komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 05:50:25

(2) Vladimir Nabokow رومانچىلىق قاراشلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   komsha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 06:55  

«دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى»
بۇ كىتاپ جون ئاپدىكنىڭ كىرىش سۆزى ۋە نابوكوۋنىڭ «ياخشى ئوقۇرمەنلەر ۋە ياخشى يازغۇچىلار» ماۋزۇلۇق بىر تېكسىتى بىلەن باشلانغان.
جون ئاپدايك (John Updike) نابوكوۋنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ فامىلىسى نابوكوۋنىڭ نابوب تىن — سۆز يىلتىزى ئەرەپچىدىن تۈرلەنگەنلىكىنى ۋە 14-ئەسىردىكى تاتار شەھزادىسى نابوك مىرزا تەرىپىدىن كەلتۈرلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيا قاراشلىرى توغرىسىدا كۆپرەك «ئېدموند ۋىلسون — نابوكوۋ مەكتۇپلىرى»دىن پايدىلانغان. نابوكوۋ ۋىلسونغا يازغان مەكتۇپلىرىدا بەزى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. نابوكوۋ ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىن ئامېرىكا خەلقارا مائارىپ ئىنستىتوتى، ستانفورد ئۇنۋېرسىتېتى، كورنېلل ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردا رۇس ئەدەبىياتى، سىلاۋيان ئەدەبىياتى، دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرى بەرگەن. بىرنەرسە دىققىتىمنى تارتتى: نابوكوۋ كورنېلل ئۇنۋېرسىتېتىدا دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرىگە باشلاش ئالدىدا ۋىلسونغا يازغان خېتىدە ئۆزىنىڭ يېقىندا دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسلىرىگە باشلايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئېنگىلىز ئەدەبىياتىغا ئائىت تەۋسىيەلىرىنى سورىماقچى ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاز ئىككى يازغۇچى تەۋسىيە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ يازىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا ۋىلسوننىڭ جاۋابىدا بولۇپ، ۋىلسون، «ئېنگىلىز رومانچىلىرى ھەققىدە، ماڭا كۆرە ھىچكىمگە تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەڭ بۈيۈك ئىككىسى (ئېرلاندىيىلىك بولغىنى ئۈچۈن جويسنى سىرتتا قالدۇرغاندا) دىكېنس ۋە جېين ئائۇستىندۇر. تېخى باشلىمىغان بولساڭ «چۆلسىرىگەن ئۆي» (Bleak House) ۋە «كىچىك دوررىت»نىڭ ئاخىرقى دەۋر دىكىنىسىنى بىر قېتىم تەكرار ئوقۇپ باق. جېين ئائۇستىننىڭ باشتىن ئاخىر ھەر نەرسىسىنى، ھەتتا پۈتمىگەن پارچىلىرىنىمۇ ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ». جاۋاپ خەتنىڭ جېين ئائۇستىن ھەققىدىكى قۇرلىرىغا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ كىرىش سۆزدە نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيات قاراشلىرى ھەققىدە نەقىل قىلىنغان بەزى جۈملىلەر:
«ئۇسلۇپ ۋە قۇرۇلما كىتاپنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇلۇغۋار پىكىرلەر بولسا لاۋزىلىقتۇر.
«ئىشنىڭ توغرىسى، بۈيۈك رومانلار — سەلتەنەتلىك پەرى ھىكايىلىرىدۇر ۋە بۇ تۈركۈمدىكى رومانلار ئۈستۈن ھىكايىلەردۇر... ئەدەبىيات — بىر ئوغۇل بالا ‹بۆرى!› دەپ ۋارقىرىغان ۋە ئارقىدىن ھىچبىر بۆرى كەلمىگەن كۈنى تۇغۇلدى.
«توغرا بىر شېئىر نەزىرىيىسىنى تىلغا ئېلىشنى ئارزۇ قىلساق، رىياللىقنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشنى زۆرۈر دەپ بىلىمىز، چۈنكى رىياللىق شېئىرنىڭ ئاساسىي يوللىمىسىدۇر».
نابوكوۋغا كۆرە بولسا رىياللىق، بىر قۇرۇلمىدىنمۇ ئۆتەراق، بىر ئالداش يوپۇقى ۋە ئادىتىگە ئىگە.
«ھەر بۈيۈك يازغۇچى بۈيۈك ھىلىگەردۇر، ئەمما ئەڭ باش ھىلىگەر تەبىئەتمۇ بۈيۈك بىر ھىلىگەردۇر.
«دۇنيا — سەنئەتنىڭ خام ماتىرىيالى — ئەمەلىيەتتە سەنئەتكارانە مەخلاۇقتۇر ]يارىتىلغۇچى[.
كافكانىڭ باي تىراگىك-كومېدىيىسىنىڭ ھەممىسىدىكى مەۋھۇملۇقنىڭ نابوكوۋنىڭ ئېتىقادىدا ئورنى يوق.
كىرىش سۆزدىن ئالىدىغىنىمىز تۈگىدى.
«‹بوۋارى خانىم›دا بۇرژۇئازىيە تەنقىدلەنگەن دېگەندەك مۇقۇملاشقان چۈشەنچە بىلەن ئوقۇشقا باشلاشتەك يازغۇچىغا ھەقسىزلىق قىلىش ياكى بىزار قىلغۇچى بىر نەرسە بولمىسا كېرەك. سەنئەت ئەسىرىنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا يېڭى بىر دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ئىكەنلىكىنى دايىم ئەستە تۇتۇشىمىز لازىم.
«بىر روماندىن جايلار ۋە دەۋرلەر ھەققىدە مەلۇمات توپلاشنى ئۈمىت قىلالامدۇق؟ ھەرقانداق بىر كىشى تارىخىي رومان ۋىۋىسكىسى ئاستىدا كىتاپ كلۇپلىرىنىڭ سەييارە ساتقۇچىلىقىنى قىلىدىغان ئېتىگە تولغان بازارلىق كىتاپلار يايمىسىدىن كەچمىش ھەققىدە ھەرقانداق بىرنەرسە ئۈگۈنەلەيمەن دەپ ئويلايدىغانلاردەك نادان بولۇشى مۈمكىنمۇ؟ خوش، داڭلىق ئەسەرلەر قانداق؟ پۈتۈن بىلىدىغىنى مەلۇم بىر پوپنىڭ دالان ئۆيى بولغان جېين ئائۇستىننىڭ بارونلىرى، مەنزىرىلىك قورۇقلىرى بىلەن يەر ئىگىلىرىنىڭ ئەنگىلىيىسى تەسۋىرلىرىگە ئىشىنىشىمىز مۈمكىنمىدۇر؟ ۋە ‹چۆلدەرىگەن ئۆي›، پەۋقۇلئاددە بىر لوندون ئىچىدە پەۋقۇلئاددە مۇھەببەت ھىكايىسىگە، يۈز يىل بۇرۇنقى لوندوننىڭ تەتقىقاتى دىيەلەمدۇق؟ ئەلۋەتتە دىيەلمەيمىز.
«زامان ۋە ماكان، مەۋسۇملارنىڭ رەڭلىرى، مۇسكۇللارنىڭ ۋە زېھىننىڭ ھەركەتلىرى،... بۇلارنىڭ ھەممىسى دېھاسى بولغان يازغۇچى ئۈچۈن ( تەخمىن قىلغىلى بولۇدۇغان مىقداردا ۋە توغرا تەخمىن قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن) ئاممىۋىي ھەقىقەتلەرنىڭ سەييارە كۈتۈپخانىلىرىدىن ئارىيەت ئالغىلى بولۇدۇغان ئەنئەنىۋىي پىكىرلەر ئەمەس، ئۇستا سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس پىچىمدا ئىپادە قىلىشنى ئۈگەنگەن بىر قاتار ئاجايىباتلىرىدۇر. ئۇششاق يازغۇچىلارغا ئادەتتىكى ھادىسىلەرنى پەدەزلاشلا قالۇدۇ: بۇلار دۇنيانى يېڭىدىن كەشپ قىلىش جاپاسىنى تارتىپ يۈرمەيدۇ، پەقەت مەۋجۇت تەرتىپتىن، توقۇلمىنىڭ ]نابوكوۋ ‹رومان› دېگەن سۆز بىلەن ‹توقۇلما› دېگەن سۆزنى دايىملا پاراللېل ئىشلىتىدۇ[ ئەنئەنىۋىي قېلىپلىرىدىن قولىدىن كېلىشىچە كۆپرەك سىقىپ چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. بۇ كىچىك يازغۇچى ]ئادەتتىكى يازغۇچىلارنى دېمەكچى، بۈيۈك سەنئەتكارلارنىڭ تەتۈرى[لارنىڭ بۇ چەكلىمە ئىچىدە ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىرىنىڭ تۈرلۈك كومبىناتسىيەلىرى قىسقا مۇددەت يېتەرلىك دەرىجىدە قىزىقارلىق بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى كىچىك ئوقۇرمەنلەر ]بۇمۇ سەنئەتنى چۈشەنمەيدىغان، ۋەقە قوغلۇشۇپ ئوقۇيدۇغان بىچارىلەرنى بىلدۈرۈدۇ[ يېقىملىق بىر مەخپىيەتلىك ئىچىدە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى كۆرۈشتىن زوقلۇنۇدۇ....ئەگەر ئەڭ باشتىنلا دۇنيانى توقۇلمىنىڭ مۈمكىنلىكى سۈپىتىدە كۆرۈش سەنئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بولسا يېزىش سەنئىتى بەكلا بىكار بىر ئىشتۇر. بۇ دۇنيانىڭ ماتىرىيالى يېتەرلىك دەرىجىدە رىيال بولۇشى مۈمكىن (رىياللىق قانچىلىك رىيال بولالىسا) ئەمما بۇ ماتىرىيال قوبۇل قىلىنغان بىر پۈتۈنلۈك ھالىتىدە تېپىلمايدۇ.
«ئەدەبىيات — بىر ئوغۇل بالا ‹بۆرى!› دەپ ۋارقىرىغان ۋە نېئادېرتال ۋادىسىدىن ئارقىسىدا يوغان بىر كۈلرەك بۆرى بىلەن يۈگرەپ كەلگەن كۈنى تۇغۇلمىدى. ئەدەبىيات — بىر ئوغۇل بالا ‹بۆرى› دەپ ۋارقىرىغان ئەمما ئارقىسىدىن ھىچبىر بۆرى كەلمىگەن كۈنى تۇغۇلدى. ئۇ بىچارە يىگىتنىڭ بەك تولا يالغان سۆزلەيدىغانلىقىدىن ئاخىرىدا ھەقىقەتەنمۇ بۆرىنىڭ يېۋەتكەنلىكى پەقەتلا ئەھمىيەتسىزدۇر. بۇ يەردە ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇ: ئۆسكىلەڭ چىملار ئارىسىدا ياتقان بۆرى بىلەن، مۇبالىغىلىق توقۇلغان ھىكايىدىكى بۆرى ئارىسىدا جۇلالىق بىر ۋاسىتىچى باردۇر. ئەنە شۇ ۋاستىچى، ئاشۇ پرىزما ئەدەبىيات سەنئەتتۇر.
«ئەدەبىيات ئىجادىيەتتۇر. توقۇلما توقۇلمىدۇر. بىر ھىكايىنى ھەقىقىي بىر ۋەقە دېيىش ھەم سەنئەتكە، ھەم دە ھەقىقەتكە ھاقارەتتۇر. ھەربىر بۈيۈك يازغۇچى بۈيۈك بىر ھىلىگەردۇر، ئەمما ئەڭ باش ھىلىگەر تەبىئەت، تېخىمۇ چوڭ ھىلىگەردۇر.
«سەنئەتنىڭ سىھرى، ئوغۇل بالىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ توقۇپ چىققان بۆرىسى سايىسىدە، ئوغۇلنىڭ بۆرى چۈشىدە ئىدى، كېيىن ئوغۇلنىڭ ئوغۇل ئويۇنلىرىنىڭ ھىكايىسى ياخشى بىر ھىكايە بولۇپ قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئوغۇل ئوتتۇرىدىن يوق بولغاندا ئۇنىڭ ھەققىدە سۆزلەنگەن ھىكايە گۇلخان ئەتراپىدىكى قاراڭغۇلۇقتا ياخشى بىر دەرس ئالاھىدىلىكى قازاندى. ئەمما كىچىك بىر سېھىرۋاز بولغىنى ئۇ ئىدى. ئىجاتكار ئۇ ئىدى.
«بىر يازغۇچى ئۈچ كۆرۈش نۇقتىسىدىن: بىر ھىكايە سۆزلىگۈچى؛ بىر ئوقۇتقۇچى سۈپىتىدە ياكى بىر سېھىرۋاز سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشى مۈمكىن. بۈيۈك بىر يازغۇچى بۇ ئۈچىنى يۇغۇرۇۋەتكەن بولۇدۇ؛ ئەمما ئەڭ موھىمى — ئۇنى بۈيۈك قىلغىنى ئۇنىڭ سېھىرۋازلىقىدۇر.
«ماڭا شۇنداق تۇيۇلۇدۇكى، بىر روماننىڭ ئالاھىدىلىكىنى  چېكىپ بېقىشنىڭ ئەڭ ياخشى فورمۇلاسى — ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلاندا — شېئىرنىڭ كەسكىنلىكى بىلەن بىلىمنىڭ سەزگۈسىنىڭ ئارىلاشمىسى. ئۇ سېھىرنىڭ تاتقىنى تېتىماق ئۈچۈن ئەقىللىق بىر ئوقۇغۇچى دېھا مەھسۇلى بولغان كىتاپنى يۈرىكى بىلەن، ئەقلى بىلەن ئەمەس، ئومۇرتقۇسى بىلەن ئوقۇيدۇ».
«ياخشى ئوقۇرمەنلەر ۋە ياخشى يازغۇچىلار»دىن

دۇنيا ئەدەبىياتى توغرىسىدىكى ئاساسىي تېكست:
دۇنيا ئەدەبىياتى دەرسى ئۈچۈن تاللانغان يازغۇچىلار شۇلار:
جېين ئائۇستىن، ئۇنىڭ «مانسفىېلد باغچىسى» رومانى؛ چارلېس دىكېنس، ئۇنىڭ «چۆلدەرىگەن ئۆي» رومانى؛ گۇستاۋ فلوبېرت، ئۇنىڭ «بوۋارى خانىم»ى؛ روبېرت ستېۋېنسون، ئۇنىڭ «غەلىتە بىر ۋەقە: دوختور جېكىلل ۋە ھايد ئەپەندى»؛ مارسېل پروۇست ۋە ئۇنىڭ «سۋاننلارنىڭ تەرىپى» (Swann's Way) (بۇ يەتتە توملۇق رومان «يۈتكەن دەۋرنىڭ ئىزىدىن»نىڭ بىرىنچى قىسمى. ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىنىڭ نامى: Remembrance of Things Past)؛ فرانز كافكا: «ئۆزگۈرۈش»؛ جېيمىس جويس: «يۇلىسېز» (ئوقۇلۇشى بويىچە ئالدىم). نابوكوۋ بۇ كىتاپتىمۇ دايىملا «بوۋارى خانىم»نىڭ ئېسىللىكىنى تەكىتلەپ تۇرۇدۇ. ئۇنىڭچە بۈگۈنگىچە يېزىلغان رومانلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى، ئەگەر فلوبېرت بولمىغان بولسا جويس تۇغۇلمايتى، دەپ قارايدۇ.
دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بۇ ئۆرنەكلىرىدىن ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى پەقەت «بوۋارى خانىم»نى تونۇيدۇ. ئەمما تەرجىمىسى تەرجىمىدىن تەرجىمە بولغاچقا بەك ئىشەنچلىك بولمىسا كېرەك. ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ يوقۇرىقى ئاپتورلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەمدى باشلايلى.:
جېين ئائۇستىن — «مانسفىېلد باغچىسى» دەرسىدىن:
«مۇنداقلا قارىماققا جېين ئائۇستىن مىجەزى ۋە خامماتىرىيالى كونا مودا، سۈنئىي ۋە رىياللىق تېشى كۆرۈنۈدۇ. ئەمما بۇ يامان ئوقۇرمەن دۇچار بولغان يېڭىلىشلىقتۇر. ياخشى ئوقۇرمەن، كىتاپلار ھەققىدە توختالغاندا رىيال ھايات، رىيال ئىنسان ۋاھاكازالارنى ئىزدەشنىڭ مەنىسىزلىكىنى بىلىدۇ. بىر كىتاپتا بىر ئىنساننىڭ، بىر نەرسىنىڭ ياكى بىر ھالەتنىڭ رىياللىقى تامامەن شۇ كىتاپنىڭ دۇنياسىغا باغلىقتۇر. خاسلىقى بار بىر يازغۇچى دايىما خاسلىقى بار بىر دۇنيا ئىجات قىلىدۇ ۋە خاراكتېر ياكى بىر ۋەقە شۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا ئۇيغۇن بولسىلا، ئۇ ھالدا كىتاپ تەتقىقاتى قىلىدىغان، بۇيرۇتمىغا بىر نېمە يازىدىغان بىچارىلارنىڭ «رىيال ھايات» دەيدىغان نەرسىسىگە ئايلاندۇرۇلغاندا ئۇ كىشى، ئۇ نەرسە قانچىلىك نورمالسىز كۆرۈنسىمۇ بىز سەنئەت ھەقىقىتىنىڭ زوق بېرىدىغان تىترىتىشىنى تېتىۋېرىمىز. دېھاسى بولغان بىر يازغۇچى ئۈچۈن رىيال ھايات دەيدىغان بىر نەرسە يوقتۇر، ئۇنى ئۆزى يارىتىشى ۋە كېيىن نەتىجىسىنىمۇ يارىتىشى كېرەك.
«‹بوۋارى خانىم› ۋە ‹ئاننا كارېنىنا›دەك رومانلار، ماختاشقا لايىق بىر پىچىمدا، كونتروللۇق ئاستىدىكى ھەيۋەتلىك پارتلاشلاردۇر.
«مەكتۇپ يېزىش ئىشى ]ئاساسىي باياننى بىرسىنىڭ مەكتۇبى شەكلىدە بېرىش ئۇسلۇبىنى دېمەكچى[ ھىچقانداق بۈيۈك سەنئەتلىك قىممىتى بولمىغان قىسقا يولدۇر.
«ئۇسلۇپ، يازغۇچى مىجەز-خۇلقىنىڭ ئارىلاشمىسىنى ياكى خاراكتېرىستىكىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، ئۇسلۇپتىن سۆز ئاچقىنىمىزدا، خاسلىققا ئىگە يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەزىنى ۋە بۇ مىجەزنىڭ سەنئەتكارنىڭ ئەسەرلىرىدە [ئەسلى مەنبەدىكى مەنا ئەسەرلا ئەمەس، ئۇنىڭ تەرىپىدىن يارىتىلغان ھەر نەرسە] ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇمىز. ھاياتتىكى ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولۇشىغا قارىماي، مۇنازىرىگە لايىق بولغىنى ئۇ ياكى بۇ دېھاسى بولغان، خاسلىققا ئىگە يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبىدۇر. بۇنداق دېھا شۇئاننىڭ ئۆزىدە يازغۇچىدا يوق بولسا، ئەدەبىي ئۇسلۇبىدا ئۆزىنى ئىپادە قىلالمايدۇ.
«تالانتى بولمىغان بىر يازغۇچى قىممىتى بار بىرەر ئۇسلۇپ بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ ھالدا قىلالايدىغىنىنىڭ ئەڭ ئوبدىنى قەستەن بىر يەرگە توپلانغان، ئىلاھىي ئۇچقۇندىن يوقسۇل، سۈنئىي بىر مېخانىزم بولۇدۇ.
«مانا شۇ سەۋەپتىن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئەدەبىي ئىقتىدارى يوق بولغان تەقدىردە بىرسىگە توقۇلما ]رومان[ يېزىشنى ئۈگەتكىلى بولۇدۇغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. پەقەت بۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولغان بىر ياش يازغۇچىغا ئۆزىنى تېپىۋېلىشىغا، تىلىنى قېلىپبازلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىغا، ئەجەمىيلىك [كەسپ ئەھلىنىڭ تەتۈرىسى — بېجىرىكسىز، بۇجۇمبۇش، ئىشىنىڭ ئەھلى بولمىغان مەنىلىرىدە]لىرىنى تۈگۈتۈشىگە، ئۇيغۇن سۆزنى (پىكىرنىڭ دەل تونىنى ۋە ھەجمىنى مۈمكىنقەدەر كەسكىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەڭ ئۇيغۇن سۆزنى) كۆزىنى ئۈزمەستىن سەۋرچانلىق بىلەن ئىزدەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم قىلغىلى بولۇدۇ.
چارلېس دىكىنس — «چۆلدەرىگەن ئۆي»
« ئەگەر بۇ تىترەش ]زوقلۇنۇشنىڭ ھاياجىنىدىن بارلىققا كەلگەن تىترەش[نىڭ تاتقىنى تېتىش قابىلىيىتىمىز بولمىسا، ئەگەر ئەدەبىياتتىن زوق ئالالمىساق، ئۇ ھالدا بۇ ئىشنى تاشلايلى، رەسىملىك رومانلارغا ]بالا رومانلىرى[، تېلىۋىزورلىرىمىزغا، ھەپتىنىڭ كىتاپلىرىغا مەركەزلىشەيلى.
«‹چۆلدەرىگەن ئۆي› ھەققىدە مۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىزدا، كۆپ ئۆتمەيلا روماننىڭ رومانتىڭ ۋەقە زەنجىرىنىڭ بىر يېڭىلىشلىق ئىكەنلىكىنى، بەكمۇ سەنئەتلىك ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى بايقايمىز.
«ئەدەبىياتنىڭ جەمىيەتشۇناسلىق ]توپلۇمبىلىم[ ياكى سىياسىي تەسىرى ئۈستىدە ئىشلىنىشى، خاس ئەدەبىياتنىڭ ئىستېتىك تىترىشىم ]ھاياجان تەسىرىدىكى تىترەش[لىرىگە يارىتىلىش ئىتىۋارى بىلەنمۇ تەربىيەدىن مۇستەسنا قالغانلار، ئىككى تاغاق سۆڭىكى ئارىسىدىكى جۇغۇلداشنى ھىس قىلالمايدىغانلار ئۈچۈنلا پىلانلىنىشى كېرەك. (يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن، ئەگەر ئومۇرتقىڭىز بىلەن ئوقۇمايدىغان بولسىڭىز كىتاپ ئوقۇشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق.)
«دىكىنس — كەنسىرى تۇمانى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە بىر سېھىرگەر، بىر سەنئەتكاردۇر؛ بالىلار تېمىسىدا سەنئەتكار بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن داۋاچىدۇر؛ ھىكايىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە باشقۇرغان سىر تېمىسىدا بەك ئەقىللىق بىر ھىكايە بايانچىسىدۇر.
«گۇستاۋ فلائۇبېرتنىڭ توقۇلما يازغۇچىسى ھەققىدىكى ئىدىيسى، خۇددى دۇنياسىدا تەڭرىدەك، يازغۇچىمۇ كىتابىدا ھىچبىر يەردە ۋە ھەريەردە، كۆرۈنمەس ۋە ھازىر ھەم نازىر بولۇشى كېرەك، دېگىنىدە جانلىق بىر شەكىلدە ئىپادە قىلىنغانىدى. فلائۇبېرت ئۆزى بۇ غايىسىگە ‹بوۋارى خانىم›دا يەتكەن بولسىمۇ، يازغۇچى مەۋجۇتلۇقىنىڭ فلائۇبېرتنىڭ كۈتكىنىدەك ئۆزىنى تۇيدۇرمىغان بىر قانچە بۈيۈك توقۇلما بار. ئەمما يازغۇچى ئىدىئال سۈپىتىدە ئۆزىنى تۇيدۇرمىغان بۇ ئەسەرلەردىمۇ، يازغۇچى كىتاپنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شۇنداقكى، يازغۇچىنىڭ يوقلۇقى بىر تۈرلۈك پارىلدىغان مەۋجۇدىيەتكە ئايلانغان. خۇددى فرانسۇزلارنىڭ ‹يوقلۇقىدا پارىلدايدۇ› ]يۈتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن[ دېگىنىدەك. ‹چۆلدەرىگەن ئۆي› ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، گەپ ھۆۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋە ئارىلىق قالدۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈستۈن مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدىكى يازغۇچىلاردىن بىرى ئەمەس، كىتاپلىرىغا ئوخشىمىغان سالاھىيەتلەر بىلەن چۈشكەن ياكى كىتاپلىرىغا ئوخشىمىغان ۋاستىچىلەر، ۋەكىللەر، ئاگېنتلار، پوداقچىلار، جاسۇسلار، ئىشپيونلارنى ئەۋەتىپ مىلىكە بولغان كۆڭۈلگە يېقىن، قىزىقارلىق يېرىم تەڭرى سۈپىتىدىكى يازغۇچىلاردىن بىرىدۇر.
«شۇنى دېييىشىم كېرەككى، رومان ئاجايىپ پىلانلانغان بولۇشىغا قارىماي، ئاساسلىق خاتا، ھىكايىنىڭ بىر قىسمىنى ئېستېر ]رومان قەھرىمانلىرىدىن بىر قىز[نىڭ بايان قىلىشى ئىدى. مەن بولسام بۇ قىزنى يېقىن يولاتمايتىم.
«ئۇسلۇپنىڭ تەسىرى ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. دىكىسقا، گوگولغا، فلائۇبېرتقا، تولستويغا ۋە بارلىق بۈيۈك ئۇستىلارغا  ئېلىپ بارىدىغان سېھىرلىك ئاچقۇچتۇر.
«پىچىم (قۇرۇلما ۋە ئۇسلۇپ) = تېما؛ سەۋەبى ۋە قانداق = قانداقلىقى.
«ئەدەبىيات — ھەقىقەتەنمۇ ئاساسلىق پىكىرلەردىن ئەمەس، مۇئەييەن ئاشكارىلىنىشلاردىن؛ پىكىر مەكتەپلىرىدىن ئەمەس، دېھا ساھىبى شەخسلەردىن ھاسىل بولۇدۇ. ئەدەبىيات بىر نەرسە ھەققىدە ئەمەس، نەرسىنىڭ ئۆزىدۇر.
«بۈيۈك بىر سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بىزدە قالدۇرۇدۇغان تەسىرى نېمە؟ (بىز دېگىنىمدە ياخشى ئوقۇرمەنلەرنى كۆزدە تۇتتۇم). شېئىرنىڭ كەسكىنلىكى ۋە بىلىمنىڭ ھاياجىنى.
گۇستاۋ فلائۇبېرت — «بوۋارى خانىم»
«[‹بوۋارى خانىم›] پىچىم نۇقتىسىدىن شېئىردىن كۈتۈلۈدۇغان تەسىرنى بېرەلىگەن نەسرىي ئەسەردۇر.
«بالىغا بىر چۆچەك ئوقۇپ بېرىسىز، بالا سىزدىن ‹راست بولغانمۇ؟› دەپ سورايدۇ. ئەگەر راست بولمىغان دېيىلسە بالا سىزدىن راست بولغان بىر چۆچەك تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىرى قوپۇپ سىمىت ئەپەندى بايا تېز ئۇچۇپ ئۆتكەن يېشىل ئۇچقۇچىسى بار، كۆك بىر ئۇچار جىسىم كۆرۈپتۇ، دېسە ئۇ چاغدا ‹راستمۇ؟› دەپ سورايسىز. چۈنكى بۇنىڭ راست بولۇشى، ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسۈتۈدۇغان، ئەمەلىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك سانسىز نەتىجىلەر تۇغدۇرۇشى مۈمكىن. ئەمما بىر رومان ياكى شېئىر توغرىسىدا ‹راست بولغانمىدۇ؟› دەپ سورىماڭ، سادىغاڭ كېتەي. ئۆزىمىزنى ئالدىمايلى؛ ئۇنۇتماڭكى، ئەدەبىياتنىڭ ھىچقانداق ئەمەلىي قىممىتى يوق. ... ئېمما بوۋارى دېگەن قىز ھىچقاچان ياشاپ باقمىدى، ئەمما ‹بوۋارى خانىم› دېگەن كىتاپ مەڭگۈ ياشايدۇ. كىتاپلار قىزلاردىن كۆپ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈكتۇر.
«راستىنى دېگەندە بارلىق توقۇلمىلار ]رومانلار[ توقۇلمىدۇر. بارلىق سەنئەت ئالدامچىدۇر.
«فلائۇبېرت بولمىغان بولسا فرانسىيىدە مارسېل پروئۇست، ئىرلاندىيىدە جېيمىس جويس بولمىغان بولاتتى.
«...ىزىملەر كېتىدۇ؛ ...ىزىملەر ئۆلۈدۇ، سەنئەت قالۇدۇ.
«يېزىلغان سەرگۈزەشتلەردىن زوق ئالماق بالىلىقتىلا كەچۈرۈشكە بولۇدۇغان بىر قىلىقتۇر.
«بەزى يۈزەكى يېڭىلىقلىرىغا قارىماي، جويسنىڭ فلائۇبېرتتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارغىمۇ قوشۇلمايمەن.
«رومان يېزىش تېخنىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا سەنئەت بىلەن بىلىمنىڭ كېسىشكەن چوققا نۇقتىسىدۇر.
«گوگول ‹ئۆلۈك جانلار›ىنى نەسرىي شېئىر دەپ سۈپەتلىگەنىدى. فلائۇبېرتنىڭ رومانىمۇ نەسرىي شېئىردۇر. ئەمما تېخىمۇ ياخشى ئۆرۈلگەن، توقۇلۇشى تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ سىلىق نەسرىي شېئىردۇر.
«]ئېممانىڭ قامچىسىنى ئىزدەۋاتقان ۋە قامچىسىنى ئۇن تاغىرى ئارقىسىدىن تېپىپ، تارتىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا چارلېسنىڭ ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكچى بولغان سەھنىنىڭ تەسۋرى ھەققىدە[ فرىئۇد — قاراڭغۇ دەۋرلەردىن قالغان ئاشۇ قويمىچى دوختۇر —بۇ تەسۋىرلەردىن چوقۇم مەست بولغان بولاتتى.

مارسېل پروئۇست — «يۈتكەن دەۋرنىڭ ئىزىدىن»: «سۋاننلارنىڭ تەرىپى»
«پروئۇستنىڭ ئەسىرى يۈزەكى ئوقۇرمەن ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە قالايمىقان بىر ئىپادىكى، يۈزەكى ئوقۇرمەنلەر بۇنىڭدىن شۇنچىلىك زېرىكىدۇ، ئۆزىنىڭ ئەسنەكلىرى ئىچىگە شۇنچىلىك چۆمۈلۈدۇكى، كىتاپنى ئەسلا ئوقۇپ تۈگۈتەلمەيدۇ.
«ئەھۋالنىڭ تېگىگە قارىغان بىر ئوقۇرمەن چوقۇمكى، كىتاپنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى بىر قاتار تەكلىپلەردىن ھاسىل بولغانلىقى خۇلاسىسىنى چىقىرىدۇ؛ مەسىلەن، بىر كەچلىك تاماق يۈز ئەللىك بەتنى ئىگىلىگەن، بىر كەچلىك ئولتۇرۇش بولسا بىر تومنىڭ يېرىمىنى.
«ئەسلىتىپ ئۆتۈشۈم كېرەككى، ئۇسلۇپ، يازغۇچىنىڭ تەرزىدۇر. يازغۇچىنى باشقا يازغۇچىلاردىن پەرقلەندۈرۈدۇغان خاس تەرزىدۇر. ئوخشىمىغان ئۈچ يازغۇچىدىن ئۈچ پارچە نەقىل تاللىسام، بۇنىڭدا تېمىنىڭ يىپ ئۇچىنى بېرىدىغان ھىچقانداق مەزمۇن بولمىسا، بۇ نەقىللەرنى ئوقۇپ، سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئىشەنگەن ھالدا ۋارقىراپ: ‹بۇ گوگول، بۇ ستېۋېنسون، بۇ پروئۇست› دېسىڭىز، پەرق ئېتىشىڭىزدە ئۇسلۇپتىكى كۆزگە ئىلىشىدىغان پەرقلەرگە تايىنىسىز. پروئۇستنىڭ ئۇسلۇبى ئۈچ ئۇنسۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالۇدۇ:
1. مېتافورىك سۈرەتلەشنىڭ بايلىقى، قەۋەت ئۈستىگە قەۋەت روبىرو قىلىشلىرى. مانا شۇ پىرىزمادىن قاراپ پروئۇست ئەسەرلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈمىز. .. پروئۇست ئۈچۈن مېتافور تۇيۇقسىز ھۇجۇم بولۇش بىلەن، ئوخشۇتۇش دايىما مېتافورغا، مېتافور بولسا ئوخشۇتۇشقا قاراپ سىرىلىدۇ.
2. بىر جۈملىنى ئەڭ كەڭ شەكىلدە ۋە ئۇزۇنلۇقتا تولدۇرۇپ ئۇزارتىش، جۈملىنىڭ خالتىسىغا مۆجۈزىۋىي ساندا جۈملەچاقلار، تىرناق ئىچى جۈملىسى، يانداش جۈملە، يانداش جۈملىنىڭ يانداش جۈملىسى پىرسلاش مايىللىقى. قىسقىسى، پروئۇست، سۆزلۈك مەرتلىكىدە ھەقىقىي نورۇز بوۋادۇر.
3. بۇرۇنقى يازغۇچىلاردا تەسۋىر تېكستلىرى بىلەن دىئالوگ بۆلۈملىرى بەك كەسكىن بىر ئايرىمچىلىق بولاتتى: ئالدى بىلەن بىشارەت، ئىزاھات شەكىللىك بىر تېكست ]دىئالوگنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدىغان[ ئاندىن سۆھبەت باشلىناتتى. مانا شۇنداق داۋام قىلاتتى. بۇ ئەنئەنىۋىي ئەدەبىياتتا شىشىگە قاچىلىنىپ ]ماركىلىنىپ[ سۇنۇلغان ب سىنىپ ۋە س سىنىپ ئەدەبىياتتا، شۇنداقلا چىلەكتە كەلگەن ]يۇقۇرىدىكى شىشىگە قاچىلانغان مەھسۇلاتنىڭ تەتۈرى، پارچە شەكىلدىكى مەھسۇلات. خۇددى بوتۇلكىلىق ھاراق ۋە يوغان باكتىكى ھاراققا قىياس قىلىش مۈمكىن[، سىنىپلاندۇرۇلمىغان [دەرىجىگە ئايرىلمىغان] ئەدەبىياتتا بۈگۈن ھالا ئىشلىتىلىۋاتقان بىر ئۇسۇلدۇر. ئەمما پروئۇستنىڭ سۆھبەتلىرى ۋە تەسۋىرلىرى بىر بىرى بىلەن ئىچقويۇن-تاشقويۇندۇر؛ گۈلنىڭ، ياپراقنىڭ ۋە قۇرۇتنىڭ ئوخشاش بىر ياشىرىپ تۇرغان دەرەخكە تەۋە ئىكەنلىكىدەك يېڭى بىر پۈتۈنلۈك يارىتىدۇ.
«پروئۇست بىلەن جويس خاراكتېرلىرى (پىرسۇناژلىرى)غا ياندىشىش ئۇسۇلىدا كۆرۈنەرلىك بىر پەرق بار: جويس، تەڭرىگە مەلۇم، جويسقا مەلۇم، پۈتۈن ۋە مۇتلەق بىر خاراكتېرنى ئالۇدۇ ۋە كېيىن كىچىك پارچىلارغا بۆلۈدۇ، بۇ پارچىلارنى كىتاپنىڭ زامان ۋە ماكانىغا سېپىۋېتىدۇ. ياخشى ئوقۇرمەن بۇ پارچىلارنى توپلاپ، ئاستا-ئاستا بىرلەشتۈرۈدۇ. پروئۇست بولسا، بىر خاراكتېرنىڭ، مىجەز-خۇلقنىڭ  ئەسلا بىر مۇتلەق شەكىلدە تېپىلمايدىغانلىقىنى، دايىما سېلىشتۇرمىلاردا بىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ. پروئۇست خاراكتېرلارنى پارچىلارغا بۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا خاراكتېرلەرنى باشقا خاراكتېرلەرنىڭ پىكىرلىرىدە مەۋجۇت بولغان شەكلى بىلەن كۆرسۈتۈدۇ. بۇ تۈردىكى بىر قاتار پىرىزما ۋە كۆلەڭگە كۆرسەتكەندىن كېيىن، بۇلارنى سەنئەت رىياللىقى ھالىتىدە ئارىلاشتۇرۇشنى ئۈمىت قىلىدۇ».

فرانىز كافكا — «ئۆزگۈرۈش»
«ھىكايىنى پارچىلارغا بۆلۈپ، ئۇششاق پارچىلارنىڭ بىر-بىرىگە قانداق ماس كەلگەنلىكىنى، ئارقاق-ئۆرۈشلىرىنىڭ بىر چارچىسى يەنە بىر پارچىسىغا قانداق جاۋاپ بەرگىنىنى تېپىشىمىز مۈمكىن. ئەمما نە تونۇيالمىغان، نە كۆرمەسلىككە سالالمىغان سەزگۈلىرىڭىزگە جاۋاپ سۈپىتىدە تىترىشىدىغان ئىچىڭىزدە بىر يەرلىرىڭىزدە بىر ھۈجەيرە، بىر گېن، بىر باكتىرىيە بولۇشى كېرەك. گۈزەللىك قوشۇلغان ئىچ ئاغرىتىش — سەنئەتنىڭ تەرىپىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا مانا شۇنچىلىك يېقىنلىشىمىز. گۈزەللىك بار يەردە ئىچ ئاغرىتىش بار، ئاددىي بىر سەۋەپ بىلەن: چۈنكى گۈزەللىك ئۆلۈشى كېرەك. گۈزەللىك دايىم ئۆلۈدۇ. ماددا بىلەن بىرلىكتە تۇتۇم(پوزىتسىيە)مۇ ئۆلۈدۇ. شەخسىي بىلەن بىرلىكتە دۇنيامۇ ئۆلۈدۇ. كافكانىڭ ‹ئۆزگۈرۈش›ى ھەرقانداق بىرەيلەنگە ھاشاراتشۇناسلىققا ئائىت فانتازىيەدىن ئۆتەراق بىر نەرسە بولۇپ گۆرۈنگەن بولسا، ئۇ كىشىنى ياخشى ۋە ئاجايىپ ئوقۇرمەنلەر سېپىگە قېتىلغىنى ئۈچۈن قۇتلايمەن.
«‹پەلتۇ›، ‹دوكتور جېكىلل ۋە ھايد ئەپەندى› ۋە ‹ئۆزگۈرۈش›نىڭ ھەر ئۈچى فانتازىيە دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. مېنىڭ قارىشىم بويىچە، ئۆزىگە خاس بىر شەخسنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۆلچىمىدە ھەر بىر پەۋقۇلئاددە سەنئەت ئەسىرى بىر فانتازىيىدۇر. ئەمما ئىنسانلار بۇ ھىكايىلەرنى فانتازىيە دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى بۇ ھىكايىلەرنىڭ تېمىسى نۇقتىسىدىن ئاشۇ رىياللىق دېيىلگەن نەرسىدىن ئۇزاقلاشقىنى ئۈچۈندۇر.
«ماددىي رىياللىققا قايتىشنىڭ بىرلا يولى شۇ: شەخس دۇنيالىرىدىن بىرقانچە دانىنى ئېلىپ بىر ئوبدان ئارىلاشتۇرۇسىز، ئاندىن بۇ ئارىلاشمىدىن قوشۇق بىلەن بىر تامچە ئالىمىز، ماددىي رىياللىق مانا شۇ.
«فرانىز كافكا — بۈگۈنكى گېرمان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ بۈيۈكىدۇر. ئۇنىڭ يېنىدا رىلكېدەك شائىرلار، توماس مانندەك يازغۇچىلار يەر پاپىسى ياكى گەجدىن ياسالغان ئەزىز]خرستيان دىنىنىڭ كاتتا ئادەملىرى[ ھەيكەللىرىچىلىك قالۇدۇ.
«كافكانىڭ دېھاسىدا ئۈستى يېپىق دىنىي مەنىلەر ئىزدەشنىڭ ئورنى يوق. مەن تېما سىرتىدا قالدۇرۇشنى ئىستىگەن يەنە بىر مەسىلە فرىئۇدچى قاراشلاردۇر. فرىئۇدچى تەھلىلچىلەر ‹ئۆزگۈرۈش›نى كافكانىڭ دادىسى بىلەن بولغان مۇرەككەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھاياتى بويىچە داۋام قىلغان گۇناھكارلىق تۇيغۇسى ئاساس بولغان دېيىش بىلەن چەكلىنىدۇ. تېخىمۇ كۈلكىلىكى، بۇلار مىتولوگىيىلىك سىمگە ]سىمۋوللۇق بەلگە[چىلىكتە بالىلارنىڭ ھاشارات بىلەن سىمگىلىنىدىغانلىقىنى — بۇنىڭدىنمۇ گۇمانلىنىمەن — ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى كافكانىڭ قۇرۇت سىمگىسىنى فرىئۇدچى چىقىش نۇقتىسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئوغۇلغا ۋەكىللىك قىلدۇرۇشتا پايدىلانغانلىقىغا ئاپىرىشىدۇ. ‹قۇرۇت — دەيدۇ بۇلار — كافكانىڭ دادىسىنىڭ مەۋجۇدىيىتى قارشىسىدا چۈشكەن ھىسسىي ھالى (ئېتىۋارسىزلىق)نى تولۇق مەنىسى بىلەن ئىپادە ئېتىدۇ›. ...مەن بۇ تۇتامسىزلىقنى رەت قىلىمەن.
«كافكادىكى تەسىرنىڭ ئەڭ چوڭى فلائۇبېرتنىڭ تەسىرىدۇر. چىرايلىق گەپ يورغۇلۇتۇشلارغا نەپرەتلىنىدىغان فلائۇبېرت چوقۇمكى، كافكا ئىشلەتكەن ۋاستىنى ئالقىشلايتى. كافكا سۆزلەرنى قانۇن ۋە بىلىم تىلىدىن تاللاشنى ياخشى كۆرەتتى ۋە بۇ سۆزلەرگە بىر تۈرلۈك مەسخىرىلىك كەسكىنلىك بېرەتتى. يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ھاياجانلىرىنىڭ ئىشقا ئارىلىشىشىغا ئىجازەت بەرمەيتى. بۇمۇ فلائۇبېرتنىڭ تەڭداشسىز شېئىرىي تەسىر ھاسىل قىلىشتا ئىشلەتكەن ئۇسۇلنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
«كافكانىڭ ‹ئۈچ› سىمگىسىنى ئىستېتىك ۋە مەنتىقىي مەنىلەر نۇقتىسىدىن باھالىشىمىز كېرەك ھەمدە، جىنسىي مىتولوگىيەچىلەرنىڭ ۋىيانالىق سېھرىگەر دوختۇرنى ]فرىئۇدنى دېمەكچى[ يۆنلەندۈشى نەتىجىسىدە ئويدۇرۇپ چىققان مەنىلەرگە ھىچ يول قويماسلىقىمىز كېرەك».

جېيمىس جويس — يۇلىسېز
يۇلىسېز — بىر كۈننىڭ ھىكايىسى بولۇپ، بۇ كۈن 1904-يىلى 16-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى. بۇ كۈن ھەققىدە تەتقىقاتچىلار شۇنى قەيت قىلغان: بۇ كۈن جېمىسنىڭ بولغۇسى ئايالى نورا بارناكل بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان كۈنى ئىكەن. جېيمىس ئۆزى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ھىساپلىنىدىغان بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، رومانىدا بۇ كۈننى تاللىغان بولسا كېرەك.
رومان ئاساسلىق ئۈچ باشقەھرىماننىڭ ئارقىسىدىن كېتىدۇ: لېوپولد بلۇم، موللى بلۇم (بلۇم خانىم) ۋە ستېفېن دېدالۇس. يۇلىسېزدىن تا دېدالۇسقىچە قەدىمقى يۇنان كىلاسسىكى ھومېرنىڭ ئودېسسا داستانىغا باغلىنىش قۇرۇشقا تىرىشىدۇ. دەسلەپتە — رومان باپلار ھالىتىدە «كىچىككىنە كۈزۈتۈش»تە ئېلان قىلىنغاندا باپلارنىڭ ئىسىملىرى بار ئىدى. بۇ ئىسىملارنىڭ ھەممىسى «ئودېسسا» داستانىدىن ئېلىنغان بولۇپ، جېيمىسنىڭ قەھرىمانلىرى بىلەن بىر ئوخشاشلىقى بارلىقى قىياس قىلىناتتى. مەسىلەن: كىتاپنىڭ ئىسمى بولغان يۇلىسېز ئودىسسا ئىدى. بىرىنچى باپ، ‹تېلىماخۇس›  ستېفېن دېدالۇسقا ئىشارە ئىدى؛ بلوم خانىم بولسا پېنېلوپقا ۋەكىللىك قىلاتتى...
ئەمما بۇنداق قەدىمقى كىلاسسىكلارغا باغلاشقا ئۇرۇنغان تەھلىلچىلەرنىڭ ئەكسىچە، نابوكوۋ بۇنداق باغلاشنىڭ ناتوغرىلىقىنى كەسكىن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇدۇ. بۇنىڭغا بولسا، پارچە ئېلان قىلىنغاندا قويۇلغان ھومېرچە ماۋزۇلارنىڭ كىتاپ سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغاندا ئاپتور تەرىپىدىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى دەلىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىر قاملاشمىغان قىلىق ئىكەنلىكىنى ئاپتور ئۆزىمۇ ھىس قىلغان دەپ قارايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئۈزۈنتە تەرجىمىلەردە نابوكوۋنىڭ ئۆز ئاغزىدىنمۇ ئاڭلايسىز.
«‹يۇلىسېز› — كۆركەم ۋە ئۆلمەس بىر ئەسەردۇر. ئەمما سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەك پىكىرلەر، ئومۇملاشتۇرۇشلار ۋە ئىنسان ھىكايىسىنىڭ مۇرەككەپ تەرەپلىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك ھەپىلىشىدىغان تۈردىكى تەنقىتچىلەر تەرىپىدىن ھەددىدىن بىر ئاز ئاشقىن باھا بېرىلدى. ئىلانچى بلۇمنىڭ ئودېسسا ياكى يۇلىسېزنىڭ بەك كۆپ خاسلىقى بولغان ئادەمنىڭ رولىنى ئوينىغانلىقى ۋە بلۇمنىڭ زىنا قىلغان خوتۇنىنىڭ ئىپپەتلىك پېنېپولغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ستېفېن دېدالۇسقا بولسا تېلېماخوسنىڭ رولى بېرىلگەنلىكى، لېوپولد بلۇمنىڭ دۇبلىندا بىر ياز كۈنى ئادەتتىكىچە كېزىشلىرى ۋە كىچىك ماجرالىرىدىن ئودېسساغا يېقىن بىر پارودىلارنى كۆرۈشكە قارشى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇمەن. بلومنىڭ ئەتراپتا كېزىشلىرى تېمىسىدا بەك داڭقان پۇتى ۋە بەك ئومۇملاشقان بىر ھومېرچە ئىنكاس بارلىقى، كىتاپ بويىچە بەك كۆپ ئەسلەتمىلەر ئارىسىدا بىر قاتار كىلاسسىك ئەدەبىياتقا قارىتا ئەسلەتمىلەرمۇ بار، ئەمما كىتاپنىڭ ھەر خاراكتېرىدە ۋە ھەر سەھنىسىدە يېقىن پاراللېل ئىزدىمەك ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولۇدۇ. كونىرىغان بىر ئەپسانىگە ئاساسلانغان ئۇزارتىلغان ۋە داۋام قىلدۇرۇلغان بىر ئالېگورىدىنمۇ زېرىكىشلىك نەرسە بولماس. ئەسەر باپلار بويىچە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جويس، بىلىمسەل ۋە ئاتالمىش بىلىمسەل لاۋزىلارنىڭ نېمىگە تەرەددۇت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باپلارنىڭ ساختا — ھومېرچە ماۋزۇلىرىنى ئۆچۈرۈۋەتتى.زېرىكەرلىك بىر تىپ، جويسنىڭ چاخچاق ئارىلاش ھاسىل قىلغان بىر تىزىملىكى بىلەن خاتالاشقان ستۇئارت گىلبېرت ]تەنقىتچى، جويسنىڭ دوستى[ ئاتلىق بىر ئادەم ھەر بۆلۈمدە مۇئەييەن بىر ئەزا — كۆز، قۇلاق، ئاشقازان، ۋ ك — ھۆكۈمران ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقتى، ئەمما بۇ بىزار قىلغۇچى تۇتامسىزلىقنىمۇ رەت قىلىمىز. سەنئەتنىڭ ھەممىسى بىر مەنىدە سىمۋوللۇقتۇر. ئەمما بىلىپ تۇرۇپ، بىر سەنئەتكارنىڭ ئۈستى يېپىق سىمۋولىنى بىر بىلەرمەننىڭ ئەسكى ئالېگورىسىغا — مىڭ بىر كېچىنى بىر شراينېرس قۇرۇلتىيىغا — ئايلاندۇرغان تەنقىتچىگە ‹توختا، ئوغرى!› دەيمىز.
«ئۇنداقتا كىتاپنىڭ ئاساسىي تېمىسى نېمە؟ بەك ئاددىي:
1. ئۈمۈتسىز كەچمىش. 2. كۈلكىلىك ۋە تراگىك ھازىر. 3. مۇئەسسىر ]تەسىرلىك[ كەلگۈسى.
«كىتاپنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، بىر قاتار تېمىلارنىڭ تەكرارلىنىشىدۇر. بۇ تېمىلار تولستويدا ۋە كافكادا قولغا ئالغانىمىزدىن تېخىمۇ بەك چېگرىلىرى بەلگىلەنگەن، تېخىمۇ بەك ئاڭلىق يوسۇندا داۋام قىلدۇرۇلغان تېمىلاردۇر. ‹يۇلىسېز›نىڭ ھەممىسى تەكرارلانغان تېمىلارنىڭ ئاڭلىق بىر يوپۇقى ۋە ئادەتتىكى ۋەقەلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشىدۇر.
«جويس ئاساسلىق ئۈچ ئاساسىي ئۇسلۇپتا يازىدۇ:
1. ئەسلى جويس: توغرىدىن توغرا چۈشەنگىلى بولۇدۇغان، مەنتىقىلىق ۋە تۇرغۇن. بۇ 1. قىسىم، 1. باپ بىلەن، 2. قىسىم 1- ۋە 3- باپلارنىڭ ئومۇرتقىسىدۇر. چۈشۈنەرلىك، مەنتىقىلىق ۋە تۇرغۇن پارچىلار باشقا باپلاردىمۇ بار.
2. ئاڭ ئېقىشى دەيدىغان شەيئىنى ياكى تېخىمۇ ئېنىقراقىنى دېيىشكە توغرا كەلسە، ئاڭنىڭ ئاتلىما تاشلىرىنى مۈمكىن قىلغان يېرىم، تېز، چالا جۈملە قۇرۇلمىسى.... ھازىرچە بۇ ۋاسىتىنىڭ، ئوي-خىيالنىڭ سۆزلۈك تەرىپىنى مۇبالىغە قىلغانلىقى ئىزاھىنى بېرىشىمىز مۈمكىن. ئىنسان پەقەت سۆزلەر بىلەنلا ئەمەس، ئىماگلار ئارقىلىقمۇ ئويلايدۇ، شۇغۇنىسى ئاڭ ئېقىشى قەغەزگە چۈشۈۈرگىلى بولۇدۇغان سۆز ئېقىشىنىلا مەۋجۇت دەپ قارايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بلۇمنىڭ دايىم ئۆزى بىلەن ئۆزى سۆزلەشكەنلىكىگە ئىشىنىش قىيىن.
3. رومان بولمىغان ھەرخىل پىچىملارنىڭ پارودىلىرى: گېزىت ماۋزۇلىرى، مۇزىكا، مىستىك ۋە قوپال كۈلدۈرگە ئويۇنلىرى، دىنىي تەلىم يوپۇقىدا سىناق سوئاللىرى ۋە جاۋاپلىرى،  ئەدەبىي ئۇسلۇپلارنىڭ ۋە يازغۇچىلارنىڭ پارودىلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
«جويس ھەر خىل سۆز ھىلىلىرى، سۆز ئويۇنلىرى، سۆزنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، سۆزنىڭ ئەكس ساداسى ۋە غەلىتە پېئىل جۈپلىرىگە ياكى تاۋۇشلارنىڭ تەقلىدىگە ھەر زامان مۇراجەت قىلىدۇ. بەك كۆپ يەرلىك ئەسلەتمىلەردە ۋە چەتئەل تىلىدىن ئىپادىلەردە بولغىنىدەك، بۇلاردىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە  ئېنىقلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن كۆرە پەقەت مەلۇماتلىق بىرلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەپسىلاتلار بىلەن كېرەكسىز بىر چۈشۈنۈشمەسلىك پەيدا قىلىدۇ.
«]2-قىسىم 12-باپ ھەققىدە[ بۇ باپنى توغرا شەكىلدە چۈشەنگەن ھەرقانداق بىر تەرجىمان تونۇمايمەن. ئارىيە ئەپسانىلەرنى پەسكەش بارلىقىنى قاپسىغان چۈشەنچىلىرى، قاراڭغۇ ئارقا پەللەمپەيلىرى بىلەن فرىئۇدچى مەزھەپكە ئەزا بولمىغانلىقىم ئۈچۈن روھىي ئانالىز تەرىپلەرنى تامامەن ھەم كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىمەن. بۇ باپنى مەستلىك ياكى بلۇمنىڭ يوشۇرۇن ئاڭىدا جىنسىي ئىنتىلىشىنىڭ نەتىجىسى ھېساپلىماق، شۇ ۋەجىدىن مۈمكىن ئەمەس:
1. بلۇم تامامەن ئېسى جايىدا ۋە شۇ دەملەردە جىنسىي ئىقتىدارسىزلىق ھالىتىدە.
2. بلۇم بۇ باپتا خىيال سۈپىتىدە بېرىلگەن بىر قىسىم ھادىسىلەرنى، خاراكتېرلەرنى ۋە ۋەقەلەرنى بىلەلمەيتى.
«جويس مۈمكىن قىلغان ھالى بىلەن ئاڭ ئېقىشىنى تەبىئىي بىر ھادىسە سۈپىتىدە كۆرۈشىمىز كېرەك. جويسنىڭ مېڭە پائالىيىتىنى، بۇ كىتاپنىڭ زېھنىنى ئەكس ئەتتۈرگەن دەرىجىدە بۇ ئاڭ ئېقىشى بىر رىياللىقتۇر. بۇ كىتاپ جويس ئىجات قىلغان يېڭى بىر دۇنيادۇر».
كىتاپنىڭ ئاخىرىغا قىستۇرۇلغان يەنە بىر ماقالە: «ئەدەبىيات سەنئىتى ۋە ئوڭتۇيغۇ»، تۆۋەندە بۇ ماقالىدىن ئېلىنتىلار:

«ھەمجىنىسلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت سايىسىدا كەسپىي جەھەتتىن قولغا كەلتۈرگىلى بولۇدۇغان كۆزلەم، مىزاھ ۋە مەرھەمەت غەزىنىلىرىدىن ۋاز كەچكەن بىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئەخمەق ھەم ئۇزاقنى كۆرەلمەيدىغان يازغۇچىدۇر.
«بىر يازغۇچىنىڭ ئىشى دۆلىتىنىڭ ئەخلاقىنى تۈزەلتمەك، كوچا مۇنبىرىنىڭ مۇئەززەم ئىگىزلىكىدىن ئۇلۇغۋار ئىدىئاللارغا قول قويماق، ئىككىنچى دەرىجىدە كىتاپلارنى چالا-پۇلا يېزىپ جىددىي ياردەم ]جەمىيەتنىڭ شۇئانكى ئىھتىياجلىرىغا جاۋاپ بولۇدۇغان نەرسىلەر دەپ يېزىلغان، زاماننىڭ ۋاقىتلىق چاقرىقلىرى، ۋاقىتلىق تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن نەرسىلەرنى دېمەكچى[ ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايمەن. يازغۇچىنىڭ مۇنبىرى، خەتەرلىك دەرىجىدە، ئەرزان رومانغا يېقىندۇر ھەمدە تەنقىتچىلەر كۈچلۈك رومان دېيىشكەن نەرسە ئومۇمەن قېلىپلاشقان سۆزلەرنىڭ بولا-كېتە توپلۇنۇشى ياكى غولغۇن بىر قۇمسال ]قۇملۇق ساھىل[دىكى قۇمدىن ياسالغان قەلئەلەردۇر؛ زىيارەتچىلەر كەتكەندىن كېيىن، كۆپۈكلۈك سوغۇق دولقۇنلار قۇرىغان قۇملارنى يالىغاندا، لايلىق خەندەكلەرنىڭ كۆزدىن يۈتۈشىنى كۆرمەكتىنمۇ كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان بەك ئاز نەرسە بار.
«شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر يازغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا ئەتراپىدىكى دۇنياغا كەلتۈرۈدۇغان يېڭىلاش-ئۆزگەرتىشلەر يەنىلا مەۋجۇت. ... يامان خاراكتېر ]تىپ[نى بىر سويتارىغا ئايلاندۇرۇش، ھەقىقىي يازغۇچى ئۈچۈن باشتىنلا بەلگىلەنگەن مەخسەت ئەمەس؛ جىنايەت بىچارە مەسخرەۋازلىقتۇر، بۇنىڭ تەكىتلىنىشىنىڭ جەمىيەتكە ياردىمى تەگسىمۇ، تەگمىسىمۇ — ئومۇمەن ياردىمى تېگىدۇ — ئەمما بۇ يازغۇچىنىڭ توغرىدىن-توغرا مەخسىدى ۋە نىشانى ئەمەس.
«ساراڭلار، تونۇش بىر دۇنيانى ئەقەللىي ھەم پەرۋاسىز بىر شەكىلدە پارچىلارغا بۆلگەن، ئەمما بۇرۇنقىسىدەك ئاھاڭدار يېڭى بىر دۇنيا يارىتىشقا كۈچى بولمىغانلىقى — ياكى كۈچىنى يوقاتقانلىقى — ئۈچۈن ساراڭدۇر. سەنئەتكارغا كەلسەك، تاللىغان نەرسىسىنى سۆكەر ھەم بۇنى قىلىۋاتقان چېغىدا ئىچىدىكى بىر نەرسىنى — ئاخىرقى مەھسۇلاتنىڭ نېمىكىنى — بىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرۇدۇ. پۈتكەن باشئەسەرىنى تەتقىق قىلغاندا ئىجات شۇڭغۇشلىرىغا داخىل بولغان ھەرقانداق ئاڭ سىرتى مېڭە پائالىيىتى بولسا، خۇددى جانلىق بىر مەخلۇقنىڭ كەلگۈسى يېتىلگەن ھالىتىدە كۆپۈيۈش ھۈجەيرىلىرىدىكى گېنلاردا مەۋجۇتلۇقى بەلگىلەنگە ئوخشاش بۇ ئاخىرقى مەھسۇلاتمۇ دەسلەپكى تىترەش ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسكىن بىر لايىھەنىڭ مەھسۇلىدۇر.
«پارچىلىماق باسقۇچىدىن مۇناسىۋەتلەشتۈرمە باسقۇچىغا مۇشۇنداق كېچىش، ئېنگىلىزچىدە بەك كەڭ مەنىدە ‹ئىلھام› (inspiration) دېيىلىدىغان بىر خىل روھىي تىترەش بىلەن مەلۇم بولۇدۇ. يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىرسى بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتىدۇ، دەل شۇ چاغدا سۇ يىغىلىپ قالغان چوڭقۇردا بىر شاخ پارچىسىنىڭ ئەكس ئەتكىنىنى كۆرۈسىز ۋە يەنە بىرلا ۋاقىتتا كونا بىر باغچىدا نەم، يېشىل ياپراقلار ۋە شوخ قۇشلارنىڭ بىرىكمىسىنى ئەسلەيسىز؛ ئۇزۇن زامان ئاۋال ئۆلگەن بىر ساۋاقداش تۇيۇقسىزلا كەچمىشتىن چىقىپ كېلىدۇ، كۈلۈمسىرەيدۇ ۋە تامچىلار ئېقىپ تۇرغان يامغۇرلۇقىنى يىغىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت سىيىۋاتقان بىر سېكونت ئىچىدە ئۆتۈدۇ ۋە كۈزۈتۈشلەر بىلەن ئوبرازلارنىڭ ھەركىتى شۇ قەدەر تېزكى، ئۇلارنىڭ تونۇلۇشى، تۈزۈلۈشى ۋە ئارىلىشىشىغا ھەمرا بولغان كەسكىن قائىدىلەرنى — نېمە ئۈچۈن ھەرقانداق بىر بىرىكىش ئەمەس، ئاشۇ بىرىكىش؛ نېمە ئۈچۈن باشقا بىر ئاۋاز ئەمەس ئاشۇ ئاۋاز — بۇ پارچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قانداق قىلىپ دەلمۇ دەل بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەشكەنلىكىنى ئىلغا قىلىپ بولالمايسىز؛ بىر ئاندا مېڭىڭىزدە بىرلەشكەن ياسا-بۇز ]پارچىلارنى پۈتۈنلەپ ئوينايدىغان بالىلار ئويۇنى[غا ئوخشاش، مېڭىنىڭ ئۆزى، پارچىلارنىڭ قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىگە ماس كەلگەنلىكىنى كۈزۈتۈشتىن ئاجىزدۇر؛ سىزمۇ مۇدھىش بىر سېھىر، گويا بىر ئۆلۈك ئادەم سىزنىڭ يېنىڭىزدىلا، ھاپىلا-شاپلا تەييارلانغان كۆپۈكلۈك بىر دورا بىلەن تىرىلدۈرۈلگىنىدەك بىر تۈرلۈك ئىچكىي تىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈسىز. ئىلھام دېيىلىدىغان نەرسىنىڭ ھۇلىدا بۇ نەرسە باردۇر — بۇ، ئوڭتۇيغۇ ئەيپلەشكە مەجبۇر بولۇدۇغان بىر ھالدۇر. چۈنكى ئوڭتۇيغۇ — قىيا مىديېسى ]بىر خىل دېڭىز جانلىقى[دىن ئۆردەككە، ئەڭ ئادەتتىكى سازاڭلاردىن ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالغا يەر يۈزىدىكى ھاياتنىڭ — يەر يۈزى مەمنۇنىيەت بىلەن سوۋۇۋاتقاندا — ئېچىتقۇلار بىلەن ئاكتىپ ھالغا كەلگەن كولوئىدلىق كاربون پاتقىقىدىن مەنبەلەنگەنلىكىگە دىققەت چېكىدۇ. ... ھاياتنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ۋە باغلىنىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ تاپماق باشقا ئىش، ھاياتنىڭ ئىلھام ھادىسىسى ئەمەلىيەتتە نېمە؟ دېگەننى ئىزدەپ چۈشەنمەك تېخىمۇ باشقا بىر ئىشتۇر.
«مەن تاللىغان مىسالدا — ئاھاڭ، ياپراقلار، يامغۇر — نىسبەتەن ئاددىي بىر تىترەش پىچىمى كۆزدە تۇتۇلۇدۇ. يازغۇچى بولمايمۇ بەك كۆپ ئىنسان بۇ تۈردىكى كەچۈرمىلەر بىلەن تونۇشتۇر؛ بىراق ئۇلار بۇلارنى يېزىش جاپاسىنى ئۆزىگە ئارتىۋالمايدۇ. مېنىڭ مىسالىمدا مېڭە مەركىزى خەۋەرسىز ئەمما ئاساسلىق بىر رول ئوينىدى ھەم ھەر ئىش كەچمىش بىلەن ھازىرنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئارىلىشىشىغا باغلىق ئىدى. دېھانىڭ ئىلھامى، ئۈچىنچى بىر ماتىرىيال قوشۇدۇ: تۇيۇقسىز بىر نۇر بىلەن ئۇچراشقان كەچمىش، ھازىر ۋە كەلگۈسى (سىزنىڭ كىتابىڭىز)؛ شۇنداق قىلىپ ۋاقىتنىڭ پۈتۈن چەمبىرى ھىس قىلىنىدۇ، باشقا تۈرلۈك ئېيتقاندا، ۋاقىت مەۋجۇتلۇقتىن قالۇدۇ. پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىچىڭىزگە كىرىشى بىلەن، تامامەن ئېرىپ، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزنى ئورىغان دۇنياغا ئارىلىشىشىڭىزنىڭ بىرلەشمە ھىسسىدۇر. مەنلىك سىرتىدىكى دۇنيانىڭ مەھبۇسنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تاشقىرىدىن ئىچىگە سوقۇنۇشى بىلەن، مەنلىكنىڭ ھۈجەيرە تاملىرىنىڭ تۇيۇقسىز پارچىلىنىشىدۇركى، مەھبۇس ئاللىقاچان تالادا ئوينىماقتادۇر.
«ئىلھامنىڭ دەسلەپكى سپازم ]مۇسكۇلدىكى ئىختىيارسىز تارتىشىش[ كۈچى ۋە خاسلىقى — يازغۇچىنىڭ يازماقچى بولغان كىتابىنىڭ قىممىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ.
«چۇۋۇق، ئايرىم-ئايرىم يىپلاردىن كۈتۈلمىگەن كۆركەم نۇسقىلار ھاسىل قىلىش سەنئىتىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەسلا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىغا قارىماي، مارسېل پروئۇست مىسالىدا كۆرۈلگەندەك، روماننىڭ ئەسلى پىكرى خۇددى بىر چۆرەك ]ئۇن، ياغ ۋە مېغىز ئارىلاشتۇرۇلغان شېكەرلىك يېمەك[نىڭ تىلىمىز ئۈستىدە ئېرىشى ياكى ئايغىمىز ئاستىدىكى كۆتۈرمە تاشلىرىنىڭ مودۇر-چوقۇر بولۇشىغا ئائىت رىيال ھىسلاردىن تۇغۇلۇشى مۈمكىنلىكىگە قارىماي، بارلىق رومانلار يارىتىلىشىنىڭ، كۆككە كۆتۈرۈلگەن ماددىي تەجرىبىلەرگە ئاساسلىنىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكى خۇلاسىسىنى چىقارماق ئالدىراقسانلىق بولۇدۇ.
«يازغۇچى يېڭىدىن توقۇماق ئىشىغا كىرىش ئۈچۈن ئولتۇرغىنىدا، ئىجاتكار كەچمىشى ئۇنىڭغا ھەر دايىم، سۆگەللىك، سېمىز ئالۋاستىلار ياكى ‹بوشلۇق تولدۇرغۇچ› دېيىلىدىغان بودەك كىچىك شەيتانلار، يازغۇچىنىڭ شىرەسىنىڭ پۇتلىرىدىن يۇقۇرىغا ياماشقىلى تۇرغاندا، ئەڭ بۈيۈك يازغۇچىلارمۇ غالىپ كەلگەن ھەر خىل قارىغۇلۇق دەملىرىدە نېمىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى تاپىلايدۇ.
«يازغۇچىنىڭ زېھنىدە ۋاقىت ۋە نۆۋەت بولمايدۇ، چۈنكى ھىچبىر زامان ئامىلى ۋە ماكان ئامىلى دەسلەپكى تەسەۋۋۇرنى باشقۇرمىدى.  ئەگەر زېھىن ئارزۇغا ئۇيغۇن سىزىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسىدى ۋە ئەگەر بىر كىتاپ، بىر رەسىمنىڭ كۆز تەرىپىدىن بايقالغان شەكىلدە، يەنى سولدىن ئوڭغا ئىشلەش ئاۋارىچىلىقى ھەم باشلىرى بىلەن ئاخىرلىرىنىڭ تۇتامسىزلىقى بولماستىنلا ئوقۇشقا بولۇدۇغان بولسىدى، بۇ يول، بىر روماننى ماختاشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يولى بولغان بولاتتى، چۈنكى ئەسلىدىلا يازغۇچىمۇ رومانغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىلا روماننى مۇشۇنداق پەرەز قىلغان ئىدى».
«ئاخىرقى سۆز»دىن ئىككى كەلىمە:
«ئىچىمىزگە قاچىلىۋالغان رومانلار، ھاياتنىڭ ھەرقانداق مۇئەييەن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىمىز ئۈچۈن بىر نەرسە ئۈگەتمەيدۇ. ئىش ئورنىڭىزدا، ھەربىي قارارگاھتا، ياكى ئاشخانىدا ۋە يا بالىلار ئۆيىدە ياردىمى بولمايدۇ. ئەسلىدە سىز بىلەن ئورتاقلاشماقنى ئارزۇ قىلىدىغان بىلگەم پەقەتلا ھەشەمەتتۇر. فرانسىيىنىڭ سوتسىيال ئېكونومىسىنى چۈشۈنۈشىڭىزگە ياكى بىر ئايالنىڭ يا بىر ئەركەكنىڭ قەلب سىرلىرىنى چۈشۈنۈشىڭىزگە ياردەم قىلمايدۇ.
«ئەگەر كىشى بۈيۈك سەنئەتكارلارنى ئوقۇشتىن لەززەت ئېلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلىسا، باشتىلا ئۇلارنى ئوقۇمىغىنى ياخشى. نېمىلىكىم بولمىسۇن باشقا ساھەلەردىمۇ باشقا ھاياجانلار بار: ساپ بىلىمنىڭ ھاياجىنى، ساپ سەنئەتنىڭ لەززىتىچىلىك لەززەت بېرەلەيدۇ. ئاساسىي مەسىلە تەسەۋۋۇرنىڭ ۋە تۇيغۇنىڭ ھەر ساھەدىكى شۇ تىترىتىشىنى باشتىن كەچۈرمەكتۇر. ئەگەر ھاياجانلىنىشنى بىلمىسەك، ئەگەر ئىنسان ئەقلى بىزگە سۇنغان ئەڭ نادىر ۋە ئەڭ بالاغەتلىك سەنئەت مېۋىسىنى تېتىماق ئۈچۈن ئومۇمەن شۇئانقى ھالىمىزدىن بىر ئاز يۇقۇرى ئۆزىمىزنى ئىتتىرىشنى ئۈگەنمىسەك، ھاياتنىڭ ئەڭ ياخشى يېقىنى قولدىن بېرىپ قويۇمىز».

بىر ئاز خۇلاسە:
نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيات قارىشىدا «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» سالمىقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىلىش رولى بولۇدۇغانلىقىنى قىسمەنلىكتە ئېتىراپ قىلسىمۇ، بۇنى يازغۇچىنىڭ ئالدىن كۆزلىگىنى، مەخسەت قىلىپ قويغىنى ئەمەس، خالار-خالىماس يۈز بەرگەن نەتىجىدە، يازغۇچىنىڭ خەۋىرى بولمىغان بىر نەتىجە دېگەندەك قاراشقا مايىل. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ تەربىىيىۋىي رولى ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك (بىر ئەخلاقسىز بىر روماننى ئوقۇپ، ئەخلاقىنى تۈزۈتەلمىشى ئەمەلىيەت) بولسىمۇ، بىلىش رولىنى بىر ئاز تەكىتلەش تەرەپدارىمەن. بۇنداق تەكىتلەش ھەرگىزمۇ نابوكوۋنىڭ دېگىنىدەك، يازغۇچى ئالدىن مەخسەت قىلىپ قويمىغان، تاسادىپى يۈز بەرگەن شەكىلدىكى تونۇش ئەمەس، بەلكى، يازغۇچى ئەسىرىدە بەزى نەرسىلەرنى مەخسەت قىلىۋېلىشىمۇ مۈمكىن دېگەن قاراشتۇر. بۇ قارشىمغا دۇنيا كىلاسسىكلىرىدىن بىرمۇنچە مىسال بېرىشىم مۈمكىن ئەلۋەتتە. ھەتتا بەزى نەزىرىيىچىلەر، تەنقىتچىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداقراق قارىشى بارلىقىنى بىلىمەن.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:34:11

جۈملىلەر بەك چۈشىنىكسىز بىلىندى.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:05:09

رۇسلارنىڭ 600 يىللىق موڭغۇللار تەرىپىدىن  ئىستىلا  قىلىنىش تارىخى بار،موڭغۇللار بىلەن رۇسلارنىڭ بىللە  ياشىشىدىن تاتار دېگەن مىللەت بارلىققا كەلگەن. شۇڭا  نۇرغۇن رۇسلارنىڭ ئىسمى ياكى  فامىلىسى تاتارچە ،چىرايى سەل موڭغۇلچىراي .مىللىي كىيىمى ۋە مىللى ئۇسۇلىمۇ دىققەت قىلساق تاتارلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ.شۇڭا  ساۋاقداشلىرىمىز  پات پات  تۈزۈكرەك شەرەپلىك تارىخى يوق ،بىزدەك بەش مىڭ يىللىق مەدىنىيىتى يوق خەقكەن بۇ دەپ قوياتتى ،چۈنكى موسكۋانىڭ شەھەر بوپ قۇرۇلغانلىقى بەلگە ھېسابلانغان 1143 يىللىرى بىزنىڭكىلەر دۇنيانىڭ ئەڭ ئاۋات شەھىرىگە ئىگە ئىدى .
ئەمما  بۇلارنىڭ ھېچبىرى رۇسلارنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرەلمەستىن بەلكى نە شەرقلىققە  نە  غەربلىككە  ئوخشىمايدىغان، سوغۇق ۋە مۇزغا چىداملىق ، يىگانىلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك قىلىپ دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرلەرنى بارلىققا  كەلتۈرۈپتىكەن.
رۇس  ئەدەبىياتچىلىرىدا ئاجايىپ بىر  ئورتاقلى باردەك ھېس قىپ قالىمەن -يېگانىلىق ۋە مەسخىرىۋازلىق .
بۇ يازما  بەك ئاچقان يەرگە بېرىۋاتىدۇ ئەمما  نېمە  ما  تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىك تۈزۈكرەك تەپەككۇر قىلىشقا  پۇرسەت بەرمەي ئۇھھھ

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:29:49

تاتارلار تۈركلەر قاتارىغا كىرمەيدىكەندە ئەمسە ؟!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:43:07

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 15:05 static/image/common/back.gif
رۇسلارنىڭ 600 يىللىق موڭغۇللار تەرىپىدىن  ئىستىلا  قىلى ...

پاھ، كارامەت بايقاش ئىكەنغۇ ماۋۇ!

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 18:49:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rita1028 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 19:04  

ھاھاھا
ئەجەبمۇ زاڭلىق قىپسىز .300 يىللىق ئىستىلا قىلىنىش تارىخىنى قانداقمۇ 600 قىپ يېزىۋالغانمەن . بەلكىم قىلغان مۇشۇ گېپىمنىڭ تولۇق مەنبەسىنى تېپىپ بېرەلمىگەن گېپىم ئۈچۈن نەزىرىڭلاردىن چۈشۈپ كېتىمەن. چۈنكى 5 يىل بۇرۇنقى كۆرگەن ماتېريالىمنى ھازىر  ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم.
ئەمما  موڭغۇل تاتار ئىستىلاسى ،ئالتۇن ئوردا ، ۋە ئىۋان ئۇزۇن قوللار توغرىلىق يېزىلغان ماتېرياللارنى سىزمۇ ئوقۇدىڭىز چوقۇم.
قىزىقسىڭىز بۇ كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ بېقىڭ .
the mongol empires impact on russia , the  effects of the  mongol empires on russia ، ئاپتورى : dustin hosseini

ئاندىن ماۋۇ ئۇلانمىلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ .
http://bbs.tianya.cn/post-5031-3797-1.shtml
http://club.china.com/data/thread/1011/2740/31/17/6_1.html
http://www.360doc.com/content/14/0415/08/1581931_369081007.shtml

ئەلۋەتتە  بۇ يەردىكى مەسىلە  ئۇلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئەمەسقۇ،شۇڭا يىلنامىنى خاتا  سۇنغان ئەيىبىمنى تونۇپ ۋە يۇقىرىدىكى جۆيلۈشلىرىمنىڭ ئاز تولا  بولسىمۇ مەنبەسىنى ئىسپاتلاپ بەرگەچ رۇس يازغۇچىلىرى توغرىلىق تەسىراتىمدا چىڭ تۇرىدىغنىمنى ئىپادىلەپ قوياي.
مەسخىرىۋازلىق ۋە يېگانىلىك

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:47:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 19:48  

ئۇ مەنبەلەرنى ماڭا ئىسپات قىلىشىڭىز تامامەن ھاجەتسىز. شۇنداق بىر تۈركۈم ئىنسانلار باركى، ئۇلارنىڭ مەخسىدى بىر مىللەتكە باشقا مىللەتنى دادا قىلىپ بېرىش، بالىلارنى قانداشلىقى يوق دادىلار بىلەن تېپىشتۇرۇش ئۇلارنىڭ كەسپى. تورغا شۇنداق ئىنسانلارنىڭ چىقىرىپ قويغان گېپىنى ماڭا ئىسپات قىلىپ كۆرسەتكىنىڭىز تېخىمۇ قىزىق ئىش بوپتۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:49:07

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 15:05 static/image/common/back.gif
رۇسلارنىڭ 600 يىللىق موڭغۇللار تەرىپىدىن  ئىستىلا  قىلى ...

1236-يىلىدىكى موڭغۇللارنىڭ ئىستىلاسى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ۋولگا دەريا بويىدا بۇلغار خانلىقى بار تۇرسا (ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى دەپ بىر كىتاب بولىدىغان، كۆرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ)، ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى ھازىرقى تاتارلار تۇرسا، قانداقلارچە موڭغۇل بىلەن رۇستىن تاتار پەيدا بولغان دەپ چۈشىنىۋالغانسىز.  
تاتاردىكى تاتار دېگەن ناملا موڭغۇلىيەدىن كەلگەن قالغانلىرى ئۆزلىرى. ئىستالىن تۈركلەرنى مىللەتكە بۆلگەندە يەرلىك ئاھالىگە سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ نامىنى ھەدىيە قىلغانغۇ.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:58:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 23:43  

موڭغۇللار بىلەن رۇسلارنىڭ بىللە  ياشىشىدىن تاتار دېگەن مىللەت بارلىققا كەلگەن

بۇ گەپكە بەكلا ھەيران قالدىم،كىچىك چاغلىرىمدا ئىسىمىنى ئۇنتۇپ قالغان بىر ئۇيغۇرچە كىتاپتىن تاتار شائىرى ئابدۇللا توقاينىڭ شىئىرلىرىنى ئوقۇغۇنۇم يادىمدا ،بەك چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ ئىشقىلىپ بىر نەرسىلەرنى يامىداپ چۈشەنگىلى بولاتتى،تىلىۋوزىرنىڭ قاناللىرىنى يۆتكەپ ئۆلكە ئاتلىغىچە   بىردەم توختاپ مۇڭغۇلچىنى يەنە بىر دەم تىبەتچىنى ئاڭلايدىغان ئادىتىم بار،مۇڭغۇلچىنى بىرەر ئون مىنۇت ئاڭلىسا ئۇيغۇرچىغا ئوخشايدىغان بىرەر سۆز  ئۇچراپ قالىدىكەن،يەنە تىلىۋوزىردا ئانچە-مۇنچە پوتىننىڭ كۆپچۈپ تۇرۇپ سۆزلىگەن قاتتىق ئىنقىلاۋى نۇتۇقلىرى ئۇچراپ قالىدۇ،ئۇنىڭ گىپىغۇ ماڭا كالدۇر -كۇلدۇر،دۇرۇ-دۇرۇ،دەۋاتقاندەكلا ئاڭلىنىدۇ،قاندامۇ مۇشۇنداق بىر ئېغىزمۇ گېپىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىككى مىللەت ئېلىپ تېگىشسە بالىسىنىڭ گېپى يا دادىسغا يا ئانىسىغا ئوخشىماي  بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ قالىدىغان ئىش بادۇ ھە؟

