Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:20:38

كومشا ئاكا، فرانسۇزلارنىڭ ‹يوقلۇقىدا پارىلدايدۇ› دېگەن ئىدىيومىنىڭ مەنىسى ‹يۈتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن›دىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ. ‹يۈتكەن پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن› دېگىنى بىراۋنىڭ بىر نەرسىسىنى يۈتتۈرىۋەتسىڭىز ئۇ سېپى ئالتۇن ئىدى دەپ ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ دېگەنلىك ياكى يوق نەرسىنى نىمە دەپ تەسۋىرلىسە بولۇۋېرىدۇ، دېگەنلىكتۇر. لېكىن بۇ يەردىكى ‹يوقلۇقىدا پارىلدايدۇ› دېگەنلىك تىلدىكى بوشلۇق قالدۇرۇلغان ياكى تىلغا ئېلىش پەرھىز قىلىنغان نەرسىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچى بىۋاستە تىلغا ئېلىنغاندىن يۇقىرى بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇ ئىنسانلارنىڭ تۈپكى تەپەككۈر شەكلىدە شۇنداق بىر ئادەتنىڭ بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن، قەدىمقى دەۋردە ئاتا بوۋىلىرىمىز بۆرىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى پەرھىز قىلغان. دېمەك بۆرە دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا بىر بوشلۇق قالدۇرىلىدۇ، مانا بۇ بوشلۇق بۆرىنىڭ ئوبرازىنى سىرلىقلاشتۇرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ. نابۇكوۋ بۇ يەردە يازغۇچىنىڭ سايىسى ئەسەردەقانچە كۆرۈنمىسە، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۈچى شۇنچە كۈچلۈك بولۇپ، كىتابخانغا شۇنچىلىك بىۋاستە تەسىر قىلالايدۇ. ئەكسىچە، يازغۇچى ئەسەرگە كىرىۋېلىپ قانچىلىك ۋەزىخانىلىق قىلسا ئۇنىڭ ئەسەردىكى كۈچى شۇنچە ئاجىزلاپ ئۇ بىر كلاۋنغا ئوخشاپ قالىدۇ، دېمەكچى بولسا كېرەك. بىزنىڭ ئۇيغۇر كىتابخانلىرىمىز كېيىنكىنى تاللايدۇ، يەنى يازغۇچىنىڭ سەھنىدە ھەزىلكەشلىك قىلىپ، تولا يىقىلىپ ئادەم كۈلدۈرىشىنى بەكرەك خالايدۇ. يازغۇچى ئەسەردىن چېكىنسە، خۇددى ئېرى تاشلاپ كەتكەن خوتۇندەك، بىزنى يازغۇچى تاشلىۋەتتى دەپ نالە پەرياد كۆتۈرىشىدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:39:16

فرىئۇد — قاراڭغۇ دەۋرلەردىن قالغان ئاشۇ قويمىچى دوختۇر .
فرېئۇد _ جاھالەتلىك دەۋرلەردىن قالغان پېرىخون دوختۇر، دېگەندەك ئېسىمدە بار. بۇ جۈملىلەرنى خەنسۇچىدىن ئوقۇغان، ئېنگىلىزچىنى كېيىن ئۈگەنگەنىدىم. ئاشۇ جۈملىنىڭ ئەسلىسىگە يەنە بىر قاراپ باققان بولسىڭىز.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:50:34

komsha يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 04:02 static/image/common/back.gif
خېلى سەۋىيىڭىز، بىلىمىڭىز بارىكەن، سىزچىلىك بىر نېمە ...

