halis123 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 14:44 static/image/common/back.gif
قانداق قىلىدۇ قوي دىگەننى ئۆلتۈرۈپ يېمەي، تاۋار-دۇرد ...
ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمىغان ئادەمنىڭ ھېچنىمىگە ئىچى ئاغرىمايدۇ، شۇئار توۋلىغىلى كىرگەنما؟
مەن خېلى گۆشخور، ئانچە ئىچىم ئاغىرىپ كەتمەيدۇ. {:87:}
پادىچىلىق قىلىپ يۈرگەن بالا ۋاقتىمدا، بىر قوي تولا قېچىپ بەك جىلە قىلدى، قولۇمغا چىققان داشقالنى ئېلىپ يىراقتىن بىر ئاتقىنىمنى بىلىمە، ئۇ قويغا تەگمەي، تۇغۇلغىنىغا بىر ئايدەك بولغان پاقلاننىڭ چوقىسىغا تاڭڭىدە تېگىپ، ئۇ پاقلان دەڭدەڭىشىپ قالغانتى، بەك ئىچىم ئاغىرىپ كېتىپ قۇچىقىمغا ئېلىپ ئولتۇرغان بىردەم:lol
نەچچە قېتىم قوي سويۇپ بېقىپتىمە، ئىچىم ئاغىرىپ باقمىدىغۇ تاڭ
ئۆزى ئەڭ ئامراق قوينى قۇربانلىق قىلىش كېرەك دەپ ئاڭلىغانتىم…
kaman1 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 14:07 static/image/common/back.gif
قوچقارنىڭ مىڭىسىدە قۇرت بار دەپ قويىدىكەن، كىچىكىمدە ...
تەكلىپ : باش سۈرتىڭىزنى دەرھال ئۆزگەرىتۋالمىسىڭىز شەھلا خانقىز سىزنىڭمۇ مىڭىڭىزنى ، كۆزىڭىزنى يەۋەتمىسۇن يەنە ؟:lol
شەھلاقىزنىڭ تەسەۋۋۇرى پەيزىكەن {:87:}
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا DawutPalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-5 16:56
مەستۇرە بىلەن شەھلا ئىككىسى بىژ ئەدەم ئوخشايدا جىما!
xahla91 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 15:01 static/image/common/back.gif
ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمىغان ئادەمنىڭ ھېچنىمىگە ئىچى ئاغرى ...
بۇ ئىنكاس تىما ئىگىسىگە قارىتىپ يېزىلمىغان ، بەلكى زامانىمىزدىكى بەزى مېھرىبان كىشىلەرگە قارتىپ يېزىلغان :)
جاھان تەتۇر چورگىلەپ شەھلانىڭ سۇمبۇل چاچلىق بېشىنى قويلار ئوڭ تەتۇر قىۋەتسە {:87:}{:87:}
شەھـــــــــــــــــــــــــــــــلاخان بىلەن مەســــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــتۇرەنىڭ بىر ئەزا بولىشى مۇمكىنمۇ؟
بىر قانچە يىل ئەشەددى بولۇپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدا قاتار قاتار قويلارنى بوغۇزلاپ بىر باشتىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ بولۇپ يانغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان گەپ.ياندىكىلەر تاماكا سۇنۇپ قۇيىدۇ.نېرۋا سەت ئۆرلەيتى بۇ چاغدا.بىسمىللا دەپ قوي ئۆلتۈرۋاتسا تاماكا تۇتۇپ يۈرگەندىن بەلەك نىمىسىنى تۇتسىچۇ دەپ غۇدىراپ قۇياتتىم.بۇ بوغۇزلانغان قاتار قاتار قويلار باشلىرىنى پاق پۇق ئۇرۇپ بىردە يانغا بىردە ئارقىغا قاراپ ئەدەمگە بىر خىل قاراشلىرى بار....باللىرىم بار ئىدى،....دىگەندەك بىلىنىپ كىتەتتى.شۇنداق قىلىپ كىەچىدە ئۇخلىسام غىچ ئادەم بوغۇزلاپلا چۈش كۆرەتتىم.جۆيلۈپ قوپۇپ كىتەتتىم.بىر ئىككى قىتىم شۇنداق چۈش كۆرگەندىن كىيىن ئاپام ياستۇقنىڭ ئاستىغا ئەينەك ياكى سۈپۈرگە قۇيۇپ قۇيغاندىن كىيىن ئوڭشىلىپ قالغان.
ناۋادا ھايۋانلار خوجايىن بولسا :lol
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55922&highlight=%DA%BE%D8%A7%D9%8A%DB%8B%D8%A7%D9%86%D9%84%D8%A7%D8%B1%2B%D8%AE%D9%88%D8%AC%D8%A7%D9%8A%D9%89%D9%86
مىنىڭمۇ پات پات ئىچىم ئاغىرىپ قالىدۇ. :(
مەن سويۇپ باقمىدىم... خىجىلمۇ بولمايمەن، ئەركەكلىككە باغلاپمۇ يۈرمەيمەن.
ئەمما گۆشىنى بەلەن يەپ قويىمەن. :lol
ھەرقانداق غىزا سۇدا پۇشۇرۇلغان قوي گۆشىگە ۋە ئۇنىڭ شورپىسىغا يەتمەيدۇ جۇما.
ياخشى يېزىلغاندەك قىلدۇ
ئۇنىڭ ئاجىزلىقى، ئۇنىڭ سۈكۈتى ئامالسىزلىقتىن.
پۈت قولى چۈشەلمىگەن بولسا ئىدى.
پۈتۈن دۇنياغا پارتىلاپ چىقاتتى،
ھەتتا بىر كۈنى تۇيۇقسىز قەھرىمان بولۇپ ئالدىمغا كېلەتتى.
{:112:}{:112:}
كىچىكىمىزدە ئاتام ھەپتىسىگە ئىككى قوي ئۆلتۈرۈپ بېرەتتى. لېكىن گۆشىنى سېتىۋېتىدىغان بولغاچقا پات - پات جاسۇي قويۇپ يەپ تۇراتتۇق. ئەتىگىنى ئاخشىمى بېغىر سەي قىلىپ يەيتتۇق. مەن بېغىرغا بەك ئامراق ئىدىم. مەشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كاۋاب قىلسا بەك پەيزى بولاتتى. بۆرەكنى نەۋرىلەر يەيتتى.
جاسۇي قۇيغاندا خېمىرى، ھېسىپى بىلەن ئۈچۆيگىلىرىگە ئامراق ئىدىم. ئۆپكىسىنى ئانچە ياقتۇرمايتتىم. مەن يەنە تولا كىشىلەر يېمەيدىغان توققۇز تونلۇقىغا ئامراق ئىدىم. ئۇ چاغلاردا جاسۇينىڭ سۈيىگە بۇغداي قوشاتتى. بۇنداق شورپىنى بىز «كوچا» دەيتتۇق. مەن كوچىنىمۇ ئىچىپ قوياتتىم. لېكىن جاسۇينى تولا يەۋېرىپ 15 يېشىمدىن تارتىپ 25 يېشىمغىچە جاسۇي يېمەس بولدۇم. 25 يېشىمدىن كېيىن بارا - بارا يەپ ئۆگەندىم. ھازىر بىرەر جىڭ جاسۇينىڭ ھۆددىسىدىن گەپ يوق چىقىمەن. قىزىق يېرى شۇندىن ئېتىبارەن بۇرۇن يېمەيدىغان شىراقلارنى، باش گۆشلىرىنى يەيدىغان بولدۇم. (بۇلار ئاشقازانغا پايدىلىق بولغاچقا تالىشىپ يەيمەن)
بىزنى جاسۇي يەپ چوڭ بولغان دېسىمۇ بولىدۇ. لېكىن تا ھازىرغىچە بىرەسىنىڭ قوينىڭ مېڭىسىنى يېگىنىنى كۆرۈش تۇرماق ئاڭلاپمۇ باقماپتىمەن. ئادەتتە ھايۋانلارنىڭ مېڭىسىنى كېسەل پەيدا قىلىدۇ دەپ قاراپ مېڭىسىنى چىقارمايتتۇق. ئادەت بويىچە جاسۇي پىشقاندىن كېيىن باش ئاتامغا كەلتۈرۈلەتتى. باش گۆشىنى ئاتام بىر قۇر يەپ بولۇپ، كۆزىنى چىقىرىپ بىزگە بېرەتتى. مەنمۇ كۆزىنى يېيىشكە ئامراق ئىدىم. يەنە بىرى بۇرنىدىكى كۆمۈرچىكىنى چىقىرىپ يېيىشكە بەك ئامراق ئىدىم. غىرىس - غىرىس قىلىپ بەك پەيزى ئىدى. ئۇ يېرىدە يەنە بېلىق قاسرىقىدەك قاسراقلار بار بولۇپ دىققەت قىلمىسىڭىز گېلىڭىزغا سانچىلىدۇ.
شەھلانىڭ بۇ شېئىرىنى ئوقۇپ شۇ چاغلار يادىمدىن كەچتى. شۇڭلاشقىمىكىن بۇ ئىنكاسنى يەرلىك تىلىمىز بويىچىلا يازدىم. ئارتۇقچە بېزەپ يۈرمىدىم. چۈشەنگەيسىزلەر.
ھە راست، شەھلا قوينىڭ مېڭىسىنى قانداقمۇ يېگەندۇ، ھازىر ئويلىساممۇ ئىچىم ئېلىشىدۇ. (ماۋ گەپ كەمسىتىش مەنىسىدە ئەمەس)
قانداق شىئىر بۇ ،،،،قوي مىنىڭ كۆزەمگە دۆت كۆرنىدۇ {:92:}
قوينىڭ مىڭىسىنى يىگىلى بولامدۇ تورداشلار ؟
----------------------
ئەتىيازلىقتا يىسە بومايدۇ ،چۈنكى ‹‹ ئوخرى›› دەيدىغان بىر خىل قۇرۇت چىقىدۇ بۇ قۇرۇت ئادەمگە زىيانلىق.