xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:29:43

قوي مىڭىسى يىيىش(شەھلا)

قوي مىڭىسى يىيىش


بىر قوشۇق بىر قوشۇقتىن،
سۈزۈك پىيالىدىن قوي مىڭىسىنى ئېلىپ يىدىم،
ھەم ئۇنىڭ تۈزنىڭ دانچىلىرىغا ياماشقان لەززىتىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم.
قوينىڭ كۆزىنى يەۋىتىش، قوي كۆزىدىكى دۇنيانى يەۋىتىشكە باراۋەردۇر.
چىڭقى چۈشتە كىچىككىنە بىر كېسىم قوي جىگىرىنى يىسەم دەيمەن،
شۇندىلا مەن بىر ئەركەكنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئېرىشكەن بولىمەن.
مەيلى ئۇ ئېغىلدىكى قۇربانلىققا تەييارلانغان ئاجىز قوي بولسىمۇ.
ئۇنىڭ يۈرۈكى ھامان ئالقانلىرىمدا بولىدۇ،
ئۇ قوي يۈرىكىنى بۇغۇزلىنىشتىن بۇرۇن ماڭا تاپشۇرىۋەتكەن.
ئۇنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇنىڭ سۈكۈتى ئامالسىزلىقتىن.
پۈت قولى چۈشەلمىگەن بولسا ئىدى.
پۈتۈن دۇنياغا پارتىلاپ چىقاتتى،
ھەتتا بىر كۈنى تۇيۇقسىز قەھرىمان بولۇپ ئالدىمغا كېلەتتى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:04:51

:funk::funk:{:112:}  

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:07:37

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 12:04 static/image/common/back.gif


:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:07:52

يەپ بوللا تىخى................ئالدىماي تۇرماملا شەھلا ئايىم.:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:09:27

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 12:07 static/image/common/back.gif
يەپ بوللا تىخى................ئالدىماي تۇرماملا شەھلا ئايىم.:l ...

{:197:}

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:29:19

بۇ شىئېرنى ئوقۇپ ئۆتكەن قۇربان ھېيتتىكى بىر ئىش يادىمغا كېلىپ قالدى.
شەھلاچامنىڭ ئۆپكە قۇيۇشنى ئۆگەتكەن يازمىسىنى ئوقۇپ ئۆز قولۇم بىلەن ئۆپكە قۇيۇۋېتىش ئىشتىياقىم قوزغالدى-دە، قۇربان ھېيت كۈنى يولدىشىمغا قوينى ھويلىدىلا سويۇشنى ئېيتتىم. چۈنكى قۇشخانىلاردا سويدۇرغاندا ئۇلار ئۆپكە يېمىگەنلىكتىن، ئۆپكىسىگە پىچاق تەگكۈزۈپ، ھەتتا يوغانلا كېسىۋېتىپ، كاناينىمۇ ئۈزۈۋېتىپ قولىمىزغا بېرەتتى. ھېيت كۈنى نامازدىن كېيىن ئۈچ ئائىلىك دوست بىزنىڭ ئۆيگە يىغىلدۇق. قۇربانلىق ئۈچۈن ئەكىلىپ ھويلىغا باغلاپ قويغان قوينىڭ پۇت-قوللىرىنى ئىككى ئەركەك باغلىدى، ئۈچ ئائىلىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئائىلىلىك دوستلىرىمىز بىزدىن بىراز چوڭ بولغاچ ھەم چەت ئەلدە ياشىغىلى ئۇزۇن بولغاچ ئەر-ئايال ئىككىلىسى بۇنداق ئىشلارغا بەك پىششىق ئىدى. ئاكىمىز يولدىشىمغا پىچاقنى نەگە سۈرۈش، تېرىسىنى قانداق سويۇش...دېگەندەك ئىشلارنى دەپ بېرىپ بىر چەتتە قاراپ تۇردى. مەن ۋە دوستۇم ئىككىمىز ئەرلىرىمىزنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ئۆز قولى بىلەن قوي سويۇۋاتقىنىغا ھەۋەسلىنىپ، پەخىرلىنىپ قارىشىپ كەتتۇق. بالىلار بولسا چۇرقىرىشىپ، يىغلىشىپ دېگەندەك بەكلا كۆڭلى يېرىم بولۇپ كەتتى. دوستۇمنىڭ 7 ياشلىق قىزى كۆزلىرى ياش يۇقى: « مەستۇرە ئاپا، نېمىشقا قوينى ئۆلتۈرۈۋېتىسىلەر؟ نېمىشقا بۇنداق قىينايسىلەر؟» دېۋىدى، مەن ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن :« مۇشۇنداق ئۆلتۈرمىسەك ئۆپكىسىنى ئېلىپ يېيەلمەيمىز» دەپ جاۋاب بېرىپتىمەن. جاۋابنى بېرىپ بولۇپلا ئۆزەممۇ بىر خىل سەسكىنىپ كەتتىم، نېمە دېگەن ۋەھشىي بىر گەپ قىلدىم بۇ كىچىك بالىغا؟ توۋا....
شۇ كۈنىدىكى قوينىڭ گۆشىنى قەتئىي يېگۈم كەلمىدى. بۇ ئۆمرۈمدىمۇ يېمەسمەنمىكىن دېگەن، كېيىن شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ يەۋەردىم. ھازىر بۇ شىئېرنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ شۇ تۇيغۇ يەنە قايتىپ كەلدى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:36:33