مەندە سىزگە تەلىم بەرگۈدەك نە سەۋىيە، نە بىلىم يوق، بۇنىسى ئەڭ ئاۋۋال ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئىسمىدەك ئايان. سىز تەييارلاپ ئەۋەتكەن بۇ يازمىنى ئوقۇش جەريانىدا خۇددى چەتئەل تىلىدىكى بىر نەرسىنى ئوقۇۋاتقان چاغدا ئۇچرىغان ناتونۇش سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ يېزىۋېلىپ لۇغەت ئاختۇرۇپ مەنىسىنى تاپقانغا ئوخشاش شەكىلدە، مەن ئۈچۈن ناتونۇش بولغان يازغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىر تىزىملىك قىلىپ خاتىرىلىۋالدىم، ئۇ ئىسىملارنىڭ بەزىسىنى ئاڭلىغان، كۆرگەن بولساممۇ لېكىن كۆپىنچىسى مەن ئۈچۈن «خام سۆز»لەر ئىدى. بۇ تىزىملىكنى ۋىكىپېدىيەدىن ئاختۇرۇپ يۈرۈپ تۇرغۇزىۋالدىم. ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قىلىپ تۈزۈلگەن بۇ تىزىملىك مېنى «بىلىملىك، سەۋىيەلىك» تەك كۆرسىتىپ سالغان ئوخشايدۇ.:lol

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 10:26:46

نابوكوۋنىڭ «ياخشى ئوقۇرمەنلەر ۋە ياخشى يازغۇچىلار» دېگەن يازمىسىدا فلائۇبېرتنىڭ ئاشنىسىغا يازغان خېتىدە دېگەن بىر گېپى نەقىل قىلىنىپتۇ. بۇ گەپنى بۇرۇن ئورخان پامۇكنىڭ بىر يازمىسىدا كۆرگەن ئىدىم. ئۇ مۇنداق دەپتىكەن:
Commel'on serait savant si l’on connaissait bien seulement cinq a six livres:

"What a scholar one might be if one knew well only some half a dozen books."

بىر ئادەم بەش- ئالتە پارچە كىتابنى بولسىمۇ راۋۇرۇس ھەزىم قىلىپ ئوقۇسا ئالىم بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

......................................................................................................................................................
مەن بۇ يەردە ئالىم بولۇپ كېتىشتىن بەكرەك ئاۋۇ بەش-ئالتە پارچە كىتابقا قىزىقىپ قالدىم.كىتاب ئوقۇشتا ئەڭ تەس ئىش قايسى كىتابنى ئوقۇشنى بىكىتىش بولسا كېرەك. قايسى كىتابنى ۋە كىتابلارنى ئوقۇشنى بىكىتىشتە ئىلگىرىكىلەرنىڭ، بىلىملىكلەرنىڭ تەۋسىيەسى بىزگە كۆپ ۋاقىتنى تىجەپ بېرىدۇ. كومشا ئاكىمىزنىڭ بۇ يازمىسىدىن مەن نەپ ئالدىم. رەھمەت!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 10:58:17

چىرايلىق گەپ يورغۇلۇتۇشلارغا نەپرەتلىنىدىغان فلائۇبېرت ...
------------------------------------------
مېنىڭ چوڭ شەھەر ناملىق ئەسىرىم تازىلىق قەغىزى دېگەن سۆز بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلان قىلىنىشتىن قالدۇرۇلغان.
ئۇيغۇر تىلىدا پوقلاق دېگەن سۆز سەت ئاڭلىنىپ، خالا دېيىلىدىغان بولغان، كېيىن يەنە خالامۇ سەت ئاڭلىنىپ، ھاجەتخانا دېيىلىدىغان بولغان، بۈگۈنكى كۈندە ھاجەتخانا دېگەن گەپنى تىلغا ئالسىڭىز باشقىلار خۇددى سىزگە بىراۋ بىلەن قىپ يالىڭاچ تۇتۇۋالغاندەك قارىشىدۇ. مۇشۇنداق ماڭسا، بىر كۈنلىرى ئۇيغۇرلار خىجىلچانلىقىدىن تولۇق بىر كوللېكتىپ گاچىلارغا ئايلىنىپ، بىر بىرىگە گەپ ئۇقتۇرالماس بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 12:05:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-6 12:27

‏«چوڭ شەھەر» رومانىڭىزنىڭ نەشردىن قايتۇرىلىشى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان ئىش بوپتۇ. قايسى كۈنى «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە كىرىپ قاراپ باقسام «چاقچاقنامە» دېگەن بىر لاۋزا كىتاپنىڭ بىر قىسىم ئاتالمىش يازغۇچى-شائىرلار، تەھرىرلەر، ھەتتا رەھبەرلەر تەرىپىدىن راسا ئۇچۇرۇلۇپ داۋرىڭى بولىۋېتىپىكەن، غايەت زور ئېچىنىشنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ھالدا يېنىپ چىققان ئىدىم. تېخى كىتاپنىڭ ئاپتورى بولمىش ژورنال تەھرىرىنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا تۇتقان ناھەق، نادانلارچە پوزېتسىيىسى بىلەن ئۇنىڭ شۇ قەدەر لاۋزىلىقى ۋە ئاۋاتلاشقانسېرى ئەكسىچە خاراپلىشىۋاتقان مەتبۇئات پوزېتسىيىسىنىڭ بىمەنە كېسىشكەنلىگى پېقىرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغانىدى.
‏ئادەتتىكى بىر سورۇن قوشاقلىرىنى كىتاپ قىلىپ نەشر قىلىپ كاتتىلاردىن تارتىپ تەقرىز يېزىشىپ، مىلەڭزىكەش، چاپانچى قەلەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن يېڭىلىق ياراتقان دەپ ماختىلىپ، پەلەكلەرگە كۆتۈرىلىدىكەن...
‏   سىزنىڭ «چوڭ شەھەر» رومانىڭىزنىڭ نەشر قىلىنماسلىقى ھەقىقەتەن بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:01:57

نابوكوۋنىڭ ئەدەبىيات قارىشىدا «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» سالمىقى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ بىلىش رولى بولۇدۇغانلىقىنى قىسمەنلىكتە ئېتىراپ قىلسىمۇ، بۇنى يازغۇچىنىڭ ئالدىن كۆزلىگىنى، مەخسەت قىلىپ قويغىنى ئەمەس، خالار-خالىماس يۈز بەرگەن نەتىجىدە، يازغۇچىنىڭ خەۋىرى بولمىغان بىر نەتىجە دېگەندەك قاراشقا مايىل.

-----------------------------------------------
نابوكۇۋنىڭ نەزىرىدىكى بىلىم بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى بولۇپمۇ يې جيەنيىڭنىڭ بىلىم ئىگەللەشكە چاقىرىق قىلغان شېئىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن 79- يىلىدىن كېيىن، ئۇيغۇر شائىرلار بىلىم ئىگەللەش ھەققىدە بىر نەرسە دېيىشكە جۈرئەت قىلىش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بىلىم ئۇقۇمىغا ئوخشىمايدۇ.
قەدىمقى گېرىكلاردىن سوقراتتىن ئاۋالقى كۆپلىگەن پەيلاسوپلار بىلىمنى قورال دەپ قارىغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىلىم پەقەت ئىنسانلارنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان نەرسە. نىتچى «شادلىق بەخش ئەتكۈچى بىلىم» قاتارلىق كىتابلىرىدا ئىلىمنى سوقراتتىن ئاۋالقى ساپ ھالەتكە قايتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان. مېنىڭچە نابوكوۋنىڭ نەزىرىدىكى بىلىم دەل نىچە ئېيتقان بىلىم بىلەن ئوخشاش.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:04:30

ماقالىنى ئالدىرىماي ھەزىم قىلىپ ئوقۇپ چىقتىم.
ئىلگىرى نابوكوفنىڭ قاراشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ چىققان بولساممۇ يەنىلا ماڭا يېڭى تۇيۇلدى ۋە ئىلھام بەخش ئەتتى.
كومشا ئاكىمىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:06:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-6 13:11

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 12:05 static/image/common/back.gif
‏«چوڭ شەھەر» رومانىڭىزنىڭ نەشردىن قايتۇرىلىشى ھەقىقە ...

