bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 06:27:21

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-5-16 01:20 static/image/common/back.gif
دىمىسىمۇ بەكلا ئەخمىقانە سۇئال بوپتۇ.
بايا مەنمۇ بىلى ...

بىئولوگىيەلىك سائەتنى باشقۇرىدىغان گىنمۇ ياكى ھۈجەيرىمۇ بىر نىمىنىڭ بىر نىمىسىنىشۇ دورا بىلەن قاتتىق دىسكىنى فورماتلىغانغا ئوخشاش فورماتلاپ ئۈچۈرۋەتكىلى ياكىبولىدىغان ئوخشايدۇ.
============================================
بۇ گەپكە قىزىقىپ قالدىم. بىئولوگىيىلىك سائەتنى كونتىرول قىلىدىغان گېنلار ئېنىقلانغىلى خېلى بولۇپ قالدى، ئەمما «فورماتلايدىغان» دورا بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. شۇنداق دورا بار دەپ پەرەز قىلساق، ئىشلار قانداق بولۇپ كېتەر؟ بىئولوگىيلىك سائەتنى يوق قىلىۋەتسىلار ھۈجەيرىلەر قېرىغىنىنى بىلمەي قالارمۇ؟ نۇرغۇن فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر بىئولوگىيىلىك سائەت بويىچە، كېچە ۋە كۈندۈزلۈك دەۋرىيلىكتە ئىلىپ بېرىلىدىغان تۇرسا، ئۇ ۋاقىتتا نورمال ھادىسىلەرمۇ پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمامدۇ؟ مۇندووو خىيال قىلىپ بېقىۋاتىمەن مەنمۇ...:P

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 07:33:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-16 07:56

مەن چىقارغان ئۇچۇر خېلى يىڭىمۇ قانداق:lol
گىن ۋە تەرەققىيات ژورنىلىغا تۆنۆگۈن ئېلان قىلىنىپتۇ.
CaMKII is essential for cellular clock and coupling between morning and evening behavioral rhythms
http://genesdev.cshlp.org/content/future/28/10
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC3967045/

ئەمما بەلكىم خاتا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشۇم مومكىنلىكىنى ھېس قىلدىم:lol
كالىتسىي ئېنزىمى ئەتىگەندە كۈچلۈك كەچتە ئاجىز بولۇپ ئادەم بەدىنى ئەتىگەن ۋە كەچنى پەرىق قىلىدىكەن.بۇ ئېنزىمنىڭ رولىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان دورا بىلەن كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرسا ،ئادەم بەدىنى كەچ بولغاندەك ھېس قىلىدىغان،شۇنىڭ بىلەن بىئولوگىيەلىك سائەت «نورمال ھالەت» كە كىلىدىغان ئوخشايدۇ.يىڭى بايقاش دەپتۇ.بۇندىن كىيىن دورا ياساشقا تۇتۇش قىلسا كېرەك.
ماقالە ئۈزىنى ئوقۇشقا كۈزۈم يەتمىدى.ساۋاتسىزلىق يوقۇتۇش شەكلىدىكى چۈشەندۈرۈش ماقالىسىنى ئوقۇدۇم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 09:21:56

ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-5-16 07:33 static/image/common/back.gif
مەن چىقارغان ئۇچۇر خېلى يىڭىمۇ قانداق
گىن ۋە تەرەققى ...

پەچەت! ئۇ ژورنالنىڭ ئىسمىنى «گېن ۋە يېتىلىش» دەپ ئاتايمىز. :lol
development دېگەننى كۆرۈپلا تەرەققىيات دەپ يېزىۋاپسىزدە؟ بۇ بەك داڭلىق ژورنال، مۇشۇ ژورنالدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلسام دەپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولدى ماڭا...:dizzy: ئۇمۇ بوپ قالار. بۇ ماقالە بەك ياخشىدەك قىلىدۇ، ئەتىگىچە ئوقۇپ تەسىراتىمنى مەنمۇ يېزىپ باقاي.ئۇچۇرغا رەھمەت!

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 13:40:26

مەن كەلدىم :dizzy:
(7) ئادەم بەدىنىدە ئۇرۇق، تۇخۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۆرەك قاتناشمايدىكەن، لېكىن نىمىشقا بۆرەك ئىقتىدارى جىنسى ئىقتىدارغا باغلىنىپ قالىدۇ؟
-----------
بۇنىڭغا قىسقىچىلا يازاي،جىق يازساملاخاتالىشىمەن ياكى قۇيرۇقۇمنى تۇتۇۋالىسىلە :lol:lol
جىنسى قۇۋۋەت يەنى باھ قۇۋۋىتى بىر ئايرىم ماۋزۇ بولۇپ ، كىتاب ئۇقۇيدىغان تېۋىپلارغا ئايانكى بۇ بۆرەك كېسەللىكلىرى قاتارىدا سۆزلەنمەيدۇ. :funk:
ئىنسان بەدىنىدە باشلىق ئەزادىن ئۈچى بولۇپ بۇلار يۈرەك، مېڭە ۋە جىگەردۇر، بىر قاراشتا ئۇرۇقدانمۇ قوشۇلۇپ باشلىقلارنىڭ سانى تۆت بولىدۇ. بۆرەك ياردەمچى خالاس.:(
ئەمدى جىنسى ئىقتىدارغا يۇقارقى باشلىق ئەزالاردىن باشقا ئاشقازان، بۆرەكدېگەندەك ئەزالاردىكى كېسەللىكلەر ياكى مىزاجدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ياكى ئۇمۇمى بەدەندىكى ئاجىزلىقلار ياكى روھى كەيپىياتلار دېگەنلەر قوشۇلۇپ توققۇز تۈردەك سەۋەبلەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا جىنسى ئىقتىدارنى بۆرەككىلا باغلاشنىڭ خاتالىقى چىقىدۇ.
ئەمدى نېمىشقا بۆرەككە باغلىنىلىپ قالىدۇ دېگەندە بۆرەكنىڭ ئەسلى مىزاجى سۇغۇق، جىنسى ئىقتىدارى ئاجىىزلارنىڭكۆپىنچىسىدە سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتكەن، شۇنىڭغا قاراپ شۇنداق قارىلىپ قالغان ياكى قارىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.
كۆپىنچە ياكى يۈزەكى قارىغان كىشىلەر لوبوبى كەبىر ياكى مادەتۇلھاياتنىڭ نامى چىقسىلا يادىغا بۆرەك كېلىدۇ،بۇ يا شۇ كىشىنىڭ بۆرىكىگە بەك ئامراقلىقى ياكى ئېڭىغا شۇنداق سىڭدۈرۈلگەنلىكى بولسا كېرەك. ھالبۇكى لوبوب يۈرەك،مېڭە،جىگەر ،ئۇرۇقدان ئاندىن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. مادەتۇلھايات بولسا ئۇمۇمى بەدەننىڭ سوغۇقتىن بولغانكېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ دېگەندەك...دورا ئىلانى بولۇپ قالاي دىدى...
بىراز چاقچاق ئارىلىشىپ قالدى، يىغىپ كەلسەك :ئادەم بەدىنىدە ئۇرۇق، تۇخۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بۆرەك قاتناشمايدىكەن، لېكىن نىمىشقا بۆرەك ئىقتىدارى جىنسى ئىقتىدارغا باغلىنىپ قالىدۇ؟تېبابىتىمىزدە بۇنىڭغا ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باغلىنىدۇ.

