akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 13:50:19

كەلدىمۇ ئادەم ئىشىكنى ئېچىپ بەرگىلى يا قورساقنى گوللاپ ئۇخلاپ قالدىڭىزمۇ؟ :)
ئاخىرىنى يازماپسىزغۇ?

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:17:31

dawanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 10:04 static/image/common/back.gif
ئۇنداق قىلماڭلار سادىغاڭ كىتەيلەر،توختاپ قالماي يېزى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، رەھمەت!
يېقىندىن بېرى تۇرۇمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ، بىر نىمە يازغۇدەك روھ قالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر پاسسىپ كەچۈرمىش بولغاچقا باشقىلارغا مەنپى ئېنىرگىيە بەرگۈدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.. شۇنداقتىمۇ بۇ توختاپ قالىدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئاخىرىنى يازىمەن، ھەم يازغۇدەك ئون ھەسسە كەچۈرمىش يەنە بار، لېكىن ئىچىمدىكى بىر پاتمان سۆز بىر تال چېكىت ئىچىدە غايىپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا..

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:26:33

akida525 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 13:50 static/image/common/back.gif
كەلدىمۇ ئادەم ئىشىكنى ئېچىپ بەرگىلى يا قورساقنى گوللا ...

ئۇخلاپ  ھېرىپ قالدىم..
ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتالىغىدەك بولغاندا يازارمەن دېگەن،  ئىنشااللە تۈگىتىمەن. رەھمەت سىزگە.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 14:49:05

:)
يېزىڭە  ھە
سىز بىلەن بىز بولساقمۇ راست گەپنى يازمىساق تۈركىيەگە كەلمەي تۇرۇپ ھەرەمدەك كۆرىدىغان ،تۈركلەرنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئاكىسىدەك ھېس قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قايناق ھېسسىياتىنىڭ گرادۇسىنى توختىتىپ قويغىلى بولمايدىكەن.

نورمال بىر دۆلەت سۈپىتىدە  ساياھىتىنى قىلىپ ھاياجىنىنى بېسىپ كېتىۋالسا تۈركىيەمۇ بوپ قالىدىغان دۆلەت.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 15:40:11

مەن مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتقاندا سىزمۇ يازمىنىڭ داۋامىنى يېزىۋاتقانسىزمۇ؟ :lol

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 16:22:37

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 14:49 static/image/common/back.gif
يېزىڭە  ھە
سىز بىلەن بىز بولساقمۇ راست گەپنى يازمىساق ...

توغرا دەيسىز سىڭلىم، تۈركىيەگە ساياھەت قىلىش مەخسىتىدە بىر كىلىپ كەتسە بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ قارىشىمدا ھەرگىز ئارزۇ ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن ياشلارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن كېلىشىگە قەدئىي بولمايدۇ دەپ قارايمەن. بۇ يالغۇز مېنىڭ قارىشىم بولماسلىقى مۇمكىن. بۇ ھەقتە بىر سىتاتىستىكا قىلىپ بېقىش ئويۇم بار ئېدى ھېچ كىرىشەلمىدىم. مېنىڭچە بۇ بىر جىددىي مەسىلە،  باشقا يەردىكى ئوقۇش ۋە ئىمكانلىرىنى تاشلاپ تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ياشلار بەك كۆپ بولىۋاتىدۇ، بۇ ياخشى ئەھۋال، لېكىن ئۇلارنىڭ ھاياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىشى مۇمكىن. ئەلبەتتە، ھەركىمنىڭ ياختۇرۇشى ئوخشىمايدۇ ئەمما ئوبىكتىپ قىلىپ ئېيتقاندا مەن كەسكىن ھالدا ياشلارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلمەسلىكلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن، بەك كەلسىمۇ دۆلەت مەكتەپلىرىگە كەلمەسلىكلىرىنى.. ئۈمۈد قىلىمەن. بۇنداق دېيىشمىدە نۇرغۇن سەۋەپلىرىم بار. بۇلار يازمىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا چىقىشى مۇمكىن. بۇنى بۇرۇندىن ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ يازاي دەپ كەلگەن نۇرغۇن ئىكىلىنىشلەر بىلەن تۇرۇپ قالغان ئېدىم. يازمىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرى ئاساسەن مۇشۇ ئىدىيە ۋە چۈشەنچىلەرنى مەركەز قىلىپ داۋاملىشىدۇ، خۇدا خالىسا.

ياشلارنىڭ بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئىچكى ئىنىرگىيەسى تولۇپ تاشقان باللار بولسا @bilgejan ۋە @nasin  قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ كەچۈرمىش ۋە تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىلىھام ئېلىپ بولسا ئالدى بىلەن ئامېركىنى نىشان قىلىسۇن، ئۇنىڭدىن قالسا ياۋرۇپادا گىرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە... قاتارلىق دۆلەتلەرنى، شۇنىڭ بىلەن تەڭداش خالىسا ياپۇنىيەنى تالىسا بولىدۇ، ئۇمۇ بولمىسا تۈركىيەدە ئوقىسىمۇ بولىدۇ. مۇكاپات بىلەن ئوقۇيالىسا ماگىستىرلىقنى ۋەتەندە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقنى جوڭگودىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ئوقىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ھازىر جوڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرى تەتقىقات ساھەلىرىدە خېلى ئالدىغا كەتتى، تۈركىيەدىن ياخشىراق دېيىشكە بولىدۇ.  قالغان چۈشەنچىلىرىمنى ئىنشااللە يازمىنىڭ داۋامىدا ئاستا ئاستا دېۋالارمەن.

تۈركىيە، ئىستانبۇل گۈزەل، مېھرى ئىسسىق بىر شەھەر، مۇرەككەپ چوڭ بىر شەھەر بولسىمۇ قوينى كەڭ. ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، تىجارەت ۋە سودا يوللىرىغا كىرىشمەكچى بولغانلارغا بەلكىم پۇرسەت بار.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 22:16:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rita1028 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 22:17  

لېكىن بىلىگكا ،
ئىتىراپ قىلىمەن،شۇنچىلىك ئىشلارنى ياشاپ تۇرۇپمۇ ئاجايىپ مېھرىم بار،ھەرقىتىم مەكتىپىمىزنىڭ كادىكۆيدىكى كامپۇسىغا بارغاندا  سىلەر تۇرغان ھېلىقى غوجاكاملار ئۆيى بار يەرگە بوينۇمنى سوزۇپ قاراپ كېتىمەن. ئاندىن سىنىپتا  سۆزلەپ بەرگەن زەيتۇن پاستا  ھېكايىڭىز  يادىمغا  كېچىپ ئىختىيارسىز كۈلىمەن.
ھاياتىمدىكى ئەڭ سەمىمىي دوستلىرىم، ئۆز  بولمىسىمۇ ئۆزەمنىڭ ئاكىسىدەكلا  نەزەردە قارىغان ئاكام، قېرىنداشلىقتىن ھالقىغان مېھىر-مۇھەببەت،ئىشەنچ،تىرىشچانلىق ،سەمىمىيەت ....دېگەنلەرنى مۇشۇ  تونۇدۇم.
ئاۋۇ كۈنى ۋەتەنگە قايتىدىغان پىلانىمنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە ئۈسكۈداردىكى ئىشىمنى تۈگىتىۋېتىپ ياۋروپا ياقىسىغا  ئۆتكىچە كەتمەي تۇرۇپلا  بۇ شەھەرنى قاتتىق سېغىنىپ كېتىشكە  باشلىدىم. تۇيۇقسىزلا  مانگا باندنىڭ :
ئىچىمدە  بىر  ئىستانبۇل،
ئۇنىڭدىن ھېچ ۋاز كېچەلمەسمەن
دېگەن مىسرالىرى  ئەۋج ئېلىشقا  باشلىدى.

سەلتەنەتلىك،شۆھرەتلىك بۇ شەھەرنىڭ توپىسى بەك ئېغىر،كېتىمەن دەپلا  خورجۇن ئارتىپ كەتكىلى بولمايدىكەن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 09:17:18

rita102،Bilig:
تۈركىيەدە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قىممەتمۇ؟سىلەر ئوقۇش پۇلى ئېلىپ مۇكاپات ئېلىپ ئوقۇپ  قىلساڭلار
ئۆيدىن پۇل ساممىسىمۇ بۇلامدۇ؟
ئولتۇرقلىشىپ قالغانلار ئاساسلىق ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلدىغاندۇ؟
توي-تۆكۈن،مۇسىبەت ئىشلىرى قانداق ئۆتكۈزىلىدۇ؟

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 10:57:56

بىلىك بۇرادەرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە ئاپرىن. سىزنىڭ يازمىڭىزنى كۆرۈپ بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتتىم.

eyyub يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 20:06:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eyyub تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-19 21:23  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىلىگ بۇرادەر!
قولۇمدىكى ئىشنىڭ جىددىيلىكىگە باقماي كەچۈرمىشلىرىڭىزنى بىر نەپەستىلا ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. بۇنى ناھايىتى پايدىلىق يازما دەپ قارىدىم. تۈركىيە مائارىپى توغرىسىدا ئاز-تولا ھېسلارغىمۇ ئېرىشكەن بولدۇم. داۋامىنى يازمىسىڭىز پەقەت بولمىغۇدەك، بۇ قانداقتۇر كۆڭۈل ئاچىدىغان تېما بولمىغاندىكىن، ساقلايمىز، ئامان بولۇڭ، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن،.
(سەئۇدىي توغرۇلۇقمۇ يازغايسىز)

dilara يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 23:11:19

ۋەتەندە گۈلدەك ياشاۋاتقانلارغا ھەۋەس قىلىمەن. تۈركىيەدە يىگىرمە يىل ياشاپ ۋەتەنداش بولسىڭىزمۇ، ۆزىڭىزنى يەنىلا غېرىپ بىچارە ھېس قىلىسىز. تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان انا ۋەتەننىڭ ورنىنى ھېچقاچان  تولدۇرغىلى بولمايدۇ.

eyyub يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 00:46:32

dilara يوللىغان ۋاقتى  2015-2-19 23:11 static/image/common/back.gif
ۋەتەندە گۈلدەك ياشاۋاتقانلارغا ھەۋەس قىلىمەن. تۈركىيە ...

بىلىگنىڭ ماۋۇ تېمىسى بەك پايدىلىق يازمىكەن. بۇ كەچۈرمىشنى ئوقۇپ بولۇپ ھازىرقى تۇرمۇشۇمنىڭ، ئانام ۋە ئائىلەمنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىۋاتىمەن. قوشۇمچە بايانلار بوسا قىستۇرۇپ تۇرسىڭىز بولىتى دىلارە خانىم، بۇ تېمىنى چۆلدەرەتمەي.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 12:49:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فائىزە034 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 12:51  

ياخشىكەن...

yawa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 14:08:59

فائىزە034 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 12:49 static/image/common/back.gif
ياخشىكەن...

بىلىگكام ئايىغىنى يازغان ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرۈپ كىرسەم......
بەت: 1 2 3 4 [5]
: (بىلىك)كۈلۈپ باقايچۇ..