enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:19:27

ئېسىت، ئالتۇندەك قىممەتلىك تېما ئىدى بۇ، ئەجەپ ئۆزۈمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇتىۋالالماي قالدىم، كومشا ئاكىدىن كەچۈرۈم سورايمەن...

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:27:12

windows100 يوللىغان ۋاقتى2015-1-5 20:58 static/image/common/back.gif
موڭغۇللار بىلەن رۇسلارنىڭ بىللەياشىشىدىن تاتار دېگە ...

قوشنىسىئۇيغۇرچىغىۋا;P

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 16:50:56


دوستويىۋسكىنىڭ ‹‹جىنايەت ۋە جازا›› ‹‹ ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار›› دىگەن ئىككى رومانىدا باش قەھرىمان يەرنى سۆيىدىغان بىر ۋەقەلىك بار،(بۇ تەسۋىرلەر ئادەمنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇرىدۇ) بۇنداق كۆرۈنۈش‹‹دەلدۈش››تىمۇ باردەكلا قىلغان،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بۇ ئورۇسلارنىڭ ئۆرپ ئادىتىمىدۇياكى دوستويىۋىسىكنىڭ توقۇلمىسىمىدۇ؟


aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 17:11:25

windows100 يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 16:50 static/image/common/back.gif
دوستويىۋسكىنىڭ ‹‹جىنايەت ۋە جازا›› ‹‹ ئاكا-ئۇكا كارام ...

«جىنايەت ۋە جازا» دا ئاشۇنداق يەر بارمۇ؟ ئېسىمدە قېلىشىچە راسكولنىكوۋ سونىيەنىڭ پۇتىنى سۆيىدۇ، سونىيە چۆچۈپ كېتىپ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن راسكولنىكوۋ « مېنىڭ ئىگىلىپ تازىم قىلغىنىم سەن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئازاپ ئوقۇبەتلىرى» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن راسكولنىكوۋ سىڭلىسى بىلەن توي قىلماقچى بولۇۋاتقان ساختىپەزگە ئۇ ساختىپەزنىڭ سونىيەنىڭ بىر تال تىرنىقىغىمۇ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، بۇنىمۇ سونىيەنىڭ گۇناھلىرى ياكى يامان نامى ئۈچۈن ئەمەس، ئۇنىڭ تارتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرى ئۈچۈن ئېيتقانلىقىنى دەيدىغاندەك يادىمدا. يەرنى سۆيىدىغان يېرىنى ئېسىمگە ئالالمىدىممۇ ياكى بۇ روماندا يوقمۇ؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 19:06:28

aypalta يوللىغان ۋاقتى2015-1-13 17:11 static/image/common/back.gif
«جىنايەت ۋە جازا» دا ئاشۇنداق يەر بارمۇ؟ ئېسىمدە قېلى ...

‹‹ئاكا-ئۇكا كارامازوۋلار››دا 阿廖沙 ئىسىملىك پىرسۇناژنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغان بىر يېرى بار،‹‹جىنايەت ۋە جازا››دىمۇشۇنداق بىر يېرى باردەكلا يادىمدا بارغۇ؟ كىتاپ بولسا بىر قاراپ باقامسىز يا.
يەرنى سۆيۈشتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەتنىڭ قانداق مەنسى باردۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن،قارىماققا بۇ ھەرىكەتتىن يەرنى مۇقەددەس بىلگەندەك بىر خىل مەنە چىقىدۇ،ياكى ئەمەلىيەتتە بۇبىر جىنسى سىموۋۇلمۇ؟ دىنى بىشارەتمۇ؟ ئادەمدىكى ئۆلمەي ياشىسام بولاتتى دەيدىغان ،ھاياتلىق ئىستىكى دەپ چىرايلىق ئاتىلىدىغان تۇغما ئىتىدارمۇ؟ ئادەمگە تەربىيە(مەرىپەت) دىن سىڭگەن ئاڭمۇ؟چىرايلىق ۋە ئالىجاناپ كۆرىنىدىغان ساختىپەزلىكمۇ؟ روماندىكى يەر بىلەن يەكسان قېلىۋېتىلگەن پىرسوناژنىڭ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا يەردىن ئىبارەت ئەڭ پەس ۋە خار ئورۇندا تۇرىدىغان،ھەممە ئادەم دەسسەپ پېتىقلىسا بولىدىغان نەرسىنى ئاڭسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ئورنىغا قويۇپ كۆرۈنۈشتە يەرنى سۆيگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە بولغان ھەددىن زىيادە مەپتۇنلۇقنى ئىپادىلىگىنمۇ؟ياكى يەردىن ئىبارەت ئۆزىگە ئوخشايدىغان ،پېتىقلىنىپ ئىتبارى قالمىغان بىر نەرسىنى تېپىۋېلىپ ئۇ ئارقىلىق ئۆزىنى قۇۋاندۇرغىنىمۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:38:39

komsha يوللىغان ۋاقتى2015-1-7 00:15 static/image/common/back.gif
بىر نەرسىگە دىققىتىمنى تارتتى: ئىنساننىڭ پەقەت تىل ئار ...

مەن ئورخان پامۇكنىڭ «سۆزلەر،رەسىملەر ۋە نەرسە-كېرەكلەر» دېگەن ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ بىر ژورنالغا بەرگەنىدىم.(بۇ ماقالە تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولغاچقا تورغا يوللىيالمىدىم، ئۆزۈر!) شۇ ماقالىدە مۇشۇ ھەقتە توختىلىپتۇ. خۇددى شىللېر «سەبىي ۋە چۈشكۈن شېئىرلار ھەققىدە»دېگەن مەشھۇر ماقالىسىدە شائىرلارنى سەبىي شائىرلار ۋە چۈشكۈن شائىرلار دەپ ئىككىگە ئايرىغانغا ئوخشاش، ئورخان پامۇك بۇ ماقالىسىدە يازغۇچىلارنى رەسىم-كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلىدىغان ۋە سۆزلەرنى ۋاستە قىلىدىغان (Görsel ve kelimesel yazarlar) يازغۇچىلار دەپ ئىككىگە ئايرىپتۇ. بۇ ماقالىدىن بەزى ئۈزۈندىلەر:
1. بەزى يازغۇچىلار سۆزلەرنى، بەزى يازغۇچىلار كۆرۈنۈشلەرنى ۋاستە قىلىدۇ. يەنى، بەزى يازغۇچىلار بەكرەكئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە، بەزى يازغۇچىلار بولسا بەكرەك ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆز تەسەۋۋۇر كۈچىگە خىتاب قىلىدۇ. خومېروس(Homeros) مېنىڭ نەزىرىمدە كۆرۈنۈشنى ۋاستە قىلىدىغان يازغۇچىدۇر؛ ئۇنىڭ ئەسەر