aypalta يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 23:09 static/image/common/back.gif
كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىمىزدىكى قارىمدىن ھەپتىيەك ئۈگ ...
ھاھا مەنمۇ
بىرىنچى قېتىملىق ئۇزۇنراق جۈملىنى قوشقان يەدىلا شۇ يېرى چىقاتتى.
بە بى بو نىمۇ دائىم بى با بو دەۋالىتىم مەن
زاسۇ بولامدۇ مېڭە بولامدۇ ئاۋۋال بىر تەييار قىلمامسىلە:lol
يىمەيدىغانلار تۇرۇپ تۇرسۇن، يەيدىغانلار ھەرىكەتلەنسۇن.{:92:}
xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2015-03-06 08:19:31 static/image/common/back.gif
{:181:} تۇرپان، توخسۇن، قومۇل تەرەپلەردە دەيدۇ. ئاناخ قى
تېپپەلىۋەمەي بىكا ھە،تۇرپان قۇمۇلغا يىلدا بەش قېتىم بارمە،ھىچبىر تۇرپان،قۇمۇللۇقنىڭ جاسۇي دىگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ئايلا
ئۆپكە-زاسۇي دىگەننى ئانچە- مۇنچە ئاڭلاپ باققان ئەمدى
Erktekin يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 10:10 static/image/common/back.gif
تېپپەلىۋەمەي بىكا ھە،تۇرپان قۇمۇلغا يىلدا بەش قېتىم ب ...
ھەي ئۇناق قىمىسلىرە، مانا مەن قومۇللۇق، ئۆزلە ئاڭلىمىغان بىلەن مەن ئاڭلىغان.{:181:}
مىڭە يىگىلەش قاتارلىق مىڭە كىسەللىكلىرىگە ياش ساغلام قاملاشقان قوينىڭ مىڭىسىدىن ئۇن ئىككىنى يەپ بىرىشى كىرەك دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،مەنمۇ بۇرۇن تاققا -تۇققا سوزلەپ قالغان بىر كىچىدىلا شۇ چاغدا بەش قوينىڭ مىڭىسىنىڭ قىتىقىنى يەۋىلىپ خىلى ياخشى بولوپ قالغان ،مۇشۇ قوي دىگەننىڭ ھەممە نىمىسى پايىدىلىق ئىكەن قەيرىنى يىسەڭ شۇ يەرگە پايدا قىلىدىكەن ،،ھەتتا پوقىدىن تارتىپ...:funk:
ئۆيدە تازىلاپ پۇشۇرغان كاللا-پاچاق (بىزنىڭ يۇرتتا مۇشۇنداق دەيمىز )نى يەپ قويىمەن ، تىلىنى ، كۆزىنىڭ يىغىنى باشقا قۇلاق ، بۇرۇن قاتارلىق جايلىرىنى يىيەلمەيمەن ، مىڭىسى ،كۆزى دىگەن يەردىن ئىغىز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ئۇ ماڭا بىرخىل ۋەھشىيىلكتەك ، يىگىلى بولمايدىغاندەك، يىسە بولمايدىغاندەك بىلىنىدۇ ، سىرتتا تەييار پۇشۇرۇپ ساتىدىغىنىنى 10 يىل ئالدىدا غۇلجىدا بىر يىگەن ، ئۇندىن بۇيان بازاردىن يەپ باقمىدىم ھەم بۇندىن كىيىن يىمەسمەن .
مەن نەرىنى يېيىشنى بىلمەيدىكەنمەن. پاچاقنى يېيەلەيمەن.
yusran يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 09:54 static/image/common/back.gif
مەنمۇ دەھشەت ياخشى كۆرىمەن.
دادام چېقىپ بېرەي دېسە ئۇ ...
