ما بويتاقلار مولۇندەك ((كاكىراپ)) تۇرساڭلار قانداق يازىدۇ داۋامىنى؟
بەرناقىز، يازىۋىرىڭ داۋامىنى، بىرەرسى ئەدەپسىزلىك قىلسا ماڭىلا دەڭ، يۇز - خاتىرە قلمايمەن بۇ((مولۇن)) لارغا.،
ھەي ئىزدىنىشتا بويتاقلا نىمانداق جىق دەيمەن رۇسلانمۇ توغان داتوشەينى كىيىپ چوڭ قەدەم تاشلاپ ماۋۇ تىمىغا كىرىپ كەلدى مانا
مەنمۇ شۇ بويتاقلار جەمىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى ھەي.... دەت تولا
ئەمدى ئېچىلىۋاتىدۇ......
7 ئايدىن كىيىن ئۇ ماڭا مەندىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى،ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بەك شەخسىيەتچىلىك قىلغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى دەپ يالۋۇرۇغاندىن كىيىن مەنمۇ ئۆچكە يېغىدەك ئىرىپ ئۇنىڭ بىلەن قايتا ياراشتىم.بارلىق خاتالىق مۇشۇ ياراشقان قەدەمدىن باشلاندى.دەز كەتكەن چىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەك ناھايىتى تەسكەن.بىر مەزگىل ياخشى ئۆتكەن بولساقمۇ لىكىن كىيىن يەنە جېدەل قۇرىمىدى.مۇشۇ ئارىلىقتا مەن ئويلاپ قالدىم:توي قىلماي تۇرۇپلا بۇنداق ئۇرۇشقىلى تۇرساق توي قىلساق قانداق بولا؟شۇنداق بولسىمۇ لىكىن ئۆزەمگە تەسەللى بىرىپ دېگەندەك كۈنلەرنى ئۈمۈدسىزلىنىش ۋە غەمدە ئۆتكۈزدۈم.بولۇپمۇ مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئارىمىزدىكى كىلىشەلمەسلىك تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتتى.ئۇ مىنى چۈشەنمەيتى.نۇرغۇن ئىشلاردا چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلىمايلا ماڭا ئازار بېرەتتى.ئۇ مىنى خىزمەتكە چىقىپلا ئۆزگىرىپ كەتتى دەپ ئويلايتى.ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن خىزمەتكە چىققاچقا ئۇنىڭغا بېسىم بولغانلىقىنى ھىس قىلالايتىم.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتەپتىكى بىر جاۋۇلداق خانىم بىر كۈنى مىنى چاقىرىپلا ماڭا بىرسىنى تۇنۇشتۇرۇش نىييىتى بارلىقىنى ئېيتىپ،مەن مىنىڭ مابىتىم بار دەپ بولغىچە ئۇ بالىنىڭ ئاللىبۇرۇن بىنادىن ئۆي ئەپ بولغانلىقىنى،خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۈلگۈردى.يەنە ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرىشىمغا \"بىر قېتىم ئاجرىشىپلا قويغان يىرى بار،سىزنى مۇۋاپىق كۆرۈپ......\"،ئاخىرىدا نېمىلەرنى دىدى قۇلىقىمغىمۇ كىرمىدى.مىنىڭ لايىقىم بار دەپ ئارقامغا ئۆرىلىپلا كېتىپ قالدىم.ئۇ خوتۇننىڭ چالۋاقاپ:\" ۋاي شۇ ھېلىقى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن ماڭقا مابىتىڭىز شۇدۇ......\"دېگەندەك گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.توۋا خۇدايىم،ماڭا ئاجراشقانلا ئادەم مۇۋاپىقمىكەن.ئىككىنچى قېتىم قاتتىق خورلۇق ھىس قىلدىم.
ئالدى بىلەن ئەلچى كىرگەنلىكىنى مۇبارەكلەپ تۇراي.