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 17:55:58

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 20:46 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزغ ...

بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزغا ۋە ياخشى باھالىرىڭىزغا كۆپ رەھمەت. سىز كىرگەندىكىن بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىۋالاي دەپ قالدىم. كىشىلەرنىڭ ئۆمرىىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى پىشانىسىگە پۈتۈلىدۇ دېگەننى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمىز، مۇشۇ توغرىدا كۆز قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بوپتىكەن. مەن يۇقىرىدىكى ئىنكاسلاردا دېگەندەك، ياپونىيە خەلقى ئوتتۇرىچە 82 يىل ئۆمۈر كۆرسە، ئافىرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەردە كىشىلەر ئوتتۇرىچە ئاران 49 يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن. بۇنداق بولۇشى ئېنقكى داۋلاش شارائىتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇنداق ئەھۋالدا 50 ياشقا بارماي ئۆلۈك كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قانداق قارىساق توغرا بولىدۇ؟
.............................
ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرلىرى ھەققىدە ھەرخىل تەھلىللەر بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە سوئال ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن ئەجەلنىڭ ئالدىن پۈتۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن پەرقى ۋە بۇنى قانداق كېلىشتۇرۇش ھەققىدە سورالغاندەك. ھەر قايسى ئېقلىملار ئارا كىشىلەرنىڭ ئۆمۈر جەھەتتە پەرقلىنىشىنىڭ رىئال بىلىنىدىغان ۋە تەتقىق قىلىپ چۈشەنگىلى بولىدىغان ئامىللىرى ھەققىدە ئازدور كۆپتۇر بەزى قاراشلارنى قىستۇرۇپسىز. مەسىلەن، تۇرمۇش سۈپىتى، داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش ئەھۋالى دېگەندەك...
سوئالىڭىزنىڭ ئۇدۇل جاۋابى ھەققىدە مېنىڭ قارىشىم مۇنداق: ئەجەل ئەلۋەتتە پۈتۈلگەن بولىدۇ. شۇڭا، ھەر ئىقلىم ۋە ئەلنىڭ ئىنسانلىرى ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن ۋە قىسقىلىقى جەھەتتە پەرقلەنسىمۇ ئەمما ھەممىسىى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن دەپ قارايمىز. سوئالدا كەلگىنىدەك ئوتتۇرچە 82 ياش، ۋە ئوتتۇرچە 49 ياش ئارلىقىدا ئۆلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان كىشىلەرگە قارىتا، 82 ياش ئۆمۈر ئىگىسى قانداق بېكىتىلگەن ئەجەلدە ئۆلگەن بولسا، 49 ياكى 50 ياش ئۆمۈر ئىگىسىمۇ ئاللاھ تەرپىدىن بېكىتىلگەن ئەجەلدە ئۆلگەن بولىدۇ. ھەر ئىككىسىنى ئاللاھ بېكىتكەن ئەجەل بىلەن ئۆلگەن دەپ قارايمىز.
سوئالنىڭ تاشقى قىسمىدىن قارىماققا يۇقىرىقىدەك جاۋاب مۇناسىپ بولسىمۇ، بىراق سىزنىڭ سورىماقچى بولغىنىڭىز بۇلا ئەمەستەك ھېس قىلدىم. بەلكى، سوئالىڭىزغا ئۆمۈر بېكىتىلگەن بولسا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەققىدە قىلىنغان ئۇرۇنۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولىدۇ،ئۆمۈرنىڭ بېكىتىلىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە قارىتا ئىزدىنىشنىڭ پايدىسىنى قانداق بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىش مۇمكىن؟ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش ھەققىدە دىن قانداق قارايدۇ؟ بۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ بېكىتىشىدىن ھالقىشقا ئۇرۇنۇشمۇ ياكى ئاللاھنىڭ بېكىتىشى دائىرسىدىمۇ؟ خۇلاسە قىلغاندا، دىن نەزىرىدە ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىدىغانلىقىغا ئائىت قاراشلار قانداق؟ دىگەندەك مەزمۇنلار يۇشۇرۇنغاندەك.
ئەگەر بۇ ھەقتە دىننىڭ كونكىرت بايانىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە سورىغان بولسىڭىز، بۇنىڭغا بەزى تەپسىلاتلار بىلەن جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سوئالىڭىزدىن بۇلار مەقسەت بولمىسا، يۇقىرىقىدەك جاۋاب كۇپايە بولغۇسى.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 19:36:11

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-5-16 13:40 static/image/common/back.gif
مەن كەلدىم
(7) ئادەم بەدىنىدە ئۇرۇق، تۇخۇملارنى ئى ...

