aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 12:03:53

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 09:15 static/image/common/back.gif
ئوخشاش ئىكەنمىز. ‹‹سەمەرقەنت››، ‹‹كابۇللۇق كىتابپۇر ...

قانداقراقكەن ‹‹تۇغلۇق تۆمۈرخان›› دىگەن رومان ؟ ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇيمۇ ياكى بولدى قىلايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتىمەن .

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 12:49:35

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 21:26 static/image/common/back.gif
مۇشۇ روماننى مانا ئوقۇيمەن، ئەنە ئوقۇيمەن دەپ ئالتە ئا ...

مەنمۇ ئەينى سىزگە ئوخشاش... ئېلىپ بولۇپ  ئۆيگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە كىتابخانىدىكىدە قالىدۇ زېھنىم...

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 12:52:52

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 11:05 static/image/common/back.gif
«يېگانە ئارال»نى ھوللىۋوتنىڭ نوچى بىر كىنوسىنى كۆرۈۋ ...

غېرىب سەنەمنى ئەپ قويۇپتىكەنمەن، ئوقۇماي ئەمىسە...  :lol
يېگانە ئارالنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، پەچەت ئەسەر.

ghura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:02:03

كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەرغىب قىلمايدىغاندۇ، كەچمىش؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:21:00

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 12:52 static/image/common/back.gif
غېرىب سەنەمنى ئەپ قويۇپتىكەنمەن، ئوقۇماي ئەمىسە...   ...

«سۇ بويىدا»نى ئوقۇمىغان بولسىڭىز ياكى تېلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆرمىگەن بولسىڭىز بەلكىم باشقىچە تۇيۇلىشى مۇمكىن. لېكىن «سۇ بويىدا»نىڭ ۋەقەلىكى ماڭا بەك تونۇش بولغاچقا، «غېرىپ سەنەم»نى ئوقۇۋاتسام «سۇ بويىدا» ئېسىمگە تولا كېلىۋېلىپ بىئارام بولغانتىم.  يۇرت-يۇرتتىن باھادىر ئەزىمەتلەر ناھەقچىلىككە چىدىماي بىر تاغقا توپلىشىدۇ، ئۇ يەردە بىر دانىشمەننى باش قىلىپ 替天行道 دېگەن گەپكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر ئورتاق غايە بىلەن تۇغ تىكلەيدۇ(ئاۋۇ خەنچە گەپ ئېسىڭلاردا بار ھەقىچان، «سۇ بويىدا»دىكى باھادىرلارنىڭ بايرىقىدا يېزىلغان خەت، «غىرىپ سەنەم» دىمۇ ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر گەپ بارتى، ھازىر ئېنىق ئېسىمگە ئالالمىدىم). ئىشقىلىپ گەپ جىق...

000000000 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:35:07

ماڭا تۇغلۇق تۆمۈرخاننى كىم تېپىپ بىرەلەيدۇ?

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:58:21

مېنىڭمۇ كۇتۇبخانىچىقىمدا ئېلىپ قويۇپ تېخى ئوقۇمىغان بىر مۇنچە كىتابلار بار ، بەزىلىرى كونا كىتاب بازىرىدا تۇيۇقسىز ئۇچراپ قالغان ، شۇ چاغدىلا ئېلىۋالمىسام كىيىنچە ئۇچرىشى نائېنىق بولغان كىتابلار ، بەزىلىرى بولسا كىتابخانىدىن يېڭى ئالغان كىتابلار . ئوقىمىغان شۇنچە كىتابلىرىم تۇرۇپ قىستاڭ كىتابخانىدا ئۆرە تۇرۇپمۇ نەچچە كىتابلارنى ئوقۇۋېتىمەن .
يېڭى چىققان بىر كىتابنى ئالاي دەپ قارىسام باھاسى زىيودە ئۈستۈن چىقىپتىكەن ، ئاچچىقىم كېلىپ كىتابخانىدىلا ئوقۇپ تۈگىتىۋېتىپ ئالمىدىم تازا ...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 13:59:33

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 13:58 static/image/common/back.gif
مېنىڭمۇ كۇتۇبخانىچىقىمدا ئېلىپ قويۇپ تېخى ئوقۇمىغان ب ...

:lol

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:01:58

يىگانە ئارالنى ئوقۇۋاتقان ۋاختىلاردا، ئانا يۇرۇت رۇمانىمۇ نەشىر قىلىنغان،
يىگانە ئارالنى باشتا ئوقۇۋاپتىكەنمەن ، ئۇنىڭدا بىر ئوغىلاق تارتىشنى تەسۋىرلەيدىغان بىر يىرى بار، ئالامەت تەسىر قىلغان ، كاساپەت ئەجەپ تەسۋىرلەپتۇ دەپ قالغان .
كىيىن ئانا يۇرۇتنى ئوقۇدۇق، ئۇنىڭدىمۇ بىر ئوغىلاق تارتىشنى تەسۋىرلىگەن يىرى بار ئىكەن ، ئانا يۇرۇتتىكى تەسۋىر بىلەن يىگانە ئارالدىكى تەسۋىرنى سىلىشتۇرسام، يىزىقچىلىق سەۋىيەسىدە ئەختەم ئۆمەرنى باشلانغۇچ سەۋىيەدە، زوردۇن سابىرنى ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدە ئىكەن دەپ ئويلاپ كىتىپتىكەنمەن  .:lol
ئەمما ماۋۇ كەچمىش دىگەن رۇماننى ئوقۇپ باقماپتىمەن ، سۇرۇشتۇرۇپ بىقىپ ئالغانلار بولسا ئۆتنە ئىلىپ ئوقۇپ باقايمىكى  . . .

