yasin88 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 15:28:12

توي قىلىش ئۈچۈن جەزمەن مۇھەببەتلىشىش  كىرەكمۇ ؟

توي قىلىپ  بولغاندىن كىيىن مۇھەببەتلەشسىمۇ بولىدىغۇ .

قانداق دىدىم كۆپچىلىك ؟

ئىشقىلىپ بىرەرسىنىبەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكمۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگەزىيانكەن !

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 15:51:42

مۇشۇ خوتۇن ئېلىپ ئاجراشقان گۇيلار غىت قىسىپ، ئۆز خلىنى تېپىپ ئەلچى كىرگۈزسە بولمامدۇ دەيمەن. ھە دەپ قويسا، مۇشۇنداق سەبىي قىزلارنى بۇياندىن ئېلىپ ئۇياندىن قوياپ بېرىشتىن يانمايدۇ.

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:01:18

Tangriqut:

بەرنا قىز ئۆيگە ئەلچى كەلسە، بۇنداق خاپا بولمىغۇلۇق.ئەلچى كەلمىسە ئەكسىچە سەل بىنورمال...

شۇغىنىسى تېخى كۆرۈشۈپمۇ باقمىغانلارنىڭ ئەلچى ئەۋەتكىنى قىززىق، دادام بىلەن ئانامنىڭ دەۋرىدىكى تويلاردەك...

ئۆيدىكىلەرنى  ۋە مىنى تۇنۇيدىكەن.يېزىلاردا جىق بۇنداق ئىشلار.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:06:08

yasin88:

توي قىلىش ئۈچۈن جەزمەن مۇھەببەتلىشىش  كىرەكمۇ ؟

توي قىلىپ  بولغاندىن كىيىن مۇھەببەتلەشسىمۇ بولىدىغۇ .

قانداق دىدىم كۆپچىلىك ؟

ئىشقىلىپ بىرەرسىنىبەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكمۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگەزىيانكەن !

بىرسىنى ماۋۇ دەرىجىدە ياخشى كۆرەي دەپ پىلانلىيامسىز؟

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:09:41

Bilig:
بەرنا خانقىزنى بەك تۇيغۇن ۋە ئەقىللىق قىزمىكىن دەپ پەرەز قىلىمەن. ئۇنىڭ بىر يىل ئالدىدا مەن يازغان بىر تىمىغا يازغان ئىنكاسىنى ئوقۇپ ئۆزۈمدىن قاتتىق نۇمۇس قىلغان... ھىسسىياتچانلىق قىزلارغا ياراشقان بىلەن ئوغۇللارغا ياراشمىسا كىرەك. ئۇغۇللارغۇ ئۆتمۈشتىكى ھىسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى ئاشكارلىسا بولىشى مۇمكىن لىكىن قىزلار ئۇنداق قىلمىغىنى تۈزۈكمىكىن دەيمەن. لىكىن تىمىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپكىنىم ئەمەس، سىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ئەسكەرتىش بەرگەنتىڭىز كىيىن سىزدىن شۇنداق خوش بولۇپ قالغانتىم...

ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەخمەت بىلىگ.يېقىندىن بۇيان كۆڭلۈم پاراكەندە،بۇ يەردە مىنى ھىچكىم تۇنۇمىغاندىكىن تۆكىۋالاي دەپ قالدىم.

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:20:43

شۇنداق قىلىپ ئىىكى قېتىملىق ئەلچىلەردىن ناھايىتى ئۈمۈدسىزلەنسەممۇ لىكىن ناھايىتى تىزلا يەنە ئۆزەمنى ئوڭشىۋالدىم.مەن بۇ ۋاقىتلاردا ناھايىتى دىلىغۇل بولدۇم.مۇھابىتىمنى مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ساقلاشقا ئىشەنچىم بولغىنى بىلەن كەلگۈسىمىزگە ئىشەنچىم يوق ئىدى.مەن ئەزەلدىن تىرىشچان،ئىزدىنىدىغان ئوغۇللارنى ياقتۇراتتىم.لىكىن ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە مىنىڭ تەلىپىمگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بارا-بارا ھىس قىلىۋاتاتتتىم.باشقا بىرەرسى بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي دېسەم كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا ئۇنىڭغا تاتىشاتتى.شۇنداق زىددىيەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز يانفۇنۇمغا بىر ئۇچۇر كەلدى.

