man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 07:06:26

مەنمۇ ئازراق سوزلەپ باقاي!
خاتالاشسم ئاللا ئوزى ئەپە قىلغاي!

مىنىڭ بىلىشىمچە ( ئوزەم ئويلاپ تاپقان ئەمەس، بەلكى ئۇيەر، بۇ يەرلەردىن ئاڭلىغانلىرىمدىن ئويلاپ چىققنىمچە) ماۋۇ تەقدىر، قازا دىگەنلەرنى پۇتىۋېتىلگەن دەپ ئەمەس بەلكى، شۇنداق بىر ئىش، شۇنداق بىر ۋاقىت كەلسە سىزنىڭ نىمىنى تاللاپ، قانداق ھەرىكەت قىلىدىغىنىڭىزنى ياراتقان ئىگىسى بېلىدۇ، دەپ چۇشەنسەك بولغۇدەك.

بۇنىڭغا كىنونى مىسال ئالساق مۇنداق. دوگلاس رول ئالغان بىر كىنو بار، تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى دەپ 生日礼物 ئۇنىڭدا بىر ئادەمنىڭ قانداق ئىشقا يولۇقسا قانداق قارار چىقىرىغانلىقى پەرەز قىلىنىپ، شۇ ئادەمگە بىر قاتار شارائىت ۋە ۋەقەلەر قەستەن ئورۇنلاشتۇرلىدۇ، ئۇ كىشى خۇددى ئالدىن پەرەز قېلغانلار پەرىزىدەك قارار چىقىرىپ ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ، شۇ كىنودىكى ئەھۋالدا ئۇنىڭدا تاللاش ئەركىنلىگى بار ئىدى، بەزى قارارنى باشقىچە چىقارسا، بەزى ھەركەتلەرنى باشقىچىرەك قىلسا بولاتتى. بىراق ئۇ شۇنداق جېىق ئىھتىماللىق (تاللاشلار) ئىچىدىن ئالدىن پەرەزقىلغۇچىلارنىڭ ( دىققەت ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارنىڭ ئەمەس ھە) پەرىزىدەك لا تاللاش ۋە ھەرىكەت قىلدى. بۇنى بىر ئادەمنىڭ قانداق ئىشقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى، قانداق قىلىدىغانلىنى ئالدىن بېلىش دىسەك بولىدۇ. خوش بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن.

ئەمدى يەنە بىرگەپ بار، بۇنىڭدىمۇ شۇ كىنونى مىسال قىلاي. كىنو ئادەتتە سىنارىيە يېزىلىدۇ، رىژىسور ئارتىس تاللايدۇ، ئارتىس رىژىسورنىڭ تەلىۋى بويىچە قارار چىقىرىپ، ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنىڭدا تاللاش يوق، تاللاش پەقەت رىژىسوردىلا بار. ئۇ رىژىسورنىڭ دىگىنىنى قىلىدۇ، تەلىۋى بويىچە قىلىدۇ، ئۇنىڭدا قىلچىمۇ ئەركىنلىك، ئىختىيار ياكى تاللاش بولمايدۇ.بۇنى بىز ئورۇنلاشتۇرۇش، بىكىتىۋېتىش دەيلى.


ئەمدى ئادەم قايىل بولمايدىغان نۇقتا: سەن مىنىڭ ھەممە نىمەمىنى (ئومۇر، ئىتىقاد، ئىمان، ئەمەل،ئەجىر،......) بىكىتىپ قويدۇڭ، مەن سىنىڭ دىگىنىڭدىن سىرتىدىن چىقمىدىم ھەم چىقىش مۇمكىن ئەمەس، خوش ئەمدى
1.سەن ئوزەڭنىڭ بىكىتىپ قويغان تەرتىپى ئۇچۇن مىنى جازالىساڭ مۇۋاپىق بولامدۇ دەپ سوراش؟
2. ھەممە نەرسە نىكىتىپ قويۇلغان، مىنىڭ تىرشچانلىقىم ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھىچقانداق تەسىر قىلالمايدۇ دەپ پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇش.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 09:19:30

