qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 23:29:46

tumaq يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 23:14 static/image/common/back.gif
خەلقىم ئوقۇماي تۇرۇۋالارمىكى ئىشۇ كىتابنى.

ئۇنداقتا يەنە بىر ئېلان سۆزى قىستۇرىمەن:lol

دىك سۋابنىڭ بۇ كىتابى ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىدىن كۆپچۈشىنىشلىك!

ئورخاننىڭ ‹‹مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل››، ‹‹يېڭى ھايات››، ‹‹جىمجىت ئۆي›› ...قاتارلىق كىتابلىرىنى ئوقۇپ، نېرۋىسى زىيادە چارچاپ كەتكەنلەر دىك سۋابنىڭ ‹‹چوڭ مېڭە دەل ئۆزىمىز›› ناملىق كىتابىنى ئوقۇسا، ‹‹قانداق قىلغاندا روماننى چارچىماي ئوقۇغىلى بولىدۇ؟››، ‹‹نېرۋىنىڭ چارچىشىدىكى سەۋەب زادى نىمە؟››، ‹‹ئورخان پامۇكنىڭ رومان تىلى بىلەن دىك سۋابنىڭ نېرۋولوگىيىسىنى قانداق قىلغاندا ئۆزئارا ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟›› قاتارلىق نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاب تاپالايدۇ.:lol

qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 23:33:05

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 23:06 static/image/common/back.gif
تۇماق پالۋان( پاترول قويغان بۇ ئىسىم يامان ئەمەسكەن ...

نەشىرگە ھۆددىگەر پىرىملار بىلەن خېلى كۆپ مۇلاقەتلەردە بولغانمەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغان باھانىلىرىگە بېرىدىغان جاۋابنى فورمىلا شەكلىدە جەدۋەللەشتۈرۈپمۇ قويدۇم.:lol

تۇماق پالۋان، ئورخاننىڭ كىتابىنى چىقىرىپ پايدىسىنى كۆرگەچ ‹‹پەرھات تۇرسۇن لىكسىيەلىرى››نىڭ داۋامىنى بىر يوللاپ، زاكات ئايرىسا بولىتى!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 23:48:52

ئاۋال بىر ئەخمەقانە سۇئالنى سوراي.
ئادەم نىمىشقا ئۈلىدۇ؟:lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 23:50:37

qeside يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 22:44 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوكتۇر بىلگەجان!

دىك سۋابنىڭ ‹‹چ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! بۇ سىزكەنسىزغۇ؟! مەن دەل مۇشۇ مەقسەتتە قەستەن شۇ كىتابنىڭ گېپىنى چىقارغان ئىدىم. سىزنى بۇ يەردە تېپىۋىلىپ بەكلا خۇشال بولۇۋاتىمەن. مەن سكايپتا سىزگە ئۇچۇر قىلىپ ئالالمىدىم دەپ ئولتۇرسام، سىزمۇ شۇنداق دەۋاتىسىز. قارىغاندا بۇ يەردە بىر ئۇقۇشماسلىق ياكى تېخنىكىلىق چاتاق بولسا كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن، تېپىشىۋىلىپ بەك ياخشى قىلدۇق! سىز ماڭا ئېلخەت ئادېرىسىڭىزنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرسىڭىز ۋە مۇشۇ كىتابتىكى سىز قېينىلىۋاتقان ئۇقۇملارنى ئىزدىنىشتا تېما ئېچىپ قويسىڭىز بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلساق بولىدۇ. بۇ كىتاب مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن، تېپىلغۇسىز ئېسىل پەن ساھەسىدىكى ئاممىۋى ئوقۇشلۇق كىتابى. بۇ كىتابنىڭ يازغۇچىسىنى كىتابقا قاراپلا پەقەت بىر ئالىملا ئەمەس، جەمئىيەتتىكى زور مەسلىلەرگە دېققەت قىلغان ۋە يېشىم-جاۋابلارنى بەرگەن بىر كۆپ قىرلىق ئىلىم ئىگىسى دېسەك بولىدۇ. دوكتور سۋاب ئۆز ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ يېتىشكەن ئالىم بولۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ يازغانلىرى مەلۇم بىئولوگىيە ئاساسىنى تەلەپ قىلسىمۇ يەنىلا ناھايىتى ئاممىباپ دەپ قاراشقا بولىدۇ چۈنكى ھەر كىشى ئۆزىگە لايىقىدا نەپكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقىدىغانلار كۆپ قاتلام ۋە كۆپ ساھەدىكى كىشىلەردىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مېنىڭ ئاپتور بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىم بوپ قېلىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز تەرجىمىنى رامزانغا ئۈلگۈرتىمەن دەپ قارىسىڭىز، مەن بىر ئامال قىلىپ بۇ كىشى بىلەن ئالاقە قىلىپ سىز دېگەندەك ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن. قالغان گەپلەرنى يەنە ئاستا-ئاستا دېيىشەيلى. رەھمەت!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 23:55:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-15 00:08

qeside يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 22:44 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوكتۇر بىلگەجان!

دىك سۋابنىڭ ‹‹چ ...

يەنە بىرى، بۇ كىتابنىڭ مەن ئەڭ قىزىققان بىر نەچچە باپىنى مەنمۇ تەرجىمە قىلىۋاتقان ئىدىم، بولۇپمۇ ھەمجىنىسلارنىڭ مېڭە يېتىلىشى ۋە بالياتقۇدىكى ھامىلە يېتىلىشى توغرىسىدىكى بايانلار ۋە ئىچكى ئاجراتما، كۆپىيىش سىستىمىسىغا مۇناسىۋەتلىك مېنىڭ كەسپىم ھېسابلىنىدىغان دائىرىدىكى مەزمۇنلارنىمۇ تەرجىمە قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئىدىم. مۇمكىن بولسا مەن بۇ كىتابقا ئازراق ھەسسە قوشاي، ھېچبولمىغاندا تۈزىتىپ تەھرىرلىگۈچى بولسىمۇ بولۇپ بۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىسمىم يېزىلىشىنى قولغا كەلتۈرەي. :lol بۇنداق ياخشى كىتابلارغا قىلچىلىك ھەسسە قوشۇشمۇ مەن ئۈچۈن شەرەپ. بۇ كىتابنىڭ مۇھىملىقىدا قولۇمدىكى باشقا يازمىلىرىمنىڭ ھەممىنى تاشلىۋىتىپ شۇ كىتاب تەرجىمىسىدە سىزگە ياردەملەشسەممۇ ئەرزىيدۇ. مەن تېخى سىزدىن خەۋەر بولمىغاندىكىن، بۇ كىتابنىڭ مەن تەرجىمە قىلغان بەزى مۇھىم بۆلەكلىرىنى توردا ئېلان قىلاي دەپ تۇرغان، ئەڭ ياخشىسى ھازىرچە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالسام بولغۇدەك.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 00:03:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-15 00:20

tumaq يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 23:14 static/image/common/back.gif
خەلقىم ئوقۇماي تۇرۇۋالارمىكى ئىشۇ كىتابنى.

تۇماق بۇرادەر، بۇ كىتابنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوقۇيدىغانلىقىغا خىلى ئىشەنچىم بار.

بۇ كىتاب «ھەر بىر ئىنسان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشى زۆرۈر بولغان بىر كىتاب»تۇر. بۇ ئېلان سۆزىنى مېنى دېگەن دەپ تەشۋىق قىلساڭلار بولىۋىرىدۇ . :lol

بۇ راست گەپ، بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىنى @qeside قىسقىچە بىر تونۇشتۇرۋەتسە قۇتادغۇبىلگ تىكىدەك، سىلەر بۇ كىتابتا ھەر كىشىگە ماس كىلىدىغان بىلىملەرنىڭ توننىسى بىلەن بارلىقىنى ھېس قىلالايسىلەر. بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيتى بەكلا زور بولىدۇ، دۇنياۋى تەبئىي پەن ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇرچە ئوقۇشتىن ھوزۇر ئالىدىغانلار مەنچە يەنىلا كۆپ بولسا كېرەك. بولۇپمۇ بۇ كىتابتىكى كۆپىيىش سىستىمىسى، ئوزۇقلۇق، جىنسىي خاھىش، مېڭىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپلىرى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان مېڭىگە ئائىت كېسەللەر …. قاتارلىق تېمىلاردا تەپسىلىي توختىلىشى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماي قالمايدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 00:12:04

tashway يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 21:51 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننىڭ بۇ ئىسىل تىمىسىغا تەشەككۇر،. ئەمما ماقالى ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت! سىز دېگەن «مازار» قايسىدۇ؟ بۇ گېپىڭىزنى چۈشىنىشكە ھەر قانچە تىرىشپمۇ بۇ تەمسىلگە چۈشىدىغان بىر ئىشنى قىلغانلىقىمنى ئويلاپ تاپالمىدىم؟؟؟ شەيىخ مازاردا كۈن ئېتىدۇ، مەن ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىپ كۈن ئېتىمەن. ئەمما مەن ئىلىم-پەنگە «چالما» ئاتىدىغان ئىشنى قىلىپ باقمىغان تۇرسام، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئوخشىتىپ قالغانسىز؟ بەلكىم بەزى ئىشلارنى راستىنلا ئارتۇقچە ئويلىۋالغانسىز…

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 00:19:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-15 08:31

sabira يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 18:33 static/image/common/back.gif
‏بەك ياخشى تىما يوللاپسىز، ھارمىغايسىز.
‏ئۇنداقتا Smad3...

رەھمەت. ناھايىتى توغرا يۆنىلىشتە پىكىر قىپسىز! خو! (چىراي ئىپادىسىدە باشمالتاق كۆرۈنمەيدىغۇ؟)

دەل سىز دېگەندەك ئويلاش كېرەك. بۇ يازمىنى تەييارلىغىنىغا مۇشۇ سوئالىڭىزنى كۆرۈپ ھاردۇقۇم چىقتى. ئەمدى، نەق گەپكە كەلسەم، گەرچە بۇ گېنلار قېرىش ۋە راكقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللەردە مۇھىم رول ئوينىسىمۇ، ئەمما مەيلى راك كېسىلى بولسا ياكى قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى بولسۇن پەقەت بىرلا گېننىڭ كونتىروللۇقىدىكى تۈز سېزىقلىق مۇناسىۋەت بىلەن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللەر بولماستىن، يۈزلىگەن ئوخشىمىغان گېنلارنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدىغان بولغاچقا بىر گېنى نىشان قىلىپ داۋالاش ئارقىلىقلا ساقايتقىلى بولمايدۇ. بۇ ماقالىدە پەقەت مۇشۇ گېنلارنىڭ بەكرەك مۇھىملىقى ئىسپاتلىنىپ چىققان بولۇپ، بۇ كىيىنكى تەتقىقاتلار ئۈچۈن يېڭى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆرگىنىڭىزدە بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ يېڭىسى تېخى ئۆتكەن يىل ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، بۇ گېنلارنى نىشانلاش ئارقىلىق كېسەل داۋالاش تېخى ئامېرىكىدىمۇ سىناق قىلىنغىنى يوق. يۇقىرىدىكى كېسەللەرنىڭ بەكلا مۇرەككەپ بولۇشى دەل گلادىشوفنىڭ توختاپ قالماي يەنە 50 تۈرنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلىشىغا سەۋەب بولغان. كېيىنچە بەلكىم ئاددى ئۇسۇللارمۇ چىقىپ قىلىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە.

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 00:24:06

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.تېما سۈپەتلىك ۋە قىزىقتۇرۇشچانلىقى بار تېما بولۇپتۇ. ھەم ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ تېما ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ۋەسىلە بولۇۋاتقاندەك. بەرىكەت يار بولغاي!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 00:30:16

ۋاي ۋۇي
ئۇچۇقلا دەۋېتىڭلارچۇ بولدى گەپ ئەگىتمەي
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ دىن توغرىسىدىكى تېمىسىغا قالدۇرغان ئىنكاسلىرىڭىز بىلەن قوشۇپ بۇ تېمىڭىزغا قوشقان كىرىش سۆزىڭىزنى شۇنداق دەيدۇ.
سىز بەلكىم ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىلا كۆزدە تۇتمىغان بولىشىڭىز مومكىن.بايانلاردىن مىنىڭ خىيالىمغا يەنە باشقىلەرمۇ يەتتى.ئەمما كىمنى كۆزدە تۇتۇپ دىمەڭ،ياكى ھېچكىمنى كۆزدە تۇتماڭ،مەن شەخسەن ئېيىتقانلىرىڭىزغا قوشۇلىمەن.سىزنىڭ قىلغىنىڭىز خاتا ئەمەس.
ئەمما بىر يېرىنى سەمىڭىزگە سالمىساممۇ بىلىسىز بەلكىم.ئادەم توپلىشىپ ياشايدىغان جانلىقلار تۈرىگە كىرىدۇ.:lol

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 09:48:53

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 00:03 static/image/common/back.gif
تۇماق بۇرادەر، بۇ كىتابنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوقۇيدىغان ...

كىتاب راستىنلا سىلە دېگەندەك بولسا، چىقىرىدىغان كىتابكەن ئەمىسە. بۇ بىئولوگىيەگە ئائىت كىتاب بولغاندىكىن، سەھىيە نەشرىياتىغا سۇنساق بولىدۇ. مەن «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» قانداقراق سېتىلدىكىن، شۇنى سۈرۈشتۈرۈپ باقاي. بۇنداق تېخنىكىلىق كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشىدا چاتاق يوق. بازارنىلا ئويلاشساق بولىدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:25:12

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 00:30 static/image/common/back.gif
ۋاي ۋۇي
ئۇچۇقلا دەۋېتىڭلارچۇ بولدى گەپ ئەگىتمەي
ئەركى ...

