bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 09:34:57

(bilgejan) ئىنسانلار كەلگۈسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 09:29  

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر:

بۇ ماقالە دوكتور فىرانسىس كولىن يازغان مەن تەرجىمە قىلىپ سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان ماقالىلارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، ئالدى بىلەن بۇ كىشى توغرىسىدا ۋە ئۆزۈمنىڭ مۇددىئاسى توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە بېرىمەن. دوكتور فىرانسىس كولىن مەن ئەڭ قول قويدىغان بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يازغان ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن بىلىملىرى ئۈستىدىكى ئاممىباپ ماقالىلارنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنىڭ ئەھمىيتى زور دەپ قارايمەن.



فىرانسىس سېللېرس كولىن 1950-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شىتاتىنىڭ شەنېندو جىلغىسىدىكى بىر كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانىدا دۇنياغا كەلگەن ئامېرىكا فىزىئولوگىيە ۋە گېنتىكا ئالىمى بولۇپ، ئۇ «ئىنسانلار گېن قۇرۇلۇشى» تۈرىنى يېتەكلەش ۋە بىر قانچە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گېنلارنى بايقاش بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. ئۇ 1998-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىش ئورگىنى بولغان «دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى، NIH» نىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ بۇ ئورۇندىكى رولى بولسا ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىدىن تارتىپ كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلارغىچە ھالقىغان كەڭ دائىرىدىكى بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقاتنى قوللايدىغان ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئورگاننىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت. دوكتور كولىننىڭ يېتەكچىلىكى ۋە نۇرغۇن ئەجىر سېڭدۈرۈشى بىلەن «ئىنسانلار گېن قۇرۇلۇشى» تۈرى 2003-يىلى 4-ئايدا  غەلبىلىك تاماملاندى ۋە ھاياتلىق ئىلىمى تەتقىقاتىنى يېڭى بىر گۈللىنىش دەۋىرگە باشلاپ كىردى. ئۇ «دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى» غا يۆتكلىپ كىلىشتىن ئاۋۋال، مىچىگان ئۇنىۋېرستېتىدا پروفىسور بولۇپ ئىشلىگەن ۋە شۇ مەزگىللەردىلا «گېن ئوۋچىسى» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن. ئۇ ئامېرىكا «مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى» ۋە «دۆلەتلىك تەبئىي پەنلەر ئاكادىميىسى» نىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ۋە ئېرىشىش ناھايتى تەس بولغان شەرەپلەردىن «پرزدېنت ئەركىنلىك مېدالى» ۋە «دۆلەتلىك تەبئىي پەن مېدالى» غا ئېرىشكەن. دوكتور كولىن پەقەت بىر يېتىشكەن ئالىم، تەتقىقاتچى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپىدىكى دۇنيادا نېمىنىڭ ھەقىقىي مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىگە نەزەر سالغۇچى، شەيئىلەرنىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە ھەر ۋاقىت «چوڭ كۆرۈنۈش» نى يادىدا ساقلىغۇچى، مۇزىكا ۋە تەنھەرىكەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدىغان ئاكتىپ پائالىيەتچى ۋە ئۆزىنى توختىماي مۇكەممەلەشتۈرگۈچىدۇر. ئۇنىڭ قىزىقارلىق پائالىيەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىر «روك مۇزىكا ئەترىتى» قۇرغان ۋە بىر نەچچە تىلۋىزىيە پروگراممىلىرىدا نومۇر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە «دالا موتوسېكلىت ھەيدەش مۇسابىقىسى» غا قاتناشقان. ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ دىنغا ئىشەنمەسلىك ۋە ھامىلە چۈشۈرۈشكە قارشى مۇنازىرىلەرگە قاتناشقان ۋە 5 پارچە كىتاب يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ ھەر يىلى پرزدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالىدىغان ساغلاملىق ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم يۆنىلىشىنى بىۋاستە ئوباماغا دوكلات قىلىدۇ. ئۇ ئوبامانىڭ تەستىقى بىلەن ئۆتكەن يىلى يەنە 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوباما بىلەن بىرلىكتە «مېڭە تەشەببۇسى» (BRAIN Initiative) نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، كەلگۈسى 10 يىلدا بۇ تەتقىقات تۈرى ئۈچۈن يىلىغا 300 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدۇ. بۇ تەتقىقات تۈرىنى كىشىلەر «ئىنسانلار گېن قۇرۇلۇشى»، «ئايغا چىقىش پىلانى» ۋە «ئاتوم بومبىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى» قاتارلىق ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان چوڭ تەتقىقات تۈرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ دەپ قارىماقتا. مېنىڭ مېڭىدىكى نىۋرونلارنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ۋە مېڭىنى چوڭقۇر چۈشىنىشنى ناھايىتى مۇھىم ئىش دەپ بىلىشىممۇ ئۇنىڭ قارىشى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ تەتقىقات پىلانى مايمۇن مېڭىسىنىڭ گېن تۈزۈلۈشنى تەتقىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا بۇ مېنىڭ تەتقىقاتلىرىم بىلەن كېسىشىدۇ ۋە كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە مەن تۆرەلمە مېڭىسى تەتقىقاتىم ئۈچۈن مۇشۇ تەتقىقات تۈرىدىن مەبلەغ ئىلتىماس قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن.




ئەمدى گەپنى يىغسام، بۇ كىشىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر تونۇشتۇرۇشۇم ۋە ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىشىمنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ:

1. بۇ كىشى ھاياتلىق پەنلىرى ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىرى، مۇشۇ ساھەدىكى دۇنيانىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇ ئەڭ زور جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىشلىتىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە يېڭى ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئىخچام قىلىپ ماقالە يېزىپ تۇرىدۇ. بۇ ماقالىلەر مەن ئۈچۈن ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەر بىر ئىلىم-پەنگە ئېنتىلگۈچىگە ئىلھام بەخىش ئېتىدۇ ۋە ياشلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قىزىقىشىنى قوزغاشقا زور ياردىمى بولىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى تىلىنىڭ ناھايىتى ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكى بولۇپ، بۇنداق ماقالىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىمۇ ھەر قانداق سەۋىيەدىكى ئوقۇرمەن چۈشىنەلەيدۇ ۋە ئەڭ يېڭى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.

2. ئۇنىڭ يازغان ماقالىلىرى تەرجىمە قىلىنغان ماقالە بولماستىن، بەلكى مەلۇم ماقالىنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈنلەي ئۆز كاللىسىدىن، ئۆز قەلىمىدىن چىققان يازمىلار بولۇپ، ئۇنىڭ بۇنداق چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئاساس قىلغان ئىجادى ماقالىلىرى بارلىق ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ماقالە يېزىشتا ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. باشقىلارنىڭ ئەمگەكلىرى ئۈستىدە مەلۇم كەسىپكە ئائىت باشقىلارنىڭ يازغانلىرى، ئېيتقانلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا قەلەمگە ئالغاندا ئەينەن تەرجىمە قىلىش كېرەك ياكى بولمىسا تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ پۈتۈنلەي ئۆز تىلى بويىچە ئۆزى ئويلىغانلىرىنى يېزىپ چىقىش كېرەك، بولمىسا بۇ ئىلمىيلىققا ئۇيغۇن ئەمەس.

3. دوكتور كولىننىڭ كەسپىي ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر قەلەم تەۋرەتكۈچىلەردە كۆرۈلۈۋاتقان ماقالىنىڭ 70-80% تىن كۆپرەكى باشقىلارنىڭ ئەمگىكى، يازغىنى، دېگىنى تۇرۇقلۇق «مېنىڭ ماقالەم تەرجىمە ماقالە ئەمەس، مەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم» دەپ تۇرۋالىدىغان ئىلمىيسىزلىككە قارىتا ھەقىقىي ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تونۇشتۇرۇشنىمۇ كۆزدە تۇتتۇم. كەلگۈسىدە مەن بۇ كىشىنىڭ قىزىقارلىق ماقالىلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرگە، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۇسلۇبى بىلەن ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ قىزىقارلىق، ئاممىباپ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىجادىي كەسپىي ماقالىلەرنى ئۇيغۇرچە يېزىپ يېزىپ جامائەتكە سۇنىمەن. ئەسكەرتىپ قويايكى، مەن بۇ ماقالىلەرگە ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى ئاخىرقى خاتىمە قىسمىدا قوشساممۇ، بۇلار تەرجىمە ئەسەرلەردۇر.مېنىڭ پىرىنسىپىم مەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلارنى ئۆزۈم تىگىدىن تولۇق چۈشىنىمەن ۋە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيمەن، ئۆزۈم چۈشىنەلمەيدىغان ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلمايمەن. ئەلۋەتتە، مەن تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئەڭ مۇھىمى سەمىمىي، راستچىل ئىلىم ئىگىسى بولۇشنى زىيالىلار ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەك پەزىلەت دەپ بىلىمەن.

ئەمدى دېققىتىڭلار دوكتور فىرانسىس كولىننىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى ئېچىش يولىدا تېنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان ياش ئالىم گلادىشوفنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرىنى ئىزدەش سەپىرى توغۇرلۇق يازغان قىزىقارلىق ماقالىسىدا بولسۇن:


ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى شەپەرەڭلەر ۋە تاقىر تۇلۇم چاشقانلاردا!
دوكتور فىرانىسىس كولىن (Dr. Francis Collins)
تەرجىمىدە: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

http://directorsblog.nih.gov/2014/05/08/creative-minds-secrets-of-longevity-from-bats-and-rats/#more-2954


ھەممە ئىش شۇنداق ئاددىي باشلانغان ئىدى، ئاقسىللاردىكى ئىز قوغلىغۇچى ئېلمىنىتلارنىڭ ئانالىز قىلىنىشى كىشىنى سەگىتىدىغان قانۇنىيەتلەرنى تونۇشقا يېتەكلەپ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تۈپكى سوئاللىرىنىڭ بىرىگە جاۋاب بېرىشكە يول ئېچىپ بەردى: ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى زادى نېمە؟

ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى (NIH) «ئاۋانگارتلار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ۋادىم گلادىشوف نىڭ قىزىقارلىق ئىلمىي ئىزدىنىش يولى چوڭ-كىچىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى بىر يەرگە ئىلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرى گلوبۇسنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «بايلىق-ئىزدەش»كە تايانغان بولۇپ، روسىيە ئۆڭكۈرلىرىدىن شەرقى ئافرىقا تونىللىرىغىچە، ۋە شىمالىي مۇز ئوكيانغىچە بولغان جايلاردىن ئەۋرىشكە يىغقان. دەل گلادىشوفنىڭ ئىلمىي قىزىقىشلىرى مۇشۇنداق بىر ئۆزگىچە ئەۋرىشكە يىغىش خەرىتىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. سېلىشتۇرما گېنتىكىلىق ئانالىزى - دەل ئۇنىڭ تېخىمۇ ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرلىرىنى يېشىپ بېرىدىغان يېڭى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇ سەپەردە ئىلگىرىلىشگە يول ئېچىپ بەرگەن.

