qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 20:45:34

كومشا ئەپەندى يازمىڭىز ئوبدان داۋام قىلىۋاتىدۇ،ئەمما جۈملىلەرنىڭ باش-ئاخىرى باغلانمىغاندەك تۇيغۇ بەردى؟
سىز قايسى ئەسەردىن تەرجىمە قىلىۋاتىسىز؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 20:49:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-6 20:51

qarayuz يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 20:46 static/image/common/back.gif
نىمىشقا يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى كىشلەرنى مەسخىرە قىلس ...

ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشقا ۋاقتىمىز يوق.
ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلىپ ئويناپتىكەن، كۆرۈپ قالغانلىرىمىزنى دەپ قويدۇق.
سىزمۇ ئوردا شائىرىدىن بىرسى ئوخشىمامسىز؟
دەرھال دوكلات قىلىڭ، ئىنئام ئالىسىز.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 21:54:37

Crowssonwhite يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 07:05 static/image/common/back.gif
سەبىي دەپ ئېلىڭ. شىللېر ئۇ ماقالىسىدە شائىرلارنى "سەب ...

رەھمەت!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 22:08:53

بۇنداق قەدىمقى كىلاسسىكلارغا باغلاشقا ئۇرۇنغان تەھلىلچىلەرنىڭ ئەكسىچە، نابوكوۋ بۇنداق باغلاشنىڭ ناتوغرىلىقىنى كەسكىن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇدۇ.
----------------------------
مەيلى نابوكوۋ ئېتىراپ قىلسۇن قىلمىسۇن، بۇ خىل خاھىش جويس، فالېكنېر، ت.ئېس.ئېلىئوت قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ھەممىسىدە بار. تەھلىلچىلەر باغلىغان ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قەستەن شۇنداق قىلغان.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 22:17:36

نابوكوۋدا مۇبالىغە خاھىشى بىر قەدەر ئېغىر.
سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت قارىشىنىمۇ مۇبالىغىلاشتۇرغان. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنىڭ مۇبالىغىسىز ئەسلى شەكلىنى پەقەت ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئەمەلىيەت ئارقىلىق بايقاش مۇمكىن.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 22:34:10

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 09:20 static/image/common/back.gif
كومشا ئاكا، فرانسۇزلارنىڭ ‹يوقلۇقىدا پارىلدايدۇ› دېگ ...

توغرا، ئۇ ماقالنىڭ تەرجىمىسىگە ئۇيغۇرچىدىكى بىر تەمسىلنى ئوخشاتقىنىم خۇددى نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ كەشپىياتىدەك ئۆزۈمگىمۇ يارىمىغان ئىدى. ماۋۇ شەرھىلەش دەل چۈشۈپتۇ. ئاللاھ رازى بولسۇن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 22:59:00

