ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 390|ئىنكاس: 1

ناخشا پولويانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

75

تېما

110

يازما

1743

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
499 سەر
تۆھپە
352 سەر
تىللا
278 دانە
جەۋھەر
1 دانە
ئۇيغۇر    پولو _ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىتائاملىرىدىن بىرى بولۇپ ، تەبىئىتى ئىسسىق ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تائاملارتۈرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تائاملار شاھىدۇر . پولونىڭتۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، 70 خىلدىن ئاشىدۇ .
1 ?/ L, a2 a5 h4 Q    پولو ئادەتتە «داش قازان پولۇرى» ۋە «ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولو» دەپ ئايرىلىدۇ.. [9 ^7 N7 D: }

0 z! S1 b0 ]5 m. y    ئائىلىلەردە ئېتىلىدىغان پولو- گۆشلۈك پولو، بەتتە پولو، ئەنجان پولوسى دەپ چوڭ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئائىلىلەردە ئاساسەن گۆشلۈك پولو بىر قەدەر ئومۇمىلاشقان بولۇپ، شارائىت ۋە ئېھتىياجغا قاراپ توخو گۆشى، ئۆردەك گۆشى، باچكا گۆشى، پېتىر مانتا، گۆشلۈك قورۇما قاتارلىقلارنى بېسىپ ئەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل پولولار ئايرىم - ئايرىم ھالدا «بەتتە پولو (قورۇما بىلەن ئەتسە)» ، «ئاش مانتا (پېتىر مانتا بېسىلسا)» ، «توخۇ، ئۆردەك، باچكا پولوسى...» دېيىلىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئائىلىلەردە يۇقۇرىقىدەك گۆشلۈك ۋە گۆشسىز پولولارغا ھەر خىل قوشۇمچىلارنى (بېھى، كىشمىش، ئۈرۈك قېقى، چامغۇر، ياڭيۇ، پالەك، تۇخۇم، قىزىلمۇچ، ئاق نان قاتارلىقلار) خالىغانچە سېلىپ ئېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پولونى دۈملەشتىن بۇرۇن، يېسىۋېلەك (بەسەي)، پىدىگەن (چەيزە)، كۈدە (جۈسەي) قاتارلىق كۆكتاتلارنى بىللە دۈملەپ ئاش پىشقاندا ئايرىپ ئېلىپ سوۋۇتۇپ، زىرە - قارامۇچ، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاچچىقسۇ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ھەر خىل سوغۇق سەيلەرنى ياسىسىمۇ بولىدۇ.
9 l7 T. }/ I% z9 K; ^0 \" a3 |: w0 q% k; u, @% A& B: `; ~
    ئالدى بىلەن 2 چىنە گۈرۈچنى (كىچىكرەك چىنە ئۆلچەم قىلىنىدۇ ) پاكىز يۇيۇپ ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز ، تەخمىنەن 2 كىلوگىرام سەۋزىنى ئادالاپ تەكشى قەلەم قىلىمىز ، پىيازنى يالپاق ، گۆشنى چوڭ چوڭتوغرايمىز .
& Z, J0 n( l: s6 }# e3 B1 f2 s1 W3 C5 a/ V
    قازانغا 250 گىرام ئەتراپىدا ماي قۇيۇپچۈچىگەندە ئوبدان داغلاپ ، ( چوڭراق قوشۇقتا بىر قوشۇق قوي ماي ئارلاشتۇرساق تېخىمۇياخشى ) گۆشنى سالىمىز ، گۆش قىزارغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇپ، ( مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ ) توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ قورۇيمىز ،سۈيى پۈتۈنلەيتۈگىگەندە ئازراق پەمىدۇر قىيامى سېلىپ ( پەمىدۇر سالساقمۇ بولىدۇ ) ئارلاشتۇرىۋېتىپ سۇ قۇيۇپ ، ( ئادەتتە بىر چىنە گۈرۈچكە بىر يېرىم چىنە سۇ ئۆلچەمقىلىنىدۇ ، گۈرۈچنىڭ سۇ ئىچىش ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ ) ئوت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپسۈيى پىشقىچە قاينىتىمىز ، ئاندىن تۇزىنى تەڭشەپ ( تۇزى سەل ئۆتۈپرەك كەلسە ياخشى ) قازاننىڭ قاينىشىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ ( سەۋزە ئاستىغا چۆككەندە ) گۈرۈچنى يەڭگىلسالىمىز ، ئوتنى كۈچەيتىپ قازاننى تەكشى قاينىتىپ ، سۈيى تۈگەشكە ئاز قالغاندا ، كاپكىرنى سەۋزىگە يەتكۈزمەي سېلىپ گۈرۈچنى بىر قېتىم ئۆرۈپ ، ئوتتۇراھال ئوتتا 2-3 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن سۈيى پۈتۈنلەي تۈگىگەندە ئاشنى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىغىراقيىغىپ كويزا سانچىيمىز ،ئۈستىگە سوققان زېرە سېپىپ ، گۆش، بېھې ، كىشمىش قاتارلىقلارنى سېلىپ ( قوشۇمچە نەرسىلەرشارائىتقا، ئىھتىياجغا ئاساسەن سېلىنسا بولىدۇ ) دۇملەيمىز ، 10 مىنۇتتىن كىيىنئوت كۈچىنى تېخىمۇ تۆۋەن ھالەتكە ئەكىلىپ يەنە 20 مىنۇت دەم يىگۈزگەندىن كىيىنئاچساق ئاش كۆيۈپ كەتمەي ياخشى پىشىدۇ ، پىشقان پولونى گۆشنى ئېلىۋېتىپ تۇرۇپياخشى ئارلاشتۇرۇپ تەخسىلەرگە ئۇسساق بولىدۇ .( m4 u. R9 \. R( s- l2 J

) {) q! j$ g6 k# `    ئالاھىدىلىكى: پولونىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تەبىئىتى ئىسسىق، قۇۋۋەتلىك، كۈچلۈك، قويۇق تاماق بولۇپ، بەدەندىكى خورىغان ئېنىرگىيىلەرنى ۋە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ھەر خىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلايدۇ.* y# l. m2 P9 Y

2 t3 q6 u0 R' v6 z' b9 I$ i- L9 H2 n    ئەسكەرتىش : ئىسسىق مىجەزلىك كىشىلەر ھەرخىل سوغۇق سەيلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك.(تامام)

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

131558743_11n.jpg
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى

0

تېما

4

يازما

95

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
4 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-27 13:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