داۋامى بار........

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:26:49

بۇ ئۇچۇر يولدا كىلىۋاتقان چېغىۋا، ساقلاپ تۇرۇشقايلا..

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:34:14

ساقلاۋاتىمىز ھە بويتاقلار !

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:56:01

قارىغاندا ھەممىمىزنىڭ غېمى مۇشۇ ئىكەندە. تېخى يېقىنداىلا بىر قىز بىلەن كۆرۈشسەم، ئىككى-ئۈچ يىلغىچە توي قىلىدىغان خىيال يوق، دەپ پىىشنى قاقققىنىچە كىتىپ قالماسمۇ، قاراپ قاپتىمەن كەينىدىن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 16:59:46

مەن ئۈچۈن ئوق توراپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 17:02:14

ئا ئۇچۇر كەلگۈچە مەنمۇ ئاستا ئىشتىن چۈشۈپ ياتىقىمغا قايتىۋالاي ، كەچ قالسام سوغۇقتا دۈگجەرەپ ماڭغىلى سالىدىكەن

bardam يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 17:19:48

ۋاي زىيالى بىر يەرگىرەك ئېسىلايلى

izdiney يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 17:20:51

jewlan:

izdiney:
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالاي:قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس قايتيرغىلى بولىدۇ؟!

باشقىلارنىڭ ئىنكاسىدىكى ئىنكاس دىگەن يەرنى بېسىپ ئاندىن كۆرۈنگەن بەتتىكى نەقىل دىگەن كونۇپكىنى بېسىڭ .

بويتاقلار قەلئەسىدىكى جاھىل پارتىزان زىيالىتەيلاڭ كۆرۈنمەيدىغۇ

بىلىۋالدىم،رەھمەت.

مەنمۇ بويتاق،ھازىر ،مەنمۇ توي قىلىشىنى قاتتىق ئويلىشىپ باشقا ئېلىپ چىقالماي قىينىلۋاتىمەن

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 17:38:50

قانداق گەپ بولۇپ كەتتى بۇ؟

مۇشۇ تورغا چىقىۋاتقانلارلا بويتاقمۇ ياكى ئەتراپىڭىزدىكى تۇنۇش بىلىشلىرىڭىز ھەممىسى بويتاقمۇ؟

ئۈزەمنى ئېلىپ ئېيىتسام،ئاغىنىلىرىمنىڭ ئارىسىدا ئىككى بالىلىق بولغانلىرىمۇ،ئىككى خوتۇننى قويۇپ بېرىپ بولغانلىرىمۇ،ئىشىنى ئەپلەشتۈرۈپ بولالماي ئاغىنىلەردىن نەچچىمىز ئابداللىق قىلىپ يۈرۈپ ياراشتۇرۇپ قويۇپ تويىنى قىلغانلارمۇ بار.ئاغىنىلىرىم ئاساسەن توي قىلىپ بولۇپ مەن قاپتىمەن.سەۋەپلىرى مەن نۇرغۇن قېتىم دەپ كەتكەندەك ھېلىقى.........

شۇنداق قىلىپ

يەنە بىر سوراپ باقسام

مۇشۇ تورغا چىقىۋاتقانلارلا بويتاقمۇ ياكى ئەتراپىڭىزدىكى تۇنۇش بىلىشلىرىڭىز ھەممىسى بويتاقمۇ؟

Koktikin يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 17:52:54

مۇشۇ توي غېمى بەك يامانكەن جۇمۇ . مەنمۇ بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلمەن دەپ ئويلايتىم ، ھەم مۇھەببەتلىشىپمۇ باقتىم .  ئەمدى مۇھەببەتلەشمەيلا  توي قىلىپ بۇلۇپ مۇھەببەتلىشىشنى ئويلاۋاتمەن .