گلادىشوف بوستوندىكى خارۋارد مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتى تارمىقىدىكى بىرىھام ۋە ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ پروفىسورى. ئۇنىڭ ئىلمىي سەپىرى 16 يىل بۇرۇن بەدەندىكى سېلىن ئىلمېنىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىللارنى تەتقىق قىلىشتىن باشلانغان. 2003-يىلى ئۇ ئىنسان گېنومىدا 25 خىل گېننىڭ بۇ خىل سېلىنلىق ئاقسىللارغا كود يازىدىغانلىقىنى بايقىغان (1). بۇ سېلىنلىق ئاقسىللارنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاقسىللارنى ئوڭشاش رولى بارلىقى؛ يەنە بەزىلىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ياكى قوغداش رولى بارلىقىنى كۆزەتكەن. ئەڭ مۇھىمى، بۇ يەردە بىر خىل قانۇنىيەت باردەك قىلاتتى. بەلكىم، بۇ ئاقسىللار ھۈجەيرىلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ DNA لىرىنى قوغدىشى ۋە شۇ ئارقىلىق قېرىشنى كېچىكتۈرۈشى مۇمكىندۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا چوقۇم كۆپ ياكى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان سېلىنلىق ئاقسىللار بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن.

بۇ ئىلمىي پەرەزنى سىناق قىلىش ئۈچۈن، گلادىشوف ئۆزگىچە بىر ئۇسۇلنى قوللاندى. سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىق ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ھەمىگە ئايان: چوڭراق ھايۋانلار ئادەتتە ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرىدۇ. ئەمما ئەڭ چوڭ ھايۋاندىن باشلاشنىڭ ئورنىغا، ئۇ كىچىك ھايۋانلاردىن ئىشنى باشلىدى. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تاقىر تۇلۇم چاشقانغا ئىلتىجا قىلدى.  تاقىر تۇلۇم چاشقان بولسا بىر قورۇق، مويسىز (تۈكسىز) چاشقانسىمان جانلىق تىپىدىن بولۇپ شەرقىي ئافرىقىدىن تېپىلىدۇ ۋە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 32 يىل ياشىيالايدۇ. بۇ ئۆمۈر ئوخشاش چوڭلۇقتىكى چاشقاندىن 10 ھەسسە ئۇزۇن.  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىز تەلەتىگە باقماي، بۇ تۇلۇم چاشقانلار مېدىتسىنا تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن يەنە بىر مۇنەچە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن. بۇ تۈر بارلىق تەبئىي كۆرۈلىدىغان ۋە تەجىرىبخانىدا مەجبۇرى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدىغان راك كېسەللىرىگە قارىتا تەبئىي ئىممۇنىت كۈچىگە ئىگە، ئۇلار قەتئىي راك بولمايدۇ. ئۇلار يەنە ئىنسان مېڭىسىنى پۈتۈنلەي پالەچ قىلىپ قويىدىغان ئىنتايىن تۆۋەن ئوكسېگىنلىق مۇھىتتا خېيىم-خەتەرسىز ھالدا ھايات قالالايدۇ. ئۇلار مەلۇم ئاغرىقلارنى قەتئىي سەزمەيدۇ ۋە تاكى ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدە كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن قالمايدۇ (ئەركەك ۋە چىشىلىرى كۆزدە تۇتۇلغان، كۆپىنچە ئاياللار 50 ياشقا بارماي تۇرۇپ كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ). 2011-يىلى، گلادىشوف بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئالاھىدىلىكلەرنى بايقاشنى مەقسەت قىلىپ تاقىر تۇلۇم چاشقاننىڭ گېنومىنىڭ تولۇق تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىقتى (2).

گېن تەرتىپلىرى تەييار بولغاندىن كىيىن، بۇ گۇرۇپپا ئالىملار تاقىر تۇلۇم چاشقاننىڭ گېنلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھايات دەۋرىيلىكىنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدىكى پائالىيىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئىزنالىرىنى تىپىپ چىقماقچى بولدى. ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار تاقىر تۇلۇم چاشقان گېنلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ئوخشىمىغان ھايات دەۋىرلىرىدا ئاساسەن كۆپ ئۆزگەرمەيدىغانلىقنى بايقىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە SMAD3 ۋە CYP46A1 قاتارلىق ئىككى گېن ئىنسان مېڭىسىدە قېرىشقا ئەگىشىپ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ كەتسىمۇ، ئەمما تاقىر تۇلۇم چاشقانلاردا قېرىلىق مەزگىلىدىمۇ يۇقىرى ئاكتىپلىقنى ساقلىغان. CYP46A1 گېنى خولىستېرول مىتابولىزىمىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ قېرىلاردىكى دەۋەڭلىك كېسىلى بىلەن باغلىنىشى بار. SMAD3 گېنى ھۈجەيرە كۆپىيىشىگە قارشى گېن بولۇپ، بۇ تاقىر تۇلۇم چاشقاننىڭ نېمە ئۈچۈن راكقا قارشى تۇرالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە كېرەك.