زىيالىنىڭ مۇشۇ تۈز مىجەزىنى بەك ياقتۇرىمەن.{:112:}

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:17:26

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 20:18 static/image/common/back.gif
شۇنداق، ئامېرىكىدا بالىلار 2 ياشقا كىرگۈچە جەمئىي 12 خ ...

رەخمەت.{:86:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:15:59

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 00:30 static/image/common/back.gif
ۋاي ۋۇي
ئۇچۇقلا دەۋېتىڭلارچۇ بولدى گەپ ئەگىتمەي
ئەركى ...

بۇ مەلۇم ئادەمگىلا قارىتىلغان گەپ ئەمەس، مەن نۆۋىتى كەلگەن يەرلەردە سەمىمىي بولۇشنى، ئىلمىيلىكنى تەكىتلەپ كەلدىم. ئىنكاسلىرىم بىلەن يىغىپ-يۆگەپ چۈشىنىۋالماي، مەن كىرىش قىسمىدا تەنقىد قىلغان بىر قىسم قىلمىشلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەردە مەۋجۇتلۇقى ھەم بۇنىڭ قانداقتۇر بىر ئويۇن ئەمەس،پەقەت مەن ناھايىتى چىڭ تۇرىدىغان بىر شەخسىي كۆز قارىشىمنى تەكىتلىشىم دەپ چۈشىنىۋالساڭلار بولىدۇ. رەھمەت.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:21:37

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 23:48 static/image/common/back.gif
ئاۋال بىر ئەخمەقانە سۇئالنى سوراي.
ئادەم نىمىشقا ئۈلىد ...

بۇ سوئالغا مەن جاۋاب بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇنىڭ دىننىي جەھەتتىكى چۈشەندۈرۈلۈشىنى ھەقىچان بىلىسىز. ئەمما ئالىملار بۇ سوئالغا ھازىرغىچە جاۋاب ئىزدەپ كەلمەكتە… جاۋابنى كىم تىپىۋالسا بۇ دېگەن «مىليارد دوللارلىق سوئال» جۇمۇ. :lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:23:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-15 20:59

Aziz يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 10:49 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
پەۋقۇلئاددە ئەستايىدىللىقىڭىزغا...

(7) ئادەم بەدىنىدە ئۇرۇق، تۇخۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۆرەك قاتناشمايدىكەن، لېكىن نىمىشقا بۆرەك ئىقتىدارى جىنسى ئىقتىدارغا باغلىنىپ قالىدۇ؟
===============
ماۋۇ بەك قىزىقارلىق سوئال بوپتۇ. راست گەپنى قىلسام، مەن شۇنچە كۆپ ئاناتومىيە، فىزىئولوگىيە دەرسلىرىنى ئوقۇپمۇ بۇ توغۇرلۇق ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولمىغاچقا، بۇرۇن «تومۇر تۇتقۇچى» (يالغان) تېۋىپلارنىڭ گەپلرىنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن بۇ توغۇرلۇق كۆپ ئىزدىنىپ باققان ئىدىم. ئەمما مەن قارىشىمنى دېيىشتىن بۇرۇن تومۇرنى ھەقىقىي تۇتالايدىغان تېۋىپلاردىن بۇنى سوراپ باقسام، ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى بىر ئاڭلاپ باقساق دەيمەن.
@tadubeg بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بېرىڭلار ما تېمىدا؟ ئەمما دورا ئېلانى بېرىشكە بولمايدۇ، جۇمۇ.:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:35:10

:(:(:(:(ئەتە

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:46:41

mevlana يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 00:24 static/image/common/back.gif
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.تېما سۈپەتلىك ۋە قىزىقتۇرۇشچانلى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزغا ۋە ياخشى باھالىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت. سىز كىرگەندىكىن بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىۋالاي دەپ قالدىم. كىشىلەرنىڭ ئۆمرىىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى پىشانىسىگە پۈتۈلىدۇ دېگەننى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمىز، مۇشۇ توغرىدا كۆز قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بوپتىكەن. مەن يۇقىرىدىكى ئىنكاسلاردا دېگەندەك، ياپونىيە خەلقى ئوتتۇرىچە 82 يىل ئۆمۈر كۆرسە، ئافىرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەردە كىشىلەر ئوتتۇرىچە ئاران 49 يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن. بۇنداق بولۇشى ئېنقكى داۋلاش شارائىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇنداق ئەھۋالدا 50 ياشقا بارماي ئۆلۈك كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قانداق قارىساق توغرا بولىدۇ؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 21:13:51

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 20:46 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزغ ...