رەھمەت ئەنىۋەر!
سىز بۇنداق دېگىنىڭىز بىلەن، ئۇلار تېخى مېنىڭ ئەسىرىمنى ئېلان قىلماسلىقنى مىللەتكە قوشقان غايەت زور تۆھپىسى ھېسابلىشىپ يۈرگەندۇر بەلكىم.
ئۇلارنىڭچە بولسا، دۇنيادىكى بارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، ئېلان قىلىش قىلماسلىقنى قارار قىلىش ھوقۇقى بولغان بولسا، ئورخان پامۇك، ھارۇكى مۇراكامىدەك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە بار بولىشىغا يول قويمىغان بولسا، ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىمۇ تۆتتە گۈزەل، بەش بولۇش تېمىسىغا زورلىيالىغان بولسا ئاندىن ئۆزلىرىنى ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان پەخر ئىگىلىرى ھېسابلىشاتتى.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 13:18:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-6 15:45

ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى مىللەتنى تەربىيەلەيدىغان،جاھالەتتىن قۇتقۇزىدىغان شەرەپلىك ۋە مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئۆز زىممسىگە ئالغان زاتلاردۇر.

بىكار قالسام ئانچە - مۇنچە يازغۇچىلار تورىغا كىرىپيۇمۇر ئوقۇپ چىقىمەن،يازغۇچىلار تورى تۆت مىڭ ئادىمى بار ،نەسىھەت ، قوشاق ۋە قۇرۇق گەپ ئىشلەپ چىقىرىدىغان چوڭ زاۋۇت،نايكنىڭ شەندۇڭدىكى پۈتۈن دۇنيانى نايك ماركىلىق ئاياغ بىلەن تەمىنلەيدىغان زاۋۇتدىمۇ 8000ئىشىچى باركەن،يازغۇچىلار تورىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.{:87:}

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:32:47

windows100 يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 13:18 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى مىللەتنى تەربىيەلەي ...

:lol :lol
ما گەپكە بەك كۈلدۈم...

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:33:14

windows100 يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 13:18 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى مىللەتنى تەربىيەلەي ...

زاۋۇتدىمۇ 8000 مىڭ ئىشىچى
سەككىز مىليوننى مۇشۇنداق ئىپادىلەپسىزدە،راست چوڭ زاۋۇتكەن ئۇ . قورامىغا يەتكەن ھەر ئون شەندۇڭلۇقنىڭ بىرى مۇشۇ زاۋۇتتا ئىشچى بولۇپ ئىشلەمدۇ نېمە؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 15:45:46

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 15:33 static/image/common/back.gif
زاۋۇتدىمۇ 8000 مىڭ ئىشىچى
سەككىز مىليوننى مۇشۇنداق ئىپ ...

ئەسلى 8000 دىمەكچىتىم،تۈزۈتۇپ قويدۇم.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 16:34:49

ئاۋۇ تۆت مىڭ ئەزا سىز ئېيتقان سەككىزمىڭنى بېسىپ چۈشىدۇ.
ئاۋۇ زاۋۇتتىكى سەككىز مىڭ كىشى بىر پۇتقا بىردىن ئاياق ئىشلەپ چىقارغان بىلەن بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ماۋۇ ئەدىبلەر ئىككى پۇتقا بىر ئاياق ئىشلەيدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 16:57:24

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 16:34 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ تۆت مىڭ ئەزا سىز ئېيتقان سەككىزمىڭنى بېسىپ چۈشىدۇ ...

ئالامەت كەپتۇ

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 16:59:23

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 16:34 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ تۆت مىڭ ئەزا سىز ئېيتقان سەككىزمىڭنى بېسىپ چۈشىدۇ ...

:lol :lol :lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 19:07:13

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 16:34 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ تۆت مىڭ ئەزا سىز ئېيتقان سەككىزمىڭنى بېسىپ چۈشىدۇ ...

:lol :lol

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 19:20:47

:lol

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 20:22:50

ئۇلار نىمىشقا ئىككى پۇتقا بىر ئاياغ ئىشلەيدىغاندۇر،زاكالەت تالۇنى شۇنداق كىلەمدىغاندۇر يا, ياكى بۇلار مۇشۇنداق ئاياغ ساتساق بازارلىق بۇلىدۇ دەپ ئۇيلامدىغاندۇر.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 20:43:56

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى2015-1-6 16:34 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ تۆت مىڭ ئەزا سىز ئېيتقان سەككىزمىڭنى بېسىپ چۈشىدۇ ...

ناباپ موزدۇزلار.{:87:} {:87:} {:87:}
بەت: 1 [2] 3 4 5
: (2) Vladimir Nabokow رومانچىلىق قاراشلىرى