رەھمەت تادۇبەگ! شۇ ئەينى ۋاقىتلاردا كوچىدا تومۇرىڭىزنى تۇتۇپ قوياي دەپ تۇرۋالىدىغان «تېۋىپلار» ئوغۇل بالىنى كۆرسىلا بۆرىكىڭىزنى نەم قاپلاپ، سوغۇقى ئېشىپ كېتىپتۇ، ئۇ دورىنى -بۇ دورىنى يېمىسىڭىز بۆرىكىڭىز زەئىپلىشىپ تۈگىشەي دەپتۇ يەي، كەلگۈسى توي ئىشلىرىڭىزنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بولمايدۇ يەي…. يەنە بىر نېمىلەر دېگەندەك بولمىغۇر گەپلەرنى ئون ياش يىگىتنىڭ تومۇرىنى تۇتسا 9نى شۇنداق قاتارغا چىقىراتتى… مېنىمۇ بىرسى شۇنداق دەپ دەپ تېخى دورىمۇ سوقۇپ بەرگەن :lol ;P ھازىر ئويلىسام بۇلار يالغان تېۋىپلاركەنتۇق…

بۆرەك قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتا ئارتىرىيە تومۇرى ۋە يۈرەكتىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم ئەزا بولۇپ، قان بېسىمى، قان ئايلىنىش سۈرئىتى دېگەندەكلەر بۆرەك ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گەرچە بۆرەك ئاساسلىقى قاندىن كىرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاپ سۈيدۈك ئارقىلىق چىقرىپ تاشلاشتەك «قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش» زاۋۇتىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز زېممىسىگە ئالغان بولسىمۇ، بىۋاستە كۆپىيىىش ئىقتىدارى ۋە جىنسىي ئىقتىدار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئەمما بۆرەكتىن چاتاق چىقىپ قان بېسىمى نورمال بولمىسا، ئۇ ھالدا قاننىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇھىملىقى (بۇنى تەپسىلىي دېسەم بۇ مۇنبەردە چىرايلىق تۇرمايدىغاندەك…) تۈپەيلى مەلۇم تەسىرى بولۇشى ئېنىق. شۇ قان ئايلىنىش ۋە قان بېسىمى نورمال كىشىلەرگە نىسبەتەن بۆرەكنىڭ «كۈچلۈك-ئاجىز» بولۇشى بىلەن ئۇ ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار دەپ كەتكلى بولمىسا كېرەك.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 19:41:23

:lol
دورىسى پايدا قىلغانمۇ يا :funk:

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 03:56:18

Aziz يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 10:49 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
پەۋقۇلئاددە ئەستايىدىللىقىڭىزغا...

(4) بىر زاماندا مېدىتسىنا كەسپىدىكى بىر تونۇشۇمدىن ئاڭلىشىمچە، ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانىنىڭ ئاخىرقى چەكلىمىسى بولىدۇ، يەنە بىرەر مىليۇن ياكى مىليارت قېتىم سوققاندىن كېيىن، خۇددى ماشىنىنىڭ موتورى كاردىن چىققاندەك، يۈرەكمۇ كاردىن چىقىدۇ. تەنھەركەت بىلەن چېنىقىپ بەرگەندە يۈرەكنىڭ مىنۇتىغا سوقۇش قېتىم سانى ئازىيىپ، يۈرەكنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا چېنىقىش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق دىگەندەك گەپنى ئاڭلىغاندەك قىلغان. بۇ گەپلەر قانچىلىك توغرا؟
=============================
بۇ گەپنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن، ئەمما بۇ پەرەز بولۇپ مەنمۇ ئامېرىكىدىكى پروفىسورلىرىمنىڭ ئاغزىدىنمۇ مۇشۇنداقراق پاراڭلارنى ئاڭلىغان ئىدىم. تەنھەرىكەتنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا بولغان پايدىسى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە يۇقىرى بولۇپ، داۋاملىق چېنىقىپ بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسەللىرىگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتى ۋە ئومۇمىي ساغلاملىقى چېنىقمايدىغانلاردىن خىلىلا ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭغا پاكىتلارنى توننىسى بىلەن كەلتۈرۈش مۇمكىن، ھەم قانداق يوللار بىلەن شۇنداق پايدىلىق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىدىغانىلىقىغا دائىر تەتقىقاتلارمۇ ناھايىتى قايىل قىلارلىق ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ گەپ قانچىلىك توغرا بولسۇن (چوقۇم خاتاسىدىن توغرىسى جىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئەمما ئېنىق بىلمەيمەن)، مۇشۇ گەپ يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇر، يەنى داۋاملىق چېنىقىپ ساغلام بولۇڭ، دېگەن گەپكە چوقۇم ئەگىشىش كېرەك. مەن ئۆتكەن يىل ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا «ھەرىكەت راستىنلا خۇشال قىلامدۇ؟» دېگەن بىر ماقالە يازغان ئىدىم. مەيلى قايسى تۈردىكى ھەرىكەت بولسۇن، ھەممىسىنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى بولۇپلا قالماي، يەنە كىشىنى خۇشال قىلىش رولىمۇ بار. ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك سوقۇشنىڭ ئاستىراق بولىدىغانلىقىمۇ ئېنىق. شۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، يۇقىرىدىكى گەپكە ئىشەنگەن تۈزۈك.