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 18:20:58

بەرنا ئاكامغىلا ئىلىپ بىرەيمۇ يا سىزنى.ئاكام توي قىلمىغان جۇمۇ،

ئانام ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىشنى ئويلاشماڭ دەپ قويسا مىنىڭ ئۇ يۇۋاش ئاكام يا بىرەسىنى تاپماپتۇ،ئەمدى ئۆيدىكىلەرنىڭ غىمى شۇنىڭ بىلەن.نەدىن ياخشىراق قىز تاپارمىزكىن دەپ

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 18:39:25

ئىزدىنىشتىكى بويتاقلارنى يىغىپ بىر كۇرس ئاچايمىكىن ..؟

بۇنداق دىگەن بىلەن ئۆزەممۇ بىر بويتاق..ماۋۇ بويتاقلارغا شۇجى لازىم بولسا  ھايىت دەڭلار...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 18:39:55

مانا مانا،،، دەسلاپ قىلىدۇق. توي قىلمىغاندىن بىرسى ئەلچىلىككە كىردى ما ئىزدىنىشتا. مۇبارەك بولسۇن!

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 18:52:38

ئەلچىگە ئۆلۈم يوق! دەپتىكەن كونىلار، بىراق بەزى بىر يۈزىنىڭ قېنى يوق، خوتۇن ئېلىپ قويۇپ بېرىش ئادىتى بار خوتۇن پۇرۇش گۇيلار ئىككى تۆت تال پۇلى ۋە مىراخورچىلىك مەنسىپىنى پەش قىلىپ، پولو يۈزى بىلەن خەقنىڭ ئۆيىگە كىنوخانىغا كىرگەندەك كىرىۋېرىدىكەن .

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 18:54:38

بۇ ئۇچۇر نامەلۇم بىر نۇمۇردىن كەلگەچكە پەرۋامۇ قىلمىدىم.لىكىن ئۇچۇر ئەۋەتكۈچىمۇ زىرىكمەي ئەۋەتىۋەردى.ئۇ بالىنىڭ دىيىشىچە ئۇ ساخچىمىش،ھەر كۈنى كوچا چارلاۋاتقاندا مىنى كۆرىدىكەن،مىنىڭ داۋاملىق يالغۇز يۈرۈيدىغىنىمنى كۆرگەندىن كىيىن مەن بىلەن تۇنۇشۇش ئىستىكى قوزغىلىپتىدەك.مەن ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرمىدىم.لىكىن ئۇ بالا بەكمۇ كىرىشىپ كەتتى،كۈندە توختىماي ئۇچۇر يوللايدۇ.ئاخىر بىر كۈن مەن زادى نېمە مەخسىتى بارلىقىنى سورىسام:\" سىز مىنىڭ بۇرۇنقى مۇھابىتىمگە بەك ئوخشايدىكەنسىز،لىكىن ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن، سىزنى كۆرۈپ ياختۇرۇپ قالدىم،مەن سىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى ئويلايمەن: دەيدۇ\".راس گەپ قىلسام شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىم ناھايىتى مۇرەككەپ ئىدى.لىكىن بىر نۇقتا ماڭا ئايان:\"مەن بىرسىنىڭ قەلبىدە بىر ئۆلگەن قىزنىڭ ئوبرازى بولۇپ بىر ئۆمۈر ياشاشنى ئەلۋەتتە قۇبۇل قىلالمايمەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مۇھابىتىم بار دەپ گەپنى ئۈزدۈم. 3-قېتىملىق توي تەكلىپىمۇ مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.

شۇنىڭدىن كىيىن مەن ئويلاپ قالدىم،مەن زادى قانداقراق بىرەسى بىلەن توي قىلىشىم كېرەك؟گەرچە مەن تېخى چۇقۇم توي قىلمىسام بولمايدىغان ياشقا بارمىساممۇ بۇ توي توغرىلىق بەك غەم يەپ كەتتىم.بولۇپمۇ مەن بىلەن تەڭ ئىشقا چۈشكەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىرسىنىڭ كەينىدىن بىرسى توي قىلىشى ماڭا سەل بېسىم بولدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتداشلىرىم كۈندە كۆرسىلا سورايدۇ،قاچان توي قىلىسىز دەپ.خۇددى ھەممىسىلا مىنى ئەرگە بىرىشنىڭ كويىدا يۈرگەندەك.

بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10 11
: توي غېمى