ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1687|ئىنكاس: 1

ناخشا پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى كەم ب ...ئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
3d
پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى كەم بولمىغاي

/ f! d; O6 m- O5 a  Y: y1 ~ 2.jpg
. v. u. Q6 q1 m/ _8 `. wقائىدە - يوسۇن تەربىيەسى تەلىم - تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. كىشىلەر قائىدە - يوسۇنلۇق كىشىنى تەربىيە كۆرگەن، ئۇقۇمۇشلۇق دەپ تەرىپلىسە، قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان كىشىنى تەربىيە كۆرمىگەن، قارا قورساق، دەپ داتلايدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا ئېسىل قائىدە - يوسۇنغا ئەمەل قىلىش ئىشلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىدىكى بىر شەرت، دەپ قارالغاچقا، ھەربىر ئىشنىڭ قائىدە - يوسۇندىن چەتنەپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار پەرزەنتى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، قىز بولسا قىزلارغا خاس، ئوغۇل بولسا ئوغۇللارغا خاس قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانا بولغۇچى پەرزەنتىگە قائىدە - يوسۇنلارنى ئۆگەتمىسە ئاۋام تەرىپىدىن ئەيىپلىنىدۇ، قائىدە - يوسۇن بىلمەيدىغان پەرزەنتلەرمۇ جامائەت ئارىسىدا قارشى ئېلىنمايدۇ. قائىدە - يوسۇن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئەل - يۇرتقا نىسبەتەن ھۆرمەت، مۇھەببەت تۇيغۇسى ئويغۇتىدۇ. قائىدە - يوسۇندىن چەتنىگەن پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى ئەل - يۇرتتىن يىراقلاپ كېتىدۇ. ئەگەر قائىدە - يوسۇنلار بۇزۇلسا، جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بۇزۇلىدۇ، ئۇ چاغدا گۈزەللىكتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
* X8 k& ]- y  f: j* g2 R
- X) ^! Y( z% G* o: zمۇشۇ نوقتىلاردىن قارىغاندا، پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى تائامدەكلا مۇھىم. ئۇنداقتا، قائىدە - يوسۇن تەربىيەسىنى قانداق بەرگۈلۈك؟ بىرىنچىدىن، كىچىكىدىن باشلاپلا بەرگۈلۈك. چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتلەشكەن قائىدە - يوسۇنلارنىڭ بۇلىقى. بۇ «بۇلاق» پەرزەنتلەر قائىدە - يوسۇننى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن. پەرزەنتلەرنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى تېز بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرگە كىچىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولغۇلۇق. پەرزەنتلەردە ئۆسۈپ - يېتىلىش مەزگىلىدە دوراش خاراكتېرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇش ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرى تەبىئىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، 150 ئۆسمۈر جىنايەتچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ %40 نىڭ ناچار ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغانلىقى بايقالغان. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇن تەربىيەسى بېرىشتە ئالدى بىلەن ئۆزلىرى قائىدە - يوسۇنلۇق بولغىنى تۈزۈك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي بولغۇلۇق. تەربىيەدە ئۇنداق قىل، بۇنداق قىل دەپ بۇيرۇق بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا قائىدە - يوسۇنلار داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇنداق چاغلاردا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرزەنتلەرگە قائىدە - يوسۇننى ئىما - ئىشارەت بىلەن، ئۆيگە قايتقاندا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىلدۈرگۈلۈك. شۇنداق قىلىپمۇ قائىدە - يوسۇن تەربىيەسىدە ئۈنۈم قازانغىلى بولىدۇ.
: R7 V' n. B) Z. O: D' K2 n" W" [( P8 m
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

11

يازما

-134

جۇغلانما

قەلەندەر

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
0 سەر
تىللا
-149 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-16 07:38:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تىما  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