Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 14:42:03

قىززىق يېرى، ياتاقتىكى دەرسخانىمىزنى ئېچىپ بەرگەن كىشىلەر بىلەن تۆمەرنىڭ كىشىلىرى بىر يەردىن ئوخشاش كىشىلەردەك قىلاتتى. ئۇنۋېرستىت مۇشۇ جامائەتنىڭ ئۇنىۋېرستىتىمىش. مەن ئۇنىۋېرستىتقا بېرىپ باققان، خېلىلا زامانىۋى ۋە يېڭى ئۇنىۋېرستىت. ئۇنىۋېرستىتنى قۇرغۇچىلار، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىللىرى مۇشۇ جامائەتكە مەلۇم جەھەتتىن بىر يېقىنلىقى بارمىش. بەلكىم بىزنى ياتاق بىلەن تەمىنلىگەنلەر بىزنىڭ مەزكۇر مەكتەپنىڭ تىل مەركىزىدە ئوقۇيدىغانلىقىمىزدىن مەلۇم دەرجىدە خوش بولغاب بولىشىمۇ مۇمكىن، بىلمىدىم...

مەكتەپكە بارمىغان ئارام كۈنلىرى ياكى مەكتەپتىن كەلگەن ۋاقىتلاردا ۋاقتىمىز ئاساسەن ياتقىمىزدا ئۆتەتتى. ئۆز ئالدىمىزغا يىراقلارغا، باشقا يەرلەرگە بېرىپ ئويناپ كېلىشىمىز ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ئېدى. بىكار بولساقلا ئۆيدە ئولتۇرۇپ رىسالە ئوقۇشىمىز تەلەپ قىلىناتتى. ئەتىگەندە بىر سائەت ئوقۇش، ھەر نامازدىن كىيىن ئازىراق ئوقۇش چوقۇم ئورۇندىلىدىغان تۈزۈم ئېدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەپتىدە  رىسالە ھەققىدە بىركۈن كىچىك سۆھبەت، بىر كۈن چوڭ سۆھبەت بولاتتى. كىچىك سۆھبەتكە ئۆيىمىزگە يېقىنراق بولغان يەنە بىر دەرسخانىگە باراتتۇق، چوڭ سۆھبەتكە بولسا ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يىراقراق يەرگە باراتتۇق. بۇلارنىڭ چوڭ سۆھبىتىدىن باشقا ھېچنىمىسى ماڭا ياقمايتتى، چۈنكى چوڭ سۆھبەتكە چوڭ پروڧېسسورلار، ئىش ئادەملىرى، ھەر قايسى دەرسخانىلاردىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار كىلەتتى. رىسالە سۆھبىتى بولاتتى، چاي ئارىسى پاراڭلار بولاتتى. راستىمنى ئېيتسام بەزىدە بۇلار ئىتىقادتا سەل كەتكۈزۈپ قويغاندەك، ئاشۇرىۋەتكەندەك، يوق نەرسىنى قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كىتەتتى شۇنداقتىمۇ
ئۆزۈمنى زورلايتتىم، ئالدايتتىم...

بىزگە ياخشى مۇئامىلىلەردە بولسىمۇ، بۇ مۇئامىلىلەر بىر يەرلىرىدىن بىر قانداقتەك تۇيۇلاتتى ماڭا.  نامازدىن كىيىنكى ئوخشاش ۋە چوقۇم تەكرارلىنىدىغان ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تەسبىھات، رىسالە ئوقۇش، دۇئا قىلغاندا يامان نەرسىلەردىن پانا تىلىگەن ۋاقىتلاردا قولىنىڭ ئالقىنىنى پەسكە قارىتىپ تۇتۇش، قۇرئانغا قارىغاندا رىسالىنى زىيادە كۆپ ئوقۇش، رىسالىنى قۇرئاننىڭ تەپسىرى دەپ قاراش، سەئىد نۇرسىينى بەزىدە زىيادە ئەۋىيالاشتۇرىۋېتىش، جامىلەرگە ئاساسەن چىقماي ئۆز ئارا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش.. بۇلار بىزنىڭ بىلىپ، ئادەتلىنىپ كەلگەن دىنىمىزغا ئوخشىمىغاندەك تۇراتتى، بەكمۇ ئاشۇرىۋېتىلگەندەك، بىر يەرلىرى خاتادەك تۇيۇلاتتى..

ئەلبەتتە ياخشى ئەسەرلەرنى، ئالىملارنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقۇش، تەپەككۇر قىلىش، سۈننەتنى تەرك ئەتمەي تۇتۇش، زىكىر تەسبىھاتنى كۆپ قىلىشى ياخشى ئىش، لېكىن بۇلارنى چوقۇم ھەر ۋاقىت ھېچ تەرك ئېتىلمەي قىلىدىغان پەرزگە ئوخشاش ئىبادەتكە ئايلاندۇرىۋېلىش، رىسالىنى قۇرئاندىن كۆپ ئوقۇش، سەيىد نۇرسىنى كۆپ تىلغا ئېلىش،.. بۇلار توغرىمۇ خاتامۇ مەن بىلمىدىم. لېكىن ئوچۇقىنى ئېيتقاندا مېنىڭ كۆزۈمگە ھېچ سىغمايۋاتاتتى. بۇلارغا ئەگىشىپ، بۇلارنىڭ دېگىننى قىلسام خاتالىشىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم ئۆزۈمنى. شۇڭا ئېغىر كەلسىمۇ رىسالىنى ئوقۇپ بېقىشقا تىرىشاتتىم، لېكىن قىزىقماسلىق بىلەن يېڭى ئۆگۈنىلىۋاتقان تۈركچە قوشۇلۇپ كىتاپنى ئېچىپ بەش قۇر ئوقۇشقا چىدىيالمايتتىم-دە كىتاپنى تۇتقان پېتى يالغاندىن ئوقۇغان بولۇپ خىيال قىلىپ ئولتۇراتتىم.  سۆھبەتلىرىگە بولسا ئۆزۈمنى تارتقۇم كېلىپ تۇرسىمۇ بېرىپ ئولتۇراتتىم، ھەرھالدا سۆھبەتلەردە ماڭا ياقىدىغىنى كۆپ كىشىلەر بىلەن ئۇچۇرىشىش، چاي ئىچىپ پاراڭلىشىش ئېدى.

ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىسىنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش تۈزۈم ئوخشاش رېتىم، ئوخشاش ئادەت بولىدىكەن... باشقا دەرسخانىلاردا تەلىپى قاتتىق چوڭ ئابىلار بولۇپ قالسا سىزنى ئاجايىپ باشقۇرىۋېتىدىكەن. رىسالىنى چوقۇم ئوقۇتىدىكەن، پات پات ئۇزۇن ئۇزۇن رىسالە سۆھبىتى قىلىدىكەن. لېكىن تەلىيىمىزگە بىزگە «ئابى» قىلىپ تەيىنلەنگەن تۈرك يىگىت تولىمۇ ئوڭلۇق ۋە مۇلايىم ئېدى. ئۇ ئىلگىرى مۇشۇ جامائەتنىڭ دەرسخانىللىرىدا قالغان بولۇپ، ئۇنىۋېرستىتنى پۈتتۈرگىلى بىر يىل بولۇپتۇ، مەمۇرلۇق ئىنتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆيى مۇشۇ ئىستانبۇلدا، ئىستانبۇلنىڭ دەل ئىسلامى مۇھىت مول بولغان ڧاتىخ مەركىزىدە ئىكەن. ئادەتتە مۇشۇ ئەتىراپتا ئىسلامى ئىتىقاد ۋە ئەنئەنە  بىر قەدەر كۈچلۈك. پاكىز، ئاددىي ساددا ئەدەپلىك ئوڭلۇق ۋە تەقۋادار بۇ يىگىت باشقىلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇ بىزگە رىسالە ئوقۇتىدىغان ئابى بولۇپ كەلگەن بىلەن كۆزىمىزگە كۆپ كىرىۋالمايتتى، يەنى بوش قالساقلا رىسالە ئوقۇيسەن دەپ تۇرىۋالمايتتى. ئۇ ئۆينىڭ ئېلىش-بېرىش، كىرىم-چىقىملىرىنى باشقۇرۇپ بىرەتتى، بەش ئوغۇل بالا تۇرغىنىمىزغا قارشى ئۆينى پاكىز ۋە رەتلىك تۇتاتتۇق، ھەپتىدە بىر چوڭ تازلىق، كۈندە نۆۋەت بىلەن دىژرنىلىق قىلاتتۇق، مېنىڭچە ئۇ بولمىغان بولسا بىز ئۆينى شۇ قەدەر رەتلىك ۋە پاكىز تۇتالمىغان بولاتتۇق..  

بىزنىڭ ئۆيمىز، تۇرىدىغان يېرىمىز يوق تۇردۇق دېسەكمۇ، ئۆيى ئىستانبۇلدا بولغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆيىدە تۇرماي چىقىملىرىغا ئايلىق پۇل تۆلەپ مۇشۇنداق جامائەت دەرسخانىللىرىدە تۇرىدىكەن.  بۇ ئۇلارنىڭ ھەم ياتىقى ھەم دەرسخانىسى ئىكەن. ئۇمۇ ئۇنۋېرستىتنى پۈتتۈرگىچە مۇشۇ جامائەت ئۆيىدە قالغان ئىكەن. ئوقۇش پىتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆز ئۆيىدە ئىش كۈتۈپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، بىزگە «ئابى»لىق قىلىش ئۈچۈن يەنە ئىسسىق ئۆز ئۆيىنى تاشلاپ بۇ يەرگە كەلگەن ئېدى. بۇلارنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۆزىمىز ئانچە خالاپ كەتمىگەن رىسالىنى ئوقۇشقا تىرىشىپ باقاتتۇق، تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلاتتۇق، ئۇنى تەڭسىزلىكتە قويماسلىققا تىرىشاتتۇق، ئشىقىلىپ ئۇنىڭغا بىز شۇنداق ئامراق بولۇپ قالغان ئېدۇق، ئۇ بىزگىمۇ شۇنداق كۆنۈپ كەتكەن ئېدى، ئۇيغۇرچىنى چۈشىنىدىغان، بىز ئەتكەن ئۇيغۇرچە تاماقلارنى يەيدىغان بولۇپ كەتكەن ئېدى..

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 15:03:42

nurqiz يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 07:58 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق ھەقىقى تۇيغۇ_ھىسىياتلار  بىلەن يېزىلغان  يا ...

رەھمەت سىزگە، دېگىنىڭىزنى چۈشەندىم..  بەلكىم پۇشايماندا ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىمنى چاندۇرۇپ قويىۋاتقاندىمەن، لېكىن مەن ئۆز ھالىمدىن ھەرگىز زارلىنىپ باقمىدىم. بەزىدە ئۆزۈمنى يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق ئادەمدىن تەلەيلىك،  بەخىتلىك ھېس قىلىمەن، بەزىدە ئۆزۈمنى تەلەيسىز ھېس قىلىپ كېتىمەن.. بۇ كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ كەيپىياتىدا بولىدىغان ھېسلار بولسىمۇ ياشلىق ئېنىرگىيەمنى زور دەرجىدە خوراتقان بۇ ئاچچىق چۈچۈك، ئەگرى-توقاي جەرىيانلارنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق مېنىڭ ئىدىيەمدە، پىسخىكامدا، تاللاشلىرىمدا خاتا كەتكەن يەرلىرىم بولسا باشقىلارنىڭمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقىغا ئاز-تولا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن بۇنى يېزىۋاتىمەن. مېنىڭچە يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئارىمىزدىكى تۈركىيەدە ئوقۇش قىزغىنلىقىغا قارشى  بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن..

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 15:09:15

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 04:42 static/image/common/back.gif
تۆمەر(تۈركچە ئۆگىتىش مەركىزى)
============================



ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

تۈركچە ئۆگىنىش مەركىزى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرستىت ياكى باشقا شەخسىيلەر ئاچقان مەخسۇس تۈركچە ئۆگىتىش كۇرسى. ئۇزۇنى بىرەر يىرىم يىلدىن قىسقىسى نەچچە ئايلىققىچە بولىدۇ.

تۈركچە ئۆگۈنىدىغان كىتاپ ۋە مەنبەلەر ھازىر توردا بولسۇن، كىتاپخانىلاردا بولسۇن ھازىر كۆپقۇ دەيمەن. تۈركچە ئۆگىنىپ ئالاقىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىش بىز ئۇيغۇرلارغا تەس ئىش ئەمەس، لېكىن ئۆلچەملىك ۋە چىرايلىق ئۆگىنىش ئاسان ئەمەس.  كۆپىنچە ئۇيغۇرلار تۈركچىگە ئۇيغۇرچىنى ئارلاشتۇرۇپ بۇزۇپ سۆزلەيمىز.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-9-4 14:19:40

{:112:}

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 08:02:13

نەچچە كۈن بولدى ئاخىرى يوققۇ

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-6 21:05:12

بىلىگكا ئۇچقىنىمىز  تۈرك ھاۋا يوللىرى ئىدى.
كۆڭلۈمدە بىرەر مىڭ خىيال بارتى دەيدۇ تېخى ،مەن قارىسام يېنىمدا ئولتۇرۋېلىپ ئالدىڭىزغا كەلگەن سالاتلار بىلەن تاماقنى بىمالال يەپ كېتىپ باراتتىڭىزغۇ.ماڭا  تېخى يەۋېرىڭ سىڭلىم ،ئاچ قورساق 12 سائەت ئۇچۇپ بولالمايسىز دەپ {:90:}
{:92:}
چاقچاق
ئەتە چۈشتىكى تۆمەر ساۋاقداشلار يىغىلىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە،بىلىگ خانىم بىلەن بىللە كېلىڭ .