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 22:28 static/image/common/back.gif
ئەستائىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكەئۇرۇنغانلىقىڭىزغا...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان قېرىندىشىم !
مەۋلانە ئۇستاز سۆز قىلغۇچە بۇ ھەقتە ئۆز بىلگەنلىرىمنى بايان قىپ باقاي ، كۆرۈپ باقارسىز:
مەن بەزى مەسىللەرنى دېيىشتىن بۇرۇن ، خۇددى سىز ئېيتقاندەكلا ، بارلىق تورداش قېرىنداشلىرىمغا بۇ ھەقتە ئارتۇق تالاش تارتىش قىلماسلىقنى ، دەلىلسىز ئوي خىياللىرىنى سۆزلەپ يۈرمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن. چۈنكى :
ئەبۇ ھۇرەيرە رازىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇنداق دەيدۇ : بىز تەقدىر ھەققىدە تالاش -تارتىش قىلىشپ تۇرساق ،پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىقىپ قېلىپ ،قاتتىق ئاچچىقلاندى . ھەتتا ئاچچىقىدىن يۈزى قىزىرىپ ،ئىككى مەڭزى ئاناردەك بولۇپ كەتتى . ئۇ مۇنداق دېدى : «سىلەر مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ ياكى مەن مۇشۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىممۇ ؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەر بۇ ھەقتە تالاش تارتىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتكەن . مەن سىلەرنىڭ تەقدىر ھەققىدە تالاشماسلىقىڭلارنى قاتتىق تەۋسىيە قىلىمەن » .
-جەمىئۇفەۋائىد تىن،ھەسەن ھەدىس.

1. ئاللاھ زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەس ، بەندە ئۆزى ئىشلىگەن ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ئىنساننىڭ باشقا ھايۋان ۋە پەرشتىلەردىن خۇسۇسىيەتلىك پەرقى شۇكى ئىنسانغا قانداق ياشاش ئەركىنلىكى بېرىلگەن . (مانا بۇمۇ ئەزىز قىلىنغان ئىنسانغا بېرىلگەن كاتتا نىئمەت .)شۇنىڭدەك ئىنسان ئاللاھنى تونۇپ (چۈنكى ئاللاھنى ئىسپاتلايدىغان شەيئىلەر ھەربىر كىشىنىڭ ئەتراپىدا تولۇپ تۇرۇپتۇ) تەپەككۇر قىلىپ ، ياخشىلىق يوللىرىنى ئىستىسە، ئۇنىڭغا ياخشىلىق يوللىرى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ. ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ ، نەپسى شەيتان بويىچە يامانلىق يوللىرىنى ئىستىسە ،ئۇمۇ ھەم شۇ كىشىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ. يۇقارقىلار ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشى ،خالىشى بولۇپ، بۇنى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە دۆڭگەش شەقىيلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇ ھەقتە ئاللاھ ھەق سۇبھانەۋەتەئەلا مۇنداق دەيدۇ:
)(پۇل-مېلىنى ﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك،(5)(6)ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.(7)بېخىللىق قىلىپ (ﷲ نىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك،(8)(9)بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.
سۈرە لەيلىدىن...

