Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 14:01:02

(بىلىك)كۈلۈپ باقايچۇ..

  مۇقەددىمە

تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان روھى- ھالىتىمنى نورمال تۇتۇشنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن خېلى زور كۈچ سەرىپ قىلىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ قالغان ئېدى. «يامان جىن چاپلىشىۋالدىمىكىن؟» دەپ گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدىم،  چۈنكى شۇنداق ئېغىر ۋە قاپقارا بىر نەرسە ئىچىمگە ئورۇنلىشىۋالغاندەك بىئارام بولۇپ سىقىلاتتىم، بىرخىل راھەتلىنەلمەيتتىم...

ئەسلىدە ھەممىسى مۇشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئېنىرگىيەگە، يۈكسەك قىزغىنلىققا، ئۈمۈدلەرگە تولغان جۇشقۇن ياشلىقىم تىنچ دېڭىزدا ئىلگىرلىگەن، يېرىم يولدا جۇدۇنغا ئۇچىرىغان كىمىگە ئوخشاپ قالغان ئېدى. ئەمدى بۇ جۇدۇن پەسىيىشكە باشلىغاندە مەندە پەقەت ئۈمۈدلا ئېشىپ قالدى.  توغرا! مەن ئۈمۈدۈمنى ئازىراقمۇ يوقىتىپ باقمىدىم، ناھايىتى ساددىلىق بىلەن ھايات ئېنىرگىيەمگە تەتۈر تاساسىپ ھالدا، نىشانىمدىن بارغانچە يىراقلاپ كېتىپ بارغاندەك تۇرساممۇ ئارزۇ قىلغانلىرىمدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي، ئەلەملىك نەپەسلىرىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ، بۇ ئازگالدىن قۇتۇلۇشقا ۋە يولۇمى داۋام قىلىشقا ئۈمۈد باغلاپ يۈرىۋاتاتتىم، لېكىن قانداقتۇر كۈچۈم يەتمەيۋاتقاندەك، قولۇمدىن تارتىدىغان دوست تاپالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتىم ئۆزۈمنى. شۇنداق ۋاقىتلاردا يىگانە اللەتىن باشقا دوست ۋە مەدەتكار يوقلىقىنى ئاندىن چۈشىنىپ يەتكەندەك بولۇپ قوللىرىمنى ئاچاتتىم..

شۇنداق،  مەن بىر مەغلۇپ بولغۇچى، ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە شۇنداق... چۈنكى تالاي پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ، كەينىمگە شۇ قەدەر چوڭ بىر مۇساپە ئارلىقى داجىدىمكى، يېشىمغا نىسبەتەن (دۇنيالىقىم ئۈچۈن) تەڭتۈشلىرىمدىن كۆپ كىيىن قالدىم. خۇددى ئۆڭكۈردە ئۇخلاپ قالغان،  قابەھەتلىك چۈشنىڭ تەسىرى تېخى كاللىسىدىن كەتمىگەن بىر ئادەمگە ئوخشاپ قالدىم. ئۆتمۈشتە ياشاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلسەممۇ خالاپ خالىماي، بۇ چەمبىرەكتىن چىقىپ كېتەلمەي بىر تالاي ئىشلار يادىمغا كېلىۋالىدىغان بولۇپ قالدى .  چۈشلىرىمدىمۇ ئۆتمۈشكە ئالاقىدار قالايمىقان نەرسىلەرنى كۆرىمەن. راستىمنى ئېيتقاندا  مەن ئۇزۇندىن بېرى ھېچ بىر بۈگۈننى ئۆزى بىلەن  راھەت ياشىيالماپتىمەن..  

شۈكرى ئيېتىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىم ئەلبەتتە كۆپ!  ئاچ يالىڭاچ ۋە پۇلسىز قالمىغىنىم، ئۆزۈم ۋە سۆيگەن كىشىللىرىمنىڭ ساق- سالامەتلىكى، ئۆزۈم خالىمىغان  مەئىشەتلەرگە كىرىشىپ قالمىغىنىم، ئالدىمدىكى تېخى كۆپ پۇرسەتلىرىم، ھېچ  بولمىغاندا توپلىغان  تەجىربىلىرىم... مۇشۇلارنىڭ ئۆزى ۋە مەن ساناپ بولالمىغان ۋە ئۇنتۇپ قالغان تالاي ياخشىلىقلار ئۈچۈن ساھىبىغا تەشەككۈر ئېيتىشىمقا تېگىشلىك! بارا-بارا ھاياتنى چۈشەندىم ، جەمىيەت  ۋە كىشىلەر توپىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم ۋە چوڭ بولدۇم..   

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 14:48:40

ئەمما ما پاراڭنى ئاڭلايلى بىردەم، سىزمۇ گەپبارجاندەك يوقاپ كەتمەيدىغانسىز ؟

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 15:13:26

ھەر جەھەتتە تەڭتۇشلىرىدىن كىيىن قالسا بەك ئېغىر كىلىدىكەن ئادەمگە

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 16:42:20

قانائەت بولمىسا شۇنداق بۇلىدۇ ، تەڭتۇشلاردىن قېلىش ئەمەس غايە ئۇچۇن تىرشىپ ياشاش كىرەك ،
ئەمىليەتتە سىز كەينىدە قالدۇرغان تەڭتۇشلىرڭىزنىڭمۇ سىزگە يىتەلمەيدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار ـ
ھىچقانداق ئادەمگە توققۇزى تەل قىلىپ بىرىلمىگەن ـ بىرنىڭ پۇلى بار ، بىرنىڭ ئەقلى بار ، بىرىنىڭ بۇيى بار ، بىرنىڭ ھۆسنى بار ، بىرنىڭ ھۇقۇقى بار ، بىرنىڭ ھۆرمىتى بار ، بىرنىڭ ۋىجدانى بار بىرنىڭ يۇركى بار ـ،ئەڭ مۇھىمى بىرنىڭ ئىمانى بار

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 17:06:57

«ئۇزاق يوللار» نىڭ داۋامىدەك قىلىدۇ، سىز بىلەن غايىۋانە سىردىشىمىز، ھايات تەجرىبىلىرىڭىزگە ئورتاقلىشىمىز، سىزدىن ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك نەرسىلەرمۇ نۇرغۇن. داۋامىغا ساقلاپ قالدۇق :)

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 17:16:13

1. يەنە بىر «پۇرسەت»

نۇمۇس كۈچىدىن پەرىشان بولۇپ،  چارىسىز،  نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغان ۋاقىتلاردا يەنە بىر «پۇرسەت» تۇيۇقسىز ئالدىمغا چىقىپ كۆڭلۈمنى ئاز-تولا تىندۇرغان بولدى. بۇنىڭدا تۈركىيەدە مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا بىۋاستە تونۇشتۇرۇش خېتىسىز تىزىملىتالايتتىم، تاللىنىشقا ئىشەنچىم تولۇق ئېدى.  شۇنداق بولسا ئاتا-ئانام ۋە ئۇرۇق تۇغقانلارغا بۇ خىجالەتچىلىكنى چاندۇرمايتتىم،  مېنىڭ بىلەن تېخى يېقىندا توي قىلىپ ئوقۇشى يېرىم قالغان ئايالىمنىڭ ئوقۇشىنى شۇ يەردە داۋام قىلالايتتۇق.. شۇ ۋاقىتلاردا يوقاتقانلىرىمنىڭ ئاچچىقىدىن بەكىرەك نۇمۇس كۈچىدىن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكەن ئېدى..  «بۇ ھالەتتىن ئۆتىۋالسام، كىيىن كىيىن ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالىمەن» دەپ ئويلايتتىم بىر چىقىش يولى تېپىۋالغېنىمدىن خوش بولۇپ...

