىرىۋەتكەن. يېقىنقى نەچچە يىلدا ئوقىغان بىردىن بىر رومان بوپتۇ.

birikki يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 09:07:20

تازا رومان ئوقۇيدىغانلار توپلىشىپتۇ.بىر سوئالىمنى سورۇۋالاي.
ئامىرىكىلىق جىننىفىر ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ كۈلپەتلىك مۇھەببەت ناملىق رومانىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇغان.
مۇشۇ روماننىڭ ئىنگلىزچىسىنى تاپقىلى بۇلارمۇ؟ كىندول نۇسخىسى ياكى PDF بولامدۇ،ياكى قەغەز كىتابى بولامدۇ.مەيلى قانچە پۇل بولسا.ئەزىزلەر بىلىدىغانلار بارمۇ

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 09:54:12

birikki يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 09:07 static/image/common/back.gif
تازا رومان ئوقۇيدىغانلار توپلىشىپتۇ.بىر سوئالىمنى سور ...

ئىسىم فامىلىسىنى تولۇق يېزىپ قويامسىز، ئىزدەپ باقاي

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 11:38:46

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 22:42 static/image/common/back.gif
ھە ، سىز قالدۇرغان ئاۋۇ ئادرىستا ئاندېرسىن چۆچەكلىرى ب ...

ئېزوپ مەسەللىرىنى چۈشۈرمىدىڭىزمۇ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 12:32:03

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 11:38 static/image/common/back.gif
ئېزوپ مەسەللىرىنى چۈشۈرمىدىڭىزمۇ؟

ياق ، ئۇنى چۈشۈرمىگەن ،  قېنى قاراپ باقاي ..

birikki يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 11:40:39

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 09:54 static/image/common/back.gif
ئىسىم فامىلىسىنى تولۇق يېزىپ قويامسىز، ئىزدەپ باقاي

كۈلپەتلىك مۇھەببەت----جېننىفېر ۋىلدېر
苦难的爱情     ,詹尼佛·怀尔德

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 12:03:48

birikki يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 11:40 static/image/common/back.gif
كۈلپەتلىك مۇھەببەت----جېننىفېر ۋىلدېر
苦难的爱情     ,詹尼佛·怀尔 ...

Love's Tender Fury ~ Jennifer Wilde

www.amazon.cn

يۇقىرىدىكى ئادرېسقا كىرىپ كىتاب ئىسمىنى كىرگۈزسىڭىز بار ئىكەن. 144 سوم ئوخشايدۇ. pdf نۇسخىسىنى تاپالمىدىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

dadash يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 12:44:25

alip يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 17:21 static/image/common/back.gif
چۆچۈرە ئىتىدىغان بېدىنى شۇ چانايدۇ. بىلمىگەن نەرسىنى  ...

:lol

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 12:55:55

جېننىفېر دېگەن ئايال ئەمەس، ئەركەن. he دەپ چۈشەندۈرگەننى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ تەرجىمىھالىنى ئوقۇسام، جېننىفېر ۋايلد دېگەن تەخەللۇسىكەن.
يۇقاردىكى كىتابنىڭ كىندىل نۇسخىسى 4 دوللار دەپ كۆردۈم. شۇنىلا چۈشۈرۈپ كۆرەرسىز.

birikki يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 12:59:46

رەھمەت سىزگە،چوڭ ياردەم قىلدىڭىز!{:112:}

birikki يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 16:36:00

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 12:55 static/image/common/back.gif
جېننىفېر دېگەن ئايال ئەمەس، ئەركەن. he دەپ چۈشەندۈرگەنن ...

ھە مەن شۇ ئىسمىغا قاراپلام ئايال كىشى دەپ قاپتىمەن راس. كىندول نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋالدىم. بولسا سىزمۇ ياخشى
ئىنگلىزچە رومانلارنى تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن. سىز بەلكىم ئىنگلىزچە رومانلارنى ئوقۇشتا بىزگە ئۇستاز.
   ھازىر danielle steel دىگەن يازغۇچىنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇپ يۈرۈيمەن،ھەر ھالدا بۇلىدۇ،
ئىنگلىزچىنى نورمال بىلىدىغانلارغا تەۋسىيە قىلىمەن، تىلى ئاددى.











mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 17:30:29

birikki يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 16:36 static/image/common/back.gif
ھە مەن شۇ ئىسمىغا قاراپلام ئايال كىشى دەپ قاپتىمەن را ...

ئاۋۇ باھايىڭىزنى ئوقۇپ خىجىل بولدۇم. :$  رەھمەت، مەن قارىسام مەن سىزچىلىك كىتاب ئوقۇمايدىكەنمەن.
ئويلاپ باقسام مەن تۈزۈك رومان ئوقۇپ باقمىغىلى بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئوقۇغانلىرىم ئاساسەن پىسخىكىغا، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشقا، پەرزەنت تەربىيىلەشكە ئائىت كىتابلاركەن. بۇ جەرياندا ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن Lean In دېگەن كىتابتىن جىق مەنپەئەت ئالدىم. ئىنگلىزچە كىتاب ئوقۇيدىغان خانىم-قىزلار چوقۇم بىر ئوقۇپ چىقسا بولىدىكەن.
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بوۋامنىڭ ئۆيىدە «لېبكا يېڭى مەكتەپتە» دېگەن بىر كىتابنى ئوقۇپ شۇنچىلىك ياقتۇرغان ئىدىم، كېيىن قانچە قېتىملاپ قايتىلاپ ئوقۇغىنىمنى بىلمەيمەن. ئەي بالام بلوگى بىلەن ھەپىلەشكەندىن كېيىن، بىزدە ئۆسمۈرلەر ئوقۇشقا ماس كېلىدىغان كىتابلارنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى ھېس قىلىپ بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ئىدىم. شۇ كىتابنىڭ ئاپتورى ئەن دىگبى دېگەن ئايالنىڭ كىتابلىرى ياراپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە كىتابىنى سېتىۋالدىم ۋە تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇندۇم. شۇغىنىسى بەكلا ئاستا بولۇۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا شۇنى بىر پۈتكۈزىۋەتسەم بولاتتى، ئاندىن ئارام ئالغاچ بىر قانچە كىتاب ئوقۇۋالاتتىم.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 18:53:00

  يەرلىك رومان دىگەن گەپ ئاجايىپ ئاڭلىنىپ كەتتىيا. خېرىدارلار يەرلىك قوينىڭ گۆشى باما؟ دەپ كەلگەندەك :lol   :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 18:54:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qassap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 18:56  

دوستويېۋسكىينىڭ رومانلىرىدىن بىرنىمۇ ئوقۇپ باقماپتىمەن.  نەشىردىن چىققان كىتاپلىرىنى يېزىپ قويساڭلار بوپتىكەن.  كىلەر ئايلىق كىتاپ سېتىۋىلىش پىلانىمغا كىرگۈزۈپ قوياي.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 19:54:52

qassap يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 18:54 static/image/common/back.gif
دوستويېۋسكىينىڭ رومانلىرىدىن بىرنىمۇ ئوقۇپ باقماپتى ...

«جىنايەت ۋە جازا»
«ئەخمەق» ئىككى قىسىم
«ھاقارەت ۋە رىيازەت»

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 19:57:52

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 12:03 static/image/common/back.gif
Love's Tender Fury ~ Jennifer Wilde

www.amazon.cn


قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز دەپ بىر كىتاب بار ئىدى. قانچە ئىزدىساممۇ تاپالمىدىم. بەك زۆرۈر ئىدى. ماڭا ياردەم قىلىپ ئىزدەپ بېرەمسىز؟ سېتىۋالاي دېگەن ئىدىم.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 20:00:51

«ئەخمەق»نىڭ تەرجىمىسى بەك پەيزى چىقىپتۇ، ئوقۇغۇچە بۇ روماننىڭ تەرجىمانى ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوتېكىن ئەپەندىگە قانچە قېتىم رەھمەت ئېيتىۋەتكىنىمنى بىلمەيمەن. ياخشى ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىمۇ ياخشى بولسا ئادەم بەك ھۇزۇرلىنىپ كېتىدىكەن، قولىغا، كاللىسىغا...ئىشقىلىپ ھەممە يېرىگە دەرت كەلمىسۇن:lol

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-15 20:02:35

yulghun1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 19:57 static/image/common/back.gif
قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز دەپ بىر كىتاب بار ئىدى. قانچ ...

سەل تەپسىلىرەك ئۇچۇر بەرسىڭىز، كىم يازغان دېگەندەك...
بەت: 1 2 3 [4] 5
: كەچمىش رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە