Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 19:17:03

بەرنا بىزگىلا كىلىن بولىڭە،تاماقنى ئوخشىتىپ ئەتسىڭىزلا بولدى.ئاكامنىڭ بىرىجى تەلىپى شۇمىش.

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 19:18:27

bardam:
ۋاي زىيالى بىر يەرگىرەك ئېسىلايلى

مۇشۇ گەپنىڭ تىگىدە بىر گەپ بار

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 19:19:34

ۋاي مەن كىچىكىپتىمەنغۇ، تىزىمغا ئالدۇرۇۋېتىپ ئاندىن ئالدىرىماي ئوقۇي

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 19:30:56

تۈگىدىما، ئەمدى گەپنى نەگە يۆتكەيمىز،

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 19:32:07

يەنە بىر نامزات قوشۇلدى

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 19:42:57

ئۆزىڭز ياخىشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن ھەرگىز توي قىلماڭ بولمىسا كىيىن پۇشايماندا قالىسىز.مىنىڭمۇ توي قىلىدىغان ۋاقتىم بوپ قالغان تۈزۈكەرەك بىر قىز ئۇشقۇمايدۇ؛ دىسە.....

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 20:00:48

  كېيىن ئۇچرىغان زەربىلىرىڭىزمۇ بوش ئەمەسكەن.

يېزىڭە، قاراپ قالدۇق.

ئىككىنچى بەتتىكى ناخشا ئۇلغايتتى دەردىمنى.

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 20:01:11

بىزنىڭ بۇ يەردە مۇقىم خىزمىتى بولۇش قىزلار ئۈچۈن بەكلا مۇھىملىقىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتىم،چۈنكى مەن تۇنۇيدىغان خىلى چوڭ ياشلىق،ئەخلاقى ياخشى بەزى قىزلارمۇ مۇقىم خىزمىتى يوقلىقى تۈپەيلى توي قىلالماي قالدى.بۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا مەندە بىر شەرت بولسىمۇ تۇلۇقكەن دەپ ئۆزەمچە تەسەللى تاپقان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى.بىر كۈنى دادام ناھايىتى خوشال كىرىپتۇ،كىيىن ئاپامدىن ئاڭلىسام دادامنىڭ بىر ئاغىينىسى مەلۇم ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر ئوغلىغا مىنى ئەپ بىرىشنى ئويلىشىپتىمىش،شارائىتى ياخشىكەن،بىرلا ئوغۇلكەن.مىنىڭ يېڭى خىزمەتكە چىققىنىمنى ئاڭلاپلا مىنى كىلىن قىلىشنى ئويلىشىپتۇ.مىنى كۆرۈپتىمىش.مەن ئاپامدىن سورىدىم\"ئاجرىشىپتىكەنمۇ\"دەپ.دىمىسىمۇ ئىككى قېتىملىق ئاجراشقان گۇيلارنىڭ ئەلچىسى يۈرەكئالدى قىلىۋېتىپتىكەن مىنى،ئاپاممۇ كۈلۈپ كەتتى.كىيىن سۈرۈشتۈرسەم ئۇ بالا ئىلىكتورۇنلۇق قىماخانىدا ئېغىر ئوينايدىغانلاردىن ئىكەن.قىماۋازلار مەن ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان كىشىلەر توپى.ھەر قانچە شارائىتى ياخشى بولسىمۇ لىكىن بۇنداق ئادەم ئۈچۈن ھاياتىمنى دوغا تىكىشكە مەن قانداقمۇ ماقۇل بولاي؟بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئاپامغا دېسەم ئاپام :\"خۇدايىم ساخلاپتۇ،دادىڭىز تېخى يېقىن ئاغىينەم بىلەن قۇدا بولسام دەپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كىتىپتىكەن\"دەيدۇ.داداممۇ مىنى بالدۇرراق ئەرگە بىرىۋېتىشنى ئويلىغان ئوخشايدۇ.

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 20:17:49

خىزمىتى بارمىكەن، يوقمىكەن دىگەنى بەكەرەك سۈرۈشتۈردىكەندە ھازىر،مەنمۇ جىق ئاڭلاپ كەتىم بۇنداق لاۋزا گەپنى.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 20:28:32

لىكىن ئاخىرى تەلىيىڭىز چىققاندۇ؟ سەبىر كىرەك، خۇدا ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىر بويىنچە بولىدۇ!  ئىشنىڭ ۋاقت-سائىتى توشمىسا بىكار...

umakkulke يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 20:32:26

قىز بالا بولماق نىمانداق تەس ،مۇشۇ كۈنلەردە قىز بۇلۇپ قالغىنىمدىن ئۆكۈنىدىغان بۇلۇپ قالدىم.ماۋۇ ئوقۇشنىڭ ۋەزىپىسىدىن چىقىپ بۇلالمايۋاتسام ،توينىڭ غېمى .چوڭلارنىڭ ئاغزىدا شۇلا گەپ ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۇردىڭىز ،ئەمدى توي قىلىۋىلىڭ دەپ ....مەن تىخى ئوقۇغۇچى دەپلا باھانە قىلىدىغان بولدۇم .

