مەنمۇ ئامراق كاللا-پاچاق دېگەنگە. قوي گۆشىدىنمۇ بەزىدە زىرىكىپ قالىمەن ، ئەمما كاللىنىڭ گۆشى قەتئى كۆڭلۈمگە تەگمەيدۇ . كۆزنىڭ يېغى قەتئى باشقا ياغقا ئوخشىمايدۇ. لەززىتىنى تەرىپلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ . قوينىڭ مېڭىسىنى ئۇزۇن بولدى يىمىگىلى تاپالماي. بۇ يەردە مېڭىسىنى ئېلىۋېتىپ پۇشۇرىدىكەن . كاللا -پاچاق يىگەن كۈنلىرى شۇنداق راھەت ئۇخلايمەن . ئىشقىلىپ بەك پايدىلىق.
بۈگۈن قايتا ئوقۇسام بۇ تېما قۇرساققا بىر نىمە يىيىش ئۈچۈنلا يېزىلمىغاندەك قىلىدۇ ماڭا
ئىسىڭىزدە بولسۇن قوي مىڭىسى كالتېسىينىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى
بەزى يەرلىرىدە كۈلۈپ كەتكەچ تېمىنى ئوقۇۋاتسام ئايالىم نىمە ئوقۇۋاتقانلىغىمنى سوراپ قالدى ، « تورداشلىرىم قوي مىڭىسى يىيىش يىمەسلىكنى تالىشىۋاتىدۇ » دىسەم ، ھەيران قالدى ، « توۋا ، تالاشمايدىغان ئىشىڭلارمۇ يوقكەن » دەيدۇ . گېپىدىن بىلدىمكى ئايالىممۇ قوي مېڭىسىنى يەيدىكەن ، ئامراقكەنتۇق تېخى ، « دادام مېڭىسىنى چېقىپ بېرەتتى ، چوكا بىلەن قىسىپ يەپ كېتەتتۇق .. » دەيدۇ . ھەيران قاپتىمەن ، . بۇ ئۆيدە پىشۇرغان كاللىلارنىڭمۇ مېڭىسىنى چېقىپ چوكىدا يىدىڭمۇ دىسەم ، « ئانچە - مۇنچە ، لېكىن خېلى ئۇزۇن بولدى ، سىلەر يىمىگەندىكىن مەنمۇ چىقىپ قاپتىمەن » دەيدۇ .
ئاندىن قىزىقىپ قېلىپ مەن بىلەن بىردەم ئىنكاسلارنى كۆردى ، قۇرۇت ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ، قوي مېڭىسىدە ھەقىقەتەنمۇ قۇرۇت بولىدىكەن ، مەن كۆرگەن دەيدۇ . بىر كۈنى بىر كاللىنى پىشۇرۇپتىكەن، گۆشلىرىنى شىلىپ يەپ بولۇپ مېڭىسىنى يەي دەپ قارىسا 2 - 3 تال خېل يوغانلا قۇرۇت مېڭىدىن بۇرۇن تەرەپكە چىقىۋاتقۇدەك ، « توۋا خۇدايىم ، كاللا پىشقۇچە قۇرۇتنىڭ شۇنچە قىزىق سۇدىمۇ ئۆلمىگىنىدىن ھەيران قالدىم ، ھەم كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى ، » دەيدۇ ، چاخچاق قىلىۋاتامسەن يا ؟ دىسەم ، ياق ، سىلىگە يالغان گەپ قىلىپ نىمە قىلىمەن دەيدۇ ، بۇ گەپتىن بەك ھەيران قالدىم ، ، قانچە ئويلىساممۇ نەچچە سائەت قايناپ پىشقان چوقىنىڭ مېڭىسىدىكى قۇرۇتنىڭ ئۆلمەسلىگى ئىشەنگۈسىز تۇيۇلدى . .
