sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:33:24

‏بەك ياخشى تىما يوللاپسىز، ھارمىغايسىز.
‏ئۇنداقتا Smad3 ھۈجەيرە كۆپىيىشكە قارشى گىننىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ كەتمىسىلا راك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ،
‏CYP46A1 گىنىنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ كەتمىسە ياشانغانلاردىكى دىۋەڭلىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەندە؟
‏بۇ گىنلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى كىشىلەر يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپتۆۋەنلەپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى ئامرىكىدا مەيدانغا كەلدىمۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 18:54:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-15 03:35

Aziz يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 10:49 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
پەۋقۇلئاددە ئەستايىدىللىقىڭىزغا...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم،

شۇنداق ياخشى سوئاللارنى سوراپسىز. بۇ يازمىنى ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ئەمما ماڭا بەرگەن بىر قىسىم باھالىرىڭىزدىن خىجىل بولدۇم، مەن پەقەت سەمىمىي راستچىل بولۇش، بىيۇكراتلىقتىن ساقلىنىشنى تەكىتلەپ قويدۇم. بۇ ئەمەلىيەتتە زىيالىلىقنىڭ يېڭى ئۆلچىمى ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن بار بولغان ئىلىم ئىگىلىرىگە قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپتۇر. ئەلۋەتتە، ھەر كىشىنىڭ راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇشى پەرىزدۇر، ئەمما ئىلىم ئىگىلىرى كەسپىي بىلىملەرنى يەتكۈزگەندە سەمىمىيلىكنىڭ ئۆلچىمى نەچچە بالداق يۇقىرىراق بولىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىسا ئۇ ھالدا بۇ ئىلمىيلىك پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

سوئاللىرىڭىزغا كەلسەك، ئەسلى ھەر تېمىدا شۇنىڭغا مۇناسىۋىتى بار سوئاللارنى بىر-بىرلەپ سوراپ بىئولوگىيەدە «بىر كېچىدىلا» ئەمەس، ئاستا-ئاستا ساۋادلىق بولۇشنى تەشەببۇس قىلساممۇ، ئەمما سوئال كاللىغا كەلگەندە سورىۋالمىسا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ماڭا ئايان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا قىزىقارلىق ۋە مۇھىم سوئاللارنى سوراپسىز، شۇڭا بۇ سوئاللارغا تېمىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدىن باشلاپ ۋاقتىم يېتىشىچە بىر نەچچە ئىنكاسقا بۆلۈپ جاۋاب بېرىمەن.

(1) ئادەمنى «ئۆلدى» دىگەندە، قايسى ئەزاسى ياكى قايسى فۇنكىتسىيە خىزمەتتىن توختىسا ئۆلگەن ھىساپلىنىدۇ؟ يۈرەك سوقۇش توختىسىمۇ؟ ياكى نەپەس توختىسىمۇ؟ ياكى مېڭىنىڭ خىزمىتى توختىسىمۇ؟ ياكى بىرقانچىسى بىرلىكتە كەلسىمۇ؟
===========
جاۋاب: ئادەتتە كىشىلەر ئادەمنى يۈرەكنىڭ توختىشىغا ئاساسەن ئۆلدى دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما مېڭە ئۆلگەندە ئاندىن ئادەمنى ئۆلدى دەپ ھۆكۈم قىلسا ئەڭ توغرا بولىدۇ. سەۋەبى، مېڭە نەپەس ئىلىش ۋە يۈرەكنىڭ ئېلېكتىر ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىدىغان بولۇپ، مېڭە ئۆلسە بۇ پائالىيەتلەر چوقۇم توختايدۇ؛ بۇ پائالىيەتلەر توختىسا مېڭە ئۆلگەن بولۇشى ئېھتىمالغان چەكسىز يېقىن، ئەمما مۇتلەق ھالدا مېڭىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشى ناتايىن. شۇغىنىسى، مېڭىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا قىسمەن ئەھۋاللاردا باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا مېڭە ئېلىكتېر ھەرىكىتىنىڭ توختىشىغا قاراپلا ھۆكۈم چىقىرىلسا توغرا بولماي قالىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈك دەپ ھۆكۈم قىلىنغان كىشىنىڭ تىرىلىپ قالىدىغان ئىش ئاساسەن كۆرۈلمەيدىغان بولغاچقا، ھازىرقى ئۆلۈم ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۆلچەملەرنى ياخشى ئۆلچەم دەپ قاراشقا بولىدۇ.

