ئۇيغۇر
2 -ئۆكتەبىر ئەنخۇي ئۆلكىسى توڭچېڭ شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ سىستېراسى بىر ئەركەك بىلەن گەپ تالىشىپ قاپتۇ . دوختۇر ياڭ ئەپەندى ياخشى كۆڭلى بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغان ئىكەن ، ھېلىقى ئەركەك ياڭ ئەپەندىنى دۇمبالاپ تاغاق سۆڭىكىنى سۇندۇرىۋېتىپتۇ ، ئۇ دۇمبالاۋېتىپ : مەن دېگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش سېكرېتارى ، يۇقىرىدا ئارقا تېرىكىم بار ، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن ، دەپتۇ. تورداشلارنىڭ يېزىشىچە ، بۇ نوچى ئەنخۇي ئۆلكىسى توڭچېڭ ناھىيە فەنگاڭ بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى لى چېڭفۇ ئىكەن . (چىلۇ تورىنىڭ 2011-يىل 7-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى )0 c4 ^0 o0 n6 P2 N/ d, w4 K
/ k/ m) S4 e$ ]& S5 n) ~ ھېچنېمىدىن قورقمايمەن ، دېگىنى ھېچكىمدىن قورقمايمەن ، دېگەن گەپ . توۋا، دەپ قالدىم ، تىرناقچىلىك ئەمەل تۇتقان بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ھېچكىمدىن قورقۇپ قالمايدىكىنا!؟ ئۆزىمۇ راستىنى دەپ تاشلاپتۇ، يۇقىرىسىدا ئارقا تېرىكى بارىكەن . شۇ «ئارقا تېرەك »لەر بازارنىڭ ، ناھىيە-شەھەرنىڭ ، ھەتتا ئۆلكىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىدۇ ھەقىچان . ئارقا تېرىكى ئۆرۈلمىسە ، بۇ سېكرېتار بەخىرامان يۈرىۋېرىدۇ ، دېگەن گەپ . ئۇنىڭ ئارقا تېرىكىنىڭ نام-ئەمىلى نېمە ، ئۇلارنىڭ قانداق ئالغۇ-بەرگۈسى بار ، بۇ تەرىپى نامەلۇم . H1 ^1 Y; e/ l; S& j
+ }% S" R9 u* r U لى سېكرېتار گەپنى چالا دەپ قويۇپتۇ . ئۇنىڭ قاپ يۈرەك بولۇشىدا يەنە بىر سەۋەپ بار ، ئۇ بولسىمۇ لى سېكرېتارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئورنى . بازارلىق ئىنتىزام سېكرېتارىنى سەل چاغلاپ قالماڭ ، ئەمەلدارلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلمىشلىرى ، خىيانەتچىلىك ، چېرىكلىكلىرىنى ئۇ بىلىدۇ ، بىر تالاي ئەمەلدارنىڭ جېنى شۇنىڭ قولىدا دېگەن گەپ ، قەلىمىنى ئېلىپ شۇنداقلا بىر جىجىلىسا ، ئەمەلداردىن بىرسى ئۆزىنى ھەپسىدە كۆرىدۇ . جىممىدە ئۆتكۈزىۋەتسە ، بىر تالاي چىركىننى ساقلاپ قالالايدۇ . قايسى بىر ئىنتىزام سېكرېتارىنىڭ قولىدا بىر تۇتام پاش قىلىش خېتى يوق؟ قايسى بىر ئەمەلدارنىڭ كۆزى توق ؟ ئىنتىزام سېكرېتارىنىڭ ھېچنېمىدىن قورقماسلىقى مانا شۇنىڭدىن .
1 i5 u% Y' Q' C6 N5 P( Z* O: H6 y: c2 f- U
ئەمەلدارلار ئىنتىزام سېكرېتارىدىن قورقىدۇ ، ئىنتىزام سېكرېتارى ھېچكىمدىن قورقمايدۇ ، ئەزەلدىن شۇنداق . لى سېكرېتار راست گەپنى دەپتۇ . بۇنىڭدىن مۇنداق بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ : ئىنتىزام سېكرېتارىنى كىم نازارەت قىلىدۇ ؟ نۆۋەتتە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ، ئەكسىچە ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرلىرىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا .0 [7 ~; _4 Y- r. O b9 Y/ k
& x0 x, F) A* G9 s
ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مەخسۇس ئورگان ئېنىق بەلگىلەنمىگەن بولۇپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى نازارەت قىلىدۇ ، لېكىن ، بۇنىڭ رولى چەكلىك بولدى . چېنجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى پاش قىلىنغاندا ، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈشكە بېرىپمۇ پاكىت تاپالماي قايتىپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن، پاش قىلىنسىمۇ موللاق ئاتمايدىغان ، تەكشۈرۈلسىمۇ چاتاق تېپىلمايدىغان ، باشقۇرغىلى بولمايدىغان سېكرېتار ، دەپ نامى چىققان ، تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەن ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پاش قىلغۇچىغا ۋە بوينى قاتتىق كادىرلارغا زەربە بەرگەن ، ئۆچ ئالغان .5 \+ X9 P3 x- J( c) {& R
0 u* `( _6 M' P! \' o' }نازارەتسىز ھوقۇقنىڭ چەكسىز يوغىناپ كېتىدىغانلىقى شەكسىز. نازارەتسىز ئەمەلدارمۇ ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ ، خۇددى لى سېكرېتارغا ئوخشاش . يۇقىرىدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىپ بولالمىسا ، تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم-ھۆكۈمەت نازارەت قىلىشقا پېتىنالمىسا ، يەنە نېمىدىن قورققۇلۇق ؟ ھېلىغۇ بىر دوختۇرنى ئۇرۇپ قويۇپتۇ، خىيانەت قىلىپ چېرىكلەشسىمۇ، تەكشۈرىدىغان ئادەم بولمىسا، قورققۇدەك نېمىسى بار؟7 J, ^2 B3 o4 X0 y2 P# }$ j
# h: r! t5 c! h- d
لى سېكرېتاردەك ئىنتىزام سېكرېتارلىرىنى قورقىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بولغان نازارەت مىخانىزىمىنى تۈزۈپ ، مۇكەممەللەشتۈرۈش ، يۇقىرىدىن نازارەت قىلىش بىلەن بىرگە ، يەنە بىر ئورۇن مەخسۇس نازارەت قىلىدىغان بولۇش ، پارتكوم-ھۆكۈمەت ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ نازارەت قىلىش چارىسىنى تۈزۈش ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تور نازارەتچىلىك يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش زۆرۈر . ( لى سېكرېتارنىڭ دېلوسى تورداشلار نەق مەيداننى سۈرەتكە تارتىۋېلىپ تورغا يوللىغان سەۋەبلىك ئاشكارىلانغان ) لى سېكرېتار تەڭرىدىن قورقمىسىمۇ ، توردىن قورقىدۇ ، قانۇن-ئىنتىزامدىن قورقىدۇ ، باشقا ئەمەلدارلارمۇ شۇنداق . ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئىنتىزام سېكرېتارىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى تۈزۈلۈپ بولغىچە ، تور نازارەتچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر .5 e6 i# F X9 S a. G _
مەنبە : خەنزۇچە «نۇر تورى»
. B5 \! u+ b: z
1 _( Q. |9 I1 ~2 M; `$ [ ئاپتورى: ۋاڭ شۆجىن' \! m6 Q/ x% T- e* [1 w
: |' Y7 ~0 ]# a' Wتەرجىمە قىلغۇچى : ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان1 L2 G; W( P; a; } c% q2 J2 m7 G/ z
6 A7 @$ w, v, o0 kرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |