Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 22:26:57

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 21:39 static/image/common/back.gif
كىچىكىمىزدە ئاتام ھەپتىسىگە ئىككى قوي ئۆلتۈرۈپ بېرەتت ...


جاسۇي دەپ قوي .............. ئاپتونۇم رايونىمىز ئىچىدە تۇنجى ئاڭلىشىم ،بىرەر يۇرتتا ئۆپكە-ھىسىپ نى جاسۇي دەپ ئاتىشىنى ،
ئىنكاس ئىگىسى قوي مىڭىسىنى يىمەيدىكەنيۇ ...............
ەنە بىرى بۇرنىدىكى كۆمۈرچىكىنى چىقىرىپ يېيىشكە بەك ئامراق ئىدىم.
قوينىڭ توختىماي ماڭقا ئاقىدىغان يېرىغا ئامراق ئىكەن :lol


xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 22:42:37

قومۇل-تۇرپان تەرەپلەردە ئوپكە-ھېسىپنى جاسۈي(杂碎) دەيدۇ، ئۇلانىڭ بەزىلىرىنىڭ جاسۇي دىگەندىكى روھىي ھالىتى، تىل تەلەپپۇزى، ئېغىز شەكلىگە قاراپ بەزىدە ئادەمنىڭ ئاغزىغا شۈررىدە سۇ كېلىپ كېتىدۇ.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:00:21

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 22:26 static/image/common/back.gif
جاسۇي دەپ قوي .............. ئاپتونۇم رايونىمىز ئىچىدە تۇنج ...

ئەرتېكىن ئەپەندى، ھەيران قالماڭ، سز بىلمەيدىغان ئىشلار جىق بۇ جاھاندا. قاراڭ ئەپەندى، ماڭقا ئاقىدىغان، يەنە بىر نېمە ئاقىدىغان، چىقىدىغان دەپ يامانلاپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ. قېرىن، ئۈچەينىڭ ئىچىدە نېمىنىڭ بولىدىغانلىقىنى مەن دېمىسەممۇ بىلىدىغانسىز؟ شەھلا يەيدىغاننى مېنىڭ يېمەسلىكىم، مەن يەيدىغاننى يەنە بىرىنىڭ يېمەسلىكى ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس، مەن سىزنى خېلى ئىش كۆرگەن دەپ بىلەتتىم. ئىنكاسىمدىكى ئىزاھاتنى كۆرمەيلا ياكى ياخشىراق ھەزىم قىلمايلا ئىنكاس يازغان ئوخشايسىز.
ھە راست، بىز سەنلىشىپ كەتكۈدەك يېقىن تونۇشلاردىنمۇ ئەمەس، ھەتتا سىزنىڭ كىملىكىڭىزنىمۇ بىلمەيمەن. ئازراق تونۇشلۇق بېرىپ ئاندىن سەنلەشسەكمۇ كېچىكمەيمىز.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:09:36

كىچىك چېغىمىزدا مەھەللىمىزدىكى قارىمدىن ھەپتىيەك ئۈگەنگەندە زالنى ئېلىپقا زا، سىننى ۋاغا سۇ، زاسۇ دەيدىغان يېرىگە كەلگەندە تولا كۈلۈپ تاس قالغان تاياق يېگىلى...

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:45:46

بېشىدا « رەي » مۇ بادۇ ؟ :lol

Bari يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 00:44:45

مەنمۇ بەك ئامراق . بەك تەملىك {:90:}

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 01:28:55

قوينى ئاللا بىزگە شۇنداق بەرىكەتلىك قىلىپ يارىتىپ بېرىپتىكەن توۋا! لىكىن مەن مۇشۇ ئىچكى ئەزالىرى ۋە كاللاپاچاق دىگەنلەرنى ئانچە ئىستىمال قىلمايدىكەنمەن سەۋەبى بەلكى ئىچكى ئەزالارنىڭ قاننى قويۇقلىتىدىغان رولىنىڭ چوڭلىغىنى ئاڭلىغانلىغىمدىنمىكىن! ؟   

kawsar0202 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 02:44:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kawsar0202 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 03:03  

شەخلا بىلەن مەستۇرەنىڭ بىر ئادەم بولشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.گەرچە ئۇلانىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ ،ئۇلانىڭ پىكىر قىلىشلىردىن،يازمىللىردىن ئىككىسىنىڭ پەرىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇغۇ .بىر بىردىن ئۆزگىچە قىزلار .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 07:02:07

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-03-05 22:42:37 static/image/common/back.gif
قومۇل-تۇرپان تەرەپلەردە ئوپكە-ھېسىپنى جاسۈي(杂碎) دەيدۇ،
سىزمۇ جۆيلىمەڭ،ھىچ يەردە جاسۇي دەيدىغان گەپ يوق،خۇاڭمىئەن يەمدۇق دىگەننى ئاڭلىغان،ھىچ يەردە ئۆپكە-ھىسىپ نى جاسۇي دىمەيدۇ

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:08:02

مەنمۇ جاسۇي دىگىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن ، لىكىن بىزنىڭ بۇيەردە  كۆپۈنچىلىرى ئۆپكە-زاسۈي دەيدۇ .
مەنمۇ مۇشۇ تىمىدىن بىلىۋالدىم ، قوينىڭ مىڭىسىنىمۇ ئىنسانلار يەيدىغىنىنى .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:19:31

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 07:02 static/image/common/back.gif
سىزمۇ جۆيلىمەڭ،ھىچ يەردە جاسۇي دەيدىغان گەپ يوق،خۇاڭ ...