(5) تۇرمۇشىمىزدا پىچاقنى قانچە ئىشلەتسە شۇنچە ئىتتىكلىشىدۇ، ماشىنىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە، شۇنچە تېز كاردىن چىقىدۇ، مېڭىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە شۇنچە چېچەن بولىدۇ دىگەندەك گەپ بار. ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بولامدۇ؟ مېڭىنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە، فىزولوگىيە، بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن مېڭە شۇنچە ياشىرامدۇ ياكى قېرىمدۇ ياكى شۇ پېتى تۇرامدۇ؟ باشقا ئەزالارچۇ؟
==========================
بۇمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق سوئال ئىكەن. ئالدى بىلەن مېڭە ۋە باشقا ئەزالار ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ياشىرىپ قالمايدۇ، مەيلى ئۇنى كۆپ ئىشلىتىڭ-ئاز ئىشلىتىڭ قېرىش ھادىسىسى يۈز بېرىۋىرىدۇ. ئەمما ياشقا چوڭ كىشىلەر ئىچىدە مېڭىنى ئىشلىتىپ تۇرغانلار تېخىمۇ ساغلام بولغان مېڭە ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىغانلىقى نېرۋولوگىيە تەتقىقاتلارىدا ئىسپاتلانغان بولۇپ، مېڭىنى قانچە ئىشلىتىپ تۇرسا شۇنچە ئاستا قېرىيدۇ دېسەك بولىدۇ. ياشانغانلار ئىچىدە دائىم كىتاب ئوقۇش، شاھمات ئويناش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش….. دېگەندەك ھەر خىل كاللا قاتۇرۇش لازىم بولىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلى ۋە باشقا قېرىشتىن كىلىپ چىقىدىغان نېرۋا ئاجىزلىق كېسەللىرىگە گېرىپتار بولۇش نېسبىتى باشقا كىشىلەردىن كۆپ تۆۋەن بولىدىغانلىقى بىزگە ئايان. شۇڭا مېڭىنى ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە ئۆتكۈرلىشىدۇ ۋە قېرىشى ئاستىلايدۇ دېسەك توغرا بولىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 03:56:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-17 04:22

(6) بەزنىڭ قانداق رولى بار؟ جىگەر، تال، بۆرەك دىگەن ئەزالارنىڭچۇ؟ خەنزۇلارنىڭ بۇرۇنقى بەزى كىتاپلىرىدا ئادەم بەدىنىدىكى مەركىزى ئەزا بۆرەك دىگەندەك ئۇقۇملارمۇ بار ئىكەندۇق، بۇ سەپسەتەمۇ ياكى ھەقىقەتەن شۇنداق مەركىزى، ئاساسلىق ئەزا بارمۇ؟ بولسا ئۇ قايسى؟ نىمە ئۈچۈن ئاساسلىق، مەركىزى ئەزا دەپ ئاتىلىپ قالغان؟
=============================
بەز دېگەندە قايسى بەزنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟ بەدەندە ئوندىن كۆپ مۇھىم بەزلەر بار، شۇڭا سىز قايسىنى كۆزدە تۇتقانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز، مەن سىزگە بۇنى ئېزىپ-ئىچكۈزۈپ چۈشەندۈرۈپ قويالايمەن.
مەركىزى ئەزا دېگەن گەپ جۇڭگو تىبابىتىدىكى گەپ ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدىمۇ رەئىس ئەزا دەپ ئاتىلىدىغان ئەزالارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ئەمما غەرب تىبابىتىدە ئەزالارنى مەركىزى ياكى قوشۇمچە دەپ ئايرىمايدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە مېڭە ھەقىقىي مەركىزى ئەزا بولۇشقا مۇناسىپ، باشقا ھەممە ئەزالارنىڭ رولى مېڭىدىن كىيىن تۇرىدۇ. شۇغىنىسى، بىزنىڭ مېڭىنى چۈشىنىشىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس چۈنكى مېڭە ھەقىقەتەن مۇرەككەپ ۋە ئاجايىپ سىرلارغا تولغان بىر دۇنيا. ئەمما مەن شۇنداق دېگەنگىلا مېڭە مېدىتسىنادا مەركىزى ئەزا بولۇپ قالمايدۇ، ھەر قايسى ئالىملار، دوختۇرلار ئۈچۈنمۇ ئۇلار ئۆزلىرى ھەپىلىشىدىغان ئەزا ئەڭ مۇھىم بولۇپ تۇيۇلۇشى مۇمكىن. جۇڭگو تىبابىتىدىن قىلچىلىك خەۋىرىم يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ توغرۇلۇق كۆپ سۆزلىمەي.

بەزلەر ئادەتتە ئىچكى ئاجرىتىش سىستىمىسىغا تەۋە (لىمفا بەزلىرىدىن باشقىلىرى) بولۇپ، ئىچكى ئاجىرىتىش سىستىمىسىدىكى بەزلەرنىڭ رولى توغرۇلۇق مەن ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئىنتايىن ئاممىباپ تىلدا ئۆزۈم ئەڭ ياخشى چۈشىنىمەن دەپ قارىغان بۇ سىستىمىنى بەكمۇ قىزىقارلىق مىساللار، سۈرەتلەر بىلەن قوشۇپ خېلى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ «ھورمۇن ۋە سالامەتلىكىمىز» دېگەن تېما ئاستىدا بىر ماقالە يېزىپ چىققان ئىدىم (سۈرەتلەر كۆرۈنمەي قالسا بۇ ئۇلىنىشلارغا قاراڭ: (http://bbs.misranim.com/thread-108755-1-1.html) (http://bbs.bagdax.cn/thread-20089-1-1.html). بۇ ماقالىنى مەن ئۆز ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ماقالىلەر ئىچىدە ئىچىدىكى بىلىملەرنىڭ تەپسىلىي، چۈشىنىشلىك ئىكەنلىكى، دەرسلىك كىتابتا سۆزلەنمەيدىغان نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ۋە بىر مۇتەخەسىس قەلىمىدە تېگى-تېگىدىن ئېزىپ چۈشەندۈرۈلگەن نوپۇزلۇق بىلىملەر بىلەن توشقان ئەڭ مۇنەۋۋەر ماقالىلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداقلا مەن ھازىرغىچە يازغان (تەرجىمە قىلغان ئەمەس) كەسپىي ماقالىلەر ئىچىدە «كلون - تارىخقا نەزەر» ۋە «قان ۋە قان تىپلىرى ھەققىدە» قاتارلىق مەن يازغىنىمدىن پەخىرلىنىدىغان بىر قىسىم ماقالىلەر بىلەن بىر قاتاردىكى مۇھىم ماقالە ئىدى. شۇغىنىسى سەھىپىسىنىڭ بەكلا چوڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، ئىزدىنىش تورىدا ئانچە كۆزگە چېلىقمىدى. مەن سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزنى كۆرۈپ بۇرۇن يازغان بىر قىسىم چوڭ ھەجىملىك ماقالىلىرىمنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى قايتىدىن تېما قىلىپ يوللاپ قويايمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن، چۈنكى بۇنداق ھەممەيلەننىڭ سالامەتلىكى ۋە ئۆز بەدىنىمىزنى چۈشىنىشكە زور ياردىمى بولىدىغان بىلىملەرنى قايتا ئوقۇپ قويسىمۇ زېيان قىلمايدۇ. مەن بەزلەرنىڭ رولىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تېما يوللاپ، ئۇلىنىشىنى بۇ يەردە قالدۇراي، بەزل سىزنىڭ شۇنى ئوقۇپ سوئالىڭىزغا جاۋاب تېپىۋىلىشىڭىزنى سورايمەن.

جىگەر، تال ۋە بۆرەكنڭ رولىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن سەھپىلىك ماقالىلار لازىم بولىدۇ، بۇنى كېيىنگە قالدۇراي. شۇنداق قىلىپ، سىز سورىغان بىر-بىرىدىن مۇھىم 7 سوئالنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىپ بولدۇم. چۈشىنىشلىك بولمىغان يەرلىرى بولسا داۋاملىق سورىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 10:20:04

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۆرەكنىڭ گىپى چىقىپ قاپتۇ مەنمۇ مۇناسىۋەتلىك سۇئالدىن بىرنى قالدۇراي.
مەھەللىگە بىر دوختۇر كەپتىكەن دادام ئىككىمىزنى تەكشۈرۈپ بۆرىكىڭلىدە مەسىلە باركەن بۆرەكنى تازىلايدۇ دەپ بىر دورا بەرگەنتى، ئۇنى يىسەك كىچىك تەرەت يېشىل رەڭ ئارىلاشتۇرغاندەك ياپيېشىل كەلدى، دورا يىيىشنى توختاتسام نورمال ھالىتىگە قايتتى لېكىن يىسەملا يەنە يېشىل رەڭلىك كىلىدۇ،بۇ دورىنىڭ قۇتىسىدا يا بىر چۈشەندۈرۈش يا بىر ئىسمى يوقكەن، تىۋىپلاردىن سورىساممۇ كىچىك تەرەت يېشىل كىلىشكە دائىر ئىنىق چۈشەنچىسى يوقكەن.
ئەمدى بىلمەكچى بولغىنىم بۇ زادى قانداق تۈردىكى دورىدۇ؟ زادى يىسەم بۇلارمۇ ياكى يىمىسەم بۇلارمۇ؟ ئىككىلىنىپ قالدىم، يىمەي دىسەم خېلىلا قىممەت ئالغان بۇ دورىنى.   بىلگەجان ئاكا ۋە بىلىدىغانلار بىر مەسلەھەت بەرسەڭلار.
دورىنىڭ شەكلى قۇناق چوڭلۇقىدا، رەڭگى قېنىق قىزىل رەڭلىك.

kumbah يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 13:03:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kumbah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-17 13:59

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 03:56 static/image/common/back.gif
(6) بەزنىڭ قانداق رولى بار؟ جىگەر، تال، بۆرەك دىگەن ئەزا ...