گلادىشوف ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇزۇن ئۆمۈرنىڭ سىرىنى ئېچىشتىكى باشقا گېنتىكىلىق ئىستىراتىگىيلەرنى بايقاش ئۈچۈن يەنە بىر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانغا دېققىتىنى قاراتتى. ئۇ بۇ قېتىم روسىيەدە ياشايدىغان براند شەپەرىڭىنى تاللىدى. ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان شەپەرەڭلەر تۈرىدىكى جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىراند شەپەرىڭى 40 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ. گلادىشوف ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر شەپەرەڭنىڭ تولۇق گېنوم تەرتىپىنى ئېنىقلاپ چىقتى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى كونتىرول قىلىدىغان گېنلارنى ئىزدىدى (3). ئۇلار ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن قوبۇللىغۇچى ئاقسىل گېنى ۋە ئىنسۇلىنسىمان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن-1 قوبۇللىغۇچى ئاقسىلى گېنلىرىدا توساتتىن ئۆزگىرىش بارلىقىنى بايقىدى. بۇ گېنلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىلگىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى بايقالغان ئىدى. گلادىشوفنىڭ ھەيران قالغىنى شۇ بولدىكى، تاقىر تۇلۇم چاشقانمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش سېلىنلىق ئاقسىللاردىن 25كە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى كۈتكەندىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ چىقتى. بۇ گەرچە پارادوكىستەك بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تاقىر تۇلۇم چاشقان ھۈجەيرىلىرى كۆپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدىغان بولغاچقا، بەلكىم لازىم بولىدىغان ئوڭشىغۇچى ئاقسىلنىڭ مىقدارىمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

گلادىىشوف بۇ قېتىم «ئاۋانگارتلىق مۇكاپاتى» نى ئالغاندىن كىين، ئەمدى ئۆزىنىڭ بۇ ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ ھەددېدىن زىيادە ئۇزۇن ۋە قىسقا ئۆمۈر كۆرىدىغان 50 نەچچە خىل جانلىقنىڭ گېنوملرىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇ ئاللىقاچان دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولمىش مۇز ئوكياندا ياشىغۇچى يايسىمان-باشلىق كىت ئەۋرىشكىلىرىنى تەييارلاپ بولدى. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ ھايۋانلار 150-يىلدىن 200 يىلغىچە ياشايدىكەن. ئۇ بۇ ئەۋرىشكىلەرنى كىت ئوۋلاشنى بىلىدىغان ئىندىئانلار بىلەن ئالاقىسى كۈچلۈك تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق قولغا كىرگۈزگەن.

گلادىشوف ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ھايۋانلاردىكى ئورتاق گېنلارنى بايقاش ئارقىلىق، ئىنسانلاردىكى ماس گېننى تېپىپ چىقىشنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىشنى ۋە بىزنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىمىزنىڭ كۆپ قىسىنى چىرمىۋالىدىغان كېسەللەرگە گېرىپتار بولۇش يېشىنى كېچىكتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ۋادىم گلادىشوف
پايدىلىنىلغان ماقالىلەر:

Characterization of mammalian selenoproteomes. Kryukov GV, Castellano S, Novoselov SV, Lobanov AV, Zehtab O, Guigó R, Gladyshev VN. Science. 2003 May 30;300(5624):1439-43.

Genome sequencing reveals insights into physiology and longevity of the naked mole rat. Kim EB, Fang X, Fushan AA, Huang Z, Lobanov AV, Han L, Marino SM, Sun X, Turanov AA, Yang P, Yim SH, Zhao X, Kasaikina MV, Stoletzki N, Peng C, Polak P, Xiong Z, Kiezun A, Zhu Y, Chen Y, Kryukov GV, Zhang Q, Peshkin L, Yang L, Bronson RT, Buffenstein R, Wang B, Han C, Li Q, Chen L, Zhao W, Sunyaev SR, Park TJ, Zhang G, Wang J, Gladyshev VN. Nature. 2011 Oct 12;479(7372):223-7.

Genome analysis reveals insights into physiology and longevity of the Brandt’s bat Myotis brandtii. Seim I, Fang X, Xiong Z, Lobanov AV, Huang Z, Ma S, Feng Y, Turanov AA, Zhu Y, Lenz TL, Gerashchenko MV, Fan D, Hee Yim S, Yao X, Jordan D, Xiong Y, Ma Y, Lyapunov AN, Chen G, Kulakova OI, Sun Y, Lee SG, Bronson RT, Moskalev AA, Sunyaev SR, Zhang G, Krogh A, Wang J, Gladyshev VN. Nat Commun. 2013;4:2212.


خاتىمە: بۇ ماقالە گەرچە ئىنسانلار زادى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ دېگەن سوئالغا تېخى جاۋاب بەرمىسىمۇ، ئەمما بىر ئالىمنىڭ قانداق تىرىشچانلىقلار بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھاياتلىق سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش يولىنى يەنە بىر پىشقەدەم ئالىمنىڭ تىلى بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ. يەنە بىرى، بۇ ماقالىدا ئاپتور باشقىلارنىڭ ئەمگىكى ئۈستىدە توختالغان بولسىمۇ  ماقالە پۈتۈنلەي ئاپتورنىڭ ئۆز كاللىسىدىكى چۈشەنچىسى ۋە قەلەم تەۋرىتىشى بىلەن يېزىلغان. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە بۇندىن كىيىن دوكتور فىرانسىس كولىننىڭ مۇشۇنداق قىزىقارلىق ماقالىلىرىنى داۋاملىق تونۇشتۇرۇپ تۇرىمەن. مەن بۇ ماقالىلەرنى ئاساسەن تولۇق چۈشىنىمەن دەپ قارايمەن ۋە سوئاللار بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار ۋاقتىم يېتىشىچە ئۇزۇن كېچىكتۈرمەي جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىپ كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ.




tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 10:03:47

تەشەككۈرلەر بولسۇن بۇرادەر، سىلىنىڭ تېماڭلىدا  بىلىم ئاشۇرۇشنى باشلىدىم ئەمىسە {:112:}