مىڭە يەيدىغانلار ، بەكرەك دىققەت قىلىپ يەسىلەر جۇما ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kawsar0202 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 23:42
مەن قوينىڭ كۆزىنى يىسەم ،يولدىشىم بىر خىل قاراپ كېتىدۇ، ئەجەپ ۋەھشى سەن ھە ،دىگەندەك. لېكىن ئۇ بۇنىڭ لەززىتىنى بىلمەيدۇ دە.. بىراق ھالال بولغاندىكىن ۋەھشىلىكمۇ ئەمەستۇ. گەپ كۆنۈشتە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-7 01:56
بەزىدە ئادەمنىڭ مېڭىسى بەدەندىكى سوقۇر ئۈچەي ئانگىنا دىگەندەك بىر نەرسە بولاپ قالغان بولسا ھە دەپ ئويلاپ قالىمەن ،سوقۇر ئۈچىيىمنى ئالدۇرىۋەتتىم دىگەندەك نەچچە كۈن دوختۇرخاندا يېتىپ مېڭىسىنىى ئالدۇرۋېتىپ ،قورساق ئاغرىقىدىن قۇتۇلغاندەك جاننىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپ كەتسە ،قاچان قەيەردە ئكىم مېنىڭ مېڭەمنى تاۋۇزنى ئوياپ يىگەندەك قوشۇق بىلەن ئوياپ يەر دىگەن غەممۇ يوق،جاننىڭ بەدەندىكى ھەممە نەرسىگە چىڭ ئورناپ ئۇنى يىڭنە سانچىغاندەك ئاغرىتىشلىرىمۇ يوق،ھىچنەرسە ئۈستىگې ئېلىشنى خالىماي ئادەم ئۈستىگە رئېلىۋالغان نەرسە يا جان يا مېڭە بولۇشى مومكىن ،راھەت دىگەن گەپ بىلەن مېڭىسىز دىگەن گەپ ئوخشاش بىر گەپتەكلا،
« ئۇۋال قىلىنغان تېما» :'(
ئەگەر نازاكەتلىك بىر قىز، قوي مېڭىسىنى يېگەنلىكىنىلا، جىگىرىنى، كۆزىنى، يۈرىكىنى يېيىشنىلا يازماقچى بولغان بولسا، ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى ئۆز مەناسىنى تاپقان بولاتتى. ئەگەر نازاكەتلىك بىر قىز، گۆشلۈك يېمەكلىكلەردىكى لەززەتنى بايان قىلماقچى بولسا، مېنىڭچە : ئۈستىگە بەش زىق كاۋاپ بېسىلغان ،سىركە - مۇچلىرى تىلنى قورۇپ تۇرىدىغان بىر تەخسە سېرىق ئاشنى يازارمىكىن- دەپ ئويلايتتىم.... لېكىن قوينىڭ مېڭىسىنى، كۆزىنى يېيىش ئومۇملاشمىغان ئەمما كلاسسىك ئادەت. بۇنىڭ يېزىلغىدەك يېرى يوقمىكىن. بولغان تەقدىردە: سالامەتلىككە زىيانلىق - دەپ، يېزىلار. ياكى بىر ئەدەبىي ئەسەردە سەل قوپالراق، كلاسسىك مىجەزلىك پېرسوناژنى تەسۋىرلىمەكچى بولغاندا يېزىلىپ قالار. ئۇنداقتا بۇ شېئرى مەناغا ئىگە باش تېما نېمىشقا يېزىلدى؟ - بۇ تېمىغا پەقەتلا ئىنكاس يېزىلماي، سۈكۈتتە ئوقۇلغان بولسا، ئون مىڭلىغان قېتىم ئوقۇلغان بولسا، تېما راستىنلا ئۆز قىممىتىنى تاپقان بولاتتىكەن. ئەپسۇس، ئۇۋال قىلىنىپتۇ......
ھېكايىمىكىن دەپ كىرىپتىمەن.