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان دوكتۇر، ئەمدى سۇئال سوراش نۆۋىتى ماڭا كەلگەن ئوخشايدۇ،
مەن ئانام توغرۇلۇق سىزدىن مەسلىھەت سورماقچى.
ئانام بۇيىل 60ياشقا كىردى،2008-يىلى 2-ئايدا پۇتىنى يۇيۇشقا ئىڭشكەن بىلەنلا ئاغرىپ يېتىپ قالدى.بىز دەرھال توغتۇرخانىغا ئاپاردۇق،دوختۇر قان بېسىمىنى تەكشۈرۈپ بەك يۇقرىلاپ كېتىپتۇ دەپ قان بېسىمىغا قارتا داۋالاش قىلدى(قان بېسىمى 180-220ئىكەن).ئۇۋاقىتتا ئانامنىڭ ئوڭ تەرپى ئىشلىمەس بوپ بولغانكەن.ناھيىلىك دوختۇرخانىدا مېڭىنى تەكشۈردىغان سىتى ئاپراتى بولمىغاچقا،ئەتىسى قان بېسىمى تۆۋەنلىگەندىن كېيىنقەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلدۇق. سىتىدا تەكشۈرگەندىن كىيىن سول تەرەپ مېڭىگە قان چۈشۈپتۇ(بىرتامچە كەلگۈدەك قانكەن،بىر مىللى دىدىمۇ 2مىللى دىدىمۇ شۇنچىلىك ئۇزۇ ن بولغاچقا ئېسىمدە قالماپتۇ) دەپ جىددى داۋالىدى(بۇۋاقىتتا ئانامنىڭ ئوڭ يېرىم تەرپى پۈتۈنلەي پالەچ بوپ بولدى،ئېغىزىنىڭمۇ يېرىمى سەزمەس بولدى).11كۈن داۋالىغاندىكىن دوختۇرلار كېسەل تۇراقلاشتى قان بېسىم دورىسىنى ۋاختىدا يەپ بەرسۇن ،پۇت قولىنى ئۇۋلاپ بېرىڭلار ئەسلىگە كېلىدۇ،دوختۇرخانىدىن چىقساڭلار بولىدۇ دىدى.شۇنىڭ بىلەن يېنىپ چىقىپ،ئائىلىدە باختۇق. كىسەل بولۇپ 8ئايلاردىن كىيىن ئازراق دەسسىيەلەيدىغانبولدى،بىريېرىم يىلدىن كىيىن ئۆزھاجىتىدىن چىققىدەك بولدى.بىزمۇ شۇنداق خۇشال بولدۇق.ئەمما دىگەندەك بەك بىجىرىم ئەمەس،گەپ قىلىشى تولۇق ئەسلىگە كەلدى،بۇرۇن ئاغرىپ قالغاندا گەپ ئازراق چۈشۈپ قالاتتى.
بۇلتۇر 12-ئايلاردا ئىككى پۇتى ھۇشۇقى قوشۇلۇپئىششىپ قالغان سەۋەپ بىلەن يەنە ماڭالمىدى. پۇتىنى تاڭدۇرۇغاندىن كىيىن ئىششىقى ياندى.دوختۇرخانىغا ئاپپارساق قان بېسىمى نۇرمالكەن. سىتىدا تەكشۇرتسەك مېڭىىمۇ چاتاق يوق چىقتى.
سىز دىن سورايدىغىنىم مۇشۇ مېڭىگە قانچۈشكەن بىمارلانى تولۇق ساقايتقىلى بولىدىغان دورا- ئۇكۇلبارمىدۇ؟ ئامرىكىدا شۇنداق كېسەللەرنىڭ ساقىيىشى قانچىلىك بولىدىكەن.ئانام نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نۇرمال،ئاغرىپ قالماستا سەل سېمىز ئىدى، بۇرۇن ئاغرىپ قالغان تارىخى يوق پەقەت ئاغرىپ قالمىغان تېنى بەك ساغلامتى.ئانامنىڭ ئانىسى ھازىرمۇ شۇنداق تىمەن.80ياشقا كىردى.
شۇڭا سىزدىن مۇشۇ توغرۇلۇق مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم؟ ۋاختىڭىز يەتكەندە جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز؟
ئالدىن ئالارەھمەت ئېيتقاچ تۇراي.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 20:19:11

mevlana يوللىغان ۋاقتى2014-5-16 17:55 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىغا ئىشتىراك قىلغىنىڭىزغا ۋە ياخشى باھالىرىڭىز ...

49 ياكى 50 ياش ئۆمۈر ئىگىسىمۇ ئاللاھ تەرپىدىن بېكىتىلگەن ئەجەلدە ئۆلگەن بولىدۇ
===========================
مەن خاتا سۆزلەپ قويۇشۇم مۇمكىن، ئەمما ئافىرىقىدىكى 50 ياشتا ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ داۋالىنىش شارائىتى، تۇرمۇش شارائىتىۋە ئادەتلىرى ياپونلار بىلەن ئوخشاش قالغان بولسا ئۇلارمۇ ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن ئىدى دەپ ئويلايمەن. نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى سەھىيە-داۋالاشنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ ئۇزىراپ ماڭىدۇ؟ بۇ ئېنىقكى ئەمەلىيەتتە كۆزىتىلگەن ھادىسە بولۇپ، بۇنىڭ تەساددىپىي توغرا كەپ قىلىش ئېھتىمالى بار ياكى ھازىرقى ئىنسانلارغا ئۇزۇنراق ئۆمۈر تەقسىم قىلىنغان دېسە مەن تازا چۈشىنەلمەيدىكەنمەن. شۇ نۇقتىدىن سۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلۇم ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلار بۇرۇن كىچىك تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتەتتى، ئەمما ھازىر ۋاكسىنىلارنىڭ رولى بىلەن ئۇنداق ئەھۋال بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاز كۆرۈلىدۇ ۋە پەقەت دەۋىر، مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئىنسانلار ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇۋاتىدۇ. بۇ كۆزىتىلگەن ھادېسە، شۇڭا مېنى تەقدىرگە ئىشەنمىدى دەپ ئەيىپلىمەي قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. سەۋەب قىلىشنىڭ رولىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىشقا مەن تازا قوشۇلالمايمەن چۈنكى قاراپ تۇرپ تەقدىرىم شۇ دەپ كېسەل بولسىمۇ داۋالاتمىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ، داۋالىسا ساغلام ياشايدىغان تۇرسا.... دېگەندەك كاللامدا نۇرغۇن سوئاللار بار.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 20:29:43

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-5-16 19:41 static/image/common/back.gif
دورىسى پايدا قىلغانمۇ يا

مەندە ئەزەلدىن كېسەللىك ئالامىتى يوق تۇرسا، پايدا قىلغان-قىلمىغىنىنى قانداق بىلىمەن؟ :lol

تادۇبەگ، تۇرۇپ بىر گەپ ئېسىمگە كەپ قالدى. تېۋىپلارنى بۆرەكنى جىنسىيەتكە باغلىۋىلىشى بۆرەكنىڭ ئۆزى بىلەن ئەمەس بۆرەك ئۈستى بېزى بىلەن مۇناسىۋەتلىكىمىدۇ، يا؟ بۇ تېمىدا (http://bbs.izdinix.com/thread-58431-1-1.html) بۆرەك ئۈستى بېزى تونۇشتۇرۇلغان. بۆرەك ئۈستى بېزى بۆرەككە چاپلىشىپ تۇرىدۇ، بىز ئادەتتە ئۇنى ئايرىم ئەزا دەپ قارايمىز. ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۆرەك ئۈستى بېزى توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟ ئەگەر شۇنى كۆزدە تۇتۇپ دېيىلگەن گەپ بولسا، بۇنىڭ ئاساسى بولغان بولىدۇ، بۆرەك ئۈستى بېزى ئىلىۋىتىلگەن كىشىلەردە كۆپىيىشكە دائىر بىنورماللىقلارمۇ كۆرۈلىدۇ.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 20:42:43

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 20:29 static/image/common/back.gif
مەندە ئەزەلدىن كېسەللىك ئالامىتى يوق تۇرسا، پايدا قى ...