(2) «مېڭىگە قان چۈشۈش» دىگەن گەپ Stroke دىگەن گەپ شۇمۇ؟ مېڭىنىڭ قىلدام قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ، مېڭىگە قان بارالمىغاندا، مېڭە خىزمەتتىن توختايدۇ دېيىلىدىغاندەك قىلىدۇ. قان يېتىشمىسە، مېڭە نىمە ئۈچۈن خىزمەتتىن توختايدۇ؟ پەقەت قاندىن ئوكسىگېن ئالالمىغاچقىمۇ؟ ياكى باشقا نەرسىلەرمۇ بارمۇ؟ قاندىن كېلىدىغان ئوكسىگېن مېنىڭىنىڭ زادى قايسى قىسمىنىڭ قايسى فۇنكىتسىيەسىگە لازىم بولىدۇ؟
==================
جاۋاب: شۇنداق، دەل شۇ. بۇ ئەھۋالدا مېڭە قان تومۇرلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ ياكى توسۇلۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان مېڭىگە يېتىپ بارالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوكسىگېن ۋە باشقا ماددىلا مېڭىنىڭ مەلۇم رايونلىرىغا يەتكۈزۈلمەي قالىدۇ، ئەمما ئوكسىگېنغا بولغان مۇتلەق ئېھتىياج تۈپەيلى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مېڭە خىزمەتتىن توختايدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ناھايتى قىسقا ۋاقىتتا ناھايتى جىددىي ھالدا ھەددىدىن زىيادە كۆپ قاننىڭ مېڭىگە يېتىپ بېرىشى سەۋەبىدىنمۇ مېڭىگە قان چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. ئوكسىگېندىن باشقا گلۇكوزىمۇ قان ئارقىلىق مېڭىگە بارىدىغان يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم ماددا چۈنكى مېڭە ھۈجەيرىلىرى ئۆز ئالدىغا يەتكۈدەك گلۇكوزا ئىشلەپچىقىرالمايدۇ ۋە گلۇكوزىغا مۇتلەق ئېھتىياجلىق، بۇ ئېھتىياج باشقا ھەر قانداق ئەزا تەقسىملىنىشتىن بۇرۇن گلۇكوزىنىڭ ئالدى بىلەن مېڭىگە يەتكۈزۈلۈشىنى قانۇنىيەت قىلىپ قويغان. ئوكسىگېن مېڭىنىڭ بارلىق قىسىملىرىغا ۋە شۇنداقلا بەدەندىكى ھەرقاندا بىر ئەزاغا زۆرۈر، چۈنكى ھۈجەيرىلەر ئوكسىگېن بولمىسا ھۈجەيرىلەر نورمال مىتابولىزىم ئىلىپ بېرىشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئەمدى مىتابولىزىم ۋە ئوكسىگېننىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرەي:
مىتابولىزىم دېگەننى يەنىلا ئىنسانلارنى ئاساس قىلىپ ئاددىي چۈشەندۈرۈپ باقاي. ئىنسان ھاياتىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئوكسىگېن ۋە سۇغا مۇھتاج، بۇلار بولمىسا ھايات تۇرالمايدۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانلار بولمىسا كېرەك. شۇغىنىسى، كىشىلەر مۇشۇنداق ئاددىي گەپلەرنى شۇنداقكەن دەپلا ئاڭلاپ قويىدۇ ۋە بۇنى ئەمەلىيەتتىن كۆرىۋىلىشمۇ ناھايىتى ئاسان بولغاچقا ئىشىنىدۇ، ئەمما زادى نېمە ئۈچۈنلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمىسە كېرەك، ھېچبولمىغاندا بۇ گەپنىڭ دەل، ئېنىق بولغان ئىلمىي ئاساسىنى بىلىمىسە كېرەك. ئوكسېگىن ۋە سۇنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن چوقۇم زۆرۈر بولۇشىنىڭ سەۋەبى بارلىق جانلىقلار ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئېنىرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئېنىرگىيە ئىنسانلار بەدەننى تۈزگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىك بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىر قاتار بىئو-خېمىيىلىك رىئاكسىيەلەر ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. مۇشۇ رىئاكسىيەلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن سۇ چوقۇم لازىم بولىدىغان بولۇپ، سۇ بولمىسا ھۈجەيرىلەر ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان گلۇكوزىنى پارچىلاپ ئېنىرگىيە ماددىسى ATP گە ئايلاندۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ATP ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كىيىن پارچىلىنىپ ئىسسىقلىق ۋە ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن چوقۇم ئوكسىگېن بولۇشى كېرەك، ئوكسىگېن بولمىسا ئۇ ھالدا ئېنىرگىيەمۇ بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان خېمىيىلىك رىئاكسىيەلەرنىڭ بەدىنمىزدە ھەر بىر تېنىقنى ئالغىنىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئاددىي خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ بىرىكىپ مۇرەككەپرەك مولىكۇلالارنى ھاسىل قىلىشى ياكى مۇرەككەپ خېمىيىلىك ماددىلار پارچىلىنىپ گلۇكوزىغا ئوخشاش ئاددىي ۋە كىچىك خېمىيىلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنى قامدايدىغان ھادىسىنى مىتابولىزىم دەيمىز.