ئەگەر كىچىكىمدىن قوي مىڭىسى بىلەن كۆزىنى يىيىشكە كۆندۈرۈلمىگەن بولسام قوي بىلەن ئارامدا ھېچ بىر باغلىنىش قالمىغان بولاتىمىكىن دەپ ئويلايمەن بەزىدە، ئاپامنىڭ غەزەپلىك كۆزلىرى، ئاتامنىڭ يۇمۇرلۇق مەسخىرلىرىگە چىدىماي بىرەر چىشلەمدىن گۆش يىگەندە ئۆزەمنى قاتىلدەك سىزەتتىم.  قوينىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزىگە قاراش بەكمۇ ئازاپلىق بىر تۇيغۇ ئىدى. لېكىن مەن بۇ تۇيغۇلىرىم بىلەن بۇددا راھىبى دىيىلىشتىن قورقاتتىم،

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:41:14

نىمىشقا بۇنداقلىقىمنى ھازىرمۇ تازا چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن، گۆشنىڭ قىممەتلىكىدىن باشقىلار زارلاۋاتقاندا قازانلىرىمدىكى ماي يۇقىنى تازلاپ بولالماي ئاۋارە بولدۇم، ئېرىم خۇددى باھا ئىدارىسىدىكىلەردىن ئۆچ ئېلىۋاتقاندەك ئايدا ئىككىدىن قوي سويغىلى تۇردى، بارا-بارا گۆش يىيىشنىمۇ ئۆگۈنىۋالدىم، بىراق ئاشۇ گۇناھ تۇيغۇسى قىلچە سۇسلىمىدى، ئەمدى بۇغۇزلانغان قويغا يىغلاش تازا بىمەنلىك بولىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئاشۇ ئائىلەم بىرگە يەۋەتكەن قويلارغا ھازىدار بولغۇم كېلىدۇ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:42:55

بۇ شېئىرىڭىزنى ئۆزىڭىز تۇراق ۋە قاپىيەگە سېلىپ بىر دىكلاماتسىيە قىلىپ ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەپ قويسىڭىز بولغۇدەك.
بېشىنى شېئېردەك باشلاپ ئوقۇپ كەينىنى نەسىردەك ئاخىرلاشتۇرۇپ ،تونۇردا كۈيۈپ كەتكەن ناننى يىگەندەك ھېسياتقا كېلىپ قالدىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:45:27

بايىلا ئالدىنقى كۈنى سويغان قوينىڭ كاللىسىدىن مىڭىسى بىلەن كۆزىنى ئايرىۋىلىپ يەۋەتتىم، تۇيۇقسىز شۇ قوينىڭ قاراقلىرىغا قاراپ بىراۋلار ئېسىمگە كەلدى، كىملەردۇ ئۇ ئۆزى خالىمغانلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىنىپ قانلىق ياشلىرى يۈرىكىگە ئاققان، يەنە كىملەر دۇنيانىڭ قىسمەتلىرىگە ئۈنسىز سۈكۈت قېلىپ ئۆزىنى ئۆزگە قېلىپ كۆرسۈتۈشكە مەجبۇر بولغان.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:49:18

تۇيغۇنى ئۆگىتىپ قويغىلى، چۈشەندۈرگىلى بولمايدىكەن. ئۆزى شۇنداق تۇيغۇدا بولۇپ باققان ئادەم شۇنداقلا دېسىڭىز چۈشىنىدىكەن، بولۇپ باقمىغان ئادەمگە رومان ئېيتىپ بەرسىڭىزمۇ، توۋا، نېمىشقا ئۇنداق بولىسىز، دەپ خۇددى سىزنىڭ كاللىڭىزدا بىرەر ۋېنتا كاملاپ قالغاندەك ئىچ ئاغرىتىش تۇيغۇسىدا قاراپ كېتىدىكەن.
تۈنۈگۈن بىر قىز دادىسى تۈگەپ كەتكەن ۋاقىتتىكى ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. دادىسى تۈگىگەندە ئۆزى ئىككىقات ۋاقتى ئىكەن. تۇيۇقسىزلا كەلگەن بۇ ئىشتىن ھوشىنى يوقىتىپلا قويۇپتۇ. كۆزىدىن بىر تېمىممۇ ياش چىقماپتۇ. بىر يەردە ئولتۇرۇپ قالغان پېتى ئورنىدىنمۇ تۇرالماپتۇ. خەقلەر كېلىپ «ۋاي بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ داداڭ تۈگىسە ۋاي دادام! دەپ يىغلاپمۇ قويماي بۇ يەردە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىسەنغۇ» دېيىشىپ كۆڭلىگە ئازار بېرىپتۇ. شۇ بىر ئورنىدا ئولتۇرغانچە ئۈ كۈن ئولتۇرۇپتۇ. ھېچنېمە يېيەلمەپتۇ، سۇمۇ ئىچمەپتۇ. ئۈچىنچى كۈنىگە كەلگەندە بالىسى چۈشۈپ كېتىپتۇ. شۇ تاپا قىلغانلار يوقلاپ كېلىپ «خۇدانىڭ ھۆكمىگە رازى بولغۇلۇقتى، نېمە قىلاتتىڭ بۇنچە ئىچىڭگە ئېلىپ» دېيىشىپ كېتىپتۇ.
ئادەملەرنىڭ تۇيغۇلىرى بىلەن ئوينىشىدىغانلارغا بىر جازا يوقمىدۇ دەپ كېتىمەن بەزىدە.

