Baqka يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 21:48:18

ئۆزىڭىزگە يارىسا، يارىسىلا، ئۆيدىكىلەرنىڭ گېپىنى بەك ئاساس قىلىپ كەتمەڭ، بولمىسا كېيىن..

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 23:39:04

Baqka:
ئۆزىڭىزگە يارىسا، يارىسىلا، ئۆيدىكىلەرنىڭ گېپىنى بەك ئاساس قىلىپ كەتمەڭ، بولمىسا كېيىن..

ئۆزىمىزگە يارىغان بىلەن ئاتا-ئانىمىز يىغلاپ-قاقشاپ تۇرسا ئامال يوقكەن.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 23:41:48

ماۋۇ كىلىن قىلمەن خۇتۇن قىلمەن دەپ يۈرگەن گۇيلا بولدى قىلامسىلەر  ئەمدى.. ھېلىمۇ نەچچە كۈندىن بۇيان ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.ئەمدى بىزنىڭ بەرناغا ئۇنى بۇنى دىمەڭلار . ئاچچىغى كىلىپ قالسا مەنمۇ تۇسۇپ بۇلالمايمەن.

ئەتە ئۆگۈن مەھمۇت بەرنانى ياخشى باشقۇرمىدىڭ دەپ گەپ تاپارسىلەر ھەقىچان.

ھېلىمۇ قاچا قۇچىلارنى يۇيۇپ، ئۆيلەرنى تازلاپ............. تاتمىغان جاپاسى قالمىدى، كومپىيوتىرنىمۇ ئايدا بىر ئىككى قېتىملا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىمەن. ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، كۆپ گەپ قىلغۇزماڭلار..

begtash يوللانغان ۋاقتى 2010-11-5 23:59:23

Mehmut:

ماۋۇ كىلىن قىلمەن خۇتۇن قىلمەن دەپ يۈرگەن گۇيلا بولدى قىلامسىلەر  ئەمدى.. ھېلىمۇ نەچچە كۈندىن بۇيان ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.ئەمدى بىزنىڭ بەرناغا ئۇنى بۇنى دىمەڭلار . ئاچچىغى كىلىپ قالسا مەنمۇ تۇسۇپ بۇلالمايمەن.

ئەتە ئۆگۈن مەھمۇت بەرنانى ياخشى باشقۇرمىدىڭ دەپ گەپ تاپارسىلەر ھەقىچان.

ھېلىمۇ قاچا قۇچىلارنى يۇيۇپ، ئۆيلەرنى تازلاپ............. تاتمىغان جاپاسى قالمىدى، كومپىيوتىرنىمۇ ئايدا بىر ئىككى قېتىملا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىمەن. ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، كۆپ گەپ قىلغۇزماڭلار..


سايە چۈشتى

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 00:36:06

Baqka:
ئۆزىڭىزگە يارىسا، يارىسىلا، ئۆيدىكىلەرنىڭ گېپىنى بەك ئاساس قىلىپ كەتمەڭ، بولمىسا كېيىن..

hakki- يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 10:44:43

ئىنكاس تىملىرىمىز مۇشۇنداق داۋاملاشساكىنو سىنارىيەسىدىن بىر سى پۈتۈپ چىقامدا نىمە؟؟؟؟

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 13:23:52

شۇنداق قىلىپ مەھمۇتجان بەرنانىڭ ئاكىسى بولدىمۇ ئۇكىسى بولدىمۇ؟

wasdnoasdw يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 13:30:59

suzuk:
شۇنداق قىلىپ مەھمۇتجان بەرنانىڭ ئاكىسى بولدىمۇ ئۇكىسى بولدىمۇ؟

گىپىدىن قارىغاندا ئىرى بولغان چىراي ،لىكىن ئەمىلىيەتتە قوغلىشىپ ئىرىشەلمىگەن چىراي

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 13:31:01

سۈزۈك بويتاقلار تېمىسىنى ئوقۇمىغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويدى مانا

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 14:11:58

قايسى تېما؟ جوشىۋا بىلسىڭىز بىر دەۋىتىڭە

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 14:17:18

wasdnoasdw:

suzuk:
شۇنداق قىلىپ مەھمۇتجان بەرنانىڭ ئاكىسى بولدىمۇ ئۇكىسى بولدىمۇ؟

گىپىدىن قارىغاندا ئىرى بولغان چىراي ،لىكىن ئەمىلىيەتتە قوغلىشىپ ئىرىشەلمىگەن چىراي

