niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:05:41

komsha يوللىغان ۋاقتى2015-1-8 00:23 static/image/common/back.gif
تەرجىمىگە ئادەتلەنمىگەنلىكىمدىن بەك تەستە تېرىپ تۆشى ...

ئىزدىنىشقا يوللىغان يازمىلىرىڭىزنىڭ قىممىتى يۇقىرى. ئۇنىڭغا موللامۈشۈكنىڭ ئىنكاسلىرى قوشۇلۇپ تېخىمۇ قىممىتى ئېشىۋاتىدۇ. بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەرنى ئاڭلاپ خېلى نەزەر دائىرىمىز ئېچىلىپ قېلىۋاتىدۇ. رومانچىلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەدەبىياتنىڭ باشقا ساھەلىرىمۇ يازغان بولسىڭىز.......
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن دەپ ئىنكاس يازمىغان بىلەن جىم ئولتۇرۇپ نەپ ئېلىۋاتقانلار خېلى بار.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 21:44:38

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-1-11 18:02 static/image/common/back.gif
دۇنيادىكى داڭلىق يازغۇچىلار ھەققىدە گەپ بولسا، مېنىڭ...

سىز « Ulysses »نى تەرجىمە قىلىۋاتقانلىغىڭىزنى دىگەنتىڭىز ،تەرجىمە تۈگەي دىدىمۇ ؟قاچانلاردا يۈز كۆرىشەلەمىز ئۇ تەرجىمە بىلەن ؟   

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 22:06:34

komsha يوللىغان ۋاقتى2015-1-8 00:23 static/image/common/back.gif
تەرجىمىگە ئادەتلەنمىگەنلىكىمدىن بەك تەستە تېرىپ تۆشى ...

بىز تازا ئىھتىياج بولغان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز، بۇ تېمىنىڭ بەك «قىززىپ» كەتمەسلىكى نورمال، چۈنكى ئەدەبىيات دېگەن بىر بۆلۈك كىشىلەر قىزىقىدىغان، ھەپىلىشىدىغان بىر ساھە، شۇڭا ھەممە ئادەم قىزىقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. يەنە بىرسى، دۇنيا ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ سىزنىڭ يازمىڭىزدا تىلغا ئېلىنغان يازغۇچى ۋە ئەسەرلەر ھەتتا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى خېلى بىر قىسىم كىشىلەر ياكى ھەۋەسكارلارغا تونۇشلۇق بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى چۈشىنىش ئۈچۈنمۇ خېلى بىر سەۋىيە كېتىدىكەن، پەرھاتكاملار ھۇزۇر ئالالايدۇ، چۈنكى ئۇ يازغۇچىلار تونۇش، ئۇ ئەسەرلەر تونۇش، بىزچۇ؟ مەنچۇ؟

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 00:27:25

بۇرۇن بۇنداق تېمىلارغا قارشى تۇرۇدۇغان «مەبۇد»چىلار خېلى كۆپ بولاتتى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ساداسى ئاڭلانماي قالدى. نېمە بولدى ئۇلارغا؟ باشقۇرغۇچىلار ئۇلارنىڭ قارشى ئىنكاسلىرىنى (مەشھۇرلىرىمىزنى قوغدايدىغان قاراشلىرىنى) تەستىقلىماي شۇنداقمۇ؟ ياكى، ئۇلارنىڭ كاللىسى ھەل بولۇپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ رىياللىقىنى توغرا قوبۇل قىلىدۇغان بولۇپ كەتتىمۇ؟ ئەگەر توربەت باشقۇرغۇچىلىرى توسۇپ قويغان سەۋەپ بولسا، توغرا بولمىغىنى، ئۇلارنىڭمۇ ساداسىنى ئاڭلاپ تۇرايلى. ئەگەر كاللىسى ھەل بولغان بولسا كارامەت ئىش، دۇنيا يۈز يىللاپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ كىرىپ كەلگەن دەۋرگە بىز بىرنەچچە يىلدىلا كىرگەن بولۇمىز. چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش!

metujan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 00:33:58

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-1-11 18:03 static/image/common/back.gif
مۇتلەق ھوقۇق چۈشەنچىسى قەدىمكى دەۋردىكى قەھرىمانغا چو ...

ئەسلى تاتلىق بولغىنى مانا بۇنداق ئىنكاس. تېمىدىنمۇ بەك موھىم ھەم قىممەتلىك. مەن مۇشۇنداق ئىنكاسلار يېزىلسىكەن دەپ ماراپلا تۇرۇمەن. بولۇپمۇ موللامۈشۈكنىڭكىگە. كوپىيە قىلىپ ساقلىۋالدىم.

Alexander يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 07:29:51

شۇنداق ياخشى مۇنازىرە ھەم مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ.
پەرھاتكا '' لىيغان بۇلاق'' توغرىسىدا بىر نەچچە ئ‍ىغىز پاراڭ قىپ بەسىڭىز بولاتتى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 11:11:41

نىمە يىزىشنى بىلەلمىدىم، دەپ يازسام خاپا بولماڭلار، ساقلىۋالغىم بار:lol:lol

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 18:08:20

Alexander يوللىغان ۋاقتى2015-1-12 07:29 static/image/common/back.gif
شۇنداق ياخشى مۇنازىرە ھەم مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ.
پەر ...