مىنىڭ كومپىيوتۇرۇم يوق،شۇڭا بىراقلا بەك جىق يېزىپ بولالمايدىكەنمەن.ھازىرمۇ دەرسىم باتى.داۋامىنى كەچتە يازاي.مەن تۇنجى قېتىم توردا تېما يېزىپ بېقىشىم،شۇڭا ياخشى يازالمىساممۇ ئەيىبلەپ كەتمەڭلار.بۇ پەقەت بېشىمدىن ئۆتكەن ھەقىقى ئىشلار،بۇ يەردە سۆزلەپ ئىچىمنى بوشىتىۋالغۇم كەلدى. بەرنا خانقىزنى بەك تۇيغۇن ۋە ئەقىللىق قىزمىكىن دەپ پەرەز قىلىمەن. ئۇنىڭ بىر يىل ئالدىدا مەن يازغان بىر تىمىغا يازغان ئىنكاسىنى ئوقۇپ ئۆزۈمدىن قاتتىق نۇمۇس قىلغان... ھىسسىياتچانلىق قىزلارغا ياراشقان بىلەن ئوغۇللارغا ياراشمىسا كىرەك. ئۇغۇللارغۇ ئۆتمۈشتىكى ھىسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرىنى ئاشكارلىسا بولىشى مۇمكىن لىكىن قىزلار ئۇنداق قىلمىغىنى تۈزۈكمىكىن دەيمەن. لىكىن تىمىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپكىنىم ئەمەس، سىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ئەسكەرتىش بەرگەنتىڭىز كىيىن سىزدىن شۇنداق خوش بولۇپ قالغانتىم... مېنىڭ ئىنكاسىمنى كىم تارتىۋالدى ؟ مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالاي:قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس قايتيرغىلى بولىدۇ؟! بىر قېتىم توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ،ئەمما ئەلچىلەرنىڭ كىرىشىنى يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئېيىق بولسىمۇ ئىرىڭ بولسا، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ دەپتىكەن .
izdiney:
مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىۋالاي:قانداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس قايتيرغىلى بولىدۇ؟!
باشقىلارنىڭ ئىنكاسىدىكى ئىنكاس دىگەن يەرنى بېسىپ ئاندىن كۆرۈنگەن بەتتىكى نەقىل دىگەن كونۇپكىنى بېسىڭ .
بويتاقلار قەلئەسىدىكى جاھىل پارتىزان زىيالىتەيلاڭ كۆرۈنمەيدىغۇ
Guitarfan:
قىز دوستۇم بىلەن يەپ باقىمىز بۇ غەملەرنى.
ھە ياخشى ئاشۇنداق يىگىلى تۇرسڭىز سىز بىلەن قىز دوستىڭىز ئوقۇش پۈتتەرگىچە تۈگەپمۇ قالار ، كۈنىگە ئۈچۋاختىن يىسەڭلار،
مەنچۇ يەي دىسەم يىگىلى بولماي تۇرىدۇ غەملەرنىڭ ھەممىسى ، ئاز قالدى ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىشكە
دادام 300 كوي قەرز ئېلىپ شۇ پۇل بىلەن ئانام بىلەن توي قىلىپ ، كىيىن ئىككىسى بىرلىكتە نەچچە يىل تىرىشىپ ئۇ قەرزنى مىڭ تەسلىكتە تۆلەپ تۈگىتىپتىكەنتۇق. ھازىرقى قىزلارنىزە ، بىزگىمۇ قىلدى ، ئۆزىگىمۇ قىلدى ، ئەمەلىيەتتىغۇ ئۆزىگە بەكرەك قىلدىزى تەيجۈن قاتارلىق بىر قانچە پىشقەدەم بويتاقلار كىرسە ماۋۇ تىما تېخىمۇ قىزىيدۇ !
بەرنا قىز ئۆيگە ئەلچى كەلسە، بۇنداق خاپا بولمىغۇلۇق.ئەلچى كەلمىسە ئەكسىچە سەل بىنورمال...
شۇغىنىسى تېخى كۆرۈشۈپمۇ باقمىغانلارنىڭ ئەلچى ئەۋەتكىنى قىززىق، دادام بىلەن ئانامنىڭ دەۋرىدىكى تويلاردەك...
تاھىركامغا تېلېفون قىلىپ دەپ قويسام بولغۇدەك....
پۇل بىلەنلا قالماي، سىلىنىمۇ ئويلاپ قويسۇن!
ئۇنداقمۇ ئويلاپ كەتمەڭ، قېنى داۋامىغا تەشنا بىز.