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 10:09:46

ياخشى تېما.تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگىگە سالاملار بولسۇن!ئىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوڭ بولىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 10:49:40

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
پەۋقۇلئاددە ئەستايىدىللىقىڭىزغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ھەم بەك ياخشى ئىشنى باشلاپسىز. زىيالىلىقنىڭ يېڭى ئۆلچىمى، پەللىسىنى يارىتىپ، يېڭى ئۈلگە تىكلەپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. سۇئالىڭلار بولسا سوراڭلار دەپتىكەنسىز، ئەمىسە سۇئاللىرىمنى باشلىۋەتتىم. (ئەسكەرتىش، مەن بىئولوگىيەدە نۆل. ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانچە، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ساھەگە يېقىن يوللاپ باقمىدىم. بىمەنە ياكى خاتا سۇئاللار بولسا ئەيپكە بۇيرۇمىغايسىز.)
(1) ئادەمنى «ئۆلدى» دىگەندە، قايسى ئەزاسى ياكى قايسى فۇنكىتسىيە خىزمەتتىن توختىسا ئۆلگەن ھىساپلىنىدۇ؟ يۈرەك سوقۇش توختىسىمۇ؟ ياكى نەپەس توختىسىمۇ؟ ياكى مېڭىنىڭ خىزمىتى توختىسىمۇ؟ ياكى بىرقانچىسى بىرلىكتە كەلسىمۇ؟
(2) «مېڭىگە قان چۈشۈش» دىگەن گەپ Stroke دىگەن گەپ شۇمۇ؟ مېڭىنىڭ قىلدام قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ، مېڭىگە قان بارالمىغاندا، مېڭە خىزمەتتىن توختايدۇ دېيىلىدىغاندەك قىلىدۇ. قان يېتىشمىسە، مېڭە نىمە ئۈچۈن خىزمەتتىن توختايدۇ؟ پەقەت قاندىن ئوكسىگېن ئالالمىغاچقىمۇ؟ ياكى باشقا نەرسىلەرمۇ بارمۇ؟ قاندىن كېلىدىغان ئوكسىگېن مېنىڭىنىڭ زادى قايسى قىسمىنىڭ قايسى فۇنكىتسىيەسىگە لازىم بولىدۇ؟
(3) ئادەم بەدىنىدىكى ھەممە ئەزالارنىڭ قېرىشى سۈرئىتى ئوخشاش بولامدۇ ياكى بەزى ئەزالار ئاۋال بەكاراق قېرىپ كېتىپ، بەزى ئەزالار ياشراق تۇرىدىغان ئىش بارمۇ؟
(4) بىر زاماندا مېدىتسىنا كەسپىدىكى بىر تونۇشۇمدىن ئاڭلىشىمچە، ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانىنىڭ ئاخىرقى چەكلىمىسى بولىدۇ، يەنە بىرەر مىليۇن ياكى مىليارت قېتىم سوققاندىن كېيىن، خۇددى ماشىنىنىڭ موتورى كاردىن چىققاندەك، يۈرەكمۇ كاردىن چىقىدۇ. تەنھەركەت بىلەن چېنىقىپ بەرگەندە يۈرەكنىڭ مىنۇتىغا سوقۇش قېتىم سانى ئازىيىپ، يۈرەكنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا چېنىقىش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق دىگەندەك گەپنى ئاڭلىغاندەك قىلغان. بۇ گەپلەر قانچىلىك توغرا؟
(5) تۇرمۇشىمىزدا پىچاقنى قانچە ئىشلەتسە شۇنچە ئىتتىكلىشىدۇ، ماشىنىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە، شۇنچە تېز كاردىن چىقىدۇ، مېڭىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە شۇنچە چېچەن بولىدۇ دىگەندەك گەپ بار. ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بولامدۇ؟ مېڭىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە، فىزولوگىيە، بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن مېڭە شۇنچە ياشىرامدۇ ياكى قېرىمدۇ ياكى شۇ پېتى تۇرامدۇ؟ باشقا ئەزالارچۇ؟
(6) بەزنىڭ قانداق رولى بار؟ جىگەر، تال، بۆرەك دىگەن ئەزالارنىڭچۇ؟ خەنزۇلارنىڭ بۇرۇنقى بەزى كىتاپلىرىدا ئادەم بەدىنىدىكى مەركىزى ئەزا بۆرەك دىگەندەك ئۇقۇملارمۇ بار ئىكەندۇق، بۇ سەپسەتەمۇ ياكى ھەقىقەتەن شۇنداق مەركىزى، ئاساسلىق ئەزا بارمۇ؟ بولسا ئۇ قايسى؟ نىمە ئۈچۈن ئاساسلىق، مەركىزى ئەزا دەپ ئاتىلىپ قالغان؟
(7) ئادەم بەدىنىدە ئۇرۇق، تۇخۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۆرەك قاتناشمايدىكەن، لېكىن نىمىشقا بۆرەك ئىقتىدارى جىنسى ئىقتىدارغا باغلىنىپ قالىدۇ؟
ھازىرچە سۇئاللىرىم مۇشۇنچىلىك. بۇنداق ياخشى پۇرسەتتە، يەنە داۋاملىق سوراپ، بىئولوگىيەدە ساۋادىمنى چىقىرىۋېلىشقا تىرىشاي.