تۈركىيەگە بېرىپ ئويناپ كېلىش ھەققىدە  ئىلگىرى ئىتالىيەدە تونۇشقان تۈرك دوستلىرىمغا ۋەدە بەرگەن بولساممۇ قاچان، قانداق شەكىلدە  بارىدىغېنىمنى بىلمەيتتىم، بىركۈن ساياھەت قىلغىلى بارىمەن دەپ ئويلايتتىم. لېكىن نەتىجىدە  ئۇزۇن مەزگىل تۇورۇپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن... تۈركىيەنى ياخشى كۆرسەممۇ بۇ يەردە ئوقۇش ۋە ياشاش مېنىڭ تاللاش ئارزۇيۇم ئەمەس ئېدى. ئىلگىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا داۋاملاشتۇرۇش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى بىر ئوقۇتقۇچىمغا ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ تۈركىيەدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرستىتا ياخشى بىر دوستىنىڭ بارلىقىنى ئەگەر خالىسام شۇ يەرگە تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۆزۈمنىڭ ئاۋۇسترالىيەدىن باشقا يەردە ئوقۇغۇم يوقلىغىنى ئېيتقان ئىكەنمەن.  نېمىشقىلىقىنى ئۆزۈممۇ ئېنىق بىلمەيمەن، بەلكىم تېخىمۇ تەرەققىي قىلغانراق، بىلىم، پىكىر ۋە ئىنسان قەدىرلىنىدىغانراق يەرلەردە ياشاپ باققۇم باردۇر، بەلكىم باشقا سەۋەپمۇ باردۇر...

شۇنىڭ بىلەن «زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان» بىر چىقىش ئىشىكى ماڭا ئېچىلغان بولدى. مۇھىمى، سىرنىڭ ئاششكارە بولۇپ كەتمەيدىغېنىدىن خوش ئېدىم. ئەگەر شۇنداق بولسا دادام ۋە نۇرغۇنلارنى ئۈمۈدسىىزلەندۈرۈپ قوياتتىم، بولۇپمۇ دادامنىڭ ئۈمۈدسىزلىنىشىنى ۋە پەرىشان بولىشىنى ھەرگىز خالىمايتتىم.. بىر ھەپتە ئىچىدە توي قىلىپ، ئىككى كۈن تۇرۇپلا چىقىپ كەتكىنىمدە ئايالىمنى ئۇزۇنغا قالماي ئېلىپ چىقىۋالىدىغېنىمنى ئېيتقان، ئاپامغا شەھەردىن بىنا ئۆي ئېلىپ بېرىشنى دەپ خوش قىلغان ئېدىم، ئۆيدىكىلەر مېنى پەخىرلىنىش ھسسىياتلىرى بىلەن ئۇزۇتۇپ چىققان ئېدى... كاشكى بىخۇتلۇق قىلمىغان بولسام، ياكى ئالدىرىماي تۇرغان بولسام،.. تەسەۋۇر قىلغان گۈزەل ئاقىبەتلەرنىڭ ھەممىسى بولىشى مۇمكىن ئېدى.  «پىشانىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئىلاچ يوق، ھايات گەرچە نۇرغۇن «كاشكى» لارغا تولسىمۇ..» دەپ ئۆزۈمنى بەزلەيمەن كۆپىنچە - « پىشانەمدە بولغان بولسا كاللامغا كەلمەسمىدى؟ ئىشلار ئوڭ كەلمەسمىدى؟!»

شۇ ۋاقىتتا تۈركىيەگە ئىلتىماس قىلىپ قويغاندىن كىيىن «يازلىق تەتىل» قىلىپ يۇرتقا قايتسام ، يۇرتتا ئۆيدىكىلەرنى ۋە ئېلىپ ۋەتەن ئىچى سايەھەت قىلسام، بۇ ئارىدا پۇرسەت تېپىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئائىلىدىكىلەردىن بەزىلىرىگە دېسەم بەلكىم تۇيۇقسىز كەلگەن ھەيرانلىق ۋە ئۈمۈدسىزلىكتىن ياخشى دەپ ئويلىدىم.  تۈركىيەدىكى ئوقۇشقا يۈزدە يۈز ئىشەنچىم بار ئېدى، پەقەت ئايالىم ئۈچۈن قىلغان ئىلتىماس قوبۇل بولسىلا چاتاق يوق ئېدى.  ئۇ يەر بولمىسىمۇ ھېچقىسى يوق،  سەئۇدىيدا تونۇشقان بىر ھىندونوزىيلىك بىر قېرىندېشىم بىلەن سودا قىلىش پىلانى تۈزۈپ قويغان ئەگەر تۈركىيەگە بارمىسام بىرلىكتە سودا پىلانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىمىزنى مەسلەھەتلىشىۋالغان ئېدۇق، بۇ جەھەتتىنمۇ كۆڭلۈم توق ئېدى، ئۇ قېرىندېشىمنىڭ دىيانىتىگە ۋە سۆزىگە ئىشىنەتتىم، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ سودا قىلغانلىقىنى دەپ مېنى قايىل قىلىشقا باشلىغاندا «ئەمدى سودا يولىغا ماڭساممۇ مەيلى» دەپ ئويلىغان ئېدىم.

شۇنىڭ بىلەن مەن يازلىق تەتىل قىلىپ ئۆيگە قايتىدىغان، ئۇ دوستۇم ئۈرۈمچىگە ۋە بىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىغان، شۇ يەردە بىرلىكتە سايەھەت قىلغاچ سودا تۈرلىرىنى ئويلىشىدىغان، ئۈرۈمچىدىكى ئارمان باشلىق شىركەت ۋە زاۋتلارنى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. چۈنكى ئۇ مەن بەرگەن بىر قاپ تالقاننى ئىچىپ ئارماننى بەك ياختۇرۇپ قالغان ئىكەن، توردىن ئارماننىڭ قۇرغۇچىسى رادىل ئابلانىڭ 3000 سوم بىلەن بۇ ئىگىلىكنى تىكلىگىننى ئوقۇپ، تەسىرلىنىپتۇ...
مەن ئالدىنقى تاللاشتا تۈركىيەدىن جاۋاپ ساقلايدىغان، بولمىسا شۇ پىلانىمىز ئۈچۈن ئىش باشلاشنى ئاقىلانە تەدبىر دەپ تاللىۋالدىم. بۇ ئوي ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمدىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلۈم سەل ئېچىلغاندەك بولۇپ ئاخىرى ۋەتەنگە ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن قايتىپ كەلدىم...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 00:51:25

داۋامى تەستىقلانمىغان ئوخشايدۇ، تەستىقلانغاندا ئۇنىڭ ئاخىرىنى ئۇلاپ يازاي. بولمىسا ئېگىز-پەس بولۇپ قالغۇدەك..