پەرھاتكام ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىشقا چۈشۈپتۇ. مۇشۇ تېما يوللانغاندىن بېرى كۈندە نەچچە ۋاخ كىرىپ يوقلاپ تۇرىمەن، نېمە گەپ-سۆزلەر بولۇۋاتقاندۇ، دەپ. بىر نېمىلەرنى دەپ باققۇم كېلىدۇ، لېكىن، بارماقلىرىم كونۇپكا تاختىسىغا بېرىپلا توختاپ قالىدۇ. تېمىنىمۇ ئۈچ-تۆت قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، تىلغا ئېلىنغان كىشى ۋە ئەسەر ئىسىملىرىنى تەكرار-تەكرار كۆرۈۋېىرپ ئۇلار خېلى تونۇش بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. «ياخشى ئوقۇرمەنلەر ۋە ياخشى يازغۇچىلار»نى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىپتىمەن. شۇ تاپتىمۇ ناھايىتى چىڭقىلىپ تۇرۇپ بۇ قۇرلارنى يېزىپ تۇرۇپتىمەن. بىر نەرسىلەرنى دېگۈم بار. لېكىن نېمىمۇ دىيەلەمەن؟ شۇ تاپتا نېمىلەرنى دېيىشنى ئۆزۈممۇ ئۇقمىساممۇ، لېكىن كاللامدا نېمىلەرنى دېيەلىشىم كېرەك ياكى نېمىلەرنى بىلىشىم كېرەك ئىكەن، دېگەن سۇئال پەيدا بولغان تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىندىن تارتىپ بىر خىل بىئارامچىلىق ئىچىدە قېلىپ ئىچىم يامان سىقىلىپ كەتتى. ئۆتكەندە بىر ئىككى قېتىم «يىپەك يولى ساداسى»نى كۆرۈۋېتىپ مۇنداق بىر ئىش دىققىتىمنى تارتقانىدى: باھالىغۇچىلار مۇسابىقىدە ئېيتىلىۋاتقان ناخشىلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك پىششىق بىلىدىكەن، بۇ ناخشا پالانىنىڭ، پالانى يىلى يېزىلغان، بۇ مۇنداق، مۇنداق بىر ناخشا، مۇنداق ئاۋازدا، مۇنداق ئۇسلۇپتا ئېيتىلىدۇ... بۇ باھالىغۇچىلار ئەجىبا جاھاندا بار ناخشىنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ، تونۇشۇپ چىقامدىغاندۇ؟ دەپ قالغانىدىم. كېيىن كەسپى ناخشىچىلىق بولغاندىن كېيىن بەلكىم بۇ ئەقەللىي بىر ئىش بولسا كېرەك، دەپ ھەيرانلىقىمنى بېسىقتۇرغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ ئىش يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەدەبىيات ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەيدىكەنسەن، يەتتە ئىقلىم ئەدەبىياتىنىڭ ھەممىسىنى پىششىق بىلىپ كېتەلمىسەڭمۇ(بۇغۇ مۇمكىن ئەمەستەكلا بىلىنىدۇ، لېكىن ئورخان پامۇكنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرى ئېسىمگە كېلىپ پەرھاتكامنىڭ «يالماۋۇزناخشىسى» دېگەن شېئىرىنىڭ دەسلەپكى مىسرالىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ كېتىدۇ) ھەر ھالدا نامايەندە خاراكتېرلىك ئەسەرلەر بىلەن چوقۇم تونۇشۇپ چىقىشىڭ كېرەك، ئۇنداق قىلالمىساڭ، ئەدەبىيات كوچىسىنى پاخال قىلماي باشقا بىر ئىش بىلەن شۇغۇللان، دەپ نەچچە قېتىم ئۆزۈمگە تەنبىھ بېرىۋەتكەنمۇ بولدۇم. پەرھاتكامنىڭ ئۆزى يالغۇز ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز مېنىمۇ غېرىپلىق باستى. ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم قىلىپ ئۆزۈمنى شۇنچە زورلىسام، چىققان گەپلىرىم مۇشۇ بولدى...

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 23:04:13

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 22:08 static/image/common/back.gif
بۇنداق قەدىمقى كىلاسسىكلارغا باغلاشقا ئۇرۇنغان تەھلى ...