شۇڭا ئەسلىمىنى بەلەن يازىدىكەنسىزدە
مەن گۆش ئالىدىغان قاسساپ ھەر قېتىم گۆش ئالسام، ماڭا 1-2 كاللىنى قوشۇپ بىرىدۇ. ئۆيگە ئەكىلىپ، ئېڭىكىنى ئۆزۈم ئاجرىتىپ، كەستۈرەڭكىدە ئۇزۇن قاينىتىپ، ئاتۇشلۇق ئايالىمغا نارىن چۆپ ئەتكۈزىمەن. شۇنداق مىزىلىك بولىدۇ. مىھمان چىقىرىپ قالساقمۇ، گاھىدا قوينىڭ پاچىقىنى ئايرىم ساتىدىغان قاسساپلاردىن 5-10 نى سىتىۋاپ، ئۇنىمۇ قاينىتىپ، ئۈستىگە ئازراق ئاق پىيازنى توغراپ چېچىۋىتىپ، ئاچىقساق دىگەن شۇنداق تالاشتا قالىدۇ.
ئۇندىن باشقا بۇ يەردە قوينىڭ كاللىسىنى تونۇردىلا پىشۇرۇپ، يوغان قىڭراق بىلەن چىقىپ، گۆشىنى گۆش، مېڭىسىنى مىڭە پىتى يىگۈدەك قىلىپ پارچىلاپ، ئۈستىگە ئازراق دورا- دەرمەكلىرىنى چېچىپ، بىر نەچچە پارچە كىپەك نان بىلەن بىرىدۇ. ئۇمۇ شۇنداق تىتىيدۇ كىشىگە.
ئۆتكەن بىر يىلى قۇربانلىققا بىقىپ بىرىش ئۈچۈن، بىر دىھقان تۇغقىنىمىزغا پاقلاندىن بىرنى بەرگەن. قۇربانلىق قىلغاندا بۇ پاقلان يوغىناپ، قوسقىدا پاقلىنىمۇ بار بولغان ئىكەنتۇق. سويۇپ بەرگەن قاسساپ بەك سۆزلەپ كەتكەن.
قويلارنى بوغۇزلىغاندا، بۇ قاسساپلار قويلارنى بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ بوغۇزلىغىنىدا، بوغۇزلىنىشقا تەييارلانغان قويلارنىڭ تىپىرلاپ، پۇت-قولىدا جان قالماي، ھەتتا ماڭالماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قاسساپلارغا بەكمۇ ئاچچىغىم كەلگەنىدى. شۇنىڭ ئورنىدا ئادەم بولۇپ قالسا، ئوق يەپ ئۆلگەننى كۆرگەن يەنە بىر ئادەم قانداق ھىسسىياتتا بولىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كەتكەنىدىم.
قوينىڭلا گىپىگە چۈشۈپ كىتىپتۇق، شېئىردا قويلا سۆزلىنىۋاتقاندەك ئەمەس. شۇنداق بولسا ھەم بەكلا ئاددى بولۇپ قالىدىغاندەك شېئىردىكى مەنا.
پۈتۈن بالىلىق ئەسلىمىلىرىم قوچۇلۇپ ئەرەختەن-پەرەختەن بولۇپ كەتتى...
ھېيتتا خۇشاللىقىمىزدا چۇرقىرىشىپ قوينىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ بۇدرە يۇڭلىرىنى تۇتۇپ مېنىڭ قويۇم، مىنىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ جەننەتكە بارىمەن دىيىشلىرىمىز...ياغلىقلارنى چىڭ ئوراپ بىر ئۇچىنى قۇلىقىغا قىستۇرىۋاپ تونۇر بېشىدا قۇيقا قىلىدىغان، ئۆيدە گۇڭۇر-مۇڭۇر جاسۈي قىلىدىغان ئاياللار...ماشقاق شورپىدا قايناۋاتقان كۆچە پىشقۇچە چىدىماي قاچان پىشىدۇ قاچان پىشىدۇ ، مەن بۇغداينى جىق يەيمەن، مەن قوناقنى ئەڭ جىق يەيمەن دەپ مەشنى ئورىۋېلىشلىرىمىز..
كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئۇزۇن ئۇستىخانلارنى، قوينىڭ مىڭىسىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇرۇپ چېقىۋاتقان مومام، ئاپپاق مىڭىنى يىيىشىمىزگە كۈلۈپ ساقاللىرىنى تاراپ قاراۋاتقان بوۋام، بىر شورىساق غۇرتتىدە كىرىپ كىتىدىغان ئىلىك...ئاپام قۇيغان ئاپپاق ئۆپكە...ئۇف ھەجەپ يىگۈم كەلدى، ھەجەپ سېغىندىم ئاشۇ كەتسە كەلمەس كۈنلەرنى
kuwruk يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:08 static/image/common/back.gif
مىڭە يىگىلەش قاتارلىق مىڭە كىسەللىكلىرىگە ياش ساغلام ...
ھەي كۆرۈك بوشراق گەپ قىل ،،،باشقا يەلىرنى يىۋىلىپ يۇرمىسۇن بەزى گۇيلا :lol
قوينىڭ مېڭىسىدە قۇرت بار دېگەن گەپنىمۇ دەپ بېقىپسىلە ھە باللا، مېڭىنىڭ ئىچىدە قۇرت مىدىراپ يۈرسە، قانداق جانلىق يەرگە دەسسەپ يۈرەلەيدۇ:funk:
mastura يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 12:49 static/image/common/back.gif
تۇيغۇنى ئۆگىتىپ قويغىلى، چۈشەندۈرگىلى بولمايدىكەن. ئۆ ...
كۆڭلۈم ھەجەپ يېرىم بولدى
بۇ دۇنيادا شۇنداق بىر قىسىم ئادەملەر بولىدىكەن ، ھاياتىدا تۇيغۇ دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سىزدە يۈز بەرگەن بەزىبىر نازۇك ھىس تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسى بىنورماللىق ، كېسەللىك ...شۇنىڭ بىلەن بارلىق ۋاستە ئاماللىرى بىلەن سىزنىڭ روھىي دۇنيارىڭىزنى قۇرۇق بىر دۇنياغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان
GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 14:59 static/image/common/back.gif
قوينىڭ مېڭىسىدە قۇرت بار دېگەن گەپنىمۇ دەپ بېقىپسىلە ھ ...
قۇرت بولىدىكەن،مىڭىسىگە قۇرت چۈشكەن قوي بېشىنى قاتتىق سىلكىپ،ئوڭ تەتۈر چۆگۈلەپ بىرنەچچە كۈندە ئۆلۈپ قالىدۇ.رەھمەتلىك چوڭ دادام بىرەر قويىدا شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە مىڭىسىگە قۇرت چۈشۈپتۇ دەپ دەرھاللا بوغۇزلىۋېتەتتى ھەم كاللىسىنى تاشلىۋېتەتتى...... مەنمۇ ئامراق قوي مىڭىسىگە،تۇز چېچىپ يىسە بەك پەيزى بولىدۇ،لېكىن شۇنداق دىققەت قىپ يەيمەن:Q
جىگەرمۇ شۇ،قۇرت چۈشكەن جىگەر يەپ سالسا قاپلىق قۇرت كېسىلى بولىدۇ ئادەم ،مەن تونۇيدىغان بىر ئاداش جىگەرگە بەك ئامراقتى،قاپلىق قۇرت كېسىلى بوپ نەچچە ئوپىراتسىيەگە چۈشتى ئىشقىلىپ .
قوينىڭ كاللا-پاقالچىقىنى جىق يەپ بەسە بۆرەكنى قۇۋەتلەپ باھنى كۈچەيتەمىش.
Uyghuran يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:00 static/image/common/back.gif
ئەرتېكىن ئەپەندى، ھەيران قالماڭ، سز بىلمەيدىغان ئىشل ...
مۇنداقلا دەپ قويغۇسى كەلگەن ئوخشايدۇ. خاپولاشماڭلار............
Qunahun يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 16:18 static/image/common/back.gif
قوينىڭ كاللا-پاقالچىقىنى جىق يەپ بەسە بۆرەكنى قۇۋەتلە ...
بۆرەك كۈچىيىشتىن بۇرۇن قاننىڭ شىلىملىقى ئېشىپ كېتىپ ئاۋارە قىلامىكىن. مۇشۇ كاللا-پاچاق، ئۆپكە-ھېسىپ دېگەنلەرنىڭ كالورىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولامدىكىن دەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahammatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 20:34
قوينىڭ مىڭىسىدىن قۇرت چىقىدىغانلىقى راست،سىنچىلاپ يېسىڭىز،بەزى ۋاقىتلاردا ساق قويلارنىڭ مېڭىسىدىن قۇرت چىقىدۇ،بىرەيلەننىڭ دەپ بېرىشىچە،ئۇ بىر قېتىم بىر ئاغىنىسى بىلەن قوينىڭ مىڭىسىنى يەۋىتىپ،قۇرت چىقىپ قاپتۇ،قۇرت چىقىشى بىلەن بىزگە ھېكايە سۆزلەپ بەرگۈچىنىڭ شۇنداق بىر كۆڭلى ئېلىشىپ ھۆ بولغىلى تۇرۇپتىكەن،ئاغىنىسى:قىزىقكەنسەن،بۇ قۇرتمۇ بىز يەۋاتقان موشۇ قوينىڭ پاكىز مېڭىسىنى يەپ چوڭ بولغان تۇرسا،نېمىسىدىن يىرگىنىسەن،نەرى يىرگىنىشلىك بۇ جانىۋارنىڭ،-دەپ ھېلىقى قۇرتنىمۇ يەۋەتكىلى تاس قاپتىكەن.
شەھلانىڭ شۇنچە كۆپ قوينىڭ مىڭىسىنى يەپ بىرمۇ قۇرت ئۇچراتمىغانلىقىغا ھەيرانمەن،قوينىڭ مېڭىسىدىن چىققان قورتنىڭ رەڭگىغۇ قوينىڭ مېڭىسىگە ئوخشاپلا كېتىدۇ بەزىدە.(مەن ھەرگىزمۇ شەھلانى قوينىڭ مېڭىسىدىن چىققان قورتنى ئوقۇشماي يەۋالغاندىمۇ دېمەكچى ئەمەسمەن)
بىز تەرەپلەردىمۇ ئۆپكە-زاسۇي دەپ قويىدۇ ئادەتتە.
‹‹قوينى ئۆلتۈرۈپ›› دېگەن ئاتالغۇنى زادىلا قوبۇل قىلالمايمەن،‹‹سويۇپ››دېسەك مۇۋاپىققۇ ئەسلى.
شەھلا بىلەن مەستۈرە ئىككىسىنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ بىر نوقتىدا كېسىشىدىغان يەرلىرى ئىنتايىن ئاز...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 21:14
Qunahun يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 16:18 static/image/common/back.gif
قوينىڭ كاللا-پاقالچىقىنى جىق يەپ بەسە بۆرەكنى قۇۋەتلە ...
باھ دېگەن نېمە؟
گۇاڭدۇڭلۇقلار تىرىك مايمۇننى ئۈستەل ئاستىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، بېشىنى ئۈستەلنىڭ تۈشىكىدىن چىقىرىپ باش سۈڭىكىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ مېڭىسىنى يەيدۇ دەپ ئوقۇغانتىم شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىن، شۇ ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
بىر فانتازىيەلىك كىنو بار، تاشقى پىلانىتقلار يەر شارىغا ھوجۇم قىلىپ، ئىنسانلارنى تۇتۇپ مىڭىسنى ئومۇرتقا بىلەن قوشۇپلاپ سۇغۇرۇپ يەيدىغان.