كەچۈرۈڭ، مەن ئۇ ئەسەرنى ئوقۇشقا زادىلا ۋاقت چىقىرالمىدىم.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 05:12:02

مەن يەنە بىر تېما يوللىغان ئىدىم: قورقۇنچ ۋە ھاكىمىيەت
يەنە بۇرۇنقى پەدىدە تەرمىلەر، ئۈزۈندىلەر ئىدى. ئەمما تەستىقلانمىدى. سەۋەبى نېمىكىنە؟ جىددىي يامان تەرەپلىرىغۇ يوقتى، بەك سەزگۈر بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ. بۇ يەردىن باشقۇرغۇچىلارغا دەيمەنكى، بەك كۆزگە پاتقان جۈملىلەر بولسا ئېلىۋېتىپ بولسىمۇ چىقىرىپ قويساڭلا. بەرىبىر ئۈزۈندە بولغاندىكىن، بۇزۇلۇپمۇ كەتمەيدۇ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:04:18

ئىنكاسمۇ تەستىقلىنىدىغان بوپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:39:23

begir يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 12:21 static/image/common/back.gif
پەرھات تۇرسۇن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلىۋېلىشتىن باشقا تەقدىرد ...

لەۋھۇلمەھپۇزنى ئوقۇپ چىقىپسىزدە؟؟؟ يوۋۋۋۋۋۋ.....

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:46:42

ھە، راست، مەنمۇ ئولتۇرالماي قالدىم قىزىقىشتىن، خاپا بولماي مېنىڭكىگىمۇ بىر قارىۋېتەمسىز، «ئە» ھەرىپىدىن باشلانغان بۆلۈمدە بولۇشى كېرەك، ئەنۋەر، 79-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، قان تىپى ئا ب...دېگەندەك ...تەپسىلىي ئادرېسىم ۋە باشقا شەخسىي ئۇچۇرلارنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپ بېرەي. قاچان، قانداق ئۆلىمەن، شۇندا بى بىلگۈم باتى، ھە نىم بوسا سىز ئۇچراپ قالدىڭىز. رەھمەت، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ئايرىم رەھمەت ئېيتىمەن جۇمۇ!

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 12:54:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-13 12:57


پەرھات تۇرسۇن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلىۋېلىشتىن باشقا تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ .
ئۇ ئىچكىرىدىكى مەلۇم يازغۇچى تونۇشى ئارقىلىق ئەپچىل ئايالچە تاپانچىدىن بىرنى ئەكەلتۈرىشى ھەمدە ئۇشبۇ تاپانچا بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن ...
شۇ كۈنى سەھەردە ئۇ پاكىز يۇيۇنۇپ ، چېچىنى مايلاپ ، كاستىيوم ئۈستىگە يارىشىملىق گالىستۇكىنى قاداپ ئۆز يېزىقچىلىق ئۈستىلىدە ھەممىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ...
ئۈستەل ئۈستىدە قانغا بويالغان بىر ۋاراق قەغەز . قەغەزگە سەت ئەمما ئېنىق قىلىپ :
مېنى ئوقۇڭلار !
دىگەن خەت يېزىقلىق ئىدى .
....................................................................................................................................................
begir ئەپەندى، ئامال بار مېنىمۇ نائۈمىت قويمىسىڭىز!

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 15:59:14

begir يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 12:21 static/image/common/back.gif
پەرھات تۇرسۇن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلىۋېلىشتىن باشقا تەقدىرد ...

ئۆزۈڭمىغۇ، قىرىۋەتكەن قارا شارەككە ئوخشايدىغان كۆرۈمسىز بىر نېمىكەنسەن. قىلىقىڭ نىمدانداق سەت نېمىسەن؟ پەرھات تۇرسۇن ئىگىچى سىڭلىڭنى بىرنېمە قىلىۋەتمىگەن بولغىتتى ھەزىلەك گۇي!!!
ئۇزۇن بوپتىكەن ئادەم تىللىمىغىلى...سەت تۇردى-ھە، تورداشلار....

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:08:14

بېغىر ياماراجا بىلەن ئارىلىشىۋاتامدۇ نېمە؟ ئىككى دۇنيادا ئوينايدىغان بولاپ كەتتى باللا.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:10:13

لاۋزا بولا ھەرقانچە بولسا بىگىردەك بولا

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:12:23

بېغىر ياماراجا بىلەن ئارىلىشىۋاتامدۇ نېمە؟ ئىككى دۇنيادا ئوينايدىغان بولاپ كەتتى باللا.
___________________________
ئاياق پېتىكىنىڭ سېسىق پۇرىقىنى يەپ چوڭ بولغان ئۇ دەلتىدە ئۇنچىلىك ئەقىل نىمىش قىلسۇن؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:19:27

ئېسىت، ئالتۇندەك قىممەتلىك تېما ئىدى بۇ، ئەجەپ ئۆزۈمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇتىۋالالماي قالدىم، كومشا ئاكىدىن كەچۈرۈم سورايمەن...

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:27:12

windows100 يوللىغان ۋاقتى2015-1-5 20:58 static/image/common/back.gif
موڭغۇللار بىلەن رۇسلارنىڭ بىللەياشىشىدىن تاتار دېگە ...

قوشنىسىئۇيغۇرچىغىۋا;P

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:50:56


دوستويىۋسكىنىڭ ‹‹جىنايەت ۋە جازا›› ‹‹ ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار›› دىگەن ئىككى رومانىدا باش قەھرىمان يەرنى سۆيىدىغان بىر ۋەقەلىك بار،(بۇ تەسۋىرلەر ئادەمنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ) بۇنداق كۆرۈنۈش‹‹دەلدۈش››تىمۇ باردەكلا قىلغان،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بۇ ئورۇسلارنىڭ ئۆرپ ئادىتىمىدۇياكى دوستويىۋىسىكنىڭ توقۇلمىسىمىدۇ؟


بەت: 1 2 3 [4] 5
: (2) Vladimir Nabokow رومانچىلىق قاراشلىرى