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:49:47

مەستۇرە ئاپا، نېمىشقا قوينى ئۆلتۈرۈۋېتىسىلەر؟ نېمىشقا بۇنداق قىينايسىلەر؟» دېۋىدى، مەن ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن :« مۇشۇنداق ئۆلتۈرمىسەك ئۆپكىسىنى ئېلىپ يېيەلمەيمىز» دەپ جاۋاب بېرىپتىمەن. جاۋابنى بېرىپ بولۇپلا ئۆزەممۇ بىر خىل سەسكىنىپ كەتتىم، نېمە دېگەن ۋەھشىي بىر گەپ قىلدىم بۇ كىچىك بالىغا؟ توۋا....


مەستۇرەم نىڭ ئىنكاسىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم....دىمىسىمۇ ئويلاپ باقسا بىر دەششەتلىك گەپكەن.قانچە قۇرقۇپ كەتكەندۇ سۆزىڭىزدىن.



قوينىڭ مېڭىسىنى يەپ بەرسە مېڭىگە پايدا قىلىدۇ.قۇربانلىق ئۈچۈن قوينى بوغۇزلىسا ئىچ ئاغىرتىشتىن ساقلىنىش كىرەك.ئىچ ئاغىرتىپ تۇرۇپ ئۆلتۈرگەن قۇينىڭ گۆشىنى قانداقمۇ يىگۈسى كەلسۇن ئادەمنىڭ.

DawutPalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 12:58:19

ئ‍ىرىڭىز چارۋىچىلىق ئ‍ىدارىسىنىڭ جۈجاڭىكەندە؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 13:56:48

چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ جۈجاڭىدىن باشقىلار قوي سويۇپ يېيەلمەيدىغان كۈنگە قالدىما؟ :o نېمانداق كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدىغاندۇ.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:00:09

ھېكايە چېغى دەپ يۈگىرەپ كىرىپتىمەن{:92:}

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:06:12

قوينىڭ مىڭىسىنى يىگىلى  بولامدۇ تورداشلار ،

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:07:43

قوچقارنىڭ مىڭىسىدە قۇرت بار دەپ قويىدىكەن، كىچىكىمدە  بىر پاخلانغا قاراپ تۇرساپ بىرلا چۈشكۈرگەنتى ،بۇرنىدىن دۈگىلەك سەت قۇرتتىن بىرسى چۈشكەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:14:36

يىگىلى بولىدۇ، مەن يەيمەن.{:92:}

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:44:22

   قانداق قىلىدۇ قوي دىگەننى ئۆلتۈرۈپ يېمەي، تاۋار-دۇردۇن ئۈستىدە ئادەمگىياھ بىلەن باقامتۇق يا ؟  ھەر قېتىم گۆش يېگەندە قۇرۇق نانمۇ يوق ئىنسانلارنى ئەسلىگەندىن باشقا، قويغا قەتئى ئىچىم ئاغرىمايدۇ .

ئاجايىب مېھرىبان بولۇپ كېتىپ بارىمىز،  قەددى-قامەتلىك بەرنا قىز-يىگىتلەر ئىچى-ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىپ بارسا ھېچكىمنىڭ ئىچى ئاغرىمايدۇ، ئەمما يارتىلىشتىن ئىنسانلارغا ئوزۇق بولىدىغان قويلارغا قاراپ كۆزىمىزگە ياش كېلىدۇ،  ئىت-مۈشۈكلەرگە ئىچى ئاغرىتىپ كېتىشلىرىمىز چۇ تېخى ؟  
خۇددى ساق-سالامەت ، ئەقلىي-ھوشى جايىدا ئىنسانلار بىلەن كارى يوق، ئەيدىز، زەھەر چەككۈچى، جىنىس ئۆزگەرتكۈچى، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى جېنىنىڭ بارىچە قوغدايدىغان ب د ت غا ئوخشاش ..

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 14:54:39

قارىغاندا نېمىگە ئىچىمىز ئاغرىيدىغانلىقىنى بىر باشتىن دوكلات قىلمىساق باشقىلار يامان گۇمان قىلىپ تۈگىشىپ كېتىدىكەن.
مېنىڭ ھەممىدىن زومبىيلارغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: قوي مىڭىسى يىيىش(شەھلا)