توي غېمى
توي غېمى
قىز بالا بولماقنىڭ تەسلىكىنى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنلا ھىس قىلدىم.2009-يىلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 2 ئايدىن كىيىنلا ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئىگە بولۇپ،رەسمى شىتاتلىق خىزمەتچى بولدۇم.باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مەن ناھايىتى تەلەيلىك ھىسابلىناتتىم.لىكىن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن تېخىمۇ چوڭ بىر غەم_توي غېمى مىنى قىيناشقا باشلىدى.بۇرۇن توي غېمى دېسە ئۆي ئالالمىغان،چىقىمنىڭ يۇقىرىلىقىدىن توي قىلالمىغان بويتاق يىگىتلەردىلا بۇنداق غەم بولىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن.لىكىن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن توي غېمىنىڭ بىزدەك قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ باش قېتىنچىلىقى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
خىزمەتكە چىقىپ 2ئايدىن كىيىن يەنى 23 ياشقا كىرىشكە2 كۈن قالغاندا ئۆيدىكىلەر ماڭا كەلگەن بىرىنچى ئەلچىنى كۈتىۋاپتۇ.(ئۇ كۈنى مەن مەكتەپنىڭ ياتىقىدا يېتىپ ئۆيگە قايتمىغان)ئەتىسى ئۆيگە قايتقىنىمدا ئاپام ماڭا ئەلچى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.لىكىن كۆڭلۈمنى بەكمۇ غەش قىلغىنى شۇكى ئۇ بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان بالىكەن.بۇنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خورلۇق ھىس قىلدىم ئۆزەمچە."ئاجراشقان بىر نېمە قىز ئالىمەن دېگۈچە چوكان ئالسا بولمامدۇ"دەپ ئاپامغا چالۋاقاپ كەتتىم.ئاپام مىنىڭ مىجەزىمنى بىلگەچكىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى.كىچىنچى يىغلاپ چىقتىم.راس گەپ قىلسام بىرىنچى قېتىملا بۇنداق ئەلچىلەرنىڭ كىرىشىنى پەقەت قۇبۇل قىلالمىدىم،مەن يە ئەرگە تېگەلمىگىدەك قىز بولمىسام،نېمىشقا ئاجراشقان بالىسىغا مىنى ئەپ بېرىدىكەن دەپ نەچچە ئۆزەمگە سوئال قويۇپ دېگەندەك تاڭنى ئاتقۇزدۇم.تۇغۇلغان كۈنۈممۇ غەشلىك ئىچىدە ئۆتتى.
داۋامى بار........
سالام بەرنا:
سىزگە تەۋسىيەم تەقدىرگە ئىشىنىڭ.مۈمكىن بولسا :<<ئىمانلىق،جىگەرلىك،سەمىمى>>يىگىتنى تاللاڭ.كۆپرەك پىكىرلىشىڭ.گەپ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭ،سىز تاللىغان ئۇ يىگىت ئانىىسنى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدۇ؟يەنى دىمەكچى بولغۇنۇم ئانىسىنى قانچە ھۆرمەتلىسە،سىزنىمۇ شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيدۇ.چۈنكى<< ئانىسىنى سۆيگەن ۋەتىنىنى سۆيىدۇ!>>.جەمىيەتىكى ئېجدىمائى ئورنىغا قاراپ،ئائىلە شارائىتىغا قاراپلا،باياشات ياشاش ئۈچۈن توي قىلسىڭىز،ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ خاتا قەدەمنى باشقان بولۇسىز.
سىزگە بەخىت تىلەيمەن.
ئوقۇيدىغانغا يەنە تېما چىقتى مانا

Yuksel:
ئوقۇيدىغانغا يەنە تېما چىقتى مانا
ئۆزلەنىڭ توي غېمى تېخى تۈگىمىگەنمىدى ؟؟
ما تىما قاتتىق قىززىيدىغان بولدى
ئوخشاش ھېسىيات .،..............................................
مانا مانا ، بىر توي قىلغان بولسا نېمە بوپتۇ ، ئۆزى دۇرۇس بولسىلا بولمىدىمۇ ، بەرنا قىز ، ما بىزنىڭ بوۋاي مۇ ئىككىنچى تويىدا بىزنىڭ موماينى16 ياش ۋاقتىدا ئەمىرىگە ئاپتىكەن. بويتاقلار مەيەگە يىغىلىڭلا ، ئىزدىنىشقىلا بويتاقلار نوتۇشتۇرۇش ئورنى قۇرساق بولغۇدەك
izdanguqi525:
بويتاقلار مەيەگە يىغىلىڭلا ، ئىزدىنىشقىلا بويتاقلار نوتۇشتۇرۇش ئورنى قۇرساق بولغۇدەك
يۈزى قىلىن تارتىنچاق بويتاقلار ما تىمىغا شاپاققا كۇمۇتا ئولاشقاندەك سەللىمازا ئولىشىدىغان بولدى دە ، بەلكىم بەرنا قىز غا ئۆزى بىلەن بىر يەردىن لايىق چىقىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس مۇشۇ ئىزدىنىشتىنلا.
ئاندىنچۇ...
بۇ توي مەسىلىسىدە بىز ئوغۇللارنىڭ غېمى چوڭ جۇمۇ
قىز دوستۇم بىلەن يەپ باقىمىز بۇ غەملەرنى.

ھەممە ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان غەمغۇ بۇ.
مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىپ تۇرۇپتۇ بۇ غەم،يا بولمىسا تەڭ قۇتۇلارمىز





زەربىنىڭ ئېغىرىنى يەپكېتىپسىز بىرىنچى مەرتەمدىلا.
ھە داۋامىنىمۇ تېزراق،كىمگە تەگدىڭىز شۇنداق قىلىپ؟
داشۆگە ئەمدى قەدەم قويۇپلا مۇھابەتلەشتىم.گەرچە دەسلىپىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەك قىزغىن ھىسيات بولمىسىمۇ لىكىن يۈرۈش جەريانىدا بارا-بارا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،تۇنجى قېتىم مۇھەبەتلەشىشىم بولغاچقىمىكىن ھەددىدىن زىيادە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدىم.چۈنكى مىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇھەبەتلىشىشتىكى مەخسىتىم بىرلا يەنى توي قىلىش ئۈچۈن ئىدى.شۇڭلاشقا چۇقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن دەپ ئويلايتىم.ئىككىمىز ئاساسەن تېلفۇندىلا مۇھابەتلەشتۇق.(ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغان كانى ھىسابلاپ باقسام 358دانە بوپتۇ).ھازىر ئويلىساممۇ ئىككىمىزنىڭ بىللە تاماق يېگەن ۋاقىتلىرىمۇ ساناقلىقلا ئىكەن.بىر شەھەردە بولمىغاچقا پۇرسەتمۇ جىق يوق ئىدى.تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا پۇرسەت بولسىمۇ لىكىن ئۆيىمىز يېزىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇچۇق-ئاشكارا بىللە تۇرۇشمۇ ناھايىتى تەس ئىدى.ئاشۇنداق بولسىمۇ مەن ئۆزەمنى بەخىتلىك ھىسابلايتىم.لىكىن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇناسىۋىتىمىز پەقەتلا ياخشى بولمىدى.ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن جەھەتلەردە بىرگە كېلەلمەيۋاتاتتۇق.ئاخىرى بىر قېتىملىق قاتتىق جەڭدىن كىيىن ئايرىلىپ كەتتۇق.
داۋامى بار.......