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 20:37:18

ئۆز بەختىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى. تىرىشىپ بولمىغاندا شۇ چاغدا كۆرەيلى.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 20:43:47

ئاخىرنى يېزىپ بولغىچە سەل تەخىر قىلىڭلار باللار. مەنمۇ چىقىمەن بۇ ھىكايىدە.

راسىتىنى دىسەم بەرنادەك ئىسىل قىزلارنى ھازىرغىچە كۆرمۈدۈم . ئەگەر مۇھاببىتى بولمىغان بولسا  بۇ ۋاقىتقىچە مەنمۇ ئەلچى ئەۋەتىپ بۇلاتتىم. مەن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاتايەن ئەتلەس كۆينەك تىكتۈرۈپ كىيىپ كەلگىنى ھازىرغىچە ئىسىمدە ، شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن بەك تەسىرلەنگەن ئىدىم، ئىككى ئاغىينەم يۈزىنى قېلىن قىلىپ بىللە بېرىۋالمىغان بولسا بەرناغا دەيدىغان بەك جىق گەپلىرىم بار ئىدى، پۇرسەت بولماي قالدى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 20:54:56

بەرنا بىلەن مىنىڭ ئەھۋالىم ئوخشىشىپ قالىدىكەن. مەنمۇ شۇ مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن مابەتكە ئەقىدە ساقلاپ ئولتادىم شۇ قېرى بويتاق بۇلۇپ. ئىدارىمىزدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار شۇڭا ماڭىمۇ نەچچىسى ئېغىز ئېچىپ قالدى ماڭا ياخشى بىر تۇنۇشىمىزنىڭ قىزى بارتى دەمدۇ، قايسى بىر باشلىقنىڭ تۇققىنى دەمدۇ، قايسى بىر ئىدارىنىڭ خىزمەتچىسى دەمدۇ ئىشقىلىپ ماختاپ بىر كېلىدۇغۇ زادى خۇددى مەن بىر توي قىلالماي قالغاندەك. ۋاي مىنىڭ قىز دوستۇم بار ئىدى دىگەنلەرگە ئۇنىمايدۇ تېخى. ئۆي غېمىدىن قۇتۇلدۇم ئەمدى توي غېمىدىن بىر قۇتۇلسام بولاتتى.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 21:38:26

مەنغۇ ئاكامغا خىزمىتى يوق،بار بولسىمۇ سىسترا دىگەندەك قىزلارنى ئىلىپ بەرسەك بولاتتىلا دەيمەن.دادام بىلەن ئانامنىڭ خىزمىتىنى ئازراق بولسىمۇ قىلسا،ئاكام ئىشتىن ھىرىپ كەلسە ئىسسق تامىقى،چىرايلىق پاكىز ئۆيى بولسا ياقىسىغا كىر قونمىسا دەپ.لىكىن چوڭلار مۇئاشى يوقمۇ مەيلىتى لىكىن جاپا تارتىپ قالارمۇ شۇ دەيدۇ.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 21:40:35

يوۋ ما باللارنى ئىۋۇ ئىنكاسىمنى يېزىپ بولغىچە بەرنانىڭ رەسمىنى كۆرۈپ باقساق بۇلامدۇ دەپ بىر مۇنچە بويتاقلار   ئۇچۇر ئەۋەتىپ بۇلۇپتۇ.

مەندە بەرنانىڭ بىر پارچىمۇ رەسىمى يوق، ئۆزەڭلارنى ئاۋارە قىلماڭلار

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 22:51:11

بىر ئاغىنەم بىر قىز بىلەن خېلى ئارىلاشقان. توي تەلىۋى قوياي دەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەچلىك كىنودىن يېنىپ، ئاشخانىغا بېرىپتۇ. ئاغىنەم كاۋاپ بىلەن نان يەمدۇق دەپتىكەن. قىزچاق دۆلەت تىلىدا \"نان بىلەن خۇشام يوق' دەپتۇ. ئاغىنەم ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ قىزدىن قول ئۈزۈپ، كاۋاب بىلەن نان يەيدىغاندىن بىرنى تېپىپ تويىنى قىلىۋالدى.

tumarim يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 22:57:30

قارىسام ھەممىسى بويتاقكىنە، توۋا، مەنمۇ بويتاق... زادى بويتاقلار كۇلۇبىدىن بىرنى قۇرماق لازىممىش بۇ يەرگە.

kawsar2000 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 23:08:58

ئەلچى كۆپرەك كىرسە ياخشى  ئىش   ، بەرنا قىز چاپسانراق تۇتۇش قىلايلى جۇما !  ئاي پاتەم بۇلۇپ ئولتۇرۇپ قالمايلى ھە

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 23:49:02

kawsar2000:

ئەلچى كۆپرەك كىرسە ياخشى  ئىش   ، بەرنا قىز چاپسانراق تۇتۇش قىلايلى جۇما !  ئاي پاتەم بۇلۇپ ئولتۇرۇپ قالمايلى ھە

چوڭ ئەيسا باغۇ ئايپاتەملەرگىمۇ ئەممازە بىر چىرايلىق بەرناقىزغا  بۇنداق گەپلەرنى قىلىشماڭلار ھە. يامان بولىدۇ.

بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9 10 11
: توي غېمى