بۇ شەخسىي ھاياتىم ھەققىدە ئادەتتىكى پاراڭ بولۇپ، گەپنى بۇرۇنلا باشلاش خىيالىم بار ئېدى. نەچچە رەت بۇ گەپلىرىمنى دېگۈم كېلىپ، يەنە دېيىشتىن يالتىيىپ يۈرگەن،  ئاخىرى ئىختىيارسىز باشلاپ كەتتىم. يازماي تۇرىۋەرسىمۇ ھېچنىمىگە خوشياقماس بولۇپ قالغۇدەك..

بۇ يازمىدا ئاساسەن بىر-ئىككى يىل جەرىيانىدا بېشىمدىن ئۆتكەنلەرنى، تۈركىيەدىكى تەسىراتلارنى، خىيال ۋە ھېسلىرىمنى  قېرىداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.  بۇ يازمىنىڭ باشقىلارغا پايدىسى بولىدىغانلىقىغا، ئەڭ ئازدىن ئۆزۈمگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن..

قوللىغان قېرىنداشلارغا ئالدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن، رەھمەت!   

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 03:59:47

ساقلايمىز.:)

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 06:15:38

داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 07:43:36

جېلەينىڭ ئىشتىنىدا يانفون سالىدىغان ئايرىم تۈشۈك تىكىلگەنلىكى ئۈچۈن ھەممە ئىشتىنىم جېلەي بوپكەتتى ھازىر:lol

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 08:27:55

بىلىكباي!قېنى ئاخىرى؟چەتكە چىقالمىساممۇ چەتكە چىقىپ باققانلارنىڭ يازمىلىرىنى ئۇقۇپ تەسەللى تاپىدىغان بۇلۇپ قالدىم ھازىر....:lol:lol:lol:lol:lol
ساقلاپ قالدۇق{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:43:36

ساقلا ۋاتىمىز !!

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 10:55:56

بىلىك ئەپەندى سىزنىڭ ئىچكى كۈرۈرمىشنى تەسۋىرلىگەن يازمىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن.
سىز ئالىي مەكتەپنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇغانىدىڭىز؟
بولسا ئالىي مەكتەپتىكى ھېكايىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار.

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 11:36:33

ئاخىرىنى تېزراق يوللىغان بولسىڭىز بوپتىكەن.

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 12:12:44

بىلىك بۇرادەر مېنىڭ خىزمەتدىشىمنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەن…

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 15:04:40

2. يۇرت ئىچىدە «ساياھەت»

ئاخىرى ئۆيگە يېنىپ كەلدىم، كەيپىياتىم كۆتىرەڭگۈ ۋە ئازادە ئىدى... ئۆيدىكىلەرگە ئىككى ئۈچ ئايلىق ئارامغا كەلگەنلىكىمنى، بۇ ئىككى ئايدا ھېچنىمە قىلماي ئارام ئېلىش، ساياھەت قىلىش پىلانىم بارلىقىنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتتىم. دېمىسمۇ ھېچ ئازادە بولۇپ ئويناپ باققىنىمنى بىلمەيمەن بالىلىق بىلەن خوشلاشقاندىن بىرى. ئوقۇش باھانىسى بىلەن ئالدى بىلەن ئىتالىيە ئاندىن سەئۇدى، ئاسترالىيە، مالايسىيە،... قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۇلارنىڭ كىشىلىرىنى، يەرلىرىنى، مەنزىرىسىنى كۆرگەن بولساممۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەردىن باشقا يەرلىرىنى كىزىپ باقمىغان ئىكەنمەن. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان يۇرتلارنى، مەن كۆپ سېغىنغان مېھرى ئىللىق ئۇيغۇر ئاممىسىنى، مەھەللە سەھرالىرىنى ئايلىنىپ روھى ئاچلىقىمنى توقلىماقچى بولدۇم. راست! مەن ئۆز ۋەتىنىمگە قانماپتىمەن، قانمايدىكەنمەن...

ئۆيگە ھەر قېتىم قايتىپ ئىللىق ئائىلىمىزنىڭ تونۇش چوڭ ئاق دەرۋازىسىدىن كىرىپلا  ئاجايىپ ھوزۇرىنى ھېس قىلىمەن. بۇ ھوزۇر ھەر قېتىمدا بىر نەچچە كۈنلا، بەزىلىرى بىر نەچچە سائەتلا داۋاملىشىدۇ. تۇنجى كىرسىڭىز ئائىلىڭىز كۆزىڭىزگە باشقىچە گۆزەل ۋە ئىللىق كۆرۈنىدۇ. يۇرتقا كەلگەندە باشقىچە ئىززىتىم بىلەن قارشى ئېلىنىمەن، بۇ ماڭا غوزۇر ۋە كۈچ قوشىدۇ، ئاتا-ئانام ۋە قېرىنداشلىرىم، ئۇرۇق-تۇغقانلار مېنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ! ئايالىمنىڭ مېنىڭ كەلگىنىمدىن ئالەمچە خوش بولۇپ كەتكىننى ئۇنىڭ چىرايىدىن سەزدىم. مەن ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ، خوش بولدۇم. توي قىلغان ۋاقىتتا ئۆيدە نەچچە كۈن تۇرغۇدەكمۇ ۋاقىت بولمىغان، ئۇرۇق-تۇققان مەھەللە كوي مىھمانغا چاقىرىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى، بىر ھەپتە ئىززەت-ئېكىرام بىلەن مېھمان بولۇپ كۈتۈندۈم.

شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى... شۇ ئارىدا ھېندونوزىيلىك قېرىنداشتىن خەۋەر كەلدى. ئەمدى ئۈرۈمچىگە مېڭىشقا تەييارلىق قىلمىسام بولمايتتى. ساياھەتكە بىراقلا چىقىپ كىتىشنى توغرا تاپتىم. ئۆيدىكىلەرگە ئائىلە بويىنچە ساياھەت قىلىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم. دادام  قوشۇلغان بولسىمۇ ئاپام «سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا قېتىلىۋالمايلى» دەپ قەدئىي ئۇنىمىدى، راستىنلا شۇنداق ئويلىدىمۇ ماڭا نامەلۇم ئەمما ئاپامنى ساياھەت قىلدۇرۇشنى شۇنداق خالايتتىم، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى. ساياھەت دىسە باشقا ئەمەس شۇ ۋەتەننىڭ باشقا شەھەرلىرىنى كۆرۈپ كىلەتتۇق، يىل بويى ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئۆي ئىشلىرى بىلەن بەنت بولۇپ كەلگەن، بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاپامنىڭ يۇرت ئىچىدە بولسىمۇ سىرىتنى كۆرۈپ بېقىش ھەققى بۇرۇندىنلا بار ئېدى. يۇرت ئاتلاپ باقمىغان ئاپامنىڭ بۇ ساياھەتنى قىلىشى تامامەن ئورۇنلۇق ئىدى. شۇنچە زورلاپ ئۇنى ئۇنىتالمىدىم. ئۇلارنى ھەرەمگە ئېلىپ چىقىش قۇلايلىقىنى قولدىن بىرىپ قويغانلىقىمدىن ئىچىم ئۆرتەنسىمۇ، ھامان ئۇلارنىڭ كەبىنى ئىنشااللە كۆرەلىشىگە ئىشىنەتتىم (چۈنكى كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقاتقان ھەر ۋاقىتتا تىلىگىنىم ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كىلىشى ئىدى، ئىنشااللە، تىلىگىم ئىجابەت بولغۇسى!) ھېچ بولمىغاندا نەچچە كۈن ساياھەت قىلدۇرۇپ قويىشىم مېنىڭ ۋىجدان ئازابىمنى ئازىراق بولسىمۇ يىنىكلىتىشى مۇمكىن ئىدى...

ئاپام قەدئىي قوشۇلمىغاچقا دادام :‹‹بوپتۇ بالام ئىككىڭلار ئويناپ كىلىڭلار، خۇدا خالىسا يەنە بىر پۇرسىتى كىلىدۇ...›› دەپ بىزنى يولغا سالدى. بوپتۇ، خەير دېدىم، ئايالىمنى ئېلىپ بۇ ‹‹ ساياھەتكە››، كىيىكى قەدىمىم ئۈچۈن ئىمكانغا، ئايالىمغا ھەقىقى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى ئىزدەشكە، شۇۋاقىتقىچە جىددىيلىشىپ كىلىۋاتقان نېرۋىلىرىمنى تىنىچلاندۇرۇشقا يۈرۈپ كەتتىم...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 17:10:32

ئۈرۈمچىگە كېلىپ ياخشى مېھمانخانىلارنى تاللاپ ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن، ھېندونوزىيلىك مىھماننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئايرودورۇمغا يۈرۈپ كەتتىم. دىگەندەك ئايروپىلان دەل ۋاقىتدا كەلدى، ھەر ھالدە ئوڭۇشلۇق ئۇچىراشتۇق...ئۇنى كۆرۈپ باشقىدىن خوش بولدۇم، چۈنكى ئاتايىتەن ئۈچ كۈن ئاجىرىتىپ مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى، ئۈرۈمچىنى، ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ باققىلى،... كەلگەنىدى. پىلانىمىز بويىنچە بىر كۈن ئۈرۈمچىنى كېزىدىغان، بىر كۈن ئارمان شىركىتىنى زىيارەت قىلىدىغان بولدۇق..

ئۈرۈمچىدە بىر كۈن ئايلاندۇق. ئېسىل مىللىى ئۇسلۇبتىكى ئۇيغۇر تېز تاماقخانىلىرىغا، ئاۋات ئۇيغۇر كوچىلىرىغا باشلىدىم. خۇددى ساياھەت يىتەكچىسىدەك توختىماي سۆزلەپ ماڭدىم، ئۆزۈممۇ ئېچىلىپ قالغان ئېدىم. ھېھمانمۇ بۇ ئاۋات كوچىلارنى، ھەر زامان قارشى ئالغۇچى خۇش چىراي ئۇيغۇرلارنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى.  بازاردىن ئاتا-ئانىسىغا خاتىرە ئۈچۈن نەرسە كىرەك سېتىۋالدى، توختىماي ئۇنى بۇنى سۈرەتكە ئالدى... شۇنداق قىلىپ بىر كۈننى شۇنداق كەڭ-كۇشادە ئايلىنىپ ئۆتكۈدۇق. ھارغاندا ئارامگاھلاردا ئولتۇرۇپ قانغىچە پاراڭلىشىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان سوقۇشتۇق.

ئىككىنچى كۈنى ئارزۇيىمىزغا يارىشا ئارمان شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ، رادىل ئابلا ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشەتتۇق. مېھمان كىلىشتىن بۇرۇن ئارمان شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشقان ئىدىم. رادىل ئابلا ئەپەندىم بىلەن شەخشى كۆرۈشۈش تەس بولغانلىقى ئۈچۈن ئارمان سېتىش بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بولسىمۇ كۆرۈشۈش ئۈچۈن تەرەققىيات رايۇنىدىكى ئارمان غا بارماقچى بولدۇق. ئۇزاق يەردە ئىكەن،  نەچچە ئادەمدىن سوراش ئارقىلىق تەرەققىيات رايۇنىدىكى مەھەللىلەرنى، ئارقا كوچىلارنى، باشقا شىركەت، زاۋۇت، كارخانا ئورۇنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ مىڭ تەستە ئارماننىڭ دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە خوش بولۇپ كەتتۇق، كىلىپلا دەرۋازا ئالدىدا بىر پارچىدىن رەسىمگە چۈشىۋالدۇق، چۈنكى ئاران تەستە تاپقان ئىدۇق ھا ھا... دېرىكتور بىز بىلەن قىزغىنلىق بىلەن سوغۇققان كەيپىياتنىڭ ئارىسىدىكى بىر ھالدە بىز بىلەن كۆرۈشتى، بىر پىيالىدىن چاي تۇتۇپ، شىركەتنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى...

ئارماننىڭ ئاساسلىق زاۋۇتلىرى ئالتايدا ئىكەن. بىز بولۇپمۇ تالغانغا قىزىققاچقا تالقان زاۋۇتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان ئىدۇق، لىكىن ئالتايغا بېرىشقا زامان يار بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇ يەردىكى ئارماننىڭ مال ساقلاش، يەتكۈزۈش ئامبارلىرىنى، كەمپىت زاۋۇتلىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق. پاراڭ ئارلىقىدا تالقانلارنى قانداق قىلىپ ھېندونوزىيە، سەئۇدى قاتارلىق جايلارغا يۆتكەش، ئارمان نىڭ خالتىسىنى ئېنگىلىزچە چىقىرىش،... قاتارلىق مەسىللەردە پاراڭ قىلىشتۇق. (مېنىڭ ئىشەنچىم بار ئىدى. ئىلگىرى سەئۇدىدىكى ۋاقىتتا ئۇيەرگە ئېلىپ چىققان تالقاندىن نەچچە نۇسقىنى، چۈشەندۈرۈشى بىلەن قوشۇپ، سەئۇدىيدىكى چوڭ تاللا بازىرىنىڭ مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى تارمىقى دىروكتورى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇ ئېلىپ كىلەلىسەم ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.) شەخىس بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىشەنچىسىز بولساقمۇ، ئارماننىڭ دېرىكتورى ھەر ھالدە بىزگە قىزغىنلىق كۆرسەتتى. ئەمدىكى گەپ بىز ئەڭ كامىدا بىر يۈك ماشىنىسى مالنى ئالالىساق بىز بىلەن توختام تۈزىدىغان بولدى. تامۇژنا ئىشلىرى، قارشى دۆلەتنىڭ خەلقئارا سودىغا ئائىت رۇخسەت ھۆججەتلىرى،... دىگەندەك ئىشلار بىزدىن بولاتتى. ئارمان تەرەپ پەقەت بىز ئۇلار دىگەن مىقتاردا مال ئالساق، خالتا قېپىنى ئۆزلىرى ئىشلەپ سېتىپ بېرىدىغان بولدى. يەنە بىرىگە بىز شەخسى سالاھىيەت بىلەن مال يۆتكىيەلمەيتتۇق، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ شىركىتى بار بولغاچقا شۇ شىركەت ئارقىلىق قىلىدىغان بولۇشتۇق. مەن ھەدەپ بۇ ئىشلارنىڭ رىياللىقتا يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىۋاتاتتىم. چۈنكى سەمىمىي سۆزلىشىۋاتاتتۇق...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 17:10:57

‏‏مېھماننى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كىيىن ساياھەتنى باشلىۋەتتۇق.  ئۈرۈمچىنىڭ، جۈملىدىن ۋەتەننىڭ ياز پەسلىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرى ئىدى، ساياھەتكە تولىمۇ مۇۋاپىق ۋاقىتلىرى ئىدى. ئۈرۈمچىنىڭ مەن ئىلگىرى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا كۆرۈشكە قادىر بولۇپ بولالمىغان، كۆرۈشكە تىگىشلىك بارلىق يەرلىرىنى، كوچا-كويلىرىنى، باغچىلىرىنى قېنىپ ئايلاندۇق، ئويۇنچۇقلارنى بىرلىكتە ئوينىدۇق، كۆڭۈل خالىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالدۇق، ياخىش مېھمانخانىلاردا، ئېسىل تاماقخانىلاردا كۈتۈندۇق... ئەمەلىيەتتە ھەرقانچە خەجلىسەممۇ ئازىغنا پۇل بىردەمدە تۈگەيدۇ، لىكىن ئوننەچچە كۈن پۇخادىن چىققۇدەك، دەردىمنى باسقۇدەك، ئويۇن تاماشىغا بېرىلىپ كەتكەن كىشىدەك ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي ئەركىن قويىۋەتكىم كەلگەن ئىدى...

‏ئۈرۈمچىنى بەكمۇ ياخىشى كۆرىمەن. خۇددى ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ماكانىمدەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى ياشلىغىمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى، بەش ياق، ئالتە يىلىم مۇشۇ ئەزىز، ئاۋات ماكاندا ئۆتتى. ئوقۇش  جىدديچىلىكى ۋە بېىسمىدا، ئالدىراشلىقىدا، ياشلىقنىڭ ئالتۇن چاغلىرىنى غايە ئۈچۈن تىرىشىش، كىتاپ ئوقۇشقا كىرىشىش، ياشلىق ئارزۇلىرىمنى بېسىش بىلەن رەڭسىز ۋە بىر خىل رېتىمدا ئۆتىۋاتقاندەك تۇرسىمۇ ئىچىم تولىمۇ راھەت ۋە تازا ئىدى. ياشلىق ھەۋەسلىرىم قايناپ تۇرسىمۇ مېنى ئوراپ تۇرغان ئىجابىي مۇھىت ۋە ياخشى تۇرمۇش رېتىمى مېنى قوغداپ قالاتتى. ئەتىراپىمدىكى ماڭا ئوخشاش قېرىنداشلىرىم بىلەن مەكتەپ ئالدىدىكى مەسجىتتە ھەر ۋاقىت ئۇچۇرۇشۇپ تۇرۇشىمىز، سەمىمى قول سىقىشلىرىمىز ۋە تەبەسسۇملىرىمىز بىزئۈچۈن مەنىۋى سېپىل ۋە نامەلۇم قورغان ئىدى. ئۈمۈتسىزلىك، چۈشكۈنلۈك بىزنى قورشىغاندا شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇھەببىتىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلاتتۇق، كۆزلىرىمىزدىكى تەبەسسۇم يۈرەكلىرىمىزگە سىڭاتتى...

‏شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىشەتتۇق، جۈمە كۈنى بايرام بولغاندەك ئەڭ پاكىز كىيملىىرمىزنى كىيىپ جۈمەگە باراتتۇق، شۇ چاغلاردىكى ناتىق، بىلىملىك ئۆلىمالارنىڭ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغۇدەك خۇتبىلىرىنى ئاڭلاپ، ئىچىمىزدىكىنى يېشىمىز ئارقىلىق چىقىرىۋالاتتۇق-،دە يېپيىنىك بولۇپ، تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى راھەت تۇيغۇسىغا چۆمەتتۇق... نامازدىن يېنىپ بىر نەچچە قېرىنداش بىلەن بىرگە تاماق يېيىشمۇ ئاجايىپ ھوزۇر ئىدى. مەن ھەممە قېرىنداشلىرىمنى ياخشى كۆرەتتىم، مەسچىتتىن يېنىپ چىقىۋاتقان، چىرايلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىۋاتقان كىشىلەرئارىسىدا ئۆزۈمنى تولىمۇ ئەركىن ھېس قىلاتتىم...

‏مېنىڭ خوشاللىقىم دەل مۇشۇ جايلاردا ئىدى. مەكتەپتە، ياتاقتا سىقىلاتتىم، ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە غەۋغاغاتولغان كوچىلارنى، مەدىنىيتىمىزدىن يات كوچىلارنى ياختۇرمايتتىم، ئۇنۋېرستىت دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئۈچتاش مەسجىتىىدىن كونسۇل كوچىسىغىچە بولغان بۇ كىچىككىنە ئارلىق مېنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالتە يىللىق رەڭسىز ھاياتىمغا ئالەمچە مەزمۇن، يۈرىكىمگە چەكسىز مۇھەببەت بەرگەن ئىدى. مېنىڭ «ئۈرۈمچەم» مۇشۇ كىچىككىنە دائىرە بىلەن چەكلىپ قالغان بولسىمۇ ماڭا ناھايىتى كەڭرى ئىچكى دۇنيا بەرگەن يەرلەر ئەنە شۇ ئىدى...

‏ئەڭ مۇھىمى، ئۈرۈمچىنى ئېيتقىلى بولمايدىغان، توسقىلى بولمايدىغان بىر كۈچ بىلەن ياخشى كۆرەتتىم. ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىمۇ مۇشۇ يەرگە توپلانغان ئىدى. گەرچە بۇ مولچىلىققا، بەرىكەتكە تولغان، كەڭ قورساق زىمىندا ھەرخىل مەدەنىيەت، ھەرخىل كىشىلەر ئارىلاش بولسىمۇ مېنىڭ كۆزۈمگە ئەڭ گۆزەل بولۇپ چېلىقىدىغان بۇ مۇھىت باشقا شاۋقۇنلارنى نەزەردى ساقىت قىلىشىمغا يىتەرلىك كۈچ بىرەلەيتتى. بۇ مانا مۇشۇنداق ئېسىل ۋە خاسىيەتلىك زىمىن، ئانا يۇرتۇمنىڭ جان تومۇرى، پەخرى...

‏ۋەتەن سىرتىدا نەچچە شەھەرلەرنى كەزدىم، مەيلى تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە، گۆزەللىكتە ھەرقانداق بىر شەھەر ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالمايدىغانلىقىغا كېسىم قىلالايمەن! لىكىن ماڭائەڭ گۆزەل تۇيغۇ ۋە ھوزۇرنى بېرەلەيدىغىنى يەنىلا ئۈرۈمچى كوچىلىرى ئىدى...شۇنداق بولغاچقا ئۈرۈمچىدە بەچچە كۈن ئارتۇق تۇرىۋالغۇم كەلدى، كونسۇل كوچىسى، دۆڭ كۆۋرۈك، بۇلاق بېشى كوچىسى،....دىكى ئاددى بازا، رەستىلەرنى   
‏تۇرمۇش ئۈچۈن ئۇششاق سودا قىلىۋاتقان، ھاياتلىق ئۈچۈن، ھالال رىزىق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر ئارىىسنى تەكرار تەكرار ئايلانغۇم كەلدى...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 17:11:20

ئەسلىدە خوتەندىن باشلاپ، ئاقسۇ، كورلا ۋە ئاخىرىدا مەن ئۈچۈن يەنە بىر سۆيۈملۈك ماكان غۇلجىنى ئايلانماقچى بولغان ئىدىم، دەسلەپتىلا ئۈرۈمچىگە چىققانلىقىم ئۈچۈن غۇلجىغا بىر بېرىپ قايتار يولدا ئاقسۇ تەرەپلەرنى كۆرۈپ كىتىشنى پىلانلىدىم. ‏شۇڭا ئۈرۈمچى ساياھىتى تۈگكەندىن كىيىن غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. دەرۋەقە غۇلجىغا چۈشۈپلا بۇ يەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى بەك ياخشى بولدى. سەھەردىلا غۇلجىغا يېتىپ كەلدۇق، ئاپتۇۋۇزدىن چۈشۈپلا يۈزۈمگە ئۇرۇلغان ھاۋا تولىمۇ ئىللىق تۇيغۇ بەردى، يات جايغا كىلىپ قېلىپ ئېسەنكىرەش تۇيغۇسى يوق، خۇددى بۇ يەرگە مەن بۇرۇن كەپ باققاندەك، ھەممە تونۇشتەك سېزىم چىرايىمغا تەبەسسۇم يۈرگۈزدى. بىزنى ئېلىۋالغان تاكسى شوپۇرىمۇ جىملا ماشىنىسىنى ھەيدىمەستىن بىزدىن باشتا ئەھۋال سوراپ، ھەرخىل سۇئاللارنى سوراپ، سۆھبەت ھاسىل قىلىپ يېقىنلىق ھېس قىلدۇردى. غۇلجىلىقلارنىڭ مەن ئۇچىراتقان ھەممىسى ھەرگىز ياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماي، خۇددى مىنى بۇرۇندىن تونۇيدىغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلار نىڭ سەنلەپ گەپ قىلىشلىرىدىن راستىنى دىسەم بەكلا سۆيۈنچ ھېس قىلىپ كەتكەن ئىدىم. تاكسى شوپۇرى بەك ئوچۇق-يورۇقكەن بىزنى شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىگە ئەكەپ، ناشتا قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ئەتكەن چايخانىلارنى، ياخشى مىھمانخانىلارنى كۆرسۈتۈپ قويۇپ، ياخشى تىلەك بىلەن چۈشۈرۈپ قويدى. سەھەردىلا كۆڭلىمىز ۋىللىدە بولۇپ، ئېچىلىپ قالدى...

غۇلجىدا ‏بىر ھەپتىدەك تۇردۇق. شەھەر ئىچىنى كۆپ ئايلاندۇق، شەھەر ئىچى ۋە ئەتىراپىدىكى مەھەللە كويلارنى كەزدۇق، ئېلى دەريا بويلىرىدا بىردە دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان سۇغا قاراپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرساق بىردە دەريا بويىنى بويلاپ قىرغاقلاردا ماڭاتتۇق، دۆڭ يەرلىرىدىن سۇلارنى كىچىپ رەسىملەرگە چۈشەتتۇق...خۇددى بۇرۇنقى غايىۋى ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋاتقاندەك كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىنى قانائەتكە يىتەكلەيتتىم... ئېلى دەرياسىنى پەۋەس سۇ ئاقىدىغان چوڭ دەريا دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىمكەن، تەسەۋۋۇرۇمدىكىدەك بولمىسىمۇ مەن سۈيىنى ئىىچىپ ئۆسكەن ‹‹كانسۇ دەرياسى›› ۋە ‹‹چاقماق دەرياسى››غا قارىغاندا لىق ۋە تىزسۈرەتتە ئاقىدىكەن، دەريا سۈيى خېلى مول، بەزى يەرلىرى خېلى چۇڭقۇر بولۇپ ئۇ دەرىجىدە تىيىز ئەمەسكەن. دەريادا ساياھەت كاتىرلىرىنىڭ غۇڭۇلداپ ئۇيان-بۇيانغا ئۈزۈپ يۈرگىننى كۆرگەن ئىدىم، تىيىز سۇدا ھەرگىز كاتىر ماڭالمايتتى...

ئېلى دەريا كۆۋرۈكىمۇ باشقىچە ھەيۋەت كۆرۈنىدىكەن. غۇلجىلىق ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشلىرى، يېقىن ئۆتكەن كىشىلىرىمنىڭ پەخىرلىك تۇيغۇللىرى بىلەن سۆزلەپ بېرىشلىرىدىن بۇ كۆۋرۈكنى ئۇزۇن، ئېگىز ۋە باشقىچە كاتتا بىركۆۋرۈك بولىشى مۇمكىن دەپ تەسسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم. تەسەۋۋۇرۇمغا ھەمىشە ئازتولا مۇبالىغە ئارلىشىپ قالسىمۇ ئاساسەن ئويلىغانلىرىمغا ئۇيغۇنىراق رىياللىقنى كۆرىمەن. كۆۋرۈك خېلى ئۇزۇن ۋە ئېگىز ئىدى، دەريا قىرغىقىنىڭ مەلۇم يېرىگە كىلىپ رەسىمگە تارتىدىغان بولسا باشقىچە گۆزەل چىقاتتى. مەنمۇ ياخشى ئورۇن ئىزدەپ دەريا قىرغاقلىرىدا يۈرۈپ بىر ئىككى پارچە رەسىم تارتىۋالدىم. ئەگەر كەسپىي فوتوگرافلار كۆۋرۈكنىڭ كۆرۈنىشى ۋە ئورۇننى توغۇرلاپ شۇنداق تارتىدىغان بولسا ئىچىگە شۇنداق مول ھىسسيات ۋە گۆزەللىك سىڭگەن بىر پارچە سەنئەت ئەسىرى پەيدا بولاتتى...