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 10:52:58

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئىرشىشلا ئەمەس ، بەخىش ئېتىشمۇ بىر بەخت . قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ ئۆز قەۋمىڭىزگە يېىڭى ئېلىملەرنى يەتكۈزۋاتىسىز ، سىزگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت بىلگەجان .

putaki يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 11:09:31

مېنىڭ پىرىنسىپىم مەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلارنى ئۆزۈم تىگىدىن تولۇق چۈشىنىمەن ۋە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيمەن، ئۆزۈم چۈشىنەلمەيدىغان ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلمايمەن. ئەلۋەتتە، مەن تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئەڭ مۇھىمى سەمىمىي، راستچىل ئىلىم ئىگىسى بولۇشنى زىيالىلار ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەك پەزىلەت دەپ بىلىمەن.
-------------------------------------------------------------------------
ماۋۇ سۆزلىرىڭىزگە ئاپرىن دىمەي چىدىغىلى بولمىدى.بولسا ھەممە ئىلىم ئەھلىدە مۇشۇنداق ئىسىل پەزىلەت بولسا،ئۇ بىزنىڭ شۇنداقلا ئاۋامنىڭ بەختى.ماقالىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنا بىز!

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 11:32:57

ئىمونت ئىقتىدارى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. مەسلەن ، سوغۇقتا كۆپرەك چوڭ بولغانلارنىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقى ئالاھىدە يۇقىرىكەن . ناچار مۇھىتتا كىچىكىدىن تارتىپ ياشىغانلارنىڭ ئىمونتتى شۇ مۇھىتتا يەنە كۈچلۈك بولىدىكەن.
ۋاكسىنىنىمۇ قايسى خىل ۋاكسىنا بولسا شۇ خىل ۋىروستىن ئاز مىقداردا كىرىشتۈرۈپ تەييارلاپ ،بەدەنگە ئۇرۇپ ،بەدەننىڭ شۇ خىل كېسەلگە بولغان ئىمنونتتنىڭ سەزگۈرچانلىقىنى ئاشۇرۇش دەپ ئاڭلىدىم.
دېمەك ، ئىمونت ھۈجەيرىلەردە ئەقلىيلىققا ئىگە بولامدۇ؟
ئەگەر ئەقلىيلىققا ئىگە بولسا بۇ ھەقتە خەلقئارادىكى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىللىرىدىن تەپسىلىيرەك دەپ بەرسىڭىز...
ئاللاھ ،ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!

paklan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 11:47:07

باشتا سىزگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
--------------------------------------------------------------
مېنىڭ پىرىنسىپىم مەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلارنى ئۆزۈم تىگىدىن تولۇق چۈشىنىمەن ۋە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيمەن، ئۆزۈم چۈشىنەلمەيدىغان ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلمايمەن. ئەلۋەتتە، مەن تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئەڭ مۇھىمى سەمىمىي، راستچىل ئىلىم ئىگىسى بولۇشنى زىيالىلار ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەك پەزىلەت دەپ بىلىمەن.
--------------------------------------------------------------------
ماۋۇ سۆزىڭىز ھەر بىر كەسىپ ئىگىسى ئۈچۈن بىر دەرس بوپتۇ. ھەمدە بىر كەسىپ قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي پەزىلەتتۇر. كاشكى ھەر بىر زىيالىي مۇشۇنداق قىلغان بولسا!.
-----------------------------------------------------
سەبىيلەرچە بىر «سوئالىم» بار ئىدى. ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.   مۇشۇ «ئۇزۇن ئۆمۆر» كۆرۈشنىڭ دەل ئۇقۇمى نېمە؟ يەنى، ئۇ «تەقدىردە پۈتۈلگەن ئۆمۈرنى ئۇزارتىشمۇ ياكى كىشىنى كېسەلدىن خالىي قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەندەك قىلىشمۇ» مۇشۇنىڭ ماھىيىتىنى بىر بېكىتىپ بەرگەن بولسىڭىز! رەھمەت!!

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:01:21

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 11:32 static/image/common/back.gif
ئىمونت ئىقتىدارى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. مە ...

مەنمۇ مۇشۇ ۋاكسىنا مەسىلىسىنى سورىماقچى، ئامېرىكىدىمۇ كىچىك بالىلارغا ھەرخىل ۋاكسىنىلار ئۇرۇلامدۇ؟

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:14:59

پارادوكىس دېگەن نېمە؟ چۈشەنچە بەرسىڭىز، رەھمەت.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:47:44

پارادوكىس دىگەن ئاتالغۇ يۈزەكى مەنىسىدە قارمۇ–قارشىلىق، زىتلىق دىگەن گەپتەك قىلغان.
ئەنىۋەر جۇلا دىگەن توردىشىمىز كۆپ ئىشلىتەتتى. پەلسەپىۋى مەنىسىنى، شۇ كىشى ياخشى بىلىدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 12:50:11

79588010 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-14 12:01 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ ۋاكسىنا مەسىلىسىنى سورىماقچى، ئامېرىكىدى ...

بۇنىسى ئىنىق. بىز ئىشلىتىۋاتقان كۆپ تۈردىكى ۋاكسىنىلار دەل ئەمىرىكىدا تەتقىق قىلىنىپ بارلىققا كەلگەن تۇرسا.

buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 13:03:28

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان!
مەن بۇ كىشىنى تۇنۇشتۇرۇپ بىر پارچە ماقالىنى باشلاپ قويغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، ۋاقتىم چىقماي پۈتمىگەن ئىدى. بۈگۈن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. مەن بۇ دوكتۇرنىڭ دىننى كۆز قارشىغا بەك قىززىقىمەن (گەرچە ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىزنىڭ ئىشىنىۋاتقان دىنىدىن سەل يىراق بولسىمۇ). مەن ئۇنىڭ ‹ The language of GOD›   (ئىلاھى تىل) دىگەن كىتابىنى ئوقۇغان ۋە تەرجىمە قىلىۋاتىمەن. يېىقىندىن بۇيان تەتقىقاتىم سەل ئالدىراش بوپ قىلىپ بۇنىمۇ ۋاقىتىنچە توختاتتىم. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ يىل ئىچىدە تۈگىتىپ چىقىمەن. بەلكىم سىز بۇ كىتابنىمۇ كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سىزگە تەۋسىيە قىلاي. ئەگەر سىزمۇ قىزىقىپ قالسىڭىز كىينىچە ئۇنىڭ باشقا ئەمگەكلىرىنىمۇ بىرلىكتە قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنۇش ئىمكانىينى توغۇلۇپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.
بۇ كىتابنىڭ خەنچە نۇسخىسىمۇ بار(上帝的语言)، باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلاي. لىكىن بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن سىزدە ئاز تولا بىئولوگىيە ساۋادى بولمىسا بولمايدۇ.

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 13:05:07

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان  سىزنىڭ سەمىمى لىك بىلەن يازغان سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر،بارلىق ئىلىم ئىگىللىرى ماناسىزدەك ئۆزكەسپى دائىرسىدە بىزلەرگە نادىر ئەسەرلەرنى سۇنسا نىمە دىگەن ياخشى .مېنىڭ پىرىنسىپىم مەن تەرجىمە قىلغان مەزمۇنلارنى ئۆزۈم تىگىدىن تولۇق چۈشىنىمەن ۋە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيمەن، ئۆزۈم چۈشىنەلمەيدىغان ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلمايمەن. ئەلۋەتتە، مەن تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئەڭ مۇھىمى سەمىمىي، راستچىل ئىلىم ئىگىسى بولۇشنى زىيالىلار ئۈچۈن ئەڭ يۈكسەك پەزىلەت دەپ بىلىمەن.
بۇ سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر. سىز بۇرۇندىلا ئۆزكەسپىڭىز دائىرسىدىكى سۇئاللارغا ئىنتايىن چۈشۈنۈشلۈك جاۋاپ بېرىپ كېلىۋاتىسىز. مەسلىھەت سورغانلارغا مەسلىھەت بېرۋاتىسىز. مېنڭمۇ سۇئالىم بارئىدى سورايدىغان،لىكىن سىزدىن سورالغان سۇئاللار خېلى باركەن شۇلارغا جاۋاپ بېرىپ بولغاندىن كىيىن سىز بىكار بولغاندا سوراي؟ اللە ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 15:54:56

  نىمانداق ياخشى تەتقىقات تۈرىدۇ-بۇ، ئەممازە... راك كىسەللېرى مۇشۇ چاشقاننى يەپ تۈگىتىۋەتمىگىدى ئەمدى، كەلگۈسىدە مۇشۇ تەركىپلەرنى نىفىتتىن كۆپلەپ ئايرىپ ئىشلەپچىقىرىپ ئاسما ئۇكۇلغا قۇشۇپ قەرەللىك ئۇردۇرۇپ تۇرسا ئۇزۇن ئۈمۈر كۆرگىلى بۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. مەنمۇ ئىنگىلىزچە ئۈگەنگەچ تۇرسام بولغۇدەك، كىيىنچە ئامىركىغا بېرىپ ئۈمرۈمنى ئۇزارتىۋالسام، بولمىسا 34 ياشتا بالا كۆرگەن مەندەكلەر بالدۇر كىتىپ قالسام بالام جاپا چىكىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالىدىكەنمىز...

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 16:01:18

بەلەن تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن بىلگەجان!
سىز كۆرگەن -ئاڭلىغان ئامىرىكانلارىنڭ يىمەكلىك،تازىلىق،دوختۇرغا كۆرۈنۈش،ئاڭلىسام داۋالانسا پۈتۈنلەي ھەقسىز
دەيدۇ...مۇشۇلار جەھەتتە بىلگەنلىرىڭىزنى دەپ باقسىڭىز؟
ئامېرىكىدا سىز  كۆرگەن ئامېرىكانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىرى نەچچە ياش؟
ئامېرىكانلارنىڭ بەزىلىرى بالىلىق بولمايدىكەن بەزىلىرى1،2بالىلىق بۇلىدىكەن،بەزىلىرى 10يېقىن بالىلىق بۇلىدىكەن
تۇغۇت ئارىمى،بالىلىق بولغانلار ئىگە بولغان مەجبۇرىيەت،ھۇقۇقلار توغرۇسىدا بىلگەنلىرڭىزنى دەپ باقسىڭىز؟

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 16:33:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-14 16:46  