2.ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ،غەيبنى ھەم بىلگۈچىدۇر . ئاللاھ ئىنساننى يارىتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھاياتىدا نېمە ئىش قىلىپ ،قانداق ئەمەلدە ئۆلىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق بىلىدۇ.
-----ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : بىر جىنازا نامىزىدىن كېيىن ،غەرقەد قەبرىستانلىقىدا بولۇپ قالدۇق ،رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدە بىر خورما تايىقىدىن ھاسا بار ئىدى . ھاسىنى چىكىپ ،سىزىق سىزىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن :
سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى بولىدىكەن ، تەپەسلىنىۋاتقان جان ئىگىسىلا بولىدىكەن ،ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتتىكى يا دوۋزاختىكى ئورنىنى يېزىپ بولدى ،ئۇنىڭ شەقىيلىكى ياكى سائادەتمەن ئىكەنلىكى بۇرۇنلا تەقدىردە يېزىلىپ بولدى ، بىر كىشى : ئىى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ! ئۇنداقتا ئەمەل قىلىشنى تاشلاپ شۇ كىتابمىزغىلا (يەنى تەقدىر يېزىلغان شۇ كىتابىمىزغىلا)يۆلەنمەمدۇق ؟ بىزدىن سائادەتمەن ئەھلى ئەڭ ئاخىرىدا سائادەتمەنننىڭ ئەمەللىرىنى قىلىشقا ئايلىنىدىكەن ،شەقىي بەخىتسىزلەرمۇ شۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھامىنى قىلىدىكەن ،دېدى .
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : ياق ئۇنىڭغا يولىنىۋالماڭلار ،ياخشى ئەمەل قىلىڭلار ،ھەممىسى ئۆزى يارىتىلغان ئەمەلگە ئاسان قىلىنىدۇ،(يەنى ئاللاھ ئالدىن قانداق ئەمەل قىلىشنى بىلىپ ،شۇ ئەمەل ئۈچۈن ياراتتى ،بىلىپ ياراتتى ھەم يازدى .بىلىشى (يەنى مەسلەن ئۇنىڭ ئاللاھقا ئاسىي ئەمەلنى قىلىشىنى بىلىشى)يارىتىشىدىن توسمايدۇ ،ئىلىم بىلەن ئەمەس ،ئەمەلگە جازلايدۇ.)
ئەمما ،سائادەتمەنلەرگە شۇلارنىڭ ئەمىلى ئاسان قىلىنىدۇ ، شەقىيىلارغا بولسا شۇلارنىڭ ئەمىلى ئاسان قىلىنىدۇ. (چۈنكى ئۇلار ئۇ ئەمەللەرنى ئۆزلىرى خالاپ قىلغاندۇر ،ئاللاھ ئۇنى ئالدىن بىلىپ يازغاندۇر .ئۇلار يازغاننى ئەمەس ،بەلكى ئۆزى قىلىدىغاننى قىلغاندۇر ،چۈنكى قىلغاننى يازغاندۇر ،يوقنى يېزىپ قويمايدۇ . ئاندى كىشىلەر يازغاننى قىلغاندەك چۈشىنىۋالدى ،چۈنكى بۇ بۇرۇنلا ئالدىن بىلىپ يېزىلغان ،بىلىندى نېمە يېزىلدى ؟ شۇ ئەمەللەر بار نەرسە يەنى ئاللاھنىڭ ئىلمىدا ) ئاندىن «پۇل-مېلىنى ﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك،(5)(6)ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز.....»دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى .
ئەھمەد ،بەيھەقى ،مۇسلىم ،بۇخارى تۆت كىتاب توپلىغان .سەھىھ...

-داۋامى يوللىنىلىۋاتىدۇ.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 11:00:36

3. ئەمدى بىلگەجان قېرىندىشىمنىڭ سوئالىغا كەلسەك :
ياپونىيە قاتارلىق تەرەققى تاپقان ئەللەرنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسى ،تىبابىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق ئېرىشىۋاتقان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسپىتى ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ سىرتىدا ئەمەس. چۈنكى يۇقارقى ئىككى نۇقتىدىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ دەلىلى بويىچە ئېيتقاندا ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ھەققىدە ئىزدىنىشى ۋە داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش ھەققىدە ئىزدىنىپ ،خەلقىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرىشى ھەم ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىندۇر. ھەم ئۇلارنىڭ ئۆز ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىۋاتقانىدۇر...
ئەبۇ خۇزامەنىڭ دادىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق سورىدىم :
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ! قېنى دەپ باقسىلا ، بىز كىتابەت جەھەتتىن داۋالانىدىغان ئايىتى شىفالار ،تىبابەت جەھەتتىن داۋالىنىدىغان دورا داۋالار ،بىز قاتتىق ھەزەر قىلىدىغان ئىشلار ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بىرەر نەرسىنى قايتۇرلامدۇ ؟ دېسەم ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
-ئۇمۇ ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بولىدۇ !...دېدى .
ئەھمەد ،تىرمىزى ،ئىبنى ماجە توپلىغان ،(مىشكاتتىن ) ...
(بىر تەقدىردىن يەنە بىر تەقدىرگە قاچقاندەك ئىشتۇر.)

داۋامى بار...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 11:52:17

4.
بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆمرى ،پۈتۈن كائىناتنىڭ ئۆمرى ئاللاھنىڭ ئىلمىي ئەزەلى بويىچە ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ئەمما ئاللاھ ۋە رەسۇلى ئىنسانىيەتنى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرمىگەن ،ئاللاھقا ئاسىي بولمىغان ھالدا ،ئۆزىگە پايدىلىق بارلىق ساھەدە ئىزدىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆمۈر ھەققىدە تىبابەتەن ئىزدىنىش ھەم بۇنىڭ ئىچىدە. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە گەدەنكەشلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق : سەۋەب ئىنساندىندۇركى ، نەتىجە پەقەتلا ئاللاھتىن. ئەمما ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى ،كىشى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ .(39)
53- سۈرە نەجىمدىن..

ئەبۇ ھۇرەيرە رازىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كۈچلۈك مۆئمىن ئاجىز مۆئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ سۈيۈملۈكتۇر .لېكىن ھەرئىككىلىسى ياخشىدۇر ،ساڭا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولغىن ،ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن .ئۆزەڭنى ئاجىز ھىس قىلمىغىن (ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۈمۈتۋار بولغىن !)ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت يەتسە: «كاشكى مۇنداق قىلغان بولسام بۇ ئىش ئۇنداق بولمايتتى دېمەستىن ،ئەكسچە :ئاللاھنىڭ تەقدىرى شۇنداقكەن ،ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ »دېگىن !چۈنكى كاشكى دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ئەمەلىگە ئىشىك ئاچىدۇ ».
-مۇسلىم .

ھەدىسنىڭ ئاخىرقى جۈملىلىرىگە كىچىككىنە چۈشەنچە :يۇقارقى ھەدىستىن بىلىۋىلىشقا بولىدۇكى : ئىنسان سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما تەقدىرگە نارازى بولۇش - شەيتاننىڭ ئەمەلىگە ئىشىك ئاچىدۇ ،ئەگەر كىشى شۇ ھالەتتە كېتىۋەرسە ،يامان ئەمەللەرگە دۈم چۈشىدۇ ۋە دۇنيا ۋەئاخىرەتتە شۇ ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.
داۋامى بار...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 12:21:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-18 12:24

5.5. بەزىلەر ئاباي ھەدىستە دېيىلگەندەك ،نېمە ئىش قىلساق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن بولغاندىن كېيىن ،ھىچ ئىش قىلماي شۇنى كۈتىمىز دەپ ، ئاللاھنىڭ ئىنسانغا تاللاش بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆز ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئۇنتۇپ، ئوڭچىللىق قىلىدۇ ۋەئازىدۇ.
توغرا چۈشەنچە شۇكى : ئىنسان دۇنيالىق ئىشلىرىدا شەرىئەتكە ئۇيغۇن سەۋەبنى بار ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قىلىپ بولۇپ ،ئاندىن ئاللاھدىن بۇنىڭ نەتىجىسىنى بېرىشىنى تىلىشى ۋە كۈتىشى كېرەك.
سەھىھ ھەدىسلەردە مۇنداقراق مەنىدىكى ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ.
بىر ساھابە تۆگىگە مېنىپ مەسچىتكە كېلىدۇ ۋە تۆگىنى تاشلاپ قويۇپلا مەسچىتكە يۈگرەيدۇ. بۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى كۆرۈپ : ھەي پالانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ، تۆگەڭنى باغلىغىن ! دەيدۇ.
- مەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدىم ،يا رەسۇلۇللاھ! - دەيدۇ.
- سەن ئاۋال تۆگەڭنى باغلاپ ،ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن !....دەيدۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم.


..داۋامى بار..

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 12:42:16

6. ئەمدى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ھېچ ئىككىلەنمەستىن «تەقدىرىڭ تەدبىرىڭدىدۇر ...»دەيدۇ ۋە «تىرىشساڭلا ، ھەل بولمايدىغان نەرسە يوق ، ھەممىنى قىلالايسەن ...»دەپ شوئار توۋلايدۇ. گەرچە بۇ دەسلىۋىدە دەلىل كەلتۈرگىنىمىزدەك مەلۇم مەنالاردا خاتا بولمىسىمۇ ،ئەمما شەرئىي ئومۇمىي مەنادا خاتا ۋە ئازغۇنلۇقتۇر.
بۇ يەردە ئىنچىكە بىر مەسلە باركى :ئىنسان ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ ،بۇنىڭدا شەك يوق .
ئەمما ئىنسان ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ قانچىلىك نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ،نەتىجىسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.يەنى غەيبنى ئاللاھتىن باشقىسى بىلمەيدۇ.يەنى تەقدىر يەنىلا ئاللاھتىندۇر..
سەھىھ ھەدىسلەردە ئېيتىلىدۇكى : ئاللاھ ئىنسان ئىخلاس بىلەن قىلغانلىكى دۇئانى ئىجابەت قىلىدۇ. بىرخىل ئەھۋالدا ،ئۇنى دەررۇ ئىجابەت قىلىدۇ، يەنە بىرخىل ئەھۋالدا ، ئۇنىڭ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئىجابەت قىلىدۇ، يەنە بىرخىل ئەھۋالدا شۇ دۇئانىڭ باراۋىرىدە كېلىدىغان مۇسبەتلەرنى كۆتۈرىۋىتىدۇ ياكى قىيامەتتە شۇ دۇئانىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ...
خۇددى شۇنىڭدەك ، ئىنسان شەرئىي دائىرىدا ھالال تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ ياكى كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتىدۇ ، ياكى شۇنچە تىرىشچانلىق قىلسىمۇ دۇنيادا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ ئەمما ئەجىرسىز قالمايدۇ. ئۇ مۇسۇلمانلار مەنپەتى ، ئەھلىلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئۆزى ئۈچۈن قىلغاندىمۇ ھالال دائىرىدىلا بولسا ..ئوخشاشلا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.
دېمەك ،يۇقارقىلارمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ ئەزەلى ئىلمىنىڭ تەقدىرىنىڭ ھېچ سىرتىدا ئەمەس...

تەقدىر ھەققىدە سۆزلىگەنسىرى بەزىلەرنىڭ سوئاللىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىشى ،چۈشەنچە يارقىنلىشىتىن بەكرەك،تېخىمۇ گاراڭ بوپ قېلىشى مۈمكىن. ئەممايۇقارقى بىرقىسىم دەلىللەرنى ئىنساننىڭ بىر يارالمىش ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىرلىقى ،ئىنساننىڭ تولىمۇ ئاجىز مەخلۇقلۇقى قاتارلىق ئىمانىي نەزەردە تەپەككۇر قىلغاندا ، تەقدىر ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىنسان ئۆزىنى ھەممىگە قادىر ئەمەس ،ئاجىز بىر مەخلۇق ئەمما تىرىشچانلىققابۇيرۇلغان دەپ چۈشەنگىنىدە بۇ تەقدىر چۈشەنچىسى تولىمۇ ئوڭايلىشىدۇ.

يۇقارقىلار مېنىڭ تەقدىر ھەققىدىكى چۈشەنچىللىرىمدۇر . بەلكىم ئىلمىمنىڭ تولىمۇ تۆۋەنلىكى ، ئىپادىلەش ئىقتىدارىمنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى ، ئوبدان چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن بولىشىم مۈمكىن. ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن.
ئاخىرىدا يەنە بۇ ھەقتە ئارتۇق تالاش تارتىش قىلماسلىقنى تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىس بىلەن ئاگاھلاندۇرىمەن :
نافىئدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر ئادەم ئىبنى ئۆمەرنىڭ قېشىغا كېلىپ :
-پالانى ساڭا سالام ئېيتتى - دېگەنىدى
ئىبنى ئۆمەر ئۇنىڭغا:
-ئاڭلىشىمچە ،ئۇ بىدئەت پەيداقىلغانمىش ،ئەگەر ئۇ راستىنلا بىدئەت پەيدا قىلغان بولسا ،مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتمىغىن ،مەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ : بۇ ئۈممەتتىن تەقدرى ھەققىدە تالاش -تارتىش قىلىدىغانلار ئىچىدە يەر يۈتۈش ،سۈرىتى ئۆزگىرىپ كېتىش ياكى تاش يېغىش ۋەقەسى يۈز بېرىدۇ دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم » دېدى .

تۈگىدى.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 16:05:28

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-5-18 12:42 static/image/common/back.gif
6. ئەمدى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ھېچ ئىككىلەنمەستىن «تەق ...

كۆپ جاپا چېكىپسىز، رەھمەت! ھېلىغىچە تەپسىلىيرەك چۈشەنگىنىم ۋە چۈشەنمىگىنىمنى يازاي.

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 20:55:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anw8735 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-18 20:58

دوكتور فىرانسىس كولىنغا بەك ھورمىتىم قوزغالدى.
بىلگەجاننىڭ بۇ ئىسىل تىمىسىدىن خېلى نەرسىلەرنى بلىۋالدىم،رەھمەت!!.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 21:08:35

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-5-18 12:42 static/image/common/back.gif
6. ئەمدى يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ھېچ ئىككىلەنمەستىن «تەق ...

توغرا چۈشەنچە شۇكى : ئىنسان دۇنيالىق ئىشلىرىدا شەرىئەتكە ئۇيغۇن سەۋەبنى بار ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قىلىپ بولۇپ ،ئاندىن ئاللاھدىن بۇنىڭ نەتىجىسىنى بېرىشىنى تىلىشى ۋە كۈتىشى كېرەك.
==============
ئۇيغۇر قېرىندىشىم،
يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشىڭىز نۇرغۇن سوئاللارغا ياخشى جاۋاب بولىدىكەن. مېنىڭ بۇ مەسىلىلەردە سوئال سورىشىم، ئىشلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكىم ئەمەس، پەقەت ئەمەل بىلەن پىشانە ئوتتۇرىدىكى بەزى مۇرەككەپ باغلىنىشلارنى تازا ئوبدان ھېس قىلالمىغانلىقىمدىن بولغان. بولۇپمۇ يۇقىرىدا مەن نەقىل ئالغان جۈملىدىن مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ چىققاندەك تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىملىرىم بىر قەدەر ئازراق، شۇڭا بىلىدىغانلاردىن مۇشۇنداق نۆۋىتى كەلگەند سوراپ ئۆگىنىدىغان ئىشكەن. بەك تەپسىلىي كۆڭۈل قويۇپ چۈشەندۈرۈپسىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن! كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 21:13:35

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-18 21:08 static/image/common/back.gif
توغرا چۈشەنچە شۇكى : ئىنسان دۇنيالىق ئىشلىرىدا شەرىئە ...

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، شۇ تاپ جاۋاب يېزىشقا كىرىشىۋاتاتتىم، بەتنى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا يۇقىرىقى ئىنكاس تۇرىدۇ. جاۋاب چىققان بولسا، مەنمۇ يېزىشنى توختاتسام بولامدۇ، قانداق!؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 21:36:10

mevlana يوللىغان ۋاقتى2014-5-18 21:13 static/image/common/back.gif
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان، شۇ تاپ جاۋاب يېزىشقا كى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەگەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ دېگەنلىرىگە سىزمۇ قوشۇلسىڭىز، باشقا جاۋاب يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. رەھمەت!

jenggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 08:38:56

بەك ياخشى تېما يوللاپسىز ! بىلگەجان ئاكا، بۇ تېمىڭىزدىنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم، رەھمەت ! ياخشى تېمىلىرىڭىز داۋاملىق ئۈزۈلمىسۇن! بارچە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 12:12:31

يوللىرىڭىز داغدام بولسۇن
بەت: 1 2 3 4 [5]
: (bilgejan) ئىنسانلار كەلگۈسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ؟