(3) ئادەم بەدىنىدىكى ھەممە ئەزالارنىڭ قېرىشى سۈرئىتى ئوخشاش بولامدۇ ياكى بەزى ئەزالار ئاۋال بەكاراق قېرىپ كېتىپ، بەزى ئەزالار ياشراق تۇرىدىغان ئىش بارمۇ؟
==================
جاۋاب: ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارنىڭ قېرىش سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ چۈنكى بەزى ئەزالارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرىراق بولىدۇ. مەسىلەن: مېڭە ئاسان قېرىيدىغان ئەزالاردىندۇر، ئۇ يېتىلىپ بولغاندىن كىيىن بۆلۈنسىمۇ، ئەمما مېڭە ھۈجەيرىلىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولغاچقا ئۆلۈپ كېتىدىغان ھۈجەيرىلەر كۆپ بولىدۇ ۋە ئاسان قېرىيدۇ. ئەكسىچە، قان ۋە تېرىدىكى ھۈجەيرىلەر ناھايىتى تىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بەلكىم 3-4 ئايدا پۈتۈنلەي بىر قېتىم يېڭىلىنىپ بولۇشى مۇمكىن، يەنى سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ئۆتكەن يىلىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بۇ يىل ھەرگىز مەۋجۇت بولمايدۇ، دېگەندەك. شۇڭا قان ھۈجەيرىلىرى ناھايتى ياش تۇرىدۇ.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 19:01:47

مېنىڭچە بۇ مەسىلىگە يۈزەكى قاراش خاتا دەپ قارايمەن

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 19:12:48

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 11:32 static/image/common/back.gif
ئىمونت ئىقتىدارى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. مە ...

ۋاكسىنىنىمۇ قايسى خىل ۋاكسىنا بولسا شۇ خىل ۋىروستىن ئاز مىقداردا كىرىشتۈرۈپ تەييارلاپ ،بەدەنگە ئۇرۇپ ،بەدەننىڭ شۇ خىل كېسەلگە بولغان ئىمنونتتنىڭ سەزگۈرچانلىقىنى ئاشۇرۇش دەپ ئاڭلىدىم.
دېمەك ، ئىمونت ھۈجەيرىلەردە ئەقلىيلىققا ئىگە بولامدۇ؟
========================
بۇ سوئال باش تېمىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە قىسقىچە توختىلاي، كىيىنچە چوقۇم مەخسۇس ۋاكسىنا توغۇرلۇق بىر يازما يازىمەن شۇ ۋاقىتتا يەنمۇ تەپسىلىي جاۋاب چىقىپ قالار چۈنكى بۇ بەك مۇھىم تېما ھەم بەك تەپسىلىي يېزىشىم لازىم بولىدۇ.

ۋاكسىنا تەييارلاشنىڭ ئۇسۇلى بىرلا خىل بولماستىن ناھايىتى كۆپ خىل بولۇپ، سىز دېگەن ئۇسۇل ئەڭ قەدىمىي ئۇسۇللارنىڭ بىرى. دەسلەپتە ۋاكسىنا پەيدا بولۇشتىن ئەڭ ئاۋۋال تۈرك مىللىتى قاتارلىق قەدىمىي خەلقلەر چېچەك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاشتا كېسەلگە گېرىپتار بولغۇچىنىڭ يارىسىدىكى ماددىلارنى ساق كىشىلەرنىڭ بۇرنىغا ئەكىلىپ پۇرىتىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى ۋىرۇسنى ساق كىشىنىڭ بەدىنىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولمىغانلىقىنى ياكى گىرىپتار بولسىمۇ تىزلا ساقايغانلىقىنى بايقىغان ۋە مۇشۇ ئۇسۇلنى نەچچە ئەسىرلەر بويى ئىشلىتىپ كەلگەن. تۈركلەر يەنە كېسەل بىلەن ئۆلگەن ھايۋانلارنى ئۇرۇشتا قارشى تەرەپ ھەربىي بازىسىغا تاشلاپ قويۇش ئارقىلىق رەقىبلىرىنىڭ كېسەلگە گېرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ دۈشمەننى يەڭگەن ۋە بۇ ئۇسۇلنى قەدىمىي گىرىكلەردىن قالسا تۈركلەر ۋە موڭغۇللار ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ بىئو-خېمىيىلىك قوراللارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىشىگە مىسال بولالايدۇ. (بۇ گەپنى قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم، كىيىن تەپسىلىي توختىلىمەن).

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە يۇقىرىقى ئۇسۇل ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنىڭ سىرى ياۋروپا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئېچىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنىڭ كارغا كېلىشىنىڭ سەۋەبى ئىنسان ئىممۇنىت سىستىمىسدا تەبئىي بار بولغان «ئەستە ساقلاش» ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەستە ساقلاش ئەقىلنىڭ بىر قىسمى بولغاچقا بۇنى سىز دېگەندەك ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرىدە «ئەقىل» بار دەپ قارىسىڭىزمۇ توغرا بولىدۇ. يەنى، ئىنسان ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى B ھۈجەيرىلەر دەپ ئاتىلىدىغان ھۈجەيرىلەر بىر قېتىم بىر «يات» مولىكۇلا بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كىيىن، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ بىر قسىمى بۇ يات ماددىغا قارىتا ئانتبودى (كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى ئاقسىللار) ياسايدۇ، يەنە بىر قىسمى بولسا شۇ تاجاۋۇزچى جانلىقنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلىۋالىدۇ ۋە «ئەستە ساقلىغۇچى B ھۈجەيرىلەر» گە ئايلىنىپ «ئۇرۇش» قا قاتناشماستىن بەدەندە يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ. ئەمما بۇ ھۈجەيرىلەر كىلەر قېتىم ئوخشاش تۈردىكى تاجاۋۇزچى بەدەنگە ھۇجۇم قىلغاندا ئىنتايىن كۈچلۈك (تۇنجى قېتىمدىكىدىن نەچچە ئون ھەسسە كۈچلۈك) ئىممۇنىت رىئاكسىيىسىنى قوزغىتىدۇ ۋە بەدەندىكى باشقا ھۈجەيرىلەر ناھايتى تىزلا بۇ يات جانلىقنى پارچىلاپ ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلىي جەريانلىرى ھازىر خەلقىئارادا ناھايىتى ئىنچىكە ۋە بەكلا تەپسىلىي بىلىنگەن بولۇپ نەچچە توملۇق ئىممۇنولوگىيە كىتابلىرىنىڭ خىلى كۆپ ۋاراقلىرى مەخسۇس مۇشۇنى چۈشەندۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن. بۇ يەردە ھازىرچە مۇشۇنچىلىك توختىلاي.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 19:22:59

paklan يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 11:47 static/image/common/back.gif
باشتا سىزگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
------------------------------ ...

مۇشۇ «ئۇزۇن ئۆمۆر» كۆرۈشنىڭ دەل ئۇقۇمى نېمە؟ يەنى، ئۇ «تەقدىردە پۈتۈلگەن ئۆمۈرنى ئۇزارتىشمۇ ياكى كىشىنى كېسەلدىن خالىي قىلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەندەك قىلىشمۇ» مۇشۇنىڭ ماھىيىتىنى بىر بېكىتىپ بەرگەن بولسىڭىز!
==============
ئادەتتە ئىنسانلار ۋە باشقا جانلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر تۈرنىڭ مەلۇم دائىرىدىكى ئۆمۈر دائىرىسى بولىدۇ. مەسىلەن ئىنسانلارنى ئىلىپ ئيېتساق، نورمال ئەھۋلدا كۆپىنچە كىشىلەر 70-80 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ. ھازىر ئوخشىمىغان جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى بىر قەدەر يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆمرىمۇ 82 ياش ئەتراپىدا.بۇ يەردە ئۇزۇن ئۆمۈر دېگەنلىك كىشىلەرنىڭ ھازىرقى نورمال ئۆمۈرى دائىرىسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان كىشىلەردەك (مەسىلەن 100 ياشقا كىرىدىغانلاردەك) ئۇزۇن ياشاش ياكى ئۆمۈرنى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزارتىشنى مەقسەق قىلىدۇ. تەقدىرگە پۈتۈلگەن ئۆمۈرنىڭ زادى نەچچە ياش ئىكەنلىكىنى ئىنسانلار بىلەلمەيدۇ، ياپونيەدىكى ئىنسانلار ئوتتۇرىچە 82 يىل ئۆمۈر كۆرسە ئافىرىقىنىڭ سۋازىلاندىيەدىكى كىشىلەر پەقەت ئوتتۇرىچە 49 يىل ياشايدۇ. بۇ يەردە ئاساسلىقى كېسەلگە گېرىپتار بولۇش يېشىنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتىش كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ مۇمكىن بولامدۇ-يوق، قارىغاندا كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە بىلىدىغاندەك تۇرىمىز. ئەلۋەتتە، ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن ۋە ساغلام ئۆمۈرگە بولغان تەلپۈنۈشى ۋە ئىزدىنىشلىرى مەڭگۈ توختاپ قالماسلىقى مۇمكىن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:18:25

79588010 يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 12:01 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ ۋاكسىنا مەسىلىسىنى سورىماقچى، ئامېرىكىدى ...

شۇنداق، ئامېرىكىدا بالىلار 2 ياشقا كىرگۈچە جەمئىي 12 خىل ۋاكسىنا ئۇرۇلىدۇ (بەزى شىتاتلاردا تېخىمۇ كۆپ ياكى ئازراق بولۇشىمۇ مۇمكىن). بالىلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇش ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ ۋاكسىنىلارنى چوقۇم ئۇرغۇزۇش تەكىتلىنىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىلار دىننىي سەۋەب تۈپەيلى ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇشنى خالىمىسا ئىمزا قويۇپ ئىلتىماس سۇنسا ئۇلارنىڭ بالىلىرى ۋاكسىنىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئەمما ئىمكانقەدەر ئۇنداق قىلىشنى توسۇيدۇ. بۇ ۋاكسىنىلار ئىچىدەئەڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بولۇپ، ئامېرىكىدا ئەمەلىيەتتە بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ جۇڭگودىكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئاز كۆرۈلىدۇ. جۇڭگو B تىپلىق جىگەر ياللۇغى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋە 30% كۆپ كىشىلەردە بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش بار تۇرۇپ بالىلارغا بۇ ۋاكسىنىنى ئۇرمايدۇ (بەلكىم ھازىر ئۇرىدىغاندۇ، 10 يىل ئىلگىرى ئۇرۇلمايتتى). ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ مۇھىملىقىنى قانچىلىك تەكىتلىسىمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، بۇ مېنىڭ قارىشىم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:26:05

-ATAMAN- يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 12:14 static/image/common/back.gif
پارادوكىس دېگەن نېمە؟ چۈشەنچە بەرسىڭىز، رەھمەت.

پارادوكىسنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى ھەر خىل بولسا كېرەك. قارىسام ئۈستىدە ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە بۇ ئۇقۇمغا چۈشەندۈرۈش بېرىپتۇ. مەن بۇ تېمىدىكى پارادوكىسنىڭ ئىستىمال مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي. پارادوكىس دېگەنلىك سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىر-بىرىگە لوگىكا جەھەتتىن زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، بۇ ماقالىدا گلادىشوف دەسلەپ رىمونتچى (ئوڭشىغۇچى) ئاقسىللار قانچە كۆپ بولسا شۇ جانلىق كېسەللەردىن خالىي بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ دەپ پەرەز قىلدى، ئەمما نەتىجىدە ئۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ھايۋانلاردا بۇ تۈردىكى ئاقسىللارنىڭ ناھايىتى ئاز مىقداردا ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ يەردىكى زىتلىقنى ئاپتور پارادوكىس دەپ ئاتىدى، ئەمما كەينىدىن چۈشەندۈرۈش بېرىپ بۇ بەلكىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ھايۋانلار ھۈجەيرىلىرىدە زەخمىلىنىش ئاز بولغاچ رېمونتچى ئاقسىللارغا ئېھتىياج ئاز بولسا كېرەك دەپ قوشۇمچە چۈشەندۈرۈش بەردى.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:34:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-14 20:36

buhram يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 13:03 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇرسۇنجان!
مەن بۇ كىشىنى تۇنۇشتۇرۇ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دوستۇم،

سىز دېگەن «ئىلاھى تىل: بىر ئالىمنىڭ ئېتىقادىغا كۆرسەتكەن پاكىتلىرى» ناملىق كىتاب ئامېرىكىدا ناھايىتى بازارلىق كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابنى مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەكتەپ كۈتۈپخانىسدىن ئارىيەت ئىلىپ بىر قۇر تىزلا كۆز يۈگۈرتۇپ چىققان ئىدىم، دېمىسىمۇ ناھايىتى ياخشى كىتاب. ئەمما بۇ كىتابتا دوكتور كولىن بىر خىرىستىئان بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسىلىلەرگە باھا بەرگەن بولغاچقا مەن بۇ كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىپ باقمىغان. ۋاقىتنىڭ زىچلىقىدا نېمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ سۇنۇشمۇ چوقۇم كۆپ تاللاش-شاللاشتىن ئۆتۈشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە بولغاچقا، مەن گەرچە بۇ كىتابنى ناھايىتى ياقتۇرساممۇ، لىكىن تەرجىمە قىلىشتا سىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا ۋاقتىم چىقماسلىقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئىلگىرى قۇتادغۇبىلگ تورى بار ۋاقىتتا، مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشۇم بىلەن گوللاندىيە نېرۋولوگىيە ئالىمى دېك شۋاب يازغان «بىز دەل مېڭىمىز - بالياتقۇدىن قەبرىگىچە» ناملىق كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن، ئەمما كىيىن بۇ ئىشمۇ توختاپ قالدى. ئەگەر بىر كىتاب تەرجىمە قىلىپ قالسام، مېنىڭ شۇ كىتابنى تەرجىمە قىلغۇم ياكى باشقىلار تەرجىمە قىلغان بولسام تەھرىرلىگۈم بار. سىز بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلغان بولسىڭىز بەك ياخشى ئىش بوپتىكەن، بولسا ۋاقتىڭىز يار بەرسە ئاخىرىغا چىقىرىۋىتىڭ، شۇنداق بولسا مەن ئۇيغۇرچىسىنىمۇ چوقۇم يەنە بىر ئوقۇيمەن. :)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:42:57

newyork يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 16:01 static/image/common/back.gif
بەلەن تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن بىلگەجان!
سىز كۆرگەن -ئاڭ ...

بۇ سوئاللىرىڭىزنى «ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر» ناملىق ئۇزۇن قىسىملىق يازمامغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن. بۇ مەزمۇنلار مەن شۇ تېمىدا يازماقچى بولغان دائىرىدە ئىكەن، شۇڭا گەپنى شۇ يەردە دېيشسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق.
ھازىرچە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم، ئامېرىكىدا داۋالىنىش ھەقسىز ئەمەس، پەقەت كىرىم تۆۋەن كىشىلەر بىر قىسىم جىددىي ئەھۋاللاردا ھەقسىز داۋالاشقا ئېرىشىدۇ. قالغىنىنى، شۇ ماقالىدە يەنە تەپسىلىي جاۋاب بېرەي.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 20:47:26

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 17:55 static/image/common/back.gif
تۇرسۇنجان ئاكىمىزغا تەشەككۈر. ھەقىقەتەن ئېسىل ئەمگەك...

گېن گۇرۇپپىسى دېگەن ئۇقۇم Genome دېگەن سۆزنى دەل ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، گېن دېگەن سۆزنى بىز ئاللىقاچان بىلگەچكە گېنوم دەپ ئالساق كىشىلەر چۈشىنەلەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. بىئولوگىيىلىك ئاتالغۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى قېلىپلاشمىغان بولغاچقا، بەزىدە قايسىنى ئىشلىتىشنى بىلەلمەي قالىمەن. گېنوم دېگەنلىك بىر جانلىقنىڭ بارلىق خروموسوملىرىدىكى ھەممە گېنلارنى ئۆز ئىچىگە تولۇق گېن تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ قانداقتۇر گۇرۇپپا بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:01:30

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 18:54 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم،

شۇنداق ياخشى سوئالل ...

ئئادەتتە مېدىتسىنادا ئادەمنى يۈرەكنىڭ توختىشىغا ئاساسەن ئۆلدى دەپ ھۆكۈم قىلىمايدۇ. مىدىتسىنادىمۇ مىڭە ئۆلسە ئاندىن ئۆلگەن ھېسابلىنىدۇ .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:06:06

enwerjula يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 17:17 static/image/common/back.gif
‏بىر ئالىمغا خاس روھى مۇۋازىنەت بىلەن تەنقىت كۆتۈرىشى ...

ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت. ئەقىلغا مۇۋاپىق تەنقىد بولسا مەن ئەلۋەتتە كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن. شۇغىنىسى، بۇ تېمىدا سىز مېنى تەنقىدلىمەكچى بولغان بولسىڭىزمۇ، ئەمما مەن سىزنىڭ قايسى قارىشىمنى تەنقىدلىگەنلىگەنلىكىڭىزنى ئېنىق بىلەلمەي قالدىم.سۆزلىرىڭىزدە ناھايىتى سېلىق بولۇشقا تىرىشىپسىز، بۇنىڭدىن مىننەتدار بولدۇم. تەنقىد ئادەتتە مەلۇم قاراشقا قارىتا بولۇشى كېرەك، ئەمما مەندىن ياشقا چوڭلۇقىڭىزنى بىلىۋىلىپلا سىز تېخى ئويچىلىق ساھەسىدە گۆدەك دېگەندەك گەپلەرنى تەنقىد قاتارىدا بەرمەكچى بولسىڭىز، بۇنىڭدىن قايسى قارىشىمنىڭ خاتالىقىنى ياكى تەنقىدكە ئاساسەن قايسى قارىشىمنى تۈزىتىۋىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالىمەن ۋە مەن بۇنى تەنقىد ئەمەس، بەلكى سەل ئاتىكاچىلىق دەپ چۈشىنىمەن.

سىز ئۆزىڭىزنى پەلسەپىگە قىزىققۇچى دەپ كىلىۋاتىسىز، شۇنداقكەن سىزگە سىزنىڭ «تىلىڭىز» بويىچە گەپ قىلاي. سىز چوقۇم ئارىستوتىلنىڭ مۇنۇ بىر سۆزىنى مەندىن ئوبدانراق بىلسىڭىز كېرەك: «Plato is dear to me, but dearer still is truth» (پلاتو مەن ئۈچۈن ناھايتى سۆيۈملۈك، ئەمما ھەققىقەت-ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك سۆيۈملۈكتۇر). مەن بۇ قاراشقا ناھايتى قول قويىمەن ۋە ئىلمىي مەسىلىلەردە ياشنىڭ چوڭلۇقنى ئەمەس ھەقنى، بىلىمنى بەكرەك چوڭ بىلىمەن. بۇنى خاتالىق دەپ قارىسىڭىز، سىز مەڭگۈ مېنى قايىل قىلالمايسىز.

مۇمكىن بولسا ئىلمىي يوسۇندا بۇ ماقالىدىكى خاتا قاراشلار بولسا تۈزىتىش پىكىرى بىلەن قوشۇپ ئوتتۇرىغا قويسىڭىز، مۇۋاپىق بولسىلا مەن چوقۇم قوبۇل قىلىمەن. مەن ئۆزۈمنى ئويچىلىق ساھەسىگە كىردىم ياكى كىرىمىدىم دەپ ئويلاپ باقماپتىمەن، ئەمما ئىلمىيلىك پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم ۋە تەكىتلەپ كىلىۋاتىمەن. بۇ نۇقتىغا سىزمۇ ھەم باشقا تورداشلارمۇ قوشۇلسا كېرەك. داۋاملىق پىكىرلىرىڭىز بولسا سەممىميلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن. رەھمەت!