قەدىمقىلەرگە باغلاش خاھىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاپتور تەرىپىدىن ئاڭلىق يوسۇندا قىلىنغانلىقىغا ئىشەندىم، بۇنىسىنى نابوكوۋ ئاشۇرۇۋەتكەندەك قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن ھەر باپتا بىر ئەزا (بەدەننىڭ ئەزاسى) ئاساس قىلىنغانمىش دېگەنلىرىدە نابوكوۋنى ھەقلىق ھىساپلايمەن. بۇ جويسنىڭ ئىشى ئەمەس، ئەڭ ئەۋەل ستۇئارت گىلبېرتنىڭ تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاپقان گېپىدەك قىلىدۇ. ھەتتا بۇ ئۆزلىرى يوغۇنۇتۇپ، مۇقەددەسلەشتۈرۈپ، كېيىن ئۆزىمۇ تىل تەگدۈرەلمەس بولۇپ قالۇدۇغان ئىشلار بولغىنىدەك، ھەر باپتا بىر ئەزالا ئەمەس، ھەر باپتا بىر رەڭ مۇما قىلىنغانلىقى ھەققىدىمۇ ئەپسانىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپتىكەن. مەندە «يۇلىسېز»نىڭ تۈركچە تەرجىمانى تەرىپىدىن (بۇ ئادەم بۇ تەرجىمە ئۈچۈن 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانمىش، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىرلاندىيە رەئىسجۇمھۇرىنىڭ يازغان خېتىمۇ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن تەسىرلىنىشنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك) ئىشلەنگەن 500 بەتلىك «يۇلىسېز سۆزلۈكى» دە بۇ نۇقتا ئېنىق:
مەسىلەن: (سۆزلۈككە كىرىشتىن ئاۋالقى قىسقا ئىزاھتا). بىرىنچى باپ: تېلىماخوس، ئەزا: يوق (بەزى باپلاردا ئەزا يوقكەن)، سەنئەت: تېئولوگىيە؛ رەڭلەر: ئاق، ئالتۇنرەڭ، سىمگە: مىراسخور؛ ئىما: تېلىماخوس...
ئىككىنچى باپ: نېستور، رەڭ: قوڭۇر؛ سىمگە: ئات؛....
بۇلارنىڭ سەۋەبى كىتاپ تېخى نەشىر قىلىنماستىن ئوتتۇرىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرگەن بىر لايىھە (رامكا دېسەكمۇ بولامدۇ-يوق) سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. نابوكوۋ بۇنى «چاخچاق ئارىلاش يېزىپ قويغان تىزىملىك» دەپ ئاتاپتۇ، بۇ تىزىملىك ئەمەس. جويس تەرىپپىدىن ھازىرلانغان ئوخشىمىغان ئىككى خىل قۇرۇلما لايىھىسى بولغان. بۇلاردىن بىرىنى 1920-يىلى سىنتەبىردە كارلو لىناتىغا ئەۋەتكەن؛ يەنە بىرىنى 1921-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋالېرى لاربائۇدقا كۆرۈپ بېقىشقا بەرگەن. ئەمما بۇ لايىھىلەر قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئوتتۇرىدا كېزىپ يۈرگەن. كېيىن بۇلاردىن كېيىنكىسى 1950-يىللاردا ئېلان قىلىنغان. بەلكىم مۇشۇ («يۇلىسېز»نىڭ قۇرۇلمىسىنى كۆرسىتىدىغان theme) سەۋەبىدىن تەھلىل قىلغۇچىلار مۇشۇنداق قارىسا كېرەك. كىتاپنىڭ ئۆزىدە بۇ قەدەرمۇ ئەمەستەك...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 23:11:01

يىغلىغىم كىلىۋاتىدۇ، ساۋادىم چىققاندىن بېرى كىتاپ ئوقۇپتىمەن، ئوقۇپتىمەن، بىراق زادى نىمە ئوقۇدۇم؟
ھېچنىمە.
راس ھېچنىمە ئوقىماپتىمەن، ئەتراپىمدا ماڭا تەسىر قىلغۇدەك نىمە بار، دۇنيانى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرگۈدەك نىمە بار؟
سىلەر شۇنچە جىق ئەسەرلەرنى سۆزلىشىۋاتىسىلەر، چۈشەنچىلىرىڭلارنى بەزىدە ئانچە-مۇنچە پەرەز قىلىۋاتىمەن، بەزىدە ھاڭۋىقىپ ئولتۇرماقتىن باشقا ئامالىم يوق.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 23:20:38

komsha يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 23:04 static/image/common/back.gif
قەدىمقىلەرگە باغلاش خاھىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاپتور تەرىپ ...

تەھلىلچىلەردە ئاشۇرىۋېتىش ئادەتتىكى بىر ئىش.
بۇ خىل خاھىش نابۇكوۋنىڭ ئۆزىدىمۇ بار. مەسىلەن ئۇ جېيىن ئاستېننىڭ ئەسەرلىرىنى يۈزەكى ئوقۇشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ يۈزەكى كۆرۈنىشى(بۇ ئادەتتە باياندىكى قىلتاق دەپ ئاتىلىدۇ)نىڭ كەينىدىكى نەرسىنى ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىشى دەل بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.
بەزىدە ئەدەبىي ئەسەر تەھلىلچىنىڭ مەلۇم بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى دەلىلى بولۇپ قالغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
بىزمۇ ئادەتتە ئىلاجىسىز بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولىمىز. مەسىلەن، ئىنتايىن زامانىۋىي بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز كوللېكتىپ دۈشمەنلىككە نىشان بولىشىڭىز تەبىئىي ئەھۋال، بۇنداق شارائىتتا كلاسسىك ئەدەبىياتتىن بەزى مىساللارنى ئېلىپ پىكرىڭىزگە دەلىل قىلسىڭىز باشقىلار سىزگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز بەزى كلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆزىدە يوق مەزمۇنلار بىلەن قوشۇپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولىسىز.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 23:37:32

مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغىنى جېيىن ئائۇستىننىڭ ئېنگىلىز تىلى ئەدەبىياتىدا شۇ قەدەر يوقۇرى بولۇپ چىقىشى بولدى. مەن ئۇنىڭ خېلى كۆپ كىتابىنى ئوقۇغاندەك قىلغان، ئاددىيلىقىغا قارىماي قانداقتۇر بىر يەرلىرى يېقىملىقكەن، دېگەن بولساممۇ، ئەمما ئۇنچىۋالا يوقۇرى باھانى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 23:42:15

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 23:11 static/image/common/back.gif
يىغلىغىم كىلىۋاتىدۇ، ساۋادىم چىققاندىن بېرى كىتاپ ئوق ...

ئۇنچىۋالا دەپ كەتمەڭ، سىز تېخى ياش، ھېلىمۇ ئۈلگۈرىسىز. مەندەك بىر ئۆمۈر پاخال رومانلارنى ئوقۇپ، «بىلىم ئالدىم» دەپ ئويلاپ، ئىككى پۇت گۆرگە ساڭگىلىغاندا ئاندىن ھەقىقىي ئەدەبىيات دېگەننىڭ شولىسىنى ئۇزاقتىن كۆرگەنلەرگە ئېسىت دېسە بولۇدۇ. ئۆمۈرنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئىمكان يوق؛ ئىسراپ بولغان ئۆمۈرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشقا «قىزىل مېڭە»نىڭ ھالى يەتمەيدۇ. مانا شۇنداق.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 23:52:30

komsha يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 23:37 static/image/common/back.gif
مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغىنى جېيىن ئائۇستىننىڭ ئېنگىلى ...

ئەمەلىيەتتە دەسلەپتە مودېرنىزم پەيدا بولغاندا ئاۇستېن، برانتې ئاچا سىڭىللار، دېككىنىس قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى كونىلىقنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تاشلىۋېتىلگەن. پوستمودېرنىزم دەۋرىگە كەلگەندە بولسا، مودېرنزمچىلار تەرىپىدىن چۆرۈپ تاشلىۋېتىلگەنلەر قايتا كۆككە كۆتۈرىلىپ، مودېرنزمچىلار چوقۇنغانلار يەرگە ئۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاۇستېن، برانتتېلار، دېككىنىسلار قايتىدىن قولغا چىققان.
خاتا ئوقۇش، قوشۇپ ئوقۇشلار نەتىجىسىدە ئۇلار بۈيۈكلەشكەن.
قوشۇپ ئوقۇش ۋە قەستەن خاتا ئوقۇشلار بىلەن ھەرقانداق ئەسەرنى چەكسىز كۆككە كۆتۈرۈش مۇمكىن.
لېكىن كىتابخانلاردا خاتا ئوقۇش ۋە قوشۇپ ئوقۇشنى پەيدا قىلىش بولسا نابوكوۋ، ئامبېرتو ئېكو، دون دېلىللو قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ بايان سىتاگىدىيەلىرىدىن بىرى. دېمەك ئۇلار خاتا ئوقۇشنى ئۆزىدە تەجرىبە قىلىپ، غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللانغان.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 00:15:51

بىر نەرسىگە دىققىتىمنى تارتتى: ئىنساننىڭ پەقەت تىل ئارقىلىقلا ئەمەس، تەسۋىر (سۈرەت، كۆرۈنۈش) ئارقىلىقمۇ ئويلايدىغانلىقى ياكى مېڭىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈۋاتقان ئاڭ ئېقىنتىلىرى ئىچىدە سۆزلۈك ئىپادىلەردىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن ئېلېنتلارنىڭ بولۇدۇغانلىقى. بۇنى ھىسسىي تەجرىبە قىلىپ باقتىم، ئەگەر سۆزدىن باشقىلىرىنىمۇ ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يازغۇچى بولۇشلا كىپايە قىلماي، رەسسام، مۇزىكانت،... بولۇش كېرەك بولۇدۇكەن. ئۇ ھالدا بەك قالايمىقانلىشىپ كەتكۈدەك... ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار دېگەندەك، ئاخىرى يەنىلا ئەنئەنىۋىي كىلاسسىكلار ئوتتۇرىدا قالامدۇ-قانداق؟ يەنى، غەلىتە، چەكتىن ئاشقان نەرسىلەر شاللىنىپ كېتىپ، نورمال، ئادەمنىڭ مېڭىسىنى زورلايدىغان ئەمەس، ھوزۇر، يېنىكلىك بېرىدىغان نەرسىلەر...
گەپ تاتىلىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈر تىلەيمەن.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 00:51:08

xahla91 يوللىغان ۋاقتى2015-01-06 23:11:01 static/image/common/back.gif
يىغلىغىم كىلىۋاتىدۇ، ساۋادىم چىققاندىن بېرى كىتاپ ئوق
ناھايتى ئاددى، ئۇقۇملار دۆۋىسىدىن ياكى سۆزلەر دۆۋىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن مەن نىمە ياكى ئادەم نىمە؟ دىگەن يەرگ بارىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ بىر ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىمىز چەك باسسا، ھەر دەققىقە سىكنوت ئېھتىماللىقمىزغا مەنائىزدەيمىز،بۇرۇنقى تەجىربە-ساۋاقلاردىن يەكۈنلەنگەن، چۈزۈپ تاشلىۋەتمەكچى بولغان ئۇقۇملار دۆۋىسىدىن پايدىلىق ھېس قىلغانلىرىمىزنى قايتىدىن ئەقلىي تۇنۇپ يەنە زامانىۋى ئۇقۇملار دۆۋىسى ياكى سۆزلەر دۆۋىسى ياساپ ئوينايمىز…

komsha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 00:23:19

تەرجىمىگە ئادەتلەنمىگەنلىكىمدىن بەك تەستە تېرىپ تۆشىسەم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىھتىياجى يوق بىر ئىشنى قىلغانلىقىم مەلۇم بولدى. بەك ئەپسۇسلاندىم. شۇ ئىشنى قىلغاندىن كۆرە «چويلا توقۇپ ساتسامچى». ئۇيغۇرلار يېتىشىپ بولغانكەنئەمەسمۇ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 01:14:54

بۇنداق دىسىڭىز بولماس ،   بۇ گەپنى بۇ تېمىغا ئىنكاسلارنىڭ ئانچە كۆپ چۈشمىگەنلىكى ، ياكى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىلەردە بولۇپ كەتمىگەنلىكى .... گە قارىتا دىگەن بولسىڭىز بۇ تازا توغرا بولمىدى .ئەمەلىيەتتە سىز يوللىغان بىر نەچچە يازمىلاردىن بىز كۆپ مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىمىز .بۇ تېمىنىڭ بېشىى بولغان يەنە بىر تېمىدا ۋە بۇ تېمىدا ، ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن مېنىڭمۇ نۇرغۇن گەپلەرنى دىگۈم كەلدى ،نىمىلەرنىدۇر دىگۈم ، سىلەر بىلەن پاراڭلاشقۇم بار ، ئەمما كاللامدىكى بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى نۇرغۇنلىغان ھاسىلاتلارنى يېزىقتا ئىپادىلەش قىيىن بولدى .   بىر نەرسىلەرنى يېزىپ باقاي دەپكونۇپكا تاختىسنى ئالساملا كاللام قۇرۇقلا بولۇپ قالغاندەك ... ،
سەۋىيەم تۆۋەن كەلدى ئېنىقى .بولمىسا مەنمۇ خېلى ئۇزۇن يىللىق ئوقۇرمەن، بىر قىزغىن ئوقۇرمەن .ئۇيغۇرچىدا نەشىردىن چىققان چەتئەلنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىرىنى ئوقۇغانمەن .شۇنداقتىمۇ بۇ تېمىغا ياندىشىشتىن ئۆزۈمنى تارتتىم .قارىغاندا كۆپ ئوقۇغانغىلا بىر ئىش بولۇپ كەتمەيدىغاندەك ... ،قانداقلا بولمىسۇن بۇ تېمىدىن ئۆزۈمگە لايىق مەنپەئەتلەرنى ئالدىم

مېنىڭچە ، ماڭا ئوخشاش ، نۇرغۇن تورداشلار تېمىلىرىڭزدىن ئۆزىگە لايىق مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن .   توختاپ قالماڭ ...