تەقدىر مەسىلىسىنى بىر ئىككى ئىنكاس بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
بىلىشىمچە، تەقدىر مەسىلىسى تالاش تارتىش ۋە مۇنازىرە قىلىش چەكلىنىدىغان مەسىلە.
بۇ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ چىقماسلىقى مۇمكىن جۇمۇ.{:87:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 01:20:57

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 20:21 static/image/common/back.gif
بۇ سوئالغا مەن جاۋاب بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇنىڭ...

دىمىسىمۇ بەكلا ئەخمىقانە سۇئال بوپتۇ.
بايا مەنمۇ بىلىشىمچە ئىزدەپ باقتىم.
كۆرگىنىممۇ بىرەر داڭلىق ئورگاننىڭ تور بىكىتى بولمىغاچ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دەپ پاراڭنى قىلىۋېرەي:lol
دىيىشىچە ئادەم ئاغرىغىنىدا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر شۇ ئاغرىقنى ساقايتىش ئۈچۈن جېنىنىڭ بېرىچە كۈرەش قىلارمىشكەن.ئاغرىقنى ساقايتىش كۈرىشى ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن بولىدىكەن.ئىشلار داۋاملىق مۇشۇنداق ئوڭۇشلۇقلا بولىۋەرمەيدىكەن.بۇ ھۈجەيرە باللار ياش ۋاقتىدا ئوبدان ئىشلەپ بەرسىمۇ سەل چوڭ بولغاندا ھورۇنلۇق قىلىدىغان بولىۋالىدىغان ئوخشايدۇ،مەن سىنىڭ مالىيىڭمىتىم دەيدىغان ئىدىيە ھۈجەيرىلەر «كاللىسىدا» نەچچە قېتىم(نەچچە ئونمىڭ قېتىم بەلكىم) پارچىلانغاندىن كىيىن ساقلىنىپ قالىدۇ،مەلۇم چەككە يەتكەندە ھۈجەيرىلەر ئىش تاشلايدۇ......شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىدە قالايمقانچىلىق كەپ چىقىپ ئاغرىق ئاغرىق پېتى ئۇزراپ ئاخىرى بىر كۈنى ئادەم ئۈلۈپ قالىدۇ..........دەپتۇ:lol
قەتئى بىئولوگىيە بىلمەيدىغان قارا قۇرساق مۇشۇنداقراق چۈشىنىپ تۇرسام بولامدۇ:lol

ئالدىنقى ئايدىغۇ دەيمەن.تېلىۋزوردىن ئادەمنىڭ بىئولوگىيەلىك سائىتى دەيدىغان نەرسىنى يوق قىلىدىغان بىر خىل دورىنىڭ ياسالغانلىقىنى.........دىگەندەك بىر خەۋەرنى(خەۋەرمۇ ئەمەس،كۆرگىنىم ئۇچۇر خاراكتىرلىك پىروگراما ئەمەس كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىقتى:lol )ئاڭلاپ قالدىم.دىيىلىشىچە بىئولوگىيەلىك سائەتنى باشقۇرىدىغان گىنمۇ ياكى ھۈجەيرىمۇ بىر نىمىنىڭ بىر نىمىسىنىشۇ دورا بىلەن قاتتىق دىسكىنى فورماتلىغانغا ئوخشاش فورماتلاپ ئۈچۈرۋەتكىلى ياكىبولىدىغان ئوخشايدۇ.:L گەپلىرىم رەسمى ئەپقاچتى گەپلەرگە ئوخشاۋاتىدا:L
شۇ دورا بىلەن بىئولوگىيەلىك سائەتنى ئادەم بەدىنىگە ئۇنتۇلدۇرىدىغان ئوخشايدۇ.
شۇنداق بولسا،كىيىنكى بىر كۈنلەردە بىر دورا چىقىپ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىمۇ فورماتلىۋەتسە،ئادەم ۋاقتى ۋاقتىدا ئىچىپ تۇرسا ..............:lol

بۇ بىر بىئولوگىيە توغرىسداجىق بىرنىمە بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ ھاياتلىق ئىلمى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ۋاقىتىدا كاللىسىغا كىلىدىغانلىرى:lol
بۇ توغۇرلۇق ماقالىلەرنى كۆرسەممۇ چۈشەنمەيمەن.ئەمما بۇ ماقالە شۇنداق چۈشىنىشلىك بوپتۇ.
بەت: 1 2 [3] 4 5
: (bilgejan) ئىنسانلار كەلگۈسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ؟