تېمىڭىزنى تازا قالايمىقان قىلىمە بىر كۈنى يەنە  كىرىپ {:92:}

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 06:14:58

7. كۈلۈپ باقايچۇ

كۈنلەر ئىككى دەرسخانا ئارلىقىدا بەكمۇ تېز ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى... ئايلار ئۆتۈپ تېخىچە پاسپورتتىن خەۋەر يوق، بارا-بارا غەزەپلىرىم ئارتىپ، ئۈمۈدۈم ئازلاپ دېمىم تېخىمۇ ئىچىمگە چۈشۈپ كىتىۋاتاتتى.. قايتىپ كېتىش، بەلكىم، توغرا قارار بولسىمۇ تېخى تۈگەپ كەتمىگەن ئازغىنە ئۈمۈد ۋە نۇمۇس كۈچى مېنى بۇ يەردە ئاخىرىغىچە تۇرۇشقا ئۈندەيتتى. لېكىن، تۆمەردىكى پۈتۈن كۈنلۈك دەرسلەر، دەرسخانىدىكى تۈزۈملەر، بېرىپ-كېلىش جەرىيانىدىكى جىدديچىلىكلەر، يوللاردىكى، مىتروبۇستىكى قىستاڭچىلىقلار، يېنىمىزدىكى ئازغىنە پۇللىرىمىزنى ئەجدىرھادەك شۇراۋاتقان قىممەت تۇرۇمۇش ئىستىمالى... ھەقىقەتەن چارچىتىپ قوياتتى كىشىنى.  بۇنداق جىددىي ھاياتنى، قىستاڭ مۇھىتنى خالىمايتتىم ھەرگىزمۇ..   سەپەرداش ۋە  ياتاقداش بولغان ئىككى-ئۈچ قېرىندېشتىن باشقا ھەرقانداق كىشىدىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچقۇم كېلەتتى، تۆمەر ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى مەندىن كىچىك، ئىنى-سىڭىللىرىم يېشىدا، ئىچىمدە خىجىل بولاتتىم.  سىرلىرىمنى، دەرتلىرىمنى ھېچكىمگە دىيەلمەيتتىم، ئۆزۈمنى يالغۇز ھېس قىلاتتىم، ئۇلار بىلەن قاينىشىپ ئۆتۈشنى خالىساممۇ تەڭپۇڭسىز روھى-ھالىتىم بۇنىڭغا يول قويمايتتى، ئۆزۈمنى تەنھا قالغاندىكى يالغۇزلۇقتىن ۋە سەجىدىدىن باشقا ۋاقىتلاردا راھەت ھېس قىلالمايتتىم، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىنى، ئۇلارغا كۈلۈمسىرەشنى شۇنچە خالىساممۇ كۈلۈمسىرىيەلمەيتتىم.

توغرا، مەن كۈلۈشنى ئۇنتۇپ قالغان ئېدىم...  خۇددى كۈلۈش ھۈجەيرىلىرىم تۇيۇقسىز بىر زەربىگە ئۇچىراپ نورمال ھايات رېتىمىنى يوقاتقاندەك ئادەتتىن تاشقىرى بىر خىل روھى ھالەتتە ئۆز-ئۆزۈمنى زورىغا كونترول قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئېدىم.  يىغىمۇ، ھەسىرەتمۇ، ئارمانمۇ، نەپرەتمۇ،.. ئەيتاۋۇر تەسۋىرلىگۈسىز بىر دۆۋۋە مۇجىمەل تۇيغۇ، خۇددى كەڭ كەتكەن قاراڭغۇ دېڭىزدىكى ئاچچىق سۇلاردەك  ئىچىمدىن ئۇرۇپ تاشقىلاپ تۇرىۋاتقان، خۇددى تاشقىلاپ كۆزۈمدىن چىقىپ كەتمەكچى بولىۋاتقاندەك، بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ، كۆزلىرىم ئارىسىدا چايقىلىپ تۇرىۋاتقان ئاچچىق بىر زارداپتەك مېنى قىيناپ كىلىۋاتقان ئېدى... تۇيغۇلىرىم چۇڭقۇر يارا ئالغان ئاشۇ كۈنلەردىن باشلاپ كۈلۈشنى ئۇنتۇپ قالغان بولىشىم مۇمكىن.. كۈلۈش ئەمەس نورمال ۋە خاتىرجەم نەپەسلىنەلمەيدىغان بولۇپ قالغان ئېدىم، يۈرەك رېتىمىم تىزلىشەتتى، مۇجىمەل ھېسلار مېنى ئەڭ ئەركىن ۋە ئىختىيارى بولغان ئادەتتىن تاشقىرى نەرسىلەرگە ئۈندەيتتى، ئىچىمدىن تارتقۇچلايتتى،  مەن بولسام  ئۇلارنى يىغىش، ۋە تېشىمدىكى غەيرى نورمال كۆرۈنىشىنى نورمال ھالەتتە كونترول قىلىش ئۈچۈن كۈچ سەرىپ قىلىپ قىيلىناتتىم...

بەلكىم بۇ خىل ھالەت مېنى تىنچ قويمىغان، پۇرسەتلىرىمنى قولۇمدىن ئالغان، تىرشىچانلىقلىرىمنى يوققا چىقارغان مۇھىم سەۋەپ بولىشى مۇمكىن ئېدى... ئەلبەتتە مېنى چۈشەنمىگەن، تۇنجى قېتىم كۆرگەن كىشى چوقۇم خاتا چۈشىنىپ قېلىشى ئېنىق، چۈنكى كىشىلەرگە قاپاق تۈرۈپ قارايدىكەنمەن. كىشىلىك ئالاقە، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ھامان ئۆز-ئارا بولىدىغان ئوخشايدۇ، باشقىلار بىلەن قارمۇ-قارشى كەلگەندە، بولۇپمۇ ئەڭ تۇنجى دەقىقىلەردە ھامان باشقىلارنىڭ كۆزىدىن، قاراشلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ ئىچكى ھېس تۇيغۇمدىكى نورمالسىزلىقنى ئاسانلا بايقىۋالاتتىم. بۇ پىسخىك ھالىتىمگە ئەكس تەسىر قىلاتتى ۋە بۇنداق بولغانچە چۇۋۇلۇشقا ماھىل تۇيغۇلىرىمنى تۇتۇشتا زورلىناتتىم.

شۇڭا كۈلەلمىسەممۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ باقىدىغان دوستقا ئېھتىياجلىق ئېدىم بۇرۇنلا... نەچچە رەت يالغۇز ئەينەككە قاراپ  ئۆز-ئۆزۈمگە كۈلۈپ باقماقچى بولدىم، لېكىن ئۆزۈمنى نورمال ۋە ئەركىن ھالەتتە تۇتساممۇ ھەر ۋاقىت قاپىغىم تۈرۈك، چىرايىم سۈرلۈك ئېدى، كۈلۈشنى مەشىق قىلىپ باقاتتىم، كۈلۈمسىرەش، كۈلۈش،... كۈلۈشنىڭ دەرجىسى ئاشقانسىرى تىزگىندىن چىقىپ كىتەتتى ۋە يىغلاشقا يېقىن بىر نەرسىگە ئۆزگۈرۈپ كىتەتتى. پەقەت ناھايىتى سۇس، بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرىيەلەيتتىم. ئېنىقكى، پىسخىكام بۇزۇلغان ئېدى...

بۇ ھەر ۋاقىت شۇنداق بولۇپ كەلدى، تاكى ۋاز كېچىشنى پەقەت خالىماي تۇرۇپ، ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان ئەڭ تەس بولغان تاللاشنى باشتىن كەچۈرگەن شۇ كۈندىن بۇيان شۇنداق بولۇپ كەلگەن ئېدى. ئىتالىيەدىن ئوقۇش پىتتۈرۈپ كەلگەندىن بۇيان، ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەر بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىمۇ، پەقەت ۋاز كېچەلمەي جاھىللىق بىلەن تېرىشىۋاتقان،  شىرىن خىياللارغا ئەڭ يېقىنلىشىۋاتقان چاغدىمۇ، يېقىنلاشتىم دېگەندە ئالدانغاندەك ھېس قىلىنغاندىمۇ، كىيىنكى ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرشىكەندىمۇ شۇنداق ئېدى.. ئىچىمدە بىر نەرسە كامدەك ياكى ئىچىمگە ئارتۇق بىرنەرسە كىرىۋالغاندەكلا قىلاتتىم. «توي قىلىسام، تۇرمۇش رېتىمىم ئىزىغا چۈشسە ياخشى بولۇپ كېتىشىم مۇمكىن...» دەپ ئويلايتتىم شۇ چاغلاردا يارىلانغان قەلبىمگە مەلھەم سۈركەيدىغان بىرى بىلەن ئۆيلىنىشنى قارار قىلغان ئېدىم..

ئۆيلىنپ خاتىرجەم بولۇش خىيالى بىلەن ئۆيدىكىلەرنى ئۆزۈم ئالدىرىتىپ، ناھايىتى بىئەپ ۋاقىتتا، بەكلا تېز سۈرئەتتە توينىمۇ قىلىۋالدىم. توغرا قىلدىم، توغرا تاللىدىم دەپ قارىدىم، ئاپام ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئاپامنى رەنجىتىشنى خالىمايتتىم، ئۇمۇ ھەقىقەتەن ئاپامنىڭ دېگىنىدەك بىر «گۈل» ئېدى... بىر بىرىمىزنى ئاكا-سىڭىل دېيىشىدىغانلار ئەر-خوتۇن بولدۇق، بىز ئىككى ئائىلە تۇغقانلار ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن ئۆتىدىغانلاردىن ئېدۇق.. ھەقىقەتەن توي قىلىپ خاتىرجەم بولىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدۇم، ئەمما كىيىن تۇيۇقسىز كەلگەن زەربە بىلەن تېخىمۇ چوڭ خاتىرجەمسىزلىك باشلاندى...

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 20:00:42

<< كۈلەلمىسەممۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ باقىدىغان دوستقا ئېھتىياجلىق ئېدىم >> بۇنداقلار بامىدۇ؟ يوق بولسا كېرەك. چىچىلىپ قالسىمۇ ساڭا باتنىماي تاشلىمايدىغان ۋاپادارلار پەقەت كىنۇلاردىلا بولسا كېرەك—ھە! شۇنداقلار بولغانمىتى ھاياتىمدا—دەپ ئويلاۋاتىمەن ھازىر، قىدىرىپ چېقىرىپ قالسام قايتا قەدىرلەيمە.
ئۆتكەندە بىر تېما يازغانتىڭىزغۇ دەيمە بىشىدا بىر—بىرلە ئوقۇماي كېيىن بەك چوڭ كۆرۈنۈپ ئوقۇپ بولالمىغان. مانى بىرمۇ بىر ئوقۇپ مىڭىۋاتىمەن. يېزىڭە قېرىندىشىمىز يېزىڭ! داۋامىنى كۈتۈپ قالدۇق. ھاردۇق يەتمىسۇن.

tesnim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 00:19:10

pain333 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-7 20:00 static/image/common/back.gif
> بۇنداقلار بامىدۇ؟ يوق بولسا كېرەك. چىچىلىپ قالسىمۇ سا ...

ئويلاپ باقسام مېنىڭ شۇنداق دوستۇم بوپتىكەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغان چاغلاردا مەكتەپتىكى بېسىملار تۈپەيلى دوستۇم بار شەھەرگە بېرىپ بىرەر ئايچە تۇرغان ئىدىم، گەرچە تۇرىۋاتقان يېرىم دوستۇمنىڭ مەكتىپىدىن بىر يېرىم سائەتتەك كەلسىمۇ دوستۇم مىنى تاماق يىمەي ئاچ ئولتۇرۇپ قالمىسۇن دەپ تالاي قېتىملاپ چۈشلۈك ئارام ئېىلىشىدا تاماق كۆتۈرۈپ كېلىپ، تاماقنى قويۇپلا يەنە مەكتىپىگە ماڭاتتى. بىر قانچە قېتىم يوقىلاڭ ئىشلار تۈپەيلى گەپ تالىشىپ قېلىپ، باتناپ كىتىمەن دەپ تۇرىۋالغان چاغلىرىمدا ماڭا ئېسىلىۋېلىپ كەچۈرۈم سوراپ كەتكىلى قويمىغان ئىدى، گۇناھنىڭ جىقراقى مەندە بولسىمۇ شۇنداق قىلاتتى...قىيدىشىپ قالغان چاغلاردىمۇ مىنى خوش بولسۇن دەپ يىراق يەرلەردىن راڭپىزا دىگەندەك تېپىش تەس نەرسىلەرنى ئەكەپ ئۆيگە قويۇپلا چىقىپ كەتكەن چاغلىرىمۇ بولغان...چۈنكى ئۇ چاغلاردا كەيپىم ياخشى بولمىسا ماڭا زورلاپ گەپ قىلغان ئادەم زىيان تارتىپ قالاتتى...
بىر قېتىم يېڭىدىن بىر م پ 3 سېتىۋالدىم، ئەينى چاغدا كۆزۈمگە شۇ چىراقلىق كۆرۈنۈپ ھەم باھاسى مۇۋاپىق بىلىنىپ شۇنى ئالغان ئىدىم. كېيىن دوستۇممۇ بىرنى ئالماقچى بولۇپ بازارغا چىقتۇق، بۇ قېتىم مىنىڭكىدىنمۇ بەك چىرايلىق، سۇس لەۋرەڭ سامسۇڭنىڭ بىر م پ 3 كۆزىمىزگە چىرايلىق كۆرۈنۈپ دوستۇم شۇنى سېتىۋالدى...مەن دوستۇم سېتىۋالغان نۇسخىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، ئالماي تۇرغان بولسام مەنمۇ مۇشۇنداقنى ئالاتتىم دەپ قولۇمدىن چۈشۈرمەي كەتتىم ئۇنى. قايتىپ بارغاندىن كېيىن دوستۇم ئۆزىنىڭكىنى مىنىڭكىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم ئەمما سىز مەندىنمۇ بەك ياقتۇرۇپ قالدىڭىز، سىز ئىشلىتىپ خوشال بولسىڭىز مەنمۇ خوشال بولىمەن دېگەن ئىدى...
بۇ گەپلەرنى يېزىۋېتىپ كۆزۈمگە ياش كەلدى..تېخى ئالدىنقى كۈنى نەچچە يىل ئاۋالقى ئاشۇ م پ3 قولۇمغا چىقىپ دوستۇمنى ئەسلەپ ئولتۇرغان ئىدىم..ماگىستىرلىقنى تاماملاپ بولغان دوستۇم ھازىر بەلكىم ئەمدىلا 6 ئايلىق بولغان بالىسىنى باققاچ سىزىك دەردىنى تارتىپ ئولتۇرىۋاتىدۇ...ئارىلىق يىراق، ئۈندىدار ئىشلەتمەيدۇ دىگەندەك باھانىلەر بىلەن ئالاقە قىلمىغىلى نەچچە ئايلار بوپ قاپتۇ، بىلىمەن، بىرەر يىل تېلىفۇن قىلمىساممۇ ئىزدىمىدىڭىز دەپ باتنىماستىن سەمىمىيلىك بىلەن ئەھۋال سورايدۇ، تۇرمۇشىدىكى چوڭ كىچىك ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ..دوستنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلمىگەن چاغلىرىمىزدا بىللە بوپتىمىز، ئايرىلىپ، بېشىمىزدىن ئىسسىق سوغاقلار ئۈتۈپ قەدرى ئۆتۈلگەندە يېنىمىزدا يوق...ئاللاھىم شۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزنى ئامان قىلسۇن !

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 12:57:58

tesnim يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 00:19 static/image/common/back.gif
ئويلاپ باقسام مېنىڭ شۇنداق دوستۇم بوپتىكەن، ئوقۇش پۈ ...

ئۇلارنى قەدىرلەڭ ھەمشىرەم. ئۇ دوستىڭىزنىڭ قەلبى نەقەدەر پاكىزە—ھە؟! ماشائاللاھ. سىز مەرىپەت مۇنبىرىدىكى تەسنىم  ئوخشىمامسىز؟ مەرھابا ھەمشىرەم!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 12:01:49

ئۆز ئىشەنچىمنى يوقاتتىممۇ؟! ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمگە ئاجايىپ ئىشىنەتتىم! ئۆز قابىلىيتىمدىن گۇمانلىنىپ باقمىغان ئىدىم، ئۆزۈمنى تۆۋەن كۆرۈشنى ياخشى كۆرمەيمەن، 10 ئادەمنى ئالدىمدا تىزىپ نوتۇق سۆزلىگۈدەك جۈرئەت ۋە ئىشەنچ مەندە ئەسلىدىن بار ئىدى. لېكىن، ئەمدى كىشىلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، قورقۇدىغىنىم، ئۇلارنىڭ ئالدىدا سۆزلىيەلمەي قېلىش ئەمەس، كاللامغا نۇرغۇن ئېنىق گەپلەر  كەلسىمۇ،  قىزغىن پاراڭلاشقۇم كەلسىمۇ ئىچىمدىكى قارا قۇيۇن ھېسسىي كونتروللىقىمنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتەتتى-دە، گەپ قىلماي تىنىچ تۇرىۋالاتتىم... ئىچكى تەڭپۇڭلىقىم خۇددى ئاجىز توساقلار بىلەن توسۇپ قويۇلغان، ئازىراق سۇ كەلسىلا تېشىپ كىتىشكە ئاران تۇرىدىغان ھالەتتىكىدەك بولۇپ قالغان، خۇددى قەلبىم يارىلانغاندەك، يارا ئېغىزى پۈتۈپ بولالمىغاندەك، ئاسانلا قانايدىغاندەك غەلىتە بىر ھالەتكە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئىدىم...

تۇيۇقسىز زەربە روھى تەڭپۇڭلىقىمنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى، مېنى  تۇيغۇلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت كۈچ سەرىپ قىلىپ، راھەت نەپەس ئالالمايدىغان، ئېچىلىپ كۈلەلمەيدىغان، ھېسسىياتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سۆرۈن چىراي بولىۋالىدىغان بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.  نېمە ئۈچۈنكىن شۇ ھالەتتە ئۆزۈمنى تەڭپۇڭ تۇتۇپ تۇرالايدىغاندەك ھېسى قىلاتتىم. بۇنى كىم چۈشىنىدۇ؟! بېشىغا كەلمىگەن ھېچكىم چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.  «كىشىلەر ئالدىدا يىغلىسام سەت تۇرىدۇ..» دەپ سەلدەك كەلگەن يىغىنى زورىغا تۇتىۋالالامسىز؟... خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش.. بۇ تۇيغۇلارنى كونترول قىلىپ ياشاش ئاجايىپ تەس ئىش ئىدى ماڭا، شۇ ۋاقىتتىن بېرى يىللار ئۆرۈلدى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم كونترول قىلىپ...

پىسخىك دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى نەچچە رەت ئويلىغان بولساممۇ ھەممە ئادەمگە ئوخشاش تەكرارلىنىدىغان نەزەرىيىۋى گەپلەرنى تەكرلايدىغاندەك تۇرۇپ كۆرۈنگۈم كەلمىدى، بۇ بىر پىسخىكىلىك بۇزۇلۇشمۇ،  قەلبنىڭ بۇزۇلىشىمۇ، ياكى ئۇنىڭدا يېنىپ ئۆچكەن ئاتەش چىقارغان ئاچچىق تۇمانمۇ، ياكى ھەسرەتلىك روھى ئازاپمۇ بىلەلمەيتتىم، بۇرۇنقى كۈچلۈك ۋە قارام بىر نەرسە ئاجىز ۋە دىر دىر بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك ئېدى. توختىماي ئۆز-ئۆزۈمنى «داۋالاش» تا چىڭ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر ھەققىدە ئىزدىنىشنى توختاتمىدىم، تورلاردىن ماتېرىيال كۆرەتتىم، تەۋىسيە ۋە تاكتىكىلارنى ئاڭلاپ ئۆزۈمگە تەدبىقلاشقا ئۇرۇنۇپ باقاتتىم، لېكىن ھېچقايسىسى ۋىللىدە يورۇپ بىر دەمدە ئۆچۈپ قالغان سەرەڭگە تېلىدەك ئۈنۈمىنى بىردەمدە يوقىتاتتى...

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇرئاندىكى «رۇقيە ئايەتلىرى» نىڭ قەلبكە شىڧا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم. تېلڧۇنۇمغا دەرھال چۈشۈرىۋېلىپ، داۋاملىق دىگۈدەك ئاڭلاپ يۈردۈم، مەكتەپتە، ئۆيدە، يولدا داۋاملىق دىگۈدەك قايتا قايتا ئاڭلاپ ماڭدىم،
ھەقىقەتەن پايدىسى بولىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم... شۇنداق چىرايلىق ئاۋازدا قىلىنغان نەپىس قىرائەت مېنى ئارام تاپقۇزۇشقا باشلاۋاتقاندەك قىلاتتى. بەكمۇ ئاستا ئۆزۈمگە كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. شۇنىڭ بىلەن بارۋەر ئىچىمدە مېھرىبان اللە غا نالە قىلاتتىم:
« ئى تۈگۈنلەرنى يەشكۈچى مېھرىبان اللە، روھىمغا شىڧالىق بەرگىن، روھىمغا كۈچ بەرگىن! مېنى قانداق ياراتقان بولساڭ شۇنداق ھالەتكە قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەلبەتتە قادىرسەن! دۈشمەنلەرنىڭ شەررىدىن، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە ئىنسى-جىنلارنىڭ شەررىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن! ئامىن...»

tesnim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 13:14:54

pain333 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 12:57 static/image/common/back.gif
ئۇلارنى قەدىرلەڭ ھەمشىرەم. ئۇ دوستىڭىزنىڭ قەلبى نەقە ...

ھەئە، مەن شۇ :loveliness: سىزنى ئىزدىنىشتىن تونۇغان ئىدىم، كېيىن مەرىپەتتە ئۇچراشتۇق....سىزمۇ جىق جىق يېزىپ تۇرۇڭ..ئەسەرلىرىڭىزنى سېغىنىپ قالدۇق

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 06:31:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-14 07:04  

8. «دۇتارچى» بالا

خىيالىم بولدى ھەمراھىم
دۇتارىم مۇڭدىشۇم دائىم، دۇتارىم مۇڭدۇشۇم دائىم...

بۇ ناخشا كىچىگىمدە قۇلىغىمغا بەك سىڭىپ قالغان ئىكەن. «ھەسرەت»نىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي، دۇتارنى قىزىقىپ يېڭى ئۆگۈنىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئاۋازىمنىڭ يېتىشىچە ۋارقىراپ بۇ ناخشىنى ئېيتىشقا تىرىشىپ باقاتتىم، لېكىن يۇقىرى ئاۋازغا كەلگەندە ئېيتالماي قالاتتىم. ئەمدىلىكتە ئۈنۈمنى قويىۋەتسەم ئاۋازىم يېتىدۇ، ئىچ-ئىچىمدىن ھەسرەت تۆكۈپ تۇرۇپ بۇ ناخشىنى ئېيتقۇم كېلىدۇ.  بەك يۇقىرى ۋارقىرىۋېلىشتىن ئۆزۈمنى تارتىپ قورۇنساممۇ ئىشقىلىپ دۇتار بىلەن ئىككى پەدە توۋلىۋالسام سەل يېنىكلەپ قالغاندەك بولىمەن..

«كۆڭلۈڭنى داۋاملىق ئازادە تۇت، خۇشاۋاز چىقىشقاق بول، باشقىلارغا دۇتار چىلىپ بەر، ئىچىڭ پۇشسا، چارچىساڭ دۇتىرىڭنى چېلىپ توۋلىۋەت بالام ..»  دەيدۇ دادام پات-پات.  ئۇ كۆڭلى بەك تۈز، ئاق كۆڭۈل لېكىن بەك سەنئەتخۇمار خۇشاۋاز ئادەم. بەلكىم مېنىڭ سەنئەتكىمۇ بەلگىلىك قىزىقىشىم ئۇنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىزنىڭ خوشنىمىز، ئائىلە دوستىمىز، دادامنىڭ يېقىن دوستى ئەل ئىچىدىكى تونۇلغان دۇتارچى ئېدى، سازغا ۋە ناخشىغا ئاز-تولا ھېرىسمەنلىك شۇ چاغدا پەيدا بولغان بولسا كېرەك...

مېڭىشتىن بۇرۇن دادام بىلەن قەشقەر ئۆستەڭبويى رەستىلىرىنى ئايلىنىپ بىر دۇتار ۋە بىر تەمبۇر سېتىۋالغان ئېدۇق. دۇتارنى ئانچە-مۇنچە ئۇرالىساممۇ، تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيتتىم. نېمە ئۈچۈن تەمبۇر سېتىۋالغانلىقىمنى ئېنىق بىلمەيمەن، خۇددى سەنئەت مەكتەپكە ماڭغان يېڭى ئوقۇغۇچىدەك بۇلارنى سومكىسى بىلەن قۇشۇپ سېتىۋالغان ئېدىم. دادام پەندە ئوقۇغىلى ماڭغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە «سەئۇدىيغا ماڭغان» مېنى «دۇتار-تەمبۇرنى كۆتۈرۈپ  نېمشقىلىسەن بالام؟» دېمىگەن ئېدى. ئەكسىچە مېنى قوللاپ تۇراتتى باشتىن ئاياق،  « كەيپياتىڭ كۆتىرەڭگۈ، پىسخىكاڭ ساغلام بولسا، شۇ ھەممىدىن مۇھىم» دەيتتى. شۇڭا ئۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىنچە  دۇتار-تەمبۇرنىڭ تارىلىرىدىن تارتىپ، قۇلاقلىرىغىچە زاپاستىن تەل قىلىۋېلىپ، ئىككىسىنى مىلتىق ئاسقاندەك مۆرەمگە ئارتىپ، چامدانلارنى بىر قولدا سۆرەپ تاكى ئايرودورۇمغىچە ئاسىراپ ساق ئېلىپ كەلگەن ئېدىم، ئايرودورومدا يېنىمغا ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان سازلىرىمنى كۆزۈم قىيماي ئايرىم ئەۋەتىشكە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئېدىم. ئەپسۇس،  ئىستانبۇلغا چۈشكەندە ئۇلارنى سۇنۇق ھالەتتە تاپشۇرىۋالدىم، شۇنچە ئاسىراپ كەلگەن «ھەمراھلىرىم» غا ئىچىم ئاغرىدى. سازنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقمايدىغانلار
ئۈستىگە ئېغىر بىر نەرسە قويغان ياكى ئېگىزدىن تاشلىغاندەك قىلاتتى، بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن چىقىلدىمۇ ياكى كەلگەندىمۇ بىلەلمىدىم. سۇنغان سازلىرىمنى كۆرۈپ كۆڭلۈممۇ سۇنغاندەك بولۇپ قالدى..

شۇنداق قىلىپ، ئىستانبۇلغا كېلىپ تۈركچە دەرس باشلاپ كەتكەندىن بېرى ئەشۇنداق جىددي ۋە ئالدىراش ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتىم. ئېنىقىنى دىگەندە يالغۇز قېلىپ، ئازاپلانغاندا، پىغان تەگكەندە ساز-پاز چالغۇدەك بوش ۋاقىت يوق ئېدى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا. بۇ ئالدىراشلىق بەكىرەك تۈركچە دەرسنىڭ بېسىمى ياكى قىيىنلىقى بولماستىن بەرىكەتسىز، بىردەمدە كەچ بولۇپ تىز ئۆتۈپ كىتىۋاتقان قىستاڭ ئىستانبۇل ھاياتى، ئىككى دەرسخانا ئارلىقىدىكى ئوخشاش رېتىمدىكى تىنىمسىز بېرىپ-كېلىشلەر ئېدى. ۋاقىت شۇ يوسۇندا بەكمۇ تېز ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى. شۇڭاكېلىپلا ئىستانبۇلغان بىزدىن بىر يىل بۇرۇن كەلگەن ئوقۇغۇچى باللارنىڭ ياتىغىدا قويۇپ قويغانسازلارنى نەچچە ئاي ئۆتۈپ كېتىپمۇ ئۆز ياتىغىمغا ئېلىپ كېلىۋالالمىغان ئېدىم. ئېلىپ كېلىۋېلىشىمغا بىر قېتىملىق سورۇن سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك...

ئىستانبۇلدا تۇنجى قۇربان ھېيتنى كۈتىۋالدۇق. كونا يېڭى ئىستانبۇلدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار يىغىلغان ئىكەن، ھاياجانلاندىم ۋە سۆيۈندۈم، تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە، ئىنستانبۇلدا بولغىنىمدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلدىم. باللار يۇمۇر، ناخشا ئېيتىپ ئۆز تالانتلىرى بويىنچە ئىختىيارى نۇمۇر كۆرسىتىۋاتاتتى. ماڭا ئوخشاش دۇتار چالىدىغان بىر قىز بار ئىكەن، دۇتىرىنى چېلىپ سەنۇبەرنىڭ ناخشىسىغا ئوقىۋېدى، سازنى كۆرۈپ مەنمۇ ھاياجانلاندىم، چالغۇم كېلىپ كەتتى.. ئىلگىرى كىچىك سورۇن ۋە پائالىيەتلەردە ئوقۇپ باققان، لېكىن ھازىرقىدەك مېنىڭ بۇ تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان نازۇك پىسخىك ھالىتىم بىلەن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئالدىغا چىقىپ دۇتار بىلەن ناخشا ئوقۇش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش ئېدى.. شۇڭا ئىچىمدە ھاياجانلانسام، تېشىمدا ئۇنى يوشۇرۇپ «تەمكىن» ئولتۇراتتىم. ئارىدا يېنىمدىكى سەپەرداش، ياتاقداش قېرىندېشىم: « سىزمۇ چېلىپ ئوقۇمسىز يا» دېۋىدى «ياق،  ھەئە..» دەپ تەرەددۇت قىلىپ بولغىچە رىياسەتچىنىڭ قۇلقىغا پىچىرلاپ ئېلان قىلدۇرىۋەتتى.  ئەمدى شۇنچە كىشىنىڭ ئالدىغا چىقىپ ناخشا ئېيتمىسام بولمايتتى. كالپۇكلىرىم قۇرۇپ، يۈرەكلىرىم سېلىپ كەتتى...

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 10:25:32

بېسىپ-بېسىپ يېزىڭلار بىلىكباي،ھۇرۇن بولماڭلا ئۇنداق{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 16:55:53

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-9-9 12:01 static/image/common/back.gif
ئۆز ئىشەنچىمنى يوقاتتىممۇ؟! ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈمگە ئ ...

رۇقىيە ئايەتلىرى قايسى ئايەتلەركەن؟ پايدىسىى بىزگىمۇ تەگسۈن

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-15 21:29:51

RE: (بىلىك)كۈلۈپ باقايچۇ..

Tashchiqiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-28 03:59 static/image/common/back.gif
ساقلايمىز.

تاشچى ھەدە سىزگە بىكەت خېتى يازسام كۆمەي قالدىڭىزمۇ قانداق

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 04:37:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-16 04:41  

Kamdidar يوللىغان ۋاقتى  2014-9-14 16:55 static/image/common/back.gif
رۇقىيە ئايەتلىرى قايسى ئايەتلەركەن؟ پايدىسىى بىزگىم ...

رۇقيە(قۇرئان بىلەن داۋالاش) ئايەتلىرى سۈرە فاتىھەدىن باشلاپ، سۈرە ناسقىچە بولغان تەرتىپ بىلەن ۋە بەزى سۈرىلەردە بەلگىلىك ساندا تەكرارلىنىپ (اللە دىن شىفالىق تىلەپ) ئوقۇلىدىغان ئايەتلەر بولۇپ، سىھىرلىنىش، يامان كۆز تېگىش قاتارلىقلارغا، روھى ۋە جىسمانى خەستىلىكلەرگە ئوقۇلسا داۋا بولىدىكەن. ئۇلار:

1 سۈرە فاتىھە
2 سۈرە بەقەرنىڭ 1- ئايىتىدىن 5- ئايىتىگىچە
3  سۈرە بەقەرنىڭ 102-ئايىتى
4 سۈرە بەقەرنىڭ 163- ئايىتىدىن 164- ئايىتىگىچە
5 سۈرە بەقەرنىڭ 255-ئايىتى(ئايىتەل كۇرسى)
6 سۈرە بەقەرنىڭ 285-ئايىتىدىن 286-ئايىتىگىچە
7 سۈرە ئال ئىمراننىڭ 1-ئايىتىدىن 10-ئايىتىگىچە
8 سۈرە ئال ئىمراننىڭ 18-ئايىتىدىن 19-ئايىتىگىچە
9 سۈرە نىسانىڭ 56-ئايىتى
10 سۈرە مائىدە نىڭ 72-ئايىتىدىن 76-ئايىتىگىچە
11 سۈرە ئەئراف نىڭ 54-ئايىتىدىن 56-ئايىتىگىچە
12 سۈرە ئەئراف نىڭ 117-ئايىتىدىن 122-ئايىتىگىچە
13 سۈرە يۇنۇس نىڭ 80-ئايىتىدىن 82-ئايىتىگىچە
14 سۈرە كەھف نىڭ 39-ئايىتى
15 سۈرە مەريەم نىڭ 68-ئايىتىدىن 69-ئايىتىگىچە
16 سۈرە تاھا نىڭ 66-ئايىتىدىن 70-ئايىتىگىچە
17 سۈرە مۆمىنۇن نىڭ 115-ئايىتىدىن 118-ئايىتىگىچە
18 سۈرە نەمل نىڭ 30-ئايىتىدىن 31-ئايىتىگىچە
19 سۈرە ساففات نىڭ  1-ئايىتىدىن 10-ئايىتىگىچە
20 سۈرە دۇخان نىڭ 43-ئايىتىدىن 59-ئايىتىگىچە
21 سۈرە ئەھقاف نىڭ 29-ئايىتىدىن 32-ئايىتىگىچە
22 سۈرە رەھمان نىڭ 33-ئايىتىدىن 35-ئايىتىگىچە
23 سۈرە ھەشىر نىڭ 21-ئايىتىدىن 24-ئايىتىگىچە
24 سۈرە قەلەم نىڭ 51-ئايىتىدىن 52-ئايىتىگىچە
25 سۈرە جىن نىڭ 1-ئايىتىدىن 10-ئايىتىگىچە
26 سۈرە كافىرۇن
27 سۈرە ئىخلاس
28. سۈرە فەلەق
29 سۈرە ناس
رۇقيە ئايەتلىرىنىڭ ھەر قايسى سېستىمىدىكى ئەقىللىق تېلفۇنلار ئۈچۈن ھەقسىز ئەپلىرى بار، ئىزدەپ چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئىزدەشتە « Ruqyah» دەپ ئىزدىسىڭىز تاپىسىز.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 05:26:41

شۇنداق قىلىپ «دۇتارچى» بولۇپ قالدىم. ئەمدى سازلىرىمنى ئوڭشىتىپ چالىدىغان بولدۇم. دۇتارىمنى ئۆزۈم بىر قانداق قىلىپ يەملىۋالدىم، بىچارە تەمبۇرنىڭ ئالدى يۈزى سۇنۇپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ، ھەي.. دېدىم. ئىچىم پۇشۇپ. بۇنى قانداق ئوڭشارمەن؟ تۈركىيەدە باغلاما (تۈركچە دۇتارغا ئوخشايدىغان ساز) ياساپ ساتىدىغان ئۇستىلار كۆپ، بەلكىم شۇلارغا ياساتسام بولىشى مۇمكىن... ياتىغىمغا يېقىن بىر يەردە، ھەر كۈنى ياتاقتىن تورخانىغا ماڭغاندا ئارا كوچىدا كۆزۈمگە بىر دۇكان چېلىققاندەك قىلغان، بەلكىم شۇ يەردە ياساپ بېرىشى مۇمكىن.

تەمبۇرۇمنى كۆتۈرۈپ بىر كۈنى كەچقۇرۇنلىقى ھېلقى يەرگە باردىم. راست دېگەندەك ئۇ بىر ساز ياسايدىغان دۇكان ئىكەن،  سالام قىلىپ كىردىم.  تەمبۇرنى كۆرسەتسەم سەل ياراتمىغاندەك قاراپ: «نىمە بۇ؟» دەيدۇ - «تەمبۇر» دىدىم ئۇرغۇلۇق قىلىپ. ئۇ  بىرئاز كونا كۆرۈنىدىغان ساز ئېدى. قەشقەردىكى سازلارنى ياساپ ساتىدىغان ئۇستامنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50، 60- يىللىرى ياكى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ۋاختىدا ياسالغان ئۆزبىك تەمبۇرى ئىمىش، (ئۆزبىكلەرنىڭ نەدە ئايرىم تەمبۇرى بولسۇن ئۇيغۇر تەمبۇرۇ ئەسلى...) قەشقەرگە دادام بىلەن بىللە كىرىپ بازار ئايلانغاچ شۇ تەمبۇرغا كۆزۈم چۈشۈپ سېتىۋالغانتىم. تالاشقىنىمىزغا بەرمەي ئۆزىنىڭ دىگىنىدىن بىر سىنىتنى چۈشۈرمەي ساتقان بولسىمۇ بۇ تەمبۇرغا ئېرىشكىنىمدىن خوش بولغانتىم. تەمبۇر چېلىشنى بىلمىسەممۇ ھىچ بولمىغاندا ئۆيدىكى دۇتارغا ھەمرا بولار دەپ سېتىۋالدىم. «بۇنى سېتىۋالدىم دادا، شو پۇلغا سەن بىرەر قۇر كىيىم كىيسەڭ بولاتتى..» دىسەم دادام: «سېتىۋالغىنىم توغرا بولدى، ساڭا ھەمرا بولىدۇ، پىسخىكاڭنى تەڭشەيدۇ» دەپ كۆڭلۈمنى ئالدى، ئوندان دادام..

ھامان يۇرت ئاتلاپ مەن بىلەن كەلدى بۇ، تاشلاپ قويسام بولمايتتى دە؟...  تۈرك ئۇستام تەمبۇرنى ئۇيان چۆرۈپ بۇيان ئۆرۈپ «مانچە پۇل بە، مانچە كۈندىن كىيىن ئېلىۋال» دەيدۇ. - «ۋاي توختاپ تۇرغىن» دىدىم ئۇنىڭغا- «پۇلنى قىممەت دىۋەتتىڭ، بۇ ئاددى سازغا بۇنچە قىممەت ئالساڭ بولمايدۇ يا بۇ سېنىڭ سازلىرىڭدەك قىممەت بولمىسا..» دىسەم سەل يۇمشىدى، ئاندىن « ئەتە ياكى ئۆگۈنى كىلىپ ئەكىتەي بەرىبىر ساڭا بۇنى ياساش ئادەتتىكى بىر ئىش بوغاندىكىن» دىسەم ماقۇل دىدى، «مەن ئوقۇچى قىممەت ئالساڭ بولمايدۇ» دەپ يۈرۈپ پۇلىنى دىگىىمدەك باھاغا دىيىشىۋېلىپ چىقىپ كەتتىم..

ئىككى كۈندىن كىيىن بېرىپ قارىسام دەل مىنىڭ تەمبۇرۇمنى ياساۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بىرىپتىمەن، بىر نەچچە مىھمان باركەنتۇق قىزغىنلىق بىلەن مېنى ئۇلاغا تۇنۇشتۇۇرپ، «بۇ ئۇيغۇر قېرىندېشىمىز چىندىن كەلگەن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سازىكەن، ئىسمى نىمىدى؟... تەمبۇر..»، دەپ يىقىنچىلىق كۆرسىتىپ كەتكىنىدىن سۆيۈندۈم... ئىككى ياش يىگىت دۇكاننىڭ ئىچىدە سىپتا، سلىق، پاقىراق قارىماققا پۇختا ۋە مەزمۇت كۆرۈنىدىغان، بىزنىڭ دۇتارغا ئوخشاپقالىدىغان، لىكىن بىر ئاز قىسقا، ئىنچىكە سىمدىن تاللىرى بولغان سازنى چېلىپ ناخشا ئوقۇۋاتقان ئىكەن، ناخشىسى خىلى قۇلاققا خوش ياقىتى. مېنىڭ كىرىشىم بىلەن ئۇلار سازلىرىنى چېلىشتىن توختۇتۇپ مەن بىلەن دوستانىلىك بىلەن قول سىقىشىپ كۆرۈشكەندىن كىيىن «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى تەكرارلاپ، تۇيۇقسىزلا مەندىن: «ئابدۇرېىھم ھېيتنى تونامسەن؟ » دەيدۇ ھەيران قاپتىمەن،- «سەن قانداق بىلىسەن؟» دىسەم،- « ئۇ بەك گۈزەل چالىدۇ، بىز يۇتىيۇب دىن ئىزدەپ كۆرىمىز، لىكىن بۇ ساز ئۇنىڭ چالغان سازىغا ئوخشىمايدىكەن» دىدى. ئۇلارنىڭ ئابدۇرېىم ھېيتنى تونىغانلىقى ۋە ئۇنى ئىتىراپ قىلغانلىقىن مىنى سۆيۈندۈردى،... مەن ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ ئۇنىڭ «دۇتار» ئىسىملىك بىر سازنى چالىدىغانلىقىنى يەنە بىزدە نەچچە ئون خىل ساز تۈرلىرىنىڭ بارلىقىنى دەپ بەردىم. ئۇلار مەخسۇس مۇزىكا، ئەنئەنىۋى ساز كەسپىدە باكلاۋېرلىقتا ئوقۇۋاتقانلارئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى دۇتار دىگەن سازنى بەك چەپباققىسى بارلىقىنى دىۋىدى مىنىڭدە ئۇ سازنىڭمۇ بارلىقىنى دېسەم بەك كۆرۈپ باققۇسى كەپكەتتى، دۇكاندىكى ئۇستىمۇ دۇتارغا قىزىقىپ قالدى، تەمبۇرنى پىتتۈرگىچە دۇتارنى شاپپىدە ئەكىلىشىمنى ئېيتتى، دۇتتارىمنىمۇ كۆز-كۆز قىلىۋېلىش پۇرسىتى كەلگىنىدىن ئىچىمدە خوش بولۇپ ئۆيگە يۈگۈردۈم...

دۇتارنى قېپىدىن چىقارغاندا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى ھەيرانلىقتىن، دۇتارنىڭ چىرايلىق نەقىشلىرى، سىپتا ۋە ئۆزگىچىلىكى ئۇلارنىڭ دىقىتىنى تارتىۋاتاتتى، دۇتار چالغان چاغدىلا بىر سەنئەت بويۇمى بولۇپلا قالماي كۆرۈنىشىدىنمۇ بىر سەنئەت ئەسىرى ئىدى. قەشقەردىكى بىزنىڭ سۆيۈملۈك ھۈنەر ئۇستىلىرىمىز، پۈتۈنلەي قولىدا تاراشلاپ، نەقىش تىزىپ ياسىغان بۇ سازنىڭ دەمالىققا سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ دىقىتىنى دەرھال چېكىشى تەبى ئەھۋال. دىمىسىمۇ قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەر، ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەنلەر بۇ سازغا ئالاھىدە قىزىقىپ ئېلىپ كىتىشەتتى.
مېنىڭ بۇ دۇتارىمغۇ بەك نۇچى ياسالغانلىرىدىن ئەمەس، ئەڭ نوچىسىنى ئېلىپ كەلگەن بولسام، ئۆزىنىڭ ياساۋاتقان سازلىرىغا سېلىشتۇرۇپ نېمە دەركىن دەپ قالدىم. دۇتارىمنى كۆرۈپ قىزىقىشىپ قولدىن قولغا ئېلىپ ئۇنىڭ نەقىشلىرىنى سىلاپ كىتىشتى... ئاخىرىدا «ئابدۇرېھىم ھېيت چالغان پەدىگە چېلىپ باققىن» دەپ تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى سازچى يىگىتلەر.  قولۇمغا ئېلىپ بىر پەدە چېلىپ بەرسەم چاۋاك چېلىشىپ كەتتى... شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ تۇنۇشۇپ كەتتىم...

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-16 08:29:56

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 04:37 static/image/common/back.gif
رۇقيە(قۇرئان بىلەن داۋالاش) ئايەتلىرى سۈرە فاتىھەدىن  ...

رەھمەت، بىلىۋالدىم

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 12:31:53

ئىنسان سەرگۈزەشتىسىنى بىر يېزىشنى باشلىسا نەچچە رومان پۈتىدۇ..............ئاچچىق ۋە تاتلىق....
بەت: 1 2 [3] 4 5
: (بىلىك)كۈلۈپ باقايچۇ..