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:02:44

دۇنيادىكى داڭلىق يازغۇچىلار ھەققىدە گەپ بولسا، مېنىڭ بەك كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرالمايمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 18:03:29

مۇتلەق ھوقۇق چۈشەنچىسى قەدىمكى دەۋردىكى قەھرىمانغا چوقۇنۇش ۋە قەھرىماننى ئىلاھلاشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى شامان ئېتىقادىدىكى شاماننىڭ ئىلاھ بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىدۇر. بۇ خىل ئىشەنچ قۇللۇق ئاستىدىكى مىللەتتە باشقىلارنى قۇل قىلىۋاتقان مىللەتتىن كۈچلۈكراق بولىدۇ. چۈنكى قۇللۇق ئاستىدىكى مىللەت داۋاملىق ئىلاھ بىلەن ئالاقىلىشالايدىغان بىر قەھرىماننىڭ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ۋە شۇنى كۈتىدۇ. شۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىلاھىي قەھرىمانلارنى توقۇپ چىقىش بەزى كىتابلاردا پەرەز قىلىنغاندەك قانداقتۇر ھۆكۈمرانلارنىڭ كىشىلەرنى ئالداپ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا مۇتلەق بوي سۇندۇرۇش ئېھتىياجىدىن بولغان ئەمەس، بەلكى قۇللۇق ئاستىدىكى خەلقنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىدىن بولغان. كوللېكتىپ ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلغان ئېلىشىپ قېلىش داۋاملىق لوگىكىسىز كوللېكتىپ ئۈمىدۋارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا كوللېكتىپ شەكىلدىكى كارنىۋال خاراكتېرلىك ئۈمىدۋارلىق ئەمەلىيەتتە كوللېكتىپ ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. مانا مۇشۇ يۇقىرى پەللە داۋاملىق سىرلىق قەھرىمانلارغا ھامىلدار بولىدۇ. كىشىلەر تەڭرى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشالايدىغان ھەم كىشىلەرنىڭ دەرت ھەسرىتىنى تەڭرىگە يەتكۈزۈپ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەڭرىگە ئىلتىماس سۇنالايدىغان بىر ئادەمنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىشىنى خام خىيال قىلىدۇ.
زادىلا ئۈمىد قالمىغان كىشىدە، ئۆزىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇدەكمۇ جاسارەت قالمايدۇ. ئۈمىدسىزلىك چىرمىۋالغان كىشىلەر توپىدا بولسا ئۈمىدسىزلىككە قارشىلىق ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، ئۇلار ئىنساننىڭ روھىي ئازابى ھەققىدىكى ھەرقانداق سۆز ۋە بىشارەتلەردىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ، ئاندىن بۇ خىل قورقۇش ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ھاياتىدىن تامامەن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بىر توپ ئادەمنىڭ جەڭگىۋار ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن بىئاراملىق ئىچىدە ئاشۇ مەستلەرنىڭ خۇدىنى يوقاتقان ئالا تاغىل ناخشىلىرىغا قۇلاق سېلىشقا مەجبۇر بولىمىز.
بۈگۈنكى دەۋردە، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە، ئاز تولا ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىك تەسۋىرلىنىدىغان ئەسەرلەر كىشىلەرنى ھېستىرىيە قىلىپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. ئازابنىڭ ھەممىسى ئاز تولا ئۈمىدتىن بولىدۇ. ئازاب تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلەرنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرىشىدىكى سەۋەبلەرنى ھەر تەرەپلەردىن تەھلىل قىلىش مۇمكىن. بۇنىڭ بىرى ئاتمىشىنچى يىللاردىكى تۈپتىن كونترول قىلىنغان ئىددىئولوگىيگە كۆنۈپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان پىسخىل جەھەتتىن تايىنىۋېلىش. كوللېكتىپ سۈررىئالىستىك قاينام تاشلىقىنلىق ۋە جەڭگىۋار ھالەت بىر دەۋرنىڭ مەدەنىيىتىنى سوغاققانلىقتىن تولۇق مەھرۇم قىلغان. كىشىلەردە خۇددى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە مىللەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قېلىپ ئۇيغۇرلارلا پارلاق قۇياش نۇرى ئاستىدا