قوينىڭ كۈزىنى يىيىشكە مەندەك ئامراق ئادەم يوقمىكىن دەيمەن قوينىڭ ئىككى كۈزىنى بىر باشنىڭ گۈشىگە تىگىشىۋىتىمەن . لىكىن قوينىڭ مىڭىسىنى يىيىشنى ئانچە ياقتۇرمايمەن .
قوينىڭ مېڭىسىدىن چىققان قۇرۇتنى مەن كۆرگەن، مېڭىنىڭ قېتىقىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوپمۇئوخشاش رەڭگى، شۇ پېتى مېڭە يىمەس بولغانتىم. ھەم بىر قېتىملىق ئادەم ۋە تەبىئەت پىروگىراممىسىدىمۇ مۇشۇ مېڭىدىكى قۇرۇت توغرىلىق مەزمۇن چىققان، ئۇنىڭدا ئارقار بىلەن تېكىنىڭ مېڭىسىدىكى قۇرۇتنىڭ گېپىنى قىغان.
قوي مىڭىسىدىن قۇرۇت چىقىدىغىنى راس يىشى چوڭ قوشقارلاردا كۆپ چىقارمىش.،،،ئاپاملار كىچىك ۋاقتىدا بىر قوينىڭ بىشىنى ئۇتلەپ قازانغا سىلىپ قاينىتىۋاتسا قازانغا قوينىڭ مىڭىسىدىكى قۇرۇتلار چىقىپ قالغىننى دەپ بەرگەن،،ئاپاممۇ قوي مىڭىسى يىيىشكە ئامراقكەنتۇق شۇ قىتىىم قوينىڭ مىڭىسىدىن قۇرۇت چىققاننى كورۇپ قايتا يىمەس بوپتىكەن!
پۇشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مىڭە بىلەن قۇرتنىڭ رەڭگى ئوخشاش تۇرسا ، قانداق ئايرىيالايسىلە .نەپسىڭلارغا ھاي بىرىڭلار يولداشلار .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-7 18:07
مەن قوي گۆشى بىلەن كالا گۆشىنىلا يەيمەن. ئۇنىڭدىن باشقا-توخۇ، بېلىق، غاز، ئۆردەك، توشقان، ئات، تۆگە... لەرنىڭ گۆشىنى يىيەلمەيمەن. ئەگەر بىلمەي زەررىچە يەپ سالسام تەخمىنەن 15 كۈنگىچە گېلىمدىن بىر نەرسە ئۆتمەيدۇ. يەنە كىلىپ قوينىڭ كاللا-پاقالچىقىنىمۇ قەتئىي يىيەلمەيمەن.
قوي مېڭە قۇرۇتى
ئايلانباش كېسىلى بولغان قويدا بولىدىكەندە قۇرت. بۇنداق قويلار توختىماي چۆگىلەيدۇ. داۋاسى پىچاق!
ھەي باللا،بۇ ئەسلى شېئىر ئىكەنتۇق:lol
ۋاي ئاپلا ، مەن ئىلگىرىكى ئىنكاسىمدا تىمىنىلا ئوقۇپ مەزمۇنىنى ئوقۇماي ئىنكاس يىزىۋىتىپتىكەنمەن . ئەسلىدە بۇ شىئېركەن ئەمەسمۇ :lol
halis123 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-7 19:18 static/image/common/back.gif
قوي مېڭە قۇرۇتى
مىڭىسىنى يىرىپ قۇرتنى ئىلىۋەتكەندىن كىيىن ، قوي ئۆلۈپ قالمامدىغاندۇ ، مىڭە دىگەن نازۇك يەر تۇرسا .
قوينىڭ كۆزىنى يەۋىتىش، قوي كۆزىدىكى دۇنيانى يەۋىتىشكە باراۋەردۇر .
ئۇنىڭ سۈكۈتى ئامالسىزلىقتىن .