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:18:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-15 03:31

uqkuri يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 21:01 static/image/common/back.gif
ئئادەتتە مېدىتسىنادا ئادەمنى يۈرەكنىڭ توختىشىغا ئاس ...

رەھمەت. ئىلگىرى پروفىسورلار پۈتۈن مېڭە ئۆلسە ئىنسان ھەقىقىي ئۆلگەن بولىدۇ، ئەمما دوختۇرخانىلاردا يۈرەك توختىغانلىقىنى ئۆلۈمنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى دەپ قارايدۇ دەپ ئۆتەتتى. بىزمۇ باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئۈستىدە تەجىرىبە ئىشلىگەندە يۈرەك تېڭشىغۇچ ئارقىلىق ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز، شۇڭا شۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. ئەمما ھازىر دوختۇرخانىلاردا سىز دېگەندەك مېڭە ھەرىكىتىنىڭ توختىشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلۈمنى بېكىتىدىكەن. شۇغىنىسى بۇ ئۇسۇلغىمۇ سوئال قويۇلغان بولۇپ، بەزى ئەھۋاللاردا مېڭىنىڭ ئېلىكتېر ھەرىكىتى ۋاقىتلىق توختاپ قالىدىغان ئىشمۇ كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بەزى ئالىملار بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىكەن. يەنى مېڭىنى ئۆلگەنلىكىنى بېكىتىش بەزى ۋاقىتلاردا ناھايىتى مۇرەككەپ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدىكەن. شۇڭا بۇ بىر تالاش-تارتىش تۈگىمەيۋاتقان مەسىلە بولسا كېرەك.

tashway يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 21:51:31

بىلگەجاننىڭ بۇ ئىسىل تىمىسىغا تەشەككۇر،. ئەمما ماقالىسىدىكى دارتىلمىنى ئىنتايىن ئوشۇقچىدەك ھىس قىلدىم. ‹مازارغا چالما ئىتىپ شەيىخ بولماقچىمىدۇ؟!› دىگەن ئويغا سىلىپ قويدىكەن.. ئارتۇق ئويلاپ كەتكەن بولسام كەچۈرسىز!! ئىسىل تىمىڭىزغا يەنە بىر قىتىم رەھمەت....

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:06:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-14 22:10

tashway يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 21:51 static/image/common/back.gif
بىلگەجاننىڭ بۇ ئىسىل تىمىسىغا تەشەككۇر،. ئەمما ماقالى ...

نېمە دارتما؟ بەك ئاشۇرىۋەتتىڭلارمۇ قانداق؟
دەسلىۋىدە گەپ قىلماي دېگەن، ئەمدى يەنە بىرى قوپۇپ دارتما دەپسىلەر؟ سىلەر ھەرقانداق بىر ئىشنى مەلۇم مۇنازىرە ،جىدەل ماجرا بىلەن چاتماي چۈشۈنەلمەمسىلەر؟ ھەممە كىشنى يوقىلاڭ ئەرزىمەس ئىشلارغا بىر مۇ بىر ئەستايىدىل بولۇپ ئويۇن ئويناشقا ۋاقتى بار ، مەيلى بار دەپ ئويلامسىلەر؟ بىرىنى يەنە بىرىگە دۈشمەن قىلمىغۇچە بولدى قىلمامسىلەر؟ بىر بىرىمىزگە قېرىنداشتەك مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگۈنەيلى .
سەل ئىنساپلىقراق بولايلى دوستلار...

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:13:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-14 22:14

بىئولوگىيەنى بوزەك قىلىۋالغان ئادەمكەن ماۋۇ.

نوچى ماقالە، نوچى تەرجىمە!

ئويچىلىق ساھەسى دېگىنىڭلا قانداق گەپ؟ يېڭى بىر كەسىپ پەيدا بولدىما؟ بازارغا چىقمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ ماڭا.

qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:44:29

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 20:34 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دوستۇم،

سىز دېگەن «ئىلاھى تىل: ب ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوكتۇر بىلگەجان!

دىك سۋابنىڭ ‹‹چوڭ مېڭە دەل ئۆزىمىز- بالىياتقۇدىن قەبرىگىچە›› دىگەن كىتابى ھەققىدىكى پاراڭلار ئۇنتۇپ قالمىغان بولسام، بۇلتۇر رامىزاننىڭ بېشىدا بولۇنغان ئىدى. مەن قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىدە ۋە سكايپ ئارقىلىق سىز بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلەشكەن.