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:09:31

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 14:01 static/image/common/back.gif
يىگانە ئارالنى ئوقۇۋاتقان ۋاختىلاردا، ئانا يۇرۇت رۇما ...

كىتاب ئۆتنە يېرىم قىلىشامدۇق؟ «كەچمىش» مەندە بار، بېرىپ تۇراي، لېكىن ئۆتنىگە ئۆتنە قىلىشىمىز، ماڭا بىر كىتاب بېرىپ تۇرۇسىلەر{:220:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:13:51

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 14:09 static/image/common/back.gif
كىتاب ئۆتنە يېرىم قىلىشامدۇق؟ «كەچمىش» مەندە بار، بې ...

سىلىگە كىتاپ توشىماسمىكى( ھىجايغان چىراي ئىپادىسىنى تاپالمىدىم ) ،قانداق كىتاپ لازىم ئىدى .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:17:45

بىر قىتىم ئوقۇپ قويسا بولىدىغان كىتابلارنى پۇلغا ئىلىپ يۈرمەي ئۆتنە يىرىم قىلىپ ياكى ۋاقتى بولسا مۇھسىنجاندەك كىتابخانىدا ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇپ تۈگىتىۋەتسىمۇ بولىدۇ. {:92:}

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:21:09

«جىنايەت ۋە جازا»نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يەنە بىر ئوقۇۋالسام بولاتتى. ئۆتنە قىلىپ نەچچە قېتىم ئوقۇپ بولغان بولمىسا.   ئابدۇكېرىم ئىسمائىل بوزتېكىن تەرجىمە قىلغان «ئەخمەق»نىڭ تەرجىمىسى بەك ياراپ كەتتى. «ھاقارەت ۋە رىيازەت» نىڭ تەرجىمىسىمۇ ياخشى چىقىپتۇ. بۇلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن «جىنايەت ۋە جازا»نى يەنە بىر ئوقۇغۇم كەپقالدى، بامىدۇ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:21:47

شۇ شۇ ، كىتابخانىلاردا بار كىتابلارنى كىتابخانىدىلا ئوقۇۋېتىمىز ، ئالغۇمىز كەلمىسە ،  
ھازىر كىتابخانىلاردا يوق ، تاپقىلى بولمايدىغان كىتابلىرىمىزنى ئۆتنە قىلىشساق قىلىشايلى ،  لېكىن بۇ ئۆتنە ئاۋارىچىلىق ، ھەم قىممەت چۈپ قالامۇ يا ؟   

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:26:00

ئۆتنىنىڭ گېپى چىقىپ قالدى ،   ئۆتنە قىلىشساقمۇ بولىدۇ ،  ياكى بولمىسا ئۆزىمىزدە ئارتۇق ، ياكى تېگىشىۋېتىشنى خالايدىغان كىتابلار بولسا ، تىزىملىكىنى چىقارساق ، ھەمدە قايسى كىتابلىرىمىزنى قايسى كىتابقا تېگىشىشنى خالايدىغانلىغىمىزنى ئەسكەرتىپ قويساق ، شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزدىكى ئارتۇق ، ھەم تېگىشىۋەتسەكمۇ مەيلى بولغان كىتابلىرىمىز ئۆزىمىزدە يوق ھەم ياقتۇرىدىغان باشقا كىتابلارغا ئالماشسا ياخشى ئەمەسمۇ ،  قانداق دەيسىلەر ؟  

مەندىمۇ بىر مۇنچە ئارتۇق ،  تېگىشىۋېتىشنى خالايدىغان كىتابلار بار .  ماڭا ئانچە موھىم ئەمەس كىتابلار سىزگە موھىم بولىشى مومكىن ...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:28:00

ماۋۇ بولىدىغان گەپكەن. مالغا مال تېگىشەيلى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:32:09

مەن 4 يىل بۇرۇن يوللىغان ماۋۇ تېمىدا مەندە بار كىتابلارنىڭ ئاساسلىقلىرىنىڭ تىزىملىگى بار . ( ئەلۋەتتە ھازىر بۇ تېمىدىكىدىن ئارتۇق )

http://bbs.izdinix.com/thread-42264-1-1.html

ئاندىن ، مەن يۇقارقى ئىنكاستىكى مەقسەت بىلەن ماۋۇ تېمىنى يوللاپتىكەنمەن كىيىن ،   لېكىن شۇ تېمىدىلا قالغان بۇ گەپ .  

http://bbs.izdinix.com/thread-59928-1-1.html

كۆرۈپ بېقىڭلار ،  

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:49:46

ئاۋۇ تېمىنى كۆرۈپ چىقتىم. مەندە كىتاب يوقكەن دەپ قالدىم. نەق گەپكە كەلسەم، «جىنايەت ۋە جازا» بىلەن «ئۆلۈۋېلىش سەنئىتى»نى ئارىيەت بېرىپ تۇرساڭلار، ئالغان پېتى، مۆھلەت ئىچىدە قايتۇراتتىم. «تۇرغاق» قىلىپ كىتاب بېرىپ تۇرساممۇ بولىدۇ. لېكىن مەندە كىتاب ئاز.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:59:29

ئىنگلىزچە رومان ئوقۇشقا قىزىقىدىغانلار بۇ ئادرېستىن پايدىلانساڭلار بولىدۇ:
http://www.planetebook.com/

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 14:59:39

muztag يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 14:01 static/image/common/back.gif
يىگانە ئارالنى ئوقۇۋاتقان ۋاختىلاردا، ئانا يۇرۇت رۇما ...

ئوغلاق تارتىتىش ۋە ئات بەيگىسىنى زوردۇن سابىردەك يازالايدىغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئاز چىقارمىكىن.
بەت: 1 [2] 3 4 5
: كەچمىش رومانى ھەققىدە ئىككى كەلىمە