{:181:} تۇرپان، توخسۇن، قومۇل تەرەپلەردە دەيدۇ. ئاناخ قىمماي ماناخ بىر چۆگۈلەپ كەپبەقسىنا، جاھان دېگەن كەڭرى ماقمۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:22:38

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 08:08 static/image/common/back.gif
مەنمۇ جاسۇي دىگىنىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن ، لىكىن بىزنىڭ  ...

بۇرۇن ئىتتپاق تىياتىرنىڭ ئالدىدىكى كەچلىك بازاردىكى باشچىلار باش ئالساق سورايتتى، مىڭىسىنى ئالىدىغان ئالمايدىغانلىقىمىزنى، شۇنىڭدىن قاراپ دەيمەنغۇ قوي مىڭىسىنى يەيدىغان ئىنسان مەنلا ئەمەسكەنمەن، يەنە كېلىپ قوي مىڭىسىمۇ ئىنسان يىسە بولمايدىغان نەرسە ئەمەسكەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:26:14

مېڭىسىنى يەپ باقمىدىم ھازىغىچە، كۆزىنى يىيىشكە پېتىنالمايمەن

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:27:19

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 08:26 static/image/common/back.gif
مېڭىسىنى يەپ باقمىدىم ھازىغىچە، كۆزىنى يىيىشكە پېتىنا ...

كىچىكىمدە گۆش يىگىلى ئۇنىمىسام، موماملا ئاشۇ ئەششەدىسىگە ئۆگۈتۈپ قوياپتىكەن مېنى.{:181:}

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:44:13

kaman1 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-5 14:07 static/image/common/back.gif
قوچقارنىڭ مىڭىسىدە قۇرت بار دەپ قويىدىكەن، كىچىكىمدە   ...

ماۋۇ ئىنكاسنى ئوقۇغانغا قەدەر قوينىڭ مېڭىسىنى يېسە نەقەدەر مەززىلىك ئىش ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنكاس يازماقچى بولغانىدىم. ھەم قانداق يېزىشنىمۇ ئويلاپ بولغان ئىدىم.
ئەمما بۇ ئىنكاستىن كېيىن باشقا ئىنكاسلارمۇ ئوقۇلمىدى. مېڭە يېيىشتىن يالتايدىم

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 08:55:03

yusran يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 08:44 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ئىنكاسنى ئوقۇغانغا قەدەر قوينىڭ مېڭىسىنى يېسە ن ...

يېزىڭە! يەۋىرىڭ!

مەن مۇشۇ چاققىچە مىڭىدىن چىققان قۇرۇتنى كۆرۈپ باقمىدىم.

putaki يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 09:32:11

ئۇيقۇڭلارنىڭ سۈپىتى تۈۋەنلەر ئانچە-مۇنچە قوي مىڭىسى يەپ قۇياڭلا،راھەت ئۇخلايسىلەر.ئايالىم تۇنجى تۇغۇتتتىن كىيىن كىچىسى يىرىم ئۇيغاق ھالەتتە ئۇخلايدىغان،كېچىچە تۇلا چۈش كۈرىدىغان بۇلىۋالدى،چۇڭلارنىڭ دىگىنى بۇيچە زور تەسلىكتە قۇي مىڭىسىدىن ئازراق يىگۈزگەن.ئوڭشىلىپ قالدى.كاللىنىڭ شورپىسى پەيزى،زاغرا نان بىلەن {:112:}

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 09:36:12

قوچقار قوينىڭ ئۈسسۈگەكلىكىگە قاراپ دەپ قويغان گەپ ئۇ. مىڭىسىدە قۇرۇت بولغاچقا قىچىشىپ ئۈسسىدۇ دەپ.
بالام ئۆزى يالغۇز يەپ قويىدۇ. بىر كاللىدىكى مېڭىنى.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 09:48:50

yusran يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 08:44 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ئىنكاسنى ئوقۇغانغا قەدەر قوينىڭ مېڭىسىنى يېسە ن ...

ئەمدى بەزى نەرسىلەرگە بەك زىللىشىپ كەتسەك بولمايدۇ ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ يەۋېرىگە، ئۇ قۇرت بەلكىم چۆپ يەۋاتقاندا كىرىپ قالغان قۇرتتۇ، ئۇيقۇم تازا ياخشى ئەمەستى ، شۇنىڭغا پايدا قىلدىغان بولسا ،سىلەرنى توسۇپ قويوپ ئۆزەم يەپكېتەمتىم نىمە

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-3-6 09:54:13

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 08:55 static/image/common/back.gif
يېزىڭە! يەۋىرىڭ!

مەن مۇشۇ چاققىچە مىڭىدىن چىققان قۇرۇ ...

مەنمۇ دەھشەت ياخشى كۆرىمەن.
دادام چېقىپ بېرەي دېسە ئۇنىماي، كىچىك بال قوشۇقتا ئۇيۇپ يەپ.
نۇرغۇن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىمنى باشقا بىر نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلالايمەن بىر مۇشۇ قوينىڭ مېڭىسى پەقەت بىرلا تەم. ھېچنىمە ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئاپام قۇربانلىق قوينىڭ كۆزىنى ماڭا يېگۈزەتتى، قارىچۇقىنى چىقىرىۋېتىپ ئاغزىمغا سېلىپ قويسا كۆڭلۈم ئېلىشىپ يۈتۈپلا ۋېتەتتىم. پەقەت قۇربانلىق بولغاچقىلا كۆزىنى تاشلىساق بولمايدۇ دېسە يەپتىكەنمەن.
ئەمما قوينىڭ مېڭىسىغا كەلگەندە ھەرقېتىملىق سويغان قوينىڭكىنى قايماق يېگەندەك يەۋېتىمەن.
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7
: قوي مىڭىسى يىيىش(شەھلا)