مەن شۇ چاغدىن باشلاپ ۋاقتىم چىقسىلا بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلغاچ تۇردۇم. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھازىرغىچە 12 باب تامام بولدى. مەندە ھەمكارلاشماقچى بولغان باشقا بالىلار ھەققىدە ئۇچۇر بولمىغاچ، ئۆزۈم قىلغاچ تۇرغان. سكايىپتا سىزگە بۇ توغۇرلۇق بىر-ئىككى قېتىم سۆز قالدۇرساممۇ، جاۋاب بولمىغاچ، سىزنى ئالدىراش بولۇپ كەتكەن چېغى دەپ ئاۋارە قىلمىغان ئىدىم.

ئاللا خالىسا، بۇ يىل رامىزان چىققۇچە تەرجىمىنى تۈگىتىش پىلانىم بار. تەرجىمە تامام بولغاندىن كېيىن ۋاقتىڭىز يەتسە بىر قېتىم كۆرۈپ بەرسىڭىز تېخى ياخشى!

تەرجىمە سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرى جاھاندارچىلىق غېمى بولسا، يەنە بىرى مېنىڭ زىيادە ئەستايىدىللىقىمدىن بولغان دەپ ئويلايمەن. ‹‹چوڭ مېڭە دەل ئۆزىمىز- بالىياتقۇدىن قەبرىگىچە›› ناملىق بۇ كىتاپ، نېرۋولوگىيە ساھەسىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا دائىر كىتاب بولغىنى بىلەن، كەسپىي ئاتالغۇلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىكەن. مەن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە - ئېنگلىزچە ئاتىلىشىنى قوشۇمچە جەدۋەللەپ مېڭىۋاتقان ئىدىم. بەزى ئاتالغۇلارغا ماس سۆزلۈكلەر بولمىغاچقا چامىمنىڭ يېتىشىچە ياساپ كېتىۋاتىمەن. ئەگەر پىلانىم ئوڭۇشلۇق بولۇپ، كىتابنىڭ تەرجىمىسى تۈگىسە، ئىزدىنىشقا مەخسۇس ئاتالغۇلارغا تەكلىپ بېرىش ھەققىدە بىر تىما يوللاشنىمۇ ئويلاپ قويدۇم.

ئۇنىڭدىن باشقا، موشۇ پۇرسەتتە بىر ئېلان بېرىۋالاي!
كىتابنىڭ تەرجىمىسى تۈگىگەندىن كېيىن خېرىدار بولىدىغان نەشىرىيات سودىگەرلىرى بولسا، تەرجىمە ھەققىنى دىيىشىپ، نەشىر ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىم مۇمكىن!
ئاخىرىدا، سىزنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئىلىمىڭىزنىڭ زاكىتىنى بىرىپ تۇرىۋاتقانلىقىڭىزدىن ناھايىتى سۆيۈنگەنگەنلىكىم ۋە يوللاۋاتقان ھەر بىر تىمىڭىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا غەلىبە ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن!

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 23:04:31

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 15:47 static/image/common/back.gif
گېن گۇرۇپپىسى دېگەن ئۇقۇم Genome دېگەن سۆزنى دەل ئەكىس ئ ...

ھە....بىلدىم. ئەمما گېنوم دېگەن بۇ ئېنگىلىزچە ئاتالغۇنى خەنزۇچىدا 基因组دەپ ئالغانكەن، بىزمۇ بۇرۇنقى دەرسلىك كىتابلىرىمىزدا شۇنداق ئوقۇغانتۇق. لېكىن ئۆتكەنكى ھۈجەيرىنىڭ تولۇق ئىقتىدارلىقلىقى دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بۇ گېن گۇرۇپپىسى دېگەن كونا ئاتالغۇلار سىزنىڭ بىلىمىڭىز بويىچە توغرا تەرجىمە قىلىنمىغان بولۇپ قالدى. دەرسلىك كىتابلاردا قېلىپلىشىپ بولغان ئاتالغۇلار ئىدى بۇ ئىككىسى بولمىسا ، ئەمما ھازىرقى دەرسلىكتە قانداق ئېلىقلىق بۇنى بىلمەيمەن، بىلىدىغانلار تۈزۈتۈپ قويارسىلەر.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 23:06:07

qeside يوللىغان ۋاقتى2014-5-14 22:44 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوكتۇر بىلگەجان!

دىك سۋابنىڭ ‹‹چ ...

تۇماق پالۋان( پاترول قويغان بۇ ئىسىم يامان ئەمەسكەن:lol ) ئورخان پامۇكنىڭ كىتاۋىنى قولدىن چىقارغاچ تەجىربە يەكۈنلەپ ئىشلىرىنى يۈرۈشتىرىۋالسا، بۇ تەرجىمە ئەسىرىڭىزگىمۇ ھۆددىگەر بولۇشى مۇمكىن جۇمۇ.:lol

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 23:14:27

خەلقىم ئوقۇماي تۇرۇۋالارمىكى ئىشۇ كىتابنى.:lol
بەت: 1 [2] 3 4 5
: (bilgejan) ئىنسانلار كەلگۈسىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ؟