مائارىپ
يېقىندا «مەكتەپ مۇدىرى بولۇش، ‹زاۋۇت باشلىقى› بولماسلىق» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم. ماۋزۇنى كۆرۈپ ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىپ، كىرىم يارىتىشنى مەقسەت قىلغان زاۋۇت باشلىقىنىڭ نېمە ئالاقىسى باردۇر؟ دېگەن قىزىقىشتا ماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم. ماقالىدە قىسمەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭتۈرتكىسىدە ‹‹زاۋۇت باشلىقى››غا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى يېزىلغانىدى.4 p7 u6 d- Z) l" i2 O
" }8 s* s! |7 w2 ? مائارىپ مىنىستىرلىقى 2004–يىلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇلئەلالىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇش، تەشۋىق قىلىشنى چەكلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە بۇ نۇقتا تەكىتلەندى، بىراق ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. بىز ھېلىھەم بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئەلىيۇلئەلالارنىڭ شەرەپ تاختىسىنى ئۇچرىتالايمىز، بۇ قارىماققا مەھسۇلات ئېلانلىرىغائوخشاپ قالىدۇ.4 {5 {! y& }& H6 O
6 {- I+ v9 V5 J" H
زاۋۇت مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ، كىرىم يارىتىشنى ئاساس قىلىدۇ، مەكتەپ ئادەم تەربىيەلەشنى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بار. شۇڭا مەكتەپ زاۋۇتنىڭ خاراكتېرىنى ئېلىپ، ‹‹ئىمتىھان بېرىش ماشىنىسى›› ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىۋالسا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق تەكرار مەشىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن توغرىلىق نىسبىتى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭباشقا جەھەتلەردىن تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. يۇقىرىقى ماقالىدە بېيجىڭ شەھەرلىك 4–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ليۇ چياڭمىڭنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى يېزىلغان: ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەھەللىلىرىگە قايتىپ، ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ئىمتىھانغا قاتناشسىكەن دەيمەن، بۇنداق بولغاندا ئوتتۇرا مەكتەپلەر سەنئەت، تەنتەربىيە دەرسلىرىنى قىسقارتىش بەدىلىگە رىقابەتلەشمەيدىغان بولىدۇ.
# A1 L4 g4 K/ l, Q" t5 B+ b
6 c' [: G9 x9 d3 T9 ^, V/ k- l ماركسىزم نەزەرىيەسىدە مائارىپنىڭ مەقسىتىنىڭ ئادەمنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەنلىك ئادەمنى جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تولۇق، ئەركىن ۋە تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ ئاساسىي ساپاسىنىڭ تولۇق تەرەققىياتقا ئىگە بولۇشىنى نىشان قىلىدۇ، بۇ جايدا تىلغا ئېلىنغان ئاساسىي ساپا ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتىكى ساپانى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەلىيۇلئەلالىرى مۇنەۋۋەرلەر ھېسابلانمايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما ئۇلار ئومۇمىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن بولسا تېخىمۇ ئەتراپلىق تەرەققىياتقا ئىگە بولالايتتى.
2 p" G. m: K- |% S" j6 f: f* A2 O$ D
مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ مۇدىرلىرىدىن يۇقىرى ئۆرلەش نىسبىتىنىئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلمايدۇ، شۇنداقلا جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نومۇرىنى رەتكە تۇرغۇزۇشىنى چەكلەيدۇ، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشتىمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى توغرىسىدا ھېچقانداق تەلەپ قويۇلمايدۇ. بۇلار مەكتەپلەرنىڭ ‹‹زاۋۇت››قا قاراپ تەرەققىي قىلىشتىن مۇستەسنا بولۇشىغا يېتەرلىك شەرت بولالايدۇ. ئۇنداقتا، مەكتەپلەر يەنە نېمە ئۈچۈن زورۇقىدۇ؟
, i. h: e" [! k$ J$ t7 `4 Y" `3 C2 c" H4 N* [
بۇنى چوڭ جەھەتتىن يەنىلا ئىمتىھان تۈزۈلمىسىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، ئاتا–ئانىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاتا–ئانىلار يىلدا دېگۈدەك ئەلىيۇلئەلا چىققان مەكتەپلەر توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قىلىشىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ھازىر مەكتەپنىڭ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹ماركىسى››غا ئايلىنىپ قالدى. مەكتەپلەر شۇ ۋەجىدىن‹‹زاۋۇت››قا، مەكتەپ مۇدىرى ‹‹زاۋۇت باشلىقى››غا، ئوقۇتقۇچىلار ‹‹سېخ ئىشچىلىرى››غا ئۆزگىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
# _- _! M+ d b9 s! y7 E1 c7 y8 L! q9 h9 r- H
ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بۆشۈك ھېسابلىنىدىغان مەكتەپنىڭ ‹‹ئىمتىھان بېرىش ماشىنىسى›› ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا ئايلىنىپ قېلىشى ئەسلىنى يوقىتىش بىلەن باراۋەر، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. شۇڭا، دۆلەت ئىچىدىكى بەزى ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھازىر بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە باشلىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك 11– ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپقا ئەگىشىش تۈزۈمى بىلەن تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرسلىك تۈزۈمىنى يولغا قويدى، بۇنىڭدادەرس، ئوقۇتقۇچى، سىنىپ ئورنى مۇقىم بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى بويىچە دەرس ئاڭلايدۇ. جېجياڭ ئۆلكىسىدە مائارىپ تارماقلىرى بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقىنى مەكتەپلەرگە بېرىۋېتىدىغان بولدى.
! d; e+ s( ^ G* N) y" O7 e$ o3 u& s' v2 {# c. g
ھازىر يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش تەۋسىيە قىلىنىۋاتىدۇ، ئىسلاھاتمۇ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە تەجرىبە–ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش مەكتەپلەرنىڭ ئەسلىنى ساقلىشىغا پايدىلىق.
5 s% O3 X1 L! w+ V( }) x' i+ B4 R/ p* T
نۇر تورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |