Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 02:28:31

3. تۈركىيە ئۈمۈدى

  
بىر ئايغا يېقىن ساياھەت قىلىپ كەلدۇق، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كاللامدا كەلگۈسىمىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلا بار ئىدى. ئائىلە قۇرغان ئىكەنمەن، بۇ ئائىلىگە مەسئۇل بولمىسام بولمايدۇ! ئۆزۈمنى دەڭسەپ باقسام، ماڭا ھېچ نورمال تۇرمۇش پۇرسىتى يوق ئىكەن! ھەتتا ھەممىدىن ۋاز كېچىپ بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلىقىمنى قىلاي دىسەممۇ ئۇ ئورۇن ماڭا يوق ئىدى. تىجارەتنى بولسا قاملاشتۇرالماسلىقىم مۇمكىن، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىق، لىكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، پارچە كۇرس ئېچىشنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردۈم. ھەرھالدا مۇنبەرگە چىقىپ دەرس سۆزلىيەلىسەممۇ كۇرسنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەكتەپ بولۇش ئىمكانىيتى ئەسلا يوق! ئاخىرقى ھىساپتا مەن نىمىگە ئېرىشەرمەن؟ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس...

لىكىن يۈرىكىمنى ئاڭلاپ باقسام، مەندە بىرلا ناھايىتى ئاددى نىشان بار ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ نەچچە مىلىيونلىغان پەن-تەتقىقات ساھەسىدە ئىزدىنىپ يۈرىۋاتقان كىشىلەر قاتارىدا بىلىم ئادىمى بولسام، قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمىسىمۇ بىرەر پارچە ئىلمى ماقالە يېزىپ، مۇشۇ ساھەنىڭ ئادىمى سانىلىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ئېدى! مېنىڭ كۆڭۈل خوشۇم مۇشۇنداق پەنلەر ساھەسىدە ئىزدىنىش ئىكەن. قولۇمدىن ئازىراق ئىش كەلسىكەن، ھېچ بولمىغاندا بىلىمنى كوزۇر قىلىپ كۈچلۈك بولسامكەن دەپلا ئويلايدىكەنمەن. تىنىچ تۇرۇپ ئويلاپ باقسام بۇ ئارزۇدىن قەدئىي ۋاز كەچكۈم كەلمەيدىكەن! شۇنچە جاپالىرىم، ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقتىكى ئەندىشە، تەشۋېشلىرىم نىمىدىن!؟ دەل مۇشۇ نىشان ئۈچۈن ئەمەسمىدى!؟

مېنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆتىدىغان ئاغىنىللىرىم ئاللىقاچان 10 نەچچە يىللىق تۇرۇمۇش ۋە ياكى خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولۇپ بولدى، مۇقىم ئائىلە ۋە ئۆيگە ئىگە بولۇپ بولدى، ھەتتا ئالدى اللەنىڭ بەركىتى بىلەن مىلىيونلاپ پۇل تاپتى. مەنمۇ تىجارەت قىلغان بولسام ياكى خىزمەت قىلغان بولسام باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئىدى دىگەن گەپمۇ ئەمەس. ئەلبەتتە بۇ ئۆزۈم تاللىغان ھاياتلىق يولى. ئەڭ ئەقەللىيسى، تۇيۇقسىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ بىر ئائىلىگە مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيتى يۈكلەنگەن مۇشۇنداق پەيىتتە نە مۇقىم كىرىم مەنبەسى، نە كەسپى، نە ئۆيى بولمىغان مەندەك بىر بىچارىگە ئۆزۈم مېڭىپ بىريەرگە كەلگەن يولۇمنى داۋاملاشتۇرماقتىن باشقا ھېچ چارە يوقتەكلا تۇراتتى...

كەسپىم ۋە قىزىقىشىمغا نىسبەتەن تۈركىيە ئانچە ۋاي دەپ كەتكۈدەك دۆلەت بولمىسىمۇ تېخى ئالىي مەكتەپنى تۈگەتمىگەن ئايالىمنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇشىنى داۋام قىلىشى، ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇ يەردە يېڭىدىن ئوقۇش پۇرسىتىنى تېپىشىم مەنچە  «ئاقىلانە تاللاش» ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە شۇنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان ئىدىم. بۇلاردىن  ئۆيدىكىلەرمۇ، ئۇمۇ خەۋەرسىز، مەن قايتىپ كىلىپلا ساياھەت باھانىسى بىلەن ئۇنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ئېدىم، ساياھەت داۋامىدا مۇۋاپىق پەيىت تېپىپ ئۇنىڭغا ھەممىنى دىمەكچى بولغان بولساممۇ دىيەلمىگەن ئېدىم. گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھەم مەڭگۈ مۇشۇنداق گۈزەل ئويۇن-تاماشالار بىلەن ياشايدىغاندەك ھەممىنى ئۇنتۇپ، «ساياھەت قىلىۋاتىمىز» دەپ ئايلىنىپ يۈرگەن ۋاقتىمىزدا يەنىلا دادام تېلىفۇن قىلىپ ئالدىراتقىلى تۇردى. ئۇنىڭ ئالدىراتقىنىنىڭ سەۋەبى پاسپورتنى تىزىرەك ئالمىساق بولمايتتى، مەن سەئۇدىيدىكى مەكتىۋىمگە كىچىكىپ قالاتتىم، شۇنداق بولسا پروففېسورۇمغا يامان كۆرۈنۈپ قالاتتىم.. مېھرىبان دادام ئەزەلدىن مۇشۇنداق، بۇرۇندىن بىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ...

ئەپسۇس دادام ئەمەلىي ئەھۋالنى تېخى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىپ قېلىشىدىن بەكمۇ قورقاتتىم! چۈنكى ئۇنىڭغا ئېغىركىلىشى ۋە بەكمۇ ئۈمۈدسىزلىنىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى، مۇھىمى سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، ئۆيگە يېنىپ كەلگەندىن كىيىن ئايالىم ئۈچۈن پاسپورتنىڭ يولىغا ماڭدۇق. پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن قولۇمدا كونا تەكلىپنامە، كونا ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتلىرى بار ئىدى. « بۇ چاقىرىق بولمايدۇ» دەپ ياندۇرىۋەتكەن، مېنىڭ جىددىيلىشىپ، سەئۇدىيدىكى مەكتەپتە خاتالىشىشىمغا ۋە مەكتەپتىن چېكىنىشىمىگە سەۋەپ بولغان ھېلقى چاقىرىقنامىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى، بەلكىم ناھايىتى پەسكەش بىر غەرەز ۋە نىيەتتە قەستەن تەسلەشتۈرۈلگىنىنى ھېس قىلدىم. ھېلقى بولمايدىغان چاقىرىقنامە ۋە باشقا ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ بەردۇق، پاسپورت چىقىدىغان بولدى...

پاسپورت ئېلىش جەرىيانى بىز تەرەپتە تولىمۇ جاپالىق. قاتمۇ-قات تەلەپلەر، جەدىۋەللەر، بىرەر ۋاراقچىگە قول قويدۇرۇش ئۈچۈن ھەپتىلەپ، ھەپتىلەپ كۈتۈشلەر، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا دوقۇرۇشلار، قاق سەھەردە ئىشخانا ئالدىدا تەلمۈرۈپ ساقلاشلارغا قارىماي قۇرۇق قول يىنىپ كىتىشلەر... مۇشۇنداق باسقۇچلاردىن سەبرىچانىق ۋە «بىزەڭلىك» بىلەن تەكرار-تەكرار ئۆتكەندىن كىيىن ھەممە ماتېرىياللىرىڭىز تولۇق بولغان بولسىمۇ بىرەر تونۇشۇڭىزنىڭ تونۇشۇغا دەپ يالھۇرۇپ پاسپورتنى ئالالىشىڭىز مۇمكىن... گەرچە خۇددى نورمال ئىشتەك بولۇپ كەتكەن، ھەممە نەرسە پۇل بىلەن ئۆلچىنىپ كەتكەن جەمىيەت ئىچىدە ئىكەنلىكىمدىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋرىم بولسىمۇ ئارقا ئىشىكتىن مېڭىشنى قەدئىي توغرا تاپمايتتىم. ناھايىتى ساددا چۈشەنچە بىلەن نىمىنى دىسە شۇنى تەييارلاپ بېرىپ، نىمە دىسە سەبرى قىلىپ ساقلاپ پاسپورتنى ئالماقچى بولغانتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيەدىن جاۋاپ كەلمىگۈچە ئالدىراپ ماڭالمايتتىم..

شۇنداق قىلىپ بىر ئاي بۇرۇن چىقىپ بولغان پاسپورتنى، ئاقماس باھانە ۋە ئۇششاق تەلەپلىرىنى جايىغا كەلتۈرۈپ، تونۇشنىڭ تونۇشلىرىغا دېگۈزۈپ، سۈيلەتكۈزۈپ يۈرۈپ پاسپورتنىمۇ قولىمىزغا ئالغان بولدۇق.  لىكىن، جاۋاپ تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى، ئەنسىرەشكە باشلاۋاتاتتىم. نىمىلا بولمىسۇن، پاسپورتنى قولغا ئالغاندىن كىيىن ئەمدى ماڭماي ئىلاجىمىز يوق. ئائىلىدە ئاپامدىن بۆلەك ھېچكىم ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدۇ، دادام بولسا مېنى ھە دەپ «مەكتەپكە كىچىكىپ قالىسەن» دەپ ئالدىرىتىۋاتاتتى...

شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ يەنە ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭدۇق. ماڭغاندا قانداقتۇر ئازىراق بولۇمسىز  ھېس ئىچىمنى سوغۇق قىلاتتى. جاۋاپ كەلگۈچە مەن ھە دەپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرگۈم كىلەتتى. «ھېچ بولمىغاندا ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر ماتېرىياللارنى تەييارلىغىچە ھەپتە ئون كۈن كەتسە، ئۇنىڭ ئارلىقىدا جاۋاپ كىلىپ قالار، ئۇنداق بولمىسىمۇ، بېيجىنغا بىرىپ ئۇ يەردە بىرەر ھەپتە ساقلىغۇچە...» لېكىن، شۇ قېتىم قېرىشقاندەك جاۋاپ ئەسلى دىگەن ۋاقىتىتا كەلمىدى، پەقەت ئاخىرقى جاۋاپ ۋاقتىنىڭ كىچىكتۈرۈلگەنلىك خەۋرى كەلگەن ئىدى. كىچىكسىمۇ بىرەر جاۋاپ كەلسە، تىنەپ تەنتىرەپ قالماي بۇ پۇرسەتكە ئۇلىشىۋالسام، قالغان ئىشلارنىڭ ئالدىرىماي ئىزىغا چۈشۈپ كىتىشىگە ئىشىنەتتىم. ئۇ تېخىچە ئەھۋالدىن خەۋەرسىز، ئۆزىنى ئەرەبىستانغا مېڭىۋاتىمەن دەپ ئويلاۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا كىيىن ئايروپىلانغا چىققاندا چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى قارار قىلدىم. ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇيدىغىننى ئۇقسا بەلكىم خوش بولىشىمۇ مۇمكىن!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 02:51:07

ئۈرۈمچىگە چىقىپ نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاخىرى جاۋاپ كەلدى. ئەپسۇس جاۋاپ ماڭىلا كەلدى، ئايالىم ئۈچۈن بولسا پاسپورتى بولمىغاچقا رەت قىلىنغانلىق جاۋابى كەپتۇ. بوپتۇ، خەير! مىنىڭ بىلەن چىقسا ئۇ يەردە بىرگەپ بولار، ئۆز ئىختىسادىمىز بىلەن ئوقۇسا ۋە ھېچ بولمىسا تىلنى بولسىمۇ ئۆگىنىپ قالار دەپ ئويلىدىم. ئۇ بۇلارنى بىلمەيتتى، بۇ ماتېرىياللارنى ئەرەبىستانغا چىقىش ئۈچۈن بىجىرىۋاتىمىز دەپ چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن تاپشۇرۇپ قويغان گۇۋالىق ماتېرىياللىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۈشەنبىنى ساقلاپ قالدۇق...

خاتىرجەم چىقىپ كىتىۋالغۇچە ئەندىشىللىرىم ئۇلغۇيۇپ كەتكىلى تۇردى. ئادەم مىڭ ئەندىشە قىلىپ قورقسىمۇ يۈز بىرىدىغان ئىش بەرىبىر يۈز بەرگەندە، ھەتتا ئەڭ يامان ئاقىبەت يۈز بەرگەندىمۇ كۆتۈرۈپ كىتىدىكەن، كۆتۈرمەيمۇ ئامال يوق! ھادىسە يۈز بەرگەندىكى قورقۇنچ يۈز بەرمەستىن بۇرۇنقى ئەندىشىدىن كۆپ يېنىك ۋە ئاجىز بولىدىكەن، شۇڭا ھەرقانداق ئىشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىسا كىرەك. ئەمەلىيەتتە ئەڭ يامان ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، ئادەم قورققان نەرسىلەر كۆپىنچە ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمەيدۇ، لىكىن ماڭا كەلگەندە قورققانلىرىم بىر بىرلەپ يۈز بەرگىلى تۇردى، خۇددى كۆڭلۈم راست تۇيۇپ تۇرىۋاتقاندەك...

دۈشەنبە كۈنى ماتېرىياللىرىمىزنى قولىمىزغا ئالغاندا ئۇ ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتتى. ئادەتتە بەكلا ئاز گەپ قىلىدىغان ئۇ بۇ كۈنى ئېچىلىپلا كەتتى، بىر يىل ئاۋال ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى دوستلىرى بىلەن بولغان قىزىقارلىق ئىشلىرىنى يول بويى سۆزلەپ مېڭىۋاتاتتى. مەن بولسام قانداقتۇر نامەلەم تەشۋىشلەردىن ئىچىمنى ئاڭلاپ جىم كىتىۋاتاتتىم، ئۇنىڭ بەزى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ، بەزى گەپلىرى كىرمەيتتى، گەپلىرىگە ئىپادە بىلدۈرگەندەك كۈلۈپ قويۇپ جىملا ئۇنىڭ بىلەن كىتىۋاتاتتىم...

دەرۋەقە قورققىنىم يەنە يۈز بەردى! شۇ كۈنى تېلىفۇن كىلىپ بىزنىڭ دەرىھال پاسپورتنى ئەۋەتىپ بىرىشىمىز كىرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى. ماڭا قويۇپ بەرسە قەدئىي ئەۋەتىپ بەرمەيتتىم. « ئازىراق رەسمىيەت كەم قاپتۇ، تىزىملىۋېلىپلا يەنە ئەۋەتىپ بىرىمىز، خاتىرجەم بولۇڭلار...» دىگەن سىلىق سۆزلىرىگە ئىشەنمىسەممۇ، «بويسۇنمىساڭلار پاسپورتنى توڭلىتىۋېتىمىز» دىگەن تەھدىت سۆزىگە ئىشەنمەي ئىلاجىم يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىمنى، ئۇنىڭ بارلىق ماتېرىياللىرىنى، ئۇرۇق ئەۋلادىمىزنىڭ ئۇجۇر بۇجۇر ئۇچۇرلىرى بىلەن قوشۇپ بىر باغلام ھۆججەت توپلاپ ئالغاندىن سىرىت، ئىككى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ كېپىل بولىشى يەتمەي، ئاخىرىدا يەنە بىر خىزمەتچىنى كېپىل قىلدۇرۇپ ئالغان بولغاچقا ئەگەر بىز پاسپورتنى ئەۋەتىپ بەرمىسەك خاپىلىق ئائىلىمىز بىلەنلا قالماي، كىپىل بولۇپ بەرگەن ئۈچ كىشىگىمۇ ئاۋارىچىلىق بولىشى ئېنىق ئىدى...

بۇ ئىشنىڭ پىشىپ بولغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەن بولسىمۇ يەنىلا قاندااقتۇر ھېلقى ياغلىما گەپلەرگە ئىشىنىشتەك ساددا خىياللىرىممۇ يوق ئەمەس ئىدى. چوڭلار بولسا ئۇلارنىڭ ھەممە سۆزىگە رەسمىي ئىشىنىدۇ. ئۇلارمۇ: « ۋاي بالام، شاپپىدە سېلىۋەت، ئۇلار تىزىملىۋالغاندىن كىيىنلا مەن يەنە ئاپتۇزدىن سېلىۋېتىمەن...» دادام ئاشۇنداق ساددا ۋە راستچىل، ئەزەلدىن ئۆزىمۇ يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا بىر دۆلەت كادىرىنىڭ يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىغا ئاجايىپ ئىشىنىدۇ. دادامغۇ كادىر ۋە ئاز تولا ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم، ئايالىمنىڭ ئۆيدىكىللىرى ساقچىدىن تېلىفۇن كېلىپ بولغۇچە ئولتۇرالماي قاپتۇ. ئۇلار تۇشمۇ تۇشتىن ئەۋەتىپ بېرىشىمىزنى ئېيتىپ تېلفۇن قىلغىلى تۇردى. ئايالىم نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي(ئۇ كۆپ كىچىك، ئىشلارنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى تېخى بىلمەيدۇ) بىر نەرسىلەردىن قورقۇپ ئەندىككەندەك مېنىڭ كۆزۈمگە قارايتتى...

ئەتىسى ھاۋا بەكمۇ تۇتۇلۇپ كەتتى... قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقانلىقىغا قارىماي پاسپورتنى ئاپتوبۇستىن سېلىۋەتتۇق. لېكىن كۆڭلۈمگە ھېچ ياخشى پىكىر كەلمىدى،  پاسپورتنى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدىم. بىچارە دادام بولسا  ‹‹تىزىملىۋېلىپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ›› دەپ ساقلاپتۇ، ئەتىسى كىرىپ يەنە ساقلاپتۇ، يا ئېنىق گەپ قىلمىغاچقا، ئۆگۈنى كىرىپ يەنە ساقلاپتۇ... مۇشۇنداق تەكىرار ھەپتە كىرگەندىن كىيىن ھەج ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ قالغىننى شۇڭا بارلىق تۇغقان يوقلاش پاسپورتلىرىنىڭ يىغىۋېلىنغىننى شۇڭا ھەجدىن كىيىن ئالالايدىغانلىقىمىزنى دەپتۇمىش... بىز ئەنە شۇندق ھەقىقەتەن «غەزەر ئۇقماس» ساددا ئادەملەر! بىز ئۈرۈمچىدە تىتىت بولۇپ ھەپتە ساقلىدۇق. ئاخىرقى ئۈمۈدنى ھەجدىن كىيىن بىرىدىغانلىقىغا قويۇپ(ھەج ۋاقتىغىمۇ بىرەر ئىككى ئاي قالغان) زور ئۈمۈد بىلەن چامادانلىرىنى تەييارلاپ ئۆزۈم ئالدىنئالا مېىڭىپ تۇرۇشنى قارار قىلدىم.

راستىمنى ئېيتسام مېنىڭمۇ ئۇنى شۇنداق ھالىتىدە تاشلاپ ھېچيەرگە ماڭغۇم يوق، لىكىن ماڭماي ئېلاجىممۇ يوق ئىدى! مېنىڭ بىرلا قورقۇنچۇم، سىرلىرىمنىڭ ئاشكارە بولۇپ كىتىشى ئىدى، بالدۇرراق چىقىپ كىتىۋالسام ياخشى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتمۇ قىستاپلا قالدى، ئۆزۈمچە ئۇ يەرگە كىچىكسەم قۇرۇق قالىمەن دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم. چۈنكى نىمىلا بولمىسۇن بۇ مېنىڭ تۇتىۋالمىسام بولمايدىغان ، مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىم ۋە پىلانىمغا ماس كىلىدىغان پۇرسەت ئىدى. بۇ پۇرسەت بولمىغان بولسا ئىدى، مەن نەگە بېشىمنى تىقىپ، نەلەردە يۈرەرمەن؟  «ئېچىنىشلىق» مەغلۇبىيتىمنى يېقىنلىرىمدىن قانداقمۇ يوشۇرارمەن؟! خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ يۈزۈمنى كۆتۈرەر بولغىيتتىم؟! ئىشقىلىپ بۇ تۇيدۇرماي ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالىدىغان، بىر نەپەس ئېلىۋالىدىغان پۇرسەت بولىشى مۇمكىن...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 03:07:44


ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ تۇرىمەن...بۇ ھالەتتە ئۇنى تاشلاپ مېڭىشىم ئۇنىڭغا ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر كەلگەن بولىشى مۇمكىن، لىكىن مەندە باشقا ئامال يوق ئىدى. بۈگۈن ماڭىمەن، ھاۋا بىر خىل خىرە ۋە تۇتۇق، سوغۇق باشلانغىلىۋاتىدۇ. بىر خىل ناخۇش كەيپىياتتا بازار ئايلاندۇق. شۇنچە گەپلەرنى قىلىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشقا تىرىشقان بولساممۇ ئۇنىڭ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماسلىقى مىنى تېرىكتۈرۈپ قويغىلى تۇردى. ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭغا ھەممىنى دەۋىتەيمۇ دىدىم، لېكىن دىيىشنى ئەپسىز ۋە ۋاقتى ئەمەستەك ھىس قىلىپ بوغۇزۇمغا كەلگەن گەپنى ئۆمەللەپ يۇتىۋەتتىم. سۆزۈمنى باشقا ياققا بۇراپ ئۇنى ئۈمۈدلەندۈرمەكتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى...بۈگۈن ھەقىقەتەن ماڭىدىغان بولغاندا ئۇنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىغان ۋە ئاچچىقتىن ئۆرتەنگەن بولساممۇ مېڭىشقا مەجبۇر ئىدىم!

ئەتىسى بىر كۈن بازار ئايلاندۇق، ئەمەلىيەتتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ كوچىلاردا قۇرۇق ئايلىنىپ ماڭدۇق. ئۇنىڭغا ئامراق نەرسىلىرىدىن ئېلىپ بېرىپ زورلاپمۇ ھىچنىمە يىگۈزەلمىدىم، پەقەت ئۈنسىزلا ماڭا ئەگىشىپ ماڭاتتى، كوچىلار سوغۇق، كىيىن سوغۇق چۈشۈپ كىتىشى مۇمكىن، كىشىلەرئالدىراش تىرىكچىلىكتە، بەلكىم ئۇلارمۇ ھاياتلىق سەپەرلىرىدە چارچاپ كەتسىمۇ توختىماي مېڭىشقا مەجبۇردۇر، بەلكىم ئۇلار خۇشالدۇر... مەسجىت ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىىۋېتىپ خېرىدارى بىلەن شۇنداق خۇشال ۋە قىزغىن دۇنيا پاراڭلىرىنى قىلىپ توختىماي ئاياق سۈرتىۋاتقان بىر كىشى ئالدىدا توختاپ قالدىم. ئۇنىڭ يەنە كىچىككىنە يايمىسىدا ئەتىر، ئىپار، تەسۋىر، دوپپا،.. دېگەندەك ھەرخىل  بويۇملار بار ئىدى. يەنە بەلگە تاقىۋالسا ئىىسسىق تۇتىدىغان بەللىك مۇ تۇراتتى، قىزىقىپ قولۇمغا ئالدىم. سەئۇدىيدىكى ۋاقىتتا شامالدۇرغۇچلۇق ئۆيلەردە تولا ئولتۇرۇپ سوغۇق ئۆتكۈزىۋالغانىدىم... ئاغزىمدىن چىققان باھاغىلا بىرىۋەتتى، ئوڭ-تەتۈرسىگە قاراۋاتسام ‹‹ئىتنىڭ تىرىسى...›› دېۋىدى كۆڭلۈم كۆتۈرمەي قويۇپ قويدۇم...

شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئۇنى يىتتۈرۈپ قويۇپ بەك ئەندىكتىم ھەم بىر تەرەپتىن يەنە ئاچچىقىم كەلدى، چۈنكى ئۇ ماڭا يەنە قىيدىدىمىكىن دەپ گۇمان قىلغان ئىدىم. ئۇ بەك ئاسان قېيداپ خاپا قىلىدىغان بولىۋالغان، بەزىدە خۇددى كىچىك بالىنى گوللىغاندەك ئەركىلىتىپ كۈنۈم كىتەتتى، بەزىدە گوللاپ بولالماي راستىنلا تىرىكىپ قالاتتىم... ئۇنىڭ يېنىدا تېلفۇن يوق، قانداق تېپىشنى بىلمەي جىلە بولۇپ كىتىۋاتاتتىم. يېنمدىكى قېرىندېشىم ئەنسىرمەسلىكنى تاپلاپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەمرا سىڭلىسى بىرگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ شەھەرنى ياخشى بىلىدىغىننى بىلسەممۇ ئەنسىرەشتىن خالى بولالمايۋاتاتتىم. خېلى ئۇزۇن ساقلاپ، ئۇياق بۇياقلارغا قاراپ شۇنچە كۆپ كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۇنى تاپالماي خاپىلىقتا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئەسلى ئۇنىڭغا ھەممىنى دىمەكچى ئىدىم، ئەلبەتتە ئۆي ئەپسىز بولغاچقا، ئايرىم ئولتۇرۇپ بىرسائەت پاراڭلاشماقچى، ئۇنىڭغا سەمىمى سۆزۈم ۋە پىلانىمنى دىيشنى قارار قىلغان ئىدىم...

لېكىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا يەنە ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئېلىپ چىققان چامادانلىرى ئۆزى بىلەن قالدى. يۈك تاقىلىرىمنى قايتا يىغىشتۇرىۋاتقاندا ماڭا بىرنەرسىنى ئۇزاتتى، قارىسام شۇنداق سىپتا ۋە چىرايلىق تىكىلگەن بەللىك، «قوينىڭ تېرىسى...» دەپ بوشقىغا ئاۋازى بىلەن قوشۇپ قويدى... ئەسلىدە شۇنى ئىزدەپ كىتىپ قالغان ئىكەن. ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كەلگىنىدىن ئازىراق پۇشايمان قىلدىم ۋە بىرخىل تەسۋىرلىگۈسىز تۇيغۇ بىلەن قولۇمغا ئالدىم. ھاۋا سوۋۇپ كىتىۋاتاتتى، ھۇجۇدۇمغا بىر خىل ئىسسىق سىزىم تارالغاندەك بولدى. مۇشۇ پەيتتە ئۇ ماڭا كىچىك، مىشچان ئەمەس،  مۇھەببەتلىك، پىشقان ئايالىم بولۇپ كۆرۈنىۋاتاتتى. كىچىككىنە بىرنەرسىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتىپ، نىكاھتىن باشلانغان مۇھەببەت رىشتىسىنى ئۈزۈلمەس ئەقىدە يىپلىرى بىلەن باغلاشقا قادىر ئىكەن. مانا ئىككى يىلدىن بىرى تۈركىيەدىكى دېڭىز بويى نەم سوغۇقلىرىدا بېلىمگە تېڭىۋالغان بۇ بەللىك ئۇنى ئويلاشقا، ئۇنى سېغىنىشقا ۋە جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىشقا سەۋەپ بولغان بولسا كېرەك...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 03:26:24

يەنىلا پاسپورتتىن ئۈمۈد ئۈزمىگەن ھالەتتە بېيجىڭغا يالغۇز مېڭىپ كەتتىم. ئۇ مېنى ئايرودورۇمغىچىلا ئۇزۇتۇپ قويالىدى. خۇددى بىراقلا ئۆزگۈرۈپ قالغاندەك ناھايىتى تەمكىن ۋە پىشقان ئايالدەك كۈلۈپ تۇرۇپ مېنى ئۇزاتتى. مەن ئۇنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىر گەپ بولسىلا ئۇششۇقلۇق قىلىپ خاپا قىلىدىغان كىچىك مىجەزلىك بىرى دەپ بىلىپ كەلگەنتىم. ئەگەر راستىنلا ئۆزى باشتا ئېيتقاندەك مېنىڭ يالغۇز مېڭىشىمغا قوشۇلماي تۇرىۋالغان بولسا، ياكى ئامالسىز يىغلاپ قالغان بولسا يۈرىكىم ئېيچىشقان ھالدا مېڭىشىم، ياكى بۇنىڭغا چىدىماي قايتىپ كىلىشىم مۇمكىن ئىدى.

قۇربان ھېيتقىمۇ بىرەر يېرىم ئاي ۋاقىتلا قالغان ئېدى. ئۇ خوش دەپ چىقىپ بولغان يۇرتقا يەنە قايتىپ كىتىشنى خالىمىغاچقا ھېيت كەلگۈچە، توغرىسى «پاسپورتنى قايتۇرۇپ بەرگۈچە» ئۈرۈمچىدە سىڭلىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇرىدىغان بولدى. مەنمۇ «قايتىپ كەتكىن» دەپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم. مەن بېيجىڭغا بېرىپ ئۇنى بۇنى قىلغۇچە بىرەر ئاي توشسا بىر گەپ بولار، پاسپورتنى بىر ئامال قىلىپ ئېلىپ كەينىمدىن چىقسا، خۇدا خالىسا،  بىللە ماڭىمىز!

بېيجىڭغا كىلىپ ئەتىسىلا تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ تۈركىيەنىڭ ئەلچىخانىسىغا كەلدىم. گەرچە مەن بېيجىندىكى ئەلچىخانا رايۇنىغا تالاي قېتىم كەلگەن بولساممۇ تۈركىيە كونسۇلى ئالدىغا تېخى تۇنجى قېتىم كىلىشىم ئىدى. خېلى بالدۇر كەلسەممۇ، مەندىن بالدۇر كەلگەن ئۇيغۇر باللار خېلى كۆپكەن. بۇرۇنلاردا ئەلچىخانا ئالدىدا ئەمەس بېيجىندىمۇ مەكتەپتىن باشقا يەرلەردە ئۇيغۇر باللارنى ناھايىتى ئاز ئۇچىرىتىدىغان. ئىنىم سىڭىللىرىم يېشدىكى ئوننەچچە قىز يىگىت  ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق،  ئۈمۈدۋار، خوش چىراي ئىپادىللىرى بىلەن بەش ئالتە بولۇپ توپلىشىپ، خېلى ئۇزۇن ئۆچىرەت ھاسىل قىلىپ تۇرغان ئىكەن. دەسلەپتە بۇلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى ئۇلاردىن خىلى چوڭ ھېس قىلىپ(ئۆز خىيالىمچە) بىر خىل قورۇنغاندەك بولۇپ قالدىم..

بۇ يەردىكى باللارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىچكىرىدىكى ياخشى ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، يۇقىرلاپ ئوقۇش ئىستىكى كۈچلۈك، باشقا ياۋرۇپا ۋە ئامېركىدىكى ئۆزلىى ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىپ باققان، ئۇ يەرلەردىن ئىجابى جاۋاپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ياكى تۈركىيەگە قىزىققانلىقى ئۈچۈن تۈرككىيەدىكى شۇ ئوقۇشنى تاللىغان ئىكەن، يەنە بىر قىسىم باللار ئۇ يەرلەردىكى داۋاملىشىۋاتقان ئوقۇشلىرىنى تاشلاپ تۈركىيەنى تاللىغانلارمۇ بار ئىكەن. نىمىلا بولمىسۇن بۇ باللارغا ھەم مەسلىكىم كەلدى ھەم قايىل بولدۇم...

كۆڭلۈم سۆيۈنگەن يەنە بىر تەرىپى بۇ باللارنىڭ ناھايىتى ئەدەپ- قائيىدىلىك، ئىتىقادلىق، ياردەم سۆيەر، كوللىكتىپچانلىقى ۋە ئىناقلىقى ئىدى. ھەممەيلەن پەقەت مۇشۇ بېيجىندا تونۇشقان، جوڭگونىڭ ھەرقديسى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولسىمۇ بىر ئورتاقلىق، سەبىرچانلىقى ۋە چىدامچانلىقى،ئۆز ئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە ياردەمدە بولۇشلىرى ئېدى. بىر ئاي بۇرۇنلا كىلىپ بولغانلارمۇ كۆپ ئىكەن، ۋىزا تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا تۈركىيە (مائارىپ مىنىستىرلىكى)تەرەپتىن كىلىدىغان تىزىملىك بويىنچەبولغاچقا، شۇ تىزىملىكنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ بۇ قىممەتچىلىك يەردە بىرەر ئاي تۇرۇپتۇ. مېنىڭ باشتا چۈشىنىشىمدە بىزگە كەلگەن چاقىرىقنى كۆرسىتىپلا ۋىزا ئالغىلى بولاتتى، لېكىن بۇ ئوخشىمايدىكەن. بۇ بىر غەلىتە ئىش، ئادەتتەئۇنۋېرستىتلارنى ئىلتىماس قىلغاندا شۇ ئۇنۋېرستىتنىڭ بالىنى ئېلىش، ئوقۇش مۇكاپاتى بىرىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى شۇ ئۇنۋېرستىت تەرىپىدىن كىلەتتى. تۈركىيەدىكى مەكتەپلەرگە كىرش ئۈچۈن پەقەت ھېلقى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغىلا ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق، ئۇلار بىزنى تاللىغاندىن كىيىن بىر يىل تۈركچىنى ئۆز ئىختىسادىمىزغا ئوقۇپ، يەنە ئۇ يەردە ئۇنۋېرستىتلارغا ئىلتىىماس قىلىدىكەنمىز..

نىمىلا بولسا بولسۇن ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئويلىرىم «تۈركىيەگە چىقىپ تىل ئۆگەنگەچ بىرەر ئالى مەكتەپتە مېنىڭ كەسپىمدە تەتقىقات قىلىۋاتقان بىرەر  پروفېسسور بولسا ئالاقە قىلىپ، ھەقسىز بولسىمۇ يىرىم يىل ئىشلەپ تۇرسام،كىيىنكى پۇرسەتتە شارائىتى تېخىمۇ ياخشى، مېنىڭ ئوقۇش ئارزۇيۇمغا تېخىمۇ ماس كەلگەن باشقايەرلەرگەئىلتىماس قىلسام، ئەگەر تۈركىيەدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ قالسام ئايالىم بۇ جەرىياندا تۈركىيەدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرسا...» دىگەن ناھايىتى ساددا خىياللار ئىدى،  «تۈركىيەدە ئوقۇغان تەختىىردىمۇ،كىيىنكى تەتقىقات ياكى خىزمەتلەرنى باشقا يەرلەردە قىلسام، يوقاتقانلىرىمنىڭ ئورۇنىنى تولۇقلىۋېلىشىم مۇمكىن، ھېچ بولمىغاندابىرەر ئىلمىي يىغىن ئۈچۈن بولسىمۇ ئامېركىدەك يەرلەرگەبېرىپ باقسام..»  دەپ ئويلايتتىم.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 03:39:38

بەزى ئېنكاسلار بېۋاستە چىقىپ، بەزى ئېنكاسلار تەستىق كۈتىدىكەن. نېمىشقا شۇنداقكىن؟  ئالدى-كەينى ئېگىز پەس بولۇپ كەتمىسە بولاتتى.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 04:43:04

4. ئىستانبۇلغا ئۇچتۇق

بېيجىڭدا بىر مەزگىل ساقلاپ قالغان بولساقمۇ چىقىدىغانلار ئوپچە بولغانلىقتىن ئانچە زېرىكىپ قالمىدۇق. دوستسىراپ قالغان مەن، ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇپ، كۆڭلۈم خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئېدى. شۇنداقتىمۇ  مېنىڭ خىيالىم ئايالىمدا قالدى، تاكى مەن ماڭغان ئەڭ ئاخىرقى پەيتكىچە ئۈمۈد ئۈزمەي تېلفۇندا كۆرۈشۈپ تۇردۇق، پاسپورتنى سۈرۈشتۈرگۈزۈپ تۇردۇق.. ئاخىرى تۈركىيەگە ئوپچە ھالدا بىجىرىلگەن ئوقۇش ۋىزىللىرىمىز چىققاندىن كىيىن، مەن يەنىلا ئۈمۈدنى كەينىمدە تاشلاپ قويۇپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم. بېيجڭدىكى بەزى ئوقۇغۇچى باللارغا تاپىلاپ، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان پۇللارنى بېرىپ قويدۇم. خۇددى مەن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن (يەنى قۇربان ھېيتتىن كىيىن) راستىنلا پاسپورت قولغا تېگىپ، ئۇ كەينىمدىن چىقىدىغاندەك ئۈمۈدتە ئېدىم.

شۇنچە ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ ۋىزا چىققاندىن كىيىن باللارنىڭ ئاغزى قۇلقىغا يىتەي دەپ قالدى، بۇ ئۇلارنىڭ چىرايدىكى خوشاللىقلاردىن بىلىنىپ تۇراتتى. مەن بولسام خوش بولۇشۇمنى ياكى قايغۇرۇشۇمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئەمدى بولسا بىلەت ئېلىپ ماڭمىساق بولمايتتى.  باللار بىلەن بىلەت ئالغىلى چىقىپ، بىر ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى ئەرزان قىممەت دېمەي ئېلىۋەتتۇق. جوڭگو ئاۋئاتسىيسىنىڭمۇ، تۈرك ھاۋا يوللىرىنىڭمۇ ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، ئېسىمدە قالغىنى ئايرودورۇمدا ئۇچىرىغان ئازىراق ئاۋارىچىلىق ۋە خىجىلچىلىق..

«يازلىق تەتىل» دە ساياھەتتىن يېنىپ كېلىپ قەشقەردىن بىر دۇتار ۋە بىر تەمبۇر ئالغان بولۇپ، ماڭغاندا ئۇنى يېنىمغا ئېلىۋالغان ئېدىم. ئىچىم سىقىلغاندا چېلىپپ يېنىكلەپ قالاتتىم. ئايروپىلانغا دۇتار ۋە تەمبۇرنى ئۆتكۈزمەي تۇرىۋالدى، چوقۇم ئايرىم ئەۋەتىشىم كېرەك ئىكەن. شۇنچە دېيىشىپ پەقەت ئامال قىلايمىغاندىن كىيىن بولۇپتۇ ئايرىم ئەۋەتەي دېدىم. سازلىرىمنىڭ سېپىغا بىردىن يىپ باغلاپ قويۇپ، مەخسۇس يەرگە ئاپىرىپ بېرىشىمنى دېدى، ئاپىرىپ تاپشۇرۇپ بېرىپ  خۇددى ئۇلارنى قايتا كۆرەلمەيدىغاندەك قاراپ قاراپ قويۇپ، يېنىپ كەلدىم. بېيجىڭغىچە كۆزۈمنى ئاسرىغاندەك ئاسىراپ كۆتۈرۈپ كەلگەن ئېدىم، بۇ سازنى بىلمىگەنلەر ئاسىراپ يۆتكەشنى بىلەرمۇ؟!

ئۇ شۇنداق بولدى. سازلارنى تاپشۇرۇپ بېرىپ كېلىۋاتسام بىر تونۇش چىراي بىلەن ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل كېلىپ قالدىم ۋە نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، ئۇمۇ مېنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئېدى. چۈنكى ئۇ مېنى سەئۇدىيدا ئوقۇۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. ئالدىنقى يىللاردا ئۇ مېنى سەئۇدىيغا ئۇزۇتۇپ قويغان، ئۇ مەن ئۈچۈن بېيىجىڭدا تۇرۇپ ئىلخەت ئادرىسىمغا قاراپ، سەئۇدىيدىكى مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىشپ بەرگەن.. ئۇ تېخى ئالدىنقى يېلى مېنىڭ سەئۇدىيدىن ۋاز كېچىپ ئاۋسترالىيەگە ماڭماقچى بولغاندا مېنى قوللىغان.. ئەمدى بۇ يەردە تۈركىيەگە ماڭىمەن دەپ تۇرغاندا يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرىشىپ قالدۇق، ئۇ مەن بىلەن بىرگە ماڭغان بىر قېرىندېشىمنىڭ، كىيىنچە قېرىنداشلارچە ياخشى ئۆتىدىغان ئاغىنەمنىڭ نەۋرە ئاكىسى چىقىپ قالدى..

دەسلەپتىلا ھەيران بولۇپ «بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسز؟» دېگەن ئۇ،  جىددىيلەشكەن چىراي ئىپادەمدىن كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك چاندۇرمىدى. ماڭا: « بۇ ئۇكام ئالدى بىلەن خۇداغا ئاندىن سىزگە ئامانەت..» دەپ بىزنى ئۇزۇتۇپ قويدى. نۇمۇستىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتىميۇ، مەنمۇ خىجىللىق ھېسسىياتىمنى چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، قول سىقىشتىم...

شۇنداق قىلىپ ئىستانبۇلغا ئۇچتۇق. دۇنيادا نامى بارماقتا سانىلىدىغان يەرلەر ئىچىدىكى بۇ گۈزەل، تارىخى زېمىنغا، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ كۆۋرۈككە، دىنى ۋە مەدەنىيتى بىز بىلەن يېقىن بولغان بۇ مۇبارەك شەھەرگە بارلىق ئۈمۈد، ئارزۇلىرىمىزنى قۇچاقلاپ ئۇچۇپ كەتتۇق...  

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:29:32

ئايروپىلان ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودورومىغا شۇ يەرنىڭ سەھەر سائەتلىرىدە  قوندى.  بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم ئىستانبۇل تۇپىرىقىغا قەدەم قويىشىمىز ئېدى. بەلكىم بۇ يەردىكى باشقا كۆپىنچە باللارنىڭ تۇنجى قېتىم يۇرت ئاتلاپ چىقىشى بولسا كېرەك. باللار تۇنجى قېتىم كۆرگەن يېڭىچە مۇھىتتا ھاياجانغاندەك كۆرۈنەتتى، مېنىڭ نەچچە قېتىم يۇرت تېشىغا چىقىپ باققىنىمغا قارشى مەنمۇ بۇيەردىكى باشقا باللاردەك سەل ھاياجانلانغانلىقىمنى يوشۇرمايمەن. چۈنكى ئۆزۈمنى يەنىلا تەلەيلىك ھېس قىلىۋاتقان ئېدىم، ھېچ بولمىغاندا ئوخشىمىغان مەملىكەتلەردىن كۈنىگە مىڭلىغان ئونمىڭلىغان كىشى ئاتايىن كېلىپ كۆرۈپ كېتىدىغان بۇ گۈزەل ساياھەت شەھرىدە ئوقۇش باھانىسىدە ياشاپبېقىشمۇ بىر تەلەي بولسا كېرەك..

ئۆگىنىپ باقمىغان بولساقمۇ بۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭقىرالايدىكەنمىز. ئالدىمىزغا ئالغىلى چىقماقچى بولغانلارنى ساقلاپ ئولتۇرغاچ، ئۆتكەن كەچكەنلەرگە قاراپ ئولتۇردۇق. سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چۈشىنىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ باقتۇق.. لېكىن، تۈركلەر ئىنگىلىز تىلىنى ئانچە بىلمەيدىكەن، چامدانلىرىمىزنى بىخەتەرلىكتىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا (نېمىشقىلىقىنى بىلمەيمەن، ئايروپىلاندىن چىقىپ زالدا ساقلاپ ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن چامدانلىرىمىزنى بىخەتەرلىكتىن ئۆتكۈزدۇق) ئۇ يەردىكى مەمۇر ساقچى بىر گەپ قىلدى، چامداندىكى نىمە دېدىمۇ، ياكى باشقا بىر نەرسە دېدىمۇ.. يادىمدا يوق بىز ئېنىگىلىز تىلى سۆزلەپ كېتىپتۇق، گېپىمىزنى چۈشىنەمدىغان... تۈركچە بىلمىسەكمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن بولساقمۇ ئازىرق بولسىمۇ چۈشىنىپ قالار ئېدى بەلكىم؟..

سەھەر ۋاقتىدا ئۇيقۇسىدىن كېچىپ بىزنى شۇيەردە ئوقۇپ خىزمەت قىلىپ قالغان چوڭلاردىن ئىككىسى ماشىنىسى بىلەن ئالغىلى چىققان ئىكەن. «چوڭ» دېسەم ئۇنچە چوڭ ئەمەس، كۆپ بولسا مەندىن بەش ياكى ئالتە ياش چوڭدۇر بەلكىم.. بىز كېلىپ ھايالشىمايلا ئۇلار كەلدى،  ھەممىمىز بىلەن قىزغىن كۆۈشكەندىن كىيىن بىزنى ئىككى ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر ئىچىدىگە قاراپ ئېلىپ ماڭدى.  مېنىڭ شۇچاغدا تۇنجى ئالغان تەسىراتىم، «بۇلار بىزگە ئوخشاش ئوقۇغىلى چىقىپ، مانا ئەمدى ماشىنىلىق بوپتۇ، ئۆزلىرىگە خاس سالاھىيەت، ئورۇن ۋە سالاپەت ھازىرلاپتۇ.. خۇدا خالىسا مەنمۇ بەش-ئالتە يىلدىن كىيىن  ماشىنا ئالغۇدەك بولارمەن...» دېگەن ئوي بولغان ئېدى.

ئىستانبۇلدا تۇنجى كۆرگىنىم شەھەرنىڭ ئويغىنىۋاتقان، ھاياتلىق باشلىنىۋاتقان ۋاقىتلىرى بولدى..كۈن كۆتۈرۈلىۋاتقان، ھاۋا ئوچۇق، ئەتىراپ مەنزىرىسى ئېنىق ۋە سۈزۈك ئېدى.. خۇددى بىزنى ئوچۇق چىراي  قارشى ئېلىۋاتقاندەك.. ئەتىراپى يېشىل ،ئوتتىرىھال سەۋىيدىكى زامانىۋى يوللار، ئاندا ساندا ئېگىز بىنالارنى سانىمىغاندا خۇددى ئېگىزدىن قارىسا خىشلارنى دۆۋلەپ قويقاندەك كۆرۈنىدىغان غۇژمەك، پاكار بىنالار، يىراقتىن مۇنار ۋە گۈمبەزلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ئىستانبۇلغا ئۆزگىچە ھۆسۈن قاتقان چوڭ چوڭ گۈمبەزلىك جامىيلار، ماشىنا بىلەن ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتىۋاتقاندا كۆرۈنگەن ھەيۋەت كۆۋرۈك، مەرمەردەك كۆپ-كۆك دېڭىز، دېڭىزدىكى ئۇيان بۇيانغا ئۆتۈشۈپ مېڭىپ تۇرغان ئاق ئاق كىمىلەر... شۇ ۋاقىتتا ئىستانبۇل، كۆڭلۈمدىكى ئالدىن پەرەز قىلغان ئوبرازى بىلەن قوشۇلۇپ باشقىچە گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتتى، تۈركىيە بولسا تەرەققىي تاپقان باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدەك كۆرنۈپ كەتتى...

بىز ماشىنىسغا چىققان كىشى ئالدى بىلەن ھەممىمىزنى ئۆيىگە باشلىدى. بۇ يەردىكى تۇنجى تۈركچە ئۇسلۇبتىكى مول ناشتىلىقنى بۇ ئۆيدە قىلدۇق. ئۇنىڭ ئۆيى ئەتىراپى بۆك-باراقسان، دەرۋازىسىدا مەخسۇس قوغدۇغۇچىللىرى بار، يېڭى ۋە زامانىۋى پوسۇندىكى بىر ئولتۇراق رايۇنىدا ئىكەن. بۇ يەردە مۇشۇنچىلىك سەۋىيەدە ياشاشنىڭ ئۆزى ئالاھىدە چوڭ ئىش.. تىرىشچانلىق بىلەن مەلۇم كەسىپنىڭ ئېگىسى بولۇپ، ۋەتەن سىرتىدىمۇ مۇشۇنداق يۇقىرى ساپا ۋە سەۋىيەدە ياشاش ھەركىم قىلالايدىغان ئىش ئەمەس، ئىچىمدە ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتتىم، ئىشەنچىم ئېشىپ ئۈمۈدلەندىم، ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىنىمۇ تەسەۋۇر قىلىپ باقتىم. ئەپسۇس نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىماق ئاسان قىلماق بەك تەس، ھەم ھەركىمگە ئويلىغىنىدەك «بەخىتلىك ھايات شەكلى» نىسىپ بولىۋەرمەيدىكەن..

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 08:07:11

داۋامىنى ساقلايمىز

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 01:02:19

5. ئەستىن چىقماس تۇنجى چاغلار

شۇ كۈنى كەچكىچە قىزلار، ئوغۇللار ئايرىم-ئايرىم ھالدا نەچچەيلەن بىر گورۇپپا بولۇپ ياتاقلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بولسا كېرەك، ئىستانبۇلنىڭ « سۇلتان چىفىتلىگى» دېگەن يىراقراق، چەتىرەك بىر يېرىدىكى (ئەلبەتتە شۇ چاغدا ئۇ يەرنىڭ نەلىكىنى ۋە نەدىن قانچىلىك يىراقلىقىنى بىلمەيمەن) جامائەت ئاچقان «ئوقۇغۇچىلار يۇرتى» غا ئوغۇللاردىن تەخمىنەن ئون-نەچچەيلەن ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. ياتاق پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەن!

ياتاق بىناسى كونىراق كۆرۈنسىمۇ ئىچى پاكىز ۋە رەتلىك ئېدى. چوڭ ئىشكتىن ياتاق ئۆيلىرىگىچە گېلەم سېلىقلىق، سىرىتتىن كىرگەنچە ئاياقنى سېلىپ، مەخسۇس ئۆزىمىزنىڭ ئاياق ساندۇقلىرىغا سېلىپ قويغاندىن كىيىن گېلەملەر بىلەن قاپلانغان پەللەمپەيلەردىن يۇمشاق يۇمشاق دەسلەپ چىقىپ، ياتىقىمىزغا كىرىۋالاتتۇق.. شۇنداق بولغاچقا بىرخىل مەرى ئىسسىق ۋە پاكىز كۆرۈنىدىكەن.
ياتاق ئالتە كىشىلىك تاق كارۋات، ھەر بىرەيلەن ئۈچۈن مەخسۇس ئىشكاپ ۋە كىتاپ جازىسى. كىتاپ جازىسىنى ۋە پۈتۈن يەرگە سېلىنغان گېلەمنى چىقىرىۋەتكەندە بۇ يەر ئالتە كىشىىك ئادەتتىكى مىھما كۈتۈش ئۆيلىرىگە بەئەينى ئوخشايتتى، كورىدورلىرى، ئىككى تەرىپىدىكى قاتار ئۆيلەر.. كورىدورنى بىر چەتتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ساپما ئاياقلار قويۇپ قويۇلغان سۇخانىلىرىمۇ پاكىز، يورۇق ۋە كەڭرى كۆرۈنەتتى.. ياتاق بىناسىنىڭ بىرنچى قەۋىتى يىغىن زالى، ئۆگنىش قىلىش ئۆيلىرى، كۈتۈپخانا، تېلھوزۇر كۆرۈش ئۆيى قاتارلىقلار بار ئىكەن، ئىككىنچى قەۋىتى مەسچىت ۋە تاماقخانا ئىكەن. ياتاق ھەقسىز بولغاننى ئاز دەپ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقى ۋە كەچلىك تامىقى بار ئىكەن. بۇ يەردە پەقەت ياتاق مودىرى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار تۇرىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار تىنىچ ئوقۇشىنى ئوقۇپ، ھەپتىدە بىر ئېچىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىپ، تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ بەرسىلا بولىدىكەن، ئۇلاردىن بىر تىيىن ھەق ئالمايدىكەن. بىزنى بۇنداق ياخشى يەرگە دەرھاللا قانداق ئالدى بىلمىدىم، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بولىشى ئېنىق ئېدى..


ئىستانبۇلدا مەكتەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ياتىدىغان ياتاق ئايرىۋېتىلگەن ئىكەن. مەكتەپ دېسە كۆپىنچىلەرنىڭ خىيالىغا چوڭ دەرۋازىسى بولغان، قورشاۋ تاملىرى بولغان، ئوقۇتۇش بىنالىرى، تەنتەربىيە مەيدان ۋە گۈللۈكلىرى بولغان، مەكتەپ ئاشخانىسى ۋە قورا ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى بولغان جوڭگو پاسونىدىكى ئۇنۋېرستىتلار يادىغا كېلىشى مۇمكىن. مەن جوڭگونىڭ سىرتىدىكى ئۇنىۋېرستىت ياكى مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسى ۋە قورشاۋ تاملىرى يوقلىقىنى بىلسەممۇ ئوقۇغۇچىلار تۇرىدىغان ياتاقلارنىڭ بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئۆزگىچە شەكىللەرگە ئېگە ئىكەنلىكىنى بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ھېس قىلغان ئېدىم. بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنى «ئوقۇغۇچىلار يۇرتى» دەپ ئاتايدۇ. ئوقۇغۇچىلار يۇرتى «دۆلەت يۇرتى» يەنى دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېچىپ بەرگەن ياتاق بىناسى، «ئۆزەل يۇرت» يەنى شەخسىيلەر ئاچقان تىجارەت مەخسىتىدىكى ئالىيرەك ياتاق بىنالىرى، «جامائەت يۇرتى» يەنى جامائەت خەير-ساخاۋەت مەخسىتىدە بىكارلىق ئېچىپ بەرگەن شارائىتى نورمال ياتاق بىناسى. ئۇنىڭدى باشقا ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ سىرىتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى ئوقۇغۇچى مەكتەپ بىلەن جەمىيەت ئارىسىدا بېرىپ-كېلىپ ئوقۇيدىكەن، كۆپىنچىلىرى مەكتەپتىن نىسبەتەن يىراقىراق بولىدىكەن...

بېيجىڭدا تونۇشۇپ، سەپەردە بىللە بولغان نەچچەيلەن بىر ياتاققا ئورۇنلىشىۋالدۇق. بۇ باللار ئېرادىلىك، تىرىشچان باللار ئىكەن، كەلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ، ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئىنگىلىزچە ۋە تۈرچە كىتاپلىرىنى كۆتۈرۈپ، بىرىنچى قەۋەتتىكى ئۆگىنىش ئۆيىدە ئۆگىنىشنى باشلاپ كەتتى، ئۆزۈمنى بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ بوشاڭدەك ھېس قىلدىم. بۇلار بىلەن كىىنكى كۈنلەردە ياخشى چىقىشىپ قالدىم، يېشىم  بۇلاردىن چوڭ بولسىمۇ تەڭتۈش دوستلاردەك بولۇپ كەتتۇق...

بىزلەرنىڭ ئادىتىمىز ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرىىمىز پەرقلىقىرەك بولغانلىقتىن ھەم يېڭى ۋاقىتلاردا تىلنى بىلمىگەنلىكتىن، دەسلەپكى كۈنلەردە بەزى كۈلكىلىك ئىشلارنىمۇ سادىر قىلغان بولدۇق. بۇلارنىڭ بىرى ئەتىگەنلىك ناشتىدا بولسا يەنە بىرى سىرىتقا چۈشلۈك تاماققا چىققاندا سادىر بولدى. ئادەتتە ناشتىلىق تاماقنى ئۆزىمىز ئېلىۋالىمىز. ھەسەل، سۈت، تۇخۇم،.. دېگەنلەر ئورتاق بولسىمۇ تۈركلەر زەيتۇن ۋە چايسىز ناشتا قىلمايدىكەن. يېڭى ۋاقىتلاردا ھەممىمىز دېگۈدەك قاپقارا، ياغلىق پارقىراپ تۇرغان نەرسىنى چاڭگاللاپ چاڭگاللاپ ئېلىۋېلىپ، بىر تال يەپ بېقىپ چىرايلىرىمىز پۇرۇشۇپ كەتتى. يامان يېرى بۇ يۇرتنىڭ تۈزۈمىدە يىمەكلىكنى ئاشۇرۇپ قويۇشقا ياكى تۆكۈشكە قەدئىي بومايتتى، ئەگەر شۇنداق قىلىنسا ئاگاھلاندۇرىلاتتى ياكى يۇرتتىن ھەيدىلەتتى. شۇڭا شۇنچە كۆپ قىرتاق ۋە تۇزلۇق زەيتۇنلارنى قىيلىنىپ تۇرۇپ يەپ تۈگەتكىنىمىزنى تەسەۋۇر قىلىپ كۈلگۈم كېلىدۇ. ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، تۈركچە چاينى تەڭشەپ قۇيىۋېلىشنى بىلمىگەچكە دەملىكتىكى قاپقارا ئاچچىق چاينى شىكەرمۇ سالماي ياۋاشلىق بىلەن چىرايىمىزنى تۈرۈپ ئىچىپ كېتىشلىرىمىزنى ئويلىسام كۈلۈشنى ئۇنتۇپ قالغان چىرايىمغا تەبەسسۇم يۈگۈرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ دەسلەپكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە «بۇ يەرنىڭ ناشتىلىقى بولمايدىكەن» دەپ زەيتۇن ۋە چاي بىلەن شۇنداق ناشتا قىلىپ يۈرۈپ، تازا بىر نەرسە يىگەندەك بولماي يۈردۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە ئاسان چۈشتە ھېچكىم ئالاھىدە چۈشلۈك تاماق يىمەيدىكەن. بىز بولساق چۈشلۈك تاماقنى قولدىن بەرمەيمىز، ھەم ئالاھىدە تامىقىمىز چۈشلۈك تاماق بولىدۇ. بىر كۈن ياتاقتىكى ئۈچىمىز يېنىمىزدىكى دوللارنى تېگىشكەچ سىرىتقا چىقىپ  چۈشلۈك تاماق يىمەكچى بولدۇق. پۇل تېگىشىپ  ياندا كۆپىرەك پۇل بولغاندىن كىيىن  بىر تۈركچە تاماقخانىغا كىرىپ چۈشلۈك تاماق يىمەكچى بولدۇق...

بۇ يەردە تاماقخانىلارنى ئاساسەن دۆنەر چىقىرىدىغان ئادەتتىكى كىچىك ئاشخانىلار، ھەرخىل تۈركچە تاماقلىرى  بولغان، جىلىتكە كىۋالغان مۇلازىمەتچىلىرى بولغان ئوتتۇرىھال ئاشخانىلار ۋە ئالىي رىستۇرانلار دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىۋالساق بولىدۇ. بىزنىڭ كىرگىنىمىز ئوتتۇرىھال ئاشخانا ئېدى. بىز تۈركچە تاماقلارنى تېتىپ باقىلى دەپ كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈنگەن يول بويىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق. ئاق كۆينەكنىڭ ئۈستىگە جىلىتكە كىيۋالغان، گىلاستۇك تاقىغان ياش مۇلازىم ئالدىمىزغا كېلىپ بىزنى قارشى ئېلىپ بىر ئۈستەلگە باشلىدى ۋە تاماق تىزىملىكىنى بىزگە ئۇزىتىپ، ئالدىمىزغا بىردىن كىچىك سۇلىياۋ قۇتىدا سۇ قويۇپ قويدى. بىز ئەلبەتتە نېمە بۇيرۇتۇشنى بىلمەيتتۇق، ئۇنىڭدا يېزىلغان تۈركچە تاماق ئىسىملىرىنىمۇ بىلمەيتتۇق، پەقەت رەسىملىرىگە قاراپ تاللىدۇق.

ئىككى ياتاقدېشىم توخو كاۋىپىمۇ باشقىمۇ يادىمدا يوق ئوخشاش بىر نەرسە بۇيرىدۇ، مەن رەسىمىگە قاراپ كۆزۈمگە چىرايلىك كۆرۈنگەن، يېىشل كۆكتاتلىرى بار، قىيما كاۋاپمۇ ئەيتاۋۇر بىر نەرسىگە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى بۇيرۇدۇم. ۋە تاماق كەلگۈچە پاراڭلىشىپ تۇردۇق.. ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىنگەن كىچىك قۇتىلىق سۇنى تۇنجى قېتىم بۇيەردە كۆرىشىمىز ئېدى. قارشىمدا ئولتۇرغان قېرىندېشىم سۇنىڭ ئۈسىتىكى سۇلىياۋ پىچەتنى ئېچىپ  ئوتلا ئوتلىماي، قولىدىن تۆكۈلۈپ، ئۈستەل يۈزىگە يېيىلىپ كەتتى، ئىچىمدە ھەجەپ بولدىيا دېدىم، كۈتكۈچى كېلىپ پاكىز سۈرتۈپ، ۋىلكا قوشۇقلارنى يېڭىلاپ، يېڭى بىر سۇنى ئەكىلىپ بېرىك كىتىپ تۇرىشىغا، بىز بىر بىرىمىزگە قاراپ كۈلەي دەپ تۇرغىنىمىزدا  مېنىڭ ئالدىمغا قويۇلغان سۇمۇ تۆكۈلۈپ كەتسە بولىدۇ. خىجىلچىلىقنى باللار بىلەن تەڭ كۈلۈپ يوقىتىۋەتتۇق، كۈتكۈچىمۇ بۇ قېتىم كۈلۈپ كەتتى ۋە يەنە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ بەردى. تاماق چىققاندىكى ئەھۋال تېخىمۇ كۈلكىلىك بولدى، مېنىڭ بۇيرىغىنىم تۈركيەنىڭ مەشھور «چىغ كۆڧتىسى» ئىكەن. ئالدىمغا قويۇلغان نەرسە، ياڭاقتەك ياڭاقتەك چوڭلۇقتىكى قىزىل، كاللەك قىيمىغا ئوخشايدىغان نەرسەدىن بىر نەچچە كاللەك،  بىر تال يۇمشاق يوپۇرماقلىق كاللەك يېسىۋېلەك، شۇخلا، كەرەپشە، لىمون ۋە نېپىز رەخكە ئوخشايىدىغان خېمىر بولدى. بۇلارنى قانداق يېيىشنى بىلمەي ھېلقى قىمىسىمان نەرسىنى ئېلىپ ئاغزىمغا سېىپ باققىنىمنى بىىلىمەن، شۇنداق ئاچچىق ئىكەنكى، كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى. بىر تال يەپ قالغىننى قويۇپ قوويدۇم، يىسىۋېلەك، شوخلا ۋە كەرەپشىلەرنىڭ ئۇچۇدىن بىر ئىككى چىشلەپ قويۇپ قويۇپ قويدۇم.

شۇنداق قىلىپ پۇلنى تۆلەپ چىقىپ كەتتۇق، قىلغىنىمىزدىن كۈلدۇق. ئاشخانا خوجايىنى بىزنىڭ بۇ يەرگە ناتونۇش ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ بىزدىن سورىدۇ، ھەر ھالدا ئۇ ئۇيغۇرلانى بىلىدىكەن، قايتىدىن خوش كەلدىڭىز دېدى. تاماق پۇلىدىن، ئىكىرامىمىز بولسۇن دەپ ئازىراق ئىتىۋار قىلدى.. تۈركىيەدىكى تۇنجى كۈلكىلىك شۇ ئانلار ھازىرمۇ يادىمدىن چىقمايدۇ. شۇ باللار بىر يەرگە كېلىپ بەزىدە شۇ ئىشلارنى دېيىشىپ يەنە بىر قېتىمدىن كۈلىشىۋالىمىز... ھازىر بولسا زەيتۇن ۋە چايسىز ناشتا قىلغۇم كەلمەيدۇ، چىغ كۆڧتە بولسا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەردىن بىرى. بەلكىم تۈركچە ناشتىلىق ۋە تۈرك تاماقلىرى ھەققىدە كىيىن گەپ چىقىپ قالار، شۇ چاغدا تەپسىلىيرەك دەپ بېرىشىم مۇمكىن...

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 04:23:11

:lol:)
بۇ ئەسلىملىرىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپ سىزنى سىغىنىپ قالدىم بۇرادىرىم.
ئاللاھ تىلەكلىرىڭىزگە يەتكۈزگەي. بىزمۇ ئىستانبۇلغا يەنە بارامىز ئىنشائاللا، كۆرۈشكەندە ئوبدان مۇڭدىشامىز.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-8-31 05:47:03

ئاخىرىنى تېزرەك يازارسىز:handshake

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 04:02:46

بىر يىل تۈركچە ئۆگىنپ ئىنتاھانغا كىرىدىكەنمىز.. مېنىڭ بىلەن تۈركىيەگە ئوپچە ھالدا كەلگەن باللارنىڭ ئۇنۋېرستىتقا كىرىش كىرمەسلىكى شۇ ئىنتاھانلارغا باغلىق بولىدىكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەنلەرنىڭمۇ ھەم مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن بولىشى كېرەك، مەن بۇ ھەقتە ئېنىق بىر تەپسىلاتنى بىلمەيتتىم، پەقەت تاللىنىپ كەلگەن باللار چوقۇم ئۇنۋېرستىتقا يەرلەشتۈرىلىدۇ دەپ بىلەتتىم. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ شۇنچە ئەستايىدىل ماتېرىيال تەييارلاپ ئەۋەتكەنلىرىمىز ئوقۇش ۋىزىسى بىلەن تۈركىيەگە كىلەلىشىمىزگەيارىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېشىدا ھېچنىمىگە يارىمايدىغاندەك قىلاتتى. چۈنكى بۇ يەرگە كېلىپ بولغاندىن كىيىن يەنىلا ھېلقى تۈركچە ئىنتاھان ۋە ئۇنۋېرستىتقا كىرىش ئىنتاھانىنى بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆتۈش كېرەك بولۇپ، پەقەت شۇ نەتىجىلەرنى ياخشى ئالالىغان ئوقۇغۇچىلارنىلا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى ئۇنۋېرستىتلاردىكى بوش ئورۇنلارغا يەرلەشتۈرەتتى. شۇنداق بولغاندا بىزگە ئوخشاش كېلىشتىن بۇرۇن مەخسۇس ماتېرىيال ئەۋەتمىسىمۇ تۈركىيەگە باشقا ئۇسۇلدا يەنى تىل ئۈگەنگىلى كېلىپ، ئىنتاھان بەرسىمۇ ئوخشاشلا نەتىجىگە ئېرىشەلەيتتى...

ئەمدى تۈركچە ئۆگىنىشنى باشلىشىمىز، تۆت بەش ئايدىن كىيىن ھېلقى ئىنتاھانلارنى بېرىشىمىز كېرەك ئېدى. تۈركچە ئۇيغۇر تىلى بىلەن كۆكى ئۆخشاش بىر تىل بولسىمۇ يەنىلا ئۇنى بىر تىل سۈپىتىدە سىستىمىلىق ئۆگىنىشىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنۋېرستىت سەۋىيسىگە كېلىشىڭىز كېرەك. بىر تىلنى مەخسەتنى ئۇختۇرۇش ئۈچۈنلا ئۆگەنگەن، مېنىڭچە ئۆگەنگەن بولمايدۇ، بىر تىلدا مەخسەتنى ئۇختىرالىغان ئادەم شۇ تىلنى بىلگەن سانالمايدۇ. كۆپىنچىللىرىمىزنىڭ خاتا قارىشى شۇ تىلدا سۆزلىشەلىسەكلا ۋە مەخسىتىمىزنى ئۇختىرالىساقلا شۇ تىلنى بىلگەن ھېساپلايمىز. ئەمەلىيەتتە سىز بىر ئۇنۋېرستىتقا كىرىپ، باكلاۋېرلىق، ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئوقۇماقچى بولسىڭىز سۆزلىشەلىشىڭىز كۇپايە قىلمايدۇ، شۇ تىلدا ئاكتىپ ۋە  تەنقىدىي پىكىر قىلالىشىڭىز، كىتاپ ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى راھەت ۋە راۋان ئوقىيالىشىڭىز، يۇقىرى سەۋىيلىك نوتۇق ۋە لىكسىيەلەرنىڭ تىلىنى تولۇق چۈشىنەلىشىڭىز يەنى ئەڭ ئازدىن تۈركىيەدىكى تۈرك باللارنىڭ چۈشەنگىنىنىڭ يېرىمىچىلىك چۈشىنىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سېستىمىلىق ھالدا كەم دېگەندە بىر يىل بۇ تىلنى ۋە پەن-مائارىپ مەدەنىيتىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك بولاتتى. ېكىن دېيىلگەن گەپلەرگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋاللارغا كۆرە بىز ئۇيغۇرلار تۈركچىنى «بىلگەن»لىكىمىز ئۈچۈن تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئۆگەنسەكلا كۇپايە قىلىدىكەن...

تۆمەر(تۈركچە ئۆگىتىش مەركىزى) گە تىزىملىتىدىغان بولدۇق. ئىستانبۇلدا مۇشۇنداق تۆمەرلەر كۆپ بولۇپ، بىزگە بىر قانچە تاللاش بېرىلگەن ئېدى. ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان تۆمەرلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، جەدىۋەل قىلىپ بىزگە بەردى ۋە تاللاش ئەركىنلىكىمىز بارلىقىمىز بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى قۇرۇلغان  بىر تۆمەرمۇ بار ئېدى.. بىز كېلىپلا مۇشۇ يېڭى قۇرۇلغان تۆمەرگە كېلىپ بىرەر سائەت دەرسىنى ئاڭلىغان ئېدۇق. ئەمەلىيەتتە بولسا بىز بۇ يەرگە يېڭى ،نەدە تۇرۇپ نەگە بېرىشنى، نەنى تاللاشنى، قانداق قىلىشنى بىلمەيتتۇق، پەقەت «چوڭلار» مەسلەھەت كۆرسىتەتتى بىزگە...

ئەمما تۆمەرتاللاش مەسىلىسىدە چىقارغان قارىمىز مېنىڭ تۇنجى قېتىم پۇشايمان قىلىشىم ۋە ئۈمۈدسىزلىنىشىمگە سەۋەپ بولغان ئېدى. باشقا تۆمەرلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىش تەۋسىيە قىلىنغاچقا بىر توپ باللار ئوقۇتۇش ئەشيالىرى زامانىۋى، كىتاپلىرى ياخشى، سېستىمىلىق ۋە پۇلى ئەرزانراق بولغان تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر شەخسىي ئۇنىۋېرستىتنىڭ تىل مەركىزىگە تىزىملىتىشنى كۆرۈپ  قارار قىلشىتۇق. بۇ قارارنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ تۇنجى قېتىم ئاسانلا يەرلىشىۋالغان شارائېتى يامان ئەمەس، خېلى كۆنۈپ قېلىشقا باشلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار يۇرتىدىن بىزنىڭ ياتاقتىكى بىر قانچەيلەن چىقىپ كەتتۇق. تەپسىلاتىنى بۇ يەردە يازمىدىم، لېكىن ئۈمۈدسىزلەنگەن ئېدۇق، بۇ يەردە تۇرىۋېرىشنى نۇمۇس ۋە خورلۇق ھېس قىلغان ئېدۇق. كىمدىن؟ ئۆزىمىزنىڭ قېرىندېشىدىن... شۇنداق قىلىپ شۇ بىر قانچەيلەن دەسلەپكى سېستىمىغا چۈشۈشكە باشلاۋاتقان ھاياتىمىزغا خاتىمە بېرىپ باشقا يەرگە، باشقا بىر جائەت يۇرتىغا كۆچۈپ كەتتۇق. ئەمدى كىيىنكى مەزگىلەردە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالغان، ھەرخىل تۇيغۇلارنى، ھەرخىل كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن تۈركىيەدىكى ھاياتىم شۇ يەردىن باشلىنىدۇ... كۈلكىلىك باشلانغۇچلىرى بىلەن ئېسىمدە ياخشى قالغان، تۇرمۇشۇم تېزلا رېتىمغا چۈشكەن دەسلەپكى كۈنلىرىمنى ھازىرمۇ سېغىنىمەن!

abliz168 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 23:59:42

داۋامىغا تەشنامىز ...
ئىلىم-پەن تور بىتى ئېچىلمايدىغۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 03:06:25

6. «دەرسخانە» دىكى كۈنلەر

ئۇزۇن ئۆتمەي شارائىتى يامان ئەمەس ھېلقى يۇرتتىن كۆچتۇق. بۇ قېتىم باشقا بىر ئوخشىمىغان يەرگە كەلدۇق. ساھىپخانلار بىزنى ناھايىتى ئوچۇق كۆڭۈل قارشى ئالدى، ئەلبەتتە بىزنى ئېلىپ كەلگەن چوڭلار بولمىسا بىزنى توغرىدىن توغرا قارشى ئېلىشى ۋە ياتاق بېرىشى ناتايىن. كىيىن ھېس قىلسام، تۈركىيەدە  ئىشلار شۇنداقكەن، مەيلى ياتاق مەسىلىسى بولسۇن، مەيلى ئىش مەسىلىسى بولسۇن، مەيلى ئوقۇش مەسىلىسى بولسۇن، سىزنى تونۇشتۇرغا كىشى مۇھىم بولدىكەن، ھەم سىزنى چوقۇم بىرى تونۇشتۇرغان بولىشى كېرەك بولىدىكەن. ئەگەر سىزنىڭ ھېچقانداق تونۇشۇڭىز ۋە تونۇشتۇرغۇچىڭىز بولمىسا مىڭ ياخشى بولسىڭىزمۇ، مىڭ قابىلىيەتلىك بولسىڭىزمۇ كىشىلەر سىزگە ئىشەنمەيدىكەن ياكى قارىمايدىكەن...

تۈركىيەدە ھەرخىل جامائەتلەرنىڭ بارلىقىنى بۇ يەرگە كېلىپ باشقىلاردىن ئازىراق ئاڭلىغاندەك قىلغان، لېكىن قانداق جامائەتلەر ئېنىق بىر نەرسە بىلمەيتتىم يېقىنغىچە مەنمۇ. بىزنى قىزغىن قارشى ئالغان بۇ كىشىلەرنى تەقۋادار، ياخشى كىشىلەركەن دەپ خىيالىمدىن كەچۈردۈم... بىزدىن ھال ئەھۋال سورايتتى، كىچىك پىئىلىق بىلەن قىزغىن پاراڭلىشاتتى. كاستۇم-بۇرۇلكىنى چىرايلىق كىيىپ، گىلاستۇك تاقاپ، چاچلىرى قىسقا، ساقاللىرىنى پاكىز چۈشۈرۈپ، بۇرۇتلىرىنى ياراشتۇرۇپ قويىۋالغان،،، نامازدا دوپپا كىيىپ، تەسۋىي سىرىپ، نامازدىن پارىغ بولغاندا شىركەت دېرىكتورلىرىدەك قاتۇرۇپ پاكىز يۈرىيدىغان  بۇ كىشىلەر «يېڭى زاماننىڭ مەدەنىي مۇسۇلمانلىرى»دەك بىلىنگەن ئېدى ماڭا. بىزدەك ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئېدى، ھەممىسى دىگۈدەك تۈرك ھەم كۈرت ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاكتىپ، خۇشچىراي كۆرۈنەتتى، كۆپىنچەناماز ۋاقتىدا كېيىلگەن، ھەممىسىنىڭ بېشىدىكى ئوخشاش پاسۇندىكى يۇمىلاق تورلۇق دوپپىنى چىقىرىۋەتكەندە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ يۈرۈش تۇرىشى ۋە كىيىنىشى زامانىۋى كۆرۈنەتتى، يەنى بۇلار سىرىتقا چىقسا بۇ جامائەتنىڭ تالىپى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى، پەقەت ناماز، دەرسخانا ۋە سۆھبەتلىرىدە، بولۇپمۇ ھەر ھەپتىدە بىر بولىدىغان چوڭ سۆھبەتلىرىدە يۇقىرىسى پروڧېسسرو ۋە شىركەت دېرىكتورىدىن تارتىپ، تۆۋىنى ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىغا قەدەر ھەر خىل كەسىپ ۋە ساھەدىكى ئادەملەر بار ئېدى..

بۇنداق دېيىشىم بىزنى قارشى ئېلىۋاتقان بۇ جامائەتنى سىرتتا بىلگىلى بولمىغان بىلەن تۈركىيەدىكى بەزى جامائەتلەرنى سىرتىدىن قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ  قىسقا بۇرۇت، ياراشقان ساقال قويۇپ، دوپپا ياكى سەللە  بىلەن ئۇزۇن تون كىيىپ، پاكىز چىراي ۋە ساكىن ( تۈركچە تەمكىن ۋە خاتىرجەم دىگەن مەنىدە) يۈرىيدىغان جامائەتمۇ بار.. بۇلار مەن يۇقاردا دېگەننىڭ ئەكسىچە كۆرۈنىدۇ، يەنى كونا زاماننىڭ ئۇسلۇبىدەك، كونسىرىۋاتىپتەك، لېكىن نېمىشقىكىن كۆزۈمگە تولىمۇ ئىسسىق ۋە پاك-پاكىز كۆرۈنىدۇ.. بۇلار سۈننەتنى، ئوسمانلى ئەنئەنىسىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار ھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلەر بولسا كېرەك. بىلمىدىم ئىشقىلىپ مۇشۇنداق ھەرخىل پىكىر ئېقىمىدىكى ياكى شۇلارنىڭ گېپى بويىنچە جامائەت خىزمىتىدىكى كىشىلەر توپى مەۋجۇت، لېكىن بىلىشىمچە بۇلار ئاساسەن بىر-بىرلىرىنى چەتكە قاقمايدۇ، بىرى دىن ۋە خەيىرلىك ئىشلار خىزمىتىدىكى
بىر نەرسىنى بەكىرەك تۇتسا، بىرى باشقا بىر نەرسىگە بەكىرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
ئىلگىرى تۈركىيدە دىن قاتتىق چەكلىنىپتىكەن، ئەۋلاتلارغا ئوچۇق ئاشكارە قۇرئان ئۆگىتىش، ھازىرقىدەك جامائەتلەرگە ئۇيۇشۇش ئۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك بولمىغانلىقى ئېنىق.  ئەينى ۋاقىتتا ئەزاننى تۈركچە ئوقۇتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا شۇ چاغدىكى ئەھۋاللارنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە يېتىشى مۇمكىن.. ھازىر بولسا نىسبەتەن كۆپ ئەركىن ۋە دېمۇكىراتىك بولغان تۈركىيەدە ھەرخىل شەكىلدىكى كۆپ تۈرلۈك جامائەت، جەمىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بولىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق...

شۇنداق قىلىپ بىزنى ئەپقالىدىغان بولدى، بىز تۆتىمىزگە بىر تۈرك ئابى نى باشچى قىلىپ كونىراق لېكىن ھەممە ئەشيالىرى تولۇق بىر ئۆينى ياتاق قىلىپ بەردى. ياتاقنىڭ كىراسىنى تۆلىمەيتتۇق، پەقەت توك سۇ پۇللىرى ۋە تۇرمۇش چىقىمىمىز ئۆزىمىزگە ئائىت بولاتتى، ئۆزىمىز تاماق ئېتىپ يەيتتۇق، بۇ تەرىپىمۇ ئازىراق خوش قىلغان ئېدى بىزنى، چۈنكى تۈركچە تاماقلار پەقەتلا ئىسسىق باسمايتتى بىزگە. بىز كۈندۈزى تۈركچە دەرسىمىزگە بېرىپ، ئەتىگەن كەچتە ياتاقتىكى ۋاقىتتا چوقۇم  جامائەت قائىدىسى بوينچە ئىش قىلىشىمىز زۆرۈر بولۇپ، نامازدىن كىيىن چوقۇم ئەڭ ئاز ئون مىنۇت ، ھەركۈن بىر سائەت چوقۇم رىسالە ئوقۇشۇمىز، ھەپتىدە بىر كۈن چۈقۇم چوڭ سۆھبەتلەرگە كېتىشىمىز كېرەك ئېدى...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 03:11:07

abliz168 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 23:59 static/image/common/back.gif
داۋامىغا تەشنامىز ...
ئىلىم-پەن تور بىتى ئېچىلمايدىغۇ؟

ئېلىم-پەن تورى، خۇدا بۇيرىسا،  يېقىن كەلگۈسىدە ئېچىلىدۇ. كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 03:16:48

Tepekkurchi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-31 04:23 static/image/common/back.gif
بۇ ئەسلىملىرىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپ سىزنى سىغىنىپ قالد ...

رەھمەت بۇرادېرىم، مەنمۇ بەك سېغىندىم.. ئايال ۋە بالىنى ئېلىپ كەلسەڭلار قارشى ئالىمەن، يەنە ئۆتكەنكىدىنمۇ كۆپ پاراڭلىشارمىز، خۇدا نىسىپ قىلسا..

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 04:42:54

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 04:02 static/image/common/back.gif
بىر يىل تۈركچە ئۆگىنپ ئىنتاھانغا كىرىدىكەنمىز.. مېنىڭ  ...

تۆمەر(تۈركچە ئۆگىتىش مەركىزى)
============================

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇمكىن بولسا مۇشۇ تۈردىكى توربەت ۋە تور كىتابلىرى ئادرېسىنى سىز ۋە باشقا بىلىدىغان قېرىنداشلار يوللاپ قويغايسىلە.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 04:43:45

................................................................

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 07:58:23

    مۇشۇنداق ھەقىقى تۇيغۇ_ھىسىياتلار  بىلەن يېزىلغان  يازمىلارنى بەك ياقتۇرىمەن،ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز نۇرغۇن ئادەملەردىن ياخشى،مۇنبەردە بەزى گەپلەرنى دىيىش بىئەپ،سىز بىر بىلىم ئادىمى،سىز ياشاۋاتقاندەك ئەمەس،ئەڭ ئەقەللىي ياشاش يوللىرى ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىۋاتقانلار بار.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 13:19:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-3 13:27  

تۆمەرگە بىرلىكتە كەلگەن ئۇيغۇر باللار بىراقلا تىزىملاتتۇق. ئۇيغۇر باللارنى بىر سىنىپقا يىغىپ «تېز ئۆگىنىش سىنىپى» ئېچىپ بەردى، ئوقۇتۇش ھەققىمىز باشقا مەملىكەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تۆۋەن ئېدى، بەش ئاي ئوقۇيتتۇق، بىر ئاي ئىنتاھانغا تەييارلىق قىلدۇرۇپ بىرەتتى. ئەلبەتتە بۇنىڭدىن ھەممىمىز مەمنۇن بولغان ئېدۇق. سىنىپلارغا  زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلەھەلىرى سەپلەنگەن ئېدى، ياش تۈرك ئوقۇتقۇچىلار دەرس بىرەتتى. مەكتەپ ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر شەخسىي ئۇنىۋېرستىتنىڭ تىل مەركىزىنىڭ تارمىقى بولۇپ، بىز ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئىستانبۇلنىڭ ياۋرۇپا ياقىسىدىكى ئەڭ ئاۋات يەرلىرىدىن بىرىدە  ئېدى. بۇ يەردە  تۇرۇمۇش رېتىمى ناھايىتى ئالدىراش ۋە جىددىي كۆرۈنەتتىكى، ھېچنىمە قىلماي ئون مىنۇت ئۆتكەن-كەچكەننى كۆزىتىپ تۇرسىمۇ چارچاپ كىتەتتى كىشى...

تۆت بۇرادەر جامائەتنىڭ دەرسخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق. دەرسخانىمىز، يەنى تۇرىدىغان ياتاق ئۆيىمىز ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا ياقىسىدىكى كونىراق، بەزى كىچىك تىپتىكى زاۋۇت ڧابىرىكىلار بولغان، تىز سۈرەتلىك تاشيول، ئاپتوبۇس ۋە مېتروبۇس بېكەتلىرىنىڭ دەل كىسىشىش نوقتىسىدىكى نىسبەتەن  ئاۋات بىر يېرىدە ئېدى. دېمەك،  ئۆيىمىز ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا ياقىسىدا، مەكتەپ ئىستانبۇلنىڭ ياۋرۇپا ياقىسىدا ئېدى. شۇنداق بولغاچقا كۈندە ئۆيدىن مەكتەپكە مەكتەپتىن ئۆيگە كېلىش ئۈچۈن ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا ياۋرۇپادىن ئاسىياغا قاتنايتتۇق، ئارلىق يىراقراق بولغاچقا تېز ماڭىدىغان مىتروبۇس بىلەن كەم دېگەندە 40 مىنۇتتا باراتتۇق. ئۆيىمىزدىن  مېتروبۇس بېكىتىگە پاتقاقلىق ئەسكى يوللارنى، تىز سۈرەتلىك تاشيولارنى كېسىپ بېرىشىمىز قۇلايلىقراق بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ  كەم دېگەندە 10 مىنۇت ۋاقىت كېتەتتى.  تاشيولنى كېسىپ ئۆتمەيدىغان بىخەتەر يول بىلەن بىكەتكە بارماقچى بولساق يىرىم سائەت كىتىشى مۇمكىن ئېدى، بىز كۈندە ماشىنىلار تىز كىتىپ بارغان يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولنىڭ رىشاتكىللىرىدىن ئاتلاپ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلاتتۇق. ھازىر ئويلىسام تېنىم شۈركىنىدۇ، ئادەتتە تۈركلەر ئادەتتىكى تاريوللاردىمۇ ماشىنىنى ساراڭدەك تىز ھەيدەيدۇ، يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولدا بولسا ئۇچىدۇ.  شۇ ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەن خۇديىم بىزنى ساقلاپتىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن ھازىر.  بىزمۇ خۇددى «يېڭى تۇغۇلغان چاشقان تۈگمەننىڭ گۈرۈلدىگىنىدىن قورقماپتۇ» دېگەندەك قورقۇپ باقماپتىكەنمىز.  بۇ يولدىن كىسىپ ئۆتىدىغان باشقا كىشىلەرمۇ بار ئېدى. لېكىن  خەتەرلىك ئىكەنلىكى ئېنىق ئېدى.  شۇ چاغدا مۇشۇ يەرگە بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈك سېلىپ قويۇش كېرەك ئىكەن دەپ ئويلىغان ئېدىم..

شۇنداق قىلىپ ئۆي بىلەن مەكتەپ ئارىسىدا قاتناپ يۈرۈپ ئاسىيا بىلەن ياۋرۇپا قىتئەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان چوڭ كۆۋرۈك «بوغازئىچى كۆرۋرۈكى»دىن كامدا كۈندە ئىككى قېتىم ئۆتەتتۇق. بىز ئولتۇرىدىغان مېتروبۇس ئادەتتە ئاجايىپ قىستاڭ بولاتتى، بەزىدە ھەتتا قىسىلىپ كىرىۋالىدىغان بوشلۇق تاپالماي مەكتەپكە كېچىكىپمۇ قالاتتۇق. شۇنداق جىددى ۋە ئالدىراش ئەتىگەندە ئىشلىرىغا ماڭغان شۇ قەدەر كۆپ كىشىلەر، ئۇيقۇسىغا قانمىغان، ناشتىسىنى قىلمىغان، چېچىنى تاراشقا ئۈلگۈرمىگەن ھەرخىل چىراي، ھەرخىل ياش، ھەرخىل كەيپىياتتىكى كىشىلەر مېتروبۇس ئىچىگە لىق تولغان بولاتتى. بىراۋلارنىڭ قولىدا ئەتىگەنلىك گېزىت، بىراۋلارنىڭ قولىدا ئەيتاۋۇر دوكىلات، كۆپچىنچىلەرنىڭ قولىدا تېلڧۇن، قۇلاقلىرىدا ئاڭلىغۇچ، چىرايلىرى ئىپادىسىز، كىملىرى ئۇيقۇغا قانمىغان كۆزلىرىنى ئۇۋىلاۋاتقان، كىملىرى ئەسنەۋاتقان، ئورۇن تەگكەن كىملىرى ئولتۇرغان جايىدا مۈگۈدەۋاتقان... ھەر كۈنى بۇ خىل ھالەتتە داۋام قىلاتتى. مەن گاھى ئاپتوبۇس ئىچىدىكىلەرنى كۆزۈتۈپ، گاھى يول بويىدىكى يېشىللىقلارغا، بىنالارغا. ئۆيلەرگە قاراپ ماڭاتتىم.  مېتروبۇس بوغۇزدىن  ئۆتكەن چاغدىكى ئەتىگەندە كۈننىڭ پارقىراپ كۆتۈرۈلىشىگە، كۆپ كۆك ھايات دېڭىزغا، كەچتە قىزىرىپ پېتىشقا باشلاۋاتقان كۈنگە، قارامتۇل يېشىل رەڭگە كىرىپ قالغان تىنىچ دېڭىزغا قاراپ، كەلگۈسىدىكى ئۈمۈدكە ئۆتمۈشتىكى پۇشايمانلىق  ناخۇش تۇيغۇلار ئارلاشقان ھەرخىل خىياللار ئىچىدە  قانداق كېلىپ قالغىنىمنى بىلمەيلا قالاتتىم...
بەت: 1 [2] 3 4 5
: (بىلىك)كۈلۈپ باقايچۇ..