ما، ۋاستىنوۋا گەپنى ئېچىپلىۋېتىپتىغۇ ئەمدى، ، ئېرى دېگەن گەپنى چىرايلىقراق گەپلەر بىلەن، ئستىلستكا ئىشلىتىپ ئېيتساقمۇ بولاتتى،  قىپ يالىڭاچ دەۋەتكىچە، مەھمۇتجاننى خىجىل قىلىپ

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 14:25:19

ئېرى دېگەن سەت گەپمۇ؟ يولدىشى دەمدۇق؟

yanmas يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 14:42:34

suzuk:

ئېرى دېگەن سەت گەپمۇ؟ يولدىشى دەمدۇق؟

بىكارچى بىلەن سىلىدەك بوپ بوغاندا دېسە سەت تۇرمايتى، شۇندا بوپ بوغان تەقدىردىمۇ ماندا بى \"ئۆمۈر يولدىشى\"، \"جۈپتى ھالالى\"، \"بالىلىرىنىڭ دادىسى\"... ھېچ بولمىسا سىلىدەك \"ئۆيدىكى ئادەم\" دېگەندەك گەپلەرنى ئىشلەتمەمدۇ دەيمەندە،

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 15:16:05

مىنىڭچە ئاكىسىدەك قىلىدۇ ، پەيلىدىن قارىغاندا توردا ئەلچى قوبۇل قىلمايدىغان ئوخشايدۇ .( ئەمدى توردا ئەلچىلىككە كەلگەنلەر يىنىشقايلا . بەرنا قىزنى ئىلەشتۈرمەي ، ئاكىسىنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئىكەن )

داۋامىغا تەشنا بىز .

Eldost يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 15:24:21

كاككۇك ، كاككۇك.........

tvman يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 15:24:48

wasdnoasdw:

suzuk:
شۇنداق قىلىپ مەھمۇتجان بەرنانىڭ ئاكىسى بولدىمۇ ئۇكىسى بولدىمۇ؟

گىپىدىن قارىغاندا ئىرى بولغان چىراي ،لىكىن ئەمىلىيەتتە قوغلىشىپ ئىرىشەلمىگەن چىراي

ئۆتكەندە ئىزدىنىش توپىدا بەرنا نەخ مەيداندا ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەن مەخمۇتنى

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 17:05:42

بويتاقلار پاراڭلاشمىساقمۇ بولىۋېرەمدا؟

دېگەن تېما، تور تاقىلىشتىن بۇرۇن يېزىلغان، 100بەتتىن ئاشقان.

ئۇ تېمىدا ئەڭ مودا بولغان ئىش \"سۈف! ئۆرۈلە\" دەپ بەت ئۆرۈش.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 17:09:11

tvman:

ئۆتكەندە ئىزدىنىش توپىدا بەرنا نەخ مەيداندا ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەن مەخمۇتنى

مەھمۇد ھازىرغىچە يارىشىپ قالسام بولاتتى دەپ، كۈندە يىغا

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 18:39:37

ئويلاپ باقسام بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى نېمە دەپ يېزىشنىمۇ بىلەلمىدىم،بارلىق ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن قېرىنداشلارغا رەخمەت.تويۇم بولسا چۇقۇم ئەڭ ئاۋال ئىزدىنىشتىكىلەرنى زىياپەتكە چاقىرىمەن.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2010-11-6 20:25:19

شۇ بولغان ۋەقەلىكنى يازمامسىز ( كەلگەن ئەلچىلەرنى ، پۈتۈشكەن يىگىتىڭىزنى ، چاي ئىچۈرۈش كۈنىنى .ئاندىن توي قىلىسىز ، ئاندىن بالىلىق بولىسىز . ئاندىن ئائىلىدە ئۇششاق ماجرا بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ شۇنى يازىسىز ، ئاندىن ئىرىڭىز تالاغا قاراپ قالغىنىنى ، ئاندىن .......ۋاي-ۋۇي بولدى ) ، ئارانلا ئىككى ئۈچ ئەلچى كىلىپ توختاپ قالمىغاندۇ
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 [10] 11
: توي غېمى