ياشاۋاتقاندەك چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان. گەرچە يەتمىشىنچى يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان ج ك پ ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىندا ئەدەبىياتتا «ئەتىمىز پارلاق»، «ۋەتىنىم جەننەت»، «بەختىيارمەن» دەپ تەنتەنە قىلىدىغان ساختا قاينام تاشقىنلىققا خاتىمە بېرىش تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كونكرت تەدبىر قوللىنىلمىغاچقا، بۇ يوچۇقتىن پايدىلانغان ئۇيغۇر ئەدىبلەر ئالدى بىلەن شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن يەنى ئاتمىشىنچى يىللاردا يازغان ئەسەرلىرىنى تاشلىۋەتسە بىرمۇنچە قەلەم ھەققىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ جۇڭگۇ تەۋەسىدىكى ئىدىئولوگىيىدىكى يېڭى يۈزلىنىش، ئەدەبىيات سەنئەتتىكى يېڭى يۈزلىنىشلەرگە كۆزىنى يۇمۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىننىڭ تەسىرى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ناھايىتى كېچىكىپ كەلدى. شەخىسكە چوقۇنۇش، شەخىسنى ئىلاھلاشتۇرۇش تىپىدىكى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئەسەرلەر ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىندا ئاقلانغان ليۇ شاۋچى، پېڭ دېخۈەيلەرنى تىللايدىغان مىسرالار بولغانلىقى ئۈچۈن تاشلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن نومۇس تۈپەيلىدىن تاشلىۋېتىلگەنلىرى يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان سولچىللىقى تۈپەيلىدىن كومپارتىيەنىڭ ئۆزى قوبۇل كۆرمىگەن ئەسەرلىرىمۇ بىزنىڭ مىللىي پەخىر تۇيغۇمىزنى تولا ئويلاپ بېشىغا ئاق كىرىپ كەتكەنلەر ئارىسىدا «دەۋر چەكلىمىسى» دېگەن باھانە بىلەن ئاقلىنىۋەردى. خۇددى ئاشۇ كىشىلەر ۋىجدانىنى قايىرىپ قويۇپ يازغان نەرسىلەر ئىنكار قىلىنسا بۇ مىللەتنىڭ ھەممە نەرسىسى ئىنكار بولۇپ كېتىدىغاندەك، نومۇسلۇق نەرسىلەر پەخر تۇيغۇسىنىڭ قالقىنى قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەدھىيە، شۇئارۋازلىق بىلەن تولغان قايناقچىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە داۋاملىشىۋەردى. شەخىسكە چوقۇنۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنىۋەردى. كىتابخانلىرىمىز بولسا ئۇلارنىڭ سۈنئىي ئوبرازىنى توقۇپ چىقىرىپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، يەنىلا ئۇلارنى ئەپۇ قىلىپ قالماي ھەرخىل داۋراڭلار بىلەن يەنىلا ئۇلارنى مەبۇد قىلىپ تىكلىدى. ئىچكىرىدىكى گېزىت ژۇرناللاردا بۇنداق نەرسىلەر 79- يىلىدىن بۇرۇنلا تامامەن غايىپ بولۇپ بولغان. ھەتتا كومپارتىيە شەخسكە چوقۇنۇشنى توساش ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەن. بىزنىڭ مىللەتپەرۋەر ئۇلۇغ شائىرلىرىمىزنىڭ كومپارتىيەنىڭ ھۆججىتى ۋە بۇيرۇقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزى بىلمەيدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئاتمىشىنچى يىللاردىكى يازغان ئەسەرلىرىنى تاشلىۋېتەي دېمەستىن، بۇ نەرسىلەرنى 80- يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە قەھرىمانلىق بىلەن داۋاملاشتۇردى. يالغان ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆز ئۆزىنى ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان زىيالىلار ئۈچۈن ئۆزلىرى قۇراشتۇرۇۋالغان ساختا رېئاللىقنىڭ بىر خام خىيال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق ئىدى. ئۇلار ئۆز ئۆزىنى ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن باشقىلارنىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ رېئاللىقنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە تەھلىكە بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالاتتى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 19:09:31

مېنىڭ ماقالەم قېنى؟
تەستىقتىن ئۆتمىدىما؟
بەت: 1 2 [3] 4 5
: (2) Vladimir Nabokow رومانچىلىق قاراشلىرى