ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 396|ئىنكاس: 1

ناخشا ئوغلاق تارتىشىشلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

336

تېما

468

يازما

6577

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1975 سەر
تۆھپە
1377 سەر
تىللا
747 دانە
جەۋھەر
7 دانە
يانفۇن W020120905444535981495.jpg
' M9 ^- y* s0 Vئوغلاق تارتىشىش - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ئويۇنلىرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» دەۋرىنىڭ يالدامىسى. بۇ ئويۇن ئادەملەرنىڭ باتۇرلۇق ۋە جەڭگىۋارلىق خىسلىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئات ئۈستى مەشىقى بولۇپ، ئاتنى ئەڭ بۇرۇن قولغا كۆندۈرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
( X2 F) O* R9 [9 Q( |ئوغلاق تارتىشىش ئويۇنىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇسابىقە شەكلىدە توي-تۆكۈن، ھېيت-مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ئۇيۇشتۇرىلىدۇ. ئوغلاق تارتىشىش كۆپرەك چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە شەھەردىن چەترەك يېزا-قىشلاقلاردا كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇنداق يۇرتلارنىڭ كۆپچىلىكىدە مەخسۇس ئوغلاق تارتىشىش ماھارىتىنى يىتىلدۈرگەن چەۋەندازلار بولىدۇ. ئۇلار ئوغلاق تارتىشىش خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان ئالاھىدە تەربىيەلىگەن ئاتلىرىنى مىنىپ، يۇرت-مەھەللىلەر بويىچە سەپ تارتىپ بەلگىلەنگەن ئوغلاق تارتىش مەيدانىغا ھازىر بولىدۇ. ئوغلاق تارتىشىشىقا قاتنىشىدىغان چەۋەندازلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئىككى تەرەپ تەييار بولغاندىن كېيىن، مۇسابىقىنى تەشكىللىگۈچى شەخس ئالدىن تەييارلىغان ئوغلاقنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تاشلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە باشلىنىدۇ. ئېتى يۈگۈرۈك ماھىر چەۋەندازلار بەس-بەس بىلەن ئات چاپتۇرۇپ ئوغلاقنى بۇرۇن ئېلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئوغلاقىنى يەردىن ئۈزۈپ ئېلىپ ئۈزەڭگە ئاستىغا ياكى تېقىمىغا بېسىۋالغۇچى ئوغلاقنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن نىشانغا قاراپ قۇيۇندەك چاپىدۇ. قارشى تەرەپ ئۇنى قوغلايدۇ. يېتىشىۋالغان چەۋەندازلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ ئوغلاقنى تالىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ئوغلاق تارتىشىش جېڭى باشلىنىدۇ. ئوغلاقچىلارنىڭ بىر قىسمى ئوغلاقنى ئېلىپ قېچىش يۆنىلىشىنى توسىدۇ، ئېتى كۈچلۈك، قاۋۇل چەۋەندازلار غۇژمەك بولۇۋېلىپ ئوغلاق تالىشىۋاتقان جەڭ سورۇنىغا بۆسۈپ كىرىپ ئوغلاقنى تارتىپ چىقىشقا مەسئۇل بولىدۇ. مۇشۇنداق قايتا-قايتا تالىشىش، تارتىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا كىم ئوغلاقچىلار توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئوغلاقنى بەلگىلەنگەن پەللىگە تاشلىيالىسا (ئوغلاق تاشلاش نىشانى كۆپىنچە ئوغلاق تارتىشىش مەيدانىدىن يىراقراق بولغان مەلۇم يۇرت ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق بىر ئادەمنىڭ ئۆيى ياكى چەترەك بىر جايغا نىشانلاپ سىزىلغان چەمبەر قىلىپ بەلگىلىنىدۇ) شۇ تەرەپ غەلبە قىلغان بولىدۇ. ئوغلاق تارتىشىشتا غالىپ كەلگەن تەرەپ ئوغلاق تارتىشىشنى تەشكىلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇكاپاتلىنىدۇ. ئوغلاق تاشلىغان ئۆي ئىگىسى بۇ ئويۇن شەرىپىگە زىياپەت بېرىدۇ ۋە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇتۇپ چىققان ئاتلارنىڭ بېشىغا قىزىل تاۋار باغلايدۇ . ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇرت-مەھەللىلىرى بويىچە كوللىكتىپ ئىككى سەپ بولۇپ ئوغلاق تارتىشتىن باشقا يەنە ئىككى چەۋەنداز ئارىسىدا يەككىمۇ يەككە ئوغلاق تارتىش ئۇسۇلىمۇ بار. ئۆز يۇرتلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى چەۋەنداز مەيدانغا چۈشكەندىن كېيىن تەييارلانغان ئوغلاق مەيدانغا تاشلىنىدۇ. ئۇلار يەردىكى ئوغلاقنى تارتىشىشقا باشلايدۇ. كىمنىڭ كۈچى ئارتۇق، ئېتى كۈچلۈك بولسا، شۇ كىشى ئوغلاقنى تارتىۋالىدۇ. يەككە تىركىشىش ناھايتى جىددى بولىدۇ. تىركىشىش نەتىجىسىدە ئوغلاقنى قولدىن بەرمىگىنى غەلبە قىلغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق يەككە ئوغلاق تارتىشىش كىچىكرەك دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.& W0 X+ F5 _5 U) p  q1 q0 r
ئات ئۈستىدە ئوينىلىدىغان ئويۇنلار ئىچىدە ئوغلاق تارتىشىشتىن باشقا يەنە «ئات بەيگىسى»، «تەڭگە ئېلىش»،«ئات ئۈستىدىكى كۈچ سىنىشىش»، «يەردىن ياغلىق ئېلىش» قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارمۇ بار. بۇ ئويۇنلار كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقنى تەلەپ قىلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە مىللى تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

2

تېما

7

يازما

182

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
24 سەر
تۆھپە
22 سەر
تىللا
106 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-27 13:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