‏ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولسا ياخشىمۇ؟
‏يەككە شەخسكە نىسبەتەن ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، چۈنكى ھەر بىر ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھالىتىگە نىسبەتەن ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئۆمرى ئومۇميۈزلۈك ئۇزارسا نۇرغۇن ئاپەت خارەكتىرلىك مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. يەر شارى چەكلىك، ئىنسانىيەتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى مۇشۇ چەكلىك نېمەتكە مۇۋاپىق كېلىشى كېرەك. نىسبەت ئېشىپ كەتسە يەر شارىنى كەڭ- كۆلەمدە تالان- تاراج قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك رىزق تالىشىش ئۇرۇشى قوزغىلىدۇ- دە، مېھىر- مۇھەببەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىمۇ ئېغىر دەرىجىدە دەز كېتىدۇ، بۇنداق ھالەتتە قارانىيەت دانىشمەنلەرنىڭ بازىرى چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، پەن- تېخنىكىسى ئاۋال ئىلگىرىلىگەنلەر، بايلار ئاۋال بۇ كەشپىياتتىن بەھىرلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئاجىزلارنى چىلبۆرە كەبى تالاپ يوق قىلىدۇ. ئەسلى ئەڭ ياخشى ھايات يەرنىڭ پوست قاتلىمىنى مۇۋاپىق بويسۇندۇرۇپ شۇ ئارقىلىق نېمەتكە ئېرىشىش ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەر شارىنىڭ تەبىئىي ئىكولوگىيىسىنى بۇزمىغان شەرت ئاستىدا ياخشىلاش ئىدى. لېكىن بۇنداق ھالەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان نوپۇس قۇرۇلمىسى ئاللىقاچان ئاخىرلىشىپ بولغان. ناۋادا بۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى بىلەن ھازىرقى ياخشى ئادەملەرنىڭ ئاڭ ساپاسى بىرلەشسە ئىدى، پىلاتونىڭ نەزىرىدىكى «غايىۋى دۆلەت»لەر ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى...لېكىن ئۇنداق ئەمىلىيەتنىڭ ئىشقا ئېشىشى تەس ئىنساننىڭ ئازغۇن ماھىيىتىگە نىسبەتەن.
‏شۇڭا، بۇنداق ھالەتتە ئادەملەر ئۆز ئەجىلىدە ئۆلۈپ تۇرىشى كېرەك. ئاغرىپ ھەم ئاغرىقنىڭ ئازابى ئارقىلىق ئىنساپنى بىلىپ مېڭىشى كېرەك.
‏خوش، پارادوكس دېگەنگە ئەمدى ئوڭايلا جاۋاپ چىقىدۇ.
‏ھەممە ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ياخشى دەيدۇ.
‏لېكىن ئىنسانىيەت كوللېكتىپىنى ئويلاشقاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياخشى ئىش ئەمەس، بەلكى بىر ئاپەت. يەككە شەخسنىڭ ئارزۇسى كوللېكتىپقا زىت كەلدى. مانا بۇ پارادوكس.

alepteken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 16:43:58


جانلىق ئىتىۋا نەرسىنىڭ مىڭىسى راسلا بەك مۇرەككەپ
مۇشۇ ئىنسانغا ئۆمۇردە 2 قىتىم چىش چىقىدىكەن  6-7 ياشتىن كىيىن چۇپ كەتكەن چىش پەقەتلا چىقمايدىكەن
لىكىن 100 ياشتىن ھالقىغان ئىنسانلادا قايتا چىش چىقىش ئالامەتى كۆرلىدىكەن  مەن ئويلايمەن مۇشۇ ئالىملىرمىز
مۇشۇ نوختىنى چىڭ تۇتۇپ ئىنساننىڭ چىشىنىڭ تەكرار ھاياتلىققا ئىرشىشنىڭ سەۋەبى زادى نىمە ؟
مىنىڭچە شۇنى ئىنىقلاپ ئىنسان نىڭ ئوتتۇر يىشىدىمۇ چىشى چۇپكەتسە يەنە قايتا كۆكلەيدىغان ھالەتكە ئىلىپ كەلسە ياخشى بولاتتى .
ئۇزۇن ئۆمۇر بىرىش ئاللانىڭ ئىلكىدىكى ئىش پەقەت بىز شۇ بەرگەن ئۆمۇرنى قەدىرلىسەك ئاسىرساق بولدى شۇكۇپايە

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 17:17:05

‏بىر ئالىمغا خاس روھى مۇۋازىنەت بىلەن تەنقىت كۆتۈرىشىنى ئۈمىت قىلىپ ئۈمىتلىك ياش ئالىمىمىز بىلگەجانغا ئېيتىدىغان بىر شىڭگىل تەنقىدىم بار:
‏بىلگەجان، ئالىملارنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىلىدىغان مىللىتىمىزنىڭ بىر ۋارىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن، سىز بىزنىڭ ئۈمىت يۇلتۇزىمىزنىڭ بىرسى.
‏لېكىن، ماۋۇ ماقالىڭىزدىكى دارىتمىنىڭ باش- ئاخىرى بەك چۈشىنىشلىك بولۇپ، مېنى خېلىلا ئەپسۇسلاندۇردى. سىز ئۆز كەسپىڭىزدە ئۈزۈپ چىقىۋاتقان بىر ياش ئالىم بولسىڭىزمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ئويچىلىق ساھەسىگە نىسبەتەن تېخى گۆدەكرەك كېلىسىز، لېكىن كەلگۈسىدە بۇ ساھەدىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلەيدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن. سىزنىڭ ھازىر مۇشۇنداق ماقالىلەرنى كۆپلەپ يېزىشىڭىزنى، بولسا ماۋۇنىڭدىن تەپسىلى ۋە كونكىرتنى بولغان بىلىملەرنى تونۇشتۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 17:55:55

تۇرسۇنجان ئاكىمىزغا تەشەككۈر. ھەقىقەتەن ئېسىل ئەمگەك بوپتۇ. ئەمما بىر نۇقتا دىققەت تارتتى، بىز ھازىرغىچە گېن گۇرۇپپىسى دەپ ئوقۇپ كېلىۋاتىتۇق، گېنوم دەپ بىۋاستە ئېنگىلىزچە ئاھاڭ تەرجىمىسىنى ئېلىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باققۇم بار بىلگەجان ئاكا؟ گېن گۇرۇپپىسى دەپ ئېلىنسا بولماسمۇ؟
بەت: [1] 2 3 4 5
: (bilgejan) ئىنسانلار كەلگۈسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ؟