سادىر پالىۋان ئۆڭكۈرىگە بېرىپ كۆرۈپ كىلىش نىيىتىم شۇ نچە كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇ يەرگە بېرىش نىسىپ بولمىدى، شۇنداق قىلىپ غۇلجا شەھەر ئىچىدە تۆت كۈننى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ناراتقا چىقتۇق. ۋەتىنىمىزدىمۇ مۇشۇنداق گۆزەل يەرلەر بار ئىكەن! ياپيېشىل كەڭرى كەتكەن يايلاق، ھەرخىل رەڭ ۋە ھەر خىل پۇراقتىكى گۈل-چىچەكلەر، سۈپسۈزۈك ئېقىنلار، پاكىز ئاسمان، پاكىز زىمىن، دىماققا كۈچلۈك ئۇرۇلىدىغان ساپ ھەم سالقىن ھاۋا... ئايالىم يېنىمدا بولمىسا كىچىك بالىدەك بۇ يايلاقلارنىڭ ئوتتۇرىسدا ئۇياق بۇياققا يۈگۈرەپ چېپىپ ئوينىغۇم كىلىپ كەتتى... يااللە! بۇ دۇنيانىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسىنى شۇنچە گۆزەل قىلىپسەن، جەننەت قانچە گۆزەلدۇ ھە! نارات يايلىقى ھەقىقەتەن گۆزەل ئىدى. گۆزەللىكنىڭ ئەسلىنى قەدرىنى بىمەي يەپ ئىچىپ ، ئوينىغىلى چىقىدىغان بەزى ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىت بۇلغاشقا باشلاۋاتقانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا تەبىلىكى، گۆزەللىكى بىلەن كۆرگۈچىلىكى باريەر ئىكەن... نارات يايلىقىدا ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كىيىن كۆنەسكە كىلىپ، ئۇيەردىن ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلدۇق.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 02:28:31

3. تۈركىيە ئۈمۈدى

  
بىر ئايغا يېقىن ساياھەت قىلىپ كەلدۇق، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كاللامدا كەلگۈسىمىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلا بار ئىدى. ئائىلە قۇرغان ئىكەنمەن، بۇ ئائىلىگە مەسئۇل بولمىسام بولمايدۇ! ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقسام، ماڭا ھېچ نورمال تۇرمۇش پۇرسىتى يوق ئىكەن! ھەتتا ھەممىدىن ۋاز كېچىپ بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلىقىمنى قىلاي دىسەممۇ ئۇ ئورۇن ماڭا يوق ئىدى. تىجارەتنى بولسا قاملاشتۇرالماسلىقىم مۇمكىن، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىق، لىكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، پارچە كۇرس ئېچىشنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. ھەرھالدا مۇنبەرگە چىقىپ دەرس سۆزلىيەلىسەممۇ كۇرسنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەكتەپ بولۇش ئىمكانىيتى ئەسلا يوق! ئاخىرقى ھىساپتا مەن نىمىگە ئېرىشەرمەن؟ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس...

لىكىن يۈرىكىمنى ئاڭلاپ باقسام، مەندە بىرلا ناھايىتى ئاددى نىشان بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ نەچچە مىلىيونلىغان پەن-تەتقىقات ساھەسىدە ئىزدىنىپ يۈرىۋاتقان كىشىلەر قاتارىدا بىلىم ئادىمى بولسام، قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمىسىمۇ بىرەر پارچە ئىلمى ماقالە يېزىپ، مۇشۇ ساھەنىڭ ئادىمى سانىلىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ئېدى! مېنىڭ كۆڭۈل خوشۇم مۇشۇنداق پەنلەر ساھەسىدە ئىزدىنىش ئىكەن. قولۇمدىن ئازىراق ئىش كەلسىكەن، ھېچ بولمىغاندا بىلىمنى كوزۇر قىلىپ كۈچلۈك بولسامكەن دەپلا ئويلايدىكەنمەن. تىنىچ تۇرۇپ ئويلاپ باقسام بۇ ئارزۇدىن قەدئىي ۋاز كەچكۈم كەلمەيدىكەن! شۇنچە جاپالىرىم، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقتىكى ئەندىشە، تەشۋېشلىرىم نىمىدىن!؟ دەل مۇشۇ نىشان ئۈچۈن ئەمەسمىدى!؟

مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆتىدىغان ئاغىنىللىرىم ئاللىقاچان 10 نەچچە يىللىق تۇرۇمۇش ۋە ياكى خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولۇپ بولدى، مۇقىم ئائىلە ۋە ئۆيگە ئىگە بولۇپ بولدى، ھەتتا ئالدى اللەنىڭ بەركىتى بىلەن مىلىيونلاپ پۇل تاپتى. مەنمۇ تىجارەت قىلغان بولسام ياكى خىزمەت قىلغان بولسام باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئىدى دىگەن گەپمۇ ئەمەس. ئەلبەتتە بۇ ئۆزۈم تاللىغان ھاياتلىق يولى. ئەڭ ئەقەللىيسى، تۇيۇقسىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ بىر ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيتى يۈكلەنگەن مۇشۇنداق پەيىتتە نە مۇقىم كىرىم مەنبەسى، نە كەسپى، نە ئۆيى بولمىغان مەندەك بىر بىچارىگە ئۆزۈم مېڭىپ بىريەرگە كەلگەن يولۇمنى داۋاملاشتۇرماقتىن باشقا ھېچ چارە يوقتەكلا تۇراتتى...

كەسپىم ۋە قىزىقىشىمغا نىسبەتەن تۈركىيە ئانچە ۋاي دەپ كەتكۈدەك دۆلەت بولمىسىمۇ تېخى ئالىي مەكتەپنى تۈگەتمىگەن ئايالىمنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشىنى داۋام قىلىشى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇ يەردە يېڭىدىن ئوقۇش پۇرسىتىنى تېپىشىم مەنچە  «ئاقىلانە تاللاش» ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە شۇنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان ئىدىم. بۇلاردىن  ئۆيدىكىلەرمۇ، ئۇمۇ خەۋەرسىز، مەن قايتىپ كىلىپلا ساياھەت باھانىسى بىلەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئېدىم، ساياھەت داۋامىدا مۇۋاپىق پەيىت تېپىپ ئۇنىڭغا ھەممىنى دىمەكچى بولغان بولساممۇ دىيەلمىگەن ئېدىم. گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھەم مەڭگۈ مۇشۇنداق گۈزەل ئويۇن-تاماشالار بىلەن ياشايدىغاندەك ھەممىنى ئۇنتۇپ، «ساياھەت قىلىۋاتىمىز» دەپ ئايلىنىپ يۈرگەن ۋاقتىمىزدا يەنىلا دادام تېلىفۇن قىلىپ ئالدىراتقىلى تۇردى. ئۇنىڭ ئالدىراتقىنىنىڭ سەۋەبى پاسپورتنى تىزىرەك ئالمىساق بولمايتتى، مەن سەئۇدىيدىكى مەكتىۋىمگە كىچىكىپ قالاتتىم، شۇنداق بولسا پروففېسورۇمغا يامان كۆرۈنۈپ قالاتتىم.. مېھرىبان دادام ئەزەلدىن مۇشۇنداق، بۇرۇندىن بىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ...

ئەپسۇس دادام ئەمەلىي ئەھۋالنى تېخى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىپ قېلىشىدىن بەكمۇ قورقاتتىم! چۈنكى ئۇنىڭغا ئېغىركىلىشى ۋە بەكمۇ ئۈمۈدسىزلىنىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى، مۇھىمى سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، ئۆيگە يېنىپ كەلگەندىن كىيىن ئايالىم ئۈچۈن پاسپورتنىڭ يولىغا ماڭدۇق. پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن قولۇمدا كونا تەكلىپنامە، كونا ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتلىرى بار ئىدى. « بۇ چاقىرىق بولمايدۇ» دەپ ياندۇرىۋەتكەن، مېنىڭ جىددىيلىشىپ، سەئۇدىيدىكى مەكتەپتە خاتالىشىشىمغا ۋە مەكتەپتىن چېكىنىشىمىگە سەۋەپ بولغان ھېلقى چاقىرىقنامىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، بەلكىم ناھايىتى پەسكەش بىر غەرەز ۋە نىيەتتە قەستەن تەسلەشتۈرۈلگىنىنى ھېس قىلدىم. ھېلقى بولمايدىغان چاقىرىقنامە ۋە باشقا ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بەردۇق، پاسپورت چىقىدىغان بولدى...

پاسپورت ئېلىش جەرىيانى بىز تەرەپتە تولىمۇ جاپالىق. قاتمۇ-قات تەلەپلەر، جەدىۋەللەر، بىرەر ۋاراقچىگە قول قويدۇرۇش ئۈچۈن ھەپتىلەپ، ھەپتىلەپ كۈتۈشلەر، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا دوقۇرۇشلار، قاق سەھەردە ئىشخانا ئالدىدا تەلمۈرۈپ ساقلاشلارغا قارىماي قۇرۇق قول يىنىپ كىتىشلەر... مۇشۇنداق باسقۇچلاردىن سەبرىچانىق ۋە «بىزەڭلىك» بىلەن تەكرار-تەكرار ئۆتكەندىن كىيىن ھەممە ماتېرىياللىرىڭىز تولۇق بولغان بولسىمۇ بىرەر تونۇشۇڭىزنىڭ تونۇشۇغا دەپ يالھۇرۇپ پاسپورتنى ئالالىشىڭىز مۇمكىن... گەرچە خۇددى نورمال ئىشتەك بولۇپ كەتكەن، ھەممە نەرسە پۇل بىلەن ئۆلچىنىپ كەتكەن جەمىيەت ئىچىدە ئىكەنلىكىمدىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋرىم بولسىمۇ ئارقا ئىشىكتىن مېڭىشنى قەدئىي توغرا تاپمايتتىم. ناھايىتى ساددا چۈشەنچە بىلەن نىمىنى دىسە شۇنى تەييارلاپ بېرىپ، نىمە دىسە سەبرى قىلىپ ساقلاپ پاسپورتنى ئالماقچى بولغانتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدىن جاۋاپ كەلمىگۈچە ئالدىراپ ماڭالمايتتىم..

شۇنداق قىلىپ بىر ئاي بۇرۇن چىقىپ بولغان پاسپورتنى، ئاقماس باھانە ۋە ئۇششاق تەلەپلىرىنى جايىغا كەلتۈرۈپ، تونۇشنىڭ تونۇشلىرىغا دېگۈزۈپ، سۈيلەتكۈزۈپ يۈرۈپ پاسپورتنىمۇ قولىمىزغا ئالغان بولدۇق.  لىكىن، جاۋاپ تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى، ئەنسىرەشكە باشلاۋاتاتتىم. نىمىلا بولمىسۇن، پاسپورتنى قولغا ئالغاندىن كىيىن ئەمدى ماڭماي ئىلاجىمىز يوق. ئائىلىدە ئاپامدىن بۆلەك ھېچكىم ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدۇ، دادام بولسا مېنى ھە دەپ «مەكتەپكە كىچىكىپ قالىسەن» دەپ ئالدىرىتىۋاتاتتى...

شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ يەنە ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدۇق. ماڭغاندا قانداقتۇر ئازىراق بولۇمسىز  ھېس ئىچىمنى سوغۇق قىلاتتى. جاۋاپ كەلگۈچە مەن ھە دەپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرگۈم كىلەتتى. «ھېچ بولمىغاندا ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر ماتېرىياللارنى تەييارلىغىچە ھەپتە ئون كۈن كەتسە، ئۇنىڭ ئارلىقىدا جاۋاپ كىلىپ قالار، ئۇنداق بولمىسىمۇ، بېيجىنغا بىرىپ ئۇ يەردە بىرەر ھەپتە ساقلىغۇچە...» لېكىن، شۇ قېتىم قېرىشقاندەك جاۋاپ ئەسلى دىگەن ۋاقىتىتا كەلمىدى، پەقەت ئاخىرقى جاۋاپ ۋاقتىنىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىك خەۋرى كەلگەن ئىدى. كىچىكسىمۇ بىرەر جاۋاپ كەلسە، تىنەپ تەنتىرەپ قالماي بۇ پۇرسەتكە ئۇلىشىۋالسام، قالغان ئىشلارنىڭ ئالدىرىماي ئىزىغا چۈشۈپ كىتىشىگە ئىشىنەتتىم. ئۇ تېخىچە ئەھۋالدىن خەۋەرسىز، ئۆزىنى ئەرەبىستانغا مېڭىۋاتىمەن دەپ ئويلاۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا كىيىن ئايروپىلانغا چىققاندا چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى قارار قىلدىم. ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇيدىغىننى ئۇقسا بەلكىم خوش بولىشىمۇ مۇمكىن!
بەت: [1] 2 3 4 5
: (بىلىك)كۈلۈپ باقايچۇ..