رىتا خېنىم، سىزنىڭ بىلىمدە توشقان زەكى قىزلاردىن  ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز،بۇنچىلىك گەپ بىلەن سىزنىڭ تۈكىڭىز چۈشۇپ كەتمەيدۇ،تاتارلارنىڭ تارىخنى مەنمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن،لېكىن مۇڭغۇللار بىلەن ئورۇسلار ئوتتۇرىسىدا چوقۇم مۇشۇنداق بىر ئىش بار. بەزى تارىخچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا باتۇخان روسىيەگە باسقۇنچى بولۇپ بارغاندا ئۇنىڭ قوشۇنىدا پەقەت 10 مىڭلا مۇڭغۇل باركەنمىش قالغانلىرى ئاساسەن تۈرك دىگەندەك باشقا قەۋملەركەن .،يەنە ياۋرۇپالىلار ۋە روسلارنىڭ سالنامىچىلىرى مۇڭغۇللارنى تاتار دەپ خاتىرلىگەنىكەن.يەنە بەزىلەر تاتارلارنى قىرىمنىڭ يەرلىك ئاھالسى دەپ قارايدۇ.ئىشقىلپ موڭغۇللار بىلەن روسلارنىڭ بىللە ياشىشىدىن تاتار پەيدا بولغان دىگەن گەپ چاك باسمايدۇ.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:29:19

تورداشلارنىڭ ئاكتىپ پىكىز  قاتناشتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ،بەك خوش  بولدۇم.
   بەلكىم مۇشۇ مەسىلىنى مۇشۇنداق ئوتتۇرىغا قويمىسام خاتا  كۆز قاراشلىرىمنىڭ توغرىلىنىشىغا پۇرسەت بولماستى.
لېكىن ئىتىراپ قىلسام مەن ئەلۋەتتە ئاشۇ توغرا خاتالىقىنى بىلەلمەي قالغان كۆز قارىشىمنى بەش يىل بۇرۇن ئوقۇتقوچىلىرىمىز ۋە  دەرسلىك كىتابلاردىن ئۈگەنگەن.
مەن بۇ ساھەدە ئەسلىدىنلا خام.
قانداقلا  بولمىسۇن ھەممىڭلارغا رەھمەت .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 21:30:45

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 19:47 static/image/common/back.gif
ئۇ مەنبەلەرنى ماڭا ئىسپات قىلىشىڭىز تامامەن ھاجەتسىز.  ...

:)

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 22:20:12

ئىنكاسلارنىڭ تېمىغا ئالاقىسى يوقكەن، نېمىشقا تاتار تالىشىسىلەر؟ بۇ تارىخچىلارنىڭ ئىشى، بۇ يەردىكى تېما ئەدەبىيات توغرىسىدا ئىكەن، رومان توغرىسىدا ئىكەن. بۇ ھەقتە بىرنېمە دېيىشسەك بولمامدۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 22:40:25

كومشا ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. يازمىڭىزنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن تۆۋەندىكى تىزىملىكنى تۈزىۋالدىم. قىممەتلىك ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

1.        جون ئاپدايك(John Updike)
2.         ۋلادىمىر نابوكوۋ(Vladimir Vladimirovich Nabokov)
«ياخشى ئوقۇرمەنلەر ۋە ياخشى يازغۇچىلار»
Good readers and writers  

3.        ئېدموند ۋىلسون(Edmund Wilson)
«ئېدموند ۋىلسون – نابوكوۋ مەكتۇپلىرى»
The Nabokov-Wilson letters: Correspondence between Vladimir Nabokov and Edmund Wilson

4.        چارلېز دىكېنس(Charles Dickens)
Bleak House  «چۆلدەرىگەن ئۆي»

5.        جېين ئائۇستېن(Jean Austen)
«كىچىك دوررىت» (Little Dorrit)
«مەنسفىيلد باغچىسى» (Mansfield Park)

6.        فرانز كافكا (Franz Kafka)
«ئۆزگىرىش»  "Die Verwandlung" ("The Metamorphosis")



7.        گۇستاۋ فلائۇبېرت(Gustav Flaubert)
بوۋارى خانىم (Madame Bovary)

8.        روبېرت ستېۋېنسون(Robert Louis Stevenson)
«غەلىتە بىر ۋەقە: دوختۇر جېكىل ۋە ھايد ئەپەندى»
"Strange Case of Dr. Jekyll and Mr. Hyde"

9.        مارسېل پروئۇست (Marcel Proust)
«يىتكەن زاماننىڭ ئىزىدىن» (In Search of Lost Time )
ئىنگلىزچىگە بۇرۇن Remembrance of Things Past دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان.

10.         جامېس جويس(James Joyce)
«يۇلىسسېس» (Ulysses)


enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 23:44:37

ھ‏ەرقانداق بىر كىشى تارىخىي رومان ۋىۋىسكىسى ئاستىدا كىتاپ كلۇپلىرىنىڭ سەييارە ساتقۇچىلىقىنى قىلىدىغان ئېتىگە تولغان بازارلىق كىتاپلار يايمىسىدىن كەچمىش ھەققىدە ھەرقانداق بىرنەرسە ئۈگۈنەلەيمەن دەپ ئويلايدىغانلاردەك نادان بولۇشى مۈمكىنمۇ؟
‏--------
‏ يۇقىرى سەۋىيىلىك جۈملە قۇرۇلمىسى. كومشاكامدىن جىق نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايدىكەنمىز.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 00:01:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 00:05  

ھ‏ەرقانداق بىر كىشى تارىخىي رومان ۋىۋىسكىسى ئاستىدا كىتاپ كلۇپلىرىنىڭ سەييارە ساتقۇچىلىقىنى قىلىدىغان ئېتىگە تولغان بازارلىق كىتاپلار يايمىسىدىن كەچمىش ھەققىدە ھەرقانداق بىرنەرسە ئۈگۈنەلەيمەن دەپ ئويلايدىغانلاردەك نادان بولۇشى مۈمكىنمۇ؟
...........................................................................................................................................................
مەن يۇقىرىقى جۈملىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخسىدىكى بىر سۆزنى نېمە دەپ ئېلىشنى بىلەلمەي كېلىۋاتقان ئىدىم. تۆۋەندىكىسى يۇقىرىقى جۈملىنىڭ ئەسلىي تېكىستى:
Can anybody be so naive as to think he or she can learn anything about the past from those buxom best-sellers that are hawked around by book clubs under the heading of historical novels?
....................................................................................................................................................
مۇشۇ جۈملىدىكى naive دېگەن سۆزنى دەيمەن. كومشا ئەپەندىم «نادان» دەپ ئاپتۇ. بۇ يەردە مۇۋاپىق بولغاندەك قىلىدۇ. لېكىن فىئېرىدىرىخ شىللېرنىڭ On Naive and Sentimental Poetry ناملىق مەشھۇر ماقالىسىدە ئىشلىتىلگەن بۇ سۆزنى قانداق ئالساق بولار؟ بۇ سۆزنى تۈركچە saf  دەپ ئاپتۇ. تۈركچىدىكى بۇ سۆزنى ھەم نادان، ساددا دېگەن مەنىدە، ھەم بىغۇپار، پاك، ساپ دېگەن مەنىلەردە ئىشلەتكىلى بولغاچقا ئاۋۇ naive سۆزىنى دەل جايىدا ئىپادىلەپ بېرىپتۇ. ئۇيغۇرچىدە قانداق ئالساق بولار؟ يول كۆرسەتكەن بولساڭلار...

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 00:07:24

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 22:40 static/image/common/back.gif
كومشا ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. يازمىڭىزنى ئوقۇپ چىق ...

تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت دەپ يازسىڭىزچۇ بى ..............:lol :lol

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 00:31:49

ئورخان پامۇك خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن لىكسىيەلىرىدىن تەركىپ تاپقان  Saf ve Düşünceli Romancı  ناملىق كىتابىدا بىر يازغۇچىنىڭ ھەم بالىلارچە saf بىر تەرىپىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرغۇدەك سەۋىيەدە düşünceli  بىر تەرىپىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇندىن -ئۇزۇن چۈشەندۈرىدۇ. «رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ» دېگەن لېكسىيەسىدە شىللېرنىڭ On Naive and Sentimental Poetry دېگەن ماقالىسىنى تىلغا ئالىدۇ. بۈگۈن نابوكوۋنىڭ «ياخشى ئوقۇرمەنلەر ۋە ياخشى يازغۇچىلار» دېگەن ماقالىسىدە بۇ سۆز يەنە بىر قېتىم ئۇچرىدى. بۇ سۆزنىڭ ئىنگلىزچىسى naive، تۈركچىسى saf , ئۇيغۇرچە نېمە دەپ ئېلىشتا بېشىم قاتتى...
ئىنگلىزچە:
naive poetry
naive novelist
naive man

تۈركچىسى:
saf şiir
saf romancı
saf kimse

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 04:02:52

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 22:40 static/image/common/back.gif
كومشا ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. يازمىڭىزنى ئوقۇپ چىق ...

خېلى سەۋىيىڭىز، بىلىمىڭىز بارىكەن، سىزچىلىك بىر نېمە بىلسەم كاشكى! كۆپرەك تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
سىز دېگەن تۈركىچىدە ساف دېيىلىدىغان سۆزنى كەلگەن ئورنىغا قاراپ ھەر خىل تەرجىمە قىلىشقا مەجبۇرمىز. تىل دېگەن شۇ. بەزىدە بىزنىڭ بىرلا سۆزىمىزنى باشقا تىللارغا ئەنە شۇنداق ھەر خىل تەرجىمە قىلىشى مۈمكىن. ساف: تۈركچىدە نادان ۋە ساددا دېگەن مەنىلەردە ئىكەنلىكى راست، تەلىيىمىزگە، بىز بۇلارنى ئوخشىمىغان سۆزلەر بىلەن ئاتايمىز، بۇنىسى بايلىقىمىز ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر ئەكسىچە بولغان بولسا _ يەنى، باشقا تىللاردا ھەر خىل سۆز ئىشلىتىلگەن ئۇقۇملارنى بىز بىر سۆز بىلەنلا ئالساق، مانا بۇنىسى بەختسىزلىك، كەمبىغەللىكىمىز. بەختكە قارشى بۇندىقى ئاساسىي ئورۇندا.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Crowssonwhite يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 07:05:40

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 00:01 static/image/common/back.gif
ھ‏ەرقانداق بىر كىشى تارىخىي رومان ۋىۋىسكىسى ئاستىدا ك ...

سەبىي دەپ ئېلىڭ. شىللېر ئۇ ماقالىسىدە شائىرلارنى "سەبىي شائىر" ۋە "چۈشكۈن شائىر" دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ.
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: (2) Vladimir Nabokow رومانچىلىق قاراشلىرى