‏مىنىڭچە بۇ بۆرەك ئۈستى بېزى ئىشلەپچىقارغان ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن، چۈنكى ئۇ ھورمۇنلارنىڭ رولى ......

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:08:39

كونا كىتابلارغا قاراپ باقاي قىنى

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 21:52:27

kumbah يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 13:03 static/image/common/back.gif
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان دوكتۇر، ئەمدى سۇئال سورا ...

مېڭىگە قان چۈشۈشتەك مۇرەككەپ كېسەللەرگە توردا ئۇنداق-مۇنداق دەپ تەكلىپ بەرسەك تازا توغرا كەلمەيدۇ چۈنكى بۇ كېسەللەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دوختۇرلار ئېنىق بىر نېمە دېيىشى كېرەك. بۇ سوئالىڭىزنى جاۋاپسىز قالدۇرىدىغان بولدۇم، كەچۈرگەيسىز.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 22:12:31

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 20:19 static/image/common/back.gif
49 ياكى 50 ياش ئۆمۈر ئىگىسىمۇ ئاللاھ تەرپىدىن بېكىتىلگە ...

قارىغاندا مەۋلانە ئەپەندىم بىر يېڭى تېما ئاچسا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
تەقدىر ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش دىنسىزلارنىڭ دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى قوراللىرىدىن بىرى.
ناۋادا تەقدىر مەسىلىسىگە ئائىت تېما ئىلان قىلىنسا، بۇرۇندىن كۆپ مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان تەقدىرگە ئائىت مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم سورۇنغا تاشلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن ئورۇنسىز ماجىراغا سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
تەقدىر يالغۇز ئىسلام دىنىمىزدىلا بار بولغان ئۇقۇم ئەمەس.
تەقدىر قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش بېرىش ۋە چۈشىنىش تەس بىر مەسىلە.
مېنىڭ باشقىلاردىن ئاڭلاپ چۈشەنگىنىم:
تەقدىر ئىماننىڭ بىر جۈملىسى. تەقدىرگە ئىشىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
«ئاللاھقا تەۋەككۈل قىل، تۆگەڭنى مەھكەم باغلا» مۇشۇنداقراق بىر ھەدىس بار.
رىزقنى ئاللاھ بېرىدۇ، لىكىن پەرىشتە ئارقىلىق ياكى ئاسماندىن پۇل تاشلاپ بېرىش بىلەن ئەمەس. ئىشسىز بولسا ئىش ئورنىغا ئىرىشىشى، كېسەل بولۇپ قالغان بولسا مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ساقىيىپ قېلىشى، يەنى پەن-تېخنىكىدا ھەر خىل كەشپىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، مېدىتسىنا ئىلملىرىنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن ساقايماس كېسەللىكلەرگە داۋا تېپىلىشى دىگەندەك.
كۆز قارىشىم: تەقدىر مەسىلىسىنى ئامال بار تالاش تارتىش قىلماسلىق كېرەك.

سىز مىسال قىلغان مۇھىتنى ياخشىلاش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، داۋالىنىش شارائىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ئوتتۇرىچە ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشمۇ جەزمەنكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدۇ. مەلۇم كىشىنىڭ ئۆمۈرى 80 يىل دەپ بىكىتىلگەن بولسا، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەپلەر بىلەن دەل 80 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ. مەلۇم ئۆسمۈرنىڭ يېشى 8 يىل بىكىتىلگەن بولسا، ئامېرىكىدا، ياپونىيەدە ياشىغان بولسىمۇ مەلۇم خىل كېسەل سەۋەبى بىلەن 8 يېشىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. يېشى كىچىك ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىدىمۇ ھېكىمەت بار دەپ ئويلايمەن. ھېكىمەت شۇكى دوختۇرلار شۇ خىل كېسەللىكە شىپا ئىزلەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۇنىڭ داۋاسىنى تېپىشى مۇمكىن. داۋاسى تېپىلىشى بىلەن ئۆمۈرى 80 يىل بىكىتىلگەن شۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان يەنە بىر كشى ساقىيىپ كېتىدۇ. دوختۇرنىڭ شۇ ساقايماس كېسەللىكنىڭ داۋاسىنى تېپىشى دەل كيىنكى ئادەمنىڭ 80 ياش ئۆمۈر كۆرىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.مۇشۇنداق زەنجىرسىمان ھالەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەت توختىماي ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. تېخنىكا كۈنسىرى يېڭىلىنىدۇ.
قەلەم قۇۋىتىم ياخشى ئەمەس، تاققا-تۇققۇ چىقىپ قالغان يەرلىرى بولسا ئۆزىرە.
ئوبرازلىق چۈشەنمەكچى بولساق، ھوللىۋۇدنىڭ خېلى نامى بار قورقۇنچۇلۇق فىلىمى ئەزىرائىل(死神来了) ۋە كېپىنەك ئىففىكتى دىگەن ئىككى فىلىم قىسمەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
موھىم ئەسكەرتىش:
بۇ ئىككى فىلىمنى تىلغا ئىلىش پەقەت بۇ كېنودىكى قىسمەن مەزمۇنلار، تەقدىرنىڭ ئەزەلىلىكىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ دەپ ئويلىغىنىمدىن بولدى. ھەرگىزمۇ بۇ فىلىمدىكى ھەممە مەزمۇنلار توغرا، دىنىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. كۆرۈش ۋە كۆرمەسلىكىڭلار ئۆزەڭلارنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش. تىلى ئۇزۇن بۇرادەرلەر ماڭا زۇلۇم قىلمىغايسىلەر.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-17 22:28:28

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 22:12 static/image/common/back.gif
قارىغاندا مەۋلانە ئەپەندىم بىر يېڭى تېما ئاچسا بولىد ...

ئەستائىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكەئۇرۇنغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت، ئەمما جاۋابىڭىزغا قايىل بولمىدۇم. مەن سەۋەبىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئىشەنمىسەڭ بولمايدۇ دېگەنگە تازا كۆنمەيمەن. ئەڭ ياخشىسى مەۋلانا ئۇستاز بىر پىكىر بېرىپ باقسۇن. سىزنىڭ چۈشەنگىنىڭىزدەك ئاددى بولسا بۇ رىئاللىققا ماس كەلمەيدىغان يەرلىرى كۆپ بولغان، قالايمىقان بىر گەپ بوپ قالىدۇ، بىردىنبىر مىسال ئىلىپ ئولتۇرماي، ئەمما دېگەنلىرىڭىزدە نۇرغۇن يوچۇق بار. مەيلى كىم نېمە دېسىمۇ چۈشىنىش قېيىن مەسلىلەر كاللامدا دەماللىققا ھەل بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما چۈشەنمەك تەس بولغاندىكىن چۈشىنشكە ئۇرۇنماي دېيىشمۇ ياخشى ئاقىۋەتكە باشلىمايدۇ. مەن پەقەت بۇ جەھەتتە چوڭقۇرراق چۈشەنچىسى بار ئۇستازلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي دېگەن نىيەتتىمەن، كۆپ دەتالاش قىلغۇممۇ يوق. سىز دېگەن كېنولارنى بىر ئەمەس نەچچە رەتتىن كۆرگىلىمۇ نەچچە يىللار بوپ كەتتى، ئۇ كېنولارمۇ شۇ رىژىسورنىڭ چۈشىنىشى بولسا كېرەك... پەقەت سوئال سورىما، بۇ «چېقىلغىلى بولمايدىغان جانان چىنە»دەك مەزمۇن دەپ تۇرۋالساڭلار مەيلى، سورىمىغان بولاي. شۇنداقتىمۇ، مەن مەۋلانا ئۇستازدىن سورىغاندىكىن، ئۇ جاۋاب بېرىشنى خالىمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىسامكەن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 01:29:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-18 01:43

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-17 20:19 static/image/common/back.gif
49 ياكى 50 ياش ئۆمۈر ئىگىسىمۇ ئاللاھ تەرپىدىن بېكىتىلگە ...

‏بۇ ئىنساننىڭ ئۆمرى ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن بىكىتىلىپ بولغان بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ 50-70 ياش ، بەزىلەرنىڭ ياش ۋاقتىدىلا ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا دىگەندەك، يەنە بەزى رايۇن پەرقى ، ۋە ياشاش ئالاھىدىلىكى تۈپەيلى پەيدا بولغان ئوتتۇرچە ياش پەرق دىگەندەك.
‏مەن بۇنى مۇنداق چۈشۈنىمەن: ئاللاھ ئىنساننىڭ ھەر بىرىنىڭ ئەجىلىنى ئاللىبۇرۇن بىكىتىپ بولغان ،شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ئەجەللەرنى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن باغلاپ قويغان( گەرچە ئۇ سەۋەپلەر بىۋاستە ئۈلۈم ئېلىپ كىلەلمىسىمۇ)
‏بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈلۈمىنى كىسەلگە،بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈلۈم سەۋەبىنى رايۇن پەرقىگە، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈلۈم سەۋەبىنى قاتناش ۋەقەسىگە....دىگەندەك. بۇ سەۋەپلەر ئەسلى ئۈلۈمنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، مەسىلەن: بەزىئېغىر كىسەللەر ساقىيىپ كىتىدۇ، بەزى ئادەتتىكى كىسەللەر قازا قىلىدۇ.
‏قاتناش ۋەقەسىدىمۇ بەزىدە شۇنداق ئېغىر يارلانغۇچىلار داۋالىنىپ ساقىيىپ كىتىدۇ،بەزى شۇنداقلا يېقىلغان كىشىلەر ئۈلۈپ كىتىدۇ،
‏يەنە رايۇن پەرقىمۇ مۇتلەق ئەمەس،بەزى رايۇنلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرچە يېشىنى 50 دىسەكمۇ ھەممە ئادەم شۇ ياشتا ئۈلۈپ كەتمەيدۇ.
‏مانا بۇلار ئەجەلگە باغلاپ قويۇلغان سەۋەپلەربولۇپ ، بىۋاستەئۈلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بۇ پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئەقىلنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلىشقا قويغىنى .

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-18 01:37:47

يەنە بىزگە قانداقتۇر مىدىتسىنا تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ساقايغان كىسەللەر ۋە داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەندەك تۇيۇلغان ئىشلار پەقەت شەيتاننىڭ بىزنى ئالدىغىنى خالاس، ئاللاھ شۇ كىشىگە شۇ داۋالىنىش ئارقىلىق ساقىيىشنى ھەم داۋالىنىش تېخنىكىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىدىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، بىكىتىپ بولغان ، ھەم ھەرئىنساننىڭ ئۆمرىنى ھەر خىل شارائىت ھەم بەزى سەۋەپلەر ئىچىگە باغلاپ قويغان، شەيتان بىزگە دائىم ۋەسۋەسەقىلىپ خۇددى شۇ سەۋەپلەرئۈلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ،ئەمما شەيتانغا ئالدانماي ئەتراپلىق پىكىر قىلساق ھەقىقەتەنمۇ بۇ سەۋەپلەرنىڭ پەقەت ۋەپەقەت بىر تاشقى كۆرۈنۈش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايمىز.
بەت: 1 2 3 [4] 5
: (bilgejan) ئىنسانلار كەلگۈسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ؟