xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 20:48:35

ئىزدىنىشقىمۇ يوللاپتىكەنسىزدە، ياخشى بولدى ،ئىزدىنىشتىنمۇ ئوقۇپ تۇرالايدىغان بولدۇم.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 16:05:40

مەن كۆكلەم تورىدا ئوقۇۋاتقانتىم.

huji828 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-4 22:33:37

مەن ئەمدى كۆرۈپتىمەن

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 21:14:18

مەن ئەمدى كۈرۈپتىمەنغۇ بۇ تېمىنى. بارغانسىرى ئادەمنى ئۆزىگە تارتىۋالىدىغان سەرگۈزەشتە بوپتۇ. داۋامىغا تەشنامەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 11:32:47

خۇددى كىنو كۆرگەندەك ئاجايىپ ھېسلاردا ئوقۇپتىمەن تېمىنى، داۋامىغا تەشنامەن...{:112:}

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 15:40:20

ياۋروپادىن ئاسىياغا، تەرەققى قىلغان دۆلەتتىن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتكە، باي دۆلەتتىن نامراتراق دۆلەتكە ... دەسلەپ بارغاندىكى چۈشكۈنلۈك، پاسپورت ئىشلىرىدىكى تەتۇر قىيناشلار قوشۇلۇپ، 'كۈلۈپ باقايچۇ' دىيىشكە مەجبۇر قىپتۇ. تىمىسى ياخشى قويۇلۇپتۇ.

ALGA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-10 15:50:56

ساقلايمىز ...................

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 14:19:30

خېلى بولدى،قەلەم تەۋرەتمەيسىزغۇ؟

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 18:14:48

مەن مۇشۇنداق باشتىن كەچۈرگەن ھەقىقىي ئىشلارنى ئوقۇشقا ئامراق . بىلىككا ، بىكار بولسىڭىز داۋاملىق يازغان بولسىڭىز  {:87:}

abliz168 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 21:46:12

داۋامىغا ئىلھام يېتىشمەيۋاتامدا ....

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 16:05:25

8. زورۇقۇش


ئىستانبۇلدا كەچ كۈز،  سوغۇق چۈشۈشكە باشلىدى.. تۇرىۋاتقان ئۆيىمىزنىڭ ئاستىدىكى قەۋەتلەردە قۇلۇم-قوشنىلار يوق ئېدى، ئاستىمىزدىكى قەۋەتتىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ كىچىك تىپتىكى بىر فابىرىكا ئېدى. ئەتىراپى ئەخلەتلەر بىلەن توشۇپ كېتىدىغان، غۇژمەككىدە  سېلىنغان ئېگىز-پەس ھەرخىل ئائىلىلىكلەر بىنالىرى ئارىسىدا ئەڭ چەتتىدە بىر يەردە، يامغۇردا پاتقاق بولۇپ كېتىدىغان كونا كىچىك يولنىڭ بىر تەرىپىدە ئېدى. تېشىدىن كۆرگەن ئادەم ئۇنى «زاۋاۇت» دەيتتى، بىز دەل شۇ «زاۋۇت»نىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئولتۇراتتۇق. ئۈستى، ئاستى ۋە يان تەرەپلىرى يالاڭ بۇ ئۆينىڭ ئىسسىشى ئەلبەتتە تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ ئېغىزلىق چوڭ ئۆيدە يېقىلغان پارلارمۇ ئانچە كار قىلمايتتى. ۋەتەندە گىرادۇسى شۇنچە تۆۋەن سوغۇق ھاۋا بىزگە ئانچە بەك تەسىر قىلىپمۇ كەتمەيتتى، بۇ يەر ھاۋاسىنىڭ نەملىكى يۇقىرى بولغاچقىمىكىن نۆلدىن تۆۋەن بەش-ئالتە گىرادۇستىكى سوغۇقمۇ ئاجايىپ راھەتسىز تۇيغۇ بېرىدۇ كىشىگە. نەم سوغۇق ھاۋا ۋە توختىماي ياغقان يامغۇر كىشىنىڭ كەيپىياتىنىمۇ شۇ ھاۋاغا ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ..

ھايات ئوخشاش رېتىمدا تەكرارلىنىۋاتاتتى. ئەتىگەندە نۆۋەت بويىنچە ھەممەيلەنگە ناشتىلىق تەييارلاش، ناشتىدىن كىيىن بىر سائەت زورۇقۇپ تۇرۇپ رىسالە ئوقۇش،  ئاندىن چۇۋۇلۇپ كىتەي دەپ قالغان نەمخۇش كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ، پاتقاق يوللارنى كېچىپ مېتىروبۇسقا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن ئىتىك ئىتىك مېڭىش، تىل مەكتىپىدە زورقۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆگۈنۈش ۋە ئىنتاھان بېرىش، كەچقۇرۇنلۇقى مېتروبۇسقا قىستىلىپ چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىش ۋە ئەگەر نۆۋەتچى بولساق كەچلىك تاماق قىلىش، تاماقتىن كىيىن يەنە رىسالە ئوقۇش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئازىراق ئۆز ئالدىمىزغا كىتاپ كۆرمەكچى بولۇپ، ھارغىنلىق ۋە ئۇيغۇ بېسىپ كەتكەندە توڭغاندەك ھېس قىلىپ يوتقانغا كىرىش ۋە قاچان ئۇخلاپ قالغاننى بىلمەي ئەتىگەندە يەنە تۇرۇش...

ھەپتىدە ئىككى كۈن چوقۇم رىسالە سۆھبىتىگە باراتتۇق. بەزىدە ھەرخىل كىشىلەر بىلەن دەرقەمدە بولۇپ ياخشى پاراڭلارنى ئاڭلاپ، چاي-پاي ئىچىشىپ كېلىشكە خىلى خوش ياقسىمۇ بەزىدە پەقەتلا خوش ياقمايتتى. بولۇپمۇ ئوخشاش رېتىمدىن چارچاش ھېس قىلغان، سوغۇق ۋە يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئىسسىق يوتقانغا يۆگىنىپ كومپىيتېردىن فىلىم كۆرۈپ ئولتۇرغىسى كېلىپ تۇرغان ۋاقىتلاردا.. شۇنداقتىمۇ مەجبۇر زورۇقۇپ ماڭاتتۇق، يامغۇرلۇق ھاۋادا، ئۆزىمىز خالىمىغان يەرگە بېرىش ئۈچۈن تېخى قىستا قىستاڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرۇپ كەتكەندە بولسا بەدىنىم سوغۇقنىڭ ئۈستىگە يەنە سوغۇق تەرلەپ كىتەتتى، ئۆزۈم بىلەتتىم... بۇنداق كۈنلەردە يەنىلا بويتاق تۇرمۇشى كەچۈرىۋاتقىنىمدىن قاتتىق ئىچىم پۇشاتتى. رېتىمدىن چىققان، چۇۋالچاق، روھى ئېنىرگىيەنى يوقاتقان يالغۇز ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ھايات غەلدىغەشلىرىنى بىرياققا قايرىپ قويۇپ، يېڭى ھاياتنى باشلاپ بېقىش ئۈچۈن توي قىلىشقا ئالدىرىغان ئەمەسمىدىم؟! شارائىتى ياخشى، چوڭ ئۆيلەر ماڭا سوغۇق ۋە قاراڭغۇ بىلىنگەن، يالغۇزلۇقتا ئۇيقۇ كەلمىگەن، كەچمىش خىياللار كاللامنى چىرمىۋېلىپ مېنى قىينىغان.. شۇ ۋاقىتلاردا ھاياتىمنى بىر رېتىمغا كىرگىزىۋالمىسام ھېچ ئىش قىلالمايدىغاندەك ئويدىلا يۈرگەن ئېدىم. دەرۋەقە توي قىلدىم... ئەمما، ئىشلار ئەسلا پىلانىمدىكىدەك بولمىغان ئېدى.. مەن ئازغىنە بىر چۈشكۈنلۈك ۋە يالغۇزلۇققا چىدىماي قالغان ئېدىم، ئەمدى بولسا مەن چىدىيالمىغان شۇ ئىشلارنىڭ ئون ھەسسىسىدىن ئارتۇقىغا زورۇقۇپ چىداپ كېلىۋاتاتتىم.

ئەگەر ئايالىمنىڭ ئېلىپ چىقالىغان بولسام بۇ دەرىجىدە زورۇقۇش بولماسلىقى مۇمكىن ئېدى. بەلكىم يىغقان پۇلغا ئاز-تولا  قوشۇپ  بىرەر ئۆينىڭ ئېگىسىمۇ بولۇپ قالار بولغىتتۇق،  خىيالىمدىكىدەك ۋە پىلانىمدىكىدەك مەن تۈركىيەدىكى ياخشى بىر مەكتەپدە داۋام قىلسام، ئۇ يېرىم قالغان ئوقۇشىنى تاماملىسا،  ئوغلىمىز تۇغۇلسا، ئۆزىمىزنىڭ ئىسسىق ئۆيىدە ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلساق، مەكتەپتىن، ئىشتىن كەلگەندە ئۇنى ئەركىلەتسەك، باغچىلارغا بىرگە ئېلىپ چىقساق... بۇ مەن قۇرغان تاتلىق خىياللار ئېدى. ئەسلىدە رىئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغۇدەك غايىۋى خىياللارمۇ ئەمەس، مۇتلەق كۆپ كىشىلەردە بولغان ئائىلە ھاياتى.. لېكىن بۇ خىيال خىيال پېتى قالدى، ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتتى، خۇددى مەن تېخى ئۆي تۇتۇشقا ھازىر بولۇپ پىشىپ يېتىلمىگەندەك توي قىلغاندىن كىيىنمۇ تەغدىر مېنى يەنە بويتاق ھالىتىمدىكى ھالغا ئاپىرىپ قويدى.. «بەلكىم خۇدانىڭ ياخشى بەندىسىنى سىنىغىنىدۇر.. ياكى قىلغان گۇناھلىرىمنىڭ يۇيۇلىشىدۇر» دەپ تەسكىن تاپقۇزاتتىم كۆڭلۈمنى...

شۇنداقتىمۇ ئايالىمنىڭ پاسپورتىنى تېخىچە بەرمەسلىكى مېنى جىلە قىلىپ ساراڭ قىلايلا دەپ قويدى. ئاچچىقلىرىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ كۆپ سەبىر قىلىپ كەتتىم. كۈندە دىگۈدەك ئۆيگە تېلفۇن قىلاتتىم، جېنىم دادامنىڭ، ئاپامنىڭ ئالدىدا ئەزەلدىن ئاۋازىمنى يۇقىرى قىلىپ گەپ قىلىپ باقمىغان مەن، تېلفۇندا كىملەرنىدۇر تىللاپ ۋارقىراپ كىتەتتىم. «قۇربان ھېيتتىن كىيىن، بايرامدىن كىيىن، چاغاندىن كىيىن..» جېنىم دادامنىڭ توختىماي پاسپورتنى سوراپ يېزىدىن شەھەرگە كىرىشلىرى، داۋاملىق «بىر ئازدىن كىيىن» دەپ يېنىپ چىقىشلىرى، مېنىڭ توختىماي تېلفۇن قىلىپ سوراپ تۇرۇشلىرىم، بەزىدە غەزەپلىرىم تېشىپ بىراۋنىڭ ياقىسىنى سىققۇم كىلەتتى، غايىۋانە بىر كىملەرنى تىلاپ كىتەتتىم ئۆز ئۆزۈمگە جىلە بولۇپ. شۇنداق ئۆيدىكىلەر بىلەن پاسپورتنى سوراپ تېلفۇن قىلغان بىر كۈنى ئۆزۈمنى بىلمەي غەزەپتىن ۋارقىراپ تاشلىغىنىم ئۈچۈن تورخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلدىم، تورخانا خوجايىنى ئەلبەتتە مېنىڭ نېمىشقا بۇنچە ھاياجانلىنىپ قالغىنىمنى چۈشەنمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ماڭا قاتتىق ھار كەلدى..

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 20:51:12

داۋامىنى تىزراق كۆرۈشنى ئىستەيمەن.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 07:05:37

بىردەمدىلا تۈگەپ قالدى  دىسە.
داۋامىنى قاچان  ئوقارمىز ئەمدى؟:o

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 07:16:25

Yazma bek yaxshi chiqiwatidu,dawamini saqlaymiz

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 11:29:11

راستىمنى دېگەندە، تۈركىيەگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوقۇشنىڭ بىزلەر كېلىشتىن بۇرۇن تەشۋىق قىلىنغىنىدەك ئۇ دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى، بولۇپمۇ تەبىئىي ۋە سانائەت پەنلىرىدە مەيلى قايسى دەرىجىدە بولسۇن، تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشنىڭ ھايات ئىسراپچىلىقى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئېدىم. تۈركىيەنىڭ ئۆزىگە خاس بولمىغان، ياۋرۇپانى دوراپ بولالمىغان چۇۋالچاق مائارىپ سېستىمىسى، بازارلاشقان شەخسىي ئۇنىۋېرستىتلار، چىرىكلەشكەن دۆلەت ئۇنىۋېرستىتلىرى، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پاترون(باشلىق) لۇق خاراكتېرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىشى، كۆرۈنىشى قاتتىق، مەزمۇنى بوش تۈزۈملەر...  بۇلار ئەلبەتتە مەن كېلىپ ھازىرغىچە ھېس قىلغانلىرىمنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقتىمۇ كېلىپ تۇنجى قېتىملا شۇنچە ئۈمۈد بىلەن ئىستانبۇلدىكى ياخشى ئۇنىۋېرستىت دەپ قارالغان دۆلەت ئۇنىۋېرستىتلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىن ئۆز ئارقا كۆرۈنۈشۈمگە يېقىن دەپ قارىغان پروفېسسورلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك خەت يازغىنىمدا ئاساسەن ھېچقايسىسىنىڭ جاۋاپ قايتۇرمىغانلىقى تۇنجى قېتىم رايىمنى قايتۇرغان ئېدى. بۇرۇن تۈركىيەدىن باشقا يەرلەردىكى پروفېسسرولارغا خەت يازغىنىمدا ئۇلار چوقۇم جاۋاپ قايتۇراتتى، بەزىلىرى ماڭا ئۇنۋېسرتىتقا ۋە ياكى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلىپ ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇلىنىشلارنى قالدۇرۇپ قوياتتى(مۇشۇلارغا ئىلتىماس قىلساڭ مەن ئالىمەن دېگەن مەنىدە)، بەزىلىرى ئالمىسىمۇ چىرايلىق جاۋاپ قايتۇراپ رىغبەتلەندۈرۈپ قوياتتى، يېزىلغان خەتكە جاۋاپ قايتۇرمايدىغان ئىشنى بۇرۇن ئاساسەن كۆرۈپ باقمىغان ئېدىم. خەت يېزىشىمدىكى سەۋەپ ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ «تەتقىقات گورۇپپىلىرىغا» قېتىلىشقا ئىلتىماس قىلىش، ياكى «پ خ ت» نى داۋام قىلىش ياكى بىر مەزگىل «تەجىربىخانىلىرى»دا ئىشلەپ، كىيىن باشقا يەرگە، ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن «تونۇشتۇرغۇچى پروفېسسور» تېپىش ئېدى. شۇنچە ئېگىز-پەسلىكتىن كىيىن ئەلبەتتە كونا پروفېسسورلىرىمدىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئىلتىماس قىلىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ نۇمۇسلۇق تۇيغۇ ئېدى.

مېنىڭ بۇ قەدەر ساددا ئويلىشىم  پۈتۈنلەي تۈركىيە مائارىپ سېستىمىسىنى چۈشەنمەسلىكىمدىن ئىدى. تۈركىيەدە مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش باشقا يەرلەردىكىگە ئوخشىمايدۇ،  تۈركىيەدىكى ئاتالمىش «پروفېسسور. دوكتور پالانچى پالانچى» نامىنى ئالغان كىشىلەر باشقا پروفېسسورلارغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ. تۈركىيەنىڭ مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكىغا سالغان سېلىنمىسى باشقا دۆلەتلەرگە يەتمەيدۇ، شۇڭا ئىشلەيمەن دېگەن پروفېسسورلارنىڭمۇ تەتقىقات مەبلىغى ۋە گورۇپپىسى بولمايدۇ.  قۇلايلاشتۇرغۇچى بولماستىن توسالغۇ بولغۇچى ئىش بېجىرىش ئۇسۇللىرى ۋە ئەسلەھەلىرى، بىئوكراتلىق ھەمدە باشقا ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپ قىلغۇچى تۈزۈملەر مائارىپ سېستىمىسىغىمۇ چۇڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئىدى. بۇ يەردە بولۇپمۇ دۆلەت ئۇنىۋېرستىتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلار خوجا، پاترون، ئوقۇغۇچىلار بولسا بىچارە ئىدى.

دەسلەپتىلا بۇ يەردە ئوقۇشنى ياختۇرمىغىنىمغا  قارشى يەنىلا تۈركىيەدە زورۇقۇپ تۇرۇپ قالدىم. ئايالىمنىڭ چالا قالغان ئوقۇشىنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن تۈركىيە ئەڭ مۇۋاپىق جاي ئېدى، مېنىڭ بىلەن توي قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ  ئوقۇشى چالا قالغان ئۇنى ئوقۇش شارائىتىغا ئېگە قىلىش مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئازغىنە بولسىمۇ تەسكىن تاپقۇزاتتى. ئۇنىڭدىن قالسا مېنىڭ كىلىپ بولغان تۈركىيەدە قالماي باشقا چارەممۇ يوق ئېدى شۇ ۋاقىتقىچە... شۇڭا مېنىڭمۇ ئوقۇشنى بۇ يەردىن تاپمايمۇ ئامالىم يوق ئېدى.
دۆلەت ئۇنىۋېرستىتلىرىدىكى پروفېسسورلار خەت قايتۇرمىغاندىن كىيىن شەخسىي مەكتەپلەرگە يۈزلىنىپ داۋاملىق خەت يېزىشقا باشلىدىم. راستىنى ئېيتقاندا دەسلەپتە مەندە شەخسىي مەكتەپلەرگە قارىتا بىرتەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت بولسا كېرەك، ئۇلاردا ئوقۇشنى ئانچە ياختۇرىغان ئىكەنمەن، شۇڭا دۆلەت مەكتەپلىرىدىن سادا كەلمىگەندىن كىيىن تاللىشىم شەخسىي مەكتەپلەر قالغان ئېدى. بۇ قېتىم بىر ئىككى پروفېسسور جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ، ھەر ھالدا قايتۇرغىنىدىن خوش بولدۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى مېنى مەكتەپكە كېلىپ زىيارەت قىلىشقا ۋە كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان ئېدى. شۇ چاغدا سەل قارىغىنىمدىنمۇ، يېڭىچىلىقتا بىلمىگەنلىكتىنمۇ ئەيتاۋۇر كۆرۈشۈشكە بارمىدىم. كىينكى ۋاقىتلاردا بىلسەم بۇ ئۇنىۋېرستىت تۈركىيەدىكى شەخسىي مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردىن بىرى ئىكەن..

ئەمدى بىردىن بىر يولۇم تۈركىيەنىڭ ئۇنىۋېسرتىتقا كىرىش ئىنتاھاننى بېرىشتا قالدى. دېمىسىمۇ تۈركىيەدە مەكتەپكە كىرىش ئۇسۇلى مەن بۇرۇن بىلگەن پروفېسسورلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇنىڭ ئارقىلىق ئوقۇش مۇكاپاتىغا  ۋە|ياكى مەكتەپكە ئىلتىما قىلىش شەكلىگە ئوخشىمايتتى. خۇددى ئامىېركىدىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلغاندا GRE ئىنتاھانى بەرگەنگە ئوخشاش بۇ يەردىمۇ ALES  ئىنتاھانى بېرىش چوقۇم زۆرۈر ئىكەن. مەزكۇر ئىنتاھاننى GRE نىڭ تۈركچە نوسخىسى  دېسەكمۇ بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇتۇش تىلى تامامەن ئېنىگىلىزچە بولمىسىمۇ TOEFL ياكى IELTS ئىنتاھانلىرىنى خېلى يۇقىرى نۇمۇرلانى ئېلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. مېنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدىغىنى مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكىسىنىڭ  ئامېركا ۋە ياۋرۇپاغا سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇەك دەرجىدە تۆۋەنلىكىگە قارىماي، مەكتەپكە كىرىش تەلەپلىرىنىڭ ئۇلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش ھەتتا يۇقىرى بولىشى ئېدى. مۇشۇ تەلەپلەرنى قاندۇرغاندىن كىيىن تېخى ئوقۇش مۇكاپاتىمۇ يوق، ئۆزى پۇل تۆلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان گەپ. شۇڭا ھەقىقى ئوقۇغۇسى بار تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسەن ئامېركا، ياۋرۇپاغا چىقىپ ئوقۇشنى تاللىشى مۇشۇنىڭدىن بولسا كېرەك...

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:09:42

تۈركىيەدە ئىلخەتنى باشقا ئەللەردىكىدەك كوپ ئىشلىتىپ كەتمەيدىكەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 18:33:50

ئاخىرى قېنى بىلىگ ئەپەندى

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 01:36:22

nasin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 12:09 static/image/common/back.gif
تۈركىيەدە ئىلخەتنى باشقا ئەللەردىكىدەك كوپ ئىشلىتىپ ك ...

مەنمۇ شۇنداقراق ھېس قىلدىم.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 02:33:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-3 02:53  

9. بەل باغلاش

تولا ساقلاپ ئاخىرى ئۈمۈدۈمنى ئۈزدۈم، ئۇنىڭ ئاي كۈنى يېقىنلاپ قالغان ئېدى. بۇ سائەتكە كەلگەندە پاسپورتنى ئېلىشنىڭمۇ زۆرۈرىيتى قالمىغاندەك تۇراتتى.  قايتىپ كىتەي دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە، تۈركچە ئۆگەنگىنىم، ئىستانبۇلنى كۆرىۋالغېنىم قالار دەپ ئويلىدىم. تۈركچە كۇرسنى تۈگىتىپ ھېلقى ALES  دېگەن ئىنتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقانغا بىرەر ئايچە بولۇپ قالغان ئېدى. راستىمنى ئېيتسام بۇ ئىنتاھانلارنى بېرىپ تۈركىيەدە ئوقۇشقا راھىم بار-يوقلۇقىغا ئۆزۈممۇ بىر نەرسە دېيەلمەيتتىم. «ئۆيدىكى ھېساپ تالاغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك كېلىپ بىردەمدە يېرىم يىل ئۆتۈپ، يىل ئۆرۈلەي دەپ قاپتۇ. تۈركىيەدىكى بىرەر مەكتەپتىن پروفېسسور تېپىپ، ئىشلەپ تۇرۇش، ئايالىمنى ئېلىپ چىقىپ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۈرۈش باشتا قىلىنغان پىلان ۋە خىيال پېتى قالدى.. ئەمدى تۈركىيەدە ئوقۇش خىيالىدىن ۋاز كېچىشكە باشلىدىم. ئەلبەتتە بۇ ئوقۇش خىيالىدىن ۋاز كەچكىنىم ئەمەس، بەلكىم باشقا يەرلەرگە ئاخىرقى قېتىم ئۇرۇنۇپ بېقىشىم كىرەكتۇ..   

يېڭى يىل يېقىنلىشىشقا ئەگىشىىپ مەندە ئەندىشە ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى يەنە ئارتىشقا باشلىدى. بۇ پېتى ئۆتۈپ كىتىۋەرسە بولمايتتى. ئېغىر بىر يۈككە ئوخشاش سومكامغا ماتېرىياللارنى قايتا سالدىم، «يېڭى يىل ئېرادىسى» تىكلىدىم ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە ئاز-تولا  كۈچ كىرگەندەك ھېس قىلدىم. كۆرىمەن دەپ ئېلىۋالغان، لېكىن كۆرۈپ باقمىغان ماتېرىياللىرىم بار ئېدى. تۈركىيەدىن ۋاز كېچىپ ئامىركىغا ئىلتىماس قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرلىقلارنى باشلىشىم، نېمە كېرەك بولسا شۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشىم كېرەك ئېدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەقەللىيسى GRE  ئېدى ئەلبەتتە. بۇ ئىنتاھان ماڭا ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە سىرلىق تۇيۇلاتتى، ئىلگىرىكى ئىلتىماسلىرىمدا بۇ ئىنتاھان تەلەپ قىلىنمىغان ياكى بىكار قىلىۋېتىلگەن، ئەمدى بۇ ئىنتاھاننى چوقۇم بېرىشىم كېرەك ئېدى. راستىمنى ئېيتسام ئىلگىرى ئامىركىدا ئوقۇشنى خىيال قىلماپتىكەنمەن، نېمە ئۈچۈنلىكى ماڭا نامەلەم، بەلكىم زىيادە يۈكسەكتىدۇر..

شۇڭا سومكىغا لىق كېلىدىغان چوڭ، قېلىن كىتاپنى ئېچىپ تەييارلىقنى يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ كەتمەكچى ئېدىم. لېكىن، ئېسىمدىن چىقمايدىغان قىزىقارلىق ئىش يۈز بەردى. دەل يېڭى يىل كۈنى، سومكامغا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالدا كۆپ ماتېرىيال قاچىلاپ، مەكتەپكە كەلگەن ئېدىم. گەرچە تۆت سائەتلا تۈركچە دەرس بولسىمۇ، ئۆيگە قايتماي بوش سىنىپتىن بىرىگە بېكىندىم. مەخسىدىم يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى قاتتىق ئۆنۈم قازىنىش ئېدى. ئۆيگە كەتسەم، ئۆينىڭ ئۇيقۇنى كەلتۈرگۈدەك خىرە ۋە سۆرۈن،  دول قورۇغۇدەك سوغۇقلىقى ھەمدە ئۆيدە يوتقانغا كىرىپ پۇت سۇنۇپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈش ياكى ئۇخلاشتىن باشقىسىغا خوش ياقمايدىغانلىقى مۇھىم بىر سەۋەپ ئېدى ئەلبەتتە. بىر نەرسىگە كىرىشمەي، كىرىشكەندە ئىچىگە كىرىپلا كېتىدىغان مىجەزىم بار. بىر چاغدا بېشىمنى كۆتۈرۈپ، ئەتىراپنىڭ جىمجىت ئىكەنلىكىنى بايقاپ، سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئاچسام زال قاپقاراڭغۇ، ئىنسى-جىن قالمىغان ئىكەن. ئوھ دېدىم ئەندىكىپ، سائەت بىر يەرگە بېرىپ قالغان، ھەممە ئىشىكلەر تاقالغان ئىكەن. مەن ئولتۇرغان سىنىپنى ئېچىپ باقماي، مېنى بايقىماي تاقاپ كېتىپ قالغان ئىكەن. بىر ھازا نېمە قىلشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم، سىنىپتا ئۇخلاپ قالاي دېسەممۇ قورسىقۇم ناغرا چېلىپ كېتىۋاتاتتى...

تۇيۇقسىز مەلۇم بىر تۈركچە ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى خاتىرلىۋالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى، ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم بۇ كېچىدە، مەجبۇر ئېدىم. تەلىيىمگە تېلفۇننى ئالدى، بەلكىم يېڭى يىل كېچىسى دەپ ئۇخلىمىغان بولسا كېرەك، نېمىلا بولمىسۇن خۇددى ئۇ كېلىپ مېنى قۇتقۇزىۋالىدىغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم ۋە تېلفۇندا ئۆزۈمنىڭ سىنىپتا سولىنىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم. چاخچاقچى مۇئەللىم ئېدى، كۈلدۈردى چاخچاق قىلىپ، خىجىللىقىم ئۇچۇپ كەتتى. ئۇ مودېرغا تېلفۇن قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق ئىشىكنى ئاچىدىغان ئادەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى دەپ تېلفۇننى قويىۋەتتى. قورساق ئاچلىقتا ئۆيگە كەتسەم نېمە يەيدىغانلىقىمنى خىيال قىلىپ، ساقلاپ ئولتۇردۇم. ھېچكىم كەلمىدى، قايتا تېلفۇن قىلىشتىن خىجىل بولدۇم، ساقلىماقتىن باشقا ئامالىم يوق ئېدى..

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-3 10:04:00

ئۇنداق قىلماڭلار سادىغاڭ كىتەيلەر،توختاپ قالماي يېزىپ تۇرۇڭلار،نۇرغۇن ئىشلارنى مۇشۇنداق يازمىلاردىن بىلىۋالدىكەنمىز،مەندەكلەرگە چېگرەدىن چىقىپ ئۇقۇش پۇرسىتى بولمىغاندىكىن مۇشۇنداق يازمىلارنى كۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بىلىم ئىدى ...ھەتتىڭەي
بەت: 1 2 3 [4] 5
: (بىلىك